شائىرنىڭ بۇرچى(ھەبىبۇللا مىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-07 00:00:00

شائىرنىڭ بۇرچىھەبىبۇللا مىجىت1تارىخ ئۈچۈن قەدىم ئۈچۈن ھېسابلانغان نەرسىلەر، شېئىر ئۈچۈن ئەبەدىي قەدىمىي تۇيۇلمايدۇ. شېئىر ئاللىبۇرۇن ماكان ۋە زاماندىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ كەلگۈسى ۋە ...



    شائىرنىڭ بۇرچى
    ھەبىبۇللا مىجىت


     

    1

     




    تارىخ ئۈچۈن قەدىم ئۈچۈن ھېسابلانغان نەرسىلەر، شېئىر ئۈچۈن ئەبەدىي قەدىمىي تۇيۇلمايدۇ. شېئىر ئاللىبۇرۇن ماكان ۋە زاماندىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ كەلگۈسى ۋە ھازىرى، شۇڭغۇپ كىرەلىگەن پىكىر تىرەنلىكى ئىچىدىن چىقىدۇ. شائىر ئىپادىلىگەن پىكىر ۋايىغا يەتكەن بولسىلا، بۇنداق شېئىر ئەبەدىيلىككە ئىگە بۇلالايدۇ. روھتىن-روھقا سىڭىشىپ، يىراق زامانلارغا پەرۋاز قىلالايدۇ، شېئىرنىڭ مەقسىتى نازاكەت ۋە سۈلكەتنى قوغلىشىش ئەمەس، ئاددىيلىققا يېقىنلىشىش. ئاددىي نەرسىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇلۇغلۇق پىشىپ يىتىلگەن بۇلىدۇ. زامان- زامانلاردىن بېرى شۇنداق، ھېچكىم مېۋىلىك دەرخنى ئېگىلگىنى ئۈچۈن تىللاپ باققىنى يوق.



     شېئىر تەبىئەتتىن كېلىدۇ، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ، يۈگۈرۈپ يۈرگەن شاماللار، خىيالچان دالىلار… ھەممە-ھەممىنىڭ ۋۇجۇدىدا شېئىرىي پىكىر يۇشۇرنۇپ ياتقان بۇلىدۇ. ئۆزىنى ئىپادىلەشنى كۈتۈپ تۇرغان بۇلىدۇ، قىسقىسى ھەممە شەيئى شائىردىن شېئىر تەلەپ قىلىدۇ، شېئىرىي پىكىرلەر شائىرنى توختىماي ئالدىرىتىپ تۇرغان بولىدۇ. شائىر توختىماستىن يېزىشى كېرەك. ئىجادىيەتتە ئىزچىللىق بولغاندىلا، ئۆزىگە خاس رېتىم ۋە مىلودىينى ئىزدەپ تاپالايدۇ، ئۆزىگىلا خاس بولغان ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. شائىر ئۆز روھىنى قېزىشى، ئۆزىگە چۆكۈشنى بىلىشى كېرەك. تەبىئەتتىن ئۆز ئاۋازىنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. تەبىئەتتىن ئالغانغا چۇشلۇق، بېغىشلاشنى، قايتۇرۇپ بېرىشنى بىلىش شەرت، چۈنكى شېئر ئاقىۋەتتە تەبىئەتكە قايتىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت تەبىئەتلا شائىرنىڭ بىردىنبىر ئەركىنلىك ئالىمى، شېئىرنىڭ تەۋەللۇت زېمىنى.



    تەبىئەتتىكى ھەربىر شەيئى شائىرغا قايناق ھاياجان ئىلكىدە باقىدۇ. شائىردا شۇنى سېزەلەيدىغان كۆڭۈل كۆزى بۇلۇشى كېرەك. چۈنكى شېئىر دەقىقە ئىچىدىلا بەرگ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، خازان تاشلايدۇ. ئۇنىڭدىن مېۋە قالدۇرۇشنى، ئۇرۇققا ئېرىشىشنى تۇيغۇدىكى دەقىقىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان كىشىلا بىلىدۇ. شۇڭا شېئر روھقا تەۋە بولغان  بۇلىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا شېئىردا تەسۋىرلىنىۋاتقان ھېسسىي ئوبراز شائىرنىڭ دەل ئۆزىدىن ئىبارەت. شېئىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدا شائىرنىڭ ئىسسىق يۈرىكى گۈپۈلدەپ سۇقۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا شېئىرغا مەڭگۈ تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ. كىشلەر شېئىرنى بىلگەندىن تارتىپ، شېئىرغا ئۆزىچە ھەرخىل تەبىر بېرىپ باقتى. قەپەسكە سولاپ تۇرۇپ يېزىپ بېقىشتى. بىراق شىئېر ئۆزىنىڭ قەپەسكە مۇپتىلا بۇلۇشىنى زىنھار خالىمايتى.



