مەۋھۇم كىتاپخان ۋە «ئۆلۈۋىلىش سەنىتى»(نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن )

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 05:53:53

مەۋھۇم كىتاپخان ۋە «ئۆلۈۋىلىش سەنىتى» ماقالە ئاپتورى:نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز ھۆرمەتلىك كىتاپخان بۇندىن خېلى يىللار بۇرۇن مەلۇم بىر كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى ئېسڭلەردە باردۇر ،...

    مەۋھۇم كىتاپخان ۋە «ئۆلۈۋىلىش سەنىتى»

     

      ماقالە ئاپتورى:نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

           ھۆرمەتلىك كىتاپخان بۇندىن خېلى يىللار بۇرۇن مەلۇم بىر كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى ئېسڭلەردە باردۇر ،بۇ كىتاپ قۇرلمىسنىڭ ۋە تىلنىڭ غەيرىلىكى شۇنداقلا مەنا قاتلمىنىڭ كۆپ قىرلىقى بىلەن بىزنى چۆچۈتكەن ھەم ئۆزگە ھاقارت تۈسنى ئالغان باھالارنى يۈكلىۋالغان ئىدى .بۇ ئەسەرنىڭ نامى دەل <<ئۆلۈۋىلىش سەنىتى >> دۇر .
    بۇ ئەسەر نىمە ئۈچۈن بىزنى باشقىچە كۆز قارشقا يەنى كۆزىمىزگە سىغمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىشتىرىدۇ ؟ بۇنىڭغا جاۋاپ باشقىلاردا كۆپ بولىشى مۆمكۈن لېكىن بۇ جاۋاپلاردا قىلچىلىك چوڭقۇرلۇق ۋە ھەققانىلىق مەۋجۇت ئەمەس .بۇ جاۋاپلارنى تەھىل قىلغاندا بىرى بۇ كىتاپنى پۈتۈنلەي تىلاش ۋە ئىتراپ قىلماسلىق ئاڭ يۆلۈنىشى بولسا يەنە بىرى ئاپتۇرغا ھېسداشلىق قىلىش ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ يېڭلىق تەرپتارى (يېڭلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ ) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت .ئەمما بۇ ئىككى ئاڭ يۆلۈنىشىدىكلەر بۇ كىتاپنىڭ ھەقىقىي روھىي ۋە قۇرلمىسى ...جەھەتتە تەھىل ئېلىپ بارماي ئەكسىچە ئەسەرنى كوچا پارىڭىغا ۋە دىننىي ئاڭ كۆرۈىشىگە ئايلاندۇرىۋەتتى .بۇنىڭ بىلەن ئەسەرنى ھەقىقى رەۋىشتىكى چۈشۇنىش پۈتۈنلەي نىشانسىز ساسلىققا كىرىپ قالدى .ئەمىلىيەتتە بۇ باھالارنى بەرگەنلەرنىڭ كۆپى بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغان ،ئوقىغان تەقىدىردىمۇ كوچا پارڭلارنىڭ يۆلۈنىشگە ئاساس تېپىش ئۈچۈن ئوقىغان .بۇخىل ئوقۇش كىتاپخاندا باشقىلارغا يۆلۈنىۋىلىش ياكى تەپەككۇر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكسنىڭ ئېغىرلىقىىدىن بولغان بولسا يەنە بىر جەھەتتىن چۈشۈنۈش سەۋيەسنىڭ كونا مۇقامدا توختاپ قالغانلىقىدىن بولغان . بۇخىل ئاجىزلىق تۈپەيلى كىتاپخان باشقىلار تەرپىدىن بۇ ئەسەرنى چۈشۈنۈش جەھەتتە پۈتۈنلەي تويۇق يولغا يىتەكلەنگەن .مانا بۇ بىزدىكى يېڭى شەئىلەرگە يېڭىچە ئاڭ بىلەن ماسلاشماي بەلكى ئۇنى چەتكە قېقىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ دەلىلى . ناۋادا بىز ئەدەبىياتنى تاق يۆلۇنۈشكە ياكى مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىجادىيىتنى تەقىلىت قىلىشقا يىتەكلەشنى مەقسەت قىلىۋالساق يېڭى نەرسىلەر بىزدە ئىجات ئىتلمەيدۇ ،ناۋادا ئىجات ئىتلسە چەتكە قېقىلىدۇ .


           مەيلى نىمە ئەسەر يېزىڭ ،سىز يازغان ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەنا قاتلىمى، تىلى پۈتۈنلەي كىتاپخانغا تونۇش بولسا ، دىمەك بۇ ئەسەر تولىمۇ قابىلىيەتسىز بىر ئىنسان تەرپىدىن روياپقا چىقىپتۇ دەپ قاراڭ .چۈنكى ھەقىقى ئەسەر كىتاپخانغا ھامان چەكسىز ئىستېتىك مەنا بوشلىقى قالدۈرىدۇ .بۇ ئىستېتىك مەنانى ئاپتور ئەمەس بەلكى كىتاپخان يارتىدۇ .بۇ يارتىش مۇقۇم ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس ،ئۇمۇ تەرەققىي قىلىدۇ ھەم ماكان ،زاماننىڭ چەكلىمىسگە ئۇچىرايدۇ .ناۋادا بۇ چەكلىمە بۇزۇلسا شۇنغا ماس ھالدا ئەسەرگە بولغان چۈشۈنۈشمۇ ئۆزگىرىدۇ يېڭىلىنىدۇ ، مەلۇم زامان ۋە ماكان ئىچدىكى ئاڭ تەرپىدىن چەكلەنگەن ھاقارەتلەنگەن ئەسەر ئېنقىكى غەلبە قىلغان ئەسەر بولۇپ چىقىدۇ .چۈنكى ئىستېتىكا ئاڭ تەرققى قىلىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەللكىكتە ئۆلچەم بولمايدۇ . ئۆلچەمسىزلىك ئىچىدە گۈزەللىك ھەقىقى ئەركىنىلكە چىقىدۇ .بۇ ئەركنلىك دەل كىتاپخانىڭ كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا ئېرشكەن روھيى تەجىربىللىرىدۇر .

        ئەينى يىللاردا بۈيۈك فىرانسىيەدە ئىككى يازغۇچى ياشاپ ئۆتكەن ئۇنىڭ بىرى فىلوبىر يەنە بىرى 费杜
    ئىدى .بۇ ئىككى يازغۇچى 1872_يىلى بىردىن رومان ئېلان قىلغان بىرق. بۇلار يازغان روماننىڭ تەقدىرى ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە يولۇققان。 费杜, يازغان رومان ئاجايىپ غايۋىلىكلىكى شۇنداقلا جەننەتكە ئوخشىغان تۇرمۇش مەنزىرسى بىلەن مەدىھيە ۋە ئالقىشقا ئېرشكەن لېكىن فلوبىر يازغان <<بوۋىر خانىم >>دىگەن رومان ئۆزدىكى ئازاپ ۋە ئۆزى ئىپادىلىگەن رېئاللقىنىڭ كىنايىگە تولغان قارڭغۇ تەرپى بىلەن ھاقارەت ۋە تەنقىتكە ئۈچىراپ ئاخىرى ئاپتۇر <<ئاۋىم ئەخلاقىغا دەخلى قىلدى >>دەپ قارلىپ سوتقا تارتىلغان . ھازىر ئەينى يىلاردا مەدىھلەنگەن ئاپتۇرننىڭ ئەسىرى ۋە نامىنى فىرانسىيە ئەدەبىيات تارىخدىن تاپللمايمىز لېكىن فىلوبىرنىڭ نامىنى فىرانىسىيە ئەدەبىيات تارىخدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىيات تارىخدىمۇ چېلقىتۇرۇپ تورىمىز .فىلوبىرنىڭ ھاقىرەتلەنگەن ئەسىرى نۇرغۇن تىلارغا تەرجىمە قىلندى .بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ بىز يوقاردە ئېيتقاندەك كىتاخاننىڭ شەيلەرگە بولغان بىلىشى ۋە چۈشۈنۈش ئۇسۇلى تەرققى قىلىدۇ ھەم ئۆزگۈرىدۇ شۇنداقلا ئۇ يېڭىدىن _ يېڭى ئىستېتىك مەناغا تەشنا بولۇپ تۇرىدۇ. ناۋادا بىر ئەسەرگە بېرىلگەن باھانى ھەممىمىز ئالىقىشلىساق ئۇنداقتا بىز بۇ ئەسەرنى ئوقمىغان بولۇپ چىقىمىز ياكى بۇ باھالارغا قارسىغا ئەگەشكەن بولۇپ چىقىمىز .ئەمىلىيەتتە ھەقىقى ئاپتۇر كىتاپخانغا كەڭ مەنا ۋە ئىستېتىك ئويلۇنۇش بوشلىقى قالدۇرىدۇ . ھەقىقى ئەسەرنى كىتاپخان يېزىپ پۈتتۈرىدۇ بۇ يېزىش دەل ئىستېتىك مەنا يارتىشتىن ئىبارەت يەنى كونا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى تاشلاپ كىتاپ ئىچىدىن يېڭىچە تەپەككۇر ئۇسۇلغا ئېرىشىش ، ناۋادا بىر ئەسەرنى قولمىزغا ئالغان ھامان چۈشنۈپ يەتسەك ئېنقىكى بۇ ئەسەرنىڭ ئۆمىرى تولىمى قىسقا بولغان بولىدۇ بۇخىل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان ئاپتورلار كىتاپخانلارنى دۆت ئۆزنى قالتىس ساناپ ئەسەرلىردە بۇيرۇق خاراكتىرلىك ئەخلاق ۋە سىياسىي شۇئارلارنى توۋلايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ساختلىق بىلەن بىزنى ئىشەندۈرشكە ئۇرىنىدۇ .

            كىتاپخان بىر ئەسەرنى ئوقىغاندا ئوخشىمىغان مانا چوقۇرلىقىغا ئېرشىدۇ . بۇ ئېرشىشى ھەر بىر ئادەمنىڭ چۈشۈنىشدىكى خاسلىقتىن ئىبارەت .مەسىلەن، بىز بىر فىلىمنى كورگەن بىرنەچچى ئادەمنىڭ بۇ فىلىم ھەققىدىكى بايانىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا ،ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان چۈشۈنۈش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز ( بۇخىل ھالەت ھەقىقى ئەسەرلەردە روي بېردۇ ) ئەينى يىلاردا غەرىپ ئەدەبىياتىدا قىلچىلىك نامى يوق ھەتتا ئەسەرلىرى كىشلەر تەرپىدىن ئىتىبارغا ئېرشمىگەن ھەتتا ئاپتور ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ خېلى زامانلاردىن كېيىن قايتىدىن تونۇلغان كافكا .نىمە ئۈچۈن بىردىنلا غەرپ ئەدەبىياتنىڭ ئاتسىغا ئايلىنىپ قالدى ؟ بۇ يەردە كىتاپخاننىڭ چۈشنۈش ئىستېتىكىسى دەۋىر چەكلىمىسگە ئۇچرغان ھەم ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مىخانىك ھالدا يانداشقان ،ئەمىلىيەتتە بۇخىل مىخانكى ياندىششى ھەقىقى ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ چۈنكى قوبۇل قىلىش مۇقۇم نەرسە ئەمەس ، ئۇ تەرققىي قىلىدۇ ھەم ئۆزگۈرىدۇ
    ئەدەبىيات تارىخ شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى ئەينى دەۋىر تەرپىدىن ھاقارتەلەنگەن ۋە خارلانغان كىتاپلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن مەدىھلىنىدۇ .بۇخىل ھادىسە دۇناي ئەدەبىياتىدا تولىمۇ كوپ يۈز بەرگەن .ناۋادا بۇخىل يازغۇچلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەنئەنە تەرپىدىن قوبۇل قىلىنغان ھامان بۇرنقى ئەنئەنلەرنىڭ ئورنىغا چىقىپ دەل ئەنەئەنىنىڭ ئۆزى بولۇپ قالىدۇ .بۇ ھادىسلەرنى بىز غەرىپ ئېقىملىردا كۆپ چىلىقتۇرمىز .بۇ ئېقىملار باشتا يېڭى ھادىسە ئىدى كېيىن كىشلەر تەرپىدىن ئىتراپ قىلىنىپ ،پايدىلىنغاندا ئەنئەنگە ئايلىنىپ كەتكەن ھەم كىشلەرنى شەئىلەرنى بىلش ۋە چۈشۈنشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئەتكەن .ئەمما بىرقىسىم يازغۇچلارمۇ مەۋجۇت ئۇلار دائىم كونا ناخشىنى توۋلايدۇ ھەم بازادا نىمە ئىشتىك بولسا شۇنى بازارغا سېلىشقا ئالدىرايدۇ . ئ
    .

