«مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى» توغرىسىدا

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-23 12:38:32

«مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى»توغىرىسىدا«مىللەتنىڭ بايلىقى»دىگەن نىمە؟ئەلۋەتتە بۇنى ئادەمگە قارىتىپ ئېيتىلدى،دەپ چۈشەنگەن چېغىمىزدا،مىللەتكە زور تۆھپە قوشقان،مىللەتنىڭ ئىپتىخارى دەپ شۆھ...



     

    «مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى»توغىرىسىدا

    «مىللەتنىڭ بايلىقى»دىگەن نىمە؟ئەلۋەتتە بۇنى ئادەمگە قارىتىپ ئېيتىلدى،دەپ چۈشەنگەن چېغىمىزدا،مىللەتكە زور تۆھپە قوشقان،مىللەتنىڭ ئىپتىخارى دەپ شۆھرەتلەنگەن كىشىلەر،دەپ چۈشەندۈرىمىز.مەھمۇد كاشغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپلار مىللەتنىڭ بايلىقىمۇ-ئەمەسمۇ؟مۇبادا بىرەرسى ئەمەس،دەپ سالغۇدەك بولسا،مىللەتنىڭ غورورىنى قوغدىغۇچى سانسىزلىغان مىللەتپەرۋەرلەر تەرىپىدىن ئۇر-ئۇرغا قېلىشى شەكسىز.يىراقنى قۇيۇپ ھازىرنى ئالساق،«پەلەك شاھى»ئادىل ھۇشۇر،«جۇڭگو بوكس شاھى»ئابدۈشۈكۈر مىجىت،«ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى»ئابدۇراخمان ئابلىكىم،تىببىي پەنلەر دوكتورى خالمۇرات غۇپۇر...دىگەندەك پەخىرلىك ئوغلانلار «مىللەتنىڭ بايلىقى»غا كىرەمدۇ-يوق؟«مىللەتنىڭ بايلىقى»ھەرقانچە بولسىمۇ ئاشۇلارچىلىك بولار.ئۇلارنىڭ«مىللەتنىڭ بايلىقى»ئىكەنلىكىگە مۇنازىرە كەتمەيدۇ.ئەمدى ئال سۆيگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ،خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تەختىدىن ئالغان شائىر-يازغۇچىلارچۇ؟بۇ ھەقتە ئۇقۇمۇشلۇق دوست-يارەنلەرنىڭ قارىشىنى سورىسام،«ئەلۋەتتە،مىللەتنىڭ بايلىقى بولغاندىمۇ قالتىس زور بايلىقى-دە»دېيىشتى.

