توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-27 00:43:09

توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭقەلەم تەۋرەتكۈچى: ئابدۇللا تۇردى(ئەلبەھرە)مۇندەرىجەپاراڭ بېشى1- توربەتلەر ئارا قوللاش ۋە ھەمكارلىق2- نېمە ئۈچۈن تور بەت قۇرىمىز؟3- تور بەتلەرنىڭ ئونۋېرساللىقى ۋە مەخسۇس...



     

    توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ

     

    قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئابدۇللا تۇردى(ئەلبەھرە)

     

    مۇندەرىجە

     

    پاراڭ بېشى

    1- توربەتلەر ئارا قوللاش ۋە ھەمكارلىق

    2- نېمە ئۈچۈن تور بەت قۇرىمىز؟

    3- تور بەتلەرنىڭ ئونۋېرساللىقى ۋە مەخسۇسلىشىشى

    4- توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش

    5- باشقۇرغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە تور بەتنىڭ سۈپىتى

    6- تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى

     

     

    پاراڭ بېشى

     

    تارىم شېئىرىيەت تورى(ھازىرقى نامى ئەلبەھرە تورى) «ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە» تېمىسىدىكى تور مۇھاكىمە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. تورداشلار بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى، تەسىرى، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى مۇنازىرە-مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى، كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.مەزكۇر يازمىنى شۇ پىكىرلەر ئاساسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە-مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق تەييارلاپ، شۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ  سەمەرىسى سۈپىتىدە تورداشلار ۋە بېكەت باشلىقلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق.

    ئامېرىكا ئالىمى ئىدگارد سۋائىن مۇنداق دېگەن: «گۇمان يوقكى، زامانىمىز خام خىياللار ھالاك بولىدىغان زامان…تۈنۈگۈن ماختانغان نەرسىلىرىمىز ئەمدىلىكتە مەسخىرىگە ئايلاندى»، «بۈگۈنكى كۈندىمۇ قانائەتلىنىپ يۈرۈۋاتقان كىشىلەر بەكمۇ پەخەس بولسۇنكى، بولمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ تولىمۇ چاكىنا ھەم ئەرزىمەسلىكىنى بىردىنلا بىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ».سەگەك تورداشلارغا ئايانكى، تور بەتچىلىكىمىزدە يول يىراق، ۋەزىپىلەر مۈشكۈلدۇر. ئىشىنىمىزكى، تور بەتچىلىكىمىز ھەققىدە مېڭىلەر ئويلاشتىن، قەلەملەر تەۋرەشتىن توختاپ قالمايدۇ.

     

     

    توربەتلەر ئارا قوللاش ۋە ھەمكارلىق

     

    تور بەتچىلىكىمىزنىڭ تارىخىنى ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرۇلغان ۋاقتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئازغىنا كەم 15 يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا، نۇرغۇن بېكەتلەر قۇرۇلدى، نۇرغۇن بېكەتلەر تاقالدى، تور بەتچىلىكىمىز نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. كۆپلىگەن ئىرادىلىك قېرىنداشلىرىمىز تور بەتچىلىكىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، تور بېكەتلەرنى قۇرۇپ، تورداشلارنىڭ ئورتاق بەھرلىنىشىگە ئېچىپ بەردى.

    ھازىرقى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سانى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز، لېكىن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىكى بېكەت سانى ۋە مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىكى سان-سېفىرلارغا ئاساسەن، نۆۋەتتە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر 1000 دىن ئېشىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

    نۆۋەتتە، تور بېكەت قۇرغانلار ۋە قۇرماقچى بولغانلار، شۇنداقلا تورداشلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سانىدىن كۆرە سۈپىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش.

    ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تور بەتچىلىكىمىز كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يەردە تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەردىن بىرىنى يەنى تور بېكەت باشلىقلىرى قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە قوللاشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقساق.

    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تور بېكەت قۇرۇش مودا بولغاندەك، ئازراق كومپيۇتېر بىلىمى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى بارلار مەخسۇس ئۆزىمىزنىڭ تور بېكىتىنى قۇرىۋاتمىز (كەمىنە مۇئەللىپمۇ شۇ قاتاردىن قالمىغان). (خاتا چۈشىنىش بولۇپ قالمىغايكى،
    بۇنداق دېيىش ئارقىلىق، بېكەت قۇرغانلارنى ۋە قۇرماقچى بولغانلارنى ئەيىپلەش، قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سېپىش نېيىتىمىز يوق. تور بېكەت قۇرغانلار ۋە قۇرماقچى بولغانلارنىڭ نى-نى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇلۇغۋار مەقسەدلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كېچىنى كېچە دېمەي قان-تەر ئاققۇزىۋاتقانلىقى كۆڭلىمىزگە ئاياندۇر.)
    لېكىن، ئۇچۇرنىڭ يېڭىلىنىشى، بېكەتنىڭ موقىم يۈرۈشلەشتۈرىلىشى، تور ئەھلىگە كېرەكلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، تور ئەھلىگە ئەمەلىي "نەپ بېرىش" بىلەن بىرگە، مۇناسىپ ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان تور بېكەتلىرىمىز
    يەنىلا ئاز بولىۋاتىدۇ.

    تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلغان تور بېكەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، لېكىن، ئۇلارنىڭ تور بېكەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلساق، بىزگە پايدىلىق بولسا، ئۆرنەك قىلساق، تور بېكەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىز مۇمكىن. بىزدىمۇ بەيدۇ، شىنلاڭ، سوخۇ، ۋاڭيى، تېڭشۇن، يوكۇ، 56، تۇدو دېگەندەك داڭلىق تور بېكەتلەر چىقىشى مۇمكىن.

    ھازىرقى چوڭراق بېكەتلىرىمىز ئۆز يولىدا داۋاملىق مېڭىپ تەرەققىي قىلىشنى خالىسا، ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسە، ئەگەر باشقا تور بېكەتلەر بىلەن بىرلىشىشنى، ھەمكارلىشىشنى، قوشۇۋېلىشنى خالىسا، ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا بىرلەشسە، ھەمكارلاشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

    ئوتتۇرا-كىچىك بېكەتلەرگە كەلسەك، مەزمۇن جەھەتتە يېقىنراق كېلىدىغان بېكەتلەر ئەڭ ياخشىسى پاي قوشۇش شەكلىدە شىركەت قۇرۇش ياكى گۇرۇپپا-ئەترەت شەكلىدە بىرلىشىپ باشقۇرسا ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. بۇنداق قىلغاندا، ھەم بېكەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتقىلى، ھەم كۆپچىلىكنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىشقا قاراتقىلى بولىدۇ. زىيارەتچىلەر نىسبەتەن مەركەزلىشىدۇ، بېكەتنىڭ ئۇچۇر بايلىقى كۆپىيىدۇ، يېڭىلىنىشى تېزلىشىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىرقانچە بېكەتتىكى ئۇچۇر بايلىقى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بىرلەشسە، ياخشى بىر بېكەت مەيدانغا كېلىدۇ. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن گەپ بار.

