جىنايەت ۋە جازا

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-15 11:09:00

جىنايەت ۋە جازا بۇلتۇر 9- ئايدا پەيزاۋات ناھىيلىك پارتكوم ، خەلىق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۈەن ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كورلا ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى تۈەن - مە...

    جىنايەت ۋە جازا


          بۇلتۇر 9- ئايدا پەيزاۋات ناھىيلىك پارتكوم ، خەلىق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۈەن ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كورلا ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى تۈەن - مەيدانلارغا بىر بۆلەك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى پاختا تېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشقان بولسىمۇ ، 9- ئاينىڭ 6- كۈنى بۇ ناھىينىڭ قىزىلبويى يېزىسىدىكى بىر قانچە كەنىتتىن بارغان سايىم تۇردى ، ئالىم قادىر ، تۇرغۇن ئېلى قاتارلىق بىر قىسىم دېھقانلار پاختا تېرىشكە بارغان بىر قانچە يۈز ئادەمنى كوللىكتىپ ھالدا تۈەن ئورگىنىغا بېرشىقا قۇتراتتى ۋە مەسئۇل بولۇپ يېزا رەھبەرلىرىنى قورشۇۋېلىپ ئۇردى . ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجىرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى ، دۆلەت يولى 218- لىنىيسىدە قاتناشتى ئۈزۈپ قويدى . ئۇلارنىڭ قىلمىشى قىزىلبويى يېزىسىدىن مەسئۇل بولۇپ بارغان مۇئاۋىن يېزا باشلىقى خاۋ جىياچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغانلىقى ھەمدە ئاپتونۇم رايون بويىچە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلىغانلىقى ئۈچۈن 9- ئاينىڭ 7- كۈنى سايىم تۇردى ، ئالىم قادىر ، تۇرغۇن ئېلى ، ياسىن ئەبەي قاتارلىق 40 نەچچە كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتلىدى . 9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۇلاردىن 21 ئى تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى .
         پەيزىۋات ناھىيلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 2- ئاينىڭ 16- كۈنى جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئەيبلىدى . :
    2006- يىل 9- ئاينىڭ 5- كۈنى 33- تۈەن 8- لىيەتنگە پاختا تېرىشكە بارغان پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسى 16- 17- 18- كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆزلىرىگە مەسئۇل بولۇپ بارغان يېزا كادىرى ئۇرايىم توختى ۋە كەنىت كادىرلىرىغا «بىز كەلگەندىن بۇيان بىكار تۇرۇپ قالدۇق، پۇلىمىز تۈگىدى، بىزەە ئىش تېپىپ بەرسۇن ياكى قايتۇرۋەتسۇن» دەپ غەۋغا قىلغان. يېزا كادىرى ئۇرايىم توختى بىر قانچە كەنىت كادىرى ۋە بىر دېھقان ۋەكىلىنى ئېلىپ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى خاۋ جىياچىڭغا دوكلات قىلىش ئۈچۈن كەچ سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا 33- تۈەننىڭ مەركىزىگە بارغان . خاۋ جىياچىڭ 2- لىيەندىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كېچە سائەت 12 لەردە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 8- لىيەندىن كەلگەن توختى قاسىملارنى باشلاپ دۆلەت يولى 218- لىنىيسنىڭ تۈەنگە كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە ، پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن بىر بۆلۈك دېھقانلارنىڭ يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا ، قىلبويى يېزىسىنىڭ كادىرى ياسىن ئوسمان موتسىلىكىت بىلەن بارغان . بۇ چاغدا بىر قانچە جاۋابكار ياسىن ئوسماننىڭ ئالدىنى توسۇپ : «بىز بۇ يەرگە كەلگىلى تۆت كۈن بولدى ، قىلغىلى ئىش يوق ، بىزگە ئىگە بولامسەن - بولمامسەن ...» دەپ ئۆكتەملىك قىلغان ، جاۋابكار ياسىن ئەبەينىڭ : «ئۇنى ئۇرايلى» دەپ قۇتىرىتىشى بىلەن باشقا جاۋابكارلار ياسىن ئوسماننىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ، تەرەپ- تەرەپتىن دۆشكەلەپ ئۇرغان . بۇ چاغدا خاۋ جىياچىڭ بىلەن مۇھەممەت ئىسمائىل جاۋابكارلارنى توسۇپ : «ئۇرماڭلار ، بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ» دەپ ئاجراتقان . ياسىن ئوسمان قاچسا ، جاۋابكارلار ئارقىسىدىن قوغلىغان . ياسىن ئوسمان قېچىپ كەتكەندىن كېيىن مەھەممەت ئىسمائىلمۇ قېچىپ كەتكەن . جاۋابكارلار شۇ چاغدا يالغۇز قالغان خاۋ جىياچىڭنى ئارىغا ئېلۋېلىپ : «ئەمدى بىزگە ئىش ، قورسىقىمىزغا نان تېپىپ بەر» دەپ ئۇنى دۆشكەلەپ قويۇپ بەرمىگەن . ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە تۈەن ساقچىخانىسدىكىلەر يول بويىدىكى ئاشخانا خوجايىنى دىڭ فاڭگۈينىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، نەق مەيدانغا كېلىپ 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خاۋ جىياچىڭنىڭ ئارىغا ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن پىكاپقا چىقىرىپ كەتمەكچى بولغاندا، جاۋابكارلار : «خاۋ جىياچىڭنى ماڭغۇزمايمىز، توختى ( يېزا باشلىقى ) دېمەكچى كەلسۇن ! » دەپ ۋارقىراپ ، پىكاپنىڭ ئالدى - ئارقا بىخەتەرلىك لىمى ۋە تەرەپلەردىن ئۆتۈرۈپ ماڭغىلى قويمىغان . شوپۇر ياڭ شىيەن پىكاپنى ھەيدىيەلمەي پەسكە چۈشكەندە جاۋابكارلار ئۇنى قوغلاپ قاچۇرۋەتكەندىن كېيىن ، پىكاپنىڭ ئالدى - ئارقا تەرەپلىرى ، يان تەرەپلىرىدىن كۆتۈرۈپ خاۋ جىياچىڭنى قورقۇتقان . ئاندىن پىكاپنىڭ كاپۇت، ئۈستى ۋە زاپاس چاق قاتارلىق جايلىرىغا چىقىپ : «بىزگە ئىش بەرسۇن ، قورسىقىمىزغا نان بەرسۇن ، بىكار تۇرۇپ قالغان كۈنىمىزگە ھەق ھېسابلاپ بەرسۇن ، توختى ( يېزا باشلىقىنى دېمەكچى ) كەلسۇن ! » دەپ ۋارقىراپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان . شۇ جايغا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بارغان قىزىلبويى ساقچىخانىسىنىڭ سىياسى يىتەكچىسى ئوسمان ئۆمەر ۋە ئومۇمى ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ بارغان ناھىيلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قادىر ئەمەتلەر نەق مەيدانغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىگەن بولسىمۇ ، جاۋابكارلار ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن ئوسمان ئۆمەر پىكاپ ئىچىگە كىرىپ ، خاۋ جىياچىڭغا جاۋابكارلارنىڭ تەلىپىنى ئېيتقان . خاۋ جىياچىڭ : << بىكار تۇرغان كۈنگە 20 يۈەندىن بېرەيلى ، ئۇلار تارقاپ كەتسۇن ، ئۆيىگە كېتىدىغانلار كەتسۇن >> دېگەن . ئوسمان ئۆمەر ئۇلارغا خاۋ جىياچىڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندە جاۋابكارلار : << 50 يۈەندىن بەرسۇن >> دەپ ئۆكتەملىك قىلغان . ئوسمان ئۆمەر : «خاۋ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئۆلۈپ قالىدۇ » دەپ سۇ ئەكەلدۈرۈپ بەرمەكچى بولغاندا جاۋابكارلار : « سۇ بەرمىسەكمۇ ئۆلمەيدۇ » دەپ سۇنى تارتىۋېلىپ بەرگىلى قويمىغان . جاۋابكارلار خاۋ جىياچىڭنى پىكاپ ئىچىگە قامىۋالغاندا بىرەيلەننىڭ يولنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۆگىزىسىدە تۇرۇپ سىنالغۇغا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ : «بىزنى سۈرەتكە ئېلىۋېتىپتۇ » دەپ ۋارقىراپ سىنالغۇغا ئېلىۋاتقان ئايال تەرەپكە بېرىپ ، سىنالغۇنى تارتىۋېلىپ چېقىۋەتكەن ۋە كۆيدۈرۈپ دەلىل ئىسپاتنى يوقىتىۋەتكەن . ئارقىدىن يەنە جاۋابكارلار چوڭ يولنى توسۇپ ، ئاپتوموبىللارنى ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا خاۋ جىياچىڭنى قامىۋالغان پىكاپنى توپلىشىپ ئىتتىرىپ دۆلەت يولى 218- لىنىيسىگە ئېلىپ بېرىپ ، يولنى توسقان ۋە توخـتىغان ئاپتوموبىللارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى قانۇنسىز تەكشۈرگەن . ئۇلار يەنە يول بويىدا قاراپ تۇرغانلارنى ئۇرۇپ قوغلىغاندىن باشقا ، ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ئۈچ ساقچىنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن . چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىمدا تۈەن ساقچىلىرى خاۋ جىياچىڭنى توپ ئارسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان .  ئۇ بىر سائەت جىددى قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ ، جاۋابكارلارنىڭ ئۇنى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ھىم ئېتىلگەن پىكاپقا قاماپ قويۇشى بىلەن ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى زىيادە جىددىيلىشىش چارچاش ئۇنىڭ ئۈستىگە جېگەر كېسىلى بولغاچقا يۇقىرىقى ئامىللار ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە ۋە ئۆلۈپ كېتىشكە قارىتا تېزىلىتىش رولىنى ئويناپ ئۆلۈپ كەتكەن . شۇ چاغدا خاۋ جىياچىڭ 33 ياشتا ئىدى . جاۋابكارلار يۇقىرىقى جەرياندا ئۇرۇپ - چېىقىش ، كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن دۆلەتنىڭ 7108 يۈەنىلىك سىنالغۇ ئاپپىراتى ، 5393 يۈەنلىك فوتو ئاپپاراتنى زىيانغا ئۇچراتقان. پىكاپ ئۈستىگە سەكرەش، ئەينەكلىرىنى ئۇرۇپ چىقىش ئۇسۇلى بىلەن ، پىكاپنىڭ 1143 يۈەنلىك زاپچاسلىرىنى بۇزغان . جاۋابكارلار دىلو سادىر قىلىش جەريانىدا پاختا تېرىشكە بارغان دېھقانلارنى كوللىكتىپ ھالدا تۈەن ئورگىنىغا قۇتىرىتىش ، مەسئۇل بولۇپ بارغان يېزا رەھبەرلىرىنى قورشىۋېلىپ ئۇرۇش قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجىرا قىلىشىغا قارشىلىق ۋە توسقۇنلۇق قىلىپ ، ساقچىلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈش، دۆلەت يولى 218- يولى لىنىيدە قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇپ ، قۇتىرىتىش خاراكتېردىكى گەپ - سۆزلەرنى قىلىش، سىنالغۇ ، فوتو ئاپپاراتى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق مال - مۈلۈكلەرنى ۋەيران قىلىش، خاۋ جىياچىڭغا سۇ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىش ، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان ئادەمنى ئۇرۇش، يولدىكى ئاپتوموبىللارنى توسۇپ قانۇنسىز تەكشۈرۈش .... قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان . جاۋابكار تۇرغۇن ئېلى ، ياسىن ئەبەي قاتارلىق 21 جاۋابكارنى يۇقىرىقى قىلمىشىتىن باشقىلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى ، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قوشۇمچە ھەق - تەلەپ داۋاسىدىكى دەۋاگەرلەردىن ئۆلگۈچىنىڭ 31 ياشلىق خوتۇنى ياڭ لى 4 ياشلىق بالىسى خاۋ جىڭ ، 57 ياشلىق دادىسى خاۋ گەي ، 55 ياشلىق ئانىسى ياڭ جى لەر «جاۋابكارلار زىيانلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى ، شۇڭا تۆلەم پۇلى ئۈچۈن 162مىڭ يۈەن ، دەپنە پۇلى ئۈچۈن 7779 يۈەن ، بېقىلغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن 71مىڭ 380 يۈەن ، كىرا پۇلى ئۈچۈن 300 يۈەن بولۇپ ، جەمئي 241 مىڭ 459 يۈەن تۆلەم بېرىلسە» دەپ قوشۇمچە ھەق- تەلەپ دەۋاسى قىلدى .
