ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئېڭى(مۇختار سۈپۈرگى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:26:06

ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئېڭىمۇختار سۈپۈرگى بەزى ئىگىلىك ياراتقان پۇلدارلاردا پۇل تېپىشقا يەتكىدەك ئەقىل - پاراسەت بار، ئەمما ئىگىلىكنى قانداق كېڭەيتىشكە، ئوبروتنى قانداق ئايل...

    ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئېڭى
    مۇختار سۈپۈرگى


       بەزى ئىگىلىك ياراتقان پۇلدارلاردا پۇل تېپىشقا يەتكىدەك ئەقىل - پاراسەت بار، ئەمما ئىگىلىكنى قانداق كېڭەيتىشكە، ئوبروتنى قانداق ئايلاندۇرۇشقا، تاپقان پۇللارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىپ، قانداق ئىشلىتىشكە يەتكىدەك ئىقتىسادى مەدەنىيەت ئېڭى كەمچىل، ساپاسى شالاڭ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزى تاپقان پۇلىغا خوجايىن بولۇشنىڭ ئورنىغا، پۇلنى قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنداق كىشىلەرگە بىر قارىسىڭىز بۇ دۇنيادا پۇلدىن باشقا ھېچنېمىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئۇنداقلار پۇل تېپىشتا ۋاسىتە تاللىمايدۇ، پۇلدىن باشقا ھېچنەرسىنى تونىمايدۇ. ئېلىمىز ئىشلىگەن «مىليونېر بىلەن سەپەرگە چىقىش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇنداق  بىر ئاپتور بايانى بار « جۇڭگولۇقلاردا پۇل تېپىش ئىقتىدارى بار، ئەمما پۇل خەجلەش ئىقتىدارى يوق، ئۇلاردا  نۇرغۇن پۇل بولغىنى بىلەن، شۇ پۇلنىڭ ئىگىسىگە خاس سالاپەت يوق» بۇ گەرچە قىسقىغىنا بىر مۇلاھىزە بولسىمۇ،  ماھىيەتتە بەزى جۇڭگو بايلىرىنىڭ نېگىزلىك  ئاجىزلىقىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ بىرقىسىم ئىگخلىك ياراتقۇچىلىرىمىز تۆت تال پۇلنىڭ ئىگىسى بولا - بولمايلا كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي قالىدۇ، پۇلى كۆپەيگەنسىرى بايلارغا خاس سالاپەت تىكلەشنىڭ ئورنىغا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي چاكىنلىشىپ كېتىدۇ، ئالدىغابىر مېيىپ بىچارە قول تەڭلەپ كەلسە بىر سوم بېرىشكە كۆزى قىيمايدۇ - يۇ، مەيخانىلاردا  قىزلارغا  پۇل تارقىتىدۇ. رېستۇرانلاردا سۆلەتۋازلىق قىلىپ نەچچە مىڭ سوملۇق ھاراقلارنى ئىچىپ، بىر تالاي قورۇمىلارنى ئىسراپ قىلىشقا چىداىدۇ - يۇ ئوقۇش  پۇلىنى تۆلىيەلمەيۋاتقان بىر سىتودېنتقا ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ. ئىشلەپچىقارغان تاۋارلىرىنى تېلېۋىزورلاردا خەقنىڭ بىزار بولغىنىغا قارىما ئۇلاپ ئېلان قىلىدۇ - يۇ بىرەر تەنھەرىكەت كومامدىسىغا شۇ ئېلان ھەققىنىڭ ئەللىكتىن بىرىنى خەجلەپ ھەم نامىنى چىقىرىپ ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش»قا كاللىسى ئىشلىمەيدۇ. ھەتتا بىرقىسىم «باي»لار  چاكىنلىقتا شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇلار دوست - بۇرادەرلىرىنى ئالدىدا يۈز سوملۇق پۇل  بلەن تاماكا تۇتاشتۇرۇپ پۇلدارلىقىنى كۆز - كۆز قىلىشىدۇ. بۇنداق «باي»لاردا  پۇل بولسىمۇ ئىقتىسادى مەدەنىيەت ئېڭى يوق. ئۇلار پەقەت پۇلدىكى سانلىق رەقەملەرنىلا سانىيالايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتىنى سانىيالمايدۇ. قولىدىكى قەغەزنىلا تونىيدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى كۈچ - قۇدرەتنى ھېس قىلالمايدۇ. قولىدىكى پۇلىسىغىلا ئىشىنىدۇ، ئەمما باشقا ھېچنەرسىگە ئىشەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پۇلدىن باشقا ھېچنەرسىسى قالماي، پۇلى بار گادايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئالدىغا قارىسا بىر تالاي پۇلنىڭ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى، ئارقىسىغا قارىسا خەجلىگەن پۇلىسىدىن ھېچقانداق بەلگە قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تارىختا ئۆتكەن كاتتا بايلىرىمىزدىن ئاكا - ئۇكا مۇسابايوفلار نېمە ئۈچۈن ھازىرمۇ كىشىلەر قەلبىدە ھايات ياشاپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالىدى؟ ھازىرقى زاماندىكى بايلىرىمىزدىن نۇرتاي ھاجىم، مەرھۇم مامۇتجان داۋۇت، كېرەم ئىمىن، ئالىيە خانىم، قەشقەردىكى غېنى ھاجىم... پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇنى جايىغا خەجلەپ، خەلقىمىز قەلبىدە كاتتا  ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مانا بۇلار ئۈچۈن خەلقىمىز «دۆلىتى زىيادە بولغاي» دەپ دۇئا قىلىشسا، بىز ئالدىدا تىلغا ئالغان «باي»لار ئۈچۈن «تاپقان پۇلى بېشىغا چىقار ئىلاھىم» دەپ دۇئا قىلىشتى.
