مۇھەررىرنىڭ رولى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-13 15:52:18

مۇھەررىرلىك ئۇنۋېرسال بىلىم، يوقىرى كەسپىي ئىقتىدار، ئۆتكۈر زېھىن، جاپالىق ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان نازۇك خىزمەت. مۇھەررىرلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن يازغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئىپادىلىنى شەكلى ئوخشىمايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسى يازغۇچى يازغان ئەسەر نەشر قىلىپ تا

     

    مۇھەررىرنىڭ رولى

    دىلنۇر ئەمەت
     
    مۇھەررىرلىك ئۇنۋېرسال بىلىم، يوقىرى كەسپىي ئىقتىدار، ئۆتكۈر زېھىن، جاپالىق ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان نازۇك خىزمەت.
    مۇھەررىرلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن يازغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئىپادىلىنى شەكلى ئوخشىمايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسى يازغۇچى يازغان ئەسەر نەشر قىلىپ تارقىتىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈ كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، ئوقۇرمەنلەر مۇھەررىرنىڭ ئەمگىكىنى ئاسان پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا مۇھەررىرلەرنىڭ رولىنى ھەمىشە تولۇق تونۇپ يەتمەيدۇ. يەنى، كىتاپقا مەسئول مۇھەررىرلەرنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئەسەرنىڭ تەھرىرلىك ھالقىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما مۇھەرىرىلەرنىڭ شۇ كىتابقا سەرپ ئەتكەن ئەمگىكىنىڭ سالمىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.
    ئەمەلىيەتتە تەھرىرىلىك ئەمگىكى بىلەن ئەسەر يېزىش ئەمگىكى ئوخشاشلا قىممەتلىك. ھەر قانداق ئەسەرنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مۇھەرىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. بەزىلەر «تەھرىر» دېگەن ئۇقۇمنى ئىككى خىل چۈشىنىدۇ. بىرى، بەزى تەھرىرلەر ئاپتور بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم ئەسەر يازىدۇ، ھەم تەھرىر بولۇش سۈپىتى بىلەن تەھرىرلەيدۇ، بۇلار يازغۇچىلارغا تەۋە بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ يەنە بىرى، كەسپىي تەھرىرنى كۆرسىتىدۇ، بۇلار كىتابلارنىڭ پىلان، لايىھەلىرىنى تۈزەيدۇ، تاللايدۇ، پەرقلەندۈرىدۇ، ئىش قوشۇپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ خىزمەت تەھرىرلىك ئەمگىكىگە تەۋە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
    بەزى كىشىلەرنىڭ يازغۇچىلار بىلەن مۇھەرىرلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەمىشە مۇھەرىرلەرنىڭ مېھنىتىنى، سەۋىيەسىنى يازغۇچىلارنىڭكىدىن تۆۋەن مۆلچەرلەيدۇ. بۇنداق قاراش ئاساسەن توغرا بولمىغان قاراشتۇر.
    بىر ئەسەرنىڭ مەزمونىدىن شەكلىگىچە، يېزىقىدىن پەش-چېكىتلىرىگىچە چاتاق چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ؛ مۇئەييەن بىر نەشر بۇيۇمى ئۈستىدە پىلان تۈزگەندە، تېما تاللاپ بېكىتكەندە، ئارگىنالىنى تەكشۈرۈپ ئوقۇغاندا، يېزىققا ئىش قوشقاندا، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە...مۇھەررىر كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ھەرقانداق كاتتا ئەسەرمۇ مۇھەررىرنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. مۇھەررىر پەرقلەندۈرۈش، رەتلەش، ئىش قوشۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئەسەرنى مۇكەممەلەشتۈرىدۇ. تەھرىرلىك خىزمىتى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا باشتىن-ئاخىر ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. تەھرىرلىك ئەمگىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
    تەھرىرلىك ئەمگىكىنىڭ خاراكتېرىنى ئۇنى ئەمگەك ئوبيېكتى، ئەمگەك شەكلى، ئەمگەك جەريانى ئارقىلىق تونۇشقا بولىدۇ. مۇھەرىر ئاپتورنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆزىنى ئەمگەك ئوبيېكتى قىلىدۇ.
    تەھرىرىلىك ئەمگىكى پۈتكۈل نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنىڭ جەريانىغا سىڭدۈرۈۋېتىلىدۇ. شۇڭا مۇھەررىر تەھرىرىلىكنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا زور زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىدۇ، جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرىدۇ. مۇھەرىر تېما تاللاشتىن ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈش قىزىقىشى بىلەن ئېھتىياجىنى ئىگىلەيدۇ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇچۇر توپلايدۇ. ئەسەرنىڭ ئىدىيەۋى خاھىشى، ئىلمىيلىكى ۋە بەدئىيلىكىگە باھا بېرىش جەھەتتە ئوخشاشلا تەھرىر ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇنداق تەھرىرىلىك ئەمگىكى ئىجادىيلىقنى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلىدۇ.
    ئارگىنالنى رەتلەش، ئىش قوشۇش باسقۇچىغا كىرگەندە مۇھەررىر ئەسلىي ئارگىنالنى تەكشۈرىدۇ، ئەدەبىي جەھەتتىن سىلىقلايدۇ، بۇ خىل خىزمەتلەر تامامەن بىۋاستە ئىجاد قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى ئارگىنالنى رەتلەش، ئۇنىڭغا ئىش قوشۇشتىكى مەقسەت ئاپتورنى ئەمگىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەشر قىلش سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش، نەشر قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇھەررىر ئەسەرگە ئىش قوشقاندا بەزىدە ئازراقلا ئەدەبىي جەھەتتىن سىلىقلاپ قويسا بولىدىغان ئەسەرگە دۈچ كېلىدۇ. بەزىدە قاتتىق تەھرىرلىك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان ئەسەرلەرگە دۈچ كېلىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەرنى جاپالىق تەھرىرلەشكە، ھەتتا بەزى جايلارنى ئىجادىي تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
    تەھرىرلىك ئەمگىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا مەنىۋىي مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.
    تەھرىرلىك خىزمىتى پۈتكۈل نەشرىيات خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىيۋىلىقى، ئىدىيەۋىلىكى، ئىلمىيلىقى، كەسىپچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا مۇھەررىرلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بولىدۇ.
    بىرىنچى، ئالماشتۇرۇش، ئاقارتىش، بىلىم توپلاش رولى. مۇھەررىر ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەرىيەلەرنى يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىم بۇلىقىنى ئاچىدۇ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئىدىيە، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈرلۈك يېڭى كىتابلارنى نەشرگە ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئىنسانلارنى بىلىم بايلىقلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئىككىنچى، ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى. جەمئىيەت ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇش مۇھەررىرلەرنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. ھەمىشە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قورۇلمىسى ھەرخىل بولىدۇ، ئۇلارنى مەدەنىيەت سەۋىيەسى، تۇرمۇش ئادىتى، ئوقۇش قىزغىنلىقى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا مۇھەررىردە سەگەك مېڭە، ئالدىن كۆرەرلىك ئاڭ، ئىلمىي ۋە كەسپىي ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
    ئۈچىنچى، مۇھەررىرلەرنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى. مۇھەررىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېما تاللايدۇ. بۇ جەھەتتە مۇھەررىر ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنى باغلايدىغان رىشتىگە ئوخشايدۇ.
    تۆتىنچى، ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولى. مۇھەررىر يازغۇچىنى ئەمگەك مېۋىسىنى خىزمەت ئوبيېكتى قىلىدۇ، ئۇ ھەم كىتاب ئارگىنالىنىڭ تۈنجى ئوقۇرمىنى بولىدۇ، شۇڭا تاللاش، پەرقلەندۈرۈش، ئۆتكەلنى مەھكەم ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. نەشرىياتقا ئوقۇرمەنلەرگە يۈكسە دەرىجىدە مەسئۇل بولىدۇ. كىتاب ئارگىنالنى تىل، لوگىكا، ئىستىلىستىكا جەھەتتىن تەكشۈرۈپلا قالماي يەنە مەزمۇن جەھەتتىنمۇ تەكشۈرىدۇ.
    بەشىنچى، كىشىلەرنى تەربىيەلەش رولى. مۇھەررىر تۈركۈم-تۈركۈم ئاپتورلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئەسەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تەسىر پەيدا قىلىدۇ. پۈتۈن مىللەتنى توغرا يېتەكلەيدۇ.
    (ئاپتور شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت فوتو سۈرەت نەشرىياتىدا)
    مەنبە: «تارىم ژۇرنىلى» 2013-يىللىق 8-سان
                                
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.