ئىلىمگە خىيانەت-ئەلگە قىيامەت(ئابدۇرېھىم دۆلەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 00:24:27

ئىلىمگە خىيانەت-ئەلگە قىيامەتئابدۇرېھىم دۆلەت بىز ھازىر ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپتىمىز ، ئەگەر بىز سېتىۋېلىشنى خالىساقلا ، ھەم پۇلىمىز بولسا ، ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمىز...

    ئىلىمگە خىيانەت-ئەلگە قىيامەت
    ئابدۇرېھىم دۆلەت



    بىز ھازىر ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپتىمىز ، ئەگەر بىز سېتىۋېلىشنى خالىساقلا ، ھەم پۇلىمىز بولسا ، ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمىز . بەلكىم بۇ ھەممىگە ماددىي مەنپەئەت ھاكىم - قازى بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يەنە بىر پاجىئەسى بولسا كېرەك . پۇلغا ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ ؟دېگەن سوئال بىردەك ھەممەيلەننىڭ : ياق ! دېگەن جاۋابىغا ئېرىشكەن ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ نەسىر ، نۇتۇقلىرىمىزدىكى ئۈندەش جۈملىلەردىلا قېپقالدى ، رېئاللىق بولسا يەنىلا پۇلنىڭ قۇدرىتىنى ئالىي رەۋىشتە نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز جەمئىيەتتىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىزكى ، ئۇلار پۇلغا گۈزەللىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما پۇلغا گۈزەل قىزلارنى سېتىۋالىدۇ . مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما نىكاھنى سېتىۋالالايدۇ . ھەتتا ھازىر كىشىلەرنىڭ ۋىجدان ، ئىمانىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بىر دومىلاپلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ ، ئۇمۇ ئوخشاشلا سېتىلىدۇ . دېمەك ، بۇ دەۋر ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بارلىق ماددىي - مەنىۋىي ئېلېمېنتلاردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان بىر دەۋر .

    « جاھاندا ئەڭ قاتتىق نەرسە نېمە ؟ » _ «مۇھتاجلىق ! » . شۇنداق ، بۇ جۈملىنى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئوقۇغىنىم يادىمدا . ئادەمنىڭ ئىنتىلىشتىن قىلغان ئىشلىرى بىلەن مۇھتاجلىقتىن قىلغان ئىشلىرى روشەن پەرقلىنىدۇ . ئىنتىلىش ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلسا ، مۇھتاجلىق پاسسىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىنتىلىش ئەركىنلىككە دالالەت قىلسا ، مۇھتاجلىق قۇللۇققا دالالەت قىلىدۇ . ماھىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى . ئىنتىلىش _ مۇھتاجلىقنىڭ ئالىي ماقامدىكى مۇقەددەسرەك ئىپادىسى ، ئۇنىڭدا خىلمۇ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بار . ئەمما ، مۇھتاجلىق مەجبۇرلۇقتۇر ، بۇنىڭدا بويسۇنۇشلا بار ، تاللاش يوق ، مەن ئويلايمەنكى ، ئىنسان پائالىيىتى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇۋاپىق بىرلىكىدىلا ئاندىن مۇكەممەللىككە يەتسە كېرەك . مۇھتاجلىق رېئاللىقنى ، ئىنتىلىش غايىنى كۆزدە تۇتىدۇ . مۇھتاجلىقنى بايقىيالماي ، ئىنتىلىپلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى نەتىجىسىز بولىدۇ ، ئەمما ، ئىنتىلىشنى تەرك ئېتىپ مۇھتاجلىق ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئۇلۇغۋار بولمايدۇ ، ھەتتا بەزىدە پەسكەشلىشىپ كېتىدۇ . ئەمما ھەممىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەمنىڭ نېمىگە ئىنتىلگەنلىكىدە ، نېمىگە مۇھتاجلىقىدا ، ئىنسان ئۈچۈن تاللاشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ سىناق .

    مانا ھازىر بىز شۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋېتىپتىمىزكى ، بىز ساناقسىز مۇھتاجلىقلار بىلەن قورشالغان ، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ئارمانلىرى نەلەردە ئۇنتۇلغان . مائاشقا مۇھتاج ، ئوقۇش ئارمان . خوتۇنغا مۇھتاج ، مۇھەببەت ئارمان . . .

    ئېنگلىز تىلى ئىگىلەش ئارمىنىم دەيسىز ، ئەمما ، نېمىشقا ؟ دەپ سورىسا ، دەۋرنىڭ تەلىپى دەيسىز ، مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئارمان ئەمەس ، ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . دەۋر تەقەززا قىلمىغان ، ئەمما ھەر قانداق دەۋردە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟ مېنىڭچە ، ياق ، بۇنداق كىشىلەر بەك ئاز .

    ئىنسانلار ھەرقانداق بىر دەۋردە ياشاش ئۈچۈن ئىلىمگە مۇھتاج بولغان ، ئەمما بۇ خىل مۇھتاجلىق بۈگۈنكىدەك تەخىرسىز بولمىغان . بىلىملىك بولغاننىڭ ئالامەتلىرى بولمىش دىپلوم ، ئۇنۋان – كىنىشكىلەر بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىختىراسى ، كىشىلەر ھازىرئۆز سالاھىيەتلىرىنى شۇلاردىن ئىزدەيدىغان بولدى . بۇ خىل سۈنئىي سالاھىيەتلەر قانچە خىلمۇ خىللاشقانسېرى ئەسلى ئىنسانلىق سالاھىيەت بارا – بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ ، ئادەملەر سەن كىم ؟ دېگەن سوئالغىمۇ دەرھال جاۋاب بېرەلمەي ئېسەنكىرەپ قالىدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇلارنىڭ بولۇشى خاتا ئەمەس ، ئەمما ھەممىنى شۇنىڭدىن ئىزدەش ، شۇنى ئۆزلىرىنىڭ ماركىسى قىلىۋېلىش خاتادۇر . چۈنكى ، ئىنسان ئۈچۈن ئىنسان دېگەن ماركىلا يېتەرلىك شەرەپ ، ئادەم بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپنى قوغلاشقاندا ، تاپتىن چىقىدۇ .

    ساختىلىق _ قارا يۈرەكلىك بىلەن مۇھتاجلىقنىڭ مەھسۇلى . ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ساختىلىق ئىشلەتمىگەن ھېچنېمە قالمىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىم – مائارىپقا ئىشلىتىلگەن ساختىلىق ئادەملەرنى ئەبەدىي پۇشايماندا قالدۇرىدۇ ، بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز بۇنىڭ زىيىنىنى مەڭگۈ تارتىمىز . ئۇنداقتا ، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسى ياكى مائارىپى قانچىلىك پاكىز ؟

    بەلكىم بۇ ساھەدىكى پاكىزلىقنىڭ بەلگىلىك ئۆلچىمى بولمىسا كېرەك . رايونىمىزدا ” سەللە يوغان ئىمان يوق ، داستىخان يوغان بىر نان يوق ” دېگەن تەمسىل ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان . ھېچكىم خەنزۇ تىلىدا بەش يىل ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ بىرەر پارچە ئىلتىماسنى خەنزۇچە قاملاشتۇرۇپ يازالمىغىنىدىن بەك ھەيران قېلىپ يۈرمەيدۇ ( ھەيران قالماسلىق كۆنۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى ، تولا ھەيران قېلىش بىلمەسلىكنىڭ ئالامىتى ، پەقەت ھەيران قالماسلىق غاپىللىقنىڭ ئالامىتى ( .

    ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن دىپلوم ، ئۇنۋانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىلىم سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە ئەمەس ، بەلكى نان يېيىش دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالدى . ھازىر دىپلومىڭىز يوغىنىسا ، قولىڭىزدىكى زاغرا كاكچىغا ، بېشىڭىزدىكى تەلپەك شىلەپىگە ئالمىشىدۇ . مانا بۇ خىل زۆرۈرىيەت جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن تېزلىكتە جەمئىيەت ئىلىم ساھەسىنىڭ ھەر قانداق بىر ساھە ، قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىلىم ساختىلىقى ھادىسىسىنى پەيدا قىلدى . يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىم . ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلار بىرەر ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدىغۇ ، دەپ ئويلىغانىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنۋان دەۋاگىرى ئار – نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ” جاپالىق ” خىزمەت شارائىتىدا ” ھارماي – تالماي ” ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن ” شانلىق ” نەتىجىلىرىنى ئېغىزلىرىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقىدىكەن ( يازغان كەمچىلىك – يېتەرسىزلىكلىرى بىرەر ۋاراقمۇ چىقمايدۇ ) ، ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قايتا تىلغا ئېلىشىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇ ئۇنۋانىغا لايىقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدىكەنمىز . ناۋادا بېرىلگەن سان نامزاتلارغا يېتىشمىسە ، ئويۇننىڭ قىزىقى شۇ يەردە ، ئۇ يەردىكى تالاش – تارتىشلارنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ، بىر قويۇپ بەرگىلى بولسا ، دەپ قالىمەن . مەن ئەسلىدە ئۇ تالاش – تارتىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەمەس ، بەلكى نامزاتلار ئارىسىدا بولىدۇ ، ئادەم ئۆز ئۇتۇقلىرىنى ئاشكارا دېيىش ، پەش قىلىشتىن يۈزى قىزىرىدۇ ، دەپ ئويلايتتىم ، ئۇلار ماڭا مېنىڭ خاتا ئويلىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويدى . ھەتتا ئۇلار شۇ تۈپەيلى بىر – بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ ، قاراشمايمۇ يۈرىشىدۇ . بەزىلىرى ھەتتا بۇ يىل نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . بۇ ، ” بۇلتۇر پالانى باھالانغاندا غىڭ قىلمىدىم ، ھازىر مېنىڭ ستاژىممۇ ئەڭ ئۇزۇن ، قىلغان خىزمىتىممۇ ئاز ئەمەس ، ئەمدى مەن بۇ يىل باھالىنىۋالالمىسام كېلەر يىلى يەنە بىر نەچچىسى چىقىدۇ ، دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئاۋۋال باھالىنىۋالاي ، تەشكىل بۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويسۇن ” دېگەنلىك ئەمەسمۇ ؟ بۇلارچە بولغاندا ئۇنۋان خىزمەتنىڭ سۈپىتىگە ئەمەس ، ستاژىغا كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تەشكىلمۇ ” ئادىمىگەرچىلىك ” قىلىدۇ .

    ئۇنۋان ئۈچۈن باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش ، ئۆزنامىدا ئېلان قىلدۇرۇش دېگەنلەر ھازىر ھېچكىم ئېغىر ئالمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەتتى .

    1998 – يىلى ساۋاقداشلىرىم ئۈرۈمچىگە دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغىلى كەلگەندە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە كەلدىم . ئۇلار دېگەن گەپلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى . يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى : ” سىز خوتەندىن كەلدىڭىزمۇ ؟ خوتەننىڭ ياڭىقى داڭلىق ھە ” دېگەندەك ئىما – ئىشارەتلەرنى قىلغانمىش ، ھەتتا بەزىلىرى خېلى ئاشكارىلا مەقسەتنى بايان قىلغانمىش ، دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنى خەققە يازدۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما يېتەكچىلىرىنى ” رازى ” قىلغانلارنىڭ ماقالىلىرى ” ئەلا ” باھالاندى . مانا بۇ ، رايونىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ سەرخىللىرىنىڭ كومېدىيىلىرى ، بۇمۇ مۇھتاجلىقتىن كېلىپ چىققان پەسكەشلىكمۇ ؟

    ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى تېلېغونلىرى ، دۇكانلارنىڭ ئەينەكلىرى ، ھەتتا ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنىڭ پەشتاقلىرى . . . ئىشقىلىپ ، كۆزگە تاشلىنىدىغانلا ھەر قانداق بىر يەرگە قارىسىڭىز ھەر قانداق دىپلوم ، كىنىشكا بېجىرىشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ” كىنىشكا بېجىرىمىز ” دېگەن خەتنى ھەر قانداق يەردىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇلار ھېچنېمىدىن ئەيمەنمەي ، ئەنسىرىمەي ، يانفون ، چاقىرغۇلىرىنىڭ نومۇرلىرىنى يېزىپ قويۇشىدۇ . بۇ يەردىكى ئېغىر مەسىلە ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ قانداق بولۇپ بۇنچە ئەركىن ئومۇملىشىپ كېتەلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىدا .

    ” ئىسرائىلىيە چوڭاملىرىغا خەت ” دېگەن فېليەتوندا مۇنداق بىر ۋەقەلىك سۆزلىنىپتۇ : ” يۈز نەچچە نەپەر مائارىپ ئەربابى ، ئالىي ساقچى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە قاتلاملىرىدىكى سەرخىللار يالغان دىپلوم سېتىۋېلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قاپتۇ ، بۇ ئىش پۈتكۈل ئىسرائىلىيىنى زىلزىلىگە سېلىۋېتىپتۇ . دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار دەرھال كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ، لاتۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيىدىكى تارماق مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بەش نەپەر خادىم ھەمدە ئىسرائىلىيە ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىنى رەسمىي قولغا ئاپتۇ . قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىپ ، يالغان دىپلوم سېتىۋالغان ئىسرائىلىيە ساقچى ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا بىر نەچچەيلەننى سوراق قىپتۇ . ھەتتا شىمال ساقچىلار قوماندانىنىمۇ دەرھال چاقىرتىپ كېلىپ ، ئىسرائىلىيە باش شتابىنىڭ ساقچىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سوراق قىپتۇ . ساختا دىپلوم ياسىغان لاتۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرىدىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى توختىتىپتۇ ھەم بۇ مەكتەپلەر تارقاتقان ھەر قانداق دىپلومنى ئېتىراپ قىلماپتۇ ” . ئەگەر بۇ ئىش جۇڭگودا يۈز بەرگەن بولسا قانداق بولار ئىدى ؟ ئىشقىلىپ ، چوقۇم ئىسرائىلىيىدىكىدەك بولمايتتى . ھەتتا شۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە ، (جۇڭگودىكى) مەلۇم بىر شەھەردە خىزمەت باھالىغۇچىلار شۇ شەھەردىكى %64 ئالىي مەكتەپ دىپلومىنىڭ يالغانلىقىنى بايقىغان . ئەمما ، ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان . جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇچاڭچىڭ ( ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان پارىخور ئەمەلدار ) جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىن ماگىستىرلىق دىپلومى ھەل قىلغان ( ئەگەر پارىخورلۇقى ئاشكارىلانمىغان بولسا ، بۇنى ھېچكىم بىلمەس ئىدى ) .

    يەنە ئىسرائىلىيىدىكى ھېلىقى ۋەقە توغرىلىق مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئۇ : ” سىلەر ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنتايىن يامان بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار ” دېگەن . يەنە بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى : ” دىپلوم ئالدامچىلىقى ئىنتايىن رەزىل جىنايەت ، خۇددى ئەسكەرنىڭ دۈشمەنگە مىلتىقىنى ساتقىنىدەك ئىپلاس قىلمىش ” دېگەن .

    ئاخىرىدا فېليەتون ئاپتورى لېي چاڭفېڭ كىنايە تەلەپپۇزىدا : ” دىپلوم ، كىنىشكا لازىم بولسا جۇڭگوغا كېلىڭلار ، تام – ستولبىلاردىكى چاقىرغۇ نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلساڭلارلا بىردەمدىلا ھەل بولىدۇ ، ھەم ئەرزان ، ھەم بىخەتەر ” دېگەن .

    يەنە تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارغىمۇ قۇلاق سېلىڭ : مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، مۇپەتتىش ئىشخانىسى 2001- يىلىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىكلەرنى ئېلان قىلغان . تاكى 2001- يىلى 31-دېكابىرغىچە بۇ ئىشخانا مۇشۇ خىلدىكى دېلودىن جەمئىي 76نى تاپشۇرۇۋالغان . ئۇنىڭ 54 پارچىسى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆز نامىدا ئېلان قىلدۇرىۋېلىش ،باشقىلاردىن كۆچۈرۈش ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئادىل بولماسلىق ، مۇكاپات سوممىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش . . .

    ئىلىم ساھەسىدە ساختىپەزلىك قىلىش ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرىۋېلىش دېگەندەك چىرىكلىكلەر ئادەتتىكى ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغانلار ئىچىدە پروفېسسور ، ئاسپىرانتلار بولماستىن ، ھەتتا ئاكادېمىكلار ، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىمۇ بار ئىكەن . پۇلغا چىدىسىڭىزلا ئىنتېرنېتتىن ئىزدىسىڭىز باكلاۋىرلىق ئىلمىي ماقالىسى 10 كوي ، ماگىستىرلىقنىڭ 20كوي ، دوكتۇرلۇقنىڭ 30 كوي ئىكەن ( ئويلاپ كۆرۈڭ ، نەچچە يىل چاچ ئاقارغۇچە ئوقۇپ ، كېچە -كېچىلەپ ئۇخلىماي يازىدىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ باھاسى شۇنچىلىك بولسا – ھە ! ھازىر مەدىكارلارمۇ سائىتىگە 10 كويغا رازى بولامدۇ ، بۇ بىر گەپ ! ) بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىر دوستۇم : بېيجىڭدا ماگىستىرلىق ، دوكتورلۇق دىپلوملىرىنى تاپماق ئاسان ، ئىشقىلىپ شۇ ئۇنۋاننى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ساتىدىغانلار بەك كۆپ . ئۇلار دىپلوم ، نىكاھ گۇۋاھنامىسى ، ئاجرىشىش خېتى ، ھەتتا ئۆلۈم ئىسپاتنامىسى . . . قاتارلىق 160 خىلدىن ئارتۇق كىنىشكە ياسىيالايدىكەن ، دېگەنىدى ، مەن تازا چىنپۈتمىگەنىدىم . مانا ئەمدى چىنپۈتمەي بولمىدى .

    ئەمەلىيەتتە ئۇلار دىپلوم ، كىنىشكە ئەمەس ، بەلكى دۆلەتنىڭ ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى سېتىۋاتىدۇ . ئۇلار چىقارغان باھالار ۋەتەن ، مىللەتنىڭ تەقدىر – ئىستىقبالىغا چىقىرىلغان باھادۇر !

    بولۇپمۇ بۇ خىل چىرىكلىك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر . ئوقۇغۇچىنى قەستەن ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمەيدىغان ، ئۇقۇغۇچىلاردىن نەپ تاما قىلىدىغان ئىشلار تولا ، بۇنىڭغا ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ( بىر قىسمى ) كۆنۈپ كەتتى ، بۇ ئاللىقاچان ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى .

    ئالىي مەكتەپ قانداق جاي ؟ ئۇ قانداق بولۇشى كېرەك ؟ بۇ مەسىلىلەر بەلكىم بىزنىڭ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگىمۇ تېخى ئايدىڭ بولمىسا كېرەك . بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ، بىر مىللەتنىڭ ، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە بولىدۇ .

    بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئون ئۇنىۋېرسىتېت مۇنداق ئورتاق تونۇشقا كەلگەن : دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇنداق ئاساسلىق ئىككى ئۆلچىمى بولىدۇ ، بىرى رايون ئىقتىسادى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالغا سۈرگۈچ رول ئوينىيالىشى ، يەنە بىرى ، شۇ رايون ، دۆلەتنىڭ مەرىپەت ، مەدەنىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلالىشى كېرەك . ئومۇمەن مۇنداق ئورتاق قاراش بار : دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك :

    1 – خەلقئارادا زور تەسىرگە ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىشى كېرەك .

    2- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا بىر تۈركۈم دۇنياۋى پېشىۋالار بولۇشى كېرەك .

    3- دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلىرى بولۇشى كېرەك .

    4- ئىلمىي تەتقىقاتلىرى دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلالىشى ھەم دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى كېرەك .