    بىر ئادەمگە نىسبەتەن ھايات ياشاش، تۇرمۇ شكۆچۈرۈش ئۈچۈن پۇل بولمىسا ئەلۋەتتە بولكايدۇ. ئىمكان بولسا ئاز بولغاندىن كۆپ بولسا، ناھايىتى كۆپ بولسا تېخىمۇ ياخشى، ئەمما پۇلنىڭ ئۆزى بىر جانسىز، ھېسسىياتسىز نەرسە، ئۇنىڭغا سارايلارنى بەرپا قىلغىلى، قۇدرەتلىك قوراللارنى سېتىۋالغىلى، ئېتىقاد - ئەقىدىسىز ئادەملەرنىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. خۇشامەتلەرنى سېتىۋالغىلى، چىنپۇيۇنلۇق ئوردىنلىرىنى سېتىۋالغىلى، ئەمەل - مەنسەپنىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھۆرمەت - ئىخلاسنى، چىن دوستلۇقنى، مېھرى - ۋاپانى، پاك مۇھەببەتنى، تۇققان - قېرىنداشنى، جانجىگەر پەرزەنتنى، ئۆز - ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشنى، ھەقىقىي خاتىرجەملىكنى، تاتلىق جاننى سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟...
    دېمەك، پۇل تېپىشتىن ئاۋال پۇلنى چۈشىنىش كېرەك. پۇل تېپىشتىن ئاۋال پۇلنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى، ئۇنىڭ قىممىتىنى، كۈچ - قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ بىر يۈزىنىڭ ھالال، يەنە بىر يۈزىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ئەگەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئېڭىىز بولمىسا ياكى تۆۋەن بولسا قولىمىزدىكى پۇل بىر تۇتام ئەسكى قەغەزدۇر، خالاس.
    بىز پۇل تېپىشىمىز، پۇل تاپقان بايلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز ېرەككى، ئۇلارنى قارىلىماسلىقىمىز، ئۇلارغا تۆھمەت چاپلىماسلىقىمىز، ئۇلارغا ھەسەت قىلماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدىكى  پۇل بىزنىڭمۇ پۇلىمىز، بىزدە «قولۇڭ ماي بولسا خوشناڭغا سۈركە» دېگەن تەمسىل بارغۇ؟! ئۇلارنىڭ قولىدا پۇل بولسا يۇرتىمىزدا زاۋۇتلار قەد كۆتۈرىدۇ، شىركەتلەر قۇرۇلىدۇ، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز شۇ زاۋۇت، شىركەتلەردە ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. دۇنيادا نەدىمۇ ھەممە ئادەم تەڭ باي بولىدىغان ئىش بولسۇن؟! كومپارتىيە باشلاپ ماڭغان كوممۇنىزم دەۋرگە كىرمىگۈچە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەممە ئادەمنىڭ باپ باراۋەر بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بىز ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئىگىلىك ياراتقۇچىلارنى قوللايلى، ئۇلارنى يۆلەيلى، پۇلنى بىز تونىمايدىغان كىشىلەر تاپقىچە، قىشىمىزدىكى قوشنىمىز، دوستىمىز، تونۇش كىشىلىرىمىز تاپسۇن، چۈنكى ئۇلار ھېچيەرگە كەتمەيدۇ، ئۇلار ھېچيەرگە كەتمىگەندىكىن پۇلمۇ ھېچيەرگە كېتەلمەيدۇ. بۇ خۇددى پۇللارنىڭ ئۆز يانچۇقىمىزدا تۇرغىنىغا ئوخشاش. پۇل  بولمىسا چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ، پارىژ كوممۇناسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ ئىنقىلاپ قىلىشنى بىلىپ بانكىنى كونترول قىلىشنى ئەستىن چىقىرىپ قويانلىقىدا. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئالتە مىليون يەھۇدى ئۆلتۈرۈلگەن، قالغانلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان - سەرگەردان بولۇپ جېنىنى ئاران ساقلاپ قالالىغان، مانا ھازىر ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ ئەرەپلەرنى تىرە - پىرەن قىلماقتا،  بۇمۇ پۇل ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ كارامىتى ئەمەسمۇ؟
    ئىگىلىك تىكلىگەن بايلىرىمىزمۇ ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئېڭىمىزنى كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلەپ، ئۆزىمىز ياراتقان ئىگىلىكنى باشقۇرغۇدەك سالاھىيەت ۋە سالاپەتكە ئىگە بولايلىكى، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز تاپقان پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالمايلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.