ياش تۆكمە، تەبىئەت ئانا(ئەدەبىي خاتىرە)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:03:45

ياش تۆكمە، تەبىئەت ئانا (ئەدەبىي خاتىرە) 1999 - يىلىدىن باشلاپ مەركىزى كومىتېت، گوۋۇيۈەن غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت مەبلەغ سېلىش تۈرى، باج سىي...

    ياش تۆكمە، تەبىئەت ئانا
    (ئەدەبىي خاتىرە)

       1999 - يىلىدىن باشلاپ مەركىزى كومىتېت، گوۋۇيۈەن غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت مەبلەغ سېلىش تۈرى، باج سىياسىتى ۋە مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە غەربىي قىسىملارغا بولغان مەدەتكارلىقنى ئاشۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە ئوتتۇرا جۇڭگو رايونلىرى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش   مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ غەربىي رايونلارنى، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرى بولۇپ، بۇ، مەركەزنىڭ غەربىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈشتە قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.

        غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، گۈللەندۈرۈشتە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا مېڭىش ئاساسىدىكى 3 - كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش «مۇھىمنىڭ مۇھىمى» قىلىنغان بولۇپ، بىرقانچە يىل مابەينىدە بۇ جەھەتتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى راۋاجلانغان، تۇرمۇشى باياشاد، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسرالغان ۋە ياخشىلانغان، مەدەنىي تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا بەلگىلىك يۈكسۈلۈش مەيدانغا كەلدى. نوپۇس، بايلىق، تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىك مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇشتا خېلى ئوبدان خىزمەتلەر ئىشلەندى. بۇ، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ۋەھالەنكى ئايرىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى، تەبىئەتنى قوغداش ئېڭى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملىرىنى ئانچە قېتىغا ئېلىپ كەتمىگەچكە، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، پايدىلىنىۋاتقان مۇشۇ زىمىندا كېيىنكى ئەۋلادلار، يەر يۈزىدىكى جىمىكى جان - جانىۋار، مەخلۇقاتلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ھەققى بارلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ، كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، «تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش»نى نوقۇل ھالدىكى «تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلىش»، «تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دەپ چۈشىنىپ قالغانمۇ قانداق، تەبىئەت بىلەن پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ چەمبەرچەس باغلىنىشى، بىر - بىرىگە تايىنىشى جەھەتتە تولدۇرۇپ بولغۇسىز سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلماقتا. ئۆزىنىڭ ھارارەتلىك باغرىدا پەپىلەپ چوڭ قىلغان، ئەقىل - ئىدراك، روھ ئاتا قىلغان، چىدامچانلىق، كەڭ قورساقلىقنىڭ تىمسالى بولغان تەبىئەت ئانىنىڭ يۈرىكىنى قان - زەرداپ قىلىپ، كۆزىنى ئەلەملىك ياشلىماقتا. «دۇنيادىكى بارلىق ناھەقچىلىكنىڭ ھامان سورىقى بار»، بىزنىڭ تەبىئەت ئانىغا قىلغان ئۇۋالچىلىقىمىز، ئۇنىڭغا سالغان سورۇقچىلىقىمىز، بېشىمىزغا بالا بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى «ئۇر توقماق»دەك بېشىمىزدا ئەگىپ، ئۆلۈمنىڭ ھىدىنى بۇرنىمىزغا پۇراتقاندا پۇشايمان، ئۆكۈنۈشتىن دەريا - دەريا يىغلاپ، نادامەتنىڭ ئارغامچىسىدا ئۆزىمىزنى ئېسىۋالساقمۇ تامامەن كېچىككەن بولىمىز. ئۇ چاغدا بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز «ئوتتۇز يىلدا بىر ئېشەك ئويۇنى» دېگەندەكلا ئىش بولىدۇ، خالاس...

       يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، مەن مەركەزنىڭ «ئىچكى ئېھتىياجىنى پائال كېڭەيتىش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ماي ۋە ئۆكتەبىر بايراملىرىدىكى ھەپتىلىك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز خىراجىتىم بىلەن دىيارىمىزدىكى ئاتاقلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن «توققۇز بۇلاق سەيلىگاھى»، «تەڭرىتاغ سىرلىق ئورمانزارلىقى» نامى بىلەن ئاتىلىپ قېلىۋاتقان قىرمىش ئاتام مازىرى، باي ناھىيىسىدىكى ئىسسىق سۇ ساياھەت رايونى قاتارلىق ئورۇنلارغا «ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكى»نى ئۆتكۈزۈشكە باردىم. مەقسىتىم: خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە راۋاپنىڭ تارىسىدەك چاراسلاپ كەتكەن نېرۋىلىرىمنى شەھەرنىڭ ۋاڭ - چۇڭلىرىدىن خالىي خىلۋەت، جانغا ھۇزۇر، ئارامبەخش سەيلىگاھتا ئارام تاپقۇزۇش، ئەڭ مۇھىمى تەبىئەت ئانىنىڭ گۈپۈلدەپ سۇقۇۋاتقان يۈرىكىگە قۇلاق يېقىپ، ساداسىنى تىڭشاپ، بارغانچە قۇرغاقلىشىپ كېتىۋاتقان روھىمغا، ئۆز تەبىئىتىمدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان مېخانىكىلىق جىسمىمغا تەسەللىي، مەلھەم تېپىپ، ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش مەنزىلىدىكى يىگانە تېڭىرقاشلىرىمنى تەن قەپىزىمدىن ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرۈشتىن ئىبارەت...
    ھەربىر ساياھەت ئورنىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى، ھاياجىنىمنى شۇنداقلا كۆڭۈل غەشلىكىمنى زىغىرلاپ سۆزلەش بىھاجەت، مەن بۇ يازمامدا نۇقتىلىق قىلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە 1 - دەرىجىلىك ئىسسىق بۇلاق» بولمىش ئىسسىق سۇ رايونىدىكى يىلدىن - يىلغا ئازلاپ ھەم سوۋۇپ كېتىۋاتقان «ئىسسىق» سۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئادەمنىڭ دىتىغا سىغمايدىغان ئىشلار ھەققىدە توختالماقچىمەن...
    2003 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ خاسىيەتلىك بايرىمى، مەن شۇ كۈنى ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ، 18 يىلدىن بۇيان قايتا كۆرۈش نىسىپ بولمىغان ئىسسىق سۇغا باردىم. (1985 - يىلى باھار پەسلىدە بىر سىنىپتىكى 38 ساۋاقداش ئاشۇ ئىسسىق سۇ باغرىدا پراكتىكا قىلغان ئىدۇق) ئەگرى - بۈگرى، ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاغ يولىدا ئۈچ سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ چوڭ ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى  باي ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كەلدۇق.