    مىنىڭ ئەل-جامائەتكە ئوبدانلا تۇنۇلغان بىر يازغۇچى دوستۇم بۇلىدىغان.بۈگۈن«مىللەتنىڭ بۇ بايلىقى»نى بۈگۈن كوچىدا غەرق مەست ھالەتتە ئۇچۇراتتىم.«مىللەتنىڭ بايلىقى»مۇ ئادەم،ئۇنىڭمۇ ئىنسانلار بەھرىلەنگەن ھەرقانداق نەرسىدىن بەھىرلىنىش ھوقوقى بار.بىراق بىر «مىللەتنىڭ بايلىقى»غەرق مەست ھالەتتە ئال-تاغىل سۆزلەپ كوچىدا يۈرسە،كىشىدە قالدۇردىغان تەسىرى ئانچە ئوبدان بولمايدىكەن.بىراق مىنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغانلىرىم قانداقتۇر بەزى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ تېتىقسىزلىقلىرى،ھاراقكەش،پاھىشىۋازلىقى ئەمەس،بەلكى نادانلىقى،ئەخمەقلىقى ئۈستىدە بارىدۇ.ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئانچە-مۇنچە نامى چىققان ئەدىبلەرنىڭ خلمۇخىل پىكىر مۇھاكىمىلىرىنى ئاڭلىغان چېغىمدا ھەيرانۇ-ھەسلىكتىن ئېغىزىم ئېچىلىپلا قالاتتى.ئۆزۈمچە شۇ چاغلاردىكى ئەدىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قورساق ئۇرۇشلىرىنى مودېرنىزمچىلار بىلەن رىئالىزىمچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش،يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كونىلىق تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ،دەپ ئويلىغان ۋە«رىئالىزىمچى»دەپ قارىغانلىرىمغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەنىدىم.ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى مودېرنىزىمچىلار تەرەپدارى دەپ قارايتتىم.بۈگۈنكى كۈندە قارىغۇدەك بولسام،بىزدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك مودېرنىزم ۋە رىئالىزىم بولسۇن؟ھەممىسىلا«يانچۇقتا بىر پۇل يوق ئېتىم مارجانبۈۋى»دىگەندەك ئىشلار ئىكەن.پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىغا مەسئۇل بۇلۇشقا تېگىشلىك شۇ شائىر-يازغۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر-بىرىگە غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلىشىلىرىنىڭ سەۋەبى نىمىكىنا؟ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنى مۇھەببەتكە ئۈندەيدۇ،بىراق ئىنسانىيەتنى مۇھەببەتكە ئۈندىگۈچى بولغان مىللەتنىڭ بايلىقلىرىنىڭ ھالى شۇ.كۈن بويى ئويلايدىغىنى ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كىمنىدۇ غۇلىتىپ تاشلاش،ئۆزلىرىچە گۇرۇھ بۇلۇۋېلىپ،ئايىغى چىقماس پىتنە-پاسات ۋە جېدەللەر ئىچىدە پىتىراش.بىز نېمىشقا دائىم پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەيمىز؟نىمىشقا بىمەنە تالاش-تارتىشلار پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز؟ئوتتۇرغا قويغان پىكىر-مۇلاھىزىلىرىمىزنىڭ نېمىشقا تۇتامى يوق؟بىرلا گەپ:بىزدە مەقسەت ئوخشاش ئەمەس،ئۆزىنىڭ كىچىككىنە شۆھرىتى،مەنپەئىتىنى دەپ مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىنى دوغا تىكىدىغانلار بىزدە خېلى بار.بىز ئالدى بىلەن ئەدەبىياتتا نىمىنى تالاشماقچى دېگەن مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.سىز ناھايىتى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغان چېغىڭىزدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە،كىشىنى ئويغا سالىدىغان تەپەككۇر چىقىنىنى ئەمەس، ئۇرۇشقاق خوتۇنلارنىڭ بىر قەپەس تىل سېلىشلىرىنى ھېس قىلىسىز. دەرۋەقە، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىستىقبالى، كەلگۈسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلار يوق ئەمەس، ئەمما ئۇلار تولىمۇ ئاز، تولىمۇ ئاز! قىرغىزلارنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئاتاقلىق يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتىماتوف «يازغۇچى دەۋرنىڭ ۋىجدانى» دېگەن ئىكەن. ئەگەر مۇشۇ گەپ راست بولسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانىدىن گۇمانلانساق بولىدۇ. چۈنكى سىزدە تۈزۈك ۋىجدان بولماي تۇرۇپ ۋىجدان ھەققىدە، مىللەت ھەققىدە، ئەدەبىياتنىڭ ساپلىقى ھەققىدە سۆزلەشكە قانداقمۇ سالاھىتىڭىز بولسۇن؟