           <<ئۆلۈۋىلىش سەنىتى >> زادى نىمە ئۈچۈن بىزدە ئەيپلەشكە ئۈچىردى ؟ بۇ يەردە بىرلا مەسىلا بۇ بولسىمۇ بىزنىڭ قوبۇل قىلىش ئىستېتىكىمىزنىڭ كۆپ قىرلىق ئەمەس بەلكى يۈزەكى ھەم تاق يولۇنىشتە توختاپ قالغىنلىقىدىن ئىبارەت . مانا مۇشۇنداق تار دائىردىكى چۈشۈنۈش كىتاپخانغا چەكىسىز ئويلۇنۇش پۇرستى قالدۇرغان ئەسەرلەرنى قىسقا مۇددەت دارغا ئاسىدۇ . بۇ دارغا ئېسىش ئەمىلەتتە شۇ ئوقارمەننىڭ مەلۇم ئۆتكۈنچى زامان ۋە ماكان چەكىلىمىسدە تۇرۇپ پىكىر قىلغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .ناۋادا زامان ۋە ماكان ئۆزگەرسە ياكى كىشلەرنىڭ شەئىلەرنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈشنىڭ يېڭى بىر شەكلى پەيدا بولسا ئۇ ھالدا ھەقىقى ئەسەرلەرگە بولغان خاتا چۈشۈنۈشمۇ ئۆزگىرىدۇ .بۇ ۋاقىىتتا مەدىھلەنگەن ئەسەرلەر يىراققا تاشلىنىپ ئەينى دەۋىر تەرپىدىن ھاقارەتلەنگەن ئەسەرلەر كۆكە كوتۇرلىشى تۇرغانلا گەپ
    لۈشۈن ئەپەندى مۇنداق بىر گەپنى قىلغان :``<< قىزىل راۋاقكتىكى چۈش>> نى ئوقىغاندا ،ئەخلاقشۇناسلار ئۇنىڭدىكى بەتقىلىقلارغا . ئىمارەت شۇناسلار ھويلا _ ئارملارنىڭ گۈزەللكىلىگە . ھوقۇق شۇناسلار ئۇنىڭدىكى ئىدارە قىلشىقا ، دىن شۇناسلار ئۇنىڭدىكى مۇراسىملارغا . تىل شۇناسلار ئۇنىدىكى تىلغا ، گەپ تېرىپ يۈرىيدىغانلار مەخپى ھوجۇردىكى مەخپى ئىشلارغا نەزىرنى ئاغدۇرىدۇ ``دىگەن .دىمەك ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇتلەق تىپلىك ياكى ئۆلچەم مەۋجۇت ئەمەس بەلكى بۇ ئۆلچەملەر ۋە تىپكلىك چۈشنۈش يولدىكى تەسىرات ۋە تەپەكۈر قىلىشتىن ئىبارەت . شۇڭا <<ئۆلۈۋىلىش سەنىتى >>مەھۇم كىتاپخان تەرپىدىن داۋاملىق ئېچىلىپ ھەربىر ئادەمدە ئوخشىمىغان ئىسېتتىك مەنا پەيدا قىلدىغان ئەسەر .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.