     يەنە يېرىم سائەتچە ماڭساق ئىسسىق بۇلاققا يېتىپ كېلىمىز،  دېدى شوپۇر ئالىمجان مېنىڭ تاقەتسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ يەتكەندەك.
    تەۋەرۈك ماكان  ئىسسىق بۇلاققا يېقىنلاشقانسېرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كۈچلۈك ئىچكى ھاياجان ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. شۇ تاپتا ئىسسىق بۇلاقنىڭ 18 يىلدىن بۇرۇنقى نۇرانە سىماسى كۆز ئوڭۇمدىن بىر - بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى... ئەنە خەلقىمىزنىڭ مەردانىلىقى، قەيسەرلىكىنىڭ ھەغداسى بولغان، ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرىغا تۇتىشىپ كەتكەن قاپقارا كۆيۈك تاغ، كۆيۈك تاغ باغرىدىن ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان شىپالىق سۇ. «دەردىمگە دەۋا، رەنجىمگە شىپا بولسۇن، ئىلاھىم» دېگىنىچە غۇسلى تاھارەت بىلەن ئىسسىق سۇدا قايناپ - پىشىپ يۇيۇنۇۋاتقانلار، ياق! يۇيۇنۇۋاتقانلار ئەمەس، خاسىيەتلىك سۇ بىلەن كىر مەينەتچىلىكتىن خالاس بولۇپ، ۋۇجۇدىنى پاكلاۋاتقانلار، روھىنى تاۋلاۋاتقانلار. تاغ ئاستىدىن بىر تاشلىق تۈگمەن سۈيىدەك ئوخچۇپ چىقىۋاتقان تىلسىماتلىق مۆجىزىگە قاراپ، تەبىئەتنىڭ بۇ مەئىشىتىدىن مەمنۇن بولغىنىچە پۇرقىراپ ھور چىقىۋاتقان «قايناق سۇ»نى پۇۋلەپ ئىچىۋاتقان، قاتتىق نانلىرىنى مىنۇت ئارىلىقىدا تونۇردىن ھېلىلا سويۇۋالغان مېزىلىك توغاچتەك يۇمشىتىپ، بىر - بىرىگە تۇتىشىپ مەززە قىلىپ، ھۇزۇرلىنىپ يېيىشىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم. قىشمۇ  ياز تاغ باغرىنى ياشارتىپ، كۆكەرتىپ تۇرغان يېشىل ئارچىلار، پۈتۈن ئەتراپنى خۇشپۇراقلىققا تولدۇرۇپ تەبىئەتنىڭ سېخىلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرغان ياۋا سامساق، ياڭيۇ، پىياز قاتارلىق كۆكتاتلار، ئۆز مەيلىچە باژغانلاپ ئۆسكەن تاغ تېرەكلىرى؛ ئازغان، جىغان دېگەندەك ئىسمىنىمۇ بىلىپ بولمايدىغان تاغ گۈللىرى، تاغ ئىتىكىگە پايانداز سېلىپ، رەڭدار ئەتلەستەك تاۋلىنىپ تۇرغان مۇخ، قىياقلار، ئايىغىغا كۆز يەتكۈسىز كۆكۈل مەيدان گويا ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدىن چىققان ماي بۇياق رەسىمدەك كۆز ئالدىمدا جۇلالىنىپ، مېنى ئاشۇ تاغ باغرىدا ئۆتكەن قىسقا، لېكىن تولىمۇ مەنىلىك ئەسلىمىلەر قايناملىرىغا سۆرەيتتى. خىيالىمدىكى ئاشۇ ياپيېشىل مەنزىرە شائىر قۇربان باراتنىڭ «قاياققا نەزەر سالساڭ يېشىل ھايات، يېشىلدەك كۆرۈنىدۇ بار كائىنات» دېگەن شېئىرىنىڭ نەق ئۆزى...
    ئەنە چاچ - ساقاللىرى بۈركۈت چاڭگىسىدەك غۇژمەكلەشكەن شەيىخنىڭ ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى پات - پات سۈرتۈپ قويۇپ، ئىسسىق سۇ ھەققىدە سۆزلىگەن رىۋايەت - قىسلىرى...
    «ئەلقىسە، ھەزىرىتى ئەلى شاھى مەردان لەشكەرلىرىنى باشلاپ، مۇشۇ تاغ باغرىغا يېتىپ كەپتۇ - دە، سەپەر ھاردۇقىنى چىقارماق بولۇپ ئاتا - ئۇلاقلىرىنى ئوتقا قويۇۋېتىپ، چېدىر تىكىپ ئارام ئېلىشقا باشلاپتۇ، ئاشپەزلەر نەچچە تۇياق ئات - تۆگىنى سويۇپ، ئوچۇقچۇلۇققا قازان ئېسىپ غىزاغا تۇتۇش قىلىپتۇ، ھەزىرىتى ئەلى كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن، كېلىنى گۈلھەسەل ئايىمنى قىچقارتىپ مۇنداق دەپ تاپىلاپتۇ: «قىزىم، لەشكەرلەر ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقتا تولىمۇ چارچاپ ھالىدىن كەتتى، ئۇلار ئازراق ماغدۇرغا كەلگۈچە، سىز نەۋكەرلىرىمنىڭ ياردىمىدە بۆشۈكتىكى بالىڭىزنى ئېلىپ ئاۋۇ تاغ ئۈستىگە چىقىپ گۈزەتتە تۇرۇڭ، بىرەر شەپە بولغان ھامان دەرھال خەۋەر يەتكۈزگەيسىز، ھەرگىز بىخەستە تۇرۇپ قالماڭ، غەپلەت باسمىسۇن، بولمىسا تالاپەتكە ئۇچرايمىز...» ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، ھەزىرىتى ئەلى شاھى مەردان بىر يامان چۈشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ، قارىغۇدەك بولسا ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئاتەشپەرەسلەر ئۈن يېتىم يىراقلىقتىن سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقۇدەك، ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تەگبىر ئېيتىپ لەشكەرلىرىنى ئويغىتىپ بېقىپتۇ، لېكىن ئۇلار ھېرىقچىلىقتا لايدەك ئىزىلىپ مەلەخ - مەلەخ ئۇخلاپ كەتكەچكە كۆپىنچىسى ئۇيقۇسىنى ئاچالماپتۇ. تاغ ئۈستىگە قارىسا كېلىنى بۆشۈككە بېشىنى قويۇپ، بالىسىنى ئېمىتكىنىچە ئۇخلاپ ياتقۇدەك، ئات - ئۇلاغلىرى ئوتلاپ يىراقلپ كەتكەچكە تەڭدىن تولىسى ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەپتۇ. ئەلى شاھى مەردان ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، قازان - قازاندا پورۇقلاپ قايناۋاتقان گۆش، شورپىنى قازان بىلەنلا دۇم كۆمتۈرۈپ، مۇشرىكلەرنىڭ يولىنى توسۇپتۇ - دە، «يا پەرۋەردىگايا، ئۆزۈڭ مەدەت بەرگەيسەن!» دېگىنىچە زۇلپىقارنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ، تۇشمۇ - تۇشتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلارغا شىردەك ئېتىلىپتۇ.
