قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى( زۇلپىقار بارات ئۆز باش)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-25 07:31:15

قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىزۇلپىقار بارات ئۆز باشئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىينچىلىقنى يېڭىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان روھىي ئامىللار ھەققىدەياشاش - مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى، قىينچىلىق - ھايات يولىدىك...

     



    قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى
    زۇلپىقار بارات ئۆز باش

     



    ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىينچىلىقنى يېڭىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان روھىي ئامىللار ھەققىدە
     


    ياشاش - مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى، قىينچىلىق - ھايات يولىدىكى ھەل قىلىشىمىزنى  كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە. قىيىنچىلىق - ئارزۇ،  غايە بىلەن قوشكېزەك. ئارزۇ ، غايە قانچىكى ئۇلۇغۋار بولغانسېرى يېڭىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ، ھەممە مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىينچىلىقى بولىدۇ، باي ئادەمنىڭمۇ، نامراتنىڭمۇ، زۇڭتۇڭنىڭمۇ، ئادەتتىكى پۇقرانىڭمۇ قىينچىلىقى بولىدۇ. ئەمما، قىزىقارلىق يېرى، مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى بولغان قىيىنچىلىقنى تونۇش، ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش، ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىش جەھەتلەردە تۇتقان پوزىتسىيىمىز، قىلغان ھەرىكىتىمىز قىيىنچىلىقنىڭ نەتىجىسنى بەلگىلەيدۇ. تۈگۈلۈۋالغانلارنىڭ يەلكىسىنى قىينچىلىق ھامان بېسىپ تۇرىدۇ؛ ئەقلىي تاللاش ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەر بولسا ئۈزلۈكسىز تۈردە قىينچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدۇ- يۇ، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىگە يېڭىچە مەنزىللەرنى، نىشانلارنى بېكىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭىچە قىينچىلىق تۇغۇلىدۇ. ھايات داۋامىدا قىينچىلىقلارنى يېڭىپ ئادەمدەك ياشىشىمىز ئۈچۈن ئەقلىمىزنىلا ئەمەس، تۇيغۇلىرىمىزنى، بەدىنىمىزنى ئىشلىتىشكە، پوزىتسىيىمىزنى ھەر ۋاقىت توغرىلاپ تۇرۇشىمىزغا، ئۆزىمىزنى مەسخىرە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىزغا، ناچار ئادەتلىرىمىز ھەققىدە ئوبيېكتىپ يوسۇندا ئويلىنىپ ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ۋاھالەنكى،  بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، كۆنۈككەن خۇي بىلەن بۇنىڭدىن غالىپ كەلمەك بەك تەس؛ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ياشىغان ئۇيغۇر ياشلىرىدا دەل مۇشۇ نۇقتىدا توغرا تونۇش بولمىغانلىق سەۋەبلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مۇبالىغە قىلىنىپ قورقۇنچ، ۋەھىمە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھال ئېغىر چۈشكۈنلۈكنى يامرىتىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئىزتىراپ كۆلەڭگىلىرىنى، سەرسانلىق تۇمانلىرىنى، مەغلۇبىيەتكە ھامىلدار بولمىش بىپەرۋالىق پەردىلىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەل قىلىنماقتا يوق، بارغانسېرى دۆۋىلىنىپ ، ياشلىرىمىزنىڭ روھىنى غەپلەتكە چىللاۋاتىدۇ.

     


    ئەلۋەتتە، ھەر قانداق مەسىلە سەۋەبسىز بولمايدۇ. ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا، تارىخىي سەۋەبلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقلار يىلتىزى چوڭقۇر بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يول تېپىلىشى مۇمكىن. ياشلار ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم پەللىلىرىدە تۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، ئالدىدا بېسىشقا تېگىشلىك مۇساپىلەر چوڭ ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىلەرگە، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمىسە بولمايدىغان خىرىس، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى تېپىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئادەملەردە، بولۇپمۇ مۇكەممەل قىممەت قارىشى يېتىلىپ بولمىغان ياشلاردا ئۆتمۈشتىكىلەر ھازىرقىلاردىن ياخشى كۈن كەچۈرگەندەك، باشقا جايدا ياشىغان بولسا ھال-كۈنى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا تۇيغۇ. ئازادلىقتىن بۇرۇن سىياسىي بوران-چاپقۇن، ھەرىكەتلەردە قانداق ئامان قېلىش - شۇ ۋاقىتتىكى ياشلارنىڭ ئەڭ چوڭ باش قېتىمچىلىقى بولغان بولسا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە جاننى قانداق جان ئېتىش، سولچىل سىياسەتنىڭ ئەجەللىك زەربىسىدىن قۇتۇلۇش شۇ ۋاقىتتىكى ياشلارغا نىسبەتەن يەنە بىر خىل قىيىنچىلىق ئىدى. مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن، نامراتلىق ۋە ياشاشنىڭ تەس بولۇلشى ئۇيغۇر ياشلىرىغا سوئال بەلگىسى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ كەلدى. ئەمدىلىكتە قاراپ باقىدىغان بولساق، بۈگۈنكى ياشلىرىمىزمۇ ئوخشاش ياكى ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى ھەم دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىزمەت تېپىشنىڭ تەس بولۇشى، مۇھتاجلىق، ئۆي سېتىۋېلىش، توي قىلىشقا كېتىدىغان پۇلنىڭ بولماسلىقى، ھەتتا ئىزدەي دىسە كۆڭۈلدىكىدەك لايىقمۇ چىقماسلىق قاتارلىق بىرمۇنچىلىغان مەسىلىلەر ياشلىرىمىزنىڭ يەلكىسىدىن  باستى، روھىي دۇنياسىنى ئېغىر دەرىجىدە مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىققا گىرىپتار قىلدى. ئۇنداقتا بۇ قىيىنچىلىقلار تۈگىمەسمۇ؟ ياشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى راستىنلا بىز ئويلىغاندەك ناچار بولارمۇ؟ ياشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇلار - ياشلىرىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى ئەپقاچقىلى بولمايدىغان ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر.

     


    سوئال يۇقىرىقىدەك قويۇلغانىكەن، تەبىئىي ھالدا «بۇ قىيىنچىلىقلار ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قاپتۇمۇ؟ ئۇنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ قىيىنچىلىقنىڭ ماھىيىتى توغرۇلۇق قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟» دېگەندەك قارشى پىكىر قويۇلۇشى مۇمكىن. بۇ ھەق، ئۇيغۇر ياشلىرى بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر يەردىن ئىزدەش مۇمكىن. ئەمما، مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، قىيىنچىلىقنىڭ ئىجتىمائىي يىلتىزىنى تونۇش، ھىس قىلىش بىلەن، ئازابلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قېلىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. قىيىنچىلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقى راست؛ مەسىلىلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكىنىمۇ راست؛ ئەقلى بار ياشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى يۈزەكى بولسىمۇ تونۇپ يەتكىنى راست. مەسىلىنىڭ مائارىپقا، ئىجتىمائىي تۈزۈمگە، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە، تارىخىي سەۋەبلەرگە تۇتىشىدىغان يىلتىزلىرىنى تەھلىل قىلىشنى كېيىنكى تەتقىقات نىشانلىرىمىزنىڭ دائىرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ، بۇ يازمىدا «قىيىنچىلىقنى تونۇدۇق، ئەمدى ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىمىزگە نېمە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ شەخسنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدىكى قايسى ئىشلاردا سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇۋاتىمىز» دېگەن نۇقتىلار بويىچە تەھلىلىمىزنى قانات يايدۇرىمىز. تەھلىلىمىز ئاۋۋال ئۇيغۇر ياشلىرىمىز تونۇپ يەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن غالىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان روھىي ئامىللارنى مۇھاكىمىگە قويۇش بىلەن باشلىنىدۇ.

     


    1. قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىش. ھەر ماڭدامدا «ئىش تاپماق تەس، ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى يوق، قىلغۇدەك خىزمەت يوق ، پۇل چىڭ يەرگە كىرىپ كەتتى... دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. زاماندىن، ۋەزىيەتتىن زارلىنىش ئومۇمىيۈزلۈك بىر خىل خاھىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆزىمىزنى ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندەك، ھېچكىمنىڭ دەردى بىزنىڭكىگە يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بىرىمىز «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىشنى يەنە بىر چېچەن ياش ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتىدۇ؛ بىرىمىزگە يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىدىكى ئىشتەك بىلىنگەن قىيىن مەسىلىلەرنى يەنە بىر ئىرادىلىك ياش ھەل قىلىۋاتىدۇ. دەرد بىزنىڭ بېشىمىزغىلا كېلەمدىكىن دېسەك، پەلەستىندىكى 50 نەچچە يىلدىن  بېرى مەسىلىسى ھەل بولمايۋاتقان، ھەر ۋاقىت بومباردىماندا، ئوقتا ئۆلۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار. ھىندونېزىيە ، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوكيان بويىدا ياشىغۇچى كىشىلەر ئوخشاشلا دېڭىز-ئوكيان تاشقىنىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. «ئۇ يەرنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ئوخشىمايدۇ» دەپ باھانە كۆرسىتەيلى دېسەك، دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ باشقا يېرىدە ياشاۋاتقان ياشلارمۇ بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشى تۈپەيلى ياشلار ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ. مەن دېمەكچى، قىيىنچىلىق بىزنىلا بوزەك قىلىۋاتقىنى يوق. ئادەم بولغانىكەن، تەڭسىزلىك ھامان مەۋجۇت ھەم تۈگىمەيدۇ. بىز يۈكسەك دەرىجىدە دېموكراتىك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئامېرىكىدىمۇ تەڭسىزلىك بار. بازار بار يەردە، كاپىتال كۆرىشى بار يەردە ھامان تەڭسىزلىك بولىدۇ ھەم بۇ تەڭسىزلىكنىڭ ماھىيىتى، خاراكتېرى، سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. بىز دەل مۇشۇ تەڭسىزلىكنى، دەل ئۆزىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋەتكىنىمىز ئۈچۈن، روھىي ھالەتتە ئاۋۋال مەغلۇپ بولۇۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە يول يوقمۇ؟ بار. قىممەت يارىتالماسمىزمۇ؟ يارىتالايمىز، ھەرىكەتكە ئۆتسەكلا ، رېئاللىققا يۈزلەنسەكلا ، پوزىتسىيىمىزنى ئۆزگەرتسەكلا. ئەمما، قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىش پسىخىكىسى تۈگۈلۈۋېلىشىمىزغا، بۇ نىشاندىن قېيىپ كېتىشىمىزگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئەسلى بازار بار يەردە ھامان پۇرسەت تېپىلاتتى. «ئارمان»، «بوغدا» شىركەتلىرىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى قېزىش بۆلۈملىرى قۇرۇلدى. بازار بۇ شىركەتلەرنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى؛ رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تالىشىشقا مەجبۇر قىلدى . بىز ئۆگەنگەن كەسپىمىز، قۇربىتىمىز يېتىدىغان ئىشلار دائىرىسىدە بۇرۇنراق ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولساق ، ئىزدەنگەن بولساق ، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى بىر يەردىن تاپالايتتۇق. توغرىراقى، خىزمەت تاپالمىدۇق ئەمەس، قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، سۇسلۇق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن پۇرسەتنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. بىز بۇ ئەھۋالدا ئەپسۇسلانغان ھالدا «باتۇرلۇق تۈگىسە ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ» دېگەن گەپنى ئەسلەشكە مەجبۇرمىز. «قاراڭغۇ گۆرنى تىللىغۇچە بىرەر تال شام بولسىمۇ ياندۇرغان ياخشى» دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان.

     


    2. قىيداش پسىخىكىسى. قىيىنچىلىق ئالدىدا مەغلۇپ بولغان ئادەم ئۆزىنى بەزلەش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىشقا مۇھتاج. ئادەم بۇ باھانىنى ھۆكۈمەتتىن، سىياسەتتىن، ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ۋە باشقا ھەرخىل ئىجتىمائىي ئامىللاردىن ئىزدەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆڭگەپ قويۇش، قىيداش يولى بىلەن ئۆزىدىكى ئازاب، تايانچىسىزلىق، غېرىبلىق تۇيغۇسىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ قىيداش پسىخىكىسى ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەي رېئال تۈگۈنلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا، تەخىرسىز ۋەزىپىلەرگە سەل قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئېغىرراق بولغاندا، بىزنى ئېغىر مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ. قىيداش پسىخىكىسى ئوبدان باھانىدىن بىرنى تېپىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلگىرىلەش يولىمىزنى ئۆزىمىز توسۇپ قويىمىز، تۈگۈلىۋالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىمىز، ئىشەنچىمىز سۇسلىشىدۇ. ئەمما، بىز قىيداش يولى بىلەن يېڭى - يېڭى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋەتكىنىمىزنى، ئالدىدىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ، كېيىنكى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشمايمىز. بىز قاقشىغان جەمئىيەت ئۆز ئوربىتىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ ، ھايات داۋام قىلىۋېرىدۇ. بىز ماكرو سىستېمىلارنى يەككە ھەرىكەت، شەخسىي تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزگەرتەلمەيمىز؛ كۆزىمىزگە بارغانچە سىغمايۋاتقان ئادەملەرنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز. پەقەتلا ئۆزگەرتەلەيدىغىنىمىز ئۆزىمىز. ھىندىلارنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى داھىيسى گەندى: «سەن دۇنيادا بىرەر ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىنى كۆرمەكچىمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئېسىڭدە تۇتقىنكى، سەن ئاۋۋال كۆرۈشكە تېگىشلىك تۇنجى ئىش- ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىش!» دېگەندە ئادەمدە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېنىق قەيت قىلغان.

     


    3. تەسىرچانلىق كېسىلى. ياشلىرىمىزنى ئارزۇسىغا يەتكۈزمەيۋاتقان يەنە بىر ئامىل تەسىرلىنىش كېسىلى. بىر نەرسىلەردىن ئاسان ھاياجانلىنىمىز، تەسىرلىنىمىز، ئەمما ئۇزۇن قالماي شۇ ۋاقىتتىكى ئىلھاملاردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ھەرىكەتتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاددىي ھەقىقەتلەردىن تولىمۇ كېچىكىپ خەۋەر تېپىش ياكى سۇسلۇق، بىپەرۋالىق سەۋەبلىك خەۋەرسىز قېلىش - ئادەمدىكى بىر ئاجىزلىق. شۇڭا ھەر قايسى دەۋردە ھېكمەتلەر ھەر خىل شەكىللەردە قۇلاققا قويۇلۇپ تۇرىدۇ. توم - توم كىتابلار يېزىلىپ، نەسىھەت - ئۈگۈتلەر ئاڭلىتىلىپ تۇرىدۇ. «ئىجتىمائىي پەنلەر دۇنياسىدا دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەر دېيىلىپ بولدى. ئەمدىكى گەپ ئوخشاش ئىدىيىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ ھەرىكەتكە سۇسلۇق قىلىۋاتقان ئۇنتۇغاق كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇش .» 2001-يىلى «ئانا يۇرت» رومانى نەشر قىلىنغاندا بىرەر يىلغىچە نۇرغۇن ياشلارنى سۆزلەيدىغان قىلىپ قويدى. ئەمما، ئانا يۇرت رومانىنى ئوقۇغان نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدا ھازىر قالغىنى پارچە-پۇرات تەسىرات يىغىندىسى. ھالبۇكى، تەسىرات باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قېلىش روماننىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تەسىرلىنىشكە توغرا كەلسە ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىختىرالارنىڭ ياردىمىدە بارلىققا كېلىۋاتقان ئالەمشۇمۇل ئىشلار، بۈيۈك گىگانت شەخسلەر كۈرمىڭ. ئەمما تەسىرلەنگەن قەلب تۇيغۇغا، كاللا ھەرىكەتكە بۇيرۇق بەرمىسە، بۇنداق ھېسسىيات ئادەمگە ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. 2005-يىلى باھاردا «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى مەكتىپى» دە سۆزلىگەن بىر نۇتۇقۇمدا مەن لېكسىيىگە قاتناشقان 150 دەك ستۇدېنتقا «تەسىرچانلىق كېسىلى» نىڭ نېمە ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندا تەجرىبە ئىشلەپ بەرگەنىدىم. ئاۋۋال يېرىم سائەت ئادەمنىڭ يوشۇرۇن قۇدرىتى توغرۇلۇق ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلىگىنىمدە ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى بېرىلىپ ئاڭلىدى. نەچچىلىگەن ئوقۇغۇچىلار نۇتۇقنى ئۈنئالغۇغا ئالدى. تەسىراتنى بايان قىلىش باسقۇچىدا ئۆزىنىڭ قانداق ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى، قانداق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مەن 10 مىنۇتلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن: «سەل چارچىدىڭلار، ئارىمىزدا ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتىدىغان كېلىشكەن بىر يىگىت بار. ئېسىل ناخشىدىن ھوزۇرلىنىپ لېكسىيەنى داۋاملاشتۇرىمىز. لېكىن شەرت بىرلا ناخشا ئاڭلايمىز. بولامدۇ؟» دېدىم. ئوقۇغۇچىلار خۇشاللىق بىلەن: «بولىدۇ!» دەپ ۋارقىراشتى. مەن دەرستىن بۇرۇن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا تەسىرلىك، يۈرەككە تېگىدىغان ناخشىدىن ئىككىنى تەييارلاپ قويۇشنى تاپىلىغانىدىم. بۇ ئوقۇغۇچۇم بوي-تۇرۇقى بەكمۇ قاملاشقان، ئېگىز، گىتار بىلەن ناخشىنى ياخشى ئېيتىدىغان يىگىت ئىدى. ئۇ گىتارنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىققاندا، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئۇنىڭغا ئاغدى. قىزلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا بەكرەك دىققەت قىلدىم. «سېنى سۆيەتتىم» دېگەن ناخشا ئاجايىپ مۇڭ بىلەن ئېيتىلغاندا ، ئوقۇغۇچىلار شۈكلەپ كەتتى. ناخشا ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتىلدى. ناخشا ئېيتىلىپ چاۋاك چېلىنغاندا ، مەن : «گەپنىڭ ئاخىرىنى دەۋېتەي، بەك مۇھىم گەپلەر بار» دېدىم ۋە مەقسەتلىك ھالدا «يەنە بىر ناخشا ئاڭلىۋېتەمدۇق - يا!» دېگىنىمدە ، ئوقۇغۇچىلار خۇشاللىق بىلەن چۇرقۇرىشىپ كەتتى. مەن چاقچاق ئارىلاش: «بايىلا بەك ئىرادىگە كەلگەنتىڭلار، ئەمدى بىر ناخشا سىلەرنى شۇنچە ئېزىپ، ئىرادەڭلەرنى سۇسلاشتۇرىۋەتتىمۇ؟» دېدىم ۋە قوشۇپ قويدۇم: «مانا بۇ بىزدىكى تەسىرچانلىق كېسىلىنىڭ ئاددىي ئىپادىسى. ھاياجانلانغاندا ئىرادىگە ھەممە ئادەم كېلىۋېرىدۇ. ئەمما ھەرىكەتكە ئۆتۈش - ئايرىم گەپ. ھەرىكىتىمىزگە، ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولغۇدەك ھېكمەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ھەرىكەتكە ئۆتمەي تەسىرلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالساق، بۇ ھېكمەتلەر ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق گەپلەردۇر .» ياشلىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل  چېغىدىكى بىر يىگىت ئىرادىگە كېلىپ غايىسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىدا چىرايلىق قىزلارنى، ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى ھەربىر قېتىم كۆرۈپ غىدىقلىنىۋەرگەندە ، ئۇنىڭ روھى ئىزدىنىشنى ئەمەس، بىردەم بولسىمۇ ئۆزىنى قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرىكىتىمىز توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ھېسسىياتچانلىق، تەسىرچانلىق باسقۇچىدا تۇرۇپ قالىمىز-دە، ئارزۇيىمىز ئارزۇ پېتى، قىيىنچىلىق قېيىنچىلىق پېتى قېلىۋېرىدۇ.

