تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-20 17:20:00

تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟ ئاپتورى : ئىزچى 1.ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي مىزانلىرىمىزدا پۇل-مال، دەپن-دۇنيا، ئابروي، نەسەب-مەنسەب، ئىمتىياز ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەر روھى سىڭگەن ۋە ياكى سەۋەبچىلىك تە...

    تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟

    ئاپتورى : ئىزچى

          1.ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي مىزانلىرىمىزدا

    پۇل-مال، دەپن-دۇنيا، ئابروي، نەسەب-مەنسەب، ئىمتىياز ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەر روھى سىڭگەن ۋە ياكى سەۋەبچىلىك تەسىرى بولغان قىز-يىگىت تويى بىزدە ئەزەلدىن ساغلام-پاك (ھالال) توي ھېسابلانغان ئەمەس. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن توي-تۆكۈن مىزان-قائىدىلىرىمىزدە، جۈملىدىن نىكاھ-توي «رىسالە»مىزدە بۇ قارىشىمىز مۇنداق دەلىللەنگەن:

    «... نىكاھدىن مۇددىئا : نىكاھى قېتىلغان قىز-يىگىتنىڭ پاك-ھالالەت خۇدايى بەندىچىلىكى ئۈچۈن، ئەبەدىل-ئەبەد جۈپتى ھەمدەملىكى ئۈچۈن، خۇدالىق پەرزەنت ئۈچۈندۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇر مۆمىنلىرىمىزنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرى ئاشكارا ۋە خۇپىيانە تەمەدىن، زورلۇق-ناشايان ئەلەمدىن، كۇفرانە ھەشەم-مالامەتلەردىن، دەپن-دۇنيا ساراسىمىلىرىدىن، نەھى ھارامدىن (قويۇق-سۇيۇق، قاتتىق-يۇمشاق، مەست ۋە بىھۇش قىلغۇچى خۇرچ-بۇيۇملاردىن ــ ئىزچى)، قەرزدىن، بىچارىلىق ئەلەملىرىدىن، شەرمى-ھايادىن ... پۈتۈنلەي خالى، بەندىلىكتە ساۋابلىقى روشەن ئادەت يوسۇن ... بىلەن تامام بولمىقى شەرتتۇر ...».

     توي-مۇراسىملىرىمىزدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار توغرىسىدا بۇ «رىسالە»دە يەنە تۆۋەندىكى زۆرۈرىيەتلەر قەيت قىلىنغان: «... نىكلاھى قېتىلغان مەزكۇر ئىككى مۆمىننىڭ ھەقدار ھامىيلىرى (ئاتا-ئانا، بىۋاسىتە ھامىيىلىك ئاكا-ئۇكىلىرى ــ ئىزچى) نىڭ خۇدالىق خالىس ھەمدەملىكى، مۇراد-مەقسەت بىرلىكى، شەپقەت-شاپائەت ئېتىبارى مەزكۇر ئىككى مۆمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە تەقدىرىگە مەنبەدۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇرلەرنىڭ دەستۇرخان-سورۇنلىرى، مەسۇمە(قىز ــ ئىزچى) نىڭ تويلۇق ھەققى مېھرى، تويلۇق بوخچا ۋە تويلۇق باراۋەت...لىرى ھامىيلىرى ۋە نىكاھى قېتىلغان ئىككى مۆمىننىڭ نەفتانە مال-دۇنيا مادارىغا بىنائەن ھەم شۇلارنىڭ قۇربىتى، رازىلىقى بىلەن زەخىمسىز، زورلۇقسىز ئۆتمىكى خۇدالىق دالالەتتۇر... نىكاھ-توي ئىنسان ئۈچۈندۇر. مال-دۇنيا، مەئىشەت ئۈچۈن بولمىقى دىنىمىزغا مۇخالىپتۇر...».

    «... مەسۇمە تەرىپىدىن ئۈچ ھامىيە (قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، چوڭ ئاتا-چوڭ ئانىسى، بىۋاسىتە ھامىيلىق يەتكۈزىدىغان بالاغەتلىك چوڭ قېرىنداشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ـــ ئىزچى)، يىگىتتىن بىر ھامىيە (ئاتا-ئانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئىزچى) تويدىن خالىس نېسىۋە ئالماق جايىزدۇر... ئۇنىڭدىن غەيرىلەرنىڭ نەپ ئالمىقى ھارامدۇر... رەئەييە-پۇقرانىڭ قىزلىق توي بوخچا-بوغۇنچىلىرى قوش قاتتىن لىباس (بىر جۈپتىن باش-ئاياغ ئېغىزمان كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئىزچى)، قوش قەۋەتتىن ئەۋرەت كىيىملىرى (ئىچ كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئىزچى)، لېچەك (ئىككىدىن باز ياغلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇــ ئىزچى)، زىبۇ-زىننەت (بايلار ئالتۇندىن، ئادەتتىكى پۇقرالار كۈمۈشتىن زىرە، بىلەزۈك، ئۈزۈك ئالمىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئىزچى) لەر بىلەن تەللەنمىكى ئەزەلدىن ئادەتتۇر... مەسۇمەنىڭ توي لىباسلىرى ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھەم لايىق تەل قىلىنمىقى، ھەرىتە (قەرز ئېلىپ تۇرغان) بولماسلىقى تەلەبتۇر... مەھبۇبىنى رازى ۋە مەمنۇن قىلماق، ئەلەمسىز خەۋەر ئالماق، كىيىندۈرمەك... ئەرگە ئۆمرىۋى شەرت ھېسابلانغان، مېھرى پاكلىقىنى ئۆز روزىگاھىدىن (ئېرىدىن ــ ئىزچى) غەيرىگە بۇزماقتىن، ئەر ئۆمرىگە خىيانەت قىلماقتىن خالى ۋەيراف بولماق، ئائىلە، پەرزەنت ۋە خۇدايى تىرىكچىلىكتە ئەرگە ھەمياران بولماق، مېھرى بەرۈك مەسۇمە خاتۇنغا خۇدالىق ئەمەل، مەجبۇرىيەتتۇر...».

