كەمبەغەللەر مەڭگۈ بىچارە

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-14 19:17:13

كەمبەغەللەر مەڭگۈ بىچارەكەمبەغەللەر ئومۇمەن بىچارە ھالەتتە ياشايدۇ، ئۇلار مەڭگۈلۈك بىچارىلەردۇر. پاي چېكى بازىرىدا، خىرىدارلار دائىم قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇرۇپ ئۇنى-بۇنى تىڭتىڭلاپ يۈرىيدۇ. ئۇلارن...



    كەمبەغەللەر مەڭگۈ بىچارە

    كەمبەغەللەر ئومۇمەن بىچارە ھالەتتە ياشايدۇ، ئۇلار مەڭگۈلۈك بىچارىلەردۇر. پاي چېكى بازىرىدا، خىرىدارلار دائىم قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇرۇپ ئۇنى-بۇنى تىڭتىڭلاپ يۈرىيدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىرەر خەۋەرگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق  ئاساسىي كۈچكە ئەگىشىپ ئاز-تولا نەپكە ئېرىشىش. لېكىن، كۆپ ھاللاردا ئۇلار ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئاساسىي كۈچنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

    پاي چېكى بازىرىدىكى ئاساسىي كۈچ، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كىشىلەرنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىغان بىر ئوچۇم كىشىلەردۇر، ئۇلار ئورگان، پاي چېكى سودىگەرلىرى ياكى پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتنىڭ ئۆزىدىن ئىبارەت. ئاساسىي كۈچ پاي چېكى بازىرىغا نېمە قىلغىلى كەلگەن؟ ھەرگىزمۇ كەمبەغەللەرنى باي قىلغىلى كەلگەن ئەمەس. ھەممەيلەن تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن، يەنى پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلانغان.

    بىراق، پاي چېكى بازىرى پۇل باسىدىغان زاۋۇت ئەمەس،- ئۇل پەقەت كاپىتال بازىرى. بۇ يەردە ھەممە ئادەم بىر ئامال قىلىپ باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسام دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا پاي چېكى بازىرىدا: ئاساسىي كۈچ«بېقىش، ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش، ئۆلتۈرۈش» ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ، دېگەن گەپ ئاللىبۇرۇنلا تارقالغان. ھەممە ئادەم پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بېقىلىش، ئەيۋەشكە كېلىش، ئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ كىشىلەر كىملەر؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭ جاۋابىنى دەپ ئپلتۇرۇش ھاجەتسىز.

    بۆرە بىلەن ئۇسۇلغا چۈشكەندە، ئەڭ زور ئېھتىماللىق بۆرىگە يەم بولۇش.

    ئۇششاق پايچېكلار ئاساسىي كۈچ بىلەن ھەرگىزمۇ شېرىك بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بەكمۇ زور. خۇددى بىلەك بىلەن يوتىنى سېلىشتۇرغىلى بولمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئورنى، قابىلىيىتى، شارائىتى ۋە ھازىرلىغان شەرتلىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش يوللىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

    باشقىلار بىلگەننى سىز بىلمەيسىز، سىز بىلگەننى باشقىلار ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولىدۇ.سىز پەقەت مەلۇم بولغان نەتىجىدىن ئۇنىڭ سەۋەبىنى پەرەز قىلىشقا ئۆتۈپ، ئېسىڭىزگە كەلگەندە، چوڭ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولىدۇ-دە، سىز قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز.

    پاي چېكى بازىرىلا ئەمەس، ھەرقانداق بازاردا كەمبەغەللەر مەبلەغ سالغۇچىلا بولىدىكەن، ھامان ناچار ئەھۋالدا قالىدۇ. ئۇچۇر يوللىرىنىڭ راۋان بولماسلىقى ئۇلارنى ھەردائىم پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە باشتىن-ئاخىر تۈرلۈك خېيىمخەتەرگە دۇچار قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ساپا جەھەتتىكى پەرقمۇ سىزنىڭ مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئاشۇ غايەت زور بايلىقنى كونترول قىلىۋالغان كەسپىي قاتىللارغا تەڭ كېلەلمەسلىكىڭىزدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئۇلار بىر كوللېكتىپ بولۇپ، مۇشۇ ئىش بىلەن جان باقىدۇ. سىزنىڭ قېنىڭىز تۈكۈلمىسە، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىي بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.

    (گۈلجەننەت)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.