ھاجىملار قاتار چېيى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 19:10:21

ھاجىملار قاتار چېيى مانا تەتىلگە چىقىنىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ قاپتۇ ،بۇ بىر ئاي مەزگىلىنى ئۆيدىن چىقماي تورغا چىقىپ مۇنبەر كۆرۈش بىلەنلا ئۆتكۈزۈپتىمەن ، يا بىر كەسپىمنى پىششقىلىماي يا ئاپ...

    ھاجىملار قاتار چېيى

       مانا تەتىلگە چىقىنىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ قاپتۇ ،بۇ بىر ئاي مەزگىلىنى ئۆيدىن چىقماي تورغا چىقىپ مۇنبەر كۆرۈش بىلەنلا ئۆتكۈزۈپتىمەن ، يا بىر كەسپىمنى پىششقىلىماي يا ئاپامغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشنى قىلىشىپ بەرمەي ساراڭدەك ياتاق ئۆيۈمگە بىكىنىپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغۇنۇم ئولتۇرغان بولغاچقا، دادامنىڭ ئاچىقى كېلىپ مىنى ئاپسىنىڭ يېنىغا يەنى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسگە ئەۋەتمەكچى بولدى. بۇنىڭغا مەن قەتئىي قارشى چىقتىم لىكىن بۇ مەندىن ئۆتەر جاھىل دادامنىڭ قارارىنى پەقەت ئۆزگەرتمىدى ،ئامال يوق يۈك -تاقامنى يۈدۈپ مومامنىڭ ئۆيىگە سەپەر قىلدىم .

        بولمىسىغۇ مومام شۇنداق كۈيۈمچان بولۇپ، نەۋرىلەر ئىچىدە مىنى ئەڭ ياقتۇراتتى، شۇڭمۇ مەن ئون ياشقا كىرگىچە مىنى ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى، بىراق بىر كەمچىلكى بەك كونىلىقىنى ياقلايدىغان، ئىنتايىن كوت –كوت ئىدى، شۇڭمۇ موماڭنىڭ يېنىغا بار دېسە پەقەت بارغۇم كەلمەيتى، ئەتىگەن سائەت تۆت بولماستا تەسۋىي سېرىپ تۇرۇپ شامىلە ....شامىلە دەپلا چاقىرىپ تۇرىدۇ، مەن بولسام مىڭ تەستە ئۇيقامنى ئېچىپ مومامنىڭ ئۇ ھالىتىگە قاراپ ‹موما بىسمىلا دەپ تەسۋىي سېرىمەي شامىلە ...شامىلە دەپ سېرىۋاتامسەن› دەپ سالمەن شۇ چاغدا مومامنىڭ ئاغزى ئېچلىدۇ، ‹چىقە بازادىن كىپلەك ساراڭ ، تېز تۇر بولمىسا بوينىڭغا شەيتان مىنىۋالدۇ ›دەپ ئامال يوق شۇ گۈگۈم پەردىسى ئېچىلمغان شامۇ سەھەردە شېرىن ئۇيقامنى ئېچىشقا مەجبۇر بولمەن. يالغۇز بۇلارلا ئەمەس نامازدىن كىيىن پەقەت ئۇخلىغىلى قويمايدۇ ،ھېلى ئۆي تازىلا دېسە، ھېلى دېرىزە سۈرت دەپ توخو تېخى قونداقتىن چۈشمەستە مىنى جاپاغا سالدۇ، شۇڭىمۇ مومانىڭ ئۆيى دېسە ئالتە كېلومېتىر يىراقلىققا قاچقۇدەك بولىمەن.