    ئەييۇھانناس! قىر - چاپ دېگەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس ئىگەكىم، قانلار دەريادەك ئېقىپتۇ، باشسىز تەنلەر مۇناردەك دۆۋىلىنىپ كېتىپتۇ، ئىگىسىز ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئەتراپنى بىر ئاپتۇ، يەكمۇ - يەك تۇتۇشۇش ئاي ئولتۇرغىچە داۋام قىلىپتۇ، سۈبىھىگە يېقىن ئەلى شاھى مەردان ئۆزىنىڭ ئاز بىر قىسىم لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ساناقلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ پستىرما، مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يولىغا راۋان بوپتۇ. مېڭىش ئالدىدا ئۇ يۇم - يۇم يىغلىغىنىچە ئۆز - ئۆزىنى كاچاتلاپ، «ھەي، ئۇيقۇغا ئەسىر كېلىنچەك تاشقا ئايلىنىپ كېتەرسەن، ئات - ئۇلاغلىرىمغا ئوت بەرمىگەن تاغ، كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتەرسەن! ئىلاھىم» دەپ داد - پەرياد كۆتۈرۈپتۇ. نالە - زارىدىن زىمىن تەۋرەپتۇ، تاغلار لەرزىگە كەپتۇ، دەريالار چايقىلىپتۇ... شۇ ئەسنادا دەھشەتلىك بىر ئاۋازدىن تاغلار تارام - تارام يېرىلىپ، تاغ باغرىدىن ئۇنىڭ پۇشايمانلىق ياشلىرى ئېتىلىپ چىقىشقا باشلاپتۇ. مانا بۇ، سىلەر ئىچىۋاتقان ئىسسىق سۇ ئاشۇ كۆيۈك تاغنىڭ كۆز يېشى. كۆيۈك تاغ شۇ كۆيگىنىچە ھازىرغىچە كۆيۈۋاتىدۇ. يەنە قانچىلىك كۆيىدىغىنىنى ئاللا ئىگەم ئۆزى بىلىدۇ. تاغ ئۈستىگە چىقساڭلار تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن «كېلىن تاش»نى كۆرۈسىلەر. ھېس قىلدىڭلىمىكىن، ئىسسىق سۇدىن ئىچكەن بولساڭلار ئات گۆشىنىڭ ھىدى كېلىدۇ. بالىلىرىم، بۇ مۇقەددەس تاۋاپگاھ، خۇداۋەندى كېرىمنىڭ نەزىرى چۈشكەن، ھەزىرىتى شاھى مەرداننىڭ قەدىمى يەتكەن جاي، ھەرگىز ناپاك بەدەن، مامەھرەم خىيال بىلەن سۇغا كىرمەڭلار، بولمىسا ئىلان قوغلاپ كېتىدۇ، ئېرىمەس، مەرەز كېسەلگە مۇپتىلا بولىسىلەر، ھەرگىزمۇ...
     جىمىپلا كەتتىلىغۇ، ئاكا، ئىسسىق سۇغىمۇ كېلىپ قالدۇق مانا،   ئالىمجاننىڭ ئاۋازى خىيال يىپلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئەتراپقا يېڭى باشتىن نەزەر سېلىشقا باشلىدىم، 18 يىل بۇرۇن كۆرگەن تارتىملىق تەبىئىي مەنزىرىدىن ھېچبىر ئەسەر يوق ئىدى. ھە دېگەندەك كۆزگە چېلىقىدىغىنى قالايمىقان تاشلانغان ھاراق، پىۋا بوتۇلكىلىرى، قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەخلاەت - سۈپۈندىلەر، قىيا - چىيا توۋلىشىپ يۈرگەن يېرىم يالىڭاچ كىشىلەر ئىدى، شۇ تاپتا ئۇقۇشماي باشقا بىر جايغا كېلىپ قالغاندەك تەسىراتتا ئىدىم. تاغ باغرىغا يانداپ سېلىنغان كۆرۈمسىز ئىمارەتلەر گويا ئىسسىق سۇنىڭ مۇئەككىلى بولۇپ، گۈزەتتە تۇرغاندەك ئەتراپقا سوغۇق قارايتتى. كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە 1 - دەرىجىلىك ئىسسىق بۇلاق» دېگەن خەت بېسىلغان ئېلان تاختىسى يىراقتىن كۆزگە تاشلىنىپ ساياھەتچىلەرنى ئۆز قوينىغا چىللايتتى...
     بۈگۈن چىققانلار يەنە ئاز ئەمەسكەندە،  دېدى ئالىمجان، ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، دېمىسىمۇ مەيداندا 15 - 20 گە يېقىن ماشىنا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق شاھى، نىسان، تويوتا، سەنلىڭ دېگەندەك ئىمپورت قىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك پىكاپتىن تارتىپ، بېيجىڭ 2020 تىپلىق جىپ ماشىنىغىچە، كونىراپ كېرەكسىز تۆمۈر - تەسەككە ئايلىنىپ قالاي دېگەن مىنبۇستىن تارتىپ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقىچە ھەممىسى بار ئىدى.
    بۇ ھالەت روشەنكى، ئىسسىق بۇلاققا ساياھەتكە چىققانلار ئىچىدە ھۆكۈمەت پۇلىنى «قوينۇم ئوغرى، قونچۇم ئوغرى» قىلىپ قاپ يۈرەكلىك بىلەن خەجلىيەلەيدىغان ئاز ساندىكى «خەلق چاكارلىرى»نىڭمۇ؛ بىردە بار، بىردە يوق سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، نەچچە مىڭ يۈەنلەپ داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەي «رودىپاي كېسىلىمگە شىپا بولسا ئەجەب ئەمەس» دېگەن ئالەمچە ئۈمىد بىلەن ئالاھىتەن يۇرت ئاتلاپ كەلگەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى مانا مەن دەپ دەلىللەپ تۇراتتى.
     ئالدى بىلەن ياتاققا ئۇرۇنلىشىۋالايلى،  دېدىم ھاۋانىڭ ئەلپازىغا قاراپ،  ئادەم جىقكەن، ھېلى تالادا قالىدىغان ئىش بولمىسۇن يەنە.
