ئۆزىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-14 13:25:10

ئۆزىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ئۆزىنى چۈشىنىش باشقىلارنى چۈشىنىشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. مۇبادا بىر ئادەم ئۆزىنىمۇ چۈشەنمىسە، قانداقمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئو...



     

    ئۆزىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    ئۆزىنى چۈشىنىش باشقىلارنى چۈشىنىشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. مۇبادا بىر ئادەم ئۆزىنىمۇ چۈشەنمىسە، قانداقمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلالىسۇن؟

    ھابىي دەستۇردا مۇنداق دېيىلىدۇ:«ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ، ھەرقانداق جەڭدە يېڭىلمەيسەن»، ئۆزىنىڭ تۇرقىنى ئېنىق تونۇغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزىنى چۈشەنمىگەندە، باشقىلارنى چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ، چۈنكى سىز باشقىلارنى چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قولدىن بېرىپ قويدىڭىز-دە.

    ئۆزىنى تونۇش باشقىلارنى تۇنۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن. باشقىلارنى بىلىشتە، سىز ئوبىكتىپ نۇقتىدا تۇرۇپ، ئوبىيىكتىپ مىزان بىلەن ئۆلچەيسىز؛ ئۆزىنى بىلىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۆزىنى تۇنۇشتا سۇبيېكتىپ ئاڭنىڭ كونتروللىقىغا ئۇچرىغاچقا، تۇنۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ.

    ئۆزنى چۈشىنىشتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى تونۇش. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى ھەقىقىي تۇنۇپ يېتىدىغانلار كۆپ ئەمەس.  مەيۈسلەنگۈچى دائىم ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۇنۇپ يېتەلمەيدۇ. ھالبۇكى، تەمەنناخورلارنىڭ ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى بايقىشىمۇ ناھايىتى قىيىن. ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكنى چۈشەنگەندىلا، كىشىلىك ھاياتتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيالنى توغرا پىلانلاشنى ئىگىلىۋالغان بولىمىز، مانا بۇ ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسىغا ئېرىشكەنلىكتۇر.

    قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى توغرا تونۇغىلى بولىدۇ؟

    1)  سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش. ئۆزىنى تۇنۇشتا چوقۇم ئوبيېكىتىپ نۇقتىدا تۇرۇش كېرەك. نۇ ئەينەككە قارىغاندا ئوخشاش، سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا ئادەم ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى ئېنىق كۆرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ، ئۇنىڭغا بىر ئەينەك بەرگەندىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھەقىقىي، سۇبيېكتىپ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى چۈشىنىۋالالايسىز.

    2)  سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ كاشىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىقىرىپ تاشلاپ، پۈتۈنلەي ئوبيېكتىپ نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆزىنى تەھلىل ۋە ئوپراتسىيە قىلىش. ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرى، سۆز-ھەركىتىنى ئۆزىدىن مۇستەسنا تۇتۇپ، ئۆزىنى ناتۇنۇش كىشى دەپ قاراپ، ئۆزىدىن ئايرىلىپ چىققان ئۆزىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىش.

    «ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى بىلىش قىممەتلىك»، ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى باتۇرلۇق بىلەن ئېتىراپ قىلىش، ئۆزىدىكى كەمچىلىككە قەيسەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۆزى بىلەن ئۆزىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك، شۇندىلا تېرىشىش يۆنىلىشنى ئېنىق بەلگىلىگىلى بولىدۇ.

    3)  خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئازراق ۋاقىت قالدۇرۇش. نۇرغۇن كىشىلەر كۈن بويى ھەممە جايدا ئالدىراشلىق ئىچىدە تىنىم تاپماي قاتراپ يۈرۈيدۇ، تىنماي پايپېتەك بولىدۇ. ئۇلار ئازراق توختىۋېلىپ، بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشنى ئويلاپ باققانمۇ، يوق؟ سىز ھەركۈنى خىزمەتداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز، ئائىلىدىكى كىشىلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلىسىز، ئۆزىڭىز بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقتىڭىز بارمۇ، يوق؟ ۋاقتىم يوق دېمەڭ، ۋاقتىڭىزنى ئايىماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئازراق ۋاقىت چىقىرىڭ، بۇنىڭ پايدىسى كۆپ.

    كونىلاردا باشقىلارنى تەنقىدلەش ئاسان، ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانماق قىيىن، دېگەن گەپ بار. كىشىلەر دائىم باشقىلار ئۈستىدە ئەيىب-ئېۋەن تېپىشقا ئامراق، باشقىلارنى مۇنداق بولسىمۇ ياخشى ئەمەس، ئۇنداق بولسىمۇ توغرا ئەمەس، دىيىشىدۇ.كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھامان باشقىلارنىڭ خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەندە ئازراقمۇ خاتالىق يوق دەپ قارايدۇ، ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئوبيېكت قاتارىدا قۇيۇپ، ئىچ-باغرىنى يېرىپ كۆرۈش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان نەتىجىنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ تېزرەك ئىلگىرلىتىدىغانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.                               (گۈلجەننەت)

    تانس ۋېيۋونىڭ «ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 127نەسىھەت»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.