ئۇيغۇرلار نامازنى مۇنداق ئۆتەيدۇ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 19:01:49

ئەگرى-بۈگرى تۈزگەن سەپلىرى ،ئارلىقىدىن شەيتان قاترايدۇ .ئاڭسىزلىقنىڭ يوقمىدۇر چېكى ،ئىمام كۈندە قاقشاپ ھارمايدۇ .....سەجىدىگە قويساڭ بېشڭنى ،چىداپ بولماس پايپاق پۇرايدۇ .گۇمانىم بار قېرىندىشىم...

     

     

     

    ئەگرى-بۈگرى تۈزگەن سەپلىرى ،
     ئارلىقىدىن شەيتان قاترايدۇ .
     ئاڭسىزلىقنىڭ يوقمىدۇر چېكى ،
     ئىمام كۈندە قاقشاپ ھارمايدۇ .....

     

     سەجىدىگە قويساڭ بېشڭنى ،
     چىداپ بولماس پايپاق پۇرايدۇ .
     گۇمانىم بار قېرىندىشىمغا ،
     تاھارەتنى قانداق ئالغاندۇ ....

     


     سەنئەت سۆيەر مۇسۇلمان خەق بىز ،
     تېلغۇنلاردىن ناخشا سايرايدۇ ،
     تەن مەسچىتتە تۇرغىنى بىلەن ،
     خىيال نەدە ئۇسۇل ئوينايدۇ ....

     

    مۇسۇلمان بىز ھەم ئوغرى خەق بىز ،
     مەسچىتلەرمۇ ئامان قالمايدۇ .
     دەككە دۈككە تۈگەيدۇ  ناماز ،
     بۇسۇغىدا ئاياق ئىزلەيدۇ .....

    مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئۆتەۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولمىدى ،لېكىن بىرە قېتىممۇ نامازنى قانائەتلەنگۈدەك
     خۇشال ئۆتەپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن ،،،،ئىمام ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەگبىر ئېيىتسا ھەممىسى خىيالى
     ئولتۇرغان ،قەدقامەتسۇلاتۇ دىگەن يەرگە كەلگەندە ئاندىن ئېرەنچەكلىك بىلەن ئۇرۇنلىرىدىن تۇرغان ،
     ئىمام قۇلاق قېقىىپ نامازنى باشلىغاندا ئاندىن سەپ تۈزەشكە كىرىشكەن ،،،،بەزى چاغلاردا
     ھەممىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قوڭىغا تەپكۈم كېلىدۇ ،ساقاللىرىدىن سۆرەپ تالاغا چۆرىۋەتكۈم كىلىدۇ ،،،
     ياشلا رياخشى ،ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە قېرىلار شۇنداق تەرسا كېلىدىكەن ،،،يېنىمدا بىر تاغا دىمەتلىك
      بىرسى تۇرۇپتىكەن ،ئارلىقىمىز خېلى بوش ،مۇياققا يېقىن تۇرۇۇ دەپ پېشىدىن بوشقىنە تارتىۋىدىم ،
     ئاۋازىنى چىقىرىپ «كېلىۋاتىمەن مانا !» دەپ ۋارقىرىماسمۇ ،ئىزا تارتىپ كەتتىم ،،،شۇندىن بېرى
      ياش بالىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆتەيدىغان بولدۇم .،..

     

    ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori
     

    -------------------------------

    بۇ يازمىنىڭ ئىگىسىگە دىگۈم بار... ئىمان ناماز ئوقۇشلىمۇ؟
     بىز نامازدىن بۇرۇن بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەيمىز، رەھمان...رەھىم  يەنى بىز ئاللاھنى مېھرىبان ۋە رەھىمدىللىكتە ياد ئېتىمىز. سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ناماز ئوقۇۋاتقاندا مۇسرىكلار بېشىغا ژىن ئارتىپ قويغاندىمۇ چىچاڭشىپ كەتكەن ئەمەس. فاتىمە كېلىپ ئېلىۋەتكەندە « ئى ئاللاھ ئەپۇ قىلغىن ، ئۇلار بىلمەيدۇ» دىگەن. ئېسىڭىزدە بولسۇن مۇشرىكلارغا...