    بەزى ئوتتۇرا-كىچىك بېكەتلەرنىڭ ئاتامانلىرى ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇشى، تور بېكىتىنى كەلگۈسىدە چوڭ بېكەتلەردىن قىلىپ چىقىش ئىرادىسىگە كېلىپ ئىش باشلىغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەگەر ئۇلار بىرلىشىشنى ئەمەس، بېكەتنى مۇستەقىل باشقۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭقارارىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە.

    يېڭىدىن تور بېكەت قۇرماقچى بۇلغانلارمۇ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىش كېرەككەن. ئەگەر ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىسا، ئايرىم بېكەت قۇرىمەن دېمەي،
    قۇرماقچى بولغان تور بېكەت بىلەن ئوخشاشراق بېكەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇناسىپ سەھىپە ئېچىپ، ئەقىل-پاراسىتىنى شۇ يەردە نامايان قىلسىمۇ بولامدىكىن دەيمەن.

    يەنە بىر مەسىلە، ئاز بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنى سەمىمىي قوللاش ئورنىغا، كۆرەلمەسلىك، بىر-بىرىنى سېسېىتىش، ئۆزىنىلا ئويلاش، ھەمكارلىققا سەل قاراش، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، باشقا بېكەتنىڭ ۋە بېكەت باشلىقىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىللەتلەرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى.

    «جۇڭگۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتچىلىكى خەنزۇلاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بارىكەن. بۇ گەپنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم. ئەل سۆيەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە تور بەتچىلىكىمىز ھەقىقەتەن كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. لېكىن، تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقمۇ ئاز ئەمەس.

     

     

    نېمە ئۈچۈن تور بەت قۇرىمىز؟

     

    ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى پەيدىن-پەي ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت بىر تۈرلۈك ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىسى بولۇپلا قالماي، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت –مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرچە تور بەت قۇرغانلار كۈندىن-كۈندىن كۆپەيمەكتە. تور بەت سانىنىڭ كۆپۈيىشى بىر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تۈرلۈك ئېھتىياجىغا ماسلاشسا، يەنە بىر جەھەتتىن سۈپەت مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
    تور بەت سۈپىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن، تور بەت قۇرۇشتىكى مەقسەد-مۇددىئانى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ
    تور بەت قۇرۇشتا، ئومۇمەن، مۇنداق بىر نەچچە خىل مەقسەدلەر بولۇشى مۇمكىن:
    1-
    شىركەتلەر ئۇچۇر تارقىتىش ۋە شىركەت ئوبرازىنى يارىتىشنى مەقسەد قىلىپ تور بەت قۇرۇش؛
    2- توردىن پايدىلىنىپ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تور بەت قۇرۇش؛
    3- تور بەتنى سېتىپ پايدا ئېلىشنى مەقسەد قىلىپ تور بەت قۇرۇش؛
    4- قىزىقىش ۋە ھەۋەس سەۋەبلىك تور بەت قۇرۇش؛
    5- ئېلان قويۇپ پۇل تېپىشنى مەقسەد قىلىپ تور بەت قۇرۇش؛
    6- باشقىلارنى دوراپ تور بەت قۇرۇش؛
    7- ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تور بەت قۇرۇش؛
    8- مەلۇم ئىددىيە-ئېتىقاد ۋە كەسپنى مەقسەد قىلىپ توربەت قۇرۇش قاتارلىقلار.
    بەزى توربەتلەر يۇقۇرىدىكى بىر نەچچە خىل مەقسەدنى كۆزدە تۇتۇپ قۇرۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
    بىزدىكى تور بەتلەرگە قارايدىغان بولساق، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك مەقسەدتىكى تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقىلارنى دوراپ قۇرغان تور بەتلەر، قىزىقىش ۋە ھەۋىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان تور بەتلەر بىر قەدەر كۆپ، تور بەتنىڭ سۈپىتى ۋە موقىملىقى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس
    تور بەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن تور بەت قۇرۇشنى ئوبدان ئويلاش كېرەك. تور بەت قۇرۇش مەقسىدىگە ئاساسەن، تور بەتنى قايسى شەكىلدە، قايسى ئۇسلۇبتا، قانداق قۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ. مەيلى قانداق تور بەت قۇرمايلى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

     

    تور بەتلەرنىڭ ئونۋېرساللىقى ۋە مەخسۇسلىشىشى

     

    تور بەتلەرنىڭ ئونۋېرساللىق ۋە مەخسۇسلىشىش مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. بىزدە ئونۋېرسال بېكەتلەر ھەددىدىن زىيادە ئونۋېرساللىشىپ كەتكەن، كەسپىي بېكەتلەرمۇ ئاتاقتا كەسپىي بېكەت، ئەمەلىيەتتە شۇ بېكەت تاللىغان كەسپ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتسىز باشقا تېمىلارنىمۇ ئېلان قىلىۋېرىپ، ئونۋېرسال بېكەتكە ئوخشاپ قالغان. بۇ تور بەتچىلىكىمىزدە پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىمىزنىڭ بىر بەلگىسى بولىشىمۇ مۇمكىن. بىز دەۋاتقان پىشىپ يېتىلمىگەنلىك تور بەت قۇرغۇچىلارغىلا قارىتىلىپ قالماستىن، يەنە تور بەت زىيارەتچىلىرىگىمۇ قارىتىلىدۇ.

    كەسىپلىشىش بىلەن ئونۋىرساللىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن نازۈك ۋە باش ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بازارلاردىكى تاللا بازىرى ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. قارايدىغان بولساق، توربەتلىرىمىزدە ھەممە نەرسىنى تۆكمە قىلىۋىتىدىغان داشقايناق ھادىسسى ھەقىقەتەن ئېغىر دەرىجىدە ساقلانماقتا.

    مەخسۇسلاشقان كەسپىي تور بەتلەر تېما ۋە زىيارەتچى قەھەتچىلىكى تۈپەيلىدىن ئونۋېرسال تېمىلارنى ئېلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن. كەسپىي تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان ۋە كەسپىي تېما يوللايدىغان زىيارەتچىلەر توپى كۆپەيگەنسىرى كەسپىي بېكەتلەرنىڭ كەسپىيلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىشى مۇمكىن.