     


    4. مۇھەببەتنى دالدا تام قىلىۋېلىش. قىيىنچىلىق ھەل بولمىغاندا، باش سەۋدادىن خالى بولمىغاندا، يۈرەك تەشۋىشلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى بەزلەش ئۈچۈن پاناھگاھ ئىزلەيدۇ. ياشلار ئۈچۈن بۇ پاناھگاھ - دەل مۇھەببەتتۇر. ياشلار مەسىلىسى تۈگىمىگەنسېرى مۇھەببەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مۇھەببەتكە بېرىلگەنسېرى ئۆزى ئىزدىگەن چىن مۇھەببەتنىڭ رېئاللىقتا تېپىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەنسېرى بىر ئىشقا رايى بارمايدۇ. يېڭى قىيىنچىلىق مانا مۇشۇنداق چاغدا ماراپ تۇرغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇھەببەت توغرا يولغا يېتەكلەنسە، ئىككى تەرەپكە ئاجايىپ زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلىشى مۇمكىن. ئەمما، كۆپىنچە ھاللاردا ھېسسىياتى تەۋرىنىپ تۇرغان ياشلار مۇھەببەت كوچىسىدا مەستۇ - مۇستەغرەق بولۇپ كېتىدۇ. مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىز بۇ چاغدا «قالتىس بىر ياشىۋەتكەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق گۈزەل ئۇچرىشىشتىن كېيىن نېمە قىلىمىز؟» دەپ سوئال قويىمىز. بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ قولى كىتاب ۋاراقلاۋاتقان بولسىچۇ؟ بىز مۇھەببەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىۋاتقان چېغىمىزدا بىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك باشقىلار ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىۋاتقان بولسىچۇ؟ مۇھەببەت سەۋداسى، ئاشىقلىق ئوتى باشقا كەلگەندە قىيىنچىلىق كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئىلگىرىلىگۈمىز كەلمەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ دەردى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دەردتەك، باشقىلار بىزنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمىز. بىر قىسىم ئوغۇللار بولسا ھاراقتىن، تاماكىدىن تەسەللى تاپماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ساختا دەردمەنلىكتۇر. قەھرىمانلىق، ئىجادچانلىققا مەنبە بولىدىغان مېڭە ھېسسىياتچانلىققا ئورۇن بوشاتقاندا، ئادەمنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. بۇ چاغدا كرىزىس ۋە قىيىنچىلىق بىزنى پىرقىرىتىۋاتقان باخشىغا، بىز نېمە ئۈچۈن پىرقىراۋاتقانلىقىنى بىلمەي ئايلىنىۋاتقان بىچارە بايقۇشقا ئايلىنىمىز.

     


    5. بالدۇر قېرىۋېلىش. مەن پات-پاتلا بالا-چاقىلىق بولغان، 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ بالىلىرى توغرۇلۇق گەپ قىلىۋېتىپ : «بىزنىڭ بۇلار يېرىمىز مۇشۇ بولدى. ئەمدى بالىنى ئوبدانراق تەربىيىلەرمىز» دېگىنىنى ئاڭلايمەن ھەم ھەيران قالىمەن. شەھەرلەردە خىزمەتكە چىقىپ قەرزگە ئۆي سېتىۋالغان، تۇرمۇش ئالدىغا سېلىۋالغان ياش ئەر- خوتۇنلاردا بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش، تۇرمۇش نىشانىدىن ئادىشىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىك. بەزىلەر بولسا ئۆزىنى ئەمدى كارغا كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەت تولىمۇ زىيانلىق. ئۆزىنى تەربىيىلەشنى توختاتقان ئادەم قانداقمۇ بالىسىنى ياخشى تەربىيىلىسۇن؟ مەن ئۇنىۋېرىستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا «ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان - قازىنالمايدىغانلىقى 30 ياشقىچە بەلگىلىنىپ بولىدۇ» دېگەن گەپنى جىق ئاڭلايتتىم. ھازىر ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن كۆزىتىپ باقسام ، بۇ گەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رېئاللىقىغا تازا ماس كەلمەيدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى، دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا نەچچە يىل كېتىدىكەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، تەمتىلەشتىن قۇتۇلۇپ ئەمدى ئاغزى ئاشقا تەگكۈچە ياش 30 قا بېرىپ قالىدىكەن. قارىشىمچە، ئۇيغۇر ياشلىرى 30 ياش ئەتراپىدا يېڭىچە بىر ھايات پەللىسىگە قەدەم قويىدىكەن. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھاياتى بۈگۈنكى دەۋردە 30 ياشتىن كېيىن رەسمىي باشلىنىدىكەن. بالدۇر قېرىۋېلىش، نىشان بولماسلىق بىزنى روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن زەئىپلەشتۈرۈش رولىنىلا ئوينايدىكەن. 30 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ياشلاردا «ھاياتىم ئەمدى باشلاندى» دېگەن روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك. بولمىسا، يەلكىنى قىيىنچىلىق باسقىنى باسقان.

