ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۅرسەتكەن تارىخي تەسىرى توغرىسىدا
دەسلەپكى ئىزدىنىش
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل
باشلانما: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن موڭغۇل مەدەنىيىتى بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. موڭغۇل مەدەنىيىيىتىگە،جۇملىدىن موڭغۇل تارىخىغا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇر يىزىقىنى باشلامچى قىلغان ھالدا كەڭ دائىرىدە،زەنجىرسىمان ۋە ئۇزاققىچە تەسىر كۅرسەتكەنلىكىنى كۇرىۋالايمىز.بۇ خىل تەسىر تىل-يىزىق جەھەتتە،دىنىي ئتتىقات جەھەتتە ۋە سىياسىي- ئىجتىمائى جەھەتلەردە كونكىرىت ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى " خاقانىيە تىلى" ياكى "كاشىغەر تۇركچىىسى "دەپ ئاتالغان ئەينى دەۋىردىكى ئورتاق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بولسۇن ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولسۇن، موڭغۇل تىل لوغىتىگە سىلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، موڭغۇل تىلىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىلى تەركىپلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن ،بىرىنچىدىن،ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوخشاشلا ئۇرال -ئالتاي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىللار بولغاچقا ،ئەسلىدىن ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تىل ساقىندىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى؛ ئىككىىنچىدىن،تارىختا ئۇرخۇن-سېلىنگا ۋادىسى ۋە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئۅتكەن كۅك تۇرك خانلىغى،ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىغى،قارا خانىلار سولالىسى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ تۇركىي قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياكى قوشنا بولۇپ ياشىغانلىقى سەۋەپلىك، مەدەنىيەتتە بىر قەدەر ئىلغارراق بولغان تۇركىي قەبىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تىل ئىلمىنىتلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا ئۅزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ئۇچىنچىدىن، چىڭگىزخان باش كۇتۇرۇپ چىققاندىن كىيىنكى موڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە،چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇر تامغىچىسى(باش كاتىپى)تاتاتۇڭادىن باشلاپ،ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرئالىم- زىيالىلىرىنىڭ موڭغۇل خان ئوردىسىغا ۋە ھەر قايسى ئىلىكخانلىقلارغا جەلىپ قىلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى،قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ (ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى -ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنىدىن باشقا) پۇتكۇل موڭغۇل ئىمپىريېسى تەۋەسىدە رەسمى ھۇكۇمەت يىزىقى سۇپىتىدە قوللۇنىلغانلىقى سەۋەپلىك ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى: تۆتىنچىدىن،موڭغۇل ئىمپىريىسى پارچىلانغاندىن كىيىن ھۇكۇم سۇرگەن چاغاتاي خانلىقى،ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ئىلىخانىيلار قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە،ئۇيغۇر تىلىنىڭ موڭغۇل تىلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ سىڭىپ -ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
.1 تىل-يېزىق جەھەتتىكى تەسىرى: ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل تىل-يېزىق مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن ئاۋۋالقى تەسىر. ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئۇرال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تىللار بولغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ سىبىرىيە، ئۇرخۇن-سىلىنگا دەرياسى بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئارىلىشىپ ياشىغاچقا، تىل-تاۋۇش، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە. بۇنىڭغا بۇيۇك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى <<دىنمۇ نۇرغۇن تىل پاكىتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل تىللىرىدا ھايۋانات ناملىرىنى ئوخشاش ئاتايدىغان سۆزلەر خېلى كۆپ.مەسىلەن: ئات، ئايغىر(ئازغىر)، جىرغا، بۇغرۇل، يورغا، ئارغىماق، بۇتا-بۇتىلاق، بۇقا، بۇكەن، جەرەن، بۇغرا، شۇڭقار، بۈركۈت، (تاخىيە(تاقاغۇ-تۇخا( قاتارلىق. يەنە ، جاھانگىر، ئاقساقال،بابا، باخشى، جادۇ(جادۇگەر) قاتارلىق سۆزلەرمۇ ئىككى تىلدا ئوخشاش مەنىگە ئىگە. كىشى ئىسىملىرىدىن ئارسلان،تۆمۇر، باتۇر، بارس قاتارلىقلارمۇ ئىككى مىللەتتە ھازىرغىچە ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلماقتا.<1>
ئىككىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىنكى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىدە ئۇيغۇر ئىلىمدارلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش باسقۇچى. چىڭگىزخان مىلادىيە1204-يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا ئەسىرگە چۈشكەن .چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتكەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى ،موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ، جۇملىدىن پۇتۇن موڭغۇل قۇۋمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈرشەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىدىغان بولدى. <2>. مىلادىيە 1211-يىلى ئۇيغۇرئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىن موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن،<3>.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ دۆلەت ئشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلىپ قىلىندى. كىيىن يەنە،ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ دۆلەت ئۇستازى بولدى. ئۇ تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان >> كونا موڭغۇل يېزىقى » نى ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان >> يىڭى موڭغۇل يېزىقى » نى شەكىللەندۈردى . ئۇ تۈزگەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى « موڭغۇل يېزىقى ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ (.چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن،مانجۇلارمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى شەكىللەندۇرۇپ قوللاندى. ) شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ،پراجناشرى قاتارلىقلار>> رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە << ،>> ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم<< ،>> كلاسسىك قامۇسنامە << قاتارلىق كىتابلارنى يازدى ياكى تۇزدى.شۇ دەۋردە يەنە،>> كاپيان سالى >>ئەلنى ئىدارە قىلىش ئورنەكلىرى<<نى خەنزۇ تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمەقىلدى.<4>.ﺷﻪﻣﺴﯩﺪدﯨﻦ ( 1277 - 1351 ) ﯬﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯬھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ « ﭼﯧﻦ ﯬﻳﺰﯗﯓ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ » ، « ﺟﯧﯖﺪﺍ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩھﺎﻟﻰ » ، « ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻕ ﻳﺎﺕ ﺗﺎﺋﯩﭙﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩھﺎﻟﻰ » ، « ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﯬﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺗﻰ » ، « ﺟﯩﻨﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ » ، « ﺩﯗﯕﻴﺎﯓ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ » ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯬﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ . ﻗﺎﯕﻠﻰ ﺗﻮﻗﺪﯗ ﯮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1343 _ 1345 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻛﻴﺎ ﻗﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ « ﻟﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ » ، « ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ » ، « ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ »ﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﯱﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ 1288 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ « ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺗﻰ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺗﻼﺭ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1303 - ﻳﯩﻠﻰ 600 ﻗﯩﺴﯩﻢ ، 1300 ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . بۇلاردىن باشقا ، ئارىق ھىيا،راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، سەئدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭفۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي ، قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، پىداگۇكلار، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ) بېيجىڭ ( دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى .موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئېلخانىلار )مىلادىيىنىڭ- 1258يىلىدىن8813-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن (نىڭ يارلىقلىرى،ئالاقىلىرى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇريېزىقى ۋە پارس يېزىقىدا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى(1370-1321)بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1502-1227) دا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى رەسمىي» دۆلەت تىل-يېزىقى« بولدى.بۇ يېزىق كىيىن«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى»،يېزىق تىلى-ئەدەبىي تىل«چاغاتاي تىلى»دىيىلىدىغان بولدى.(مۇڭكۇخان 1254-يىلى 8-ئاينىڭ18-كۇنى فىرانسىيەدىن ئەلچىلىككە كەلگەن رۇبرۇك ئارقىلىق فىرانسىيە كارۇلى لۇئې 9-غا ئېۋەتكەن خېتىنى ئۇيغۇريېزىقىدا يازغان.) چۇنكى بۇ چاغدا،چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغانىدى.<5>. دىمەك،يۇەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان،ئۇمۇملاشقان بولسا،چاغاتايخان دەۋرىدىن باشلاپ،بولۇپمۇ تۇغلۇق تۆمۇرخان دەۋرىدىن باشلاپ،ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى ئۇمۇمىيۇزلۇك قوللىنىلدى..