    ئونۋېرسال بېكەتلەرنىڭ ھەر ساھەگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشى نورمال ئەھۋال، لېكىن، بۇنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئونۋېرسال بېكەتلەر تېما تاللاشتا يەنىلا مەلۇم چەكنى ئېگىلىگىنى ياخشى، كەسپچانلىقى يۇقۇرى بولغان، ئونۋېرسال بېكەتلەردە ئېلان قىلىش تازا مۇۋاپىق بولمىغان تېمىلارنى ئېلان قىلمىغىنى تۈزۈك. شۇنداق بولغاندا، ئونۋېرسال بېكەتلەر ئۆزىنىڭ مۆتىدىللىكىنى، تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ، كەسپىي بېكەتلەر مەخسۇسلۇقىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇكەسپىلىكى كۈچلۈك تېمىلار كەسپى بېكەتلەردە ئېلان قىلىنسا، شۇ يەردە ئۆز ئورنىنى ۋە قەدرىنى تاپالايدۇ، كەسپى بېكەتلەر ئۆز ساھەسىدىن ھالقىغان باشقا تېمىلارنى ئېلان قىلمىسا، كەسپىيلىكى، خاسلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

     

     

    توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش

     

    تور بەتلىرىمىزدە كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش توغرىلىق كۆپ تالاش-تارتىشلار بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ. كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش
    چېتىلىدىغان تەرەپلەرمۇ بىر قەدەر كۆپ يەنى ئاپتور(ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى)، كۆچۈرىۋالغۇچى، دەسلەپ ئەسەر ئېلان قىلغان ياكى يۆتكەپ ئىشلەتكەن تور بېكەت، ئەسەرنى نەشىر قىلغان نەشىرىيات ياكى گېزىت-ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بەزى تور بېكەتلەر ۋە ژورنال تەھرىر بۆلۈملىرى ھەتتا ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشتى. لېكىن، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاندەك ئەمەس.

    كۆچۈرمىكەشلىك ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

    كۆچۈرمىكەشلىك دېگەندە، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى شۇ پېتى ياكى ئازراق ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئۆز نامىدا ئېلان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقتۇر، ئەسەر ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلمىشلارغا قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماسلىق، قەيەردە بايقىساق، ۋاقتىدا پاش قىلىش، ئىنكاس قىلىش، چەكلىشىمىز كېرەك. بەزى تورداشلار توردا ئەسەر كۆچۈرۈش ناھايىتى ئاسان دەمدۇ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىنىڭ نامىدىلا يوللىشىدۇ.

    يۆتكەپ ئىشلىتىش دېگەندە، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ، ئاپتۇرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ۋە ئەسەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

    يۆتكەپ ئىشلىتىش تور بەتتىكى ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، گېزىت-ژۇرنال ياكى كىتابتىكى ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

    توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ كىتاب، گېزىت-ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرگە ئوخشاشلا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئەسەر ئاپتۇرى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

    گېزىت-ژۇرنال ۋە باشقا تور بەتتە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    دۆلىتىمىزنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى شۇنداقلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەر ئاپتۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلمىغان ئەسەرلەرنى، ئاپتۇرنىڭ ياكى ئېلان قىلغان گېزىت-ژۇرنال، تور بېكەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قانۇندا ئىجازەت بېرىلگەن. بۇنداق بەلگىلىنىشى ئەسەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننىڭ بەھىرلىنىشىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.

    يۆتكەپ ئىشلىتىشتە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

    بىرىنچى، ئەسەر ئاپتۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى ياكى تور بېكەت ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چوقۇم يۆتكەپ ئىشلەتمەكچى بولسا، ئەسەر ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەك.

    ئىككىنچى، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى ئاپتۇرنىڭ ياكى ئېلان قىلغان گېزىت-ژۇرنال، تور بېكەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ قانۇندا ئىجازەت قىلىنغان ئەھۋالغا تەۋە بولىدۇ.

    ئۈچىنچى، يۆتكەپ ئىشلەتكەندە، ئاپتۇرغا مۇناسىپ ھەق بېرىش كېرەك. ھەق ئۆلچىمىدە دۆلەتنىڭ قەلەم ھەققى ئۆلچىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. ئەگەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلاشمىسا، قەلەم ھەققىنى دۆلەتلىك نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ ۋاكالىتەن بېرىپ قويۇشىغا تاپشۇرسا ياكى ئاپتۇر ھەق تەلەپ قىلغاندا بىۋاستە بەرسىمۇ بولىدۇ.

    تۆتىنچى، يۆتكەپ ئىشلەتكەندە، ئەسەر ئاپتۇرىنى، ئەسەر مەنبىئىنى ئىزاھلاش كېرەك.

    بەزى تور بېكەتلەر ياكى ژۇرناللار تورىمىزدا- مۇنبىرىمىزدە ياكى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان يازمىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى تور بېكىتىمىزگە، ژۇرنىلىمىزغا تەۋە، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، خىلاپلىق قىلسا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەپ يېزىپ قويۇشىدۇ. بۇ باياناتنىڭ چەكلەش كۈچى قانداق بولىدۇ؟

    يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئاپتۇرغا تەۋە بولىدۇ. ئاپتۇر يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلمىغان ئەسەرلەرنى ياكى
    تور بېكەت ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلماي تۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى ئاپتۇرنىڭ ياكى ئېلان قىلغان گېزىت-ژۇرنال، تور بېكەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ قانۇندا ئىجازەت قىلىنغان ئەھۋالغا تەۋە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تور بېكەت ياكى ژۇرناللارنىڭ ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسىنى ئالمىغان ئەھۋالدا ئېلان قىلغان يۇقۇرىقىدەك باياناتى ئەگەر ئەسەر ئوغرىلاش-كۆچۈرمىكەشلىككە ئەمەس، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قارىتىلغان بولسا، ئۇ بايانات قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئادەتتە ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.

     

     

    باشقۇرغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە تور بەتنىڭ سۈپىتى

     

    تور بەتچىلىكىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە قارايدىغان بولساق، تەرەققىيات ئاز ئەمەس، لېكىن، مەسىلە ۋە نوقسانلارمۇ ئاز ئەمەس. «نۆۋەتتىكى مۇنبەرلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئاۋات تېمىلار ، ئىنكاسلىق تېمىلارنىڭ نەدىكى خەقنى چۈشۈرىدىغان ، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ، ئوغرى ، قاراقچى ، پاھىشە ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ، باسقۇنچىلىق قىلغان ، ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان ، ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ئازدۇرۇپ ، يامان يوللارغا باشلاۋاتقان ... ئەسەرلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىمىز . بۇلار ھازىرقى تورلىرىمىز شۇنداقلا مۇنبەرلىرىمىزدە ئەڭ كۆپ ھۆكۈم سۈرىۋاتقان تېمىلار بولۇپ قالدى». مىللەتنى سۆكىدىغان ، خانىم - قىزلىرىمىزنى ، ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنى بۇزۇق ، پاھىشىگە چىقىرىۋېتىدىغان تېمىلار ئىنكاسلار كۆپلەپ يېزىلدى. كىشىلەرنى تەربىيەلەش خاراكتېرلىك تېمىلار، تورداشلار ھەقىقىي بەھرە-نەپ ئالالايدىغان يازمىلار، رېئال تۇرمۇشقا قارىتىلغان يازمىلار ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەسقاتىدقغان يازمىلار ئاز بولدى. ھېچقانداق مەنىسى يوق ، تورداشلارنى ئەھمىيەتسىز سۆھبەت ۋە تالاش-تارتىشقا سېلىپ قويۇپ ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرۈشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان تېمىلار خېلى سالماقنى ئىگىلىدى.