         لىكىن بۇ قېتىم ئامال يوق، دادامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مومامنىڭ ئۆيىگە باردىم، مومام مېنى كۆرۈپ ئالەمچە شاتلاندى . يۈزلىرىمگە سۆيۈپ، ئەركىلتىپ مەھەللىدىكىلىرى ئالدىدا مىنى ماختاپ ئۇچۇرۋەتتى ، ئۇنى ئاز دەپ ئۆيگە ئەكىرىپ كۆرپە ئۈستىگە چىقىرىپ قۇيۇپ، قايسى تاماقنى يەيمەن دېسەم شۇنى قىلىپ بېرىپ مىنى ھەيرنلىقتا قالدۇردى، ئەزەلدىن مېنى ئىشقا بۇيرۇپ تەييار تاماق يىگۈزمەيدىغان مومامنىڭ، بۈگۈنكى كۇندە 360گىرادۇس ئۆزگەرگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم ، تاماقلار يىيلىپ بولغاندىن كىيىن قاچىلارنى يۇياي دىگىنمگە قويماي مىنى تېلېۋىزور كۆر دىگىنگە تېخىمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى ،ئادەتتىكى چاغلار بولسا ‹ھەي بەڭباش قىز تېلېۋىززور دىگەن شەيتان بوۋسى سىنى ئازدۇرىدۇ ،ماڭە، كېرىپ ھەپتىيەك ئۆگەن› دەپ كۆرگىلى قويمايتتى ، ئەمدىلكتە بولسا ... مومامنىڭ بۇ قىلغىنىنى كۆرۈپ مەن تېخى مومام قېرىپ خېلى ئىش ئۇقىدىغان بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويىلىغان ئىدىم، لىكىن كىم بىلسۇن بۇ مومانىڭ مىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلاپ قويغىنى ئىكەن .

       يولدا بەك چارچاپ كەتتىممۇ بىلمىدىم، تېلېۋىزور كۆرۈشمۇ خوش ياقماي بۇرۇن ئۇخلىدىم، ئەتسى تاڭ يۇرىماستىنلا مومام يەنە كونا پەدە بىلەن مىنى ئويغۇتۇشقا باشلىدى ، قولىدا يەنە شۇ تەسۋىيسى ئاغزىدا يەنە شامىلە ...شامىلە ... ئامال يوق بولغاچقا دەلدەڭشىپ يۈرۈپ چالا -پۇلا تەرەت ئېلىپ جاينىمازغا چىقىپ نامازغا چۈشۈپ كەتتىم ، نامازنى ئوقۇپ بولۇپ قايتىدىن ئۇخلاي دەپ ئەمدى يېتىشىمغا موماي قېشىمغا كېرىپ، -
       - قۇپە ھورۇن قىز بۈگۈن ئۆيدە مىھمان بار ھەدەڭلەرگە ياردەملىشىپ تەييارلىق قىل،- دېدى .
        دادامنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنسى ئايالى بىلەن مومام قېشىدا تۇراتتى ،قالغانلارنىڭ ھەمىسىنىڭ ئۆيى مۇمامنىڭ ئۆيىگە ئانچە يېراق بولمىغان يەرلەردە بولغاچ بىزنىڭ ئۆيدىن قايسىمىز مومامنىڭ قېشىغا كەلسەك ھەممە تۇققانلار بۇ چوڭ ئۆيگە يىغىلىپ بىرگە تاماق قىلىپ يەپ بىركۈن پاراڭلىشىپ ھال -مۇڭ بۇلشاتتى مەن تېخى بۈگۈنمۇ شۇ كىچىك ئاپام ،داداملارنى كېلدىغان ئوخشايدۇ دەپ مومامغا
    _ ۋايجان مۇما ئالاھدە مىھمان بولمىغاندىن كىيىن ھەدەم (كىچىك تاغامنىڭ ئايالى )ئۆزى تەييار قىلسۇنچۇ تاماقىنى- دېدىم.
    _كىم دەيدۇ ئالاھدە مىھمان ئەمەس دەپ- دېدى مومام .
    _ئۆز -ئارا بولغاندىن كىيىن شۇلار كەلگەندە قىلايلىچۇ تاماقنى- دېدىم ئىرىنچەكلىك بىلەن سۇنايلىنىپ يېتىپ .
    _بالام كىچىك ئاپاڭلارمۇ كىلىپ قارىشىدۇ بىزگە ،ئۇلار كەلگۈچە ئۆي تازلىغاچ تۇر- دېدى مومام ئەۋزەيلەپ _كىمتى ئۇ ھەممە ئادەم كىلىپ تەييارلىق قىلىپ كۈتىۋالدىغان، ئەلچى كىلەمدۇ - يا موما ساڭا- دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق ئارلاش .
    _ ۋوي ئوغرى ئالمايدىغان... ۋاي ئوغرى ئالمايدىغان ،رەھمەتلىك چوڭ داداڭغا ئاسىيلىق قىلىپ ئەرگە تېگەمدىم . بۇ ياشتا ھېلىمۇ داداڭنى، ئاندىن سەن ماڭقىنى باقىمەن دەپ ياشلىقىم ئۆتۈپ كېتىپتۇ، 20 يىل تۇل ئولتۇرۇپ باللىرىمنى قاتارغا قېتىپتىمەن ،ئەمدى نەۋرەم ئەرگە تەگكىدەك بولغاندا ماڭا ئەلچى كىلەمتى ، ‹چاي نۆۋېتى › ماڭا كەپتىكەن ، شۇ ھاجىملارغا تەييارلىق قىلمىز -دېدى مومام .

       ‹چاي نۆۋېتى ›دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قۇلۇقۇمغا ئشەنمەيلا ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىپ مومامدىن سورۇدۇم:
    _چاي ...چاي دېدىڭمۇ موما ؟ _ھەئە، چاي، نىمە بولدى؟ بۇنىڭ نىمە ھەيران قالغۇچلىكى بار ؟-دېدى مومام تەمكىنلىك بىلەن. -قانداق چاي ؟دەپ سورىدىم: _قانداق چاي بولاتتى، ھەپتىدە بىر كېلىدىغان قاتار چاي.
        _نېمە ؟ مومامنىڭ گېپىدىن قاتتىق ھەيران قېلىپ ئۈنلۈك ۋاقىرۋەتتىم .
    _ۋاي پاڭقاي ،نىمانداق گاس ئادەم باردەك ۋاقىرايسەن!
    _ۋاي موما ھازىر 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە خوتۇنلار قاتار چاي ئوينايدۇ دېسە ھەيران قالمايتتىم بىراق سەندەك ھاجىم مومايلار چاي ئوينايدۇ دېسە ھەيران قېلۋاتىمەن- دېدىم كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ . (مۇمام ئىككى يىل بۇرۇن كىچىك ئوغلىنىڭ ھەل قىلىشى بىلەن ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن ،ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاللاھ يولىنى تۇتۇپ ناماز، رامىزان ، ئۆشرە -زاكاتلارنى دەل ۋاقتىدا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،  بىراق قەشقەرلىك ھاجىم خېنىملاردەك يۈزلىرنى پۈركەنجىگە ئالمىغان ئىدى. مەھەللدىكى چوڭ -كىچىك ھاجىم پۈركەنجىگە كىرمەپلىغۇ؟ دېسە، خىيالى ھالدا 70 ياشقا كىرگەن قېرى خوتۇنمەن ، يۈزلۈرۇم چىپەرقۇتسىمان قورۇق ، كۈيۈپ قالىدىغان ياش يىگىت يوق، شۇڭا نىيەتنى دۇرۇس تۇتۇپ ، ئاللاھ قىل دىگەننى قىلىپ يۈرسەم كۇپايە دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى .)
       _نىمشقا ھەيران قالسەن ھازىر ھەيران بولماي ھېلى چايدىكى ھاجىم خوتۇنلارنى كۆرۇپ ئاندىن ھەيران بول . ھەرەمدە نەچچە ئاي بىرگە تۇرغان بىر -ئىككى ھاجىم بار ئىدى شۇلار قاتنىشىپتىكەن بۇ قاتار چايغا ۋاي ھاجىم ھەدە سىزمۇ قاتنىشىپ قۇيۇڭ ھەپتىدە بىر بىر يەرگە جەم بۇلۇپ ھەرەم توغرىسىدا ،ئىسلام نۇرى توغرىسدا پىكىر يۈرگۈزۈپ بىلىشكە تىگىشلىك ئىسلامى بىلملەرنى بىلۋالىمىز دېسە راس ئوخشايدۇ دەپ قاتنىشىپ قاپتىمەن ، بىراق دەردىمنى ئىچىمدە بىلمەن يەنە ئىككى ھاجىمنىڭ نۆۋىتى قالدى مۇشۇ ئاخىرلاشسا ھاجىملار قاتار چېيى بۇلامدۇ يەنە باشقا بىركىملەرنىڭ قاتار چېيى بۇلامدۇ قاتناشماي ئاللاھنىڭ ئامانەتنى ئېلشىنى كۆتۇپ ئولتۇرىمەن ، ماڭا ئادەمنى گەپكە تۇتۇپ شەيتانلىق قىلماي كىلىن ھەدەڭگە قارشىپ تازلىق قىل-دېدى مۇمام .