ئۈچىنچى باسقۇچ - موڭغۇل نەسەبلىك تۈركلەشكەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان خانلار دەۋرى، يەنى موغۇلىستان خانلىقى ،ئالتۇن ئورداخانلىقى،ئېلخانىلار، بابۇرموغۇل ئىمپىرىيىسى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرى. بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ كۆپ موڭغۇل قەبىلىلىرى، بولۇپمۇ ھۆكۈمران تەبىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇگىنىش،قوللۇنۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد يادروسى بولغان ئىسلام دىنىنىمۇ قوبۇل قىلدى،ئاندىن تەدرىجىي تۈركلىشىش-ئۇيغۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، نەتىجىدە، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن تاكى- 16ئەسىرلەرگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردە، نۇرغۇنلىغان تۈركلەشكەن-ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل نەسەبلىك داڭلىق خان-پادىشاھلار مەيدانغا چىقتى. مەسىلەن:بېرىكىخان،تارماشىرى)ئالاۋۇدۇن(، خىزىرخان، تۇغلۇق تۆمۈرخان، ئۇۋەيىسخان، ئاقساق تۆمۈر(تۆمۇرلەڭ)، يۇنۇسخان، مەخمۇدخان، ئوبۇلخەيرخان، مۇھەممەد بابۇرخان، سەئىدخان ۋاھاكازالار... بۇ ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتنىڭ ئۆزلىرى بويسۇندۇرغان، لېكىن ئۆزىدىن مەدەنىيەت جەھەتتە كۆپ ئىلغار بولغان مىللەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ-سىڭىپ كەتكەنلىكىنىڭ تىپىك مسالى بولالايدۇ. . جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەن، قاغىلىق،پوسكام ،مەكىت، مارالبېشى،يۇپۇرغا، ئاۋات، شايار، كورلا قاتارلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئايرىم توپ-قوۋملەر ۋە موغال ئىسىملىك يۇرت-مەھەللىلەر بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى.بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقى دىگەن نام بىلەن تۈركلەشكەن ۋەتۈركلىشىۋاتقان موڭغۇللار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشتى. خۇددى ئەينى زاماندا،ئۇيغۇر پىسخۇلۇگ (شامان دىنى باخشىلىرى)لىرى ئوتتۇرا ئىقلىمدا "بوشى" دەپ ئۅزلەشكەندەك ،ئۇيغۇر تىلىدىن قاغان،خان،خاقان، خاتۇن (خانىش )،ئالتۇن بىكە،ئا لتۇن ئۇرۇغ (شاھزادە-مەلىكە)،ئالتۇنلۇق (خان-پادىشاھلار مازىرى)،بىلىگ،بىتىگ،يارلىغ قاتارلىق سۇز-ئاتالغۇلار ئۇز ئەينى بويىچە موڭغۇل تىلىغا ئۇزلىشىپ كەتتى.مۇشۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ،تىل-يېزىقنىڭ تەسىرىدە،چاغاتاي دەۋرىدىن تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ،چاغاتاي ئۇيغۇريېزىقى،ئەرەپ يېزىقى،پارىس يېزىقى قاتارلىق تىل-يىزىقلاردا ئەدەبىيات-سەنئەت،تىبابەتچىلىك،ھەرخىل ھۇنەر-كەسىپ،تارىخ-تەزكىرە قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.مەسىلەن، پەقەت تارىخ-تەزكىرە مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەردىن:ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘھﯩﻢ ﯬھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯬﺳﻪﺭ _ « ﺳﯘﺭﺍھﻫ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ »ﻧﻰ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . ﺳﯜﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﻣﻪﺷﯩﻖ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﺗﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﯘﻫھﻪﻣﻤﻪﺩ ﯬﺭﻩﺑﺸﺎھﻫ ( 1392 - 1450 ) « ﯪﺟﺎﻳﯩﺒﯘﻝ ﻣﻪﻓﺘﯘﺭﺧﻰ ﻧﺎﯞﺍﺋﯩﺒﯘﻝ ﺗﯧﻤﯘﺭ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻧﻰ ، ﻣﺎﯞﺍﺭﺍﯰﻧﻨﻪھﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﻣﻰ 1404 - ﻳﯩﻠﻰ « ﺳﻪﻓﻪﺭﻧﺎﻣﻪﺋﯩﻲ ﺗﯧﻤﯘﺭ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻧﻰ ، ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﺪﯨﻦ ﯬﻟﻰ ﻳﻪﺯﺩﻯ 1425 -ﻳﯩﻠﻰ « ﺯﻩﻓﻪﺭﻧﺎﻣﻪ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻧﻰ ، ﻫھﺎﭘﯩﺰ ﯬﺑﺮﯗ « ﺯﯗﺑﺪﻩﺗﯘﻝ ﺗﻪﯞﺍﺭﯨﺦ »ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻧﻰ ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻟﯩﻚ ﯪﺑﺪﯗﺭﺍﺯﺯﺍﻕ « ﻣﻪﺗﻠﻪﯰﺳﺴﻪ ﺋﯩﺪﻩﻳﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﻤﯘﯬﻝ ﺑﻪﻫھﺮﻩﻳﯩﻦ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻧﻰ ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺧﺸﻰ « ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﻧﯩﻴﻪ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ.زوھۇرىدىن مۇھەممەدبابۇر(1530-1483)«بابۇرنامە»نى،ئەبۇلغازى باھادىرخان(1603-1666) «شەجەرەئى تەراكىمە»ۋە«شەجەرەئى تۈرك»نى يازدى.
ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎنلىقى دەۋرىدە ﻣﯩﺮﺯﺍ مۇھەممەدﻫھﻪﻳﺪﻩﺭ ﻛﻮﺭﺍﮔﺎﻧﻰ ( 1499 1547 - -ﻳﯩﻠﻰ) ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯬﺳﻪﺭ«تارىخى رەشىدىي»نى ﻳﯧﺰﯨﭗ ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 200 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ ...<6>
شۇڭا،مۇشۇ تارىخىي دەۋىرلەردە ئۇيغۇر تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر ناھايىتى كۆپ.مەسىلەن:
ئۇيغۇرچە----موڭغۇلچە
ئالا-بۇلا----Alag bulag
ئالماس-------Almas
ئالتۇن----Altan
ئالۋاڭ-----Alven
ئامان-ئېسەن---Amguulang esen
ئامراق---Amereg
ئارا------Ara
ئارال-----Aral
ئارچا-----Arc
ئارپا----Arba
ئارسلان----Arslan arslang
ئارشاڭ----Arshan
ئارغىماق----Argumag
ئارقان----Argamii
ئارقار---Argal
ئايماق---Aimag
ئايغىر---Ajirga
ئاقساقال----Agsahal
باخشى----Bagshi
بال(ھەسەل)----Bal
باتۇر----Baatur
باتۇرلۇق----Baaturlig
باي------Bayan
بايلىق---Bayalig
بايرام----Bayar
باغلام----Bagla
بەلگە----(Beleg(temdeg
بۇران----Boran
بوسۇغا---Boshuh
بوتا(بۇتىلاق)----Botuh
بوزا-----Booz
بۇلاڭچى---Bulangqi
بولجۇڭ---Bulchung
بۇلۇڭ----Bulung
بۇلغۇن-----Bulgun
بۇغداي----Bughdai