    سىرتتا شامال ئارىلاش يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ياتاققا بېلەت كەستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئورنىغا كەلدىم. كۈتكۈچى قىز قولۇمدىكى تالوننى خوشياقماسلىق بىلەن ئالدى - دە، بىزنى باشلاپ ماڭدى ۋە ھالقىغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پاتمان ئاچقۇچنى تەسۋىي ئۇرۇقىنى سىرىگەندەك شاراقشىتىپ يۈرۈپ، 7 - نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ياتاقنىڭ ھالىتىگە - كۆز ئالدىمدىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مەنزىرىگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. بۇنى مېھمانلار ئارام ئالىدىغان ياتاق دېگەندىن كۆرە، تاشلاندۇق كەپە، ئەسكى - تۈسكىلەر ئامبىرى دېگەن تۈزۈك ئىدى. زەي تىپىپ، شور ئۆرلەپ كەتكەن تۆت تامنىڭ سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. دېرىزە ئەينەكلىرى بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە سۈرتۈلگەندەك، كارىۋاتنىڭ ئاياغلىرىغا سۈپۈرگە تەككەندەك قىلمايتتى. ئۇنى ئاز دېگەندەك قاچاندۇر بىر چاغلاردا غول تامغا بېقىنداپ سېلىنغان تام مەشنىڭ يېرىمى گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئىچىدىن قۇرۇم پۇرقۇيتتى. كىرلەشكەن يوتقان - كۆرپىلەر گويا «مېنىڭ بولۇشۇم مۇشۇ» دېگەندەك پوملىشىپ تۇراتتى.
     مۇشۇ ياتاقتا ياتىمىزمۇ ئەمدى؟  ئايالىم بىلەن ئوغلۇم تەڭلا ئۆكتە قوپتى.
     بۇنىڭدىن ياخشىراق ياتاقلىرىڭىز يوقمۇ؟  دېدىم مۇلازىمەتچىگە ئىلتىجانلىق بىلەن تىكىلىپ.
     ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا كەلكۈن سۈيى بېسىپ كېتىپ، ياتاق ئۆيلىرىمىزنى ۋەيران قىلىۋەتتى،  دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغاندەك.
     رېمونت قىلدۇرساڭلار بولمامدۇ؟
     مەن نېمە بىلەي؟  دېدى ئۇ ئېرەڭسىز قىياپەتتە، گويا بۇئىش بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتەك،  پۇل يوق ئوخشايدۇ شۇ...
    «پۇل يوق ئوخشايدۇ شۇ...» بۇ گەپ مېنى ئىختىيارسىز ئويغا سالدى. «خەير، ياتاقلارنى يېڭىلاپ سېلىشقىغۇ پۇل بولمىسۇن، ھېچبولمىغاندا ئاشۇ بۇزۇلغان تام مەشنى رېمونت قىلدۇرۇشقا پۇل يوقمىدۇ؟ تامنىڭ سۇۋاقلىرى چۈشكەن جايلىرىنى باشقىلاتىن ئوڭشاشقا پۇل يوقمىدۇ؟ يەنىچۇ؟ يوتقان - كۆرپىلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يۇيۇپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، دېرىزىلەرنى سۈرتۈشكە، ياتاقلارنى تازىلاشقا زادى قانچىلىك پۇل كېتىدىغاندۇ؟» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق سارس كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سارسقا قارشى بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى قوزغاش تەكىتلىنىۋاتقان، تەكىتلىنىۋاتقانلا ئەمەس ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، پۈتۈن سەپ بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نۇقتىلىق بىر ساياھەت رايونىنىڭ تازىلىق ھالىتى شۇنچىلىك بولسا... «خېنىمنىڭ قېشىغا قارىماڭ، قاچىسىنىڭ تېشىغا قاراڭ» دېگەندەك گەپ پۇلدا ئەمەس، ئادەمدە! مۇشۇ تەبىئەت «ئانا»نىڭ «كۆز يېشى»نى تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە ئايلاندۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ كۆكىنى سېتىپ خەجلەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇلۇمسىز، لاي غەزەللەرنىڭ دىتسىزلىقىدا»
    مۇلازىمەتچى قىز سەل - پەل خىجىل بولغاندەك، بىرقانچە ياتاقنى ئېچىپ كۆرسەتتى. «ئاتام ئېيتقان بايىقى» ياتاقلارنىڭ ھالى بىر - بىرىدىن بەتەر ئىدى...
     بولدى، 7 - نومۇرلۇق ياتاقتا يېتىۋېرەيلى، بىر كېچە دېگەن ئۆتۈپ كېتەر،  دېدىم مۇلازىمەتچىنى تەڭ قىسلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ.
    يۈك - تاقلارنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ، تاۋكادا ئۆتتۈرۈۋەتكەن قىمارۋازدەك ئىچىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق.
     تاماق يەۋالامسىلەر، ئاچ قورساق سۇغا كىرگىلى بولمايدۇ،  دېدى بۇ يەرگە تولا كېلىپ ئەلمى - تەلمىنى پىششىق بىلىپ كەتكەن شوپۇر سەمىمىزگە سېلىپ.
    شۇ چاغدىلا ئەتىگەن سەپەرگە ئالدىراپ چالا - بۇلا ناشتا قىلغاندىن باشقا تاماق يېمىگەنلىكىمىز ئېسىمگە كەلدى. «ئەگەر قورساق ئالدىراتمىسا ھېچبىر قۇش توزاققا چۈشمەس ئىدى، ئوۋچىمۇ توزاق قۇرماس ئىدى» دېگەندەك قورساق «ساق» نېمە بولغاچقا ئالدىرىتىپ تۇراتتى.
     ئاشخانىسى باردۇ؟
     ئىشقىلىپ بولىدىغانغۇ.
    سىرتقا چىقتۇق، يامغۇر كۈچەيگەن بولۇپ، سوغۇق غولىمىزدىن قورۇيتتى. چاپان - چۇرىلىرىمىزنى يامغۇرلۇق قىلىپ، ئاشخانىغا يۈگۈردۇق. ئاشخانىدا بىرقانچەيلەن يامغۇردىن پاناھلانغاچ چاي ئىچىشىپ ئولتۇراتتى. بىر بوش ئورۇنغا كېلىپ، ئەمدى ئولتۇرۇشىمىزغا، تەلەتى سۆرۈن بىرسى ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ (ئاشخانىنىڭ خوجايىنىمۇ، كۈتكۈچىسىمۇ بىلمىدىم) ئۆڭۈپلا سۆزلەپ كەتتى:
     بايا دېدىمغۇ، بۈگۈن سىرتقا تاماق سېتىلمايدۇ، چىقىپ كېتىڭلار، قانداق دېگەن...
