خوتۇن دىگەننى كۈنلىگۈلۈك

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-15 22:51:03

خوتۇن دىگەننى كۈنلىگۈلۈكبىزدە كۈنلەمچىلىكنى ھار ئالىدىغان،كۈنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئادەت بار.كۈنلەش ماھىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەلۇم بىرىنى بىر...

    خوتۇن دىگەننى كۈنلىگۈلۈك

     

    بىزدە كۈنلەمچىلىكنى ھار ئالىدىغان،كۈنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئادەت بار.كۈنلەش ماھىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەلۇم بىرىنى بىر يات كۆزدىن قىزغىنىش بولۇپ،ئۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەمەس پاكلىقنى قوغداش،ھايا ۋە شەرىمنىڭ ئىززىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ.كۈنلەمچىلىكنىڭ تىگى ئىشەنمەسلىككە ئەمەس ،بەلكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش،سۆيۈش،يالغۇز ئىگىلەش تۇيغۇسىغا تۇتىشىدۇ.ئەگەر نىكاھ يالغۇز ئىگىلەش ،ئەر خوتۇننىڭ بىر بىرىدىن  يالغۇز بەھىرلىنىشىنى ئاساس قىلمىسا ،نىكاھتا ھىسىيات،مۇھەببەتنىڭ چىچىلىشى ۋە سۇسلىشىش كۆرۈلۈپ بىر بىرىدىن يالتىيىپ قالىدىغان ھاللار سادىر بولىدۇ.بىر چاغلاردا «كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس» دەيدىغان ناخشىلارمۇ پەيدا بولغان.بىز بۇنىڭغا مىيىقىمىزدا كۈلۈپ قويغۇچىلارمىز.گەرچە ئۇ خوتۇنىغا ئىشەنمەسلىك ۋە ھەتتا ھەددىدىن زىيادە تىزگىنلەش،گۇمانخورلۇققا،نىسبەتەن ئىيتىلغان ناخشا بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئومومى ئۇدارىغا نىسبەتەن سەلپەل تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ زىيىنى يوق.

    بۇرادەر ئايالىڭىز مەيلى خىزمەتدىشى بولسۇن ياكى بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى بولسۇن ۋە ياكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە بولسۇن يات بىر ئەر بىلەن بىرگە يۈرسە سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش،كۈنلەش كەيپىياتى پەيدا بولمىسا بۇنى نىمە دىگۈلۈك؟ئەجابا مۇنەۋۋەر،لاياقەتلىك،ياخشى بىر ئەر خوتۇنىنىڭ يەنە بىر ئەر بىلەن بولغان ئەركىن باردى-كەلدىسىگە ئارلاشماسلىقى،توغرا چۈشۈنۈشى كىرەكمۇ؟بەزىلەر بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ يۈز بىرىش مۇقەررەرلىكىگە زامان،دەۋىرنىڭ ئۆزگۈرۈشى،تۈرلۈك ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى باھانە-سەۋەپ قىلىدۇ.ئەمما ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ئۆز ئىرىگە ۋە ھاياسىغا بولغان ساداقىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ئايال ھەرگىمۇ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بىرگە يۈرمەيدۇ،ئۇچراشمايدۇ.ھەدىسلەردە بىر يات ئايال بىلەن يات ئەر بىرگە تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قىشىدا شەيتانمۇ بىرگە ھازىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.سالىھ ئايال دوسلىرىدن بىرەرىنى ياكى ئۆزگىرىشىنى ھەمراھ قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بولغان ئىجتىمائى ئالاقىنى نورمال ئىلىپ بىرىشنى ئىرىگە بولغان ئىززەت،ئائىلىسىگە بولغان نۇمۇس دەپ بىلىدۇ.