    5- جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇشى كېرەك ، مەدەنىيەت ، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇشى كېرەك . ( قارىغاندا ، مەن ھازىرغا قەدەر ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئوخشايمەن ) خې خەنلىن < دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ قانداق بولىدۇ ؟ > دېگەن فېليەتونىدا مۇنداق دەيدۇ : ” خارۋارد ، سىتانفورد ، يالى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ، كالىفورنىيە سانائەت ئىنىستىتۇتى ، ئوكسفورد ، كامبرىج ، توكيو ئۇنېۋېرسىتېتى دېگەنلەر دەل دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردۇر ، بۇلار نۇرغۇن خەلقئارالىق شەخسلەرنى يېتىشتۈرگەن ، مەسىلەن ، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 37 نەپەر ، ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىدىن 27 نەپەر ئادەم چىققان . ئاكادېمىك ، سىياسىئون ، بانكىر ، كارخانىچىلارنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ . كالىفورنىيە سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئاران 2مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن ( ئاڭلىسام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 30مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى بارمىش ) .

    خې خەنلىن يەنە ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئۇنىۋېرسىتېت روھى ، خىسلىتى بولۇشى كېرەك ،ئۇ پۇل ، ھوقۇقنى ئەمەس ، ئەقىل – ۋىجداننى تۈۋرۈك قىلىشى كېرەك . ئۇ ، ئىنسانىيەت مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇقەددەس تۇپرىقى بولۇشى كېرەك . ئۇ ھەر قانداق چىرىكلىك ، پەسكەشلىكنى سىغدۇرالمايدۇ . ئۇ تارىخىي بىلىملەرنىڭ ” كۆۋرۈكى ” ياكى باشقىلارنىڭ بىلىملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت ئەمەس ، بەلكى ئىجادىيلىققا باي دەۋر روھىنىڭ بالىياتقۇسى ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە مەدەنىيەت يارىتىدىغان بۆشۈك بولۇشى كېرەك . ئۇ پاسسىپ ھالدا جەمئىيەت تەرىپىدىن يېتەكلەنمەستىن ، بەلكى ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك . ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلىم ئەھلىلىرىدىكى ، ھەرگىزمۇ ” ئىجتىمائى ئالاقىچى ” ، ” ئىلمىي پائالىيەتچى ” ئەمەس ، مۇدىرلىرى بولسا ” ئۇنىۋېرسىتېت روھى”نىڭ ئوبرازلىرى ۋە ئىلغار مائارىپشۇناسلاركى ، ھەرگىزمۇ ” سىياسىئون ” ئەمەس .

    قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىر ئەرەب ماگناتىنىڭ ئۆز ئىسمىنى قويۇش بەدىلىگە بېرىدىغان غايەت زور ياردەم پۇلىنى رەت قىلغان ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا ، ئامېرىكىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى رېگاننىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان مۇقەددەسلەشكەن بىر ئۇنىۋېرسىتېت روھى ، خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدىغان پرىنسىپى شەكىللىنىپ بولغان .

    قارىغاندا ، مائارىپ ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلىم چىرىكلىكىنى دەپ بولغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ . مەيلى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردىكى پارىخورلۇق ياكى يالغان دىپلوم ، كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئوغرىلانغان ماقالە ، ئەسەرلەر مەسىلىسى بولسۇن ، بۇلار كىشىگە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاجايىپ ” كەڭ قورساق ” ئىكەنلىكىنى ، شۇنچىلىك ئالەمشۇمۇل رەزىللىكلەرنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ . مۇشۇ رەزىللىكلەرگە قارىتا بىر ئۈنۈملۇك نازارەت ، باشقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ بولماسلىقى ياكى بولسىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى كىشىنى ئاجايىپ ئېچىندۇرىدۇ .