    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پاكىستاننىڭ«مىراسخور»دىگەن تېلۋىزىيە فىلىمىنى ناھايتى قىزىقىپ كۆرگنىم ھىلىمۇ شۇنداق ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ. فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى، زەردىلىك ۋە جىگەرلىك يىگىت موللىدات ئۆزى«مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى»دەپ ئاتىۋالغان نامرات ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.بىراق كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان،سەنئەتنى جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى دەپ چۈشىنىۋالغان«مەدەنىي قەلەندەر»بەلى بەكرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاش تۈگۈل ئۇنى كۆرگەنلا يەردە ئەدەبلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى ناخشىچى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى مۇددىئاسى ئوخشىمايدۇ. «مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى»نىڭ يۈرىكىدىن چىقىۋاتقىنى سەمىمىيەتلىك ۋە ئالىيجاناپلىققا تولغان،دەرتمەنلەرنىڭ ساداسىنى ئىزھار قىلىدىغان چىن سادا،بەلى بەكرىنىڭ ئېيتىۋاتقىنى پۇل، پەسكەشلىك ،ياللانمىلىق بىلەن تولغان يىرگىنىچلىك سادا، مېنىڭچە، ھېچكىم يىرگىنىچلىك ئاۋازدىن ھۇزۇر ھېس قىلالمايدۇ. مۇبادا ھۇزۇر ئالىدىغانلار بار دىيىلسە،ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى بەكرى بىلەن ئوخشاش، بۈگۈن مەن كوچىدا ھېلىقى يازغۇچىنىڭ مەست ھالەتتىكى تۇرقىغا قاراپ كۆپ نەرسىلەرنىڭ ئويلاپ كەتتىم. ئاجايىپ تەرەققى قىلىپ كەتكەن غەرب دۆلەتلىرىدە ياكى ئامرىكىدا يازغۇچىلار مۇشۇنداق مەست بولۇشۇپ سەتلىشەمدىغاندۇ، دەپ ئويلۇدۇم. ئەلۋەتتە،بۇ ئويلۇرۇم بىر گۆدەكنىڭ خىيالى. بىراق مەن گۆدەك ئەمەس. غەربتە بولسۇن، ئامېرىكىدا بولسۇن ھاراق ئىچىپ لاۋزىلىشىپ يۈرۈدىغان يازغۇچىنىڭ چىقىشى تەبىئىي. ئۇلارنىڭ ۋېسكىسىنى بىزنىڭ «ئىلى ئالاھىدە ھاراق»لىرىمىزدەك مەست قىلالمايدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ مەست بۇلىشى بىلەن بىزنىڭ مەست بۇلىشىمىزدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ئۇلار مەست بۇلۇپ، مەستلىكتىن يېشىلگەندە سەگەكلىشىپ ئۆز تەقدىرى، بۈگۈنى ھەققىدە ئويلانسا ۋە كۈرەش قىلسا، بىزنىڭ مەستلىرىمىز مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ يېتىپ، بىخۇدلىشىپ يېتىپ قوللىرىدا بار ھەممە پۇرسەتنى تاتقۇزۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە بۇ «مىللەتنىڭ بايلىقلىرى» نىڭ قەلەملىرىدىن مۇھەببەت ۋە ئۈمىد ئەمەس، شاللاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ساختا بىلەرمەنلىك، پىتنە-پاسات ۋە زەھەرخەندىلىك تامىدۇ. ئالدىنقى كۈنى بىرەيلەن ماڭا «پالانى شېئىرىنى يېزىۋەرسىمۇ بوپتىكەن، رومانغا تۇتۇش قىلىۋىدى، شېئىرىيىتىمىز سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى»دېدى. بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق كۈلكىلىك گەپ يەنە تەكرارلانماس دەيمەن. قانداقتۇر بىرەرسىنىڭ ئەدەبىيات ئالىمىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، ئۆزى تەنھا شاھ بۇلىۋالىدىغان ئىش نەدىكەن؟