        ھويلىغا چىقسام كىلىن ھەدىمىز ھويلىنى تازىلىغىلى تۇرۇپتىكەن، سۈپۈرگىنى ھەدەمنىڭ قولىدىن ئېلىپ ھەدەمنى باشقا ئىشنى قىلشقا بۇيرۇپ ھويلا سۈپۈرگەچ موماملارنىڭ بۇ چېيىغا ،بۇ چېيدىكى ھاجىم خوتۇنلارغا شۇنچىلىك قىزىقىپ قالدىم ، سائەتنىڭ تىزرەك ئۆتۈشىنى ،ھاجىملارنىڭ تېزرەك مىھمانغا كىلشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتۈپ ئۆيدىكى چوڭلار بۇيرىمسىمۇ ئۈز ئىشىمنى ئۈزۈم تېپىپ قىلىپ ھەممىنى خۇشال قىلدىم . ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ چۈش سائەت 12 بولغاندا بىرىنجى ھاجىم خېنىم ئۆيگە كېرىپ كەلدى ،ئۇ ھاجىم قولىدا يوغان داستىخان كۆتۈرگەن، يۈزلىرىنى پۈركەنجە بىلەن ئورۋالغان ، ئۇزۇن قارا پەلتۇ كەيگەن ئىدى، ئۇ ھاجىمنىڭ ئۆيگە كېرىپ بىرىنچى دېگەن گېپى :

       -ئۆيلىرى بەركەتلىك بولسۇن ھاجىم ھەدە.
        مومام ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ساختا تەببەسۇم بىلەن سالام قىلىپ مھمانخانىغا باشلىدى ،مەن چوڭلارنىڭ سەن قۇلىغا سۇ قۇيساڭ ئۇ خوتۇنلار غودۇرايدۇ دىيشىگە ئۇنماي ئابدۇ -چىلاپچىنى كۆتۇرۇپ ئۇ ھاجىم قېشىغا كىردىم ، مەن كىرگەندە ئۇ پۇركەنجىسىنى ئېلۋېتىپ ، قارا پەلتۇيىنى سېلىۋېتىپ، قىزىل رەڭلىك، ياقۇت كۆزلۈك كۆينەك كىيىپ نىپىز چېچى كۈرنۈپ قالغۇدەك گاز ياغلىق ئارتىپ ناجو قۇيۇپ قىزارتىۋالغان چاچلىرىنى چىقىرىپ قۇيۇپ ،بۇيۇن -قۇلاقلىرىغا ئاتنىڭ بويىنغا ئېسىپ قويسىمۇ ئات كۆتىرەلمىگۈدەك زەنجىر- ھالقىلارنى سېلىپ ناز بىلەن ئولتۇرغان ئىكەن . ئۇنىڭ قۇلغا سۇ قۇيۇپ تۇرشۇمغا يەنە تۆت يەل توپقىلا ئوخشايدىغان ھاجىم كېرىپ كەلدى ، ئۇلارمۇ پۈركەنجىلك بۇلۇپ ئىشىكتىن كىرمەستىنلا پۈركەنجىللىرنى ئېلۋېتىپ قارا پەلتۇلىرنى قولتۇقلىرىغا قىستۇرشۇپ ، كىيمىمنى كۆر ،قېيىن ئانامنىڭ كۆزىگە مىخ بۇلۇپ سانجىلمەن دېگەن رەختىن جىمۇ كۆينىكىم دېگەندەك بىر -بىردىن ئۆتەر پاقىرماچ ،ۋالدىلايدىغان رەخلەردە كۆينەك كىيىپ ،بىر -بىرىگە يەر تىگدىن قارشىپ كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭمۇ سېلۋالغان ئالتۇنلىرى شۇنداق جىق بۇلۇپ خۇددى ئالتۇن بۇتقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى ،بۇنى ئاز دەپ يەنە بەزىسنىڭ ھەممە چىشى ئالتۇن خۇددى مەمتىمىن ھوشۇر يازغان ئالتۇن چىشلىق ئىتەكلا كۈلمەيدىغان يەردىمۇ چىشلىرنى چىقىرىپ ھىخىىى ...خىخىىى.دەپ ھىڭگاراپ ئولتۇراتتى ئۇ تۆت ھاجىمنىڭ كەينىدىن يەنە ئىككى ھاجىم پايپاسلاپ كىرىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ ئون بارمىقدا ئون تال ئالتۇن ئۈزۈك ،زەنجىر ،ھالقىللىرى بەك كۆپ بولسا كېرەك قوشلاپ سالغان (ھالقدىن ئىككىنى ،زەنجىردىن ئۈچنى ) تېخى بېشىغا قەشقەرنىڭ يەرللىك ئۇسۇلدىكى ئەنئەنۋىيى مىللىي دوپىسىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن نۇسقا چىقارغان (ئالتۇن قاداق دوپپا )ئىدى . مەن بۇ ھاجىملارنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بۇلۇپ مۇمام قېشىغا چىقىپ قانچە ھاجىم كېلدىغانلىقىنى سوردۇم .