    ئۇيغۇرلارغا خاس بولمىش بۇ «توي رىسالىسى»دە يەنە مۇنداق تەكىتلەنگەن : «... نىكاھى چۈشكەن ئىككى مۆمىننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئىنسانلىق تەڭلىكى، ۋابال-ساۋابىنىڭ ئورتاقلىقى، رىزقى-تەقدىرىنىڭ ھەم دىيانەت-ساداقىتىنىڭ بىرلىكى، مەزكۇر مۆمىنلەرنىڭ ئىرادە-ئىختىيارىغىلا خاستۇر، دەخلى-تەرۈزسىزدۇر...».

    «... نىكاھ-توي جەرەستانلىرى (نىكاھ-توي سورۇنلىرى، مۇراسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئىزچى)نى بىر چاي، بىر توي، بىر مەشرەپ، بىر سالام، بىر قىچقىرىق، بىر يۈز ئاچقۇ ۋە بىر خاتىمە دۇئا دەستۇرخانى بىلەن تاماملىماق شەرىئەت دالالىتىدۇر. مۇسۇلمان توي پاتىھەلىرىنى ئاچكۆزلۈك، ھەشەمخورلۇق، ھەسەت، بۇزۇپ-چېچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپخورلىقى بىلەن ئۆتكۈزمەك دەۋزىخى گۇناھدۇر...»

     توي قىلىشقان ئەر-خوتۇننىڭ تويدىن كېيىنكى ئۆمۈرلۈك مۇناسىۋەت-مەجبۇرىيەتلىرى ئۇيغۇرغا خاس بولمىش بۇ «توي رىسالىسى»دە يەنە مۇنداق قەيت قىلىنغان : «... ئەي يىگىت! ئاگاھ ۋە ۋاقىب بولغىنكى، نېرىسى ئۈچ ئايلىقتىن ئارتۇق سەپەرگە تاشلاپ كەتمىگەيسەن، ئۈچ مەرتەبە قەستەن گۇناھ سادىر قىلمىغۇچە بىر زەررە (تاك ئېتىپ) چەكمىگەيسەن؛ ئۆمۈرۋايەت خارلىق-خاھلىقتا، پەقىرچىلىكتە، پىغان-ھەسرەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ بولغۇسى پەرزەنتلەرنى خارلىق-خاھلىقتا، خۇدايى ئىسلامدىن غەيرىي ھالەتتە ھەم يامان كۈن، ناشايان تىرىكچىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ سەۋدايى-غەزەب، گۇمان بىلەن ۋە ياكى مەست-بىھۇشلۇقتا نىيەت بۇزۇپ پاكتسىز ‹تالاق› قىلمىغايسەن... مەزلۇمە شەكسىزدۇر»

    «ئەي مەزلۇمە! ئاگاھ ۋە ۋاقىب بولغايسىزكى، سۆيگىنىڭىزنىڭ ئىككىلا ئالەملىك ھەققى-نېسىۋىسىگە قارا سانىمىغايسىز، نامەھرەمگە قارىمىغايسىز؛ ئەرنىڭ ھالال ئەمرىگە، لەبزىگە، ئەرلىك ھۈرمىتىگە مۇخالىپ ھەۋەسكە، شەيتان ۋەسۋەسىسىگە بېرىلمىگەيسىز. بولغۇسى پەرزەنتلەرنى ئۆز ئەجدادى ئىزىدىن تايمايدىغان، ۋاپادار، تەندۇرۇست، مۇسۇلمان، ئەھلى ۋەتەن، ئىشچان، ئەخلاق-ئەدەبلىك ... ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ، ئەۋلادى خىللىقنى ۋە ئەۋلادى پاكلىقنى ... ئادا قىلغايسىز...»

    ئىسلامىيەتنىڭ توي-تۆكۈن پرىنسىپلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ-توي قائىدە-يوسۇنلىرى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇ خىل يەرلىك نىكاھ-توي رىسالىلىرى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈنچىلىك تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك يازما نەمۇنىلەرنىڭ بىرىدۇر.

    ئەجداد ئەدىبلىرىمىزدىن ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن قائىدە-مىزانلىرىمىز سۈپىتىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان يەنە باشقا بەزىبىر يازما خاتىرىلەردىمۇ قىز كۆيگەن، يىگىت سۆيگەن، تەڭتۇشلۇق، جىسمانىي سالاھىيەت، ئىختىيارلىق ئۆلچەم قىلىنغان، قۇدىلار رازىلىق بېرىشكەن، ئەل-يۇرت لايىق بىلگەن، مادارى يەتكەن خىراجەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ سورۇن ئاچقان، دەستۇرخان يايغان، ئادەت-قائىدە ئورۇندىغان، تەقدىرىگە قەرز، دەرت قالمىغان توينىڭ دىنىمىزدا «سۈننەت» ھېسابلانغان خۇدالىق پاك توي بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق