داڭلىق كارخانىلارنىڭ خادىم قۇبۇللاشتىكى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-02 14:10:00

يېتەرسىزلىكى يوقلارنى قوبۇل قىلماسلىق: IBM شىركىتى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئۇلار ھېچقانداق يېتەرسىزلىكى يوق ك...

       يېتەرسىزلىكى يوقلارنى قوبۇل قىلماسلىق: IBM شىركىتى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئۇلار ھېچقانداق يېتەرسىزلىكى يوق كىشىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەچكە، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنى ياقتۇرمايدىكەن. خىزمەتچى خادىمنىڭ يېتەرسىزلىكى بولماسلىقىنى خېرىدارلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايدىكەن.
         زىمېنس(Siemens) شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى بار ئىكەن. ئۇلاردا ئىش ئىزدىگۈچىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش ۋاقتى 40 مىنۇت  بولىدىكەن، تەجرىبىسىنى سىناشقا يېرىم سائەت سەرپ قىلىدىكەن، بىلىمنى سىناشقا  ئارانلا بەش مىنوت سەرپ قىلىدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئىككى- ئۈچ يىلدا ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن، تەجرىبىسىمۇ ئۆزگىردىكەن، ئەمما  ئىقتىدارىنى 20، 30 يىل، ھەتتا بىر ئۆمۈر ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن.
      مىكروسوفت شىركىتى يۈزتۇرانە  ئىمتىھاندا «نېمە ئۈچۈن ئەۋرەز يولىنىڭ قاپقىقى يۇمۇلاق بولىدۇ؟» دېگەندەك غەلىتە سۇلاللارنى سورايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بېرىش مۇھىم ئەمەس ئىكەن، مۇھىمى ئىش ئىزدىگۈچىنىڭ جاۋاپتا ئەكس ئەتكەن ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئىكەن. بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئۇقۇم، ھۆكۈم، خۇلاسىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ ئىقتىدار كارخانىنىڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدىكەن.
       بېنز شىركىتى يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىگە نەق مەيداندا ئىستېپانامە يازدۇرىدىكەن. ئىستېپا بېرىش سەۋەبىگە ئاساسەن ئىمتىھان بەرگۈچىگە ھۆكۈم قىلىدىكەن، بۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بولۇپ، كەلگۈسىدە خىزمەت قىلغاندا شىركەت ئۈچۈن جان- دىل بىلەن ئىشلەشنىڭ ئاساسىي دەپ قارىلىدىكەن.
       موتورولا شىركىتى ئىش ئىزدىگۈچىدىن غەرەزلىك ھالدا: «توي قىلدىڭىزمۇ- يوق؟ قاچان بالىلىق بولاي دەيسىز؟ جورا تاللاشتىكى ئۆلچىمىڭىز نېمە» دېگەندەك سۇئاللارنى سورايدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پايدا- مەنپەئەت پوزىتسىيىسىنى سىناپ باقىدىكەن.
       كۈندىلىك بويۇملار شىركىتى تاماق يېيىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى شۇ كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى، تېنىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىشنى تېز  قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن، شۇڭا ئىش ئىزدىگۈچىنى «تېز  سۈرئەتتە تاماق يېيىش» ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرىدىكەن. تاماق يېيىش سۈرئىتى تېز بولغانلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئاستا بولغانلار شاللىنىپ قالىدىكەن.
      ئاموزون كىتابخانىسىنىڭ ئىمتىھان ئەمەلدارى خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىدىن: «ئۆيىڭىزدە قانچە جان بار؟ ئۆيدە ئانىڭىزنىڭ گېپى بەكرەك ئۆتەمدۇ ياكى دادىڭىزنىڭمۇ؟ ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلامسىز- قىلمامسىز؟ ئۆيىڭىزدىكىلەر نېمىنى ياخشى كۆرىدۇ؟» دېگەندەك ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سورايدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئىش ئىزدىگۈچىنىڭ ئىنكاسى، ئىقتىدارى، بىلىمى، تەربىيىلىنىشى، پەزىلىتى قاتارلىقلارنى سىناپ باقىدىكەن.
       ھەممىباپ شىركىتى خادىملارنىڭ جاپاغا چىداش روھى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى سىناش ئۈچۈن خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىغا ھاجەتخانە تازىلىتىدىكەن، بۇ ئىشنى خالىمايدىغانلارنى ئىشلەتمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ قارشىچە، جاپا چېكىشنى خالىمايدىغانلار  كەسپنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلار بولۇپ، بۇنداقلار شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «دۈشمەن» ھېساپلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق