قانداق قىلىش كېرەك؟(1)

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 13:18:00

قانداق قىلىش كېرەك؟ داۋۇتئوبۇلقاسىم (1) كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن توقسۇغا چۈشتۈم. يول بويلىرىدا بىر خىلدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن ئاندا -ساندا كۆزگە چېلىقىپ قالى...

    قانداق قىلىش كېرەك؟

    داۋۇت ئوبۇلقاسىم

    (1)

       كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن توقسۇغا چۈشتۈم. يول بويلىرىدا بىر خىلدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن ئاندا -ساندا كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان شادا تىكلەنگەن قەبرىلەر دىققىتىمنى تارتقاچقا بۇ يەرگە چۈشۈپلا زەرەتگاھلىققا بېرىش تۇنجى ئىشىم بولدى. مەن چىققان زەرەتگاھلىق ئۆستەڭ ياقىلاپ ماڭغان بولۇپ، ئەتراپى ئېتىزلىق، باراقسان دەرەخلىرى بار، ھاۋالىق يەر ئىدى. قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، ئۇياقتىن -بۇياققا ئۇچۇشلىرى، قەبرىلەردە ئۆسكەن چاتقاللار تېگى شورلۇق بۇ يەرگە بىر خىل ئازادىلىك بېرىپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا ھەمرىيىم ماڭا قەبرە توپىسىنىڭ شامالدا ئۇچۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن يۇمشىتىلغانلىقى، قۇشلارنىڭ رىسقى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالتۇنرەڭ دانلار چېچىلغانلىقى، يازدا قەبرە چۆرىسىگە ھەرخىل گۈللەر تىزىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
        كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر بىر خىل مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدى. شۇ چاغدا بىزنىڭ قەبرىلىرمىزمۇ ياۋروپالىقلارنىڭكىدەك چىملىق بولسا بولمامدىغاندۇ؟ دەيدىغان ئويلىرىمنى ئۆزەمچە مەنىلىك ئەسلەپ قويدۇم. ئۇ كۈنى پەيشەنبە بولغاچقا قەبرىستانلىقنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەردىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق قىرائەتلەر ئادەمنى سىرلىق ھېسلارغا سېلىپ قۇياتتى. قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن تۇپراق بېشىنى يوقلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ كۆپ ھاللاردا نوقۇل رىشتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزدۈم.
       راست ئۇلار يە پۇل ئەمەس، يە ھوقۇق ئەمەس، يەخۇدا ئەمەس. ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىساڭ، ئۇلار ساڭا يە بۇ دۇنيادا يە بۇ دۇنيادا ھىچنەرسە قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەمما بىز ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزدىن تەل -تۈكۈس چىقىرۋېتىمىزمۇ؟! ئەجىبا مۇشۇنداق ساپ مەنىۋى پائالىيەتمۇ ئىبادەت ھېسابلانمامدۇ؟! ھەتتا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ پايدا زىيان نۇقتىسىدا باھالايمىزمۇ؟ مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنى توقۇنۇشتۇرۇپ مەسىلە قىلىۋېتىپ بارغان تۈپكى ئىللەت زادى نەدە؟ئىچ ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان بۇ سۇئاللارنىڭ تەپتىدىن يۈرۈگۈم ئاغزىمغا تىقىلىۋاتقاندەك بولدى. كەيپىم بارا -بارا پەسكويغا چۈشمەكتە ئىدى.
        يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىدا توختىدىم. شۇ چاغدا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئىنىم يادىمغا يېتىپ قالدى. ئۇ جان ئۈزۈۋاتقىنىدا يېنىدا بۇلالمىغىنىم، «ئاكام»دەپ يۇلۇمغا قاراپ كەتكەنلىكى ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىمگە ياش يىغدى. ھەي بىۋاپا دۇنيا، ئۇ تېخى ئەمدىلا 20 ياش ئىدىغۇ؟ سەن قولۇڭنى ئونىڭغا ئۇزاتمىساڭمۇ، جاھاندا نۇرغۇن ئىپلاس ئادەملەر يۈرۈيدىغۇ؟ ۋىجدان ۋە غۇرۇرىنىڭ تايىنى يوق نۇرغۇن ئادەم ياشىغاندەك ئەمەس، ياكى ئۆلگەندەك ئەمەس بولۇپ ئولتۇرىدۇغۇ؟
       كۆڭلۈمنىڭ تېگى -تېگىدىن مۇشۇنداق نىدا چىقىپ كەتتى. ۋۇجۇدۇم بۇنىڭ لەرزىدە تىتىرەپ كەتكىنى بىلەن، جاھاننىڭ يەنىلا يەر يەر، ئاسمان ئاسمان بولۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، دەرھال ئەقلىمگە كەلدىم.
        ئۇ نىمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى؟ قان راكى بىلەن ئۆلدى.
        ياق، ئۇ راك بىلەن ئەمەس، بەكمۇ ياخشى ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلدى.
        مەن ئۇنىڭ مۇھىم بىر دوختۇرى بولغاچقا، بۇ ھۆكۈمۈمگە دەرھال تەستىق سالغۇم كەلدى. چۈنكى بۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ كېسىلىدىكى مۇھىم بىر ئامىل ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى.
        خەير، ئۆتكەن كۈنگە سالىۋات كۆڭلۈمدە قۇمۇلغا بېرىپ ئالدى بىلەن ئونىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، توپىسىنى يۇمشاق ئۇۋۇتۇپ، شاماللار ئۇچۇرۇپ تۇرىدىغان قىلىشنى، ئاندىن ئۈستىگە ئالتۇنرەڭ دانلارنى چېچىشنى نىيەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدا ھەل بولمايۋاتقان، ئۇنىڭ قەبرىسىنى قانداق قاتۇرۇش مەسىلىسى ھەل بولغاندەك بولدى. لېكىن زادى نېمىنىڭ ئۇنى شۇنچىۋالا چوڭقۇر ئازاپقا دۇچار قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نىمىشقا ئازاپلانغانلىقى قەلبىمنى دەھشەتلىك بىر قوچۇپ ئۆتۈپ كەتتى. جەنۇپقا ماڭغان ئاپتوبۇس بىر خىلدا كېتىپ باراتتى.
        كۆز ئالدىمدىن بايىلا غايىپ بولغان پايانسىز جاڭگاللىق خېلىغىچە كۆزۈمدىن كەتمىدى، ئىچىمدە «خۇدا مۇشۇ جاڭگاللىقنى مۇشۇنداق تەبىئىي پېتى ساقلىغىن» دەپ تىلىدىم. چۈنكى بۇ جاڭگاللىقنىڭ كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغۇدەك سېھرى قەلبىمدە قالغان ئىدى. ئادەم بويى ئۆسكەن قايسىدۇر دەرەخلەر ئاندا ساندا ئۇچراپ تۇرغان قوي كالىلار ۋە تايىقىنى سۆرەپ كېتىپ بېرىپ ماشىنىغا ھاڭۋېقىپ قالغان پادىچى بالا، ئويمان دوڭغۇللۇقلار، ئالتۇن رەڭ قۇياش، ئارامبەخش ھاۋا ماڭا ئالاھىدە تەسىرات قالدۇرغان ئىدى. مەن ئاشۇ جاڭگاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇرغان يەردە ئازادە قىلىپ ئۆي سالسام، كۆڭلۈمدىكى بىر قىز بىلەن ئاشۇ يەرگە بېرىپ ياشىسام، ئەمما بىر پىكاۋىم، چاپچىپ تۇرىدىغان بىر ئېتىم بولسا، ئا ياپوننىڭ لازىر دېسكىلىق سازلاتقۇسى بولسا دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
        ئىختىيارسىزلا بىر نەچچە قىزلارنى ئەسلەپ قالدىم.ئەمما شارائىت ئاشۇنداق تەل بولسا مەن راستىنلا ئاشۇ يەردە ياشارمەنمۇ؟ ناتايىن، چۈنكى شۇ ۋاقىتتا يەنە كونكىرت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ خىيالنىڭ ئۆزى ماڭا ھەقىقەتەنمۇ تاتلىق ئىدى. چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا غايە ۋە تاتلىق خىيال مۇكەممەل بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرۈشىشنىڭ ئۆزى ئېسىل خىسىلەت بىلىنەتتى. ئۆز- ئۆزۈمگە دائىم بىزگە كېرىكى ئاشۇنداق غايە ئەمەس،بەلكى ساق ۋۇجۇدنىڭ خاھىشىنى قەدىرلەش ئەمەسمۇ، دەيتتىم.

       ئاپتوبۇس ئاخىر بىزنى كۇچاناھىيىسىگە ئەكىلىپ تاشلىدى. بىز بايغا بېرىش قارارىغا كەلدۇق.ئات ھارۋىسى بۇ يەردىكى ئاساسى قاتناش قورالى ئىكەن. بىز ئات ھارۋىسىغا چۈشۈپ كۇچا بازىرىغا كەلدۇق.
       -ئۇستام بايغا ماڭىدىغان بېكەتكە ئاپىرىپ قويسىلا.
        - بايغا باراتتىڭلارمۇ؟
        -ئۇستام بۇلارنى چوقۇم باينىڭ بېكىتىگە ئاپىرىپ قويسىلا جۇمۇ ! ھارۋىدىكى سەل كەيپاراق بىرسى ھارۋىكەشكە بۇيرۇق قىلىپ دېدى.
     - نەدىن كەلدىڭلار؟ -
    ئۈرۈمچىدىن.
     - ئۈرۈمچى جىڭفا شوپەندە مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم بار، سىلەر ئۈرۈمچى نەدىن؟ -
     نەنمىڭدىن.
     -نەنمىڭدا بىزنىڭ ئاغىنىلەر بار.
       ـ ئۇستام ، ماۋۇ بالىلارنى دەل جايىغا ئاپىرىپ قويسىلا جۇمۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆز - كۆز قىلغاندەك يەنە جېكىلىدى.

     - بىز مۇشۇيەردە چۈشۈپ قالايلى
       كەيپنىڭ يېنىدىكى ھەمرايى كىرا ھەققىنى تۆلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇل تۆلەشكە پاسسىپلىق قىلىۋاتقانقان كەيپىنى باسقاندەك قىلىپ ھەمرىيىغا نېمىلەرنىدۇر تاپىلايتتى.
    بىز بېكەتكە كېلىپ بايغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتۇق. ئاپتوبۇس ئادەمگە لىق تولغان بولۇپ پەقەت بىر ئىككى يەردە بىردىن ئورۇن باردەك قىلاتتى. مەن ئىشىكنىڭ يېنىدىكىلا بىر ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغان بىر بالىدىن سورىدىم. 
       -بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟
        ئۇ چاچلىرى پاخپايغان، قارامتۇل بالا بولۇپ، چىرايى بىچارىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان نوچىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىدى. خوشامەتچىلىك تەقەززاسى بىلەن ئىشىككە قاراۋاتقىنىدىن قارىغاندا بۇ ئورۇننى قايسىدۇر بىر قىزغا يېقىن كۆرۈنۈش ياكى قايسىدۇر بىرسىگە ئۆزىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. 
       - بار.
    - بىز ئولتۇرساق بولمامدىكەن؟ -
    ئۇ مېنىڭ تەرىمگە ۋە كىيىنىشلىرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ سەل ئەيمەندى ۋە پېتىدىن چۈشمىگەن ھالدا قىزغىن تۈس ئېلىپ:
        - ھە، ئادىمى كەلگىچە سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، دەپ ماڭا ئىشارە قىلدى. مەن ھاجىمنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئارا تۈرۈكلۈك بالىنىڭ ئارقىسىدىن ئىچكىرىلەپ ماڭدىم.
     -بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ 
        چىرايلىق قىزچاقتىن سورىدىم. قىز تارتىنغان ھالدا:
       ـ بار، دېدى. كۆڭلۈمدە ھەممە ئادەم مۇشۇ قىزدەك بولسا بولماسمۇ؟ دېدىم.
        - مەنە مايەردە ئولتۇرسىلا . ئۇ ماڭا بىر ئورۇن كۆرسەتتى، مەن تەكەللۇپ قىلمايلا ئورۇن ئالدىم.
       ئاپتوبۇس قانداقتۇر بىر خىل سېسىقچىلىق ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ دېھقانلارنىڭ مەينەت ۋە رەتسىز كىيىنىشى، ئاپتوبۇسقا مال بېسىلغاندەك تىقىلىپ كېتىشى ئادەمگە بىئاراملىق بېرەتتى.تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسى بىلەن تىجارەت ئارىسىدىكى ئەرزان كىرا ۋە ئاچكۆزلۈك خاھىشىغا چۆمۈلگەن شوپۇرنىڭ ئادىتىگە يارىشا ئاپتوبۇس ئادەم مىدىرالمىغۇدەك دەرىجىدە توشتى .ئاپتوبۇس ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىدا بىر خىل كېتىپ باراتتى. گويا بىسى ئاسمانغا قارىتىلغان، تىزىپ قويۇلغان كىچىك پىچاقلاردەكلا كۆرىنىدىغان تاغلار ماڭا خېلى بەك غەيرى تۇيۇلدى. نېمىلەرنىدۇر ئويلاپ ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ كەتتىم.
        -بايدا نەچچىلىك ئادەم بار؟ - مەن يېنىمدا كېتىۋاتقان دېھقاندىن سورىدىم. 
       - نەچچە ئادەم بارلىقىنى نەدىن بىلىمىز ئۇكام، بىز خەقلەرنى ساناپ يۈرمىسەك.
        راست بۇ ئادەم نېمە بىلسۇن، ئۇ پەقەت تاسادىپ پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقان بالىلىرىنىڭ قوي كالىلىرىنىڭ سانىنى، كۆز ئالدىدىكى نەق ئىشنىڭ غېمىنى قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىنى بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتە. ئەمما بۇ گەپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇشۇنداق ئېيتىامدۇ ياكى ئاشۇ ھاجەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر ئوي راستىنلا ئەھمىيەتسىز نەرسىمۇ؟ ئويلىسا بۇمۇ ئاجايىپ بىر ئىش. قوي، كالا پەقەت ئۆزىنىڭ قورسىقىنىلا ئالىيراق بولغاندا بالىلىرىنىڭ قورسىقىنىلا بىلىدۇ. بۇنىڭدىن خاپا بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى كەڭلىك شۇنچىلىك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، ئۆز تائىپىسىدا باراۋەردەك قىلغان بىلەن تىك تىزمىدا ھېچنېمە ئەمەس. شۇنىڭغا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تەبىئىي ۋە ياشاش تەرزى مۇقىم بولىدىكەن. ئەمما، بەزىلىرىنىڭ غېمى ئالەم ئىكەن. بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەن. ئەمما كۆپ چاغلاردا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى تەبىئىي ياشاش تەرزى مۇقىم بولالمايدىكەن. دېھقانلاردىكى تاتلىقلىقنى ھېس قىلغىنىمدا بەزىدە ياكى ئادەم ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىش دائىرىسىنى سىزىۋېلىپ ئاندىن غەم قىلىش كېرەكتەك ھېس قىلغان ۋاقتىممۇ بولدى. لېكىن ئىش مۇشۇنداق پەرق سۆزلەپ قويغانلىق بىلەن تۈگەرمۇ؟ ھايۋاننى چۆرىدىگەن يۇقىرىقى خۇلاسە بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىسپاتىنى پۇلاڭلاتماسمۇ؟ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان دائىرىنى بەلگىلىۋېلىش ئۇنى تۈزۈكرەك ياشاشتىن كۆزى قورقۇپ قالغانلارغا پەقەت بىر چىرايلىق بانا ياكى گەپتاننىڭ مەنتىقىلىق گەپلىرىلا بولۇپ قالماسمۇ؟ دۇرۇست ،قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى زېمىندا تەڭ ياشاپ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ . «مەن ۋۇجۇدنى ئۆز پەزلىگە لايىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ ياراتتىم،ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ»قۇرئاندا مۇشۇنداق بىر گەپنى ئۇچراتقاندەك قىلغانلىقىم ئېھتىمال. بۇ دۇنيالىقتىكى ئىشلار ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغۇچى جەريان بولسا كېرەك. توۋا بىر ۋاقلاردا جەننەتتىمۇ تەبىقە باركەن دەپ ئاچچىقلاپ يۈرۈپتىمەن. بۇنىڭ مۇنداق يوللۇق يېرى باركەن ئەمەسمۇ. 

       - خوشە چۆپقەتلەر !
        ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان گازىر كۆز كىشى رومكىنى قولىغا ئالدى. ئۇ بېشىغا غۇلجا كەپكىسى، ئۇچىسىغا رەڭگى ئۆڭۈپراق قالغان پوپايكا كىيگەن بولۇپ، ياداڭغۇ چىرايى ئۈچ بۇرجەك يۈزىگە ھەييارلىق تۈس بېرىپ تۇراتتى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە نېمىلەرنىدۇر دېگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ سوزۇپراق قىلىپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ناخشا ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ ئېيتىلغاچ ئۇنىڭ قايسى ناخشىلارنى ئېيتىپ كەتكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك تەس. بىزگە ئورۇن بەرگەن ھېلىقى پاخپاي چاچ تۇرۇپ-تۇرۇپ ناخشىغا قوشۇلۇپ پات -پات كەينىدىكى قىزلارغا ئۆزىنىڭ قىزىقچىلىقىدىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك ھوزۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىراپ قالغاندەك غەلىتە قارايتتى. بىراق پىۋىچى ئۇنىڭ ئۆز ناخشىسىغا قوشۇلىشىنى خالىمىغاندەك بىردەم قوللىرىنى ئارىدەك كېرىپ ئۇنىڭغا« بولدى قىل» دېگەندەك قىلىپ يۇقىرى تۆۋەن قىلسا بىردەم ناخشىنى ئۇ پەدىدىن بۇ پەدىگە يۆتكەيتتى.
       - ھاف ئامىن توفو ھاف ئامىن توفو ئۇ تۇرۇپلا راھىپنىڭ ناخشىسىنى باشلاپ يەنە بىر قۇردا ئولتۇرغان خەنزۇلارغا يۈزلۈنۈپ ھەييارلىق قىلاتتى.
        - قېرىلارنى ھۆرمەتلەيلى!
        ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇپ قالغان بىر بوۋاينى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. -
        يولداشلار ... ... ... مەن ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن....
       مانا مۇشۇنداق تېتىقسىز ناخشا، سېسىق پۇراق ئىلكىگە تونۇپ يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە17-18 ياشلاردىكى بىر توپ بالا ئاپتوبۇسقا چىقتى. خۇدايىم توۋا ئەمدى ناخشىنىڭ ئورنىنى ئۆچكىدەك سەت مەرەش ئىگەللىدى. ئۇلارنىڭ غۇلجىلىقلاردىن قاچانلاردا مۇنچىلىك «مەدەنىيەت» نى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا ھەيران بولدۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان چاخچاق ئەمەس زەھەر ئىدى. كاشكى، شۇ زەھەردەك سۆزلەر گىرامماتىكىلىق جەھەتتىن قاملاشسىچۇ كاشكى بىر ۋاقىتلاردا ھېلىقى پاخپاي چاچ:
        - ئاغىنىلەر مەيەردە ھاجىملار چوڭلار باركەن ، دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى... شۇنداق قىلىپ بىز بايغا چۈشۈپ يەنە ئاقسۇغا ئاتلاندۇق.ئاقسۇغا كېلىپ تۇنجى ئۇچراتقىنىم جېدەل بولدى. بىز مېھمانخانا تاپالماي ئالدى بىلەن تاماق يىيىش ئويىدا گىلەنتىرگە كىردۇق.
        ئاغزىم ئەمدىلا ئاشقا تېگەي دېگەن ئىدى. تالادىن بىر ئايالنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋازى كەلدى، بۇرۇلۇپلا قارىسام ئۇدۇلىمىزدىكى لەڭپۇڭچى ئايال كۈنلۈكىنىڭ ئاستىدا ۋارقىراپ جارقىرىسا يەنە بىر ئايال ھەدەپ ئايىقى بىلەن ئۇنى ئۇرۇۋاتاتتى. ئاشخانىدىكىلەر ئوپۇر-توپۇر بولۇپ تاماشا كۆرگىلى ماڭدى.
        - ئۈچتۇرپانلىقلار ئويۇن قويغىلى تۇرۇپتۇ ھە ؟
       -ئىككىسى ئۈچتۇرپانلىق بولمىسا.
        - ئاۋۇ بىرسى چېلەكتىكى پاكىز سۇدا قولىنى يۇيۇپتىكەن ماۋۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماي يۈگۈرۈپ بېرىپ:ـ
      ھوي خېنىم ئۇنىڭدا قولىڭىزنى يۇماڭ، خەقلەر كۆرۈپ قالسا بازىرىڭىز ئۆلىدۇ، دەپتۇ.تاياق يىگىنى تېخى بۈگۈنلا چىقىپتىكەن....

       تاماق يەۋىتىپ خىيالىم بۆلەكلا يەرلەرگە كەتتى. توۋا ،ئىچكىرىدە شىنجاڭلىق يەنە بىر يەرلىك دەپ ئايرىپ پاراڭ قىلىمىز، ئۈرۈمچىدە قەشقەرلىق، ئاقسۇلۇق دەپ ئايرىپ پاراڭ قىلىمىز، ئەمدى ماۋۇ ۋىلايەتكە كەلسە ئاۋاتلىق، كەلپىنلىك، ئۈچتۇرپانلىق دەپ ئايرىيدۇ. بولمىسا تاياق يىگۈچىنىڭ قىلغىنى توغرىكەن، ئېنىقكى قارشى تەرەپمۇ ئۆز خاتالىقىنى تونىغان بىراق ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويغان ئادەمنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن،بۇ نېمىدېگەن غەلىتە روھى ھالەت-ھە.
       - ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر بۈگۈن ئويۇن قويىدىكەن. ئېھتىمال مۇشۇ گەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان روھىمغا ئاراملىق بەردى بولغاي مەن بۇ ئويۇننى كۆرۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. قەشقەردە ئومۇمەن جەنۇپتىكى باشلىقلارنى چوڭ بىلىش ئىدىيىسى مەدىنىيەتنىڭ بەلگىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇ مۇنداق روھى ھالەتنىڭ ئىنكاسى يەنى ئومۇمى خەلق ئېڭىدا ھۆكۈمەت ئېڭى، ھوقۇق ئېڭىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، قەھرىمانلارنى ئىززەتلەش ئېڭىنىڭ ئۆڭۈپ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندەك قىلىدۇ.قەشقەرنىڭ مېھماندارچىلىقى ۋە باشقا ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەقىقىي ئۇيغۇر شەھەر مەدىنىيىتىنى ئىنكاس قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. قەشقەرلىكلەرنىڭ گەپتانلىقى، قۇۋلىقى ۋە باشقا بارلىق يامان ئىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى دەل مانا مۇشۇ مىڭ نەچچە يىللىق شەھەر مەدىنىيىتىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. مەسىلەن ئالايلى ، ئۈرۈمچىنى40يىل شەھەر قىلىپ قويىۋېدۇق ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ مىجەزىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى. قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىللەتلىرى ئۇلاردا مانا مەن دەپلا ئىپادىلىنىۋاتمامدۇ.
        ئەتىسى بىر مەكتەپدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ يەنىلا 5يىلنىڭ ئالدىدىكىدەكلا ئىدى. بىراق شۇ تاپتا ئۇ بامدات بىلەن جۈمە نامىزىغىلا بارىدىغان ھالدا ئىكەن.
        - ئادەم ناماز ئوقۇسا ناھايىتى تەرتىپلىك بولۇپ قالىدىكەن، مېنىڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقىغان بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەك قايىل بولدۇم، بىراق، بۇ موللام گۇيلار بەك پاشىۋاز كېلىدىكەن.بىر قېتىم مەنمۇ باردىم. ھېلىقى جالاپلارنىڭ ئېرى باركەن، يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ جېنىم ئاران قالدى. كەچتە ئۇ دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇرۇن ئىشەنمەيتتىم بىر كۈنى ئاشخانىغا بارسام ئۇ يەردە يوق، ئۆيگە بارساممۇ يوق، ئىزدىسەم بىرمۇنچە ئادەملەر بىلەن بىر ئۆيدە بەزمە قىلىپ تۈنىسە، جالاپلار بىلەن تانسا ئويناپ كېتىپتۇ. دادام تۇرۇپ بەرسىغۇ دۇكان بەك ئاقاتتى. ئۇكامغا تازا خوشياقمايدۇ، ئۇ پۇل تاپسا دادام دېگەن ئوغرى ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلغاندىكىن... مېنىڭ بۇ تۈز، سەمىمىي مەكتەپدىشىم مۇشۇ تەرىقىدە سۆزلەپلا كەتتى.
       قەشقەرگە جۈمەگە ئۈلگۈرۈپ كەلدىم. بۇ يەردە ئۈرۈمچىدىن بىرەر سائەت كېيىن جۈمە ئوقۇيدىكەن. بىز بەك بالدۇر كېلىۋاپتۇق. شۇڭا يالاڭ باش پېتى مىچىتنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدىم. ئاجايىپ بىر ھېسلار ئىچىدە ھيېتگاھنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا سەپ سالدىم. دەرۋەقە ئۇنىڭ ھەممە يېرىدىن ھەقىقەتەنمۇ سالاپەت تېمىپ تۇراتتى. مەسچىتكە بىرلەپ ئىككىلەپ ئادەم كىرىشكە باشلىدى. مەن تۇرپان مەسچىتكە يالاڭباش كىرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇچرىغان سوغۇق قوپال مۇئامىلىنى ئەسلەپ بۇ جامەنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم. قارىسام مەيلى يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرغانلار بولسۇن ياكى بويلاپ قارىغانلار بولسۇن مېنىڭ يالاڭباش ھالدا مىھراپنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىمدىن قاتتىق ئىچى پۇشتى، نارازى بولدى. ئەمما ھېچكىم يېنىمغا كېلىپ بۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. كۆڭلۈمدە تۇرپاندىكى مەسچىتكىمۇ مۇشۇ كىيىم بىلەن كىرگەنتىمغۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئىمام ئەرزىيدۇ دېسە ئەرزىمەيدىغاندەك، ئەرزىمەيدۇ دېسە ئەرزىيدىغاندەك تويىلىدىغان ئوي كاللامدىن كەچتى . مەن ئىچىمدە بىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق لاكا لوزۇڭ تەربىيەنى ئاڭلاپ يۈرىۋېرىپ ئۇخلاپ قاپتىكەنمىزدە، خۇدا يېڭىچە مائارىپىمىزغا مەدەت بەرگىن. ئۇنىڭدا مۇنىڭدەك مەرىپەت ئىزاغا قالغۇدەك مەرىپەت بولىدۇ ئەمەسمۇ، دەپ ئويلىدىم. قەشقەرنىڭ قول ھۆنەرۋەنچىلىكى مېنىڭ ئەڭ زوقلانغان يېرىم بولدى.ئەمما شۇنىڭغا ئۇلۇشۇپلا مۇشۇنداق ئېسىل مىللىي سانائىتىمىزنىڭ تېخىمۇ زور ئىستىقبالغا ئەمەس، زاۋاللىققا خاھىشلانغانلىقىنى ئويلاپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولدۇم. چۈنكى شىنجاڭنىڭ تۇتقان يولى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس ئىستىمال ئىدى.
    - ھە! ماۋۇ ئاتامدىن قالغان ھۆنەر، ئۇيغۇرمىللىتى ئۈچۈن گۇاڭجۇ، شاڭخەي، ئۈرۈمچىلەردە ئويۇن قويۇپ« ۋىيزۇرىندى بىڭسى دو» دېگۈزگەن ھۆنەر جۇمۇ ،ماۋۇ - ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا سېرىكچى مۇشۇنداق توۋلاپ ئەتراپىغا بىرمۇنچە ئادەم توپلىدى.
       - ماۋۇ ساندۇقنى ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرى ياسىغان، قەشقەر دېگەن يەردە ئۇستىلىرىمىز مۇشۇنداق چىۋەر دۇتار، تەمبۇر، غىجەكلەرگە قاراپ باق قېنى، نەدە ئۇنچىلىك نەپىس ھۆنەر سەنئەت باركىن قېنى، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ياسىيالايدىكىن ؟! ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكنىڭ ئالدىدىكى رەسىمچىلەرنىڭ يايمىلىرىنى كۆرگەچ ئايلاندىم. مەخسۇم ھاجىم، ھىسام، يەكەنلىك ئاكا - ئۇكا كۈلدۈرگۈچىلەر ۋە باشقا خەلق قەلبىدىكى كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلغان ئىدى. رەستىلەردىكى كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان تىجارەتچىلەر بۇلار بىلەن قوشۇلۇپ ماڭا بەك ئىللىق تۈس بەردى. ئەمما رىشاتكىلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھالسىز بىر توپ ئادەملەر بەرىبىر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرماي قويمايتتى. 
    -بۇلار نېمىش قىلغانلار؟
     - بەرسەڭ تۈزۈك بەر بولمىسا بەرمە- قايسىدۇر بىر دىۋانە ساخاۋەتكە كەلگەن بىرسى بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى. 
    - ئاپلا خەپكەر جۈمە بولۇپ قاپتۇ بولمىسا ماۋۇ قەلەندەرگە تازا بىر گەپ كەلگەنتى.
    - ئاكا، رازى بولسا ئاز بولامدۇ جىق بولامدۇ شۈكرى دەپ ئالسىلا، سىلىنىڭ خەقتە ئېلىشلىرى بولمىغاندىكىن  
    -ئىچى ئاغرىمىسا بەرمىسۇن ، خۇدادىن قورقمىسا بەرمىسۇن 
    - ئاغزىغا تازا سالىدىغان يېرىگە كەلدىغۇ.
    - ھە، مەيەگە كېلە، ئاشۇنداق سالىدىغان ئادەم تاپالمايۋاتىمەن....
      بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ خەلق باغچىسىغا بېرىپ قالدىم. دەرۋازىدىن كىرگەنلا بىناغا كىتاپخانا دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن ئاۋايلاپ ئىشىكىنى ئىتتەردىم. 
      -ھە! نېمە گەپ؟ ئارقامدىن ناھايىتى بەكلا توڭلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇق ئارىلاشقان بىر ئاۋاز كېلىپ بىر ئوبدان كەيپىمگە زەھەردەك تەگدى. نەلەردىندۇر ئالا كۇچۇكلىرىم قوزغىلىپ زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.
    -بۇ يەرگە گېپى بارلار كىرەمتى؟ مەن شۇ گەپنى قىلىپلا ئارقامغا ياندىم، نادانلىق ئادەملەرنى مۇشۇنداق مەدىنىيەتسىز قىلىۋەتسە كېرەك.باغچىنى بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىيالىغا كەلدىم. -خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىنى نەدە؟ 
    بىر بالا باغچىنىڭ ئارقا تەرىپىنى كۆرسەتتى.باغچىنىڭ ئارقا تېمىمۇ كۆرۈندى. تامنى بويلاپ ئارقا ئىشىكىگە كېلىپ قاپتىمەن. بۇ ئىشىكتىن كىرگەنلا يەردە بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ھەيكىلى تۇراتتى. ئايال ئۇسسۇل ئويناپ، ئەر لېگەنگە مىۋە ئېلىپ كىمگىدۇر بىرسىگە تۇتىۋاتقاندەك ئىدى.توۋا، بۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈشكەندە، بىزنىڭ مېھماندوستلىقىمىز ھەممىدىن مەشھۇر، ھەممىدىن ئالقىشلىق، ھەممىدىن كۆزگە چېلىقىشلىق بولسا كېرەك.
    - يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى نەدە؟
    - ئۇ يەرگە بېرىپ نېمە قىلىسىز؟
    مەن سۇئال سورىغان ياش بۇ بالا مۇشۇ سۇئالنى قويدىيۇ ماڭا قاراپ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئوسال سۇئال سورىغىنىنى دەرھال ھېس قىلغاندەك بولۇپ خىجىللىق ئىچىدە مەقبەرىنىڭ ئورنىنى دەپ بەردى.مەن باغچىدىن چىقىپ خېلىلا ماڭدىم، بىراق ھېلىقى بالا دېگەن يولنى ئۇچراتمىدىم.
     -يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى نەدە؟ مەن يولدا ئولتۇرغان مويسىپىت كىشىدىن سورىدىم.
    - باغچىنىڭ ئىچىدە، ئارقىڭىزغا يېنىڭ. ئۇ سەل تەستە مۇشۇ گەپنى دېدى. بۇ ماڭا گۇمان بەرگەچكە ئارقىمغا يانغاچ بىرسىدىن سوراپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. 
    - يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى نەدە؟ 
    مەن كىتاب سېتىپ ئولتۇرغان ياش بالىدىن سورىدىم. ئۇ دەل ئورنىنى دېدى. مەن يەنە ئارقامغا يېنىپ ماڭدىم. يولدا ھېلىقى مويسىپىت ئۇچراشتى. توۋا قەشقەرلىك تۇرۇپ مۇشۇنداق يەرنىمۇ بىلمەيدىكەن. دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتتى. كۆڭلۈم يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى. مەن پەۋەس ھېسلار بىلەن بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ يېنىغا باردىم. يەكەن كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. ئۇ يەردە تونۇشلار بىلەن بىرگە بولدۇق. ئۇلار ھە دېسىلا ئوقۇغانلارنىڭ زىيانلىرى، باشلىقلارنىڭ چېرىكلىكى، زۇلۇملىرى، ئۆلۈك سىياسەت، تۈرلۈك تۈزۈم ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئىچكىردىكىلەرنىڭ ھەتتا دادۈيجاڭلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ شەھەردە، مىللىلارنىڭ يېزىدا بولىشى مۇقەررەرلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى دېگەننىڭ ئىچكىردىكىلەرنى يۆتكەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى. دەپ باقە، ئەجىبا بىزنىڭ سىتودىنتلىرىمىز رىنسەي ئەمەس، سىچۈەنلىك دەنداسىڭلار ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقىغانلار رىنسەيمىكەن؟! دەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ھېسسىي ساپادىكى تەمكىنى يوق بۇ خىلدىكى گەپ سۆزلىرىگە خېلى سۈكۈت قىلىپ باقتىم. لېكىن بۇلار بىر چاغلاردا مۇنتىزىم ئەقلىي تەربىيە ئالغان بالىلار ئىدىغۇ؟ نېمىشقا تۆۋەندە چېرىكلىك، ساپاسىزلىق، نامراتلىق تۈپەيلى تۈرلۈك بولمىغۇرلۇقلارنىڭ تەبىئىيلا بولىدىغانلىقىنى ئىلمى ھالدا چۈشىنىپ، ئۇنىڭ 15 يىل مۇنتىزىم ئەقلى تەربىيە ئېلىپ داڭلىق ئونۋىرسىتىتنىڭ دېپلومىغا ئېرىشكەن ئوغلانىدەك يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە گەپ قىلماي مۇنداق تاققا-تۇققا گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلارنى كۈچىنى كۆرسىتىدىغانغا سورۇن تاپالماي ئۈمىدسىزلىنىپ مۇشۇنداق-كوت-كوت بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئەمما ھەر بىر ئىنسان زېمىنغا خەلىپە قىلىپ يارىتىلغان ئەمەسمىدى؟! بىزنىڭ خەلقىمىزدە، جەمئىيىتىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مۇنچە كەمچىلىكلەر بار. لېكىن ئەجىبا جەمئىيەت-بىزنى مۇشۇنداق بولمىغۇرلۇقلاردىن قاخشاپ ئۆتىدۇ دەپ ئەمەس، ئۇنى ئىلغا قىلىپ ئوڭشايدۇ دەپ تەربىيىلىگەن ئەمەسمىدى. قەلبىمدىكى سۇئاللار بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىدى. كىشىلەرنى كۆز ئالدىمغا تېخىمۇ ئەكىلىپ باققۇم كەلدى.
        1997 - يىلى سودا ئىشى بىلەن شەرقى شىمالدا ئالتە ئاي تۇرۇپ قالدىم. ئىشلىرىم تۈگەپ قايتىشىمدا بىرەيلەن ئويغۇر قىزلىرىدىن ئۈچنى بىرسى ئالداپ ئىشرەتخانىغا سېتىۋېتىپتۇ. ئۇلار بىزنى قۇتقۇزۋالساڭلا،دەيدۇ- دېگەن بىر خەۋەرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئالداپ سېتىۋېتىپتۇ، قۇتقۇۇزۋالساڭلار- دەيدۇ,دېگەن گەپلەر دەرھال نېرۋىمىزغا تېگىپ، سودىلىقلىرىمىزنى شۇ-ھامانلا يىغىپ، چوڭ-كىچىك 50-60 قا يېقىن ئادەم گۈلدۈرلەپ قىزلار بار قاۋاقخانىغا كەلدۇق. قاۋاقخانا ئىگىسى قىزلارنى ئاللىقاچان يۆتكىۋەتكەن ئىكەن. ئۇيان-بۇيان دېيىشىپ بۇيان دېيىشىپ ئاخىرى -ئەتىسى كېلىدىغان بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، قىزلارنى ئالداپ ئەكەلگۈچى ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپلا بىزنى كۆرۈپ قاچتى. ھەممەيلەن ئۇنى قوغلىشىپ تۇتۇپ-ماشىنىغا باستۇق. بىراق، ماشىنىنى بىر توپ ئادەملەر ئورىۋالدى، خۇددى كىنولاردىكىدەك تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ھېلىقى ئىپلاسنى ماشىنا ئىچىدە تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، كۆز ئالدىمدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ، قانچىلىك تىت-تىت بولۇۋاتقىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. بىر چاغلاردا ساقچىلار كەلدى. لېكىن، ئاشۇلارنىڭ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن لۈكچەكلەر بىزدىن 4 - 3 ئادەمنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتتى. كېيىن ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىندۇق. نېمىلا دېگەن بىلەن بىز سىرتتىن كەلگەنلەر بولغاچقا ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسى تولىمۇ قوپال بولدى. ھەتتا ھېلىقى لۈكچەكلەر:
    - بۇلارنى ئەكىرىپلا قامۋەتسەڭلا بولمامدۇ؟ دېدى. ساقچىلار:
    - بۇلار قۇرۇق قول ئىكەن، بولمىسا بىز جىم تۇرۇمىزمۇ،دەپ لۈكچەكلەرگە تولىمۇ ئەستايىدىل تەسەللىي بەردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن سوراقچىلار كېلىپ، سوراپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قىزلارنى تېپىشىپ بېرىدىغانغا ماقۇل بولدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى. ساقچىلار تۇيۇقسىزلا ئىشنى كىچىكلىتىشكە ئورۇنۇشقا باشلىدى. بىرنەچچە قېتىم ئاتالمىش باشلىقلارنى چاقىرتىپ، قىزلارنى تېپىپ بېرىدىغانغا ئۇزۇن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئىشنى بولدى قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارنىڭ مەڭسىتمەسلىك ۋە ھەزىلكەشلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى ۋە ئاۋازلىرىدىن ئۆزۈمنى ئاران-ئاران بېسىپ ئولتۇردۇم. بىر كەملەردە بىرسى 500يۈەن پۇلنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
       -بۇنى بىزساقچىخانىدىكى بىرنەچچەيلەن يىغىش قىلدۇق. سىلەرمۇ خەقنى ئاز-تولا ئۇرۇپسىلەر، بولارمۇ ئۇرۇپتۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن تاياق يېگەن ئادەملىرىڭلارنى دوختۇرغا كۆرسىتىڭلار، دەپ كىرىپتۇ. مەن ئاچچىغىمدا:
       ـ سىلەرنىڭ زادى نېمە خىيالىڭلار بار؟ سىلەر بۇ پۇل بىلەن بىزنى سېتىۋالماقچىمۇ؟ دېدىم. بۇ چاغدا خېلىدىن بېرى ياغلىما گەپ قىلىۋاتقان ھېلىقى بىرىنچى قول ناھايتى مەسخىرىلىك قىلىپ، :
       ـ سېنىڭ كۆڭلۈڭ قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ مۇشۇنۇڭغا خوش بولساڭ بولىدۇ، دېدى. مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. بىراق زىيالىلىقىمنى قىلىپ ئونىڭغا بىرەر مۇشت ئاتالمىدىم. شونىڭغا ھازىرغىچە ئاشۇ دەقىقە يادىمغا يەتسە، مەن نېمىلا دېگەن بىلەن لاتىكەنمەن، دەپ قالىمەن.
        كەچ سائەت 11لاردىن ئاشقاندا ساقچىلار قىزلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنى سوراپ بولغىچە ساقلاپ تۇردۇق. ھەممەيلەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. بىر چاغدا ساقچىلار بىزنى چاقىرىپ سوراقنى تۈگەتتۇق، بۈگۈن نەدە قۇنۇشنى قىزلار ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ، سىلەر مەجبۇرلىمايسىلەر، دېدى. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭغا ماقۇل دېدۇق. بىردەمدىن كېيىنلا قىزلار يەنىلا قاۋاقخانا خوجايىنى بەرگەن ياتاققا قايتىپ تورىدىغان بولدى، دېگەن خەۋەر چىقتى. گويا بۇلۇتسىز ئاسماندا چاقماق چېقىلغاندەك بولدى. ئۆز - ئۆزەمگە قارا يۇمۇر، قارا يۇمۇر دەيدىغان، قارا يۇمۇر دېگەن مۇشۇمۇ - يە؟ دەپ تولغۇنۇپ كەتتىم. تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، ۋىجدانىي سۆزلەر، مەردانە ھەرىكەتلەرقايتا-قايتا كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. مەن پەقەت بۇ قانداق گەپ، يەنە بىر سوراپ باقايلى، دېيەلىدىم. يەنە شۇ جاۋاپ. ئالەمدىكى ئەڭ قاتتىق ھارغىنلىق مانا مۇشۇنداق چاغدا يۈز ئاچسا كېرەك.شۇ ھامانلا ئولتۇرۇۋالغۇم، يېتىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. لېكىن چىشىمىزنى چىشلىمىسەك بولمايىتتى. ئۇ قىزلارنى قۇتقۇزمىساقمۇ، ئۆزىمىزنى كۈلكىگە قويساق بولمايتتى. شۇڭا ئۇ قەدىرلىك قىزلارغا يالۋۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. ئارىمىزدىكى چوڭلار:
       -باللىرىم... سىلەرنى دەپ 50-60 ئادەم بۈگۈن بىر كۈن ئوت كېچىپ يۈردى. ئۈچ، تۆت بالىمىز تاياق يەپ دوختۇرغا كەتتى، مۇشۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بىز بىلەن ماڭساڭلار، بىز سىلەرنى ئايرىم ياتقۇزۇپ، ئوبدان مېھمان قىلىپ، ئەتە چىرايلىق يولغا سېلىپ قويساق... نەگە بارىمىزدېسەڭلار بارساڭلار... دەپ يالۋۇردۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن تەڭ ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقتۇق. ئەتىسى ئەتىگىنى چوڭلاردىن بىر نەچچىسى قىزلار ياتقان ئۆيگە كېلىپ نەسىھەت قىلماقچى بولدۇق. ئاۋۋال ئەنئەنىۋى ئىدىئولوگىيىمىز بولغان دىنى تەبلىغ سۆزلەندى. ئۇلار باشلىرىغا ياغلىق ئارتىۋالغاندىن باشقا ھېسلاردىمۇ -يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم. ئىشقىلىپ مەنمۇ سۆزلىدىم. سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشىنى كەسىپ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھازىرقى خوجايىنى پۇلنى ئازراق بېرىپ، قوپال مۇئامىلە قىلغاچقا، بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ باشقا يەر تاپماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىزدىن ياردەم سورىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
        ئۇ قىزلارنىڭ چوڭى 21 ياش، كىچىكى 16 ياشلاردا ئىكەن. ئەمدى قانداق قىلماقچى؟ دېگەندە، ئۇلار:
       ـ ئەمدى ماڭغان يولۇڭلارغا رازى بولساڭلار، بىزدىن يانمىسا، خۇدايىمدىن يانار، دەپ ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ شۇنداق تاتلىق تىل ۋە ئاھاڭدا خۇدانى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالدىم. ياخشى ئېيتا- يامان ئېيتا ئاخىرى ئۇلارنى شىنجاڭغا چىقىپ كېتىشكە ئۇناتتۇق. 2500 يۈەن پۇل يىغىلدى. ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ۋەزىپىسى قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان ئۈچەيلەنگە تېڭىلدى. بەش كۈنلۈك سەپەر بىزنى ئۆزئارا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ناھايىتى تەبىئىي بولۇپ، ئادەم قاراپ ئولتۇرغىدەك چىرايلىق ئىدى. جەنۇب قىزلىرىدا تېپىلىدىغان بارلىق نازاكەت ۋە ئوماقلىق ئۇنىڭدىن تېپىلاتتى. راسىت، ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنى پاھىشە دەپ ئويلىمايتتى. مەن بىر كۈن ئۆتە ئۆتمەي ئۇنىڭ پاھىشىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس -تاسلا قالدىم. مېنىڭدىن خىجىل بولۇپ تاماكا چەككىلى ماڭغاندا ياقامنى تۇتۇپ تۆۋە، دەپ قالاتتىم. مۇشۇ ھەيرانلىق مېنى ئۇنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى بىلىشكە تۈرتكە بولدى. ئۇ پاھىشىلىكنى بىر خىزمەت دەپ قارايتتى. ئۇيۇندەك بىلەتتى، ئۆزىنى خۇددى بازاردا ئۆپكە -ھېسىپ سېتىۋاتقان تىجارەتچىلەردەك تىجارەتچى ھېسابلايتتى. شۇ ھامان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم يادىمغا كەلدى.
       ئەنگلىيىدە بىر پاھىشىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغانلىقىن ئاڭلاپ، خوش بولغاندىم، مۇھەببەتتىن ۋازكېچىپ خىزمەتكە بېرىلگىنىمدە ئامېرىكا كىنولىرىدىكىدەك ئېھتىياج چۈشكەندە بىرەر قىز بىلەن بىر بولۇپ ياشايدىغان بىرشارائىت يارالسا بولۇپتىكەن دەپ ئويلىغىنىمنى ئەسلەپ، تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. بۇ قىز شۇ چاغدىكى ئويلىغىنىنى قىلالايدىغان مەنمۇ-يە دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئوتتۇرانچىسى ئىزىدا ئولتۇرالمايدىغان، كەسكىن قىز ئىدى. ئۇنىڭ كەلگۈسىدە داڭلىق يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بولغاچقا، ئۆتكەن كۈنلىرىدىن كۈندىلىك خاتىرە يازغانلىقى ئاشكارە بولدى. بۇ خاتىرە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ ياردىمىدە قولۇمغا چۈشكىلى ئاز قالغانىدى، بۇ قىز ئۆزىنىڭ خىجىل بولىدىغىنىنى دەپ تۇرۇۋالغاچقا قولۇمغا چۈشمەي قالدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خىجىل بولغانىدى. لېكىن، بۇ خىجىللىق مېنى قاتتىق ھەيرەتكە سالدى. ئۇنىڭ يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىغا كەلسەك، كۆڭلۈمدە پەقەت بىر خىل مەسخىرىلا بار ئىدى. ئىچىمدە داڭلىق يازغۇچى بولىمەن دېگۈچە ئوڭلاپ تۈزۈك ئادەم بولساڭچۇ دەيتتىم. بىراق، تۇرۇپلا ناۋادا ئۇ راستىنلا داڭلىق يازغۇچى بولۇپ كەتسە،مەن مۇشۇ نەپرەتلىك نەزەرلىرىمدىن يېنىپمۇ قالارمەنمۇ، ئۇ خەلقئاراۋى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى مەيدىسىگە تاقاپ تاماكا چىشلەپ ئالدىمدا ئولتۇرسا، ئىززەت بىلەن ئالدىغا كۈلدان قويۇپ بېرەرمەنمۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ زېرەكلىكى، كۈچتىنگىرلىكىدىن قارىغاندا يازغۇچى بولۇپ قالسىمۇ ھېچ نەرسە دېگىلى بولمايتتى. شۇئان يادىمغا «جالاپ قېرىسا بۈۋى بولىدۇ» دېگەن ماقالە كەلدى. كەيپىمگە چۈشىنىكسىز بىر خىل كۈلكە يۈگۈرۈپ كەتتى. بۇ ئاشقۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز مىجەزى سەۋەبلىك ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ ھەق دادىغا يەتكۈزىۋەتكىنىمىدۇ ياكى زېمىستاندا باھارنىڭ قەدىرىنى بىلىپ ھەقىقەتكە قايتىۋاتقىنىمىدۇ؟ ئۇنداقتا بىز زادى ئىنساندىكى ھەر ئىشنى ھەق دادىغا يەتكۈزەلەيدىغان ئاشۇنداق مىجەزلەرنىلا تۇتىيا بىلىمىزمۇ ياكى«سۇ كەتسە تاش قالىدۇ، ئوسما كەتسە قاش قالىدۇ» دېگەندەك جاھاندا ئەبىدىي چاقناپ قالىدىغان كامالەت تاشلىرى، پاساھەت قاشلىرى بارمۇ؟قۇرئاندىكى گەپ بويىچە دېگەندە، ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلىدۇ. شۇنداقكەن ئىنسان مۇشۇنداق بىر تەبىئەت قوينىدا ھەق دادىغا يېتەلەيدىغان مىجەزنىڭ مېغىزنى چاقامدۇ ياكى گۈلدىراس ئالقىش دەپ -دەبىلىك شاھادەتنامە، كاللەك -كاللەك پۇل ۋاسىتىسىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئويدۇرمىلارنىڭ چۆرىسىدە ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟ ناۋادا ئاشۇنداق بولىدىغان بولسا ھەزىرتى مۇھەممەد سەلىياللاھۇ ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق بۇرچتىن چىققان مەنىۋىيەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىمانسىز كىشىنىڭ ھەر بىر ئىشى ھەتتا كۈلۈمسىرىشىمۇ مەلۇم بىر مەنپەئەت زۆرۈرىيىتىدىن بولىدۇ، دەپ ئېيتقان تەلىمىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كىشىنى خالىسلىققا چېگىپ تۇرغان نەرسە زادى نېمە؟ ئىنسان جاھاننىڭ قازانلىرىدا قايناپ ھەققە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭغا يەنە كىشلىك كەچۈرمىش ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن پەلسەپە قوشۇلىدۇ. ئەمما، بۇ يەككە ئادەم ئۇچۈن شۇنداق. رېئاللىقتا ئادەم ھەرگىز يەككە ئەمەس، بەلكى ھېچ بولمىغاندا ئىلگىرىكىلەر تۇغما مۇسۇلمانلىق بىلەن جاھاننىڭ قازانلىرىدا قايناپ ھەققە كەلگەندە ئېرىشكەن پەلسەپىنى بولسىمۇ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن. ئادەم تۈرلۈك قازانلاردا قايناپ تاپمىسا تاپالمايدىغان پەلسەپە بالىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ھامان ئالدىدا تەييار تۇرىدىغان بولغان. مۇشۇنداق تۇرسا، كەلگۈسىدە يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بار ئۇ مەخلۇققا ئەجەبا ئاشۇ نەرسە ئۇچرىماپتىمۇ؟! شۇ چاغدا تېنىمنى جېبراننىڭ «ياش ۋە كۈلكە»سى يۈرۈكىمنى يەنە بىر قېتىم جىغىلدىتىپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەنلىك نەدە؟ يا ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئاشۇنداق ئۇچرىمايدىغان يەردە قالغانمىدۇ؟ مەن ۋۇجۇدۇمدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشىپ، ئەتراپىمغا يېنىك نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. ئاپام ئادەتتە بەك ئەتىگەن تۇرىدۇ. ھويلا-ئاراملارنى تازىلاپ سۇ چاچىدۇ. ئەمما، سىڭىللىرىم ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار ئوغۇللار بىلەن تەڭ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇلاردىن كېيىن قالىدىغان يەرلىرىمۇ بار. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىدە ھەممە ئۆيلەردىكى ھەدىلەر ئەتىگەندە ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈپ سۇ چاچاتتى. بىز مەكتەپكە ماڭغاندا ھەممە ھويلىلارنىڭ ئالدى پاكىزە سۈپۈرۈلۈپ، سۇ چېچىلىپ بولغان بولاتتى. ئويلىسام بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئادەت شالاڭلىشىپ ياكى ۋاخچىلىشىپ كېتىپتۇ.
        شۇ چاغدا كاللامغا ئاجايىپ غەيرىي بىر تېزما زاھىر بولدى. مومام ئەتىگەندە ناماز ئۆتەيتتى، ھويلا ئارامنى سۈپۈرەتتى. ئاپام ھويلا-ئارامنى سۈپۈرىدۇ، ناماز ئۆتىمەيدۇ. سىڭىللىرىم ھويلا -ئاراملارنىمۇ سۈپۈرمەيدۇ، نامازمۇ ئۆتىمەيدۇ....

        ئۈرۈمچىدە ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىدۇ. توۋا، بۇ قانداق گەپ؟
        بىر قېتىم ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا كېتىۋاتقان پويىزدا تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ، مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بولغاچقا، بىز تېپىشىپلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.بىردەم ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن،گەپ تەبىئىيكى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىزغا كەلدى. تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇنىڭغا بىر قىز شەيدا ئىدى. بىز بۇ ھەقتىكى قىزقارلىق ئىشلارنى بىرەر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۇق. ئۇ : -ھەي، شۇ چاغلاردا بىز بەك ئەخمەقكەنمىز. ئارقىمىزغا كىرىۋالغان قىزلارنى ئويناپ، ئەخمەق قىلىپ يۈرمەي قېچىپ يۈرگىنىمىزنى قارسىنا-دەپ گېپىنى خۇلاسىلىدى. ئۇنىڭ ئىچ -ئىچىدىن بالقىپ چىقىۋاتقان بۇ گېپى مېنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى. چۈنكى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر پەزىلەتلىك ئىنسان ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ، ئۈچ  تۆت يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاشۇ پەزىلەتلىرىدىن گۇمانلانغان ئىدى. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن گۇمانسىراپ قالدىم.كاللامغا تۈرلۈك-تۈرلۈك خىياللار كەلدى.كېيىن ئۈرۈمچىدە 60 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئەسلىدە تىببى ئىنىستىتوتنىڭ پروفىسسورى بولۇپ گەپلىرى ناھايىتى تاتلىق، قائىدىلىك ئىدى. ئۇنىڭ گېپىدىن ئېرىگە جىق تەۋىسىيە قىلىپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغان ئايال بولۇپ، چىرايىدىن ياش ۋاقتىدا تولىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ھاجىم ئېرىنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلاپ، ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا تولىمۇ چىرايلىقلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، تانسىغا بەك ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئۈرۈمچىدىكى تۈرلۈك ئولتۇرۇشلارغا قالدۇرۇلماي چاقىرىلدىغانلىقىنى، قەدەمدە بىر ئىملىقلار بىلەن پۈركەپ، دەپ بەردى. مەن ئۆز قەلبى بىلەن ئەمەس بەلكى چىراي بىلەن بىر مەزگىل چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەڭگۈشتەرىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئايالنىڭ قەلبىدىكى تېگى يوق ئازاپنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇ:
       ـ  ياش ۋاقتىڭلاردا ئويناڭلار، دەپ كېلىپ، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا 80- يىللىرى سوۋېتكە بارغىنىدا موسكۋادا كۆرگەن ئويۇنلارنىڭ ھازىر شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى ئەۋزەيلەپ ئەسكەرتتى. مەن بۇ قېرىنىڭ سەل ھەييارلىق قىلساملا ياكى سەل تەڭتۈش بولغان بولسام پويىزدىكى ھېلىقى سۆھبەتنىڭ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۈم. ئۇ، ئاياللار قېرىيدىكەن .ئەرلەر يەنە ئويۇن بىلەن بولۇۋېرىدىكەن، بىزنىڭ ھاجىم دوسلىرى بىلەن ھېلىمۇ تاماشا قىلىپ يۈرۈيدۇ ئەمەسما؟ دەپ گېپىنى تۈگەتتى.
        ئۇنىڭ ئۇيۇن ۋە تاماشا سورۇنلىرىنى سۈرەتلىگەندىكى چاقناپ كەتكەن كۆزلىرى ئاخىرقى جۈملە ئېغىزىدىن چىقىۋاتقىنىدا خۇنۈكلۈك ئىچىگە پاتتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېرىنى ھەرەمگە ئاپىرىشقا شۇنچە زورۇققىنىنى ۋە يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە بارغۇسى بارلىقىنى تېگىدىن چۈشىنىپ قالغاندەك بولدۇم. يۈرىكىم بۇ بىچارىنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغىرتىپ تولغۇنۇپ كەتتى. دەرۋەقە، ھەزرىتى شاھ مەرداننىڭ ئانىسى شاھ مەردانغا قوساق كوتۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بازار ئايلانغۇسى كېلىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ، بازاردا شۇنداق كېتىپ بېرىپ بىر باققالنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە كۆزىگە ئۈزۈم چىرايلىق كۆرۈنۈپ باھانى سورىغاچ ئۈزۈمدىن بىر تالنى ئۈچۈپ ئاغزىغا ساپتۇ، ئانا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە قورسىقى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىپتۇ ۋە قورساقتىكى بالا زۇۋانغا كېلىپ ئانىغا كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ، ئانا دەرھال ئارقىغا قايتىپ باققالدىن رازىلىق سوراپ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپتۇ. بىز كىچىك چاغلاردا چوڭلار ھېكايىنى مۇشۇنداق ئېيتاتتى.
        ئەمما 20-30 يىل، 50-60 يىل ياشاپ بېقىپ قاراپ باقساق مۇشۇنداق ئەزۋەيلەشلەر بىزنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ قالغاندىمۇ ياكى بۇ ھاياتنىڭ مىزانىمۇ؟ مەنىۋى جەھەتتە يىلىكى توشمىغانلارنىڭ پاجىئەسىمۇ ياكى زامانىۋىي كىنولار تەۋسىيە قىلىۋاتقانيېڭى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىمۇ؟!ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىللىرىم يادىمغا كەلدى. ئۇ چاغدا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدىم. خىزمەتكە چىقىپلا بىر ئاشىق-مەشۇقلار سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ خۇتۇنى ۋە بىر بالىسى بار ئىدى. مەن ئۇلارنى ئۈزۈمچە توغرا چۈشەندىم، ئەيىپلىمىدىم. ئايال تەرەپ دائىم ماڭا ئەرنى خۇتۇنىنى قۇيۇۋېتىدۇ، بىز توي قىلىمىز، دەپ بېرەتتى. كېيىن ئەر يۆتكىلىپ كەتتى. ئىككىسنىڭ ئارىسى بۇزۇلدى. كېيىن ئۇقتۇمكى، ئەر ئەسلىدە خۇتۇنىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما ئۇ ئايالىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ، ئونىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت بالىلىق بۇلالماسلىق ئۇنى جىنىسى گۇمانغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شونىڭ بىلەن ئۇ بۇ قىزغا يالغان ئېيتىپ، ئەمىنلىك تاپقان ئىكەن. كېيىنچە مەن ئۇ قىزغا«ياۋروپاچە ياشاڭ » دېگىنىم يادىمدا. لېكىن، مانا بۈگۈن ئالدىمدىكى ماۋۇ ياۋروپاچە خېنىم مېنى ئازاپلاپ تۇرۇپتۇ.ناۋادا ھەممىسى مېنىڭ ئاشۇ گېپىم بويىچە ياۋروپاچە ياشىغان بولسا، مەن نىمە بولۇپ كېتەر ئىدىم -ھە! يۈزلىرىم نۇمۇستىن قىزىرىپ كەتتى. يۈرىكىمنىڭ قانداقتۇر بىر يېرى ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. كاللامدىن تېخىمۇ دەھشەت بىر ئەسلىمە ئوخچۇپ چىقتى.
        چىڭخاڭداۋدا چوڭ ياشلىق بىر ئادەم تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى. بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپلا ئۇنىڭ كەيپىياتى كەلگەن كۈنلىرىگە ئوخشىماي قالدى. ئاندا- ساندا تالاغا چىققىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە ياتاقتا ئولتۇراتتى. ئونىڭ بىكار يۈرۈپ كەتكىنىگە ئىچى پۇشقانلار ئۇنى بىرەر ئىش قىلىشقا ئۈندەپ قۇياتتى. بىراق، ئۇ ھېچ ئىش قىلماي يۈرۈۋەردى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بۇ كىشى كېسەل تارتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىز ئۇنىڭ شىنجاڭغا چىقىپ كېتىش ئۇيى بار- يوقلۇقىنى بىلەلمەي يۈرۈۋەردۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كىشىنىڭ كېچىسى بەك ھەسرەتلىك يىغلاپ كېتىدىغىنى سېزىلدى ۋە ئاخىرى بۇ ياتاقتىكى بىرەيلەن بۇ كىشىنىڭ كۈڭۈل تارىنى چېكىپ، ئونىڭغا راست گېپىنى دېگۈزدى. ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ خەنزۇچىدە ئۇقۇغان بىر قىزى بولۇپ، يوقاپ كەتكىلى بىر يىل بولغان ئىكەن. يۇرتلۇقلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ، قىزىنىڭ چىڭخاڭداۋدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەم قىزىنى ئالغىلى بۇ يەرگە كەپتۇ. قىزى ھەقىقەتەن چىڭخاڭداۋدا بىر ساتىراشخانىدا ئىكەن. ئاتىسى كېلىپ قىزىنىڭ پاھىشىلىك قىلىدىغىنى ئۇقۇپتۇ. لېكىن، بۇ ئىشنى ئونىڭ يۈزىگە سالماي« كېتىلى قىزىم »دەپتۇ. قىز بىر كۈنى ئونىڭغا ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ:
        -ئاتا شىنجاڭغا بارساڭمۇ يەر تېرىيسەن، ئونىڭدىن كۆرە ئانام بىلەن ئىككىڭلار مۇشۇ يەرگىلا كەلسەڭلار، مەن تىجارەت قىلىدىغان ئۆينى ئۈچ ۋاقلىق تازىلاپ بەرسەڭلار، مەن سىلەرگەئايدا 1000 يۈەن ئايلىق بەرسەم، دەپتۇ.
        بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن ئۇ قىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. مەندە ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسى پەيدا بولدى. ئۇ قىزنىمۇ كۆردۈم. ئۇمۇ چىرايىدىن ئۆلچەملىك ئويغۇر قىزى ئىكەن، ئۇ ماڭا ناھايىتى تەبىئىلىك بىلەن:
       ـ سىز بەك مۇتئەسسىپكەنسىز، سىتۇدېنت ئەمەسكەنسىز، دېدى. مەن ئىشەندىمكى، ئۇ ئۇنداق تۇرغىنى بىلەن بىرسىنى ياخشى كۆرەلەيتتى، ئونىڭغا ئۆزىنى بېغىشلىيالايتتى. بۇ يېرى يا پايدىسى يوق، يا زىيىنى يوق ئادەمدىن ياخشىراق ئەلۋەتتە. ياكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا چۈشىنىش كېرەكمۇ ياكى مەن سەۋىيىسىزلىك قىلىۋاتقان دىمەنمۇ؟ مەيلى قانداق بولسۇن، كاللامدا ئەنە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى.
        يۈرىكىمنى تۇتۇپ باقتىم، ئاخىر كۆتۈر قاسقىنىڭنى، مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ توغرا چۈشىنىدىغان ئۇنداق سەۋىيىنىڭ ماڭا كېرىكى يوق! دەپ كەسكىن ئېيتتىم. راست، ئاتۇمنى ياسىغان ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئالىملىقىغا ۋاي. بىئولوگىيىلىك قوراللارنى ياسىغان ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئالىملىقىغا ۋاي. پەقەت ئىمتىھان، دېپلوم، مۇكاپات بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلاشنىڭلا كويىدا يۈرۈيدىغان ئۇنداق دوكتۇر، ئۇنداق ئالىم بولغىچە تەرەتخانا تازىلىغان ياخشى. جاھان ئاڭلاپ قويسۇنكى، ئادەمىيلىكنى ھېچنەرسىگە تېگىشكىلى بولمايدۇ. بىلىم يۈدۈۋالغان ئېشەك ھامىنى ئادەمنىڭ قاتارىدا تۇرالمايدۇ. مۇشۇنداق نىدا كاللامدا جاراڭلاۋاتقىنىدا، ئالدىمدا ئولتۇرغان قىز ھەرقايسى قاتلامدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاشقا باشلىدى. پويىز ئۇچقاندەك ماڭماقتا ئىدى.ئومۇمەن، خىزمەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئادەمنى ئۆزگەرتىش نىشانى قىلغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بويتاقلىقنى كۆزگە سىغدۇرۇپ يارىتىۋاتقان تۇرمۇش تەپەككۇرلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان كىنولار پەقەت خوشاللىق. ئويۇن-تاماشانىلا مەقسەت قىلغان قەھۋەخانا بەزمىخانا كۆرۈنۈشلىرى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈتتى، ئۇ زادى نېمە؟پرىنسىپسىز ھايات بەلكىم نەزىرىيە جەھەتتىن پرىنسىپسىز ھايات، مەن ھېچنىمىنى ئالدىنئالا توغرا يا خاتا دەپ ئايرىۋالالمايمەن، دەپ مېنىمۇ قىزىقتۇرغان، يىپ يىنىك قىلىپ قويغان بولسا كېرەك. ئەمما مەن پەقەت خوش بولساملا بولدى، دەپ ئاشۇنداق ياشاپ باققان، لېكىن بۇ مېنىڭ ئازاپلىرىم، باشقىلاردىن ئۈمىدسىزلىنىشلىرىم بىلەن دەرەخنىڭ يىلتىزى، غولى ۋە يۇپۇرماقلىرىنى كۆمۈۋېتىپ، مىۋىگىلا قول ئۇزىتىۋاتقان، بىر كۈن ياكى بىر نەچچە سائەت خۇشاللىناي، دەپ ئىرادە تىكلەپ چىڭىغا چىقىرىپ ئوينىيالىغان بىلەن نەچچە كۈن ۋە نەچچە ئاي نېمىلەرگىدۇر ئۇھ تارتىپ يۈرۈۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئەجىبا ئامېرىكىلىقلار ماڭا ئوخشىمايدىغان كىشىلەرمىدۇ؟! ياكى بەلكىم سىستېمىلىق زور ئەقلى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئەقىلگە زور ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى بولغاي، شونىڭ بىلەن ھەممىگە ئەقىل بىلەن يۈزلىنەلەيمەن، دەپ مەيدىگە مۇشتلاپ ئالىي مەكتەپتىكى مەن پەيدا بولدۇم. كۆيۈنۈش، مېھىر - مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، غورۇر، ۋىجدان قەلىبتە يوق، ئەمماشۇنى باردەك كۆرسىتىدىغان مەنىتىقىلىق توقۇلمىلارنى جىق ئۇچراتتىم، ھەقىقەتەنمۇ خۇددى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك ئىنسان تېنىدىكى بىر پارچە گۆش(يۈرەك) بۇزۇلسا ھەممە ئىشنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ مەڭگۈ ھالدا ئەقىلىنى ئەمەس، قەلىبىنى يادرو قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. چوڭقۇر بىر تىنىپ، ھەي كىچىكلىك! دېدىم. پىرىنسىپ دېگەننىڭ «ھەق»دېگەننىڭ ھەممە نېمىنىڭ تۇلۇق ئېتراپ قىلىنىشى ھەر ئىشنىڭ كامالىتى ئىكەنلىكىنى، شونىڭغا پرىنسىپسىز ئۆتسىمۇ ئۈتىدىغاندەك بىلىنىدىغان ھاياتنىڭ پىرىنسىپلىق ھايات بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ كامالەتكە رىشتى بار ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى بىر قۇتۇبىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى قەستەن پرىنسىپسىز ھايات كەچۈرۈشنىڭ گۇمراھلىق بولىدىغانلىقى، خۇددى يۇقۇرىدىكى قىزلارنىڭ ھاياتىدەك نەپرەتلىك ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەلۋەتتە ئالاقىلىشىش ۋە قاتناش تورلىرىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى يەر شارىنى كىچىكلا بىر كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئادەملەر تېلېفون تۇرۇپكىسنى قولىغا ئېلىپ خۇددى يېنىدىكى ئادەم بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك يەر شارىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى بىرسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. بۇنداق غايەت زور دەرىجىدىكى كىچىكلەش ئەقىل- پاراسەت، ماھارەت جەھەتتىلا ئەمەس، ئۆرۈپ -ئادەت، مەدەنىيەت مىجەز -خۇلۇق جەھەتتىكى ئەڭ مىسلىسىز كۆلەملىك رىقابەتنى پەيدا قىلدى. كۇچاغا نىسبەتەن ئۇستا ھېسابلىنىدىغان تىككۈچىلەرنى ھازىر كۇچالىقلارنىڭ كىيىم تىكتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇلىنى تېپىش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ دەپ ئېيتالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. پالانى يەردە ئۈزۈم تۇرپاندىن بىر يۈەن قىممەتكەن دەپ بولغىچە بازار دەرھال ئۈزۈم بىلەن تۇلۇپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتى. ئىنسانلار ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان ئىقتىدارلىقلار بەيگىسىگە چۈشتى. ھەرقانداق بىر قابىللىق ئۆز رىقابەتچىسىگە يۇلۇقىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەمەلىيەت تىرىكچىلىكنىڭ ئېقىنىغا ئۈزىنى تاشلاپ، ئونىڭ ئېقىشى نەگە باشلىسا، شۇ يەرگە ماڭىدىغان ئادەملەرنى تېخىمۇ بەك كۆپەيتىۋەتتى. مەلۇم بىر ماددىي مەنپەئەت، كەسپىي نەتىجە ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ۋاسىتىغا ئايلاندۇرۇش ئانچىكىم بىر ئىش بولۇپ قالغان يەردە مەدەنىيەت قۈۋىيىتىنىڭ ئەتىۋاسى ئاللىقاچانلا كۆزگە چېلىقماس بولۇپ كەتتى. تەبىئىكى، بۇ پرىنسىپسىز ھاياتنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۇلغايتتى. ئونىڭ ئۈستىگە بۇ ئەقلىلىق ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن تۇتۇشۇپ ئۈزىچە پەلسەپىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاندەك تۈس ئالدى. كۆز ئالدىمدىن نۇزۇگۇم، مومام، ئاپام، سىڭلىم، سىتۇدېنت قىزلار، ئېرىگە پايپىقىنى يۇدۇرىدىغان، ئىچىملىكتىمۇ ئەرلەر بىلەن باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئۈرۈمچىلىكلەر، چىڭخاڭداۋدىكى قىز كىنودەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

        1945-يىلى ياپۇنىيىنىڭ خروسما، ناگاساكى ئارىلىغا چۈشكەن ئاتۈم بومبىسىنىڭ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشى غۇۋا ئەكس ئەتتى. چىڭخاڭداۋدىكى قىز ئاتۇم چۈشكەن ئارال ئەمەسمۇ؟ غەيرىي ئىقتىدارلىق بولۇپ ياشاش پەزىلەتلىك ياشاشتىن شۇنداق ئۈستۈنمىدۇ؟! بۇ ئاتۇمنى زادى كىملەر تاشلىدى؟ مەن ياۋروپاچە ياشاڭ دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاتۇم تاشلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولمىدىممۇ؟ خۇددى ياپۇنىيىنىڭ خروسما، ناگاساكى ئارىلىغا ئاتۇم تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆمۈر بۆيى ئازاپلانغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭدەك ئاز - تولا ئېچىنىش ئىچىدە بولۇپ باقتىممۇ؟ مەندە كېسەلگە داۋا بېرىپدورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئويلىشىپ قويىدىغان دوختۇردەك مەسئۇلىيەت بولدىمۇ؟ باشقىلاردا بولدىمۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز، ئەدەبىياتىمىز بولارنى ئويلاشتىمۇ؟

       مەن ئۇنى كىچىكىدىنلا بىلەتتىم. كىتاپخانا، كۇتۇپخانا دېگەنلەردە بىز خەق ئانچە بولۇپ كەتمەيدىغان 80- يىللاردا ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن بۇ ئىنىمنىڭ ئاشۇ يەرلەردە نېمىلەرنىدۇر كۆرۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمدىن سۈيۈنۈپ كېتەتتىم. مەن ئالىي مەكتەپكە چىققىچە ئۇ ئاشۇنداق قەدىمى قىزغىنلىق ۋە غايە بىلەن بەكمۇ ئەتراپلىق ۋە كەڭ - كۇشادە بىلىم ئالدى. مەن دائىم ئونىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگۈدەك يۈزىدە،نۇرلۇق يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئاجايىپ ئۇلۇغۋار بىر روھنىڭ بالقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم. بولۇپمۇ ئونىڭ پەزىلىتىدىكى بوۋاقتەك ساپ ۋە تەبىئىي خىسلەتلەر، ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك يۇمران ۋە يىراق -يىراقلاردىن كۆڭۈلگە ئۇرۇلۇپ تۇرغان تاتلىقلىق، يېقىنلىق تۇيغۇسى ماڭا ئۆزگىچە تەسىر قىلىپ تۇراتتى. بىراق، ئۇ چوڭ بولغانسېرى، بولۇپمۇ ،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ، يۇقىرى يىللىققا قاراپ ماڭغانسېرى ئۇنىڭ يۈزىگە بىرخىل مۇجمەل ئۆكۈنۈش كەيپىياتى تېپىپ چىقىۋاتاتتى. مەن ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ كەلگەن يىلى بۇ خىل ئەھۋال خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ئىدى. مىڭ ئەپسۇس، شۇ چاغدا ئونىڭ بىلەن ئازادە پىكىرلىشىش نېسىپ بولمىدى. بونىڭغا ئاپامنىڭ قىرىق يىللىق خىزمەتچىلىك ھاياتىدا تاۋلاپ چىققان بالدۇرراق خىزمەتكە چىقىشى كېرەك، كېيىن نېمە بولۇپ كېتىدۇ، دەيدىغان پۇرسەتپەرەس، ئاسان يەپ، ئاسان تىرىلىشنى ئويلايدىغان زەئىپ دۇنيا قارىشى، يەنىلا خىزمەتچى قىلىشتەك ئۇلۇغۋارتەدبىرىنىڭ بېسىمى قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇ مەجبۇرىي ھالدا تېخنىكۇملارغا ئىمتىھان بەردى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. ھازىر كاللامدا ئونىڭ مەنىسىز مەكتەپ ھاياتى، ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلىرى، غايىسىز، ئىنسانى سەزگۈسى مەجرۇھ ساۋاقداشلىرى توغرىسىدىكى گەپلىرى، ھەتتا تاماق يېگۈسىمۇ يوق بولۇپ كەتكەنلىكى،ئۈچىنچى يىلى ئۇنداق مەكتەپتە ئۇقۇمايمەن، ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بېرىمەن، چەت ئەللەردە ئوقۇيمەن دەپ تەتىل توشسىمۇ چىقماي تۇرۇۋالغانلىقى، مېنىڭ ھەزىلەكلەرچە ئونىڭغا سالا قىلغانلىقىم تۇرۇپتۇ . پاك قەلىب ۋە ساغلام ئىنسانى سەزگۈلەر ئارىسىدا چىقىرىلغان يەكۈنلەر بىلەن رېئاللىق توقۇنۇشقان چاغدا ئۆزۈمنىڭ ھەقنىڭ ئۈستىدە تۇرالمىغانلىقىم ئۇنىڭغا كامالەتنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چۈشەندۈرمىگەنلىكىم تۇرۇپتۇ.
        شۇ چاغدا ئۇ قانچىلىك ئازابلانغان بولغىيتتى؟ ھەسسىنە! نېمىشقا ئۇمۇ ئۆزىدىكى ئازابنى ئەركەكتەك ئاشكارىلىمىغان بولغىيتتى؟!مۇشۇنداق چاغلاردا قايسىدۇر بىر ۋاقىتتا مال ئالغىلى چىقىۋېتىپ ئۈرۈمچىلىك بىر شوپۇردىن ئاڭلىغان بىر ۋەقەلىك يادىمغا كېلىپ قالدى. ئونىڭ ناھايىتىمۇ ئىخلاسمەن بىر تۇققىنى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنى پۈتۈن قارى قىلىش ئۈچۈن بەك كۈچىگەنىكەن. بالا قۇرئاننى يادلاپ 7 -8 پارىنى تۈگەتكىنىدە 17-18 ياشلارغا كىرىپ قالغاچقا ، ئاتىسىغا بىرتەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقوش تەلىۋىنى قۇيۇپتۇ. بىراق، ئاتىسى ئونىڭ ئۆيدىن چىقماي قىرائەت ئۆگىنىشىدە چىڭ تۇرۇپتۇ ۋە بۇ زىدىيەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندىن كېيىن، ئاتا بولغۇچى ئۆيىنىڭ تۆرگە يوغان تۈمۈر قۇزۇقتىن بىرنى قېقىپ، ئونىڭ يېنىغا نەچچە قات كۆرپە سېلىپ، بالىسىنىڭ پۇتىنى قۇزۇققا زەنجىر بىلەن چېتىپتۇ ۋە پەقەت تەرەتكە چىقىدىغان چاغدىلا بالىنىڭ پۇتىنى بوشتىدىغان، بولمىسا ئۈچ ۋاقلىق تامىقىنى شۇ جايدا يەپ قالغان ۋاقىتتا قارىلىقىنى ئۆگىنىدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بالا ئاشۇ ھالەتتە بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇرسەت تېپىپ ئىچكىرسىگە قېچىپ كېتىپتۇ. گۇاڭجۇدا ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئىشلار بولىدىغان بىر بىنا بولىدىغان، ئۇ شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ نارسىدە بىر بالىنىڭ نۇمۇسىغا تېگىۋاتقان بىر قېرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قاپتۇ. يىگىتلىك غۇرۇرىغا ئىگە ئۇ بالا شۇ مەيداندىلا ئۇ قېرىغا پىچاق سېلىپ، گۇاڭجۇدىن قېچىپ كېتىپتۇ. شوپۇر ماڭا ھېلىقى بالىنىڭ ئاجايىپ پاكىزە، قائىدىلىك، كېلىشكەن، قىرائىتىنىڭ ئاجايىپ مۇڭى بارلىقىنى بىردەم ماختاپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇنى ئاكىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاقسۇغا ئاپىرىپ قويغانلىقىنى دەپ جىمىپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن شوپۇر گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلدى:
       ـ يەنە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مەن ئونى ئۈرۈمچىگە ئالغاچ چىقتىم، بۇ قېتىم ئۇ ئەمەسلا ئادەم بولۇپ قاپتۇ، چىرايىدا قان دىدارى يوق. ئىشقىلىپ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئازراقمۇ قالماپتۇ. ئۈرۈمچىگە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنمۇ، يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم، ئۆلگىچىلىك ئۇ: مېنى دادام مۇشۇنداق قىلىپ قويدى، دەپ يۈرگەنمىش. شوپۇر كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ بېرىپ گېپىنى مۇشۇنداق خۇلاسىلىدى. 
        ئەدەبىي تەپسىلاتلار قۇشۇلمىغان رېئال بۇ ۋەقەلىكتىكى يۈكسەك مەنا ئىزدەۋاتقان، بىكارچىلىق ۋە پۇچەكلىكتىن يۇلقۇنۇۋاتقان بۇ ۋۇجۇد تەبىئىلا يۈرىكىمنىڭ قېتىدا ئۇنتۇلماس داغ بۇلۇپ قالغان ئىنىمنى ئەسلەتتى. ناۋادا ئىنىم ئۆزىدىكى ئازاپنى ئەركەكتەك ئىپادىلگەن بولسا، ئۇمۇ مۇشۇنداق بولار بولغىيتتىمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ چاغدا ئولۇغۋار غايە بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى سۇلغۇن چىرايى،مەدەنىيەتلىكئۈرۈمچىلكلەرنىڭئىچ پۇشۇشۇقىنى چىقىرىپ، قىزغىنراق ياشاش ئۈچۈن، قاتار چاي، ئاياللار ئولتۇرۇشى،رېستۇران ساراڭلىقى دېگەندەك تۈرلۈك-تۈرلۈك ساپاسىز قىلىقلارنى تېپىپ تۇرۇۋاتقىنى، ھەتتا بىرقىسىم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ يۇندىغا چۈشۈپ كەتكەن روھى پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. بىزدە زادى قانچىلىك ئادەم ئۈزىنى ئەركەكتەك ئاشكارىلاپ ساغلام تۇرۇۋاتىدۇ؟! بۇنىڭدىكى سەۋەپ زادى نەدە؟!
        1997-يىلى چاقىلىقنىڭ ۋاششەدىكى قالاقلىق،نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشلىرىدىن ئانچە-مۇنچە ئەركەكلىكنى بولسىمۇ ئۇچرىتالماي، كۆڭلۈم ھېرىپ، چەرچەندىكى بىر مېھمانخانىدا ياتسام، ئۈستىگە رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن جۇڭسەنپۇ، بېشىغا خوتەن تۇمۇقى، پۇتىغا ماكچىيىپ ھالى قالمىغان ئۆتۈك كىيىپ، سۈپەتسىز ماللىقى كۆرۈنۈپلا تۇرغان بىر سومكىنى قولتىقىغا قىستۇرۇۋالغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىرئادەم ياتاققا كىرىپ كەلدى. ئونىڭ بىچارە، نىمجانلىقىغا قاراپ كېلىڭمۇ دىيەلمىدىم . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ يەنىلا بىرئاق كۈڭۈل دېھقان ئىدى. ياتار چاغدا ئاغزىم قىچىشىپ بۇ نىمجان ئاكىمىزنى پاراڭغا سالدىم، بۇ كىشى نىيىدىن ئىكەن. ئونىڭ 14 ياشلىق بىر قىزى بولۇپ، ئۇ قېچىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنى ئىزدەپ چىقىپتىمىش. قىزىنى نىيىدىكى بىر تاكسى شوپۇرى چەرچەندىكى بىر خوجايىنغا ئەكىلىپ بەرگەنمىش. ئۇ شوپۇر نىيىدە ھازىر بار ئىمىش. ئونىڭغا خوجايىننىڭ ئورنىنى دەپ بەرمىگەنمىش. بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتكەچكىمىكىن، ئۇ كۈنى ئۈجۇر-بۇجۇرىنى سورىمايلا ھە - ھە دەپلا ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىسى بۇ بىچارە چەرچەن بازىرىدا تولا ئۇچراشتى. ئۇ بازاردا ئۇيەر -بۇيەرگە قاراپ يۈرەتتى . ھەر قېتىم ئۇ ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمسىز ۋە نىمجان ئىشلىرىغا كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدىن غەزەپ قاينايتتى. ئاخشىمى ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇئاچچىقىمنى بېسىپ بۇلالماي،ئۇنىڭدىن:
       ـ  ئاكا سىلىمۇ بىر ئەر بولغاندىن كېيىن ئاشۇ شوپۇرنىڭ گېلىدىن سىقىپ، ماڭا ھەزىلەك! قىزىمنى نەگە ئاپىرىپ بەرگەن بولساڭ مېنى شۇ يەرگە ئاپار دەپ ئاشۇ شوپۇرنى مەشەگە ئەكەلسىلە بولمامدۇ؟ دېدىم. ئونىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى،«پەقەت ئۇنۇمايدىكەن ئەينا»دەپلا گەپنى تۈگەتتى. ئونىڭدىكى بىچارىلىك تېخىمۇ يوغىناپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. چىڭخاڭداۋدىكى ھېلىقى ئاتىنى، ئۆز غايىسى ئۈچۈن ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن باتۇرخانغا، بۇرنىنى، قۇلىقىنى كېسىپ تاجاۋۇزچىلار ئالدىغا بارغان شىراققا سېلىشتۇرۇپ پەيدا بولغان نومۇس تۇيغۇسى قايتا باش كۆتۈردى. نېمىشقىكىن كۆز ئالدىمدىكى ماۋۇ ئادەم مۇنداق قىزنى قىزىم بار دېگەندىن، ئاشۇنداق قىزى بار دېگەن ئاتاققا قالغۇچە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەي، بۇنداق جاننىڭ نېمە كېرىكى؟! دەپ بولسىمۇ قويمايدىغاندۇر؟ دېگەن سوئال قايتىدىن يۈرىكىمنى قىسىشقا باشلىدى.