بۇغرۇل-----Buurul
بۇقا-----Buh
بەل----Belkuus
بۆدىنە----Boedun
بۆجەن----Boejung
بۆكەن----Boekung
بۆلجۈرگەن---Boeljirghen
بۆلگۈنچى---Boelgunchilchi
بۆرەك----Boeer
بۆرە------Boert
بۈركۈت----Burgud
داغ-----Daah
دالدا----Dald
دەپتەر-----Devter
دوغا-----Dogui
دولقۇن----Dolgaan
دولقۇنلىماق----Dolgaalh
دوبۇلغا------Dulguu
دۇدۇقلىماق----Dudungneh
دەررۇ------Dairui
دۆش-----Doex
گەۋدىلىك---Gadarlig
قەبرە------Kuwr
خارت-خۇرت----Hart-Hurt
خان-خاقان-----Khan
جادۇ-جادۇگەر------Jad
جاھانگىر---Jangar
جىلغا--------Jilga
جەرەن------Jeren
قارا----Har
كاككۇك---Khokukhe
قارىغاي----Hargai
كەكلىك------Heglig
كىسىم----Kerchim
كېرەك----Hereg
كومشار-----Hongshar
كۆك-----،Koek
كۆكرەك----Koek
كۆپكۆك----Koev koek
كۈچ-----Kuq
كۈچلۈك---Kuqutai
كۈچۈك----Kiqig
قورۇ-----Hurai
قۇدۇق------Hudug
لام -جىم----Nam-jim
مال--------Mal
مالىخاي----Malhlai
مانان-----Manan
مايماق-----Maigag
ماختاش----Magtaad
مېنىڭ-----Minik
مەرگەن----Mergen
مۈچە(ئۇگە)------Moeq
مۈرە------Moerv
مۆشۈك------Mix
نوختا----Nogtu
ئوسال-----Osal
ئوغۇل----Ogul
پالتا-----Balta
پۇرچاق----Burtsug
پۈركىمەك----Burhuh
چاڭ -توزان---Tozang Toos
چېچەك----qeceg
چىرىك----qereg
چېقىر----qehir
چىداملىق----Qidemgai
چىمدىم----Qimhi
چىمدىماق---Qimhih
چىراي-----Qirai
چىرايلىق----Qirailig
چىۋى-------Qivi
چوغ-----qogً
چوقۇم-----Qohum
چوقۇر----qohur
چوققا----qoka
چۇلۋۇر----qulvur
چۆل------qoel
چۆلدىمەك---qoeldh
چۆچىمەك----Qochihإ
چۆچۈتمەك----Qochaah
سالماق----Savelh
سالقىن----Salhi Salhin
سامساق---Saerimseg
ساي----Sav
ساغماق---Saah
ساقال-----Sahel
سولخاي----Solgai
سۇ------Su
سۇنايلاپ----Sunagaad
سەلكىن-----Saelhin
تارتىپ---Tataad
تال------Tal
تالان-تاراج-----Talen
تالقان---Talh
تاماكا-----Taemhi
تاماكىچى----Taemhichi
تامغا----Tamga
تاپان-----Tavag
تاتۇق----Tatungga
تارالماق-----Tarhu
تاياق------Tayag
تايغان---Taegan
تاقا------Tah
تاقىر------Tajir
تاقىرلاشماق-----Tajirshih
تەڭ-----Teng
تەكشى----Tengshi
تەكشىلىمەك----Tegshileh
تور-------Tor
تۇقۇم-----Tohum
توقۇماق----Tohuh
توز-----Togus
تۇلۇم----Tulum
تۇلۇمچىلىماق---Tulumchilen
تۇمۇ---Tomuu
تەسكىن-----Taeskaen
تۆل-----Toel
تۆللەش----Toelleh
تۆمۈر------Toemur
تۈمەن----Tum
ئۇرۇق-----Ur
ئۇدۇم(ئۇدۇم قالماق)----Udum
ئۇلار------Ulir
ئۇچراپ-----Uqiraad
ئۇچراشماق---Uchiraah
ئۇچقۇن----Ochi Ochin
ئۈزۈم-----Uzum
شالۋۇر------Shalvur
شېكەر-----Xikir
شىمايلىماق---Shamalh
شىۋىرلىماق-----Sheveneh
شىۋىر-شىۋىر---Xivi Xivir
شىۋىرغان-----Shurgun
شوراش-----Sorh
شورلۇق----Shorvug
شوتا------Shat
شۇڭقار----Shonghur
يۈرەك-----Zurh
يۈز-------Zuu
يورغا-----Jorga
يوسۇن-----Yos Yosun
ئىسقىرتىش-----Ixihireed
ئەپلىك-----Evleg
ئەپلىمەك----Evleh
ئەر------Er
ئەرك------Erh
ئۆسمۈرOesvur------<7>
يۇقارقى سېلىشتۇرما سۆزلۈك -مۇڭغۇل تەتقىقاتچىسى يىلىياستۇ ئەپەندىنىڭ‹‹ئۇيغۇرچە ۋە مۇڭغۇلچە ئاھاڭداش،مەناداش سۆزلەر››ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا نەقىل كەلتۇرۇلگەن بۇلۇپ، تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا،بۇ سۇزلۈكلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىن،يەنە بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئارقىلىق ئەرەپ-پارىس تىلىدىن مۇڭغۇل تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.(بەزى لوغەت -قامۇسلاردا بىزنىڭ نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلىرىمىز پارىس ۋە ئەرەپ تىللىرىغا تەئەللۇق قىلىۋىتىلدى.ۋاھالەنكى،16-ئەسىردىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر،ئوسمانلى ئىمپىريېسىنىڭ ئەرەپ،پارىس تىللىق خەلىقلەرگەئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 5 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۇمرانلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك تۇركىي تىلنىڭ ئەرەپ،پارىس تىللىرىغا كۆپلەپ سىڭىپ-ئۆزلىشىپ كىرگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك ،ئەلۋەتتە.) بەزى تارىخشۇناسلار چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى نەسەبىنى قىيات قەبىلىسىگە باغلاپ،قىيات،ئۇيرات،بارلاس،دۇغلات،جالايىر،قوڭغىرات قاتارلىق مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى تەكتى-يىلتىزى تۇركىي قەۋىمگە تەئەللۇق قەبىلىلەر قاتارىدا تەتقىق قىلىۋاتقان،مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا بىللە كەلگەنلىكىنى ، نۇرغۇن تۇركىي سۇزلۈكلەرنىڭ مۇڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەنلىكىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ۋاھالەنكى،بۇ خىل تەتقىقاتلاردىن تېخى ئاخىرقى يەكۇن چىقىرىلمىدى.تارىختا خاتىرلىنىشىچە<8>،چىڭگىزخان تۇركى خەلىقلەرنى ئەمەس،بەلكى، مۇڭغۇللارنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تىكلەپ،تارقاق مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ،باشتىن-ئاخىر مۇڭغۇل مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇچۇن ھەر تەرەپكە يۇرۇش قىلىپ،دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان بۇيۇك مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنى بارلىققا كەلتۇرۇپ،تارىختا "تەڭرىنىڭ ئەركىسى" دىگەن ئالەمشۇمۇل نامغا ئىگە بولغان...