    شائىر مەڭگۈلۈك سەپەرگە تەنھالىق ئارقىلىق ئىرىشىدۇ. ساترىنىڭ مىزانى بۇيىچە ئىزاھلىغاندا:«تەنھالىق-ئىنساننىڭ خۇدالىق تۇيغۇسىدۇر.» شائىر تەنھالىق ئارقىلىقلا يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەككۈدەك شىئېرلارنى روياپقا چىقىرالايدۇ ياكى مۇنداقچە ئېيىتقاندا، شىئېرنىڭ ئۈزىگە قايتىپ، شىئېردەك جەلىپكارانە ھاياتقا ئىرىشەلەيدۇ.



    دۇنيادا ئىنسانغا ئورتاق مۇنداق ئىككى نەرسە بار: ئازاپ ۋە مۇھەببەت. شائىرلار مۇشۇ ئىككى ئورتاقلىققا بىرلا ۋاقىتتا ئىگە بۇلالىغان بەخىتلىك كىشىلەردۇر. شائىر ئازاپ ئىلكىدە يېغلاپ تۇرۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۈيەلەيدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ تاتلىق سۈيۈش، يېغلاپ تۇرۇپ سۈيۈشتەك شىرىن بولمىسا كېرەك. شۇڭا شائىرنىڭ قەبرىسى ئىككى غېرىچ، مەنىۋىي قەبرىسى بولسا كۆكنى سۆيگەن.



     


    2

     



    ماماتقا ھايات شارابى تەڭلىيەلىگەن ئادەم شائىردۇر. بىلگىنكى ھەر بىر تىنىقنىڭ ھىسابى بۇلىدۇ. سەندە شائىرلىق قېنى ئۇرغۇپ، ئىنسانلىق ۋىجدان قايناپ تۇرسۇن. ئەتراپىڭدىكى ھەممە نەرسىگە نىسبەتەن سەندە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۇلۇشى كېرەك. چۈنكى، شائىرلىق پۇرسەت ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەتتۇر. ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى سىنىڭ ھەسرەتەڭ بولغاندىلا، ئاندىن سەندە چىن شائىرلىقنىڭ شەرتى ھازىرلانغان بۇلىدۇ.



    ئىنسانىيەت نىمىگە دۈچ كىلىۋاتىدۇ؟ تىراگىدىيىلىك چۇڭقۇرلۇقنى بويلاپ، ئۇنى كىشلەرگە تۇنۇتۇش، ھاياتتىكى پاجىئەلەرنى ئىپادىلەش شائىرنىڭ جىددى كۈڭۈل بۈلىدىغان مەسلىسى ئىدى. بۇ شىئېرىيەتتە جەزمەن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك ئىدى. ئەمما شائىر سىنىڭ نەزەر سالغىنىڭ باشقا بولدى. چۆچۆرىدەك بەش بالىسىنى بېقىش ئۈچۈن، قۇياش كۆزىنى ئۇۋلىماستا ئېتىزغا ماڭغان سەھرالىق تۇل ئايال سىنىڭ نەزىرىڭدىن ساقىت بولدى. كۆزىدە دۇنيانى ئويناتقان شەرەنداز سەتەڭ شىئېرىي ھاياجىنىڭغا ئوت ياقتى، پۇشقىقىنى تىزىغىچە تۈرۈپ قۇيۇپ، زىمىننىڭ قۇلىقىغا گۈل قىسۋاتقان دېھقان بوۋاي ساڭا قاراپ ئۈمىدلەندى، ئەمما سەن بايۋەتچىنىڭ ئالقىنىدىن ئىلھام ئىزدىدىڭ…



    شائىرلىق بىر پاكىزە يول، شەرەپلىك يول. شائىرنىڭ تىنىقى ھەممە يەرنى قاپلىيالايدۇ. شائىر ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان ئاۋازلارنىلا ئەمەس، جىمجىت ئاۋازلارنىمۇ كۆڭۈل قۇلىقى ئارقىلىق ئاڭلىيالايدۇ. بىشارەتلەر ئىچىدىن بىشارەتلەرنى ھىس قىلالايدۇ. لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرالايدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ ئاۋانگىراتلىرىدىن بۇلۇپلا قالماي، مۇتەپەككۇرىمۇ بۇلالايدۇ. شۇڭا سەن خەلىقنىڭ تىنىقىغا تىنىق قۇشۇش، شائىر ئۈچۈن مۇقەددەس ئىستەك ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئىسىڭدىن چىقارما، ئەي شائىر!!…

     

    2002-يىللىق «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.