    -ئۆي ئىگسى بىلەن توققۇز ،يەنە بىرسىلا كەلمدى ،ھەقچان ياسنىپ بۇلالمدى بۇ چوكان -دېدى مۇمام . مۇمامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كەلسىمۇ زورىغا بېسىپ ھاجىم خېنىملار ئولتۇرغان ئۆينىڭ يېندىكى بىر ئۆيگە كېرىپ ئۇلارنىڭ پارڭىنى ئاڭلىماقچى بولدۇم (بۇ ئۆيدە ئولتۇرسام ئۇلارنىڭ سۆزلىرنى ئېنىق ئاڭلىيالايتتىم )
    _ۋاي -ۋوي ..نىمانداق كىرمەيدۇ بۇ تاماق قۇرساقنىڭ ئاچقىندا- دېدى بىر ھاجىم ئالدى بىلەن سۆز باشلاپ .
    _شۇنى دەيمەن ،ۋاي بۈگۈن ھىچ گەپ ئەمەس ھېلقى ئايشەم ھاجىم بارغۇ _ھە- دېدى يېندىكى بىرسى ئۇنىڭ سۆزنى تەستىقلاپ
    _شۇنىڭ ئۆيگە بارغاندا قانداق بولدى ؟؟
    _شۇنى دىسلا ھاجىم ئەتگەن بىر تاماق تارتىپ قۇيۇپ يوق ھەممىز ئەپشەلەپ ئولتۇرمۇدۇقمۇ. شۇنداق دىيشىگە سېرتىن ئاياغ تېۋشى كېلىپ بىر زىل ئاۋاز ئاڭلاندى
    -ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم ھاجىم ھەدىلەر ،ئەھۋالىرى ياخشىمۇ ؟
    _ۋەلەيكۇم ئەسالام ھاجىم قىز كەلدىلمۇ _
    كەسىلە ئايشەم ھاجىم خېنىم -كەلدۇق- دېدى ئۇمۇ كۈلكۈلۈك قىلىپ (خۇددى ئابدىكىرىم ئابلىز ئىتوت كىچلىكىدىكى ھېلقى ئادەمدەك ) ھەممە ھاجىم قاقاقلاپ كۈلشۇپ كەتتى. بايا بۇ ھاجىم كىرشتىن بۇرۇن ھەممە ھاجىملار بۇ ھاجىمنىڭ غەيۋېتىنى قىلۋاتقان ئىدى ،بۇ ھاجىم ئاڭلاپ قالغاندەكلا :
    _كىچكىپ قالدىم رەنجىمگەيسىلەر ،كەلمىدى دەپ غاجاش ئوبىكتى بۇلۇپ قالمىغاندىمەن- دەپ سوردى
    _توۋا دىسلە ھاجىم خېنىم سىلە دىگەن ياشتا كىچىك بولغان بىلەن ھۆرمەتكە چوڭ تۇرسىلا قانداقمۇ سىلىنى غاجايلى باشقا پاراڭ بىلەن ئولتۇرغان -دېدى يەنە بېرى خۇشامەت بىلەن
    -ھە دېدى ئۇمۇ _
    ھاجىم خېنىم نىمانداق كىچكىپ كىلىلا بىزنى ساقلىتىپ -دەپ سوردى بىرى
    _شۇ قاسىم ھاجىملار مىھمانغا چاقىرىپتىكەن شۇ يەردىن بىكار بۇلۇپ بۇلالماي
    _شۇنداقمۇ ،ئاڭلىساق بۇ قاسىم ھاجىملار بەك بايمىش ھە ،نەچچە پۇلغا كۈچ يېتەر بۇلارنىڭ
    _باي ؟!خىڭ !-دېدى ئۇ دىمقىنى قېىقىپ سۆزلەپ -باي بولسا توڭلاتقۇغا قۇلۇپ سالامتى ئۇ پەس شۇنداقمۇ ئادەم بۇلامدۇ دەيمەن ،
    _نىمە...؟؟؟ -ھەممە ئاياللار تەڭلا توۋلاشتى.