تارىخى پاكىتلاردىن ئايانكى،پۇتكۇل مۇڭغۇل ئىمپىريىسى دەۋرىدە،مۇڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر ئالىم-ئۇلىما،زىيالىلىرىنىڭ تەسىرىدە،مۇكەممەل بىر يېزىققا ئىگە بولدى،خان ئوردىسىدىن تارتىپ پۇتكۇل مۇڭغۇل ئىمپىريېسى تەۋەسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسلىق يېزىق ئالاقە قۇرالىغا ئايلاندى.<9>.
2 .دىنىي ئتتىقات جەھەتتىكى تەسىرى.قۇبلايخان چىڭگىزخاننىڭ ئورنىنى بېسىپ،يۇەن سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن كىيىن،ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىھتىياجى ئۇچۇن،قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللۇنۇشنى داۋاملىق ئۇمۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، مۇڭغۇللار ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئىتتىقات قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى.ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، مۇڭكۇخان تەخىتتىكى چاغدا،يەنى 1246 -يىلى، ئۇ تىبەتتىكى بۇددا دىنىنىڭ ساجا مەزھىپىنىڭ 4 --ئەۋلاد پىشىۋاسى سابان بىلەن لياڭجۇ دىگەن جايدا ئۇچرۇشۇپ،ساباننىڭ پۇتكۇل تىبەت رايۇنىدىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ داھىيسىلىق ئورنىنى بىكىتىپ ئىتىراپ قىلغان ئىدى.قۇبلايخانمۇ شۇ ئاساستا يەنە ساجا مەزھىپىنىڭ 5-ئەۋلات پىشىۋاسى باسباغا ئوردا ئۇلىماسىلىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ،باسبانى پۇتكۇل يۇەن سۇلالىسىسىنىڭ بۇددا دىنى ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلدى.بۇنىڭ بىلەن،يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە،ئەسلىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان شامان دىنىغا ئىتتىقات قىلىپ كىلىۋاتقان موڭغۇللار تەدرىجى يۇسۇندا بۇددا دىنىنىڭ ساجا)لاما( مەزھىپىگە ئىتتىقات قىلىشقا يۇزلەندى.بۇنىڭ تەسىرىدە،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىكى نۇرغۇنلىغان بۇددا دىنى ئۇلىما-راھىبلىرى يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ،ھاكىمىيەت ۋە بۇددا دىنى ئىشلىرى بۇيىچە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى.پەقەت- 1328يىلى ۋە- 1329 -يىلىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىن 108 نەپەرا راھىب خانبالىقتىكى ساڭرام-بۇتخانىلارغا راھىپكالانلىققا تەكلىپ قىلىندى.قۇبلايخان يەنە ئوردىدا مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددا دىنى سارىيى سالدۇردى.بۇنى تۇرپان ۋە دەشىتئاتا)دۇنخۇاڭ(دىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان،مەخسۇس موڭغۇل خان-پادىشاھلىرىغا ،مەلىكە-خانىشلارغا ۋەشاھزادىلەرگە قۇت-ئامەت تىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان دۇئا-پۇتۇكلەرمۇ ئاساسلايدۇ.
مۇڭكۇخان دەۋرىدە،تەرىقەت دىنى )داۋجياۋ(بىلەن بۇددا دىنى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ،ھەر ئىككىلا دىننىڭ ئۇلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدە-ئەركانلىرىنى" ئەڭ توغرا ھەقىقەت "دەپ دەۋا-داۋراڭ قىلىشىدۇ.مۇڭكۇخان بۇ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇچۇن،-1256 يىلى ئىككى تەرەپنى مۇنازىرە قىلىشقا پەرمان چۇشۇرىدۇ. نەتىجىدە،شۇ قېتىمقى مۇنازىرىگە ئىككى تەرەپتىن 300دىن ئارتۇق بۇددا دىنى ئۇلىماسى قاتناشقاندىن سىرىت ، ئەتراپتىكى بۇددا دىنى ئەللىرىدىنمۇ ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ،كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بۇددا دىنى تەرەپ يېڭىپ چىقىدۇ،بۇددا دىنى تەرەپنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا ئۇيغۇر بۇددا ئۇلىمالىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.<10>
قۇبلايخان دەۋرىدە،-1285يىلىدىن-1287-يىلىغىچەقۇبلايخان >>بۇيۇك بۇددانوم<<غا قارىتا بىر قېتىم چوڭ ھەجىمدە رەتلەش-تۇلۇقلاش ئېلىپ باردى.ئاساسلىقى تىبەت نۇسخىسىدىكى1440قىسىم،5586پارە بۇددانوم ئارقىلىق خەنزۇچە نۇسخىدىكى بۇددانومنى رەتلەپ توغرىلىدى،بۇ قېتىمقى بۇددانومنى رەتلەپ توغرىلاشقا ھىندى،ئۇيغۇر،تىبەت ۋە خەنزۇ قاتارلىقلاردىن 29نەپەر بۇددا دىنى ئۇلىماسى ئىشتىراك قىلغان بۇلۇپ،بۇلارغا مىڭسۇسى،ئەنزاڭ،كاپيان سالى قاتارلىقلار باشچىلىق قىلدى.<11>. تارىخنىڭ چاقى ئىلگىرىلەپ -14ئەسىرگە كەلگەندە، يۇەن سۇلالىسى چاك-چېكىدىن بۆسۇلۇپ،ئۇنىڭ تىرىتۇريېسى دائىرسىدە مىڭ سۇلالىسى،چاغاتاي خانلىغى،ئېلخانىلار خانلىقى،ئالتۇن ئوردا خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار بارلىققا كەلدى.بۇ دەۋردە،چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي تىللىق يەرلىك خەلىقلەرنىڭ تەسىرىدە،ھۇكۇمران ئۇرۇندىكى موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئىتتىقاتىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش بولدى،يەنى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن موغۇلىستان خانلىقىدا،تۇغلۇق تۇمۇر(1329-1369) تۇنجى بۇلۇپ،1322-يىلى ئاقسۇغا كىلىپ،ئايكۆل دىگەن يەردە ئىمام جالالىدىننىڭ ئالدىدا ئىمان ئېيىتپ ئىسلام دىنىغاكىردى.ھەمدە 160مىڭ تۇتۇن(ئائىلە) موڭغۇلنى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ،تاغ-جىرا،يايلاقلاردىن چۇشۇپ،تۇزلەڭلىكلەردىكى دىھقانچىلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇر قىلدى.<12>مۇشۇ دەۋردە،ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل خانلار ھەتتا تېخىچە بۇددا دىنىغا ئىتتىقات قىلىۋاتقان قۇمۇل،تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلانىمۇ دىنىي ئىتتىقاتىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ دەۋىردە يەنە،موغۇلىستان حانلىقى غەربىي ۋە شەرقىي موغۇلىستانغا بۅلۇنۇپ،دىھقانچىلىق رايۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان موڭغۇللار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇر -تۇركىي خەلىقلەرگە قۇشۇلۇپ ئۆزلىشىپ كەتتى،تاغ-يايلاقلاردىكى موڭغۇللار بولسا ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئىتتىقاتىدا قېلىۋەردى.نەتىجىدە،ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئۇيغۇرلاشقان-تۇركلەشكەن موڭغۇللاربەزى تارىخنامىلاردا "مۇغۇل "دەپ ئاتالدى.ئۇلار ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللارنى "چاتاي(قاراقچى)"دەپ كەمسىتسە،كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللار ئۇيغۇر-تۇركلەشكەن موڭغۇللارنى" قارا ئۇناس(شالغۇت)"دەپ كەمسىتىدىغان بولدى.<13>.بۇ دەۋردە شەرقىي موغۇلىستانغا دۇغلات قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار،غەربىي موغۇلىستانغا بارلاس قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار ھۇكۇمرانلىق قىلدى.
3. سىياسى ئىجتىمائى جەھەتتىكى تەسىرى.بۇ خىل تەسىر چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىن باشلىنىپ،موغۇلىستان دەۋرىدەتېخىمۇ قۇيۇق ۋە گەۋدىلىك بولغان دىيىشكە بولىدۇ.بۇ مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىنىدۇ:ئالدى بىلەن،چىڭگىزخان قاغان بولغاندىن كىيىن،ئۇ تاتاتۇڭا،چۇسكىخۇتزىر،مەڭگۇقايا قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ تەكلىپى بۇيىچە ئوردىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە،تامغا-مۇھۇردارلىق،بېتىك-دەپتەردارلىقنى )دىۋان كاتىباتلىقنى( يولغا قويدى؛ئىككىنچىدىن،قاغان ئوردىسىدىن تارتىپ(ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى -ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنىدىن باشقا) ئېلىكخانلىقلارغىچە ئۇيغۇر خاندانلىقلىرىدىكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى.ئۇچىنچىدىن،چاغاتاي خاندانلىقى،ئالتۇن ئوردا خانلىقى،ئىلخانىلار خانلىقى،موغۇلىستان خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار دەۋرىدە،ئوردا-مەھكىمىلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇر زىيالىلىرى قۇيۇلدى.ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى ئىشلىتىلدى.
چىڭگىزخان مىلادىيە 1206- يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1215- يىلى جورجىت خانلىقى (1115- 1234)غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1219- يىلىدىن 1225- يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ مەسلىھەتچى بولۇپ بار دى.چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
چىڭگىزخاننىڭ غەرىپكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگەتوراقايا ،بۇلاد قايا قاتارلىق ئۇيغۇر سەركەردىلەرمۇ قاتناشقان . توراقايا چىڭگىزخاننىڭ خارازىم شاھلار خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان بۇلۇپ ،ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىم ئىدى. بۇلادقايا مۇ چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولىخاننىڭ ئۇرۇنباسارى بولغان.<14>
موڭغۇللار مىلادىيە 1279- يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قوبلايخان يۇەن سۇلالىسى (1279-1368)نى قۇرغان،قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىدە (1279-1368) ئۇيغۇرلاردىن لەنششەن (مىلادىيەنىڭ 1231- يىل تۇغۇلۇپ، 1280 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا (؟-1291)، ئەل ئۇقمىش (مىلادىيەنىڭ 1320- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭگوتىكىن (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شايبان (مىلادىيەنىڭ 1197- يىلى تۇغۇلۇپ، 1276- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، موڭسۇر (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىددىن (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىق ئۇيغۇرئالىملار خان بالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن<15>.
موڭغۇللار مىلادى 1279- يىلى پۈتۈن جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۇرگەندىن كېيىن، قوبلايخان يۇەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، خانبالىق( بېيجىڭ)نى پايتەخت قىلغان. لەنششەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولغان.<16>.
