ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟!

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-17 06:04:57

ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟! ئىشقا كېتىۋاتقان ئىدىم ، توساتتىن كۆز ئالدىمدا قوغلاشماق بولۇپ كەتتى . نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم . قارىسام بىرقانچە كىشى پاتراقشىپ بىر ئۆسمۈر بالىنى قوغلاۋاتا...

    ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟!

     

               ئىشقا كېتىۋاتقان ئىدىم ، توساتتىن كۆز ئالدىمدا قوغلاشماق بولۇپ كەتتى . نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم . قارىسام بىرقانچە كىشى پاتراقشىپ بىر ئۆسمۈر بالىنى قوغلاۋاتاتتى ، ھەممىسى تۇشمۇ – تۇشتىن «ئوغرى ، يانچۇقچى ، تۇتۇڭلار»دەپ ، ۋارقىرىشاتتى. يولدىكى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان باشقىلارمۇ دەرھال ھېلىقى بالىنى تۇتۇشقا ئاتلىنىشتى. سەل ئالدىمىزدا ئاپتوبۇس بېكىتى بار بولۇپ، ھېلىقى بالا تۇيۇقسىز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ بۇرۇلۇپلا كەينىگە قاچتى، مەن نېمە بولغىنىنى ئايرىپ بولغۇچە باشقىلار ئۇنى تۇتۇۋالدى. ھېلىقى مېلىنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچى بالىنىڭ چېچىدىن تۇتىۋېلىپ يۈز – كۆزلىرىگە ئۇرۇپ كەتتى ، تۇرۇپ قورساقلىرىغا تېپىشەتتى ، بىرقانچە كىشى بالىنى ئورۇۋېلىپ بىرسى تىللىسا ، بىرسى ئۇرۇپ – دۈشكەللەپ دېگەندەك بالىغا ئازار قىلىشتى  ….

    - ئوغرىلىق قىلغاندىن كېيىن ساڭىمۇ ھەق ، مىللەتنىڭ يۈزىنى يەر قىلغۇچە ھالال ياشىساڭ مۇنداقمۇ خار بولماستىڭ ، ئۆز بېشىڭنى ئۆزۈڭ يەپسەن دەپ، يولۇمغا ماڭماقچى بولدۇم ….
    توختا ! توساتتىن خىيالىمدىن ، بۇ بالىمۇ ئىنسانغۇ ؟! ئوغرىلىق قىلدىمۇ دەيلى ، يانچۇقچىلىق قىلدىمۇ دەيلى ، ئۇنى نېمىشقا خورلايمىز ؟! ئەجىبا ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ غۇرۇرى، ئىنسانىي ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشى كېرەكمۇ ؟! …
    - توختاڭلار ! – دېدىممەن ، ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ، – نېمىگە بۇنچە بۇ بالىغا ئۇۋال قىلىسىلەر ؟!
    - مېنىڭ پورتمالىمنى ئوغرىلىدى بۇ يانچۇقچى .
    -شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق ئۇۋال قىلساق توغرا بولامدۇ ؟! كىچىك ئۆسمۈر بالىكەنغۇ ؟
    - خەقنىڭ يانچۇقىدا ئانىسىنىڭ ھەققى باردەك ئوغرىلىغاندىن كېيىن ، ھەق بۇ گۇيلارغا …
    -بۇنداق دېسەك قاملاشمايدۇ ، ئوغرىلىق قىلغىنى بۇ بالىنىڭ خاتا . ئەمما ، بۇ بالىنى جازالاش قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئىشى ، سىزنىڭ ئىشىڭىز ئەمەس . تۇتۇۋالغان بولسىڭىز 100 مېتىر ماڭسىڭىز ساقچىخانا بار شۇ جايغا تاپشۇرۇپ بېرەيلى ، ياكى ساقچىغا تېلېفون قىلايلى . شۇلار قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىدۇ. ئەمما ، سىز بۇ بالىنى يا ساقچىغا ئاپارماي، يا قويۇپ بەرمەي بۇنداق ئۇرۇپ – دۈشكەللىسىڭىز قانۇنغا ئۇيغۇنما ؟ ئەجىبا سىزنىڭ بۇ قىلىمىشىڭىز ئىنسانىي قىلمىشما ؟ بۇ قانۇنسىز قىلمىش ئەمەسما ؟ بۇ بالىدا ئىنسانىي ھوقۇق ، ئىنسانىي غورۇر يوقما ؟! …
    ھاياجىنىمنى باسالماي تازا سۆزلەپتىمەن . دېمىسىمۇ بىچارە بالا تاياق – توقماقنىڭ دەستىدىن بەكلا ياۋاشلاپ قالغان ئىدى.
    -سەن نېمەڭگە بۇ بالىغا بۇنچە چاپان ياپىسەن ؟! شېرىكىمىتىڭ يا ؟! …
    -جېنىم يولداش ، مەنمۇ ساڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى ، پارتىيىنىڭ ئاكتىپ ھىمايىچىسى ، بۇنداق ئاساسسىز ماڭا تۆھمەت قىلساڭ بولمايدۇ. يا مەن بىلەن بىرگە بۇ بالىنى ساقچىغا تاپشۇر ، ياكى بۇ بالىنى قويىۋەت ! بۇنداق ئۇرۇپ – توقماقلىساڭ ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ ….
    ….. …. ….. ….
    ئۇزاق تالاشمىدىن كېيىن ، ھېلىقى «قەھرىمان»  تۇتۇۋالغۇچىلار بالىنى قويۇپ بەرگەن بولدى. بالىغىمۇ كۆپ تەربىيە قىلدىم . شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم . يولدا ماڭغاچ خىيالىمدىن جىق نەرسىلەر كەچتى ….
    ئوغرى – يانجۇقچىلاردا غورۇر يوقمۇ ؟ ئۇلاردا ئىنسانىي ھوقۇق يوقمۇ ؟! … بىز ئۇلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خالىغانچە ھاقارەتلىسەك، خالىغانچە ئۇرۇپ – دۈشكۈللىسەك توغرا بولامدۇ ؟! …
    مېنىڭچە، ئۇلاردىمۇ غورۇر بار. ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان جەمئىيەت ئارقىغا چېكىنمەيدۇ، بەلكى تەرەققى قىلىدۇ. مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە پۇقرالار جازالاش ھوقۇقىنى ئەدىلىيە سىستېمىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بولمىسا قانۇننىڭ نېمە يۈزى بولسۇن ؟! …

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوغرى ئادەم