        توۋا دەيمەن، بىزدىكى كۈچ نەگە كەتتى! كاللامدا بىر نىدا ياڭرىماقتا ئىدى. بىر كۈنى سىتۇدېنت بىر قىز مۇنداق بىر ۋەقەنى ھەيرانلىق ئىچىدە دەپ بەردى. ئۇلارنىڭ مەكتىۋىدە بىرمۇنچە ياپونىيىلىكلەر بىلىم ئاشۇرىدىكەن. ئۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئۆتۈشىدىكەن. بىر كۈنى ئىككى دوست سودىلىق قىلماقچى بولۇپ،بازارغا چىقىپ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چۈشۈپتۇ. ياپونىيىلىك ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى قىز ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپتۇ. بىر بېكەتكە كەلگەندە ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايال ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ تۇرۇشىغىلا ئاپتۇۋۇزنىڭ قوزغىلىشىدىن سەنتۈرۈلۈپ، يەرگە يىقىلىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ياپونىيىلىك ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يىقىلغۇچى ئايالنى دەرھال تۇتۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ئۈلگۈرەلمەپتۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر ھېلىقى قىزىمىزغا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا كۈلۈپ، ئۆزىنى باسالماي قاپتۇ. قىزنىڭ دېيىشىچە ،ياپونىيىلىك ئەكسىچە تاتىرىپ ناھايىتى جىمىپ كەتكەن ئىمىش ۋە ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەندىن كېيىن قىزدىن: سەن نېمىشقا كۈلىسەن؟ مەن تۇتۇۋالغان بولسام ئۇ يىقىلمايتتى، سەن باشقىلار ئازابلانسا،كۈلۈشكە قانداق پېتىندىڭ دەپ بىر كۈن گەپ قىلماپتۇ. بۇ ھېكايە مېنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويدى.ئۆز -ئۈزۈمگە خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن مىڭ يىل پەرۋىش قىلىنغان ئىنسانى سېزىملەرگە جىن تەگدىمۇ نېمە؟ نىجاسەت يوسۇن -قائىدە، ئىدىيىلەردىن ئۆتۈپ خاھىشلارغا كەتتىمۇ نېمە؟ دەپ سوئال قويدۇم. بۇ تەبىئىي ھالدىلا ئالىي مەكتەپتە بولغان مۇنداق ۋەقەلىكنى ئەسلەتتى. ئالىي مەكتەپنىڭ2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان پەزىلەتلىك بىر يىگىت ساۋاقداشلىرىدىن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە مۇۋاپىق پۈرسەتتە بۇ قىزغا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپتۇ.لېكىن قىز ئۇنى قۇبۇل قىلماپتۇ. بونىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمىگەن يىگىت قىزچاق مېنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى تۇلۇق ھېس قىلمىدى، ئونىڭغا قەلبىمنى تۇلۇق ئىزھار قىلاي دېگەن خىيال بىلەن يېرىم يىلدەك كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، ئۇنى بۇ قىزغا بېرىپتۇ. بىراق، بۇ قىز يىگىتنىڭ خىيالىدەك بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى، ياتاقتا كۈندىلىك خاتىرە ئېكۇسكۇرسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. توۋا دەيمەن ،بەلكىم ئۇنى خالىيراق جايغا ئېلىپ چىقىپ گۈلدۈر - قاراسلا بېسىپ، ئۇ يەر-بۇيىرىنى غىدىقلاپ قويغان بولسا، بۇ خاتىرە يازغاندىن تەسىرلىكرەك بۇلار بولغىيتتى. ئالدىمىزنى ئويلىساق قىيا بېقىشتىلا ئاياللىق گۈزەللىكى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىزلىرىمىز قوللىرىنى تۇتساقمۇ، بىريەرلىرىنى ھەرقانچە ئېچۋالسىمۇ بەدەننى«چوغ» قىلالمايدىغان بولۇپ كەتتى.
        بىز زادى نەگە قاراپ ماڭدۇق؟ ئادەم ھايۋانلىق ۋە پەرىشتىلىك سۈپەتكە ئىگە، ئۇ ھايۋانلىققا ماڭغانسېرى دوزاققا يېقىنلىشىدۇ. پەرشتىلىك سۈپەتتە بولغانسېرى جەننەتكە كىرىدۇ دەپ تەربىيىلەنگەن مىڭ يىللىق تەربىيىنىڭ گۈلىستانىغا قانداق قىلىپ ئۈشۈك تەگدى؟ شەرىئەت بويىچە ئىش قىلىش دېگەن نامدا قانۇن ئېڭىنى ھەربىر تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغىچە سىڭدۈرگەن مىللەت،ھەقىقىي مەنىدىكى قانۇن ئېڭىدىكى جەمئىيەت نېمىشقا ھۆسنىنى يوقاتتى؟ بار نەرسىنى يوقىتىپ قۇيۇپ، دۆلەتنى قانۇن-تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت تۈپكى سىياسەت، ئەزەلدىن ھەقىقىي مەنىدىكى قانۇن-تۈزۈم ھاياتىنى كۆرۈپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ مىللى ئېڭىغا ئايلانغاندا، ئاندىن توۋا، بىزدە بۇرۇندىنلا مۇشۇنداق مەدەنىيەت بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەپ ئۆزىمىزنى ماختاشقا بىر نېمە تاپىمىزمۇ؟! بۇ توغرا مەنتىقىمۇ؟ يەنە ئويلىغاندا،بىزنىڭ ھازىرغىچە تەرەققىياتىمىز مۇشۇ مەنتىقىدىن باشقىچە بولدىمۇ؟ ئوبدان قاراپ باقايلى، ھېچقانچە ئەنئەنىسى بولمىغان ئۈرۈمچىنىڭ يا ئەرگە، يا ئايالغا ئوخشىمايدىغان قىزلىرىدىن شىرىننىڭ پەرھاتنى سۆيدۈرگەن جىلۋىسىنى كۆرەلدۇقمۇ؟ ئاتالمىش مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆسكەن، يۈزگە ئاپتاپ چۈشمەيدىغان ئۈرۈمچىلىك يىگىتلەردىن سادىر پالۋاننىڭ جاسارىتىنى تاپالىدۇقمۇ؟ بۇ يېڭى ماكاننىڭ مەھسۇللىرى بىزگە پەقەت شەخسىيەتچىلىكنىڭ تار قەپىزىگە سولانغان شوخلۇق ۋە دام-دامچى نوچىلىقتىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئەكىلىپ بەرمىدىغۇ؟
        1998-يىلى لەنجۇدا بىر قارى بىلەن بىر ياتاقتا ياتتىم. مەن ھەركۈنى رادىئونى ئېچىپ خەۋەر ئاڭلايتتىم ياكى ماتېرىيال كۆرەتتىم. ئۇ بولسا، قۇرئاننى ئاۋازىنىڭ بارىچە ئوقۇيتتى. بىر كۈنى بولماي:
       -قارىم، ھەرقانچە بولسىمۇ ئىچىڭلاردا ئوقۇڭلار، دېدىم. ئۇ قوپۇپ:
       ـ ئىنساننىڭ سۆزىنى ئاڭلايمىزمۇ؟ ئاللانىڭ گېپىنى ئاڭلايمىزمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. ئېنىقكى، بۇ بىر گەپتانلىق ئىدى. مەن ناھايىتى كەسكىن قىلىپ:
       ـ خەۋەر ئاڭلايمىز، ئۇنداق مەزمۇنى يەتمىگەن، مەنپەئەتسىز ئوقۇشۇڭلارنىڭ پوققا پايدىسى يوق، دېدىم.
        ئۇ ھۈپپىدە قىزىرىپ بىرنېمە دېگۈسى باردەك قىلىپ توختاپ قالدى. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ئۆزىنىڭ پاك روھىنى يوقىتىپ، شەكىلنى تۇتۇپ قالغان، ئۆزى ھەممىنى بىلىپ ئۆزى سۇغا سىيىدىغان موللىلار خەلقىمىزنى ئۇزۇن مەزگىل زۇلمەتتە قويدى. شەكلىي بىلىمنىلا بىلىم ھېسابلاپ يۈرگەن خەلقمۇ ئاشۇنداق ئادەملەرنى ئۆلىما چاغلىۋېلىپ ئۆزىگە-ئۆزى قىلدى. مۇشۇنداق بىر سۈپەتسىز يەردىن چىققان كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېنىكلىكى ۋە يېنىكلىك بىلەن ئىلغار بولۇپ قالغانلىقى بىلەن زاماننىڭ تۆرىگە چىقىپ، زېمىنگە سۇ ئېلىپ كېلىمەن دەپ تاشقىن ئېلىپ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ تاشقىن نۇرغۇن ئېچىرقاپ كەتكەن يەرلەرنى سۇغاردى. نۇرغۇن چىرايلىق ئۆيلەرنى ئۆرىدى. ئۇنىڭ ئېچىرقىغان يەرلەرگە بارغىنى ياخشىلىق، چىرايلىق ئۆيلەرنى ئۆرىگىنى يامانلىق بولدى. مانا مۇشۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى زىددىييەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تېپىشىشى جەمىئىيىتىمىزدە روھنىڭ ئاپەتگاھى بولۇپ كەلدى.
        تۈرلۈك -تۈرلۈك كەسىپلەردىن دوكتۇرلار، دوكتۇر ئاشتىلار چىقتى. ئەمما بىزدە ناھايىتى قەدىمدىلا شەرھى، ھەدىس، كالامىيەت، شەرىئەتتىن ئىبارەت تۆت ئىلىمدە توشۇپ، زاھىرى ۋە باتىنى بىلىملەرنى ئىگىلىگەن، شەيخۇل ئىسلام، قازى كالان، ئەلەم، داموللا دېگەندەك ئۇنۋانلار بار ئىدى. ھازىرغىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئېنگلىز تىلى دۇنيا تىلى بولۇپ قالغاندىن كېيىن مۇشۇ تىلدا ئاتالغان ئۇنۋانلار سەۋىيىلىكمۇ ياكى بۇرۇنقى ئۇنۋانلار سەۋىيىلىكمۇ، بۇنىڭغا ئۆزىمىز بىرنەرسە دەپ باقمىدۇق. پەقەت خەقلەر نېمىنى تالاشسا بىزمۇ شۇنى تالىشىپ كېتىپ بارىمىز.
        نەچچە يۈز خىل گېزىت-ژۇرناللىرىمىز بۇلۇڭ - پۇشقاقلارغىچە باردى. بىراق، تۇرمۇشىمىزدا زور تەسىرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا پىتنە- پاسات بىلەن توشىدىغان بولۇپ كەتكەن ساپاسىز مەسچىتلىرىمىزنىڭ پىتنە - پاساتلىرى دەۋرنىڭ جاراڭلىق گەپلىرىگە ئالماشمايلا خۇددى سوغۇقتا ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىشلەمچىلەردەك جىقراق ئادەم كىرسە بىردەم جانلىنىپ كېتىپ بولمىسا، شۈمشىيىپ بۇلۇڭلاردا قالدى. ئېگىز - ئېگىز بىنالار ھەممە يەردە قەد كۆتۈردى. كەڭ - كەڭ ئاسفالىت يوللار ياسالدى. يوللاردا ماشىنىلار مۇكىدەك پەيدا بولدى، تېلۋىزور ھەممە ئائىلىگە ئۇمۇملاشتى. لېكىن خەلق يىراق تۇققانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ ھەيران قالغىنىدا، تېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرەلەيدىغانلىغىنى چۈشەنمىگىنىدە،« مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ياسىغاندىكىن ھۇكۇمەت قالتىسكەن جۇمۇ »دەپ بىلىم خۇلاسىلەيدىغان سەۋىيىدە تۇرىۋەردى. بىز مانا مۇشۇنداق زېمىندە تۇغۇلدۇق ۋە ئۆسۈۋاتىمىز. ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىسى ھەربىر شەخسنىڭ ئالدىدىكى مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى ئەلۋەتتە.

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.