ئاشخانىدىكى پاراڭدىن پەيدا بولغان ئويلار

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 19:29:46

ئاشخانىدىكى پاراڭدىن پەيدا بولغان ئويلار قايسى كۈنى مەن تاماق يەۋېتىپ ئىككى قىزنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ قالدىم. چۈنكى ئارىمىزدا بىرلا ئۈستەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى يۇقىرى ئاۋازدىكى پارىڭى ئ...

     

    ئاشخانىدىكى پاراڭدىن پەيدا بولغان ئويلار  

     

     

          قايسى كۈنى مەن تاماق يەۋېتىپ ئىككى قىزنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ قالدىم. چۈنكى ئارىمىزدا بىرلا ئۈستەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى يۇقىرى ئاۋازدىكى پارىڭى ئاڭلىماي دېسەممۇ قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى.
        - قارا، ئاداش! ئەخمەت دېگەن باي، كېلىشكەن! سەن ئۇنى بىلمەيسەن!
        - كىمنى دەيسەن؟ ھېلىقى ئاخشىمى ناخشا ئېيتقان بالىنىمۇ؟
        - ھە! تاپتىڭ، شۇنى دەيمەن! ئۇنى
      ھەممەيلەن  ئىشقا  ئىپى بار دېيىشىدۇ. سەن بىلمەمسەن؟
        - ھەي، قويە ئۇنى، ئۇنى ئۆتكەندە سىنىپ مەسئۇلىمىز خېلى تەنقىد قىلدى، ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى مەكتەپ بىناسى ياتىقىدا نەشە چېكىپ، تۇتۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەيدەلگىلى تاس قالدى.
        - ئۇنىڭ شۇنداق ئىشلىرىمۇ بارمۇ، تېخى؟
        سەن نەلەردە يۈرۈيسەن؟ تازا ئەقلىڭ يوق ئىكەن. ئۆزۈڭگە تازا كۆيۈپ - پىشىپ يۈرگەن بىرسى بىلەن كارىڭ يوق، نەدىكى بىر غىتمەكلەرگە ئاشىق بولۇپ يۈرگىنىڭنى قارا!
        ئاداش، كىمنى دەيسەن؟  
        -
      قادىرنى بىلىسەنغۇ دەيمەن؟
        قادىر؟ ۋاي ئۇ مەتۇنىما؟ ئۇنداق مەتۇ بىلەن يۈرگۈچە، بويتاق ئۆتكىنىم ياخشى!
    ئۇغۇ شۇ، ئاداش! كېيىن كۆڭلۈڭ قالسا، يەنىلا ئايرىلىدىغان گەپ. مەنمۇ تاھىردىن ئايرىلىپ كەتتىمغۇ مانا!
       - ھە، مانا تاماق چىقتى!
         ئاشپەز ئۇستامنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزى قىزلارنىڭ بۇ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇلار ماڭا بىر قاراپ قويۇپ، نېمىلەرنىدۇر كۇسۇرلاشقاندىن كېيىن، تاماققا بېقىشىتى.
         بۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ مەندىن ئۇنچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمما ئۇلارنىڭ خىيالى يەنىلا گۆدەك ھالىتىدە ئىكەن. بۇ چاغلار تېخىمۇ ئىزدىنىپ ئىلىم تەھسل قىلىدىغان چاغلار ئىدى. قانداقتۇر يىگىت تاللايدىغان چاغلار ئەمەس ئىدى. 


         مەن ئاشخانىدىن چىقىپ قاتتىق ئويغا پاتتىم. مۇشۇ قىزلارمۇ كەلگۈسىدە بىر ئانا بولىدۇ. ئاشۇ گۆدەك سەۋىيىسى بىلەن بىر ئۆيگە ئايال بولىدۇ. ئاشۇ گۆدەك سەۋىيسىدە بالا تەربىيىلەيدۇ. ئۇنداقتا ئاشۇنداق ئانىنىڭ قولىدىن دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرەلەيدىغان پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقالارمۇ؟ مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدلىك كېلەچەكلىرى قانداق بولار؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش ھەقىقەتەنمۇ  مۈشكۈل.

     

     ياپون ئاياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئۇنىۋېرستىتېتنى پۈتتۈرۈپلا بالا تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولىدىكەن. تېخى قايسى كۈنى ئوبامانىىڭ ئايالى مېچىل، ئوباما دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ ئېرىنىڭ خىزمىتىگە ھەمدەم بولىدىغانلىقى ۋە بالىلىرىنى ئۆزى تەربىيىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىز ئۆز ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئانىلىرىغا ئۇنچە تەلەپنى قويمىساقمۇ، جەزمەن كاللىسى ئوچۇق، ئالدىن كۆرەر، ھازىرغا ئەمەس كەلگۈسىگە باقىدىغان، قۇرۇق لاتا ۋە پەردازنىڭ قۇلى ئەمەس بەلكى ئىلىم – پەنگە ھېرىسمەن، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، دىيانەتلىك، ئېسىل ئاياللاردىن بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى دۇنيا ئانىنىڭ قولىدا! ئۇ بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. ئەمما ئۇلار جاھالەتنى تەۋرەتسە، كېلەچەك قانداق بولىدۇ؟ بۇنى قىياس قىلماق تەس.

     

     شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىزكى، ئۆزىنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى، تىرىشچانلىقى بىلەن تىنىمىسز ئىلگىرىلەۋاتقان قىزلىرىمىز ھېلھەم مەۋجۇت. ئاللاھ ئۇلارغا يەنىمۇ ئەقىل - پا راسەت ۋە ئۆتكۈر زېھنىي قۇۋۋەت، تىرىشچالىقلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. كاللىسى سەل تەرەققى قىلمىغان قىزلىرىمىزنىڭ قەلبىگە  ئۇلۇغ ئاللاھ ھىدايەت نۇرلىرنى سىپىپ، ئۇلارغىمۇ ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغاي.


         بىز يەنە شۇنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەككى، غورۇر، ۋىجدانىمىزنى دەڭسەپ تۇرۇپ، قىزلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بىز ئوغۇللارنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مىللەت ئىز – باسارلىرىنىڭ ئانىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماي، ئۇلارغا يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشمىز كېرەك.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.