    ۋىي جيەنمېي < ئالىي مەكتەپلەردە نېمە كەم ؟ > دېگەن فېليەتونىدا بۇ مەسىلىلەنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ” ئەڭ ئاددىي سەۋەب _ ئالىي مەكتەپلەردىكى بيۇروكراتلاشقان تۈزۈمدە . غەربتە مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پروفېسسور – مۇتەخەسسىسلەر باشقۇرىدۇ ، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىز بولسا باشقارما ، ئىشخانىلارغا تولغان ، ھېلىقى ئولتۇرسا ئۆيى ، ماڭسا پىكاپى تەييار باشقارما باشلىقى ، نازىرلارنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، مائارىپ بىلەن پەقەت ئالاقىسى يوق كىشىلەردۇر . بيۇرۇكرات باشقۇرۇش مۇھىتى ئەلۋەتتە بيۇروكراتلاشقان كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ پارتىيىگە كىرەلەيدۇ ، ئەلا باھالىنالايدۇ ، يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ . ھەقىقىي ئىلىم ساھىبلىرى ، ۋىجدان ئىگىلىرى بولغان پروفېسسور ، مۇتەخەسسىسلەر ھوقۇق چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ . بۇنداق ” رىقابەت ” مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار قانداقمۇ جەمئىيەتتە ئادالەت بارلىقىغا ئىشەنسۇن ؟ ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇنلىرى شۇ چاغلاردىلا ئادالەت ، ھەقىقەتكە بولغان ئېتىقاد ، چۈشەنچىلىرىدىن ۋاز كېچىپ بولىدۇ – دە ، چوڭ ئېقىمغا قوشۇلىدۇ ” .

    ھازىرقى زاماندا ئالىي مەكتەپ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، جەمئىيەتنىڭ مېڭىسىدۇر ، بۇ يەردىن چىققانلار جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى ، كىشىلەرنىڭ ئىلغارلىرىدۇر . ئۇلار جەمئىيەتنى ساغلام بىر نىشانغا يېتەكلەشكە ، ئاۋامنى ئاقارتىشقا ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە ، ئۇلار چۈشىنەلمىگەننى چۈشەندۈرۈشكە ، بىلمەي قالغاننى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك . ئۇلار خۇددى تۇزدەك پۈتكۈل جەمئىيەتكە تېتىشى كېرەك . بولمىسا شەخس ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى ئىكەنلىكىدەك زاكۇنلارنىمۇ چۈشەنمەي يۈرۈيدۇ .

    ئەپسۇس ، بىز ھازىر سىتودېنتلىرىمىزدىن بۇلارنى كۈتەلەمدۇق ؟ ئۇيغۇلار ھازىر بۇلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈك بوپقالماي ئۆزىنىڭ جېنىنى باقالىغانلىقىدىن خۇش . ئاتا – ئانىلار قىزلىرى ئالىي مەكتەپتىن ” ساق ” قايتىپ كەلگىنىدىن ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتمىگىنىدىن خۇش ، ئوغۇللىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالمىغىنىدىن خۇش . دېمەك ، بۇلاردىن بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق بىر نەرسىنى كۈتكىلى بولمىغاچقا ، بىز تەلەپ – ئۆلچەملىرىمىزنى شۇنچىلىك قىلىشقا مەجبۇر . بىز ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسىمۇ ، يامانلىق قىلمايدىغان ئادەملەرنى ياخشى دەپ ئاتايمىز . مۇتلەق كۆپ سانلىق سىتودېنتتىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ، غايە ، نىشان كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس .

    كرىزىس ھەرخىل بولىدۇ ، ئەمما بۇ كرىزىسلار شۇنىڭ ئۈچۈن پاجىئەلىك ، تەخىرسىزكى ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ، خەلقنىڭ ، ۋەتەننىڭ مېڭىسىدە .

    مېڭىسىدىن چاتاق چىققان ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن !

    يەنە بىر توۋا
    بۇ دۇنيادىكى كىشىلىرىمىز ئەڭ مۇھىمى سانائەت ماللىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئاچكۆزلىشىپ كەتتى . ھەتتا غالجىرلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى . بۇرۇنقى كىشىلىرىمىز ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ ، نەچچە بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشالايتى . تۇرمۇشىمۇ خاتىرجەم ئۆتەتتى . ئەمما ھازىر بولسا بىر بالىنىمۇ تۈزۈك بېقىپ بولالمايدىغان نان قېپى ئاتا – ئانىلار ھەر جايدىن تېپىلىدۇ .بالىغا بېرىدىغان مېھرىنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش يۈز ئوبرويىنى دەپ جەمىيەتتىكى ئىستمال قاينىمىغا ئاتىۋەتكەن ئاتا ئانىلاردىن قانداق ئۈمۈتلەرنى كۈتۈش مۈمكىن . مېنىڭچە ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . بۇرۇنقىلارنىڭ ئاددى – ساددا تۇرمۇشى بويىچە ياشىغاندا ، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا قۇربى يېتىشى مۈمكىن . ئەمما بىزنىڭ ھازىر پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان نەرسىلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك نۇرغۇن .
    بىر ئايال بىزنىڭ ئورۇنغا كومپيۇتېر سېتىۋالغىلى كەپتۇ ، ئۇ بىزگە ھەم ئەرزان ، سىرتقى كۆرۈنىشى كۆركەم بولغان كومپيۇتېردىن بىرەرنى كۆرستۈپ بېرىشنى ئېيتتى . بىز بۇ ئايالدىن كومپيۇتېرنى نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىۋىدۇق .ئۇ بىزگە مەنغۇ كومپيۇتېر دىگەن نىمىنى چورت بىلمەيمەن . ئەمما باشقىلارنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۆزەمنىڭمۇ سېتىۋالغۇسى كېلىپ قالدى . ئۆيۈڭدە كومپيۇتېر بارمۇ دەپ بىرەرسى سوراپ قالسا ، يوق دىسىمۇ سەت تۇرىدىكەن دىدى.
    پەقەت سەت تۇرىدىكەن دىگەن گەپ بىلەنلا نەچچەمىڭ يۈەنگە كومپيۇتېر سېتىۋېلىپ ، ئۆيگە زىننەت بۇيۇم ئورنىدا قويۇپ قويۇش نىمىدىگە قاملاشمىغانلىق . ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى بولسىغۇ ئالسا ، ھىچقانداق ئېھتىجى بولمىغان ئەھۋالدا . ھەي … ھېلىمۇ خۇدايىمغا شۈكرى بۇ ئايال قىممەت باھالىق كىيىم سېتىۋالماي كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بوپتۇ ، بىرەر كۈنلەردە چوقۇم ئەسقاتىپ قالىدۇ . دەپ ئويلىدىم مەن .
    مۇشۇنداق بولسا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كېلىپ چىقماي نىمە بولاتتى . جەمىيەتتە يۇقارقى مىسالغا تەدبىقلاشقا بولىدىغان ئىشلار ئىنتايىن نۇرغۇن .
    دېپلومنىڭ ئىشىغا كەلسەك ، مەن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەقەت ، ئەشۇ كېنىشكە ئۈچۈنلا ئوقىۋاتقانلىقىنى كۈندىن كۈنگە ھىس قىلىۋاتىمەن . سەللە يوغان ئىمان يوق ، داستخان يوغان بىر نان يوق دىگەننىڭ دەل ئۆز مۇشۇ دە .قارىسا دېپلوم شۇنداق چوڭ ، سىنىسا ئۈگەنگىنىنىڭ تايىنى يوق ،بىر قىسىم كىشىلىرىمىز شۇنچە يىل مەكتەپتە ئوقۇپ نىمىنىمۇ ئۈگىنىدىغاندۇ ھىچ چۈشىنەلمىدىم .ئەشۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش پۇرسىتىنى ماڭا بەرسىچۇ ، مەن ئاران تولۇقسىزغىچە ئوقىيالىغان ، ھازىرغىچە توختىماي ئۈگۈنىۋاتىمەن . ئۈگەنگەنلىرىم خۇددى ماڭا يەتمەيدىغاندەكلا تۇيىلىدۇ . بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىغانلارغا قاراپ ، ئالىي مەكتەپتە ئوقىماپتىكەنمەن دەپ پۇشايمانمۇ قىلماس بولدۇم ، چۈنكى بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىغانلار مېنى بەكلا ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويدى . يەنىلا تىرىشچانلىق ئەڭ مۇھىمكەن.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-21 1:08:53]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇرېھىم دۆلەت