ئۈنۈمنى باھالاش شىركەتنىڭ جېنى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-14 17:02:39

P&G شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت، ئۇچۇر ۋە تەدبىر لايىھە بۆلۈمى (IDS) بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتمىسىمۇ، لېكىن ئىچكى قىسىمدا مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    ئۈنۈمنى باھالاش شىركەتنىڭ جېنى
    ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن

    ئۇيغۇرلاردا «قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيىدۇ» دېگەن تەمسىل بار؛ «كارخانىچىلىقتا خوجايىن خىزمەتچىلىرىگە كۆيۈنسە، خىزمەتچىلەرمۇ كارخانىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ»، مانا بۇ P&G شىركىتىنىڭ قىبلىنەماسى. P&G شىركىتى خىزمەتچىلەرگە ئادەمنى ئاساس قىلىپ كۆيۈنگەندىن باشقا، ئۈنۈمنى باھالاشنىڭمۇ خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
    P&G شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت، ئۇچۇر ۋە تەدبىر لايىھە بۆلۈمى (IDS) بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتمىسىمۇ، لېكىن ئىچكى قىسىمدا مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەسىلەن، تۈر دېرىكتورى، IT سەھنە دېرىكتورىنىڭ مەسئۇلىيەت مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئېنىق، كونكرېت ۋە مىقدارلاشقان ۋەزىپىلەرنى يۈكلەش شۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. چۈنكى بۇ شىركەتنىڭ نەزىرىدە ئۈنۈمنى باھالاش شىركەتنىڭ جېنى.
    P&G شىركىتى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالىغاندا سودا قىممىتىنى ئالاھىدە نەزەردە تۇتىدۇ، IDS بۆلۈمى تارماق شىركەتلەرگە تەمىنلىگەن ئۇچۇر ۋە ئۈنۈملۈك لايىھە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. سېتىلىش سوممىسى شىركەت ياراتقان قىممەتكە ھېساب. ئۇنىڭدىن باشقا، خېرىدارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى بىلەن بازار ئىگىلەش ئەھۋالىمۇ ئۈنۈمنى باھالاش مەزمۇنى بولىدۇ. يېڭى تېخنىكا ياراتقان، ئالاھىدە مۇلازىمەت ئۇسۇلى ئىجاد قىلغان، تەننەرخنى چۈشۈرگەن خىزمەتچىلەر ئەتىۋارلىنىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ باھالاش سىستېمىسىدا تەننەرخنى تېجەش، مۇلازىمەت سەۋىيەسى، تۈر ئۆلچىمى، سېتىشنى كۆپەيتىش ۋە خېرىدارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىگە ئائىت ئېنىق ئۆلچەم بار، بۇ ئۆلچەملەر ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ ۋە ھەر قايسىسىغا خاس نىسبەت بەلگىلىنىدۇ، مۇكاپات سوممىسىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ خىل باھالاش ئۇسۇلى شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىغان.
    ئۈنۈمنى باھالاش ھەرقانداق كارخانىدىكى يادرولۇق خىزمەتلەرنىڭ بىرى، كارخانىلاردا كۈچلۈك ئۈنۈمنى باھالاش تۈزۈمىنى بېكىتىش خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كارخانىنىمۇ، خىزمەتچىلەرنىمۇ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇڭا كارخانىلار ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بېكىتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالىغاندا، نوقۇل ھالدا ئۈنۈم كۆرۈلدىمۇ، ئەلالاشتىمۇ دېگەنلەرگە ئېسىلىۋالماي، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارى بارمۇ يوق، بولسا قېزىلدىمۇ يوق، ئورنى توغرا بېكىتىلدىمۇ يوق، دېگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى؛ خىزمەتچىلەر بىلەن دائىم پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان سەۋەبلەرنى بايقاپ ھەم تۈزىتىپ، ھۇرۇنلۇقنى تۈگىتىشى، خاتالىق سادىر قىلغانلارنى جازالىشى زۆرۈر. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا ئۈنۈم