سىناق(ئەنۋەر ئۆمەر)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-08 19:26:15

سىناقئەنۋەر ئۆمەر ئۆتكەن زاماندا يىراق جاڭگالدىن تۇز ئەكېلىپ شەھەرگە ئەكىرىپ سېتىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان كەمبەغەل بىر كىشى بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ھەم ئەدەپ-ئەخلاقلىق بىر قىزى بو...

    سىناق
    ئەنۋەر ئۆمەر


       ئۆتكەن زاماندا يىراق جاڭگالدىن تۇز ئەكېلىپ شەھەرگە ئەكىرىپ سېتىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان كەمبەغەل بىر كىشى بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ھەم ئەدەپ-ئەخلاقلىق بىر قىزى بولۇپ، بۇ قىزغا شۇ يۇرتتا نام-ئاتاق قازانغان بىر بايۋەچچىنىڭ كۆزى چۈشۈپ، شۇ قىزنى ئەمرىگە ئېلىش نىيىتىگە كەپتۇ ۋە قىز سوراپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ.
    ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالغان تۇزچى كىشى ئەلچىلەردىن بايۋەچچىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، بايۋەچچىنى ئالدىغا چاقىرىپ شۇنداق بىر شەرت قويۇپتۇ،−مەن ھەر كۈنى ئېشىكىمگە ئارتىپ بىر يول تۇز ئەكېلىپ شەھەرگە ئەكىرىپ سېتىپ، شۇ پۇل بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداپ ئۆتىمەن. سىز ماڭا راستتىنلا كۈيئوغۇل بولماقچى بولسىڭىز ئۈچ كۈنگىچە شەھەر سىرتىغا چىقىپ مېنى كۈتۈپ تۇرۇڭ. مەن يېتىپ كەلگەن ھامان مەن بىلەن ئېشىكىمنى ھەيدىشىپ، شەھەر ئىچىدە مەن تۇزنى سېتىپ بولغۇچە مەن بىلەن بىللە يۈرۈڭ،−دەپتۇ.
    بۇ شەرتنى ئاڭلىغان بايۋەچچە ئۇزاق ئويلىنىپ، ئۆزىچە تۇزچى دېگەندەك قىلسا ئۆز ئىززەت-ئابرۇيى يەر بىلەن يەكسان بولىدىغاندەك ھېس قىلىپ قىزنى ئەمرىگە ئېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىتۇ-دە، كېتىپ قاپتۇ.
    بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان تۇزچىنىڭ قىزى دادىسىنىڭ بايۋەچچىگە نېمىشقا مۇنداق شەرت قويغانلىقىنى سوراپتۇ.
    تۇزچى كىشى قىزىغا جاۋاب بېرىپ:
    −ئالەم بالام، كىشىلىك ھايات سىناق مەيدانىغا ئوخشايدۇ. مەن ئۆزۈمچە بۇ بايۋەچچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ كۈنۈمگە قالسا، قانداق قىلار،−دېگەننى ئويلاپ قالدىم، شۇڭا ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سىناپ باققانىدىم. ئۇ ئۆتەلمىدى،−دەپتۇ.
       ئەتراپىمىزغا ئەستايىدىل نەزەر سالساق، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىچى-ئىچىدىن دادلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز، ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشساق ئۇلار ھال ئېيتىپ، كىچىك ئىشنى ياراتماي ياكى نومۇس قىلىپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى، يوغانراق بىر ئىش قىلاي دېسە قۇربى يەتمەيۋاتقانلىقىنى دەپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھەسرەتكە دۇچار بولۇشىنىڭ سەۋەبى. ھالى يوغانلىق ئۇ ياشلارنى خاراب قىلىۋاتقان چوڭ دۈشمەن. بىلسىڭىز، بەلكىم سىز ياراتمايۋاتقان ئاشۇ كىچىك ئىش كەلگۈسىدىكى يوغان ئىش تەۋرىتىشىڭىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز بۈگۈن ياراتمايۋاتقان شۇ ئىشنى ئەتە باشقىلار روياپقا ئېلىپ چىقىپ، كەلگۈسىدە سىزنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ، سىزنى نادامەت چەكتۈرمىسۇن. بۇ، ئىرادىڭىزنى سىنايدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنۋەر ئۆمەر