     


    6. چۈشكۈنلۈك . يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلغان نۇقتىلاردىن قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىش خاھىشى قىيداش پسىخىكىسىنى، تەسىرچانلىق، ھېسسىياتچانلىق مۇھەببەت ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بالدۇر قېرىۋېلىش تۇيغۇسى بىپەرۋالىقنى، سۇسلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بەش ئامىل باشقا كىچىك نۇقتىلارغا قوشۇلۇپ قەلبتە چۈشكۈنلۈككە ئورۇن ھازىرلايدۇ. يېڭى كرىزىس شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن باشلىنىدۇ. ھەممە مىللەتنىڭ، ھەممە ئادەمنىڭ چۈشكۈنلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. چۈنكى، چۈشكۈنلۈكنىڭ مەنبەسى - ئۈمىدنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدۇر. ئىنسان ئۈمىدى بەربات بولغاندا، رېئاللىق ئالدىدا ئىلاجىسىز قالغاندا ھامان چۈشكۈنلۈك قاينىمىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئەمما چۈشكۈنلۈك، زېرەك ئادەملەر ئۈچۈن يېڭىچە بىر مەنزىلنىڭ، يېڭىچە بىر نۇرنىڭ، يېڭى بىر ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. چۈشكۈنلىشىپ ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئازاب ئوتلىرىغا تۇتۇرۇق قىلىپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. راست، قىيىنچىلىق مەۋجۇت، ھەل قىلالمىدۇق، شۇڭا ئازابلاندۇق. لېكىن، ئازابلىنىش بىلەن نېمە ئىش ھەل بولدى؟ ئوتتا تۇرغان ئادەم ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قانداق ئەپقېچىشنى بىلىشى كېرەك. دۇنيادا چۈشكۈنلەشكەنلەرگە، ئازاب تارتقانلارغا ھېچيەردە مۇكاپات بەرمەيدۇ.
     


    7.ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ياراتماسلىق، بىراۋغا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قېلىش. نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئالدىراپ بىر كىشىنى يارىتىپ كەتمەيدۇ. بىراۋ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن كۈچىسە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك، مەنمەنچىدەك ھېس قىلىدۇ. خىيالىدا ئۆزى قىلسا تېخىمۇ ياخشى قىلىۋېتىدىغاندەك ئويلايدۇ. باشقىلارنى ياراتمايدۇ-يۇ، ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ. پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ياراتماسلىق - ئازاب چېكىۋاتقان، ئۆزىنى تايانچىسىز ھېس قىلىۋاتقان زەئىپ روھنىڭ ئەكس نۇقتىدا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى. پسىخىكىسى ساغلام ئادەم نەتىجە قازانغانلاردىن، بىر ئىشنى ياخشىراق قىلغانلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىدۇ ، نەتىجە قازىنىش جەريانىنى كۆزىتىدۇ. روھى زەئىپ ئادەم بولسا باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى ياراتماسلىق، مەنسىتمەسلىك ئارقىلىق سەرسانلىقتا، تىت-تىتلىقتا قېلىۋاتقان مەنىۋى دۇنياسىغا تەسەللى ئىزدەيدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى كىرسىن تايلور: «باشقىلارغا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قېلىش - ئۇيغۇرلاردىكى پسىخىكىلىق ئاجىزلارنىڭ بىرى» دەپ يازىدۇ. بۇ ھال ئۇيغۇر ياشلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. بەزى ياشلار سەھنىدە، ئېكراندا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، خىزمەت ھالقىلىرىدا كۆرگەن ئادەملەرنى نېمىشقىدۇر ياقتۇرمايدۇ. باشقىلارغا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قېلىش - ئىلغارلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىش، ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىۋاتقان بۇ دەۋردە ئىنتايىن زىيانلىق بىر پسىخىكا. ئۇ ئەمەلىيەتتە قىسىلغان، تۇنجۇققان ئۆزلۈكنىڭ ئىپادىسى. بىر ئىشنى توغرا قىلغانلار، نەتىجە قازانغانلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى توغرا يوسۇندا ھەل قىلغانلار بولۇپ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى ھامان تېپىلىدۇ. ھېچكىمنى ياراتماسلىق، باشقىلارغا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قېلىش بىر خىل پسىخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىق بولۇپ ، ئېغىرلاشقاندا ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت داۋالاش تەس بولغان كېسەلگە باشلايدۇ. ئۇ ھالدا كۆزىمىزگە يوغان كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە كرىزىسنى يەڭمەك بەسى مۈشكۈل.

