يېزا مائارىپىدىن پەيدا بولغان ئويلار

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-06 13:20:14

يېزا مائارىپىدىن پەيدا بولغان ئويلار مەن بىر سەھرا ئوقۇتقۇچىسىنى تونۇيتتۇم. ئۇ مەن تۇرۇۋاتقان بۇ شەھەر دىن تولىمۇ يىراقتىكى بىر سەھرايى قىيامەتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللار...

    يېزا مائارىپىدىن پەيدا بولغان ئويلار


     

            مەن بىر  سەھرا ئوقۇتقۇچىسىنى تونۇيتتۇم. ئۇ مەن تۇرۇۋاتقان بۇ شەھەر دىن تولىمۇ يىراقتىكى بىر سەھرايى قىيامەتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللاردىن بېرى خەت ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئازابقا لىق تولغان دەردلىك خەتلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنۇچلۇق تىترەك باسىدۇ.
          ئۇ 50 ياشلار چاممىسىدىكى، چاچلىرىغا ئاق كىرگەن، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ 1980 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، ھازىرغا قەدەر 40 يىل مائارىپ بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ كىشى ناھايىتى ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل ئىدى. ئۇ مۇشۇ سەۋەپلىك ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر بىر دوستۇم ئارقىلىق تونۇشقان، بۇ مۇئەللىم ئۇنىڭ باشلانغۇچتىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. مانا ھازىرغا قەدەر 7 -8 يىل بولاي دەپ قاپتۇ. بىز ئىككى ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ خەت ياكى تېلېفوندا ئالاقە قىلىپ تۇرىمىز.
       - ھە، سىنىپتىكى بالىلارنى نېمىشقا سېكرىتارنىڭ قوناقلىقىغا ئاپىرىپ، ئىشلىرىنى قىلغۇزۇپ كەلمىدىڭلا؟ ياۋاشتەك تۇرغان بىلەن ئىچىڭلىدە مۈڭگۈزۈڭلا بار نېمىكەنسىلە . بۇ خىزمەتنى قىلىمىز دەيدىكەنمىز، بولۇپمۇ سايدىكى يەرلىرىمىزگە ۋاقتىدا سۇ ئالىمىز دەيدىكەنمىز، سېكرىتارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىساق بولمايدۇ.
       - شوجاڭ، قولۇمدىكى ئەمدىلا 2 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بالىلار تۇرسا، بۇ ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بالىلارنى ئاشۇ ئاختاملىققا ئاپىرىپ، پۇچۇلاشقا كۆڭلۈم يول قويمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مەكتەپ يەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە سۇ ھەققىي تۆلەيمىزغۇ؟
       - ھوي! نېم جىق گەپ بۇ! سىفەننى پۈتتۈرگەن مۇنۇ نېمىنىڭ ئالدىمدا ئاتىكاچىلىق قىلىشىنى كىم قويۇپتۇ؟ مەن قىلىڭلا دېگەندىكىن، تولا داڭقان پۇتى گەپ قىلماي، ئۆزۈڭلىنىڭ ئىشىنى قىلىڭلا!
          بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەمدىلا خىزمەتكە چىققان بۇ ياش ئوقۇتقۇچى ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېزىدىن ناھايىتى يىراقتا بولغان بىر كەنتلىك باشلانغۇچ مەكتەپكە پالىنىدۇ. ھەي، نېمە ئامال، مەكتەپ، مەكتەپ مەسئۇلى، كەنت مۇدىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئاللىبۇرۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بوينىغا گۈرزىلىرىنى سېلىپ تۇرغان ئاشۇ دەۋر، خىزمەتنىڭ بولغىنىغا خۇش، نېمە ئادالەت، نېمە ھەققانىيەت، بۇنى ئايرىپ ئولتۇرۇشتىن، ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي تەلەپ بولغان قورساقنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەۋزەل بولغاچقا، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزگەن كالىدەك، نەگە سۆرىسە شۇ يەرگە ماڭماي ئامال يوقتە.
          بۇ 20 يىل ئاۋۋالقى ئىشلار. ئەمدى تېخى يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدىكى بىر ئىشنى سۆزلىسەك، بۇ ئوقۇتقۇچى بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن بالا - چاقىلىق بولۇپ قالىدۇ، يېشىمۇ 40 تىن ئاشىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى بۇ يېزىدا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز لەببەي دەپ تۇرۇشنى، باش چايقاشنىڭ ئورنىغا باش لىڭشىتىپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ بولغاندى. بۇنداق قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان  تۇرمۇش قانۇنىيىتى ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىكى مۇھىم نىزامىمۇ بولغاچقا، ئۇ كۆنمەي ئامال يوق ئىدى، چۈنكى بۇ رەھىمسىز تۇرمۇشتا بىز ھەممە نەرسىگە بولۇپمۇ، بىزنىڭ تۇرمۇش مەۋجۇدىيىتىمىز بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىپلاس قانۇنىيەتكىمۇ كۆنىمىز، بولۇپمۇ، ئاشۇنداق سەھرايى چۆلدە، (بۇ يەردىكى قانۇن تارماقلىرى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن، ھەممىسى گىلى پوق بىر نېمىلەر ئىكەن، ھەقنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ھەقنىڭ يۈزىگە قارايدىغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق ئىدى، ئۇلار دەرىجە بويىچە بىر - بىرىگە ئىتائەت قىلىشىدۇ، ئۇلار دەرىجە بويىچە ئېلېكترونلۇق بۇيرۇق سىستېمىسى قاچىلانغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ئاتا - ئانىسىدىنمۇ چوڭ كۆرىدۇ، ئاۋام خەلقنىڭ قېنىنى شوراش ئۇلارنىڭ خىزمىتى، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگاننىڭ كۈتكىنىدۇر) ئۇنىڭ زارىغا كىم قۇلاق سالسۇن؟
          ئۇ خۇددى ئاشۇ باياۋان چۆلدىكى توغراقتەك ھەممىگە ئېغىر سۈكۈت بىلەن 20 يىلىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 20 يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئۇ (بىر ياش مۇئەللىمنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا گەپ ياندۇرۇپ قويۇشى بىلەن شۇ مۇئەللىمنىڭ ئورنىغا ئامالسىز ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن) چوڭ ئۆيىگە يېقىنراق بىر كەنتكە ئىشقا چۈشىدۇ. بىر قېتىملىق يىغىندا، ئازراق پىكىر بايان قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ھۆرمەتلىك مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ كۆزىگە سىغماي قالىدۇ- دە، ئۆيىدىن 20 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كەنتلىك باشلانغۇچ مەكتەپكە ئالمىشىدۇ. ئۇ ھازىر شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ ئەمدى مەكتەپ مۇدىرىغا ئارتۇق گەپمۇ قىلمايدۇ، خۇدا بەرگەن خىزمەتنى ياخشى قىلىپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
        مانا، بۇ بىزنىڭ يېزا - كەنتتىكى مائارىپ شەكلىمىز، توغرا بۇنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر دىيارىغا    تەدبىقلىساق توغرا بولماس، ئەمما مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۈتۈن ئىشلارغا مەكتەپ مۇدىرى ۋە سېكرىتار مەسئۇل بولىدىغان باشلانغۇچ مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلار نېمىگە ئوخشاپ قالغان؟ ئوقۇتقۇچىلار شاھمات تاختىسىدىكى ئۇرۇقلارغا ئوخشاپ قالغان. مۇشۇنداق روھىي بېسىم ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. كىم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خورجۇنىنى ئېگىز كۆتۈرسە، شۇ قېشىدا يېنىك ئىشلارنى قىلىدۇ، ئەگەر كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي، بويۇنتاۋلىق قىلىپ قويدىمۇ، مانا بولدى، ئۇنىڭ ئىشى پۈتتى دېگەن گەپ. مانا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆز ئىپادىسىدن تارتىپ، ئۇھسىنىپ قويۇشلىرىنىڭ بۇنداق چاغدا ئالامەت رولى بولىدۇ. بۇنداق رولنىڭ  بىر تال ئۇرۇقنى، ياق بىر ئنساننىڭ تەقدىرىنى، كۈندىلىك تۇرمۇش شەكلىنى، كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشكە تامامەن قۇدرىتى يېتىدۇ.

