بىل كىمبېرلىن-ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇساڭ قۇتقۇزالمايسەن

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-27 18:20:12

بىل كىمبېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3-يىللىقىدىكى ۋاقتىدىلا OBJ شىركىتىنى قۇرغان، ئاساسلىق كەسپى كىيىم تىكىپ ساتىدىغانلاردىن ئازراق يېرىدە چاتاق بار مالنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئوڭلاپ شىمالىي ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدىكى بەزى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىغا سېتىپ بېرىش ئىدى.

       
    بىل كىمبېرلىن
    ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇساڭ قۇتقۇزالمايسەن
     

    («كارخانىچىلارنىڭ مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
     
    [قەھرىماننىڭ نامى] بىل كىمبېرلىن
    [شانلىق دەۋر]
    بىل كىمبېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3-يىللىقىدىكى ۋاقتىدىلا OBJ شىركىتىنى قۇرغان، ئاساسلىق كەسپى كىيىم تىكىپ ساتىدىغانلاردىن ئازراق يېرىدە چاتاق بار مالنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئوڭلاپ شىمالىي ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدىكى بەزى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىغا سېتىپ بېرىش ئىدى.
    [مەغلۇپ بولۇش]
    كىمبېرلىننىڭ شىركەتنىڭ بارلىق كىرىم-چىقىم ھېساباتىغا مەسئۇل ۋە ئۇششاق-چۈششەك كەسپىي ئىشلارنى ياردەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىپ بېرىدىغان بىر ياردەمچىسى بار ئىدى. كېيىن كىمبېرلىن ئۇنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ شىركەتنىڭ 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلىپ قالغان، بۇ، شىركەتنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرۇشتا يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بانكا تەرەپنىڭ چەك كېسىشى جەھەتتىنمۇ يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا كېمبىرلېن بانكا بىلەن دەۋالىشىپ قالغان.
    [چۈشىدىن ئويغانغاندەك بولۇش]
    كىمبىرلېننىڭ سەۋەنلىكى ئاساسەن، مالىيەنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى مۇكەممەلسىزلىكتىن بولغان. تۆۋەندىكى بىرنەچچە ماددىنى ئەينەك قىلىشقا بولىدۇ:
    1.    بانكا ئامانەت پۇلىنى باشقۇرۇش. بانكا ھېساباتى ۋە باشقا ھېساباتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، كەسىپ جەھەتتىن ئېھتىياج تۇغۇلمىسا ئاشكارلاپ قويۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق. بانكا ھېسابات تامغىسىنى ئايرىپ باشقۇرۇش، ئىككىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىش، بىر ئادەمنىڭ بىر تۇتاش ساقلاپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق. ھەرقانداق ئاق قەغەزگە بانكا ھېسابات ئىگىسىنىڭ تامغىسىنى بېسىشنى قەتئىي رەت قىلىش.
    2.    كاسسىرلار بانكىدىكى قالدۇق سوممىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ تۇرۇش، قۇرۇق چەك كېسىشكە رۇخسەت قىلماسلىق، بانكا ھېسابات نومۇرىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ھېسابات بوغۇشىغا، نەق پۇل چىقىرىشىغا، ئۆتنە بېرىپ تۇرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق. ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا بانكا بىلەن ھېسابات توغۇرلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەم بانكىدىكى ھېسابات قالدۇقىنى تەڭشەش جەدىۋىلىنى ئىشلەپ، بولغۇسى ھېسابات تۈرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، سەۋەبلىرىنى تېپىش ھەم مالىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇلىغا يوللاش.
    3.    يىغىلىدىغان پۇل ھېساباتىنى باشقۇرۇش: يىغىلىدىغان پۇل ھېساباتىنى ھەر پەسىلنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ھېساپ ۋاقتى ۋە ئىدىتلاش ئەھۋالى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش ھەم ئالاقىدار رەھبەرگە ۋە باشقۇرىدىغان كەسپىي تارماققا مەلۇم قىلىش، يامان ھېساب چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەسپىي تارماقلارنى يىغىشقا سۈيلەپ تۇرۇش.
    4.    باشقا پۇل يىغىشقا دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇش: ھېساب ئاچقۇچىلار بويىچە ئايرىم ئاجرىتىپ خاتىرلەپ مېڭىش، شەخىسنىڭ پۇل ئۆتنە ئېلىشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى قاتتىق ئىگەللەش. پۇل ئۆتنە ئېلىشنى تەستىقلاش تەرتىپى: پۇل ئۆتنە ئالغۇچى-تارماق مەسئۇلى-مالىيە مەسئۇلى-باش دېرىكتور. نەق پۇل ئۆتنە ئالغاندا، نەق پۇل بويىچە ھېساب قىلىش دائىرسىدىكى ھەر خىل خىراجەتلەر تۈرىدىن چىقىم قىلىش.
    5.    شىركەتنىڭ مالىيە كۈچى رۇخسەت قىلىدىغان دائىرىدە، شىركەتتە بىرى شىركەتنىڭ كىرىمىنى باشقۇرىدىغان، يەنە بىرى شىركەتنىڭ چىقىمىنى باشقۇرىدىغان ئىككى نەپەر مالىيە خادىمىنىڭ بولىشىغا، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوبدان بىرلەشتۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
    [ئىلھام]
    مەيلى مەن قايسى شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماي، ساداقەتلىك چوڭ بىر پىرىنسىپ، مېنىڭ ئۆز شىركىتىمگە ۋە خىزمەتچىلەرگە سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتىم بار، ھەرقانداق ۋاقىتقا بارغاندىمۇ شۇنداق.
    -لى ئايكوكا

    مەنبە: «كارخانىچىلارنىڭ مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.