     

    تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسلىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز ، مۇستەھكەم مەيدانى يوق، توغرا پىكىر قىلالايدىغان ، تورداشلارنى توغرا يېتەكلىيەلەيدىغان ، ئىنكاس يېزىش، باشقىلارنى قايىل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان باشقۇرغۇچىلار ئاز.


     

    ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى كۈنسىرى تېزلىشىۋاتقان، رىقابەت ۋە خىرسقا تولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇ رىقابەت دەۋرىدە تور بەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتلەرمۇ كەسكىن بولىۋاتىدۇ. رىقابەتتە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈن، تور بەتلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تاللىشى، تېمىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوبرازىنى تىكلىشى زۆرۈر بولماقتا.

     

    تور بەتلەر ئارا رىقابەت كۈچىيىۋاتقان شارائىتتا، تور بېكەتلىرى ئالدى بىلەن باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەخلاقىي، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

     

    ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى بولۇشتىكى مۇھىم ئۆتكەل. باشقۇرغۇچىلار كەسپىي ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەشكىللەش، ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى، شۇنىڭدەك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تىلنى توغرا ئىپادىلەش، كەسپىي سۆھبەت، يېزىقچىلىق، كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش، بولۇپمۇ بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى كۈندىن - كۈنگە قىسقىراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىلىمنى يېڭىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، بىر ئىزدا توختاپ قالماي يېڭى بىلىم ئۆگىنىشى ۋە چۈشىنىشى، بىرقەدەر مول تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

     

    ھازىر بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلىغاندا، ئەسەرنىڭ ئىملاسىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ماقالە تىلىنىڭ ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك بولغان - بولمىغانلىقى، مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى - كېينلىك تەرتىپىنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقى، ئەسەردە لوگىكىلىق زىددىيەتلەرنىڭ ھەتتا بەزى ئىلمىي خاتالىق ۋە تېخنىكىلىق نۇقسانلارنىڭ بار - يوقلۇقى قاتارلىقلارغا سەل قارايدۇ. سۈپەت تەلىپىگە لايىق بولمىغان يازمىلارنىڭ تەستىقلىنىشى تور بەتنىڭ ئىناۋىتى، زىيارەتچىنىڭ نەزىرىدىكى ھۆرمىتىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تېمىلار باشقۇرغۇچىنىڭ خاملىقى بىلەن كەسپىي ساپاسىنىڭ چولتىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

     

    باشقۇرغۇچى تورداشلارنىڭ ئېھتىياج ۋە تەلەپلىرىنى چىقىش قىلىشى كېرەك. باشقۇرغۇچى تورداشلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە ، ئۇلارنىڭ قايسى خىلدىكى تېمىلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تورداشلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجىغا ئاساسلانغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىر - تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ھەم تور بەت نەپ ئالايدىغان، ھەم زىيارەتچى نەپ ئالالايدىغان، ھەم ماقالە يوللىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىنىڭ ھاردۇقى چىقدىغان ئەسەرلەرنى روياتقا چىقارغىلى بولىدۇ.

     

    باشقۇرغۇچىلار ماھىيەتتە تاللىغۇچى، پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى ۋە ئۇنى تېخىمۇ كەڭ تارقاتقۇچىلاردۇر. باشقۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن ئىدىيىدە ئىلغار بولۇشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا ماقالىنىڭ سۈپىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى لازىم. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا باشقۇرغۇچىدىن سىستېمىلاشقان ئەخلاقىي ساپانى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.


     

    باشقۇرغۇچىلىق تور بەتچىلىك ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. توربەت سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى باشقۇرغۇچىنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋى ۋە كەسىپ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تور بەتتىكى تېمىلارنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى ھەر خىل بولغاچقا، باشقۇرغۇچىدىن ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقۇرغۇچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدان چىقىشى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

     

    تور بەتكە يوللىنىدىغان تېما ھەرخىل بولىدۇ. بۇ باشقۇرغۇچىلاردىن ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى يۇقۇرى دېيىشكە بولىدۇ. بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەزگۈرلىكى زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆز-ئۆزىدىن ئەنسىرەپ، سىياسىيغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بىردەك تەستىقلىمايدىغان ئەھۋاللارمۇ ساقلاندى. پۇقرالار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئەدلىيە تۈزۈمى قاتارلىق ساھەلەر ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەنقىت ۋە تەكلىپ بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. موشۇ خىلدىكى تېمىلارنى سىياسىيغا چېتىلىدىكەن دەپلا تەستىقلىمىسا، تور بەتلەر قايسى بىر ھەمجىنىسلارنىڭ بەتقىلىقلىرى، ئاتا قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى، ئۆزئارا تونۇشۇپ قالايلى دېگەندەك تېمىلار بىلەن توشۇپ كەتسە، شۇ ئارقىلىق زىيارەت قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ئېلان كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈنلا تىرىشىپ، تېما تاللاش ۋە شاللاشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، بۇنداق توربەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى قانچىلىك بولماقچى. .(بىزنىڭ بۇيەردە تور بەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىنى چەتكە قېقىش ئويىمىز يوق. مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي ئۈنۈم مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمىز) باشقۇرغۇچىلار تۈرلۈك قانۇن-سىياسەتلەرنى پىششىق ئۆگىنىپ، قايسى تېمىدا سىياسىي جەھەتتە مەسىلە بار، قايسى تېما قانۇن-سىياسەتلەرگە ئۇيغۇن، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا پايدىلىق دېگەننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر.

     

    باشقۇرغۇچىلاردا ئەتراپلىق بىلىم بولمىسا بولمايدۇ. باشقۇرغۇچىلار ئىمكان قەدەر ھەر ساھەدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار ئادەم بولسا، تېما تەستىقلاش ۋە تەھرىرلەشتە قىينالمايدۇ. تورغا يوللانغان تېمىلارنىڭ دائىرىسى ھەرقايسى ساھە، كەسىپ ۋە ھەرقايسى سەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، باشقۇرغۇچىلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئەتراپلىق بىلىم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

     

    باشقۇرغۇچىلاردا خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھى بولۇشى تېخىمۇ مۇھىم. باشقۇرغۇچىلىق جاپالىق ئەمگەك بولۇپ، ياراملىق باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن خەلقىم ئۈچۈن مىننەتسىز ئىشلەيمەن، دەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك.

     

    باشقۇرغۇچىلار داۋاملىق ئۆگىنىپ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرمىسا، تېمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، شۇڭا، داۋاملىق ئۆگىنىپ، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، يېڭى بىلىملەر بىلەن ئۆزىنى بېيىتىپ تۇرۇشى كېرەك.

     

    باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ساپاسى ئۇلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتىدۇر. تىل جەھەتتىكى ساپا گىرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، لوگىكا جەھەتتىكى ساپانى كۆرسىتىدۇ. باشقۇرغۇچىلەر گىرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، لوگىكىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلمىسە، خەۋەر –ماقالىدە خاتا سۆز –ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن، سۆز –جۈملىلەرنى توغرا قوللانماسلىقتىن، كېسەل سۆز –جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن، نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆز –ئىبارىلەرنى توغرا قوللانماسلىقتىن ساقلىنالمايدۇ.

     

    كۆپلىگەن باشقۇرغۇچىلار توربەتتە ئېلان قىلىنىدىغان يازمىلارغا گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە-ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ دېيىشىدۇ. بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن، بەزى ئەقەللىي تەلەپلەرنى يەنىلا نەزەردىن ساقت قىلىشقا بولمايدۇ.

     

     

    تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى

     

    تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ۋە قانداق ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئازراق بولسىمۇ باش قاتۇرۇپ، بۇ ھەقتە بىر نەچچە پارچە يازما يېزىپ مۇنبەرلەرگە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ كۆپ قىسمى ياخشى باھالارنى بېرىپ رىغبەتلەندۈردى. دەسلەپ يىغىپ رەتلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ، «تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى» تېمىسىدا بىر پارچە يازما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئەلكۈيى تورىدا «جىن» ئىسىملىك تورداشنىڭ «مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ۋە قارابەگ بلوگىدا«<مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟>كە قوشۇمچە» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
    بۇ ئىككى ماقالىدە تور بەتلەردە مۇنازىرىنى قانداق قىلىش، مۇنازىرە ئەخلاقى، مۇنازىرىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ. ناھايىتى ياخشى باھا ۋە ئىنكاسلارمۇ چۈشكەن. بۇ ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ، تور بەتلەردە مۇنازىرە ئەخلاقى ئۈستىدە دېمەكچى بولغانلىرىمنىڭ ئاللىقاچان دېيىلىپ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ ئويلىغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە ئەتراپلىق، چۈشىنىشلىك ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە دېيىلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم
    تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بەھرىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ مۇنازىرە ئەخلاقىغا دائىر قىسمىنى ئالايىتەن تەۋسىيە قىلدىم. تورداش جىن ۋە قارابەگكە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.

    1


    «دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، پۇقرالارنىڭ ھەق-ھۇقۇقى. تور قانۇنى دىگەندەك تۈزۈملەرگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، سەزگۈر مەسىلىلەرگە قارتا تېخىمۇ سەزگۈر بۇلۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى، توردا مېنى بىرسى كۆرمىدى پايدىلىنىپ دىيۋېلىشىم كېرەك دەپ. ئويلىغاننىڭ ھەممىنى دىيىشكە ، نىمە دىگۈڭىز كەلسە شۇنى دىيىشكە بولمايدىغان قانۇنغا خىلاپ گەپ - سۆز قىلىشقا بولمايدىغان،ئىناقلىقنى ، تېنچلىقنى تەكىتلەيدىغان بىر ماكان ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك !،ھەممىمىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى مۇنبەر ئىللىقلىقى بولسا ھەر بىر مۇنبەرداشنىڭ قانچىلىك ئىللىق سۆھبەت قىلالىشىدا ،قانچىلىك ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى ساقىليالىشىدا ،دەلىل قاراتمىلىقى، بىلىم يۈكسەكلىكىگە تۇتقان پۇزىتسىيەرىدە. ھەر بىر تورداش ئۆز بىلىمىگە -ساپاسىغا يارىشا مۇنبەردە تەسىرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. قەستەنگە ئادەم تىرىكتۇرۇش ، يوق يەردىن گەپ ئىزدەش ئۆزىمىز بىلمىگەن مەسىلىلەردە ئالدىراقسانلىق قىلىپ تاشلاش قاتارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىنسا بۇ يەردە چوقۇم ئەڭ ياخشى مۇنازىرە مۇنبىرىنى قۇرغىلى. ئەڭ ئىناق-ئىتتىپاق مۇھىتنى بەرپا قىلغىلى،ئېللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى ،ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ ،

    مۈنازىردىكى مۇھىم بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ، 
    -1
    مۇنازىرغا قاتناشقۇچى مۇنازىرە قىلىنغان تېمىنى ياخشى ئۇقۇشى ،ياخشى چۈشنىشى ،يېزىلغان ئىنكاسلارنى ياخشى ھەزىم قىلىشى لازىم، تېما ئىنكاسلارنى ياخشى ئوقۇماي قارىغۇلارچە سۆزلەپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك ، 
    يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرە قىلغاندا بولسا قارشى تەرەپنىڭ سۆزنى تۇلۇق ئاڭلىشى سۆزنى بۆلمەسلىكى قارشى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كىيىن گەپ قىلىش ، 
    2-
    مۇنازىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بۇلىشى ئۇچۇنAـ تەرەپ ئۆز سۆزىنى كۈچلەندۈرگۈچىBتەرەپAتەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئېلمىيلىك -دەلىل ئىسپاتلار بىلەن رەت قىلىشى ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلغۇچى تەرەپدار بۇلۇش كىرەك، ئەدەب ئەخلاق سۆز ئۆلچىمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك ،

    مۇنازىرىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟!

