توخۇ پاچىقى ( ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان)

يوللىغۇچى : zohragul omer يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-15 14:11:18

مەڭگۈلۈك سوئالئابباس مۇنىياز تۈركىيقان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ(20-ئەسىرنىڭ) ئاخىرقى يىللىرى ئىدى. باشقا ساھەدىكىلەر ئاللىقاچان سودا دېڭىزىغا سەكرەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل ئاقىۋەتلىرىنى مۆلچەرلەپ بولۇشق...



    مەڭگۈلۈك سوئال

     

    ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

     

           ئالدىنقى ئەسىرنىڭ(20-ئەسىرنىڭ) ئاخىرقى يىللىرى ئىدى. باشقا ساھەدىكىلەر ئاللىقاچان سودا دېڭىزىغا سەكرەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل ئاقىۋەتلىرىنى مۆلچەرلەپ بولۇشقان بولسىمۇ،يېپىق باشقۇرۇلىۋاتقان بىزنىڭ ئىدارىگە بۇ خىل شامال ئەمدىلا كەلگەندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ، «دېڭىزغا سەكرەش » سەپەرۋەرلىك يىغىنى، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە تىجارەت قىلىش ئوتىنى يېقىۋەتكەنىدى. بۆلۈم- بۆلۈملەر ئۆزلىرىنىڭ قۇرماقچى بولغان شىركەتلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشاتتى. ئىلگىرى بولۇڭ- بولۇڭلاردا، مىللىي مائارىپىزنىڭ سۈپىتى ۋە ئىستىقبالى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىدىغان كىشىلەر، مانا ئەمدى تىجارەت، پۇل تېپىش توغرىسىدىلا پاراڭ قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممىنىڭ كاللىسىدا پۇل. ھەممىلا ئادەمدە بىرنى ئىككى قىلىش خىيالى ئىدى. ... ھەش- پەش دېگۈچە، ئىدارىنىڭ رىشاتكىلىق قورشاۋ تاملىرى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىجارە ئۆيلىرى پەيدا بولدى. كېچە- كېچىلەپ دەرس تەييارلايدىغان مۇئەللىملەر، مانا ئەمدى ھەر ئاخشىمى كاۋاپدانلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كەچلىك بازارغا چېپىشىدىغان بولۇشتى. شەخسىينىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئىقتىدارىنى پۇل تېپىش قابىلىيىتىگە قاراپ بىلگىلى بولۇدىغاندەك، كوللېكتىپنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىمۇ يەنىلا پۇل بىلەن ئۆلچەش ئەڭ توغرىدەك  بىر ھالەت شەكىللەندى. شۇڭلاشقا، كىتاپ ئوقۇش، ئىلىم ھەققىدە ئىزدىنىش... گويا ئىقتىدارسىزلىقنىڭ بەلگىسىدەك كۆرۈنەتتى. ...   

         ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دەپ، مېنىڭ كاللامغىمۇ بىردىنلا غەلىتە ئوت_ پۇل خىيالى كىرىۋالدى. ئىلگىرى، كىتاپ ۋە كىتاپلاردىكى ئوبرازلار كۆرۈنىدىغان كۆزۈمگە، مانا ئەمدى پۇل كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كىتاپ ئوقۇيتتۇم- يۇ، كۆزۈمگە پۇل كۆرۈنەتتى. دەرس ئۆتەتتىم-يۇ، خىيالىمدا يەنىلا پۇل ئىدى. ئەقىدەم ئۈچۈن شۇنچە كۆيۈپ –پىشقىنىم ھېېچنىمىگە ئەرزىمىسە، مەنمۇ پۇل تاپاي. پۇل تاپىمەن دەپ، ئۆزۈم كۆيگەن ئىشىمنى بولار- بولماس ھالەتتە قىلىپ يۈرگىچە، ئىش تاشلاپلا قۇتۇلاي!   دەپ ئويلۇدۇم ۋە شۇ خىيال بىلەن دوستۇم مامۇتجان داۋۇتنى تېلېفۇن قىلىپ كەلتۈردۈم.