يەنە شۇ دەۋردە، مەڭگۇتىكىن قوبلايخانغا ئۇستازبولغان، ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، قوبلايخان موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
شايبان مەشھۇر، ئۇستا دىپلومات بۇلۇپ، ئوگدايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادىيە 1276- يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن<17>.
ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرئەھمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان.<18>
قۇبلايخان سەلتەنەت سۇرگەن دەۋردە،ئۇيغۇر بىناكارلىق ئالىمى ئەختەرىدىن يۇەن سۇلالىسىنىڭ پايىتەختى خانبالىقنى(ھازىرقى بيجىڭ شەھرى)نى قايتا لاھيىلەش،قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ تۇھپىسى جۇڭگۇ تارخ كىتاپلىرىدا قەيىت قىلىنغان.<19>
يۇەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قوبلايخان، مۇڭكۇخان، ئىسەنبۇقاخانلار دەۋرىدە (مىلادىيە 1270- يىلىدىن 1320- يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەلئۇقمىش 1272- يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە بىرنەچچەقېتىم ئەلچى بولۇپ بارغان. ئۇ قايتىشىدا چەل ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا - دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن.ئۇئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئۇرۇن باسارى بولغان
ئىقتىزاتشۇناس ساڭگا،لەشكەرشۇناس ئېلقايا،كۇنجەك،چاغان تۇمۇر،مەھمۇد يالىۋاچ ،مەسئۇت يالىۋاچ (ئاتا-بالا) قاتارلىقلارمۇ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان<20>
راببان سائۇما چىڭگىزخان دەۋرىدە مۇڭغۇل شاھزادىلەرگە ئۇستاز بولغان شايباننىڭ ئوغلى بولۇپ،ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ نىستىرىئان دىنىدا تەربىيلەنگەن ۋە كۆپخىل ياۋرۇپا تىللىرىنى ئۇگەنگەن 1287-يىلى ئېلخانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى ئارغۇن ئۇنى پۈتۈن ياۋرۇپاغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ.سائۇما كونىستانتىنپولغا بېرىپ پادىشاھ ئاندرونكۇس 2نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولىدۇ.ئۇ يەردىن رىمغا بېرىپ كادىنال يېرۇمى بىلەن دىننى مۇنازىرە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەردىن پارىژ شەھىرىگە بېرىپ فىرانسىيە پادىشاھى فىلىپ فائىر6نىڭ قىزغىن ۋە داغدىغۇلۇق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئارغۇن خاقاننىڭ خېتىنى ۋە سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرىدۇ. پارىژدا يېرىم ئايغا يېقىن تۇرۇپ فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بور شەھىرىگە بېرىپ ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېدۋارد1بىلەن كۆرىشىدۇ.1288-يىلى سائۇما دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە پاپا نىكۇلاس4نىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىغىدىن خەۋەر تېپېپ ،قايتا رىمغا بېرىپ ،دۆلەت خېتى تاپشۇرىدۇ . پاپا ئارغۇننىڭ خىرىستىئان دىنىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىگىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ئۇ 1294-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بۇلغان<21>
ئۇمۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلاپ تاكى 16-17-ئەسىرلەرگىچە موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۇزلۇكسىز تەسىر كۅرسىتىپ كەلگەن بۇلۇپ،بۇ خىل تەسىر ھاكىمىيەت باشقۇرۇش،لەشكىرى ئىشلار ،تىل-يېزىق ،دىۋان ئىشلىرى،دىپلۇماتىيە،مالىيە-ئىقتىسات ،تىبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگىچە ئەكىس ئىتىپ،تارىختا ئوچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.
تۇگەللىمە:ئۇيغۇر لار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى مۇنداق بىرنەچچە دەۋىرگەبۇلۇشكە بولىدۇ:قەدىمقى يىنسەي،ئۇرخۇن،سىلىنگا،سىبىرىيە،ئۇتۇكۇن قاتارلىق پايانسىز تۇزلەڭلىك،يايلاقلاردا بىللە ياشىغان تۇققاندارچىلىق خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت؛كۅكتۇرك حانلىقى ،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،قارا خانىلار سۇلالىسى دەۋىرلىرىدىكى ئىناق خوشنىدارچىلىق خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ؛چىڭگىزخان،قۇبلايخان،چاغاتايخان قاتارلىقلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا تايىنىش،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنى ئۇمۇمىيۇزلۇك قۇبۇل قىلىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ؛تۇغلۇق تۇمۇرخان دەۋرىدىن باشلانغان تۇركلىشىش-ئۇيغۇرلىشىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت؛جوڭغارلار(ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالعان موڭغۇللار) دەۋرىدىكى تەسەۋۇپچى سۇپى-ئىشانلارغا تايىنىپ،ئۇيغۇرلارنى دەھشەتلىك ئىزىش-ئىكىسپۇلاتتاسىيە قىلىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت.(بۇ يەردە كۆپرەك موڭغۇل ھۇكۇمرانلار قاتلىمى كۆزدە تۇتۇلغان )؛چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوخشاشلا مەھكۇملۇقتا ياشاش ،تەقدىرداش بۇلۇش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت دىيىشكە بولىدۇشىڭخەي ئىنقىلاۋىدىن كىيىن، بۇلۇپمۇ جۇڭخۇاخەلىق جۇمھۆريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن،ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى قىرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋەت ئاساسىدا ساغلام تەرەققى قىلماقتا
يۇقارقىلاردىن كەلىمە ھاسىلات شۇكى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەردىن باشلاپلا،باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن،بۇلۇپمۇ جۇغراپىيىۋىي، تارىخىي ۋە سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇ خىل تەسىر ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.بۇلۇپمۇ بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان. شۇ ۋەجىدىن بۇ ماقالىدا پەقەت مۇشۇ بىر نوقتا ئۇستىدىلا توختىلىشقا توغرا كەلدى.ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قەيىت قىلىپ ئۇتۇش زۇرۇركى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ خۇددى باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش تارىخى،جۇغراپىيىۋىي ۋە سىياسى ئجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ،مەسىلەن:ئەرەپ،پارىس،موڭغۇل،مانجۇ،خەنزۇ،ئۇرۇس،ھىندى،ئىنگىلىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى،مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ كۈچەيتىپ كەلگەن.لىكىن ھەرگىزمۇ جۇغراپىيىۋىي ۋە ھەرخىل تارىخىي، سىياسى، ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە قۇشۇلۇپ ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتمىگەن،ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۇچىنى ئىزچىل ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.شۇڭا شۇنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەككى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاش ھازىرمۇ ۋە كەلگۇسىدىمۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك جەزبىدارھاياتى كۇچىنى مەڭگۇ نامايان كىلىدۇ..