    1- مۇنازىرە قىلغۇچى مۇنازىرىنىڭ قائىدىلىرىنى تېما -ئىنكاسلارنىڭ قاراتمىلىقىنى شۇنىڭدەك نېمىدە مۇنازىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك،( شىئېر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋېتىپ قانۇن جىنايەت تېمىلىرغا پوپلستىك ئەسەر ھېكايىلەرگە ئۇتۇپ كېتىشتەك خاتالىقلاردىن ساقىلىنىش كىرەك
    2-
    ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئوچۇق -ئېنىق تېمىلاردا مۇنازىرە قىلماسلىق تالاش -تارتىشنى قەستەنگە قايتىلاپ سۆزلەپ ئولتۇرماسلىق سۆز قىلغاندا رەتلىك قايىل قىلارلىق سۆزلەش، 
    3-
    سۆزلۈكلەر رەتلىك بۇلۇش قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بۇلۇش ، 
    4-
    دىيلمىلەردە دەلىللىك بۇلۇش، مىساللار ئېنىق بۇلۇش ، ئۇيغۇر تىلنىڭ نامايەندىسى ئوبرازلىق ئېچىپ بىرلىشى كىرەك ،

    مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئەدەب -ئەخلاقى

    دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ فورمۇلاسى قائىدىسى بولىدۇ ،مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ياخشى رەۋىشتە داۋاملىشىشى رەنجىيدىغان تىل سالىدىغان ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ يۇز بەرمەسلىكى مۇنازىرە كەيپىياتىنىڭ ئىللىق پايدىلىق بۇلىشى ئۇچۇن مۇنازىرە قىلغۇچىلار ئەدەپ-ئەخلاقىنى بىر نەچچە تۈرگە بۈلۈپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ،

    1- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى كىشى قارشى تەرەپكە سەلبىي تەسىر بەرمەسلىكى ئۆزىنى بەك چوڭ كۆرسىتىپ قارشى تەرەپنى ئۇجۇقتۇرۇپ گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويماسلىقى،مۇنازىردىكى مەقسەت يەنىلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى ساقلاپ ئەڭ توغرا بولغان بىر كۆز -قاراشقا يىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىشى كىرەك ، 
    2-
    مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى قارشى تەرەپ كىم بولۇشتىن قەتئىي ئۇنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى ، ھەقىر سانىماسلىقى، كەمسىتمەسلىكى ، بىر نەرسە بىلمەيدۇ دىمەسلىك كىرەك ،مۇنازىرە ئىشتراكچىسى ھەرقانداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ بۇ مۇنازىردىكى رولىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى. قارشى تەرەپ بولغىنى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دانا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ قارشى تەرەپكە ياكى مۇنبەر ئشتىراكچىسغا ئۇزۇنى بىلدۈرۈش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن سۈيۈنۇپ مەمنۇن بۇلىشى .قارشى تەرەپكە رەھمەت دېيىشى كىرەك ، 
    3-
    مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قارشى تەرەپنى بەك بىلىملىك ھەممىنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى، نۆۋىتى كەلگەندە مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرغا قويشى كىرەك ، ھەرگىزمۇ تىترەپ تۇرماسلىقى باشقىلار نىمە دەر؟ يېڭىلىپ كەتسەم نىمە بۇلار ؟ دېمەسلىكى مۇنازىردەكى ئەڭ مۇھىم ھالقا مۇنازىرە قىلىۋاتقان تېمىدا ئەڭ توغرا كۆزقاراشقا ئىگە بۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك ، 
    4-
    مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قوسىقى ئاچ ياكى ئالدىراش ھالدا تېمىغا ئىنكاس يازماسلىقى، ياكى پات ئارىدا مۇنبەردە بولالمىسا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى، ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشى ،ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرىگە قاتناشماسلىقى كىرەك ،ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا روھى ھالىتى ياخشى بولمىغانلىقى ئۇچۇن ئالدىراشلىقتا بەزى خاتا سۆزلەپ قۇيۇشى ،ياكى گەپنى چوڭ قىلىپ قۇيۇپ مۇنبەردىن يوقاپ كېتىپ قارشى تەرەپكە مۇنازىرە ئىشتىراكچىلىرىغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويشى مۇمكىن ، روھى كەيپىياتى چاغ ھالدا مۇنازىرىگە قاتناشسا ئىنكاسلىرمۇ چاغ چىقىپ باشقىلارنى قايىل قىلارلىق دەلىل بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ ،ئالدىراڭغۇلۇقتا خاتا سۆزلەپ سېلىشتىن تېت-تېت بولغاندا كىشىنىڭ ئاڭ قاتلىمى جايىدا بولماي خاتالىق ئۆتكۇزەپ سېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ،گەپنى چۇڭ باشلاپ يۇقاپ كەتسە باشقىلارنىڭ ئالدىدا دېگەن سۆزى ئىناۋەتتىن قالىدۇ ،بۇ بىر ھىساپتا باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بۇلۇپ بۇ ھالەت ئۆزىگىمۇ باشقىلارغىمۇ ياخشى ئەمەس،

    5- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىلمى ساپاسىغا يارىشا قارشى تەرەپ پىكىرلىرىنى چۈشەنگەن ئاساستا پىكىر قاتناشتۇرۇشى، ئۆزىدە ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق ھالدا قەستەنگە باشقا گەپلەرنى قىلىپ مۇنازىرە كەيپىياتىنى سۇغۇقلاشتۇرماسلىقى كىرەك ، (ياندا تۇرۇپ دەرس ئاڭلىسىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ)

    6- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى بىر ئېغىز گەپ بىلەن قارشى تەرەپنى بولدى قىل دەپ قستىماسلىقى كىرەك ، مۇنازىرىنى رەتلىك چۈشەنچىلىك دەلىل قائىدىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىش ،قانچىكى ئۇزۇنغا سوزۇلسا شۇنچە ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارا بۇلىشى ئېلىم -مەرىپەتنىڭ ئېشىكىنىڭ ئېچىلىشى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلىش كىرەك ،

    7- ھەر بىر مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى مېنىڭلا راس دەپ تۇرۋالماسلىقى، ھەقىقەت كىمدە بولسا شۇنى ئئتراپ قىلىشى، مۇنازىرە قىلىشتىكى مەقسەت مەلۇم مەسىلىنى دەلىللەش ،مۇئەييەنلەش ئىكەنلىكىنى ھەر زامان ئۇنتۇماسلىقى ،ئەگەر خاتا چۈشنۈلۇپ قارشى تەرەپنىڭ توغرا بولسا قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتىشى پىكىر ئەسەبىيتى قاتماللىقتىن خالى بۇلىشى كىرەك ،

    8- ھەر بىر مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قانداق ئەھۋالدا ( سىنىڭ مۇتلەق خاتا)، (سەن دۆت كالۋا)، (سەن ھېچنىمىنى بىلمەيسەن)، دىگەندەك سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك ئەگەر شۇنداق ئاتىغان ھامان شۇ سۆزلەرنى تىلغا ئالغان كىشى ئەللامە بولسىمۇ ئەخلاق ئادىمىيلىك ئالدىدىكى پۇزىيتسيەسى بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئېلىشى كەچۈرۈم سورىشى كىرەك ،ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا قەلبى ئازار يېگەن مۇنازىرەداشلار بىلەن بۇ كەيپىياتتا مۇنازىرە داۋام قىلالمايدۇ ،

    9- مۇنازىرە پايدىسىز سۆزلەر بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلماسلىقى ،شۇنىڭدەك بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن بولدى قىلىنماسلىق كىرەك ،