         _ مەن خىزمەت تاشلاپ چىقىپ كېتەي دەۋاتىمەن، _ دېدىم مەن ، تاماقتىن كېيىن گېپىمنى ئۇدۇللا دەپ، _ مەن ئەمدى ئىدارىدە ئىشلەپ بولالمىغۇدەكمەن، مامۇتجان. ناھايىتى ياخشى ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئىككى ئاغىينەممۇ ئىش تاشلاپ چىقىپ، بېيىپ كەتتى. ماشىنا، ئۆي سېتىۋالدى. مەن بولسام، ھېلىغىچە مۇشۇنداق يۈرۈمەن...

         _ ئىدارىنىڭ بەرگەن پۇلى ئاز كۆرۈنۈپ قاپتۇ –دە، _ دېدى ئۇ، نەق گەپنىلا قىلىپ، _ ئۇنداقتا، نىمە ئىش قىلاي دەيسىز؟   

    _ سىزنى دەل مۇشۇ ئىش بىلەن چاقىرغانىدىم. تىجارەت قىلاي دەيمەن. تىجارەتنىڭ ئوبدانراق بىر يولىنى كۆرسەتسىڭىز...

     _ كۆپراق پۇل تاپاي دەمسىز؟

    _ ھە- ئە.

      _ خىزمەتنى قەتئىي تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن بولسىڭىز، _ دېدى ئۇ، قىزلارنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرىنى ماڭا كەسكىن بىر ھالەتتە تىكىپ، _ ئۇنداقتا، ئارزۇيىڭىزدىكىدەك پۇل تېپىشنىڭ بىر يولى بار. قانچىلىك كۆپ تېپىشنىمۇ ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز.

    _ بولىدىكەنغۇ. قانداق ياخشى تىجارەت ئۇ ؟ _ قىزىقسىنىپ سورۇدۇم مەن ئىتتىكلا.

     _ بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەيسىز.

    _ نى... نى... نىمە؟ _ بېشىمدىن سوغاق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم مەن. _ دېڭىزغا شۇڭغۇپ، ئەركىن ئادەم بولىمەن دەپ بىر ئىدارىدىن قۇتۇلۇپ، يەنە سىزنىڭ ئىدارىگە تۇتۇلامدىم. يەنە كېلىپ، سىزنىڭ شىركەت دېگەن ئوچۇق- ئاشكارىلا « ئۈنۈم- پۇل» دەيدىغان يەر تۇرسا، ئوقەت قىلىشنى بىلمەيدىغان مەندەك بىر كىتاپ خالتىسى سىزنىڭ يېنىڭىزدىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرەيمۇ ئەمدى؟

    _ سىزنىڭ تىجارەتكە يارىمايدىغانلىقىڭىزنى  بىلىمەن. شۇڭا، سىزنى تىجارەتكە سالمايمەن. پەقەتلا، شىركەتتىكى 50-60 ئادەمگە يىلدا بىر- ئىككى قېتىم ۋەزىيەت ھەققىدە دەرس ئۆتۈپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا ۋاقىتتا ئىشخانىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇسىز. مائاشنى سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە بېرىمەن....

    _ نىمە دەۋاتىدىغانسىز؟... _ دېدىم مەن، ئۆزۈمنى كەمسىتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، _ ھەرقانچە بولسىمۇ، مەن شۇنداق ئاسانلا پۇل ئۈندۈرۈۋالىدىغان ئىشنى قىلارمەنمۇ؟ ئىشلىمەيلا پۇل ئالسام، مېنىڭ مېيىپلاردىن نىمە پەرقىم؟ يەنە مېنىڭ رولۇم، بۇرچۇم نەگە كېتىدۇ؟....

    مەن پەقەت شۇنداقلا دېيەلىدىم. بايا ئەندىككەن بولسام، مانا ئەمدى تېرىكتىم. نەپسىم سىقىلىپ، كاللامنى ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرى قاپلىدى. تۇتام- تۇتاملاپ پۇل تېپىش خىيالىم كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك بىلىندى.