بىر يازغۇچى ھەرقانچە قابىلىيەتلىك بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر،ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىن ۋاز كىچىشى ياكى كەسىپ ئۆزگەرتىشى بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەدەبىيات ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋېرىدۇ. ئوخشاشلا تالانتلىق، مەشھۇر يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە شاھ ئەدىبلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. بىراق بۇ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى «دانىشمەنلەر» نىڭ رامكىسىدىكى «شاھلىق» قا ئوخشىمايدۇ.بۇ دانىشمەنلەر ئۆزىنى ئۆزى شاھ قىلىپ تىكلىۋالىدۇ. كىمنىدۇ شاھ بوپ قېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان بولسا، شۇنى غۇلىتىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.بىراق خەلق قەلبىدىكى شاھلىقنى ئالالامدۇ –يوق، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھېس قىلالمايدۇ ياكى ھېس قىلغۇدەك ئەقىل يوق.بەزىلەرنىڭ ئەدەبىياتتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى دەل ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆزىنى شاھ قىلىپ تىكلەش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا، مۇبادا بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا ئۆز-ئۆزىنى شاھ قىلىپ تىكلەش باش كۆتۈرسە، ۋەزىر-ۋۇزرا، سەركەردە-سەرۋاز مەسىلىسى مەڭگۈ ھەل بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، تۈگىمەس ئۇر-چاپلار جاھاننى بىر ئالىدۇ. شاھ تىكلەشتە خەلقتىن ئۇلۇغ كۈچ بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خەلق رايىنى سىناش يۈزىسىدىن:«كۆڭۈل تۆرىڭىزدە ئەدەبىيات پىشىۋاسىنى كىم دەپ چاغلايسىز؟» دەپ سورىسىڭىز، شۈبىھسىزكى، «روزى سايىت» دىگەن جاۋاپقا ئىرىشىسىز. خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى شاھلىق ئەنە شۇ. ئېھتىمال روزى سايىتنى ئەزەلدىن كۆزگە ئېلىشنى خالىمايدىغان «ئەدەبىيات ئىلمىگە كامىل ئەدىبلەر»ئۇنىڭ بۇ ئامىتىگە ئاھ ئۇرۇپ:«تەلەي نەگە دېسە دوقا ماڭلايغا» دەپتىكەن، دىيىشىپ كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار يۈرۈشكەندۇ... سىز قانچە يىللاپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ،پايتەخت ياكى چەتئەللەردە ئوقۇپ كېلىپتۇ، كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپمۇ بىر «دېھقانلار شائىرى»غەرەزسىز، مىننەتسىز ھالدا ھېچكىمدىن شاھلىق تالاشماي ئولتۇرۇپ،ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە توختىماي ئاھ ئۇردى. خەق مەۋجۇدىيەتكە قىزىقامدۇ ياكى سېھرىي رىئالىزىمدا ئەسەر يازامدۇ،كىشىلەرنىڭ روھىنى ئانالىز قىلامدۇ، ئۇ، بۇلارغا پەرۋا قىلمىدى. ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە قوشاقلىرىنى يېزىۋەردى. مانا قاراڭ،بۇ«قارا قورساق دېھقانلار شائىرى» ھېچقانچە كۈچىمەيلا سانسىزلىغان «مىللەت بايلىقلىرى» نى ساراسىمگە سېلىۋەتكەن ئەدەبىيات شاھلىقىنى تارتىۋالدى. بۇ، ھەممىلا ئەدىب روزى سايىتتەك دېھقاننى يېزىش كېرەك دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى سەندە ئاشۇنداق سەمىمىي نىيەت، ئالىيجاناپ مەقسەت، چىن ئىخلاس بولسۇن. نېتزىينىڭ گىپى بويىچە بولغاندا،سەن ئەسەرنى قان بىلەن ياز، قان بىلەن يازغاندىمۇ خەقنىڭ قېنى بىلەن ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ قېنى بىلەن ياز. يازغان ئەسەرلىرىڭدە قانداقتۇر«كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان مۆجىزاتلار» نى ئوتتۇرغا قويساڭمۇ،ئەمما ئىش يۈزىدە يۇشۇرۇن ئورەكلەرنىڭ كولاپ، كىملەرنىدۇر يىقىتىشنى قەستلەپ يۈرسەڭ «مىللەتنىڭ بايلىقى» بولۇش تۈگۈل ئادەم بۇلىشقىمۇ سالاھىيتىڭ توشمايدۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.