         پەيزاۋات ناھىيلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى بۇ دىلوغا قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئوچۇق سوت ئېچىپ قارار قىلدى . سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى : «تەپتىش مەھكىمىسنىڭ ئەيبلەشنامىسىدە بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق ، دەلىل - ئىسپاتلىرى تولۇق ، مەھكىمىمىز بۇنى بېكىتىدۇ . جاۋابكارلارنىڭ ۋەزىپە ئىجىرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش ، جامائەت سورۇنلىرى ، قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش ، مال - مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش قاتارلىق بىر قانچە جىنايىتى چېتىلما جىنايەتكە تەۋە بولۇپ ، ئېغىر جىنايەتنى تاللاپ ، جازالاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، جاۋابكار تۇرغۇن ئېلى ، ياسىن ئەبەي ، سايىم تۇردى ، مامۇت ئابلا ، مەھەممەت تۇردى ، ئالىم قادىر ، ئوسمان تۈرەك ، ئەخمەت ياسىن ، ئۇرايىم مامۇت ، بۇرانىدىن ئېزىز ، توختى يۈسۈپ ، قادىر سەمەت ، قاسىم ئېلى ، خالىق روزى ، مىجىت ئېلى ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ، سەمەت قۇربان ، مەھمۇد تۇردى، قاسىم تۇردىلارنى باشقىلارنىڭ جىسماني ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش جىنايىتى بويىچە جاۋابكار ئابدۇرسۇلنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار مامۇت بەكرىنىڭ ئاقىلغۇچىسى ئوتتۇرىغا قويغان «جاۋابكار دىلو سادىر قىلغاندا 18 ياشقا توشمىغان تەربىيلەشنى ئاساس جازالاشنى قوشۇمچە قىلىپ ، جاۋابكارلارغا يىنىكلىتىپ ، جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز»دېگەن ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسى بار ، مەھمىكىمىمىز قۇبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار سەمەت قۇربان جىنايەت سادىر قىلىش جەريانىدا جىنايى قىلمىشنى توختاتقان . جاۋابكار مامۇت ئابلا ۋە ئەخمەت ياسىننىڭ جىنايىتىنى تونۇش تاپشۇرۇش پوزىتىسيسى ياخشى بولغان . مامۇت بەكرى ، مىجىت ئېلىنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيسى ياخشى بولمىغان ، جازا ئۆلچىگەندە يۇقىرىقى تەلەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ ، جاۋابكارلارنىڭ دىلودىكى ئورنى ، رولى ، جىنايەتنىڭ پاكىتى ، جىنايەتنىڭ خاراكتېرى ، ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيان دەرىجىسىگە ئاساسەن جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگلىمە ۋە جىنايەت بىلەن جازا ماس كېلىش پىرىنسىپى بويىچە مۇۋاپىق جازا بېرىشكە بولىدۇ. قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ زىيانلىرىنى ئالاقىدار قانۇن بەلگىمىسىگە ئاساسەن ھېسابلىغاندا ، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 162 مىڭ يۈەن ، دەپنە پۇلى 7242 يۈەن ، بېقىلغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى 46مىڭ 560 يۈەن ، كىرا پۇلى 300يۈەن بولۇپ ، جەمئي 216 مىڭ 210 يۈەن ، جاۋابكار سەمەت قۇربان ۋە ئابدۇرسۇلنىڭ قىلمشى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرسىدا سەۋەب ، نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقتىن ، قوشۇمچە ھەق - تەلەپ قىسمىدا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . قوشۇمچە ھەق - تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى ھەم باشقا تۇرمۇش مەنبەسىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل - ئىسپاتى كۆرسەتمىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن قوشۇمچە ھەق - تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ بۇ تەلەپنى مەھكىمىمىز قوللىمايدۇ دەپ قاراپ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، جاۋابكار سايىم تۇردى ( 53 ياش ) ، ئالىم قادىر (29 ياش ) تۇرغۇن ئېلى (20 ياش ( ، ياسىن ئەبەي ( 20 ياش ) ، مۇھەممەت تۇردى (31 ياش ) ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن (27 ياش ( قادىر سەمەت (24 ياش ) مامۇت بەكرى (18 ياش ) ، توختى يۈسۈپ (31 ياش ) ، ئۇرايىم مامۇت ( 22 ياش ) ، قاسىم ئېلى (24 ياش ) ، ئوسمان تۈرەك ( 34 ياش ، مىجىت ئېلى (21 ياش ) ، بۇرادىن ئېزىز (27 ياش ) ، خالىق روزى (20 ياش ، مامۇت ئابلا (42 ياش ) ، قاسىم تۇرادىن (30 ياش ) ، ئەخمەت ياسىن (22 ياش ) ، مەخمۇت تۇردى (25 ياش) ، سەمەت قۇربان (26 ياش ) قاتارلىقلارنىڭ باشقىلارنى جىسماني ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قېلىش جىنايتىگە مۇددەتلىك 11 يىللقتىن مۇددەتلىك يېرىم يىللققىچە قاماق جازاسى بېرىپ ، بىر قىسىملىرىنى ئۈچ يىللىقتىن ئىككى يىللىقىچە سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ؛ جاۋابكار ئابدورسۇن ( 31 ياش ) نىڭ ئۆكتەملىك قىلىش جىنايتىگە مۇددەتلىك يېرىم يىللىق قاماق جازا بېرىشكە ؛ جاۋابكار سايىم تۇردى ، ئالىم قادىر ، تۇرغۇن ئېلى ، ياسىن ئەبەيلەر قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسدىكى دەۋاگەرلەرگە 17 مىڭ 288 يۈەندىن جەمئي 69 مىڭ 152يۈەن تۆلەشكە ؛ جاۋابكار مەھەممەت تۇردى ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ، قادىر سەمەت ، قاسىم تۇرادىن ، توختى يۈسۈپ ، ئۇرايىم مامۇت ، قاسىم ئېلى ، ئوسمان تۈرەك ، بۇرادىن ئېزىز ، خالىق روزى ، مامۇت ئابلا ، مىجىت ئېلى ، ئەخمەت ياسىن ، مەخمۇت تۇردى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋابكار مامۇت بەكرى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەرگە 9796 يۈەندىن جەمئي 146 مىڭ 949 يۈەن تۆلەشكە ؛ يەنە بىر قىسىم جاۋابكارلارنى ئومۇمي تۆلەم پۇلى 216 مىڭ 102 يۈەنگە قارىتا چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ؛ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ باشقا دەۋا تەلەپلىرىنى رەت قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى.
     ئېگلىنىشچە ، ھۆكۈم جاۋابكارلارغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن 13 جاۋابكار نارازىلىق ئەزىز سۇنغان .


    ( كىشى ئىسملىرى ئۆزگەرتىلىپ ئېلىندى  )
    ( ئاپتورلار پەيزاۋات ناھىيلىك يېزا ئىگىلىك رادىئو - تېلېۋزىيە مەكتىپى ، ناھىيلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسدە )

    مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى (2007- يىللىق 30 - ئاپېرىل سانى )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:23:32]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جىنايەت جازا