    10- مۇنازىرىدە چۈشۈنۈشلۇك ئاممىباپ سۆزلەرنى ئىشلىتىش ياكى چۈشەنچە بىرىش كىرەك ،

    11- مۇنازىرە شاخلاپ كەتمەسلىكى قايسى تېمىدا گەپ بولۇنسا دېيىلمىلەرمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇش كىرەك،

    12- ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ مۇنازىرىدە يېڭىلگېنىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئاخىرقى نەپسىڭىز ئەمەس، ئۇنچە ئۇڭايسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەڭ توغرىنى بىلىش ھاياتتىكى قەرزىڭىزدۇر،قارشى تەرەپ مۇنازىرىدە سىزگە مېھرى بېرىپ سىزنى مەلۇم جەھەتتىن بىلىمگە ئىگە قىلالىسا بۇ خىل ئەھۋال تەبىئىيكى قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمى، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماي ياش نوتىلارغا ياردەم قىلىشى بىلىمنىڭ زاكىتى، ھەم ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر، سىز ،مەن ،ئۇ بۇ سورۇندا ھەرگىزمۇ ئوز-ئارا دۇشمەن ئەمەس ،تىلىڭزىنى ،دىنىڭىزنى ،دىلىڭىزنى بىلىشىدىغان بىر قوۋمنىڭ ئوغۇل-قىزىسىز ،! ئاغزىڭىزغا كەلگەننى دەپ جۆيلىمەي مۇنازىردىكى قارشى تەرەپنى ئۆزەمنىڭ قېرىندىشى . مىنىڭ بارلىقىم (چۈنكى سىز ئۇيغۇر ناملىق قوۋمنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بۇ قەۋم. سىز، مەن، ئۇ، لاردىن تەركىپ تاپقان سىزنىڭ ئۇيغۇر دېگەن توپقا ئەزا بۇلىشىڭىز ئۇ ،سەن ،مەن ،بىز،لەر بولغانلىقىدا ) سىز بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا خوشاللىق ھېس قىلىمەن ، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز مىنىڭ خوشاللىقىم دەپ قاراڭ ، بىلىم ئېلىش سىزگە پەرز،مۇنازىرە ئىنكاسلارغا شۇنداق مۇئامىلە قېلىڭكى بىرەسى سىزنىڭ ئىجادىيتڭىزنى تەنقىت قىلسا سىزگە پايدىلىق، سىز ئويلىمىغان تەرەپ -پىكىرلەرنىڭ بۇلىشى مۇمكىن دېگەن ئوي -خىيال بىلەن مۇنبەرگە ئىنكاس -تېما يوللايسىز ، مۇتلەق خاتالىق، مۇتلەق توغرا ئىش بولمايدۇ، ھەقىقەتلەر بىرى -بىرسىگە يېقىنلاشسا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە،تەنقىتتىن پىكىردىن قورقۇش ياخشى ئەمەس ، شۇنىڭغا ئېشنىڭكى باشقىلارنىڭ ئېلېمى سۆزلىرىگە قۇلاق سالسىڭىز ئېلمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ،كونىلار "ھايۋان تۇۋىقىدىن سەمرە ئادەم قۇلىقىدىن" دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئەگەر سىز تېما ئىنكاسلاردا ماختاشنىلا مەقسەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىزدە . پىسخىك جەھەتتە .تىراگدىيە ئېڭى بىلمى جەھەتتە. مەسىلە باركەن دەۋېرىڭ ،مىنىڭ نەزىرىمدە سىز بەختلىك، سىز ئەڭ ياخشى ئىنسان ئاخىرەتتىكى ماقامىڭىز تېخىمۇ بۇيۈك بولغاي ،سىزگە ۋىسال تىلەيمەن ،

    نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق دېگەن گەپ بار،تېمىلاردىكى( ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن،) دېگەن ئىنكاسلا ئورنىغا ئېلمى پاكىتلىرى بىلەن ئىجادىيتىڭىزدە ماۋۇ يەر خاتا دەپ بەرسە نىمە بوپتۇ؟! ئۈلۈپ قالامدۇق ؟ ئورنىمىزدىن قوپالماي ياتامدۇق؟ ئەگەر ياخشى باھا بەرگەنگە خوش بۇلۇپ ئاسمانغا تەلپەك ئېتىپ ،سەلبىي باھا بەرسە ئۆلگۈدەك ئاچچىقلىنىپ يېتىپ قىلساق ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ ،ئەمدى بىز مىشچانلىقىمىزنى تاشلايلى! ئويۇنغا ئەمەس بىلىمگە يۈزلىنەيلى ! سىز ھەرقانداق بىر تېما -ئىنكاسنى يېزۋاتقىنىڭزدا سىزنىڭ تما-ئىنكاسىڭىزنى پۇتىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەر گىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ ،ھېچكىم بىلمەيدىغۇ دەپ (قانداقتۇر بىر ئىسىم بىلەن) كىرىپ بىرسىگە ھاقارەت قىلغىنىڭىزدا ۋىجدانىڭىز سىزنى سوتلىيالمىسا ئىمانىڭىز سىزنى توسۇپ قالالمىسا ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ ! ئىشقىلىپ ئۆزىمىزگە، باشقىلارغا يۇز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايلى! قانداقتۇر بىرسىنىڭ بىرە ئېغىز خاتالىقى ئۇچۇن كەينىگە كىرۋالمايلى ،ئادەم دىگەندە خاتالىق ئۆتۈلىدۇ قارشى تەرەپكە ئىلمى مۇئامىلە قىلساق قارشى تەرەپمۇ بىزنى چۈشنىدۇ ئىللىق كەيپىيات بارلىققا كىلىدۇ ،بۇ ئۆتنە ئالەم باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغاندا چوقۇم سىزنىڭمۇ بىر كۈنى شۇنداق ئورۇنسىز باشقىلار تەرىپىدىن كۆڭلىڭىز غەش قىلنىدغانلىقڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، ئۇ سىزنىڭ ئاكىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ ئىنىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىز ،ھەدىڭىز ئىشقىلىپ سىزدە بار گېننىڭ بىر پارچىسى ، سىز ھۆرمەتلەشكە سىز سۆيۈشكە قۇچاقلاشقا ئەرزىيدىغان بىرى، ھەرگىزمۇ نەشتېرڭىزنى سانجىماڭ لۈكچەكلىك بىلەن بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەرقى بولسۇن!