    _توۋا دىسلە ئۇ خېلى مەرىت ئادەمغۇ
    _قۇرۇپ كەتسۇن مەرتلىكى ،مەن بۈگۈن ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۇپ ھەيران قالدىم
    _قانداق توڭلاتقۇ ئىكەن ئۇ قۇلۇپ سالغىلى بۇلدىغان ؟
    _ھېلقى چوكا مۇزچىلار چوكا مۇز ساتىدىغان چاقلىقچۇ ،زەنجىرلەپ قۇلۇپ سېلىپ قۇيۇپتۇ _توۋا ئاللاھ بەندەڭنى ئوڭ يارات
    _كىم ..كىملەر باردىڭلار ئۇ مىماندارچىلققا ؟
    _كىم بۇلاتتى پۇلات ھاجىم ئەر -ئايال ،پازىل ھاجىم ئەر -ئايال ،سىدىق ھاجىم ئەر -ئايال
    _ئاڭلىسام سىدىق ھاجىمنىڭ ھەرەمدە بىر يۈرۈش ئۆيى بارمىش ھە ھاجى خېنىم
    _ ئۆيى ؟؟؟ ..كىمدىن ئاڭلىغانلا ھاجىم ،ھەرەمدە ئۆيى بولسا ئۆتكەن يېلى ھەرەمگە بېرىپ ياتاق ئېلىپ يېتىشقا كۆزى قىيماي پۇللىرنى ئايالچە ئۇزۇن پايپاققا ئوراپ بىلگە تېڭىپ چىملىق ئۈستىدە ياتماستى ، شۇ كىچسى بارلىق پۇللىرىنى ئوغىرى ئېلىپ ساكپاي بۇلۇپ قالدىغۇ ، شۇ ۋاقتا بىز يۇرتداش ھاجىملار ياردەم قىلمىغان بولساق يۇرتقا قايتىپ كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ جەستى كوچىدا قالاتتى
    _ۋاي توۋا شۇنداق ئىشلارمۇ بولغانمۇ تېخى
    _شۇ ھاجىم بىزمۇ ئاڭلىغان -
    ماۋۇ جاھاننى..

     

         مۇشۇ ئارلىقتا مۇماملار تاماقلارنى تارتتى ،ھەممسى ئالسىلا -باقسىلا دەپ يالغان تۈزۈت بىلەن تاماقلارنى بىر قۇر يەپ بولغاندىن كىيىن مۇمام ئەپچىقىپ بەرگەن پەي ياستۇقىنى قوتۇقىغا تېرەپ يەنە غەيۋەتكە چۈشۈپ كەتتى .
    _ھەي ھېلقى ئەخەت ھاجىم بۇلۇپ كەپتۇ ھە
    _قايسى ئەخەت
    _قايسى ئەخەت بۇلاتتى ھېلقى ئاق ساتىدىغان ئەخەتچۇ
    _ھەئە ئەخەت ھاجىم بولدى ھازىر ،توۋا دەپ قالدىم مەينەتلەرگە شۇ ھارام پۇل بىلەن ھاجىم بولدى مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاللاھ راۋا كۆرەمۇ -دېيشىگە يەنە بىر ھاجىم قۇپۇپ بۇ ھاجىمغا رەدىيە بېرىپ :
    _نىمشقا راۋا كۆرمىگۈدەك بەزى ھاجىملارمۇ ئىچكىرىگە باللارنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ سېتىپ پۇل قىلىپ ھاجىم بولدىغۇ ؟
    _كىمگە داۋاتىلا ھاجىم- دېدى بىرسى خاپا بولغاندەك ئۈنلۈك ئاھاڭدا
    _كىمگە دەيتتىم كىم شۇنداق ھەرەمگە بارغان بولسا شۇنى دېدىم
    _نېمە ،يوغان ئىش بىزمۇچۇ باشقىلاردەك ھاجىم تۇرۇپ ئاق چەكمەيىمىز
    _نىمە ؟كىمنى دەيلا ؟!
    _كىم شۇنداق قىلغان بولسا شۇنى !
