«ئەۋلىيا»

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-25 09:54:36

«ئەۋلىيا»بۇرۇن بىر جاھانكەزدى بولغان ئىكەن.ئۇ يۇرتتمۇ-يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا بىر ئىشەك دائىم ھەمرا ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ يەنە جاھانكەزدىلىكى بىلەن بىر يۇرتتىن يەن...



    «ئەۋلىيا»




    بۇرۇن بىر جاھانكەزدى بولغان ئىكەن.ئۇ يۇرتتمۇ-يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا بىر ئىشەك دائىم ھەمرا ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ يەنە جاھانكەزدىلىكى بىلەن بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا قاراپ ئىشىكىنى مىنىپ يولغا چىقىپتۇ. نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر چۆللىككە كەلگەندە ئىشىكى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كىتىپتۇ. نەچچە ئون يىلدىن بىرى ئۆزىگە ھەمرا بولغان قەدىردان ئىشىكىدىن ئايرىلغان جاھانكەزدى يىغا زارى بىلەن ئىشىكىنى يول ياقسىغا كۆمۈپ قۇيۇپتۇ ۋە قايتاشىدا يوقلاپ ئۆتىشى ئۈچۈن ئىشىكىنىڭ قەبرىسىگە شادا خاداپ بەلگە قىلىپ قۇيۇپتۇ.

    ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ جاھانكەزدى يەنە شۇ يولى بىلەن سەپەردىن قايتىپتۇ.ئۇ يېرىم يولغا كىلىپ قارىغۇدەك بولسا ئىشىكىنى كۈمۈپ قويغان قەبرە ئورنى گۈمبەزگە ئايلىنىپ زىيارەتچى، تاۋاپكارلار تۇلۇپ كىتىپتۇ. قەبرىنى ئوراپ تۇرغان گۈمبەزنىڭ ئىچىدە بولسا بىر شەيىخ ئىتىكاپتا ئولتۇرۇپتۇ، قەبرىگە ئۆزىگە سانجىپ قويغان بەلگە شادىسى بولسا شۇپېتى تۇرۇپتۇ، ئەمما شادىغا ھەر خىل لاتىلار باغلىنىپ سىرلىق بىر تۈسكە كىرىپتۇ. جاھانكەزدى بۇ يەردە نىمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئەتىراپتىكى تاۋاپكارلانىڭ بىرىدىن:
    -بۇ قەبرىنى نىمىشقا تاۋاپ قىلىسىلەر-دەپ، سوراپتۇ. تاۋاپكار بولسا:
    بۇ قەبرە بىر ئۇلۇق ئەۋلىيانىڭ قەبرىسى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
    جاھانكەزدى بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىپ ئۇنىڭغا :
    - توۋا ،بۇ قانداقىسىغا ئەۋلىيانىڭ قەبرىسى بولىدۇ،بۇ مىنىڭ ئىشىكىمنىڭ قەبرىسى-دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تاۋاپچى دەرغەزەپ بولۇپ باشقا تاۋاپچىلارنى چاقىرىپتۇ ۋە جاھانكەزدىنىڭ سۆزلىرىنى بايان قىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تاۋاپچىلار جاھانكەزدىنى تۇتۇپ باغلاپ،شەيىقنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپىرىپتۇ ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى شەيىقكە بايان قىلىپتۇ.شەيىق ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلىياغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىك جىنايىتى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ.

    جاھانكەزدى تاۋاپچىلارغا يالۋۇرۇپ:


    -مەن ئۆلسەممۇ مەيلى،بۇ ھەققىەتەن مىنىڭ ئىشىكىمنىڭ ئۆلىكى كۆمىلگەن قەبرە، ئىشەنمىسەكلار قەبرىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭلار، ئەگەر ئۇنداق چىقمىسا مىنى قىيما-چىيما قىلىپ ئەۋلىياغا نەزىر قىلىڭلار- دەپتۇ. تاۋاپچىلار ئۇنىڭ يالۋىرىشلىرىدىن ئىككىلىنىپ شەيىقتىن ئۇنىڭ يالۋىرىشلىرىنى ئورۇنداپ بېقىشنى ئۈتۈنۈپتۇ. شەيىق تاۋاپچىلارنىڭ پىكىرىنى رەت قىلالماي قەبرىنى ئېچىپ بېقىشقا ماقۇل بوپتۇ. تاۋاپچىلار قەبرىنى ئېچىپ قارىسا دىگەندەك قەبرىدىن بىر ئىشەكنىڭ ئۇسقانلىرى چىقىپتۇ.بۇنىڭدىن تاۋاپچىلارنىڭ يۈزى قىزىرىپ جاھەنكەزدىنى قۇيۇۋىتىپتۇ.
    دىمەك، ئەتىراپىمىزدا بۇنداق ئەۋلىيا سۈپەت تاۋاپگاھلار ئازمۇ؟ بەلكىم بىز ئەۋلىيا چۈشەنگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئاگاھ بول ئىنسان.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر «ئەۋلىيا»