    سىز نېمىنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ،نېمىگە قىزىقسىڭىز ،نېمىنى سۆيسىڭىز شۇنى تاپىسىز ،باشقىلارنى سۆيگىنىڭىز، ئۆزىڭىزنى سۆيگىنىڭىز، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز،ھاياتنىڭ مەناسى پەقەتلا سۆيگۈدە! » («مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟» ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى)


    2


    «مېنىڭ قارىشىمچىمۇ ئادەتتە ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر، پىشقان، مول تەجىربىگە ئىگە، بىر قەدەر ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەر، دەل بىزنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردىن يۇقۇدىغان ئەمەلى نەپمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. بۇخىل كىشىلەرنىڭ تېمىغا نىسپەتەن پىكىر قىلىشى قانداقتۇر تېمىنى ئىنكار قىلىش ياكى تېمىنى رەت قىلىش بولماستىن بەلكى تېمىغا نىسپەتەن تۇلۇقلاش رولىنى ئويناپ، تېمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇغانسىرىڭىز ئوقۇغۇڭىز كېلىدۇ. چۇنكى ئۇ سىزگە بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، تەپەككۈرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇپ، تەبىئەت، جەمىيەت توغرىلۇق تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلۇنىشىڭىزغا يىتەكلەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى مۇنازىرە جەريانىدا بايقاش ئانچىمۇ تەس ئەمەس. بىز تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، مەنىسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ، تېمىدا نىمە دىمەكچى، قايسى مەسىلىنى يورۇتماقچى ئىكەنلىگىنى چۈشنۈپ بلغاندىن كېيىن چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل ئوقۇساقلا تېمىغا نىسپەتەن ئەتراپلىق پىكىر قىلغانلارنى ئاسانلام بايقىۋالايمىز.
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇنازىرىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىنكاستا يېزىلغان سۆزلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە مۇنازىرە جەريانىدا ئېغىزدىن چىققان سۆز ئەمەس، دىمەكچى بولغان ئوي-پىكىر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن مۇنازىرىدە سۆز ئويۇنى قىلىشقا، قارشى تەرەپنىڭ دىققەتسىزلىكتىن قىلىپ قويغان بىرەر ئېغىز سۆزىگە ئېسىلىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ. مۇنازىرىدە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىغىمىز، ئىنكاستا نېمە دىمەكچى، قايسى پىكىرنى ئىلگىرى سۈرمەكچى، ئاخىرىدا قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى ئىكەنلىگىنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئاندىن ئۆز باھايىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. مۇنازىرىدە ئېغىر بېسىق، سالماق بولۇش، ئەتراپلىق پىكىر يۇرگۈزۈش، سۆزىدىن پۇتاق چىقارماسلىق، ئوتتۇرىغا قويغان ئوي-پىكىر ئاساسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ پاكىت، دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق رەت قىلىش، خاتالىقىڭنى ئېتىراپ قىلىشقا دادىل بولۇش، ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش- مانا بۇ مۇنازىرە جەريانىدىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقتۇر.» («<مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك؟>كە قوشۇمچە» ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى)
    ئۆتكۈر پىكىرلىك، پىشقان، مول تەجىربىگە ئىگە، بىر قەدەر ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەرگە نىسپەتەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز؟ بۇ مەسىلىگە نىسپەتەن ھەر قايسىمىز ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاچقا، تۆۋەندە مەن بىر مىسالنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. مۇنبىرىمىزدا ھازىر ئاتا تۈرك مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇيەردىن كۆرۈڭ. مۇشۇ مۇنازىرە جەريانىدا بىر توردىشىمىز دىمىگىراتىيە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى. بۇنىڭغا نىسپەتەن بەزى تورداشلار دىمىگىراتىيە ئۇنداق، دىمىكراتىيە مۇنداق، سىزنىڭ ئاتالمىش دىمىگراتىيىڭىز..دەپ ھېلىقى ئىنكاس يازغۇرىنى تويغۇزىۋەتتى. مېنىڭچە بولغاندا مەسىلىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە باھا بېرىۋېتىش ياخشى ئىش ئەمەس، بۇ يەردە دىمىگراتىيە دىدى، سىز دەر ھاللا دىمۇگراتىيە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھا بەرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قانداق پۇزۇتسىيىرىڭىز؟ سىزنىڭچە بۇ سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى سىزچىلىك بىلمەسمۇ؟ مۇنازىرىنى سىرتتىن كۆزۈتۈپ تۇرغانلارچۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭ، ئاغزاكى ئىنكاس ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكەن بىلەن مۇنازىرىدىكى ئىنكاس ئۇچۇپ كەتمەيدۇ. تارىخ بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ دىمىگراتىيىگە نىسپەتەن تاللاش ھوقۇقىمىز يوق. پەقەت دىمۇكراتىيىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەسلىگىمىز بار. شۇڭا سىز مۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز ئۇدۇللام باھايىڭىزنى بېرىپ قاراپ ئولتۇرماي، قارشى تەرەپنىڭ باھاسىنى، ئوي-پىكرىنى بىلپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئوز باھايىڭىزنى ئوتتۇرغا قويسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. شۇڭا سىز مۇنداق چاغدا «سىز دىمىگراتىيە توغرىلۇق سىز مۇنداق دىدىڭىز، مېنىڭ قارىشىم مۇنداق ئىدى» دېسىڭىز بەلكىم سىز ئويلىمىغان، سىز تېگىگە يېتىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئىستەپ يۈرگەن بەزى مەسىلىلە بىراقلا ھەل بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىراۋ سىزگە «پولو ياخشى» دىسە، سىز «پولو ياخشى ئەمەس» ياكى «پولۇ دىمىسىڭىزمۇ ياخشى» دىمەي، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىدىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «قانداقسىگە» دىسىڭىز. بولكىم پولونىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.

    3

     

    ئەگەر مۇنازىرە ئىلمىي، مەنتىقىلىق بولمىسا، ھەمىشە باشقىلارغا زەربە بېرىش، باشقىلارغا تىغ ئۇرۇش، باشقىلارنى غاجاش بىلەن داۋاملاشسا بىز بەزىبىر ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئىلمىي بولمىغان مۇنازىرىگە ئادەتتە ئۆتكۈر پىكىرلىكلەر پىكىر قاتناشتۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بىز چوقۇم ئىلمىي پىكىر قىلىپ، بىلگەننى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز. بىلمىگەننى سوراپ باشقىلارنىڭ قورسىقىدىكى ئومىچىنى چىقىرىشقا قىستىشىمىز كېرەك. پەقەت مۇنازىرە ئىلمىي، مەنتىلىق بولغاندا بەزىبىر پىكىرى ئۆتكۈر كىشىلەر تەبئىيلا مۇنازىرىگە پىكىر قاتناشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بىز باشقىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر مىۋىلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئېڭىمىزنىڭ ئېىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھى پۈچەكلىك، مەنىۋىيىتى غۇربەتچىلىككە تولغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، مەنىۋى جەھەتتىن تەپەككۇرغا باي بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.(پەنگەيارنىڭ ئىنكاسى)

     

    سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئاپتور ئىسمىنى ۋە ئەلبەھرە تورى( elbehre.com)دىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.