     


    8. ئىقتىسادىي ئاڭ تۆۋەن بولۇش. بىز ھەمىشە «پۇل ھازىر چىڭ يەرگە كىرىپ كەتتى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىمىز. مەن بۇ گەپنى «توغرىراقى پۇل تېپىشقا قانات بولىدىغان ئەقىل ۋە دىت چىڭ يەرگە كىرىپ كەتتى» دەپ چۈشىنىمەن. تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى قىممەت ۋە ئۈنۈم تەلەپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئولتۇرۇشلاردا، توردا جىق ۋاقىت سەرپ قىلىشنى، سائەتلەپ پاراڭ سېلىشنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىزدىن كېتىۋاتقىنى - قىممىتى يوق نەرسە ئەمەس، بارغانسېرى قىسقىراۋاتقان ئۆمرىمىزنىڭ بىرلىكى بولغان ۋاقىت؛ ئويلىنىپ ئىزدىنىشكە سەرپ قىلساق ، پۇل ۋە قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان ۋاقىت. ھەر قېتىم ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە كۈندە تورغا چىقىشنى ۋەزىپە قاتارىدا كۆرۈۋاتقان، تور ئارقىلىق ئۆزىنى بەزلەۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپلۈكىنى سەزگىنىمدە ئازابلىنىمەن. «ياخشى يېزىپسىز، رەھمەت!» دېگەندەك تايىنى يوق ئىنكاسلار، تەسىرات مارىلاپ يېزىلىۋاتقان پاخال يازمىلار ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. شۆھرەت تاماسىدىكى يازارمەنلەر ماختاش سادالىرىنى ئاڭلاش مەقسىتىدە كۈندە دېگۈدەك مۇنبەرلەرنى ئارىلايدۇ. ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئۆلچىگەندە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىش. «باي دادام، نامرات دادام»، «تەپەككۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش» دېگەن كىتابلاردا پۇل تاپالمايدىغان كىشىلەردىكى بۇ خىل پاسسىپ روھىي ھالەت ياخشى تەھلىل قىلىنغان. جىق پۇل تېپىشنى ئويلاش، ئەمما شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال لازىم بولغان بولىدىغان پسىخىكىلىق ساپانى يېتىلدۈرمەسلىك، پوزىتسىيىنى توغرىلىماسلىق ياشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر سەۋەب. ئەلۋەتتە، ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە مىراس قېلىۋاتقان نامراتلىق مەدەنىيىتى، تۈزۈم ۋە ئىدىئولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ئامىللارمۇ ئىقتىسادىي ئاڭنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شەخسنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئىپادىلەرنى تەھلىل قىلىش بولغاچقا، بۇ يەردە ئىقتىسادىي ئاڭنىڭ مەنبەسى، ماھىيىتى ھەققىدە جىق توختالمايمىز. مەسىلە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەندە، جىق پۇل تاپقانلار قىيىنچىلىقنى ئەڭ جىق يەڭگەنلەردۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلمىساق، دېمەك پۇل تاپالمايمىز. پۇل تاپالمىساق ، رەڭگىمىز سارغىيىدۇ، قەددىمىز پۈكۈلىدۇ، ھاياتىمىزدا مەنە، تەم ئاز قالىدۇ. ئەمما، ياشلىرىمىزدا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان يەنە بىر خاھىشمۇ بار. يەنى ئۇ بولسىمۇ پۇلدىن  باشقا ھېچنىمىنى تونۇماسلىق. بۇ بەكمۇ خەتەرلىك بولۇپ ، ئاخىرى روھىي خارابلىققا باشلاپ ئالدىمىزغا ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى قىيىنچىلىقلارنى تاشلايدۇ. مۇناسىۋەت تاۋارغا ئايلانغاندا، بىز ئارىلىشىۋاتقان قارشى تەرەپمۇ بىز ئۈچۈن بىر تاۋارغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھال داۋاملاشقاندا ئاچكۆزلۈك، شۆھرەتپەرەسلىك، داغۋازلىق كۈچ ئالىدۇ. نەتىجە، بەرىبىر ئوخشاش - روھىي گادايلىق . مەنىۋىيىتى گاداي ئادەم غېرىبلىقتىن، يالغۇزلۇقتىن قاچىدىغان بولىدۇ، تۇرمۇشنى مەنىسىز قىلىدۇ، ئەقىدىدىن يىراقلايدۇ. ئاخىرىدا بۇنداقلارنىڭ ھاياتى ئوخشاشلا كرىزىس ئىچىدە داۋام قىلىدۇ. دېمەك، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ۋاقىتنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ھېسابلىماسلىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ھامىلدار بولسا، پەقەتلا پۇلنى ئويلاش روھىي يىتىمچىلىككە ھامىلدار. شۇڭا ھەم ئىقتىسادىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈشكە ، ھەم مەنىۋى كامالەتكە ئىنتىلىش ئىنسان ھاياتىنى قىممەت ۋە مەزمۇنغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ ھالدا قىيىنچىلىق ئادەمنى بۇرۇنقىدەك بوزەك قىلالمايدۇ.

     


    خوش، ئۇنداقتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان روھىي ئامىللارنى شەخس ئۆز روھىي دۇنياسىدا يوقۇتۇشقا قادىرمۇ؟ قادىرلىقى قادىر. ئەمما بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئادەمگە كاشىلا تۇغدۇرىدىغان توسالغۇنىڭ مەنبەسى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ.  بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشنى توختىتىپ قويماسلىقى ۋە روھىي دۇنياسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدا پسىخىكىلىق ئىسلاھات (بۇنداق قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ) ئېلىپ بارمىقى لازىمدۇر.

     