     _ پىكرىمىز نەق بىر يەردىن چىقتى مانا. بۇنداق دېيىشىمدە، _ تۇلىمۇ سالماق ھالەتتە سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ، _ مەنمۇ ئىلگىرى خۇددى سىزدەكلا ئويلايتتىم. ھەرنىمە قىلىپ بولسىمۇ پۇل تېپىش كېرەك. پۇل بولسا، باياشاد ياشىغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايتتىم. پۇلمۇ تاپتىم. ئەمما.... _ چوڭقۇر ئويلۇنۇپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇردى ئۇ، _ ئەمما، يېقىندىن بېرى، ئۆز بۇرچۇم ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇرچۇمنى دېگەندەك ئادا قىلىپ كېتەلمىگەنلىكىمنى تۇيۇقسىزلا ھېس قىلىپ قالدىم. ئىنسان ئۈچۈن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش، پۇل تېپىشتىىنمۇ مۇھىم ئىكەن. بۇ پىكىرگە كېلىشىمدىكى سەۋەپ، قايسى كۈنى بىر كىتاپ ئوقۇپ قالدىم. ئۇنىڭدا: « ھاياتنىڭ قىممىتى راغەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشتە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي بۇرچنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىشتا» دەپتۇ. قاراڭ، نىمە دېگەن ئۇلۇغ گەپ بۇ! مۇشۇ سۆزنى ئوقۇپ بولۇپلا يۈزلىرىم چىمىلداپ كەتتى. مەن تېخى سىز بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشمەكچىدىم. تاپقان پۇلۇمنىڭ بىر قىسمىنى قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئىشلىتىش توغرىسىدا سىزدىن مەسلىھەت ئالماقچىدىم. ئويلاپ باقسام، مېنىڭ بىردىن- بىر مەقسىدىم پۇل تېپىش ئەمەسكەن. پۇل تېپىش_ بۇرچۇم تېخىمۇ ئەمەسكەن. نىمىشقا دېسىڭىز، شۇنچە كۆپ پۇل تېپىپ تۇرۇغلۇقمۇ يەنە ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلالمىدىم. سىز تېخىمۇ كەسكىن ھالدا مۇشۇ تىپتىكى ئادەمسىز. ئەڭ مۇھىمى، سىز بۇرچىڭىزنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەن ئادەمسىز. شۇڭا، سىز مەندىن بەختلىك. مەن بۇرچۇمنى تاپاي، دەۋاتسام، سىز راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرمەكچى بولۇۋېتىپسىز. بايىقى تەكلىپىمگە ئاچچىقىڭىز كەلگەندەك بولدى. مەقسىدىم، سىزنى راھەتتە تۇرۇپ، ئۆز قىممىتىگە قايتا باھا بېرىپ باقسۇن دېگەنىدىم. مەلۇم بولدىكى، سىز بۇنىڭغا ئۇنىمايدىكەنسىز .... دەرۋەقە، بىز نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن، نىمىشقا ھاياتنىڭ قىممىتى، بۇرچىمىز ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇپ باقمايمىز؟ ھېلىقى كىتاپتىن ئوقۇغۇنىم بويىچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ بۇرچىمىز زادى نىمە؟

     ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. بىراق، كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. كاللامدا ھامان ئۇنىڭ سۇئالى. مېنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئۇنىڭكىدىن كۆپ. ئەمما، ئۆزۈمگە قويۇدىغان سوئاللىرىمچۇ؟!... شۇئان، كاللامغا كىرىۋالغان پۇلنىڭ ئورنىنى ئاجايىپ بىر سوئال ئىگىلىدى. مۇشۇ سوئال ھەممىلا ئىشىمغا ئەبەدىيلىك مىزان بولۇپ كۆرۈندى. ھەيرانمەنكى، دەل مۇشۇ سوئالنىڭ غىدىقلىشىدا،  يېڭى بىر كۈنۈممۇ ئۈمىد ۋە بېغىشلاش ئىستىكى بىلەن باشلاندى. كىتاپ ئوقۇشتىن بۇرۇن، كاللامدا بىر سوئال. دەرسخانىغا مېڭىشتىن ئىلگىرى، مېڭەمدە يەنىلا ھېلىقى سوئال. يېزىۋاتقىنىمنى ھاپىلا- شاپىلا قولدىن چىقىرىش خىيالىدا بولۇۋاتقىنىمدا، ۋۇجۇدۇمدا، قەلبىمنىڭ قات – قېتىدا يەنىلا شۇ ياڭراق ۋە مەڭگۈلۈك سوئال:     

          « سېنىڭ بۇرچۇڭ نىمە؟!»

    ( « باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئېلىندى )

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.