جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش نېمىشقا قىيىن

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-01 00:36:41

جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش نېمىشقا قىيىن مەن نيۇ-يوركتا ئشلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن چاغدا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىدىم؛ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق خوجايىن ئىشچىلارغا ئىش ھەققى قوشۇپ بەر...

    جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش نېمىشقا قىيىن

     

            مەن نيۇ-يوركتا ئشلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن چاغدا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىدىم؛ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق خوجايىن ئىشچىلارغا ئىش ھەققى قوشۇپ بەرمەكچى بوپتۇ.سوممىسى يۇقىرى ئىكەن؛ھەربىر ئادەمگە500ئامېرىكا دوللىرى.بىراق خوجايىننىڭ بەلگىلىمىسى؛ھەربىر گۇرۇپپا بىرلا ئادەمگە قوشۇش،كىمگە قوشماقچى بولسا،ھەرقايسى گۇرۇپپا دېموكراتىك ئاساستا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىدىكەن.بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئاسىيادىن كەلگەن بولۇپئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيە گۇرۇپپسى،ۋېيتنام گۇرۇپپىسى،كورىيە گۇرۇپپىسى،جۇڭگو گۇرۇپپىسى،دەپ ئايرىلىدىكەن..
    ئۇقتۇرۇش چۈشكەندىن كېيىن كاتىپ قىز ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىش ھەققى قوشۇلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى يوللاپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ.ياپونىيە گۇرۇپپىسى ئەڭ تېز بولۇپ،بىرقانچە مىنۇت ئىچىدىلا ئىسىملىكنى چىقىرىپ خوجايىنغا بېرىپتۇ.خوجايىن ئىسىملىكنى كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بوپتۇ.بۇ دەل خوجايىن كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم ئىكەن.تېخنىكىسى يۇقىرى،ئىش سۈرئىتى تېز. ۋېيتنام مەلۇم قىلغان ئادەم تېخنىكىسى ئوتتۇراھال،مائاشى تۆۋەن بىچارە ئادەم ئىكەن؛كورىيە گۇرۇپپىسىمۇ تېخنىكىسى ناچار،مۇناسىۋەتكە ئۇستا بىرسىنى مەلۇم قىپتۇ،خوجايىن بېشىنى چايقاپ نائىلاج قاپتۇ.
    جۇڭگو گۇرۇپپىسىچۇ؟ نېمىشقا تېخىچە مەلۇم قىلمايدۇ؟ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا كاتىپ قىزچاق ئۇلارنى قايتا-قايتا ئالدىرىتىپتۇ..نەتىجىدە،جۇڭگولۇقلارغا مائاش قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن!
    خوجايىن بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ! ئەجابا جۇڭگولۇقلار راستىنلا كوممۇنىستىك خىسلەتنى جارى قىلدۇرۇۋاتامدۇ؟ئەجابا مۇشۇنداق ياخشى ئىنئامنى ئالمامدىغاندۇ؟خوجايىن ئىشەنمەي،ئۆزى جۇڭگو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى كېلىپ،ئاخىر ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىپتۇ؛ئەسلىدە جۇڭگو گۇرۇپپىسىدىكى بەش ئادەم يېرىم كۈن مۇزاكىرە قىلىشىپ،بىر-بىرىدىن تالىشىپ،ھېچكىم ھېچكىمگە يول قويماپتۇ...ئۇلار خوجايىندىن؛<يا تەڭ تەقسىم قىلىپ،ھەربىرىمىزگە100دوللاردىن قوشايلى،يا ھېچكىمگە قوشمايلى!>دەپ تەلەپ قىپتۇ.
    خوجايىن ئاچچىقلىنىپ قولىنى سىلكىپ،جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى بىكار قىپتۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.