    1. خىيالنى باشقۇرۇش. ئادەمنىڭ كاللىسى ھەر ۋاقىت خىيالدىن نېرى بولمايدۇ. خىيال ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ئاكتىپ خىيال، يەنە  بىرى پاسسىپ خىيال بولىدۇ. تەسەۋۋۇر، ھۆكۈم، لوگىكىلىك خۇلاسىدىن ئوربىتا قىلىپ سۈرگەن خىيال ئاكتىپ بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان غالىبلار بۇنداق خىيال  قىلىشقا، دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ تۇرۇشقا كۆنگەن. غەم، ھەسەتخورلۇق، دەرد، قىيداش نۇقتىسى بويىچە قىلىنغان خىيال پاسسىپ خىيال بولۇپ، كاللا بۇنداق خىيالغا سەرپ بولغاندا، تەپەككۇر قىلىدىغان يۆنىلىشتىن ئېزىپ ھورۇنلىشىدۇ، بارا-بارا ئىشلىمەس بولىدۇ. شۇڭا بىرەر دەرد، غەمگە دۇچ كەلگەندە پاسسىپ خىيالنى ئاكتىپ خىيالغا ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش، قۇتۇلۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى ھەققىدە ئويلىنىش لازىم. خىيال ھەققىدە ھېچكىم ھېچيەردە دەرس ئۆتمەيدۇ، ئاتا-ئانىمىزمۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ، بۇنى پەقەت ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزلا ئۆگىتەلەيمىز. سىز ئىجابىي خىيالنىڭ پايدىسىنى كۆرگىنىڭىزدە، خىيالنىڭ دۇنيادا بىردىنبىر دەخلىسىز ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، ھوزۇر بېرىدىغانلىقىنى، قىممەت يارىتالايدىغانلىقىنى بايقايسىز. لېكىن، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن خىيالىڭىزنىمۇ باشقۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، خىيالىڭىزنى ئەركىگە قويۇۋېتىپ يامان قىلغانلىقىڭىزنى تۇيۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. خىيال توغرىلىق گەپ بولغاندا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەك. بەزى ياشلار ئارزۇ-غايىنى بەك يوغان قىلىۋالىدۇ، ئەمما شۇنىڭغا تۇشلۇق قەدەم- باسقۇچلارنى ھازىرلاشقا تېگىشلىك روھىي ساپانى تەھلىل قىلمايدۇ. كىچىك بالىلار «چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟» دېگەن سوئالغا «ئالىم بولىمەن، ئۇچقۇچى بولىمەن» دەپ ئاغزىغا كەلگەنچە جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى، نەتىجە سۈرۈشتۈرۈلمىگەندىن كېيىن بۇ سوئاللارغا نېمە دەپ جاۋاب بەرسە بولىۋېرىدۇ. خىيالپەرەس ياشلار ئەقلى يېتىلمىگەن گۆدەك بالىلاردەك ئارزۇ-خىياللاردا بولغىنىدىن نۇمۇس قىلىشى كېرەك. بىر غايىنى تىكلىدۇقمۇ، دېمەك ئۇنىڭغا كېتىدىغان قەدەم-باسقۇچلارنى پىلان بويىچە ئايرىش، تەھلىل قىلىش، ئاندىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك. بولمىسا قىيىنچىلىق مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئاددىيراق تىل بىلەن ئېيتقاندا، سىز ئەگەر بەش يىلدىن كېيىن ھەشەمەتلىك ماشىنام بولىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز، ئاپتوبۇستا ياكى پىيادە كېتىۋېتىپ ھەيۋەت ماشىنىدا ئولتۇرغانلارنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن پىيادە قالغانلىقىڭىز، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ماشىنىدا ئولتۇرالىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۇزۇن مۇددەتلىك مەشىق ئارقىلىق خىيالىڭىزنى باشقۇرالىسىڭىز، نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولالايسىز.

     


    2. پوزىتسىيە توغرىلاش. بىز ئۆزىمىزنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي سىستېمىنى، جەمئىيەتنى، مۇھىتنى يەككە ھەرىكىتىمىز بىلەن يالغۇز ھالدا ئۆزگەرتەلمەيمىز. پەقەتلا ئۆزگەرتەلەيدىغىنىمىز - ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيىسى. پسىخولوگلار ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى %15 بىلىمىدىن، %85 پوزىتسىيىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بىز ئۆزى بىلىملىك تۇرۇپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىغان تالاي ئادەملەرنى ئۇچراتقان. پوزىتسىيە باشقا گەپ، بىلىم باشقا گەپ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پوزىتسىيە پەيدا قىلىدىغان ئەقىلمۇ بىلىمگە تەڭ ئەمەس. شۇڭا، ئۇيغۇر ياشلىرى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا پوزىتسىيىنى توغرىلىشى كېرەك. پوزىتسىيىنى توغرىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى تەشەببۇسكار بولۇشتۇر. مەسىلەن، سىز ئۇنىۋېرىستېتقا يېڭى كەلگەن، بەش يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قېلىشنى ئويلىغان سىتۇدېنت بولسىڭىز، قانداق ساپالارنى ھازىرلىغاندا ئۈرۈمچىدە بىر كىشىلىك خىزمەت تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئويلىشىڭىز، قەدەم-باسقۇچلارنى بېكىتىشىڭىز، ئاندىن تەرتىپلىك يوسۇندا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىڭىز كېرەك. پوزىتسىيىنى توغرىلاشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش. مەسىلەن، بىز ئۆزىمىزنى ئىچىمىزدە: «مۇشۇ ھالىڭ بىلەن نەدىمۇ خىزمەت تاپالارسەن؟» دېگەندەك ئويلار بىلەن مەسخىرە قىلىپ تۇرۇشىمىز، نىشانىمىزغا يېتىش داۋامىدىكى پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ ھال بىزدىن مەلۇم تۈرگە ماھىر، پىششىق بولۇشنى، كەسپ ئەھلى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، چالىلىق، ئۆز كەسپىنىڭ ئەھلى بولالماسلىق - ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن  كېلىپ چىققان، ئۇلارغا قىممەت يارىتىپ بېرەلمەيۋاتقان ئامىلدۇر. كۆپىنچە ئادەملەر باشقىلاردىن ماختاش، مەدھىيە سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا كۈنۈك. ماختاش سادالىرى - بىزنىڭ توغرىلاشقا تېگىشلىك پوزىتسىيىمىزگە سېلىنغان ئۇيقۇ دورىسى. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان داڭلىق يازغۇچىسى فىڭ جىسەينىڭ «پۈۋلەپ ئۇچۇرۇلغان شارلار ھامان ئېتىلىپ كېتىدۇ» دېگەن گېپى ئېسىمىزدە بولسۇن. پوزىتسىيە توغرىلانغاندا، مېڭە بەدەنگە ھەرىكەتكە ئۆتۈش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىش داۋامىدىكى پۇتلىكاشاڭلار سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

     