        مەسجىدلىرىمىزنىڭ، جامائەتلىرىمىزنىڭ مەسىلىسى بىر-ئىككى كۈندە پەيدا بولغان ئەمەس، شۇڭا بىر-ئىككى كۈندە ھەل بولمايدۇ... ئەپۇچان، مېھرىبان، كۆيۈملۈك بولغىنىمىزدا خەلقىمىزنىڭ نەقەدەر سۆيۈمۈلك، جامائەتلىرىمىنىڭ نەقەدەر پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىز. مەسجىتتىكىلەرنى تۈز تۇرمىدىڭ دەپ قوڭىغا تەپكۈڭىز كەلسە كىرمىگەنلەرنى، ھەتتا ئۆمرىدە كىرمەيدىغانلارنى قانداق قىلىسىز؟
         قېرىندىشىمىزغا ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ مۇشۇ جامائەتنىڭ نامراتلىقىدا ، مەسجىتلىرىمىزنىڭ تالىقى ۋە جامائەتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ... مەسجەىت پۇراپ قالسىمۇ بىز ئۈچۈن ئەتىر يېقىلغان بۇتخانىلاردىن ئوبداندۇر... مەسجىتلىرىمىزنى ياخىشىلاش ئۈچۈن قابىل بولۇڭ، ساخاۋەت قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولۇڭ... ئۆزىڭىزگە  ناباپ جامائەت ۋە ناباپ مەسجىدلىرىمىزگە مېيىپ ئاتا-ئانىڭىزغا قارىغان كۆزىڭىزدە ، نامرات قېرىندىشىڭىزنىڭ ئۆيىنى كۆرگەندىكى كۆزىڭىزدە قاراڭ... ئۇنتۇماڭكى ناۋادا ئەقىل ۋە مۇھەببەت كۆزى بىلەن قارىسىڭىز بۇ ۋەيرانچىلىق ئارىسىدىكى  تىل بىلەن سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز گۈزەللىكنى كۆرەلەيسىز...
         ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ناماز پەقەت ئىماننىڭ بىر تېمىدۇر، ئىماننىڭ يەنە باشقا تۈۋرۈكلىرى ۋە بېزەكلىرى بار، ئەمما ھىچقايسى مېھرىبانلىقنى چەتكە قاقمايدۇ، نامازدىكى مەقسەد ساۋاپ ئۈمىد قىلىش- ناۋادا مەسجىدتە بىرەرسىدىن خورلانسىڭىز ۋە ئۇنىڭغا سەبرى قىلسىڭىز ھەتتاكى ياخشىلىق قىلسىڭىز مانا بۇ ئىمان قەلبىدىن ئورۇن ئالغان كىشىنىڭ ئىشىدۇر. 
        ئۇنتۇماڭ قېرىندىشىم، قەلب تۇپراقتۇر، ئىمان دەرەخكە ئوخشايدۇ. قەلب قاتتىق بولسا ئىمان ياخشى كۆكلىيەلمەيدۇ.
       ئىسىل مەسجىد ئىسىل جامائەت بىلەن بولغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى بولغىنىدەك ئەبگاھ مەسجىد، قوپال جامائەت بىلەن بولغان ئىبادەتتىنمۇ ھەسسىلەپ ئەجىر ئالىسىز بەلكى ئالدىنقىسىدىن كۆپراق...
         سەبرە قىلايلى، مەنچە سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ ئاچچىقىڭىز كەلمەيدۇ  بەلكى چوقۇم ئەجەپ مەن ئويلىماپتىمەنا دەپ قالىسىز... سەمىڭىزگە سالغىنىمنى كەچۈرگەيسىز...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇرلار ناماز