          مەن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ناھايىتى جاپاكەش دەپ ئويلايتتىم، ھېلىھەم شۇنداق ئويلايمەن، ئەمما مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چىن كۆڭلىدىن تاللىغانلىرىدىن، ھاياتلىق ئۈچۈن تاللىغانلىرى كۆپ، ئاساسەن كۆپ سانلىقلىرى شۇنداق. مەكتەپتىن، ئەتراپىدىكى ئىشداشلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئوقۇتقۇچى، بالىلارغا قانچىلىك بىلىم بىرەر، ئۇلارغا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرەر؟!
        ئۇ يەنە خېتىدە ( 2005 - يىلقى خەت) بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ 20 مىڭ سوم خەلق پۇلى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىنى قەيت قىلىپ، بۇنىڭ چىڭ سۇلاسىدىكى، ئەمەل سېتىش بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. توۋا، مۇنداقمۇ سودا شەكلى بولىدىكەن؟ مائارىپمۇ بازار ئىگىلىكىگە كىرىپتۇ، ھەممە نەرسە تاۋارلاشقاندا، ئەمدى مەكتەپ مۇدىرلىقمۇ ئالا بوپتۇ. بىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى كۆرگەن نۇرغۇن ياشلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ئۈچ - تۆت يىل ئىشلىگەندىن كېيىنلا، شۇلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، غەزىلىگە تەڭكەش قىلىدىغان بەشتە ياخشى زىيالىيلاردىن بولۇپ چىقىدۇ. بولمىسا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى سۇغا چىلىشىدۇ، چۈنكى مىڭ تەستە كەلگەن خىزمەتنى قەدىرلىمىسە، ئۆزىگە نۇرغۇن يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاتا - ئانىسىغا جاۋاپ قايتۇرغىلى بولمايلا قىلماستىن، بەلكى ئۇلارغا يۈك بولۇپ قالىدىغان گەپ.

          ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تېخى ئىككى ئاي بۇرۇن يازغان خېتىدە، مەكتەپ مۇدىرنىڭ تېتىقسىزلىق بىلەن مۇئەللىمەلەرگە مۇنداق دېگەنلىكى يېزىلغان:
        «سىلەر ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ خوتۇنى، شۇڭا قاتتىق ئىتائەتمەنلىك بىلەن ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشۇڭلار كېرەك!». توۋا! بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟! بۇ قانداق مەنتىقە! بىزنىڭ مۇئەللىمەلىرىمىز ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ياكى خوتۇنىمۇ؟ ئاشۇ لاۋزا گەپ مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن قانداق چىققاندۇ؟ شۇ گەپكە قاراپلا باھا بېرىشكە بولىدۇكى، بۇ مەكتەپ مۇدىرى تېرىسىگە ئورىنىۋالغان قاۋان ھەرگىزمۇ بىر مائارىپچى ئەمەس. بىزدىكى تەۋپىق روھىنى قۇرت يەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ كۇرسى چۈشتىمۇ؟ جاھان ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىز نېمىشقا ئۆزگەرمەيمىز؟ بىز يەنە ئۆزگەرتەلمەيدىغان قانداق كەمچىلىكلىرىمىز بولسۇن؟ بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مائارىپقىمۇ مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتساق، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ياش نوتىلار مۇشۇنداق رەھىمسىز نەپسانىيەتچىلەر قۇربانى بولۇپ، ئىلىم بېغىدا ياخشى سۇغۇرۇلماي قۇرۇپ قالسا، كەلگۈسى تەرەققىياتتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقۇلۇق؟ بىزدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟ 
          مائارىپ __ ئىنسان روھىنى سۇغىرىدۇ،  تاۋلايدۇ، دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپىمىز، بىزدىن، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئەمدى ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ دۇنياغا نەزەر سېلىشقا ئۈلگۈرگەن مىللەتتىن، كۆزىمىزنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ، مائارىپتىن ئىبارەت روھىي ئوزۇقتىن قانغۇچە بەھىرلىنىپ، ئېچىرقاپ كەتكەن مەنىۋىيىتىمىز، ئىلىم تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان، مائارىپتىن ئىبارەت ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن مادارغا كېلىشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ بۇ خىل مائارىپ شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، دەۋر تەلىپىگە ھەقىقىي ئۇيغۇنلىشالايغان تەلەپچان، ئىقتىدارلىق، ساپالىق مائارىپچىلارنىڭ مائارىپ سېپىگە قەدەم قويۇپ، كەلگۈسىمىزنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان غۇنچىلارنى ئىلىم - پەندىن ئىبارەت زەمزەم بىلەن سۇغىرىشىغا ئەڭ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدا ئويلىنىدىغان ۋاقتىمىزمۇ كېلىپ قالغاندەك. ئەگەر  بۇلارغا يەنىلا ئەلكمۇللا دەپ كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئولتۇرساق، كۈنىمىز باياشات ئۆتىۋاتىدۇ، ھېچنىمىدىن غېمىمىز يوق دەپ شەيتاننىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، غەپلەتكە پېتىۋەرسەك، بىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى، تارىختىكى شاللانغان مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مائارىپتىن ئايرىلغان ئىنسانلار سۇدىن ئايرىلغان بېلىقتىن پەرقسىز، بېلىقمۇ ئۆزى ياشاشقا ماس كەلگەن سۇدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرەلىگىنىدەك، ئىنسانلارمۇ ئىسمى «مائارىپ» بولغان مائارىپقا ئەمەس، ھەقىقىي، تەشنالىقنى قاندۇرالايدىغان مائارىپقا مۇھتاج،  بېلىقمۇ ئۆزىنى داۋاملىق ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان سۇ تەركىبلىرىگە ئېتىياجلىق بولغىنىدەك، مائارىپمۇ ھەقىقىي بىلىم بېرەلەيدىغان ئىجادكار باغۋەنلەرگە ۋە شۇ مائارىپنى قوللىغۇچى، رىغبەتلەندۈرگۈچى ياخشى كەيپىياتقا مۇھتاج.

     

               «ئۇيغۇرتېكىن بلوگى»دىن ئۆزگەرتىپ ئېلىندى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.