    3. ئادەت تۈرمىسىدىن چىقىش. ئادەت-قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا تەسىرگە ئەڭ ئاۋال ئۇچرايدىغان، يەڭمەك تەس بولغان، ئەمما ئىزدەنسەك مەشىق قىلساق يەنىلا توغرا يۆنىلىشكە ئېلىپ ماڭغىلى بولىدىغان بىر ئوربېتا . بىز ھەربىرىمىز ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ھامان بەزى ئۈنۈمسىز ئادەتلەردىن خالى بولالمايمىز. دەل مۇشۇ ئادەتلەر بىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ، ئۇيغۇرلاردىكى «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دېگەن ھېكمەت دەل ئادەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەسلىكىگە قارىتىلغان. سىز مەلۇم بىر ئىشتا ئىرادىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايسىز. ناۋادا ئۆز ھېسسىياتىڭىزنى كونترول قىلىشنى بىلمىسىڭىز ، ئارزۇ ئارزۇ پېتى، غايە غايە پېتى قېلىۋېرىدۇ. قىيىنچىلىق تۈگىمەيدۇ. مەسىلەن ، سىز كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىنى بىر يىل ئىچىدە بېرىلىپ ئۆگەنمەكچى بولغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سەھەر تۇرۇپ سۆز-جۈملىلەرنى يادلاش، كۈندە مۇقىم ۋاقىت چىقىرىش، سىجىللىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئالاقىگە كېتىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىش، غىدىقلايدىغان ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچراش قاتارلىق بىر قاتار ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىسىز. لېكىن، كۆنگەن خۇيىڭىز بۇ جەرياندا سىزگە دەخلى قىلىپ پىلانىڭىزنى ئاقسىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۈنۈمسىز ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى بىر كۆرەش، بىر مۇھىم مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تونۇماي تۇرۇپ كۆز ئالدىمىزدا دۆۋىلىنىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئادەت ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئىجتىمائىي مۇھىت، مەدەنىيەت فورمىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئېرسىيەت ۋە كۆرگەن تەربىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئادەمنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما، ئادەت پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى كۆزىتىش، مەشھۇرلارنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇش، ئۆتكۈر پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن پاتراق ئۇچرىشىش، كىتاب كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشى ئادەتلەرنى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ياخشى ئادەت - ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قامچا؛ ناچار ئادەت-ئادەم ئۆزى خالاپ كىرىۋالىدىغان ھەم ئالدىراپ چىقىشنى خالىمايدىغان تۈرمە. ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتمىگەن ئادەمگە ئەڭ ئاۋۋال خىرىس ۋە تەھدىت ئۆزىدىن كېلىدۇ؛ ئۆزى دۈشمەن بولىدۇ. چىقىش يولى پۈتۈنلەي ئېتىلىپ كەتكىنى يوق. لېكىن، ناچار ئادەتلەرنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇۋالغىنى راست. ياشلىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتكىنى يوق، ئەمما ئۈنۈمسىز ئادەتلەرنىڭ ئۇلارنى بىچارىلىككە، خارلىققا باشلاۋاتقىنى راست. ئارزۇلار پۈتۈنلەي بىتچىت بولۇپ كەتكىنى يوق؛ ئەمما ياشلىرىمىزنىڭ غايىلەرنى تىكلەپ قويۇپ ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن نىشاندىن ئادىشىۋاتقىنى راست. مەن ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ياشلىرىمىزغا سەھەر تۇرۇش، تەشەببۇسكار بولۇش، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىن قىياس قىلىش، ۋاقىت تەقسىملەش، يالغۇز تۇرىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىش، ئۈن-تىنسىز پىكىر قىلىش (قۇرۇق خىيال سۈرۈش ئەمەس)، زىيادە ئۇچۇردىن نېرى تۇرۇش قاتارلىق ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادەتلەرنى مىسال كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەمما، يامان يېرى، ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر گەپ. ھازىرغىچە توغرا ياشاشنى ئۆگىتىدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرچە كىتابلار نەشر قىلىندى. لېكىن، شۇ كىتابلارنى ئوقۇغان نۇرغۇن ياشلار يەنىلا ئۆزىنىڭ شۇ پېتى تۇرغانلىقىنى، روھىي ھالىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. دېمەك، كىتاب ئوقۇپ ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك، تەسىرات باسقۇچىدا تۇرۇپ قېلىش، زەرەتلەنگەن ئىدىيىلەرنى پەرۋىش قىلىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشماسلىق بىزگە ھېچقانداق نەپ بەرمەيدۇ. مەن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان شۇ خىلدىكى كىتابلاردىن «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز» نى ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمدا ئوقۇغان. «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق كىتابنى 2000-يىلى ئۇيقۇسىزلىقتىن ئىبارەت مەرەز كېسەلنى يېڭىش داۋامىدا ئوقۇغان، قالغانلىرىنى ئوقۇمىدىم. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھەرىكەتكە ئۆتكىنىم، تەشەببۇسكار بولغىنىم مېنى ئۆزۈمنى قايتا تونۇش، قېزىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئۆزۈمنى تىڭشاش، يۈرىكىمدىن كېلىۋاتقان چىن تۇيغۇلارغا بىپەرۋالىق قىلماسلىق، خاس يولۇمدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى. يۇقىرىدىكى بايانلارمۇ ئۆزۈمنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا بىۋاستە ھېس قىلغانلىرىم. ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا توسالغۇ بولىدىغان روھىي ئامىللار ھەققىدە ئويلىغان قىممەتلىك پىكىرلىرى ۋە خاس تەجرىبىلىرى بولۇشى مۇمكىن. قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە دائىر ئوخشىمىغان تەجرىبىلەر تونۇشتۇرۇلسا، ئوخشىمىغان مىجەزدىكى ياشلىرىمىزغا بىرەر تەرەپتىن بولسىمۇ پايدىسى تېگىشى مۇمكىن. مەسىلىنىڭ نېگىزىنى پسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىزدەش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەلۋەتتە قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىش. ئەمما، تەجرىبىدىن ئۆتكەن نەق گەپلەرمۇ ئورتاقلىق تۇيغۇسى ھېس قىلغان ئوقۇرمەنلەرگە نەپ بەرسە ئەجەب ئەمەس.

     

    ئاپتور:ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنۋېرسىتىتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ماگىستېر ئاسپرانتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.