     نەگە چىقىپ كېتىمىز؟!  دېدىم غۇژژىدە ئاچچىقىم كېلىپ، يامغۇردا توڭلاپ ئاران تۇرغاندا ئۇنىڭ گېپى جان - پېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ھېلىقى مۇز چىراي ئۈندىمەستىن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. تاپ باستۇرۇپ كىرىۋىدىم بىرقانچە ئۇستاملار تەرلەپ - پىشىپ قورۇما قورۇۋېتىپتۇ.
     بۇنچە كۆپ تاماقنى خېرىدارغا ساتماي نېمە قىلىسىلەر، بىز تاماقنى بىكارغا يېمەيمىزغۇ؟
    «مۇز چىراي» كۆزىنىڭ بالىخانىسىدا ماڭا بولۇشىغا ھومۇيىۋېتىپ، ئاغزىنى ئۆمەللەتتىيۇ، مېنىڭ ئەلپازىمنىڭ ئۆزىنىڭكىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى تۇيۇپ، بوغۇزىغا كېلىپ قالغان گېپىنى خەپرۈككە قوشۇپ يۈتۈۋېتىپ، قازان - قۇمۇچنى بولۇشقا تاراقلىتىش ئارقىلىق بىزگە بولغان بىزارلىقىنى ئىپادىلىدى.
     چىقىپ كېتىلىيا بولمىسا، بۇ خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنگىچە،  دېدى ئايالىم، ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا دوق قىلدىم:
     جىق گەپ قىلماي ئولتۇرە بىردەم! ئىمانىمنى ئېزىقتۇرماي.
    ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر مۇز چىراي ئۈچ بولۇپ چىقتى.
     چىقىپ كېتىڭلار، ئاشخانىنى تاقايمىز.
    «ئېشەك ئۇسسۇرغاندەك، ماۋۇ بىرنېمىلەرنىڭ تاپقان باھانىسىنى كۆرمەمدىغان»
     بىز تاماق يېمەيمىزمۇ، ئاشخانا ئۆيدىكى تاماقچۇ؟ بۇ يەردە يا باشقا ئاشخانا بولمىسا؟
     ئىگىسى بار، ئۇ دېگەن مېھمانلارنىڭ،  دېدى مۇز چىرايلار ماڭا قاراپمۇ قويماستىن.
     بىز مېھمان بولماي مەدىكارمىكەنمىز؟  دېدىم ئۇلارغا ھۆرپەيگىنىمچە.
     بولدى قىلسىلا ئۇكام،  دېدى بۇلۇڭدا ئولتۇرغان ئاتام دېمەتلىك بىر كىشى ئارىغا چۈشۈپ،  «ئاچچىق ئۆرۈككە قوڭ توشمايدۇ» دېگەن گەپ بار، بۇ خەققە گەپ توغرا كەلمىگىدەك، ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە، پەيلىرىنى يامان قىلىپ سەندى - پەندى دېيىشىپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن دەيمىنا.
    خورلۇق دېگەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس، شۇ تاپتا ئازادە ئۆيى تۇرۇپ، بۇسۇغىدىن كىرەلمەي، تالادا بويۇن قىسىپ قالغان يېتىم بالىدەك، ئۆزۈمنى شۇنچە غېرىپ، شۇنچە بىچارە ھېس قىلماقتا ئىدىم... ھەيدەلگىنىمىزچە ھەيدىلىپ سىرتقا چىقتۇق، لاتىمىزنى سۇغا چىلاپ، پۇچىلانغان، دەپسەندە قىلىنغان، ئادەملىك قەدىر - قىممەت، ئىززىتىمىزنى قۇچاغلاپ سالپىيىپ يېنىپ چىقتۇق...
    سىرتتا يامغۇر تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەنىدى. باش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ لەمپىسى ئاستىغا يىغىلىۋالغان، چىرايىنىڭ نېرى - نېرىسىدىن ھارغىنلىق، مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ياق! ساياھەتچىلەر ئەمەس، بۇرنى - قۇلىقىغىچە دەشنام يەپ، ئىزا - ئاھانەتتىن ۋۇجۇدى زېدىلەنگەن شورپىشانىلەر يامغۇردىن پاناھلانغاچ، قاتتىق نانلىرىنى غاجىغىنىچە شۈمشۈيۈپ ئولتۇرۇشاتتى، سۈرۈشتۈرۋېدىم ئۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمى يۇرت ئارىلاپ، ھەتتا ۋىلايەت ئاتلاپ بۇ يەرگە «ئىسسىق» سۇغا كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلارغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى، ئۇلار نى - نى ئارزۇ - ئۈمىد بىلەن سەپەرگە چىققان بولغىيتتى تايىنلىق. ئىچى - ئىچىمدىن قايناپ چىقىۋاتقان غەزەپ - نەپرەت شىددەتلىك ئېقىمغا ئايلىنىپ، بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى.
    «ھەي، نائەھلىلەر،  دەيتتىم ئۆز - ئۆزۈمگە، ھەر قايسىڭنىڭ مۇلازىمىتى مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا ئاز كۈندە خەقنى چىللاپمۇ ئەكىلەلمەيدىغان كۈنگە قېلىشقۇدەكسەنغۇ ئاخىر...»
     ئالىمجان، ماشىنىڭىزنى ھەيدەمسىز؟
     چاقچاق قىلمىسىلىيا، بۇ كەچتە نەگە بارىمىز ئەمدى؟  دېدى ئالىمجان ماڭا ھەيران بولغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ قاراپ.
     چاقچاق قىلمىدىم، ئۇكام، راست گەپنى دەۋاتىمەن  دېدىم ئۇنىڭغا جىددىي رەۋىشتە تىكىلىپ،  بولدى، سۇغىمۇ چۈشمەيلى، كېچىچە مېڭىپ بولسىمۇ ئۆيىمىزنى تېپىۋالغىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ.
     تولا تاۋى نازۇكلۇق قىلماڭا!  دېدى ئايالىم تۇمشۇغىنى ئۇچلايتىپ،  ئۇنىمىغانغا ئۇنماي، ئەزھەرجان، نەپىسەدىن تارتىپ ئېلىپ كېلىسىز (نەپىسە ئەمدىلەتىن يېرىم ياشقا تولغان قىزىمىز ئىدى) ئەمدى بولغاندا...
     ئېلىپ كەلگەن ئادەم ئېلىپ كەتسەم بولمامدىكەن؟
     ياتاققىمۇ، سۇغا چۈشۈشكىمۇ بېلەت ئېلىپ بولغان تۇرساق، ياجىڭچۇ تېخى؟
     قايتۇرۋالساق بولمىدىمۇ؟
     قايتۇرمايدۇ،  دېدى ئالىمجان كەسكىن تەلەپپۇزدا،  مەن بۇ يەرگە كۈن ئارىلاپ كېلىپ تۇرىمەن، بۇ خەقنىڭ چۆنتىكىگە كىرگەن پۇلنىڭ چىقىمىقى تەس.
     قېنى كۆرەرمىز.
     مۇنداق قىلاyلى بولمىسا،  دېدى ئالىمجان تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك،  ئاۋۋال تېرەك كۆمۈر كانغا بېرىپ قورساقنى تويغۇزايلى، قالغان گەپنى شۇ چاغدا دېيىشمەمسىلە، يەنە بىر گەپ،  دېدى ئۇ مېنى كۈلكىگە زورلاپ،  ئۇ يەرگە بېرىپ كەلگەنگە پۇل ئالماي بولدى.
    بۇ چاغدا قۇياش ئاللىبۇرۇن كۆپۈك تاغ كەينىگە باش قويغان بولۇپ، كۆز باغلىنىپ ئەتراپ گۇگۇم قوينىغا ئەسىر بولغانىدى.
    «خۇدا كۆزدىن ئايرىسىمۇ، ھاسسىسىدىن ئايرىمايدۇ»كەن، تەلىيىمىزگە پىلىلداپ چىراغ يېنىپ تۇرغان بىر ئاشخانا تاقالماپتۇ، ئاشخانا ئىگىسى سالام - سەھەت بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپ، ھاردۇق سورىغاچ ئورۇندۇققا باشلاۋېتىپ دېدى:
     پىلتە تۈگەپ قاپتىكەن، ھەرقايسىلىرىنى سەل - پەل ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇق، ئەمدى.
    يېرىم سائەت ھايال بولغان بولساقمۇ، ئوخشۇتۇپ ئىتىلگەن ئۆي لەغمىنىگە داخىل بولدۇق، ئىززەت - ئېكرام، دەم - دەم قۇيۇلۇپ تۇرغان قىزىق چاي، تېتىملىق تاماق، كۆڭۈل ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرگەن غەشلىك تۇمانلىرىنى ئاللىقاياقلارغا ھەيدەپ، ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى.
     قانداق، بىر قارارغا كەلدىلىمۇ؟  دېدى ئالىمجان تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن،
     ئەڭ ياخشىسى ئەتە سەھەردە ماڭساقمىكىن، يولنى كۆردىلە، تىنچىلىق ئەۋزەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالىلار بار ئىكەن.
     مەيلىڭىز،  دېدىم ئۇشۇق - تۈشۈك گەپ قىلماستىن.
    تېرەك كۆمۈركانىدىن كەلگىنىمىزدە، ياتار ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. بايامقى قىيا - چىيا، ۋاڭ - چۇڭ بېسىقىپ قالغان بولۇپ، پەقەت قىرغاقلارغا زەردەپ بىلەن ئۇرۇلۇپ، تۈرۈلۈپ ئېقىۋاتقان ئويغاق ئېقىن - قاپسىلاڭ دەرياسى كېچە جىمجىتلىقتىن بىزار بولغاندەك، نەرە تارتىپ، سۈرەن سېلىپ، ئادەملەر غەپلەت ئۇيقۇسىغا ئەسىر بولغان بولسىمۇ، تەبىئەتنىڭ ھامان ئويغاق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى...
    قاپسىلاڭ دەرياسىدىن بەش - ئالتە مېتىر ئېگىزلىكتە ئېسىلىپ تۇرغان يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈكتىن گويا پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندەك يامان تەستە ئۆتۈپ، تۈن قاراڭغۇسىدا يېقىلىپ قوپۇپ دېگەندەك يۇيۇنۇش ئورنىغا باردۇق. يۇيۇنۇش ئورنىنىڭ ھالىتى نەچچە سائەت بۇرۇن كۆرگەن ۋەيرانە ياتاقتىن قېلىشمايتتى. يۇيۇ8نۇش كۆلچەكلىرىنىڭ پاسىل تاملىرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، خېلى بىر قىسىملىرى تاش، خىش، شېخىل بىلەن تىنىپ كەتكەنىدى. «بۇ تاش - شېغىللارنى يۆتكەپ كۆلچەكنى ئوڭشاشقىمۇ پۇل يوق ئىكەندە؟» دېدىم ئاچچىق كۈلگۈنىمچە. مىڭ بالالىقتا يېرىم يارتىسى ساق قالغان بىر كۆلچەكنى تېپىپ چۈشتۈم. تۇربىدىن كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكىدەك كىرىلداپ چۈشۈۋاتقان ئىسسىق سۇ مۇنچىسىنىڭ سۈيىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. «ئىسسىق» سۇ بۇرۇنقى قىزىقلىقىدىن قالغاندەك ئىدى. ئەتراپتىن بىر خىل سېسىق پۇراق بوخسۇپ تۇراتتى... قىسقىسى، بۇ جاي مەن 18 يىل بۇرۇن كۆرگەن سۆيۈنگەن ئىسسىق سۇغا زادىلا ئوخشىماي قېلىۋاتاتتى. شۇ تاپ بۇ ئىسسىق سۇ بۇرۇنقى جانغا راھەت شىپا بولۇش خاسىيىتىدىن قالغاندەك، بىر مۇقەددەس تاۋاپگاھ ئەمەس. بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردىكى كەلسە - كەلمەس ئادەملەرنىڭ ھەممىسى خالىغانچە كىرىپ، يۇيۇنىدىغان، بەدىنىدىكى كىر - مەينەتلەرنى ئىۋېتىپ ئېرىغدايدىغان ئاممىۋى مۇنچىغا ئوخشاپ قالغاندەك ئىدى. «خۇدايا توۋا، بىز 18 يىل مۇقەددەم كۆيۈپ پىشىپ يۇيۇنغان سۇ مۇشۇمىدۇ؟ قاتتىق نانلىرىمىزنى يۇمشۇتۇپ يېگەن سۇ مۇشۇمىدۇ؟ چاي ئورنىدا كۇرۇشكىلىرىمىزغا ئېلىپ يېنىپ - يېنىپ پۈۋلەپ ئىچكەن سۇ شۇمىدۇ؟....»
     يۇيۇنۇپ بولدىلىمۇ؟  نېرى ياندىكى كۆلچەكتە يۇيۇنۇۋاتقان ئالىمجان توۋلىدى.
     شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ.
     قىزىقمىكەن.
     بۇرۇنقىدەك ئەمەسقۇ؟
    كىيىنىپ قاشقا چىقتىم. ياتاققا قايتىپ كەلگۈچە ئالىمجانغا ئىسسىق سۇنىڭ سوۋۇپ كەتكەنلىكىنى دېۋىدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى يوشۇرماستىن ئېيتىپ بەردى. بۇ يەرنىڭ سۈيى بىرقانچە يىل بۇرۇن ئاۋالقىدەكلا قىزىق بولۇپ، 78 سېلسىيە گرادۇستىن چۈشمەيدىكەنتۇق. ھازىر 62 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قاپتۇ. (مېنىڭچە ئۇنىڭدىن خوپ تۆۋەندەك قىلاتتى) بۇرۇن تاغنىڭ تۆت كۆزىدىن ئىسسىق سۇ چىقاركەنتۇق، ھازىرغا كەلگەندە نېمە سەۋەبتىندۇر ئىككىسىدىن سۇ چىقماس بولۇپ قاپتۇ. تۇربا تارتىلىپ، ئىسسىق سۇ تۇربا يولى ئارقىلىق يەتكۈزىلىدىغان بولغاندىن كېيىن، سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ. قەيەردىندۇر تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، تاغ ئاستىدىن چىقىۋاتقان سۇنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرسىنى ئۆرلىتىشنى مەقسەت قىلغان تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتىمىش...
    ئالىمجان تاڭ سەھەردە ئويغۇتىدىغان بولۇپ، ماشىنىدا ئارام ئالغىلى چىقىپ كەتتى، ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلاپ، كۆزۈمنى زورىغا يۇمدىم، لېكىن ئۇيقۇ دېگەن بۇ شەيتان ئاللىقاياقلارغا قېچىپ كەتكەنىدى. بىرىنىڭ ئاخىرىغا بىرى ئۇلىنىپ كېلىۋاتقان ئازابلىق خىياللار، جاۋابسىز قېلىۋاتقان سوئاللار مېڭەمگە چۇلغۇنىۋېلىپ، كۆڭۈل ئاسمىنىدا ماناندەك ئەگىيتتى...
    كۆز ئالدىمدىن پايانسىز تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە تارىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇسراپ ۋەيران بولغان توغراقلار، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، قاقاسلىققا ئايلانغان ئايىغىغا كۆز يەتكۈسىز يايلاقلار، قالايمىقان بوز يەر ئېچىشنىڭ بىھۇدە قۇربانىغا ئايلانغان ئېھاتە ئورمانلار، سۈيى يىلدىن يىلغا ئازلاپ كېتىۋاتقان لوپنۇر، باغراش، قاناسقا ئوخشاش تاتلىق سۇلۇق كۆللەر، قۇمغا كۆمۈلگەن يوللار، سۇسىز قاغجىراپ ياتقان بىنەم تۇپراق، سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغۇنىشى تۈپەيلىدىن نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلار، تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، جان ھەلقۇمىدا ئىڭراپ ياتقان جانلار كىنو لىنتىسىدەك بىر - بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى... ئاشۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا ياش يازغۇچى ئەركىن روزى بىرقانچە ئاي ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەلەمگە ئالغان مۇنۇ قۇرلار يادىمدىن كەچتى: «تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراق ئورمىنىنىڭ كۆلىمى 50 - يىللاردا 5 مىليون 100 مىڭ مو ئىدى. 1979 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە ئاران 2 مىليون 100 مىڭ قالغان. 20 يىل ئىچىدە %8.58 ئازايغان، توغراق زاپىسى بىر مىليون ئەتراپىدا قالغان» ② «ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئادەم ماڭغۇدەك جايلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن قازغۇچى يۈگۇڭچىلىرىمىز بار. ئۇلار قۇدرەتلىك ماشىنىلارنى ئىشلىتىپ ئالتۇن قېزىش ئۈچۈن تاغنى يايلاققا يۆتكىۋەتكەن. يايلاقنى تاشلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن، ئېقىنلارنى تىندۇرۇۋەتكەننى ئاز دەپ جىلغىلاردىكى ئاق قىيىن دەرىخىنىڭ 85 پىرسەنتىنى قۇمۇرۇۋەتكەن. ئۇلار ھەتتا جىلغىلارنى، تاغلارنى بۆلۈشىۋېلىپ، ئالاھىزەل 2 مىليون 300 مىڭ تۈپ دەرەخنى كۆيدۈرۈپ كېسىپ تۈگەتكەن. 1500 مودىن ئارتۇق يايلاقنى شېخىللىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن». ③ «شىنجاڭ زىمىنى ھەر يىلى 350 كۋادرات كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قۇملىشىۋاتىدۇ، 120 مىليون مودىن ئارتۇق ئېتىز قۇم - بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى. 120 مىليون مو يايلاق ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ كەتتى. ھەددى - ھېسابسىز ئورمان ۋەيران بولدى. قۇملۇقلار ھەر يىلى ئون نەچچە مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بوستانلىقلارغا قاراپ كېڭەيمەكتە؛ شىنجاڭدا ھەر يىلى قۇم بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. كەلكۈن ئېلىپ كەتكەن سۇ - تۇپراق تېخىمۇ كۆپ. 1949 - يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە شىنجاڭدا 137 قېتىم كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 1 مىليون 110 مىڭ مو سۈپەتلىك يەر ئېقىپ كەتكەن. ھەر يىلى 7 مىليون مو تېرىلغۇ يەر سۇ ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان». ④ تەتقىقاتچى خۇاڭ يەن ئەپەندى «دۇنيادا 2 - قاناس يوق» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمچە، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، ئەسكى تەرىپىمۇ بار. ياخشى تەرىپى ساياھەتچىلىكنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەسكى تەرىپى مەنزىرىلىك رايونلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. بەزى زىيانلارنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ». ⑤ خۇاڭ يەن ئەپەندى ئېھتىمال ئاشۇ مەنزىرىسى زىيانغا ئۇچراۋاتقان «ئىسسىق سۇ»غا بارغاندۇ ياكى بارمىغان بولسىمۇ كۆڭۈل كۆزى ئارقىلىق كۆرگەندۇ. نېمە بولسۇن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە ئىككى كەلىمە ھەق گەپ قىلىپتۇ، بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ ئاشۇ روھىغا ئاپرىن ئېيتىمىز، ئەلۋەتتە.