    _پايلاپ گەپ قىل جۇمۇ جۇۋاينىمەك
    _نىمە دەيسەن قېرى مىكيان
    _ھۇ ساپاسىز مەينەت مىنى مىكيان داۋاتامسەن
    _سەن ساپالىقما تېخى قارا خەقتىن ئارىيەت ئالغان ئالتۇن زەنجىرنى ئېسۋېلىپ كىمگە يوغان سۆزلەيسەن
    _كىمدىن ئارىيەت ئاپتىمەن
    _كىمدىن ؟خىڭ! ئى كىيۋالغان كۆينىكىڭمۇ بىلقىز ھاجمنىڭ ئىكەنغۇ ئۇ تېخى بايا شۇنداق دېگەن
    _ھۇ شۆپەك ئېغىز جىن قارا ئادەم ئوسال قىلغانى ھازىر بېرىپ چېچىنى يۇلۇپ قۇلغا ئېلىپ بەرمىسەم... بۇ ھاجىمغا باشقىلار سالاچلىق قىلىپ تۇتۇپ قالماقچى بۇلۋېدى ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالماي يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى .
    -ھى....ھى....ئاشتاق دەۋىتمەن تازا نوچىلىق قىلغىنغا ،نىمە ھال بۇنىڭغا ، خەقتىن كىيىم ئۆتنە ئالغاننى ئاز دەپ يەنە ئالتۇننىمۇ ئۆتنە ئالدىكەن بۇ پەس دىۋانى
    _ئاغزىلىرىغا بېقىپ گەپ قىلسىلا ھاجىم سىلنىڭ چوڭ دادىللىرىمۇ ساپايە چالدىغان دىۋانە ئىكەنغۇ ئەسلىرىنى ئونۇتمىسلا
    _نىمە كارىڭ چوڭ دادام دىۋانە بولسا سىنىڭ چوڭ داداڭدەك ھاراقكەش ، بەڭگە ئەمەس جىما
    _نىمە ؟؟؟ جاراڭ -جۇرۇڭ قىلىپ چىنە -قاچىلارنىڭ چېقىلغان ئاۋازى ئاڭلىنشى بىلەنلا ھەر تەرەپتىن قىيا -چىيا ،ئاھۇ -زار ئاڭلىنىپ مۇشلاش بۇلۇپ كەتتى ،مۇمامنىڭ ئۆيدىكى ھەممىز يۈگۈرگەن پېتى ھاجىم خېنىملارنىڭ قېشىغا كىردۇق. بۇ سېمىز ئۆردەكلەر بىر -بىرسنىڭ چاچلىرنى يۇلۇشۇپ ، ئىرماش -چىرماش بۇلشۇپ ئاجايىپ بىر ھەجۋىي ھالەتنى شەكىلەندۇرگەن ئىدى ،ئۇلارنىڭ بايامقى مەغرۇر ،پوچى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق شۈمشەيگەن ،ئاغزى -بۇرنى قان . ئۇلارنىڭ بۇ ھالتىگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم ،ھاجىم دەپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ جايىغا بېرىپ ئاللاھ يولنى تۇتقان بۇ بەندىلەرنىڭ ھاجىملارنىڭ يۈزنى تۈكۈپ ئاشۇنداق سورۇن راسلاپ ،ئاللاھ يولى ئۈچۈن دەپ قۇيۇپ غەيۋەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ ،ئاخىرى بىر -بىرى بىلەن سوقشۇپ، ھاجىملارنىڭ ئاللاھ يولىنى تۇتقان پاراسەتللىك پەرشتە سۈپەت ھاجىملارنىڭ نامنى بۇلغۇنغا ئېچنماقتا ئىدىم .

        ئىسىت ھاجىم تونىغا ئورىنىپ جەمىيەتكە پارازىت بۇلۇپ ياشاۋاتقان ئىپلاس كەبىلەر ، ئويغۇنىڭلار غەيۋەتنى تاشلاپ نۇر ئىمانلىق بۇلۇڭلار ، بىزگە سېسىق نامى بۇركەتكەن قۇسۇرچى،جىدەلخور ،پىتنىخور ھاجىملار كېرەك ئەمەس، بەلكى دىيانەتلىك، ئاللاھدىن ھەقىقىي قورقىدىغان، ئىخلاسمەن ھاجىملار كېرەك .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.