ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 08:13:24

ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن توردا بولۇۋاتقان تىل توغرىسىدىكى ھەرخىل تالاش-تارتىش، پىكىرلەرنى كۆرۈپ تىل توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم، بىز ھازېر غەمخور...

    ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

     

        توردا بولۇۋاتقان تىل توغرىسىدىكى ھەرخىل تالاش-تارتىش، پىكىرلەرنى كۆرۈپ تىل توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم، بىز ھازېر غەمخورلۇق، تەرەققىيات، كۆڭۈل ئېچىش، مەجبۇرىيەت، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىردە كۆپ خىل تىل ئۆگۈنۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتامىز، كۆپ خىل تىلنى ئۆگۈنۈشتىكى سەۋەپلەر تۆۋەندىكىچە:
    1. خەنزۇتىلى: خەنزۇتىلىنى دۆلەت تىلى بولغانلىقى، مەركەزنىڭ ھالقىما تەرەققىيات، غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش، خىزمەت، تۇرمۇش، سودا ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.


    2. ئىنگىلىس تىلى : ئىنگىلىس تىلىنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش، چەتئەلدە ئوقۇش، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، ئۆزىمىزنىڭ خەلقىئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساقلاپ قېلىش، ھەرخىل كومپىيۇتېر تىللىرىدىن ياخشى پايدىنلىنىش ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
    3. ئەرەپ تىلى : ئەرەپ تىلىنى كۈندىن -كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان ئىمانىمىز، ناچارلىشىۋاتقان ئەخلاقىمىز سەۋەپلىك ئازلاۋاتقان رېسقىمىزنى قوغداش، ئىمانىمىز ۋە روھىمىزنى كامىللاشتۇرۇشقا دىنغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ياخشى ئۆگۈنىشىمىز كىرەك
    4. روس تىلى: روس تىلىنى بىز بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىش، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز .
    5. ياپون تىلى : ياپون تىلنى بولسا ئۇلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرى بىز بىلەن قانداقتۇر مۇناسىۋىتى بولغانلىقى، قەدىمى تارىختا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ بولۇشى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ياپونىيە خەرىتىسنى تۇنجى بولۇپ سىزغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىزگە قىزقىدىغانلىقى، بىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، بىزنى تەتقىق قىلدىغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش، تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش، ئۇلارنىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
    6. تۈرۈك تىلى : تۈرۈك تىلىنى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن تىل، تارىخ مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ يېقىن قېرىنداش مىللەت بولغانلىقى، سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ۋە تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش، تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش، كورىتلار ۋادىسىغا ئوخشاش نادىر تۇرۈكچە فىلىملەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۆگۈنىۋاتىمىز.


    7. ئۆزبىك تىلى : ئۆزبىك تىلىنى تارىخى -مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا دائىر بەزى كىتاپ ماتىرىياللارنىڭ ئۆزبىك تىلدا بولغانلىقى، تاشقى سودا مۇناسىۋىتى، تەرەققى قىلغان ناخشا-كىنو سەنئىتىدىن ھوزۇرلىنىش، ئوز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈگۈنۈۋاتىمىز .
    8. ULY:ULYنى بولسا ئۇچۇر ئالاقە ئىنتايىن تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز يانفون قىسقا ئۇچۇرى، MSN, QQ Email دېگەندەك زامانىۋى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئايرىلالمايمىز. ئەمما يۇقىرىقى ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېخىچە ئەرەپ يېزىقلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى تولۇق قوللاش سەۋىيىسىگە يەتمىدى. ULY نىڭ ئىملاسىنى توغرا ئىشلىتىش يەنە تور بېكەت ناملىرى، توردا شەخسىي ئىسىم-نام تىزىملىتىش، ماركا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇقۇم قالايمىقانلىشىپ كېتىش، ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ULY دەك بىر يانداش يېزىققا ھەقىقەتەن مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزدەك، زۆرۈر ئەھۋالدا ULYنى توغرا بولغان ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئۈگۈنۈۋاتىمىز .
    9. ئانا تىل : ئۇيغۇر تىلنى بولسا مەدەنىيىتمىزنى يوقۇتۇپ، تارىخنى ئۇنتۇپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز كىرەك.
    10. كورىيە تىلى: كورىيە تىلىنى بولسا ئاتالمىش تۇرمۇشقا يېقىن، تەسىرلىك مۇھەببەت فىلىمىلىرى بولغان (يەنە بىر كۆرسەم، مۇھەببەت شەرىتلىرى )گە ئوخشاش كىنولارنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كورىيە يىگىتلىرىگە كۆيۈپ قالغان قىزلىرىمىز، كورىيە گۈزەللىرىگە ئاشىق بولغان يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە كورىيەگە چىقىش ئۈچۈن كورىيە تىلنى ئۈگۈنىۋاتقانلار يوق ئەمەس.
    11. ھىندى تىلى: ھىندى تىلنى بولسا ھىندىستان كىنولىرىدىكى شارۇلخان، روشەن خارتىك لارنىڭ جەلىپكار قىياپەتلىرى، ئامىنتا بەچچاپ، ئاسىل مىرا لارنىڭ باتۇر، مەردانە ئوبرازلىرىدىن ھەيرانۇ-ھەس قېلىپ مەخسۇس شارۇلخانغا خەت يېزىش ئۈچۈن ئۈگەنگەنلەرمۇ بار ئەلۋەتتە.
    12. چاغاتاي تىلى، پارىس تىللىرىنى بولسا مەڭگۈ تاشلار ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت تارىخى بايلىقلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش، تەتقىق قىلىش، ئۈچۈن ئۆگۈنىشىمىز كىرەك .
    13. يەنە تەرەققىياتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن كومپىيۇتېر، توربەت تىللىرنى ئۈگۈنۈۋاتمىز.
    مۇشۇنداق تىرىشىپلا ئۈگەنسەك يېقىن ئارىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، لىكىن باشقا ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن بارىلىق نەرسىلىرىمىز (مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەت، بايلىق، بىلىم، زىھنىمىز)دىن ئايرىلىپ پۈتۈن مىللەت بويىچە تەرجىمانلىق قىلىپ جان باقىدىغان تەرجىمان مىللەت بولۇپ قالماسلىقمىز كىرەك،
    دىققەت: كۆپ تىل ئۆگۈنۈش خاتا ئەمەس لىكىن دىققەت قىلىش كىرەككى بىر تىلىنى ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتنىمۇ بىلشىمىز، شۇ مىللەتنى ياخشى چۈشۈنىشمىز كىرەك بۇجەرياندا ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتمىزگە مۇخالىپ ناچارئىللەتلىرنى بىلىپ -بىلمەي يۇقتۇرىۋېلىپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇرلار تىل