    بۇرادەر،ئايالىڭىز يەنە بىر يات جىنىس بىلەن قول تۇتۇشۇپ ،بەلتارتىشىپ قۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىسا سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش ،كۈنلەش ھىسىياتى،ئارامسىزلىنىش،قىزىرىش،ئۇيىلىش كەيپىياتى ئويغانمامدۇ؟ ئايال ئەر كىشى ئۆزىلا بەھىرلىنىدىغان ،مەنپەئەتلىنىدىغان مۇتلەق نىمەت.«ئاياللار ئەرلەرگە جانابى ھەقنىڭ ئامانىتىدۇر» .ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە جايىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىڭ ساقلىماق زۆرۈردۈر.ئامانەتنى خالىغان بىرىگە كۆرسىتىپ ،تۇتقۇزۇپ،سىيلاتقۇزۇپ،ھوزۇرلاندۇرىۋەرسىڭىز ئامانەتكە خىيانەت،جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىسىز.جەزمەنكى،يات جىنىسلارنىڭ تىنى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال ئەڭ ئوڭاي بۇزىلىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز ساپمۇساق،تولۇپ پىشقان ئالمىنى ھەر كۈنى تۇتۇپ ،سىيلاپ قويۇڭ.تۇتىۋەرسە ھەپتىسىگە ساق ئالمىمۇ سېسىيدۇ.

    بۇرادەر،ئايالىڭىز قىسقا،تار كىيىملەرنى قاپساپ كىيىپ ئۆز زىننەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماڭسا،يوتا كىندىكلىرى ئوچۇق تۇرسا،يات ئەرلەر تۈكۈرۈكىنى غورتۇلدىتىپ يۇتۇپ ئارقىسىدىن ئوغرىلىقچە شەھۋەت نەزەرلىرى بىلەن قاراپ يۈرسە سىزدە كۈنلەش،قىزغىنىش،غەزەپ ھىسىياتى ئويغانمامدۇ؟ئايالىڭىزنىڭ  ھەركەتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلارنىڭ شەھۋىتىنى قوزغىشى سىزنى نومۇسلاندۇرمامدۇ؟ياكى ھەممە ئىغىزىنى تامشىتىپ تىل چاكىلدىتىپ ئايالىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى چىرايلىقلىقىنى ماختاپ قويسا خوشلۇقتىن كىرىلىپ كىتىدىغان مەنتەڭ مىجەز ئەرلەردىنمۇ سىز؟...


    ياراتقۇچىدىن ھايا نۇمۇس تىلەيمەنكى جىنىم ئەرلەر خوتۇنۇڭلارنى ئاز-تولا كۈنلەپ قويۇڭلار.ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقى سۆيسەڭلار ۋە ئىززەتلىسەڭلار ئۇلارنى يامان كۆز ئىپلاس غەرەز بۇزۇق نىيەتلەردىن ساقلاڭلار.بۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك ئەمەس.بەلكى ئىشىنىشنى چىڭىتىش نىكاھقا گۇمان ئەمەس نىكاھقا مەسئۇلىيەت ۋە تەلەپتۇر.بۈگۈن ئايالىڭىزنىڭ بىھايالىقىنى ئازراقمۇ كۈنلىمىسىڭىز بەلكىم ئەتە ئۇنى كۆرۈشكىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۈمكىن.تاپتىن چىققان ئاياللارنىڭ كەينىدە خوتۇنلىرىنى كۈنلەشنى بىلمەيدىغان خوتۇنىنىڭ ھەر قانداق ھەركىتىگە لاتىلارچە ھۆرمەت،خۇمسىلارچە ئىلمىيلىك بىلەن يول قويۇۋىرىدىغان ،قىسقىسى خوتۇنىنى ھەقىقى ماھىيىتى بىلەن سۆيۈش،قەدىرلەش،خوتۇنىنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ساقلاش،قوغداشنى بىلمەيدىغان يارامسىز ئەرلەر باردۇر.

    باشقىلار كۈنلىمەڭ،ئۇمۇ بىر تىرىك جانغۇ،دەيدۇ.مەن لايىقىدا كۈنلەڭ،چۈنكى ئۇ تىرىك جان دەيمەن.

     

    مەنبەسى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101تەكلىپ دىگەن كىتاۋى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خوتۇن كۈنلەش