ئاپتۇرنىڭ ئۆزرىسى: ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى كۆپ تەرەپلىمە ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ،مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.بۇماقالە پەقەت مېنىڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش-ئىزدىنىشىمنىڭ ئازغىنە نەتىجىسىى بۇلۇپ،ئېنىقسزلىق،سەھۋەنلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالماسلىقى مۇمكىن.ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ كۆزىدە قارىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
مەنبەئاچقۇچى:
<1>ئۇلانزالات:‹‹تۈركلەربىلەن موڭغۇللارئايرىلىشتىن بۇرۇنقى پاكىتلار››،ئۇلانزالات بىلۇگى،2007-يىل،12-ئاينىڭ18-كۈنى.
<2>تۇجى(چىڭ سۇلالىسى):«مۇڭغۇل تارىخى»"تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"،3048-بەت.جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى،1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.
<3>جۇۋەينى)ئىران>>:(جاھاننى بويسۇندۇرغۇچىلار تارىخى<<-،50-49بەتلەر.ئىچكى مۇڭغۇل نەشىرياتى،1980-يىل،خەنزۇچە نەشرى.
<4> تۇجى(چىڭ سۇلالىسى):«مۇڭغۇل تارىخى»،351-بەت.
<5>ۋاڭ جىلەي:‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى››،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،1999-يىل نەشرى.
<6>كۇﺭﻩﺵ ﺗﺎھﯩﺮ>>:ئۇيغۇر تارىخشۇناسلغىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى<<،ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ »ژۇرنىلىنىڭ 1999 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ، 2 - ﺳﺎنلىرى.
<7>ئۇلياستۇ؛«ئۇيغۇرچە مۇڭغۇلچە ئاھاڭداش ۋە مەناداش سۆزلەر».ئىنتېرنىت،«ھون مۇنبىرى»،2006-يىلى5-ئاينىڭ23-كۇنى.
<8>.‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.
<9>جۇچى(چىڭ سۇلالىسى):«مۇڭغۇل تارىخى»"تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"،3048-بەت.جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى،1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.
<10>ياڭ فۇشۆ>>ئۇيغۇرلار ۋە بۇددا دىنى<<168-،170-بەتلەر.شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،1998-يىل خەنزۇچە نەشرى.
<11>جۇچى)چىڭ سۇلالىسى>>): (مۇڭغۇل تارىخى"<<پراجناشرىنىڭ تەرجىمىھالى"3260-بەت.جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى،1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.
<12>ليۇزىشياۋ>>:ئۇيغۇرتارىخى»-574بەت.مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988- يىل نەشرى.
<13>ۋاڭ جىلەي:«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»،326-بەت.شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،1999-يىل نەشرى.
<14>،<15>،<16>،<17>،<18>،<19>،<20>غەيرەتجان ئوسمان:«ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»،117-بەتتىن165-بەتلەرگىچە،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،2002-يىل نەشرى.
<21>«جۇڭگۇ بۈيۈك ئىنسكلۇپېدىيىسى»- جۇڭگۇتارىخى - يۇەن سولالىسى تارىخى- "راببان سائۇما قىسمى " خەنزۇچە نەشرى، 56-بەت .
پايدىلانما ئاساسلىرى:
1.ئۇبۇلغازىى باھادىرخان:‹‹شەجەرىي تۈرك››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىل،نەشرى.
2.‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.
3.مەھمۇدكاشىغەرىي‹‹تۈركىي تىللاردىۋانى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1981-يىل نەشرى.
مىللەتلەر نەشىرياتى،1988-يىل نەشرى.:‹‹ئۇيغۇرتارىخى«ليۇزىشىاۋ.4
شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ،2007-يىل نەشرى. ‹‹ تارىخى رەشىدىي ››مىرزامۇھەممەد ھەيدەركۇرەگان.5
شەجەرەئى تۇرك››،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،2002-يىل نەشرى››ئەبۇلغازى باھادىرخان.6
مىللەتلەرنەشىرياتى،1986-يىل نەشرى.<<7موللامۇساسايرامى:‹‹تارىخى ھەمىدى
.8ۋ.ۋ.بارتولدى:‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى››شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،1980-يىل خەنزۇچە نەشرى.
2008-يىلى 10-ئۆكتەبىر، كاشىغەر شەھرىدە يېزىلدى.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
ئۆزبەكىستان كىنوچىلىقىدىكى چولپان ئەلشىر ۋە يېڭى ئاكتىيور ئابلىكىم ئاب
2011-11-13ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى(ياسىنجان مەمتىمىن)
2010-12-26