    ياڭ لىيەن كىرورەننى بايقىغۇچى سىۋېن ھېدىننى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس. ئۇ 2000 - يىلى كىرورەن مەدەنىيىتى بايقالغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە كىرورەنگە كەلگەندە: «غەربىي رايوننى ئېچىشنى ئازراقمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشتا» دېگەنىدى. ⑥ يەنە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پروفېسسور شياۋ شۈنچاڭ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئىلگىرى ئۆز قولى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر كىروران مەدەنىيىتىنى ياراتتى ھەم ئۆز قولى بىلەن لوپنۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. لوپنۇرنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرىدىغىنى ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ قانداق ئورتاق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ». ⑦ ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسى  تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشاش، نېمىگە تايىنىپ ياشاش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەسىلە 16 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تېمىسىدا ئەتراپلىق شەرھلەندى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھېسابىغا قارىغۇلارچە تەرەققىياتنى قوغلىشىش ئەمەس بەلكى، نوپۇس، بايلىق (مۇھىت)، تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى دىئالىكتىك مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، مۇشۇ زىمىندا كېيىنكىلەرنىڭ بىر كىشىلىك ياشاش ھەققى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ بىنورماللىقىدىكى ماھىيەتلىك سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەش كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە بايلىق مۇھاپىزىتىدىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش شەرت». ⑧ خوش، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە 1 - دەرىجىلىك «ئىسسىق بۇلاق» دەپ ئاتالغان ئاشۇ ئىسسىق سۇنىڭ كەلكۈننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ۋەيران بولغان ھالىتىگە، سۈيىنىڭ تارتىلىپ، ئازلاپ، ھارارىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە نېمە دېگۈلۈك؟ سەۋەبنى كىمدىن ئىزدېگۈلۈك؟ «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟» دېگەندەك سەۋەبىنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي، ئۆزىمىزنىڭ يەجۇجى - مەجۇجىلاردەك بالايى - نەپسىمىزنى كۆرمەي ئامالىمىز يوق. ئاشۇ ۋەيرانچىلىقلار تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئۇلۇغ تەبىئەت ئانىنىڭ بىزنىڭ «ئېشىنى يەپ قازىنىنى چاقىدىغان» تۇز كورلىقىمىزغا، نائەھلى، بولۇمسىزلىقىمىزغا بەرگەن ھەقلىق جفزاسى، ئادىمىيلىك تەبىئىتىمىزدىن ياتلىشىپ، تەبىئەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىمىز، ئۇنىڭغا بىمەنە چاقچاق قىلىپ، ھېسسىياتىغا بەرھەم بېرىپ، قەلبىگە ئازار يەتكۈزگەنلىكىمىزنىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتى، كىممۇ ئاشۇ تەبىئەتتە ھېسسىيات يوق دەيدۇ؟ كىممۇ ئاشۇ تەبىئەت ئانىدا مۇھەببەت، نەپرەت يوق دەيدۇ؟ ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى مۇھەببەت نەپرەتكە تولغان. ئۇنىڭ باغرىدىكى ھەربىر چىمدىم توپا، ھەربىر تۈپ گىياھ، ھەربىر تېمىم سۇ مۇھەببەت ۋە نەپرەتكە تەڭ ھامىلىدار خالاس...
    خىيال بىلەن خىرە - شىرە ئۇيقا ئارىلىقىدا تاڭنى ئاتقۇزدۇم. تاڭ سەھەردە باش مۇلازىمەت ئورنىدىكى ھالى ئۈستۈن خېنىمنى مىڭ تەسلىكتە ئويغۇتۇپ، رەسمىەيتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يولغا چىقتۇق. بۇ چاغدا سۈبھىي كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شەرقىي ئۇپۇق قان رەڭگىدە تاۋلىنىپ تۇراتتى. يېرىم كۈن توختىماي ياغقان يامغۇر گويا پۇخاندىن چىقمىغاندەك يەنە سىمىلداشقا باشلىدى. ھېلىدىن - ھېلىغا گۈلدۈرمما گۈلدۈرلەپ، يالت - يۇلت قىلىپ چاقماق چاقاتتى. ھاۋانىڭ ئەلپازى بەكلا يامان بولۇپ، ئەزۋايىنى بۇزغاندەك ئىدى. ئاسماننىڭ ئۆگزىسى تېشىلىپ قارا يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. ئىككى تاغ ئارىسىغا قاپسىلىپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ سۈيى بىراقلا ئۇلغۇيۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. يامغۇر سۈيىدىن  تەبىئەت ئانىنىڭ كۆز يېشىدىن ھاسىل بولغان قاپسىلاڭ دەرياسى تۆگە لوكىسىدەك تۈرۈلۈپ ئاقماقتا... يامغۇر دېمەك  كەلكۈن دېمەك، كەلكۈن دېمەك  سۇ ئاپىتى دېمەكلىكتۇر. مېڭەمدە ئۇشتۇمتۇت تەبىئەت بىلەن تەڭ چاقماق چېقىلغاندەك بولدى. «بۇ كەلكۈن ئىسسىق سۇغا يەنە قانداق قىسمەتلەرنى ئېلىپ كېلەر ھە؟ سۇ ئاپىتى يەنە قانداق كۈنى كۆرسىتەر، قانداق سورۇقچىلىقلارنى سالار؟» كاپىنكا كۆزنىكىدىن ئۇزاق تارىخنىڭ شاھىدى  گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئالدى پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ، بىرەر ئوۋىنى پايلاپ يانپاشلاپ ياتقان ئەركەك شىردەك ئېغىر تىنىپ تۇرغان كۆيۈك تاغقا، ئۇنىڭ باغرىغا باغرىنى يېقىپ ئۇزاپ كېتىۋاتقان يۈگەنسىز دەريا قاپسىلاڭغا، توپ - توپ بۇلۇت بۆرە پادىسىدەك ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمان گۈمبىزىگە قارىغىنىمچە نىدا قىلدىم: «ياش تۆكمە تەبىئەت ئانا، گەرچە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بولساڭمۇ، بولۇمسىز، نادان پەرزەنتلىرىڭنىڭ بۇرنىغا يەنە بىر قېتىم سۇ كىرگەندە سېنىڭ قەدرىڭگە يەتمەي قالمايدۇ، ئۆكۈنۈش، پۇشايماندىن ئۆزىنى كاچاتلاپ، ئايىغىڭغا يىقىلىپ، سېنىڭدىن يېنىش - يېنىشلاپ ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ ئاخىر...»

    2003 - يىلى ماي

    ئىزاھات
    ① ياجىڭ  زاكالەت پۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
    ② ئەركىن روزى «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 - يىلى 11 - ئاي نەشرى 47 - بەتكە قارالسۇن.
    ③ يۇقىرىقى كىتابنىڭ 60 - بېتىگە قارالسۇن.
    ④ يۇقىرىقى كىتابنىڭ 92 - بېتىگە قارالسۇن.
    ⑤ «شىنجاڭ گېزىتى» 2003 - يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى سانى 7 - بەتكە قارالسۇن.
    ⑥ يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.
    ⑦ يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.
    ⑧ «16 - قۇرۇلتاي دوكلاتى»نىڭ 25 - بېتىگە قارالسۇن.
    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.