باشقىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتماقچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-21 19:57:03

باشقىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتماقچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟پىسخولوگىيە ئالىملىرى دىققەتنى تارتىشتا:كىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇچىڭىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋېلىش، قارشى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ئ...



    باشقىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتماقچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

    پىسخولوگىيە ئالىملىرى دىققەتنى تارتىشتا:كىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇچىڭىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋېلىش، قارشى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىنى تېپىپ چىقىپ، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېكىتىشتىن ئېبارەت ئۈچ چوڭ سىرنى كۆرسىتىپ بەردى،

    1.كىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ  ئاڭلىغۇچىڭىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋېلىش.

    ئەگەر سىز بىر تۈركۈم ياللانما خادىملار بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلسىڭىز ياكى مالنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتقۇچىلار يىغىنىنى چاقىرسىڭىز، ئۇنداقتا پوزىتسىيىڭىز، مۇھىم نوقتىڭىز، ھەتتا ئۇسۇلىڭىز ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە باشلىقىڭىزغا قىلىدىغان دوكلاتىڭىزغا ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە بىز قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە گەپ قىلغاندا تەكەببۇرلۇق قىلىڭ دىمەكچى ئەمەس، ئەپسۇسكى ناھايىتى كۆپ باشقۇرۇش خادىملىرى مۇشۇنداق قىلىدۇ، بىراق، ئۇلار نېمە ئۈچۈن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەيدىغان ۋاقىتتىمۇ مۇشۇنداق قىلماقتا. بەزى باستېرلارنىڭ مۇرىتلىرىغا بولغان پوزىتسىيىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتقىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشاش. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئادەمنى ئەڭ سەسكەندۈرىدىغىنى ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى تۇتىدىغان تەلەپپۇزدا سۆزلەش.

    رەھبەرلەر ۋە باشقا نوپۇزلۇق كىشىلەرنى ماختاپ ئۇچۇرۇش، ھەدەپ خۇشامەت قىلىپ ياخشىچاق بولۇشمۇ ياخشى ئەمەس. تەخسىكىشلىك قىلىش خۇددى نىپىز ھەم سۈزۈك يالاڭ كىيىمدىن بەدەن كۆرۈنۈپ قالغاندەك، ئاسان چىنىپ قالىدۇ شۇنداقلا ئۇ كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ.

    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىش ياكى خوشامەت قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس. مەيلى كىم بولۇش، نېمە ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك.

    باشقىلارنى تىزگىنلەپ، سىزىقىڭىزدىن چىقارمايمەن دىسىڭىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلىڭ.

    بىراق، ئاڭلىغۇچىنىڭ مەرتىۋىسى، ئەمىلى ۋە كەسپى، يەنى ئۇ كىم، نېمە ئىش قىلىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ مۇقەددىمىڭىز ۋە دەسلەپكى پوزىتسىيىڭىزگە جەزمەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    2.ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش.

    ئاڭلىغۇچىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك.

    ھەر بىر نورمال ئادەم قانداق قىلغاندا مۇھەببەتكە ئېرشكىلى بولىدىغانلىقى-قانداق قىلغاندا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا شەرەپكە ياكى ھوقوققا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى –شۇنداقلا ساغلاملىقنى قانداق ساقلاشنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋېلىشىڭىز لازىم.

    قانداق قىلغاندا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ زادى نىمىسى كەم ۋە نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نېمىلەرنى دىيىشىگە قاتتىق زەم قۇيۇڭ. بىرەيلەنگە شۇنداق دىققەت قىلغىنىڭىزدا، قارشى تەرەپمۇ سىزگە زەم قۇيىدۇ.

    قائىدا شۇنداق ئاددىي، بىلىسىزكى، مەيلى باي-كەمبەغەل، قېرى-ياش، بەخىتلىك ۋە بەخىتسىز بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىزدە ئېتىبارغا ئىگە بۇلۇشتىن ئنبارەت بىرخىل كۈچلۈك، ھەتتا قاتتىق ئىنتىلىش بار. يىغلاۋاتقان كىچىك بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ چاپىنىغا ئېسىلىشى دەل ئۇنىڭ ئاپىسىنى غەمخورلۇق قىلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقى. ئاپىسى ئۇ ئۈمىد قىلغان غەمخورلۇقنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يىغلاش ۋە ئېسىلىشتىن توختايدۇ.

    ساداقەتسىزلىك قىلىپ يولدىن چىققان بىر ئەرنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى نېمە؟ كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئىزدەيدىغىنى ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا زادى بېرىپ باقمىغان ئېتىبارىدۇر. ئايالى ئۇ ئېھتىياجلىق ئېتىبارنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئازغان يولدىن قايتىپ، ئۆيىدە تۇرۇپ قالىدۇ.

    ئاغزى بېسىقماي كاسىلدايدىغان خوتۇن، ساداقەتسىز ئەر، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئۆسمۈر، كەپسىز بالا، دوختۇرلۇق تەكشۈرۈش ئورنىدىكى گۇمانىي كېسەللەر، روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئوزۇن ئورۇندۇقىدىكى بىمارلار، يەنە يولدىكى قاراقچىلارنىڭ ھەممىسى:ماڭا دىققەت قىلىڭلار دەپ توۋلىماقتا!

    ئاڭلىغۇچىڭىزنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكى ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئۇمۇ سىزنىڭ ئېتىبارىڭىزغا ئېھتىياجلىق، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇڭ. ئۇنىڭ نېمىگە ئەڭ مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىش، نېمىگە ئەڭ قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ.

    ئالدى بىلەن، پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارىڭىزنى بىر كىشىگە قاراتقىنىڭىزدا، قارشى تەرەپمۇ سىزگە جاۋابەن كۆز تىكىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن باشقا تاللىشى يوق، بۇ چارە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

    3.ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرشىغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئېنىق بېكىتىش.

    ئاڭلىغۇچىڭىزنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلىشنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە مۇددىئايىڭىزنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. كۆپ چاغلاردا، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىسىز، ئۇ بولسىمۇ بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن  ئىبارەت.

    بەلكىم سىز:«مەن مالنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتىدىغان مەخسۇس خادىم ئەمەس، باشقىلارغا ئوخشاش، بۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىمغا ئېرىشەلمەيمەن» دىيىشىڭىز مۇمكىن .

    سىزنىڭ چۇقۇم مەخسۇس مال ساتقۇچى بۇلىشىڭىز بىھاجەت. مەيلى نېمە ئىش قىلمايلى، ھەممىمىز مال ساتقۇچى، ھەممەيلەن ئۇلارنى بىزنىڭ ئىرادىمىز بويىچە ئىش قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرىمىز.

    مەسىلەن، سىز بۇ سېتىش ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلىشقا كۆندۈرەلەيسىز. بالىنىڭ ئۆز ئۆيىنى تازلىشى ياكى مەكتەپتە ياخشى نەتىجىگە ئېرشىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر قېتىم ئېتىبار قىلسىڭىز بولىدۇ؛ سىز ئېرىڭىزگە سىزنى كەچلىك تاماق يىيىشكە، سىزگە چىرايلىق كىيىم ئېلىپ بېرىشكە ۋە دېڭىز بويىغا بېرىپ ئارام ئېلىشقا ئاپىرىشنىڭ بېلىق تۇتۇش ۋە ئوچۇقچىلىقتا قۇنۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەنلىكى جەھەتتىكى تۈرلۈك ياخشىلىقلىرىنى چۈشەندۈرسىڭىز بۇلىدۇ.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.