ساۋابلىق ئىش ۋە قاقتى -سوقتى

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 11:23:01

بۇنى ساۋابلىق ئىش دەمدۇق، قاقتى-ىسوقتى قىلىش دەمدۇق؟بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە بىر تەقى-تۇرىقى خېلى سالاپەتلىك، ئورگان خادىملىرىدەك، قارىماققىلا 60لارغا يېقىنلىشىپ قالغان بىر داداش كىرىپ كەلدى. "دىل...

                                      بۇنى ساۋابلىق ئىش دەمدۇق، قاقتى-ىسوقتى قىلىش دەمدۇق؟
    بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە بىر تەقى-تۇرىقى خېلى سالاپەتلىك، ئورگان خادىملىرىدەك، قارىماققىلا 60لارغا يېقىنلىشىپ قالغان بىر  داداش كىرىپ كەلدى. "دىلشات دېگەن بالىنىڭ ئۆيى مۇشۇ شۇمۇ؟" بۇ يەردىكى ئادەم ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن. دادام ھەئە، ئۆزىڭىز كىم بولىسىىز دەپ سوراپ ئۆيگە تەكلىپ قىدى. ئۇ داداش ئولتۇرشنى رەت قىلىپلا، بۈگۈن يولدا بىر پۇل قاپچۇقىنى تېپىۋالغانلىقىنى، ئۇنىڭدا دىلشاتنىڭ كىملىك، ماشىنا پىراۋىسى، ۋە ئازغىنا 30-40 يۈەن پۇل، ئاندىن ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنىڭ بىر قانچە تالونلىرى بارلىقىنى، مۇشۇ كىملىك ئادرېسى بىلەن بىزنىڭ ئۆينى تېپىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
    لېكىن ئىنىم دىلشات يوق ئىدى. ئۇ ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى بار، مۇشۇ موتسىكلىت بىلەن كىرا كەشلىك قىلىدۇ، كىرا سودىسى ئىشقىلىپ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. ئايالى ئىشسىز، ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. داداممۇ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالسۇن دەپ بۇ موتسىكلىتنى يېڭىدىن ئېلىپ بەرگەن.
    ئۇ ئادەم ئۇ نەرسىلەرنى بىزگە بەرگىلى ئۇنىمىدى، بىز نوپۇس بىر نەرسىلەرنى كۆرسەتسەكمۇ، بەرگىلى ئۇنىمىدى. شۇ بالىنىڭ ئۆزىگە بېرىمەن دەپ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇرپ قويۇپ كېتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئالدىراش ئىنىمنى ئىزدىدۇق. ئۇنىڭدا تېلېفون يوق، ئاخىرى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتۇق. ئىنىم ناھايىتى مەيۈس يېنىپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ھېلىقى يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىلىرىنى تاپالمىغان ئىدى.
    بىز ئەھۋالنى ئېيتتۇق، ئىنىم خۇشاللىقىدا ھېلىقى ئادەمنى ئىزدەپ كەتتى. بىر دەمدىن كېيىن، ئىنىم ئۆيگە تېلېفون قىلدى ھەمدە ئۇ ئادەمنىڭ 500يۈەن پۇل بېرىشىنى، ئەگەر بەرمىسە، نەرسىلەرېنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى شۇنداق بىر خىل قىلىپ قويدى. ئۆيگە ئەكىلىپ، تېپىۋالدىم دەپ، يەنە قايتۇرۇپ كېتىپ، مەقسىدى ئەسلى بۇ پۇلنى ئېلىش ئىكەن. ئۇ ئادەم ئۇنداق شەرت قويمىغان بولسىمۇ بىزمۇ كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ رازى قىلار ئىدۇق. لېكىن......
    بىز بۇنى ئەسلىدە قانۇن يولى بويىچە بىر تەرەپ قىلايلى دەپ تۇرغان ئىدۇق. لېكىن ئىنىم دىيىشىپ 100يۈەن بېرىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى 70 يۈەنلىك كىرا پۇلىدىن 50 يۈەننى بېرىپ، يەنە 50 يۈەننى ئەتىسى ئاپىرىپ بېرىدىغان بولۇپ يېنىپ كەپتۇ.
    دوستلار، بۇنى قانداق تۈرگە كىرگۈزسەك بولار؟ بۇ ئادەم ساۋابلىق ئىش قىلىشنى ئويلىمىغانمىدۇ، ياكى قاقتى-سوقتى قىلغىنىم ھېساب دەپ ئويلىغانمىدۇ؟ ھازىر جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر، نۇرغۇن ساخاۋەتچىلەر، نۇرغۇن ئىنسابلىق، ئىمانلىق كىشىلەر بار. ئۇ ئادەمنىڭ تەقى- تۇرىقى، گەپ-سۆز ھەرىكەتلىرىدىلا ئۇ بىرەر يۈز يۈەنلەرگە ھاجىتى چۈشىدىغان ئادەمدەك ئەمەس. نېمىشقا تۇرمۇشىنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقان بىر يېڭىدىن ئائىلە قۇرغان ئادەمگە بۇنداق قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. مەن ئەسلىدە شۇ ئادەمنىڭ نومۇرلىرىدىن تارتىپ چىقىرىۋېتەي دېگەن ئىدىم. "ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر ئادەمنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر ئادەمنىڭ ئىشىدۇر" دەپ دادام بىلەن ئىنىم مېنى بۇنداق قىلىشىمنى توستى ھەمدە نېمىلا دېگەن بىلەن ئەكىلىپ بەردى. بىز نەرسىمىزنى تېپىۋالغانغا خوش بولايلى، ئۇ ئادەم پۇل ئېلىۋالغىنىغا خوش بولسۇن دېدى. مەن ئەسلى شۇ ئادەمنى بىۋاسىتە ساقچى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىپ ئالاي دېگەن ئىدىم. خەيىر......
    ھەممەيلەنگە ئىنساپ، ئىمان، تەۋپىق ئاتا قىلغاي.
    پۇل تېپىلىدۇ، ئادىمىيلىك تېپىلمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر