نىيە قەدىمىي شەھىرى قانداق يوقالغان

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-30 12:42:47

ئەنگلىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى ستەيىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى تەكلىماكان قۇملۇقى ياقىسىغا جايلاشقان نىيە ناھىيەسىدە بىر قەدىمقىي شەھەرنى بايقىغان. بۇ خارابىلىكنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىكەن.

     
    نىيە قەدىمىي شەھىرى قانداق يوقالغان
     
      ئەنگلىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى ستەيىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى تەكلىماكان قۇملۇقى ياقىسىغا جايلاشقان نىيە ناھىيەسىدە بىر قەدىمقىي شەھەرنى بايقىغان. بۇ خارابىلىكنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىكەن. نۇرغۇن سېپىل، ئۆي، كوچا، بۇددا مۇنارىلىرىنىڭ ئىزنالىرى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ھەيۋەت ۋە سەنتەنەت جەھەتتە قەدىمكى رىمدىكى پومپېي شەھرىدىن قېلىشمايىتتى. بۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك يادىكارلىقلار ئىچىدە غەلىتە بەلگىلەر يېزىلغان تارشلار بايقالغان.  نىيەدىكى بۇ بايقاش بىر كېچىدىلا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. ئەجىبا ئۇ غەلىتە بەلگىلەر يېزىقمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ قەدىمى شەھەر قانداق يوقالغان؟
      مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق تارشتىكى ئەگرى-بۈگرى سىزىق، تىنىش بەلگىسى يوق، خەت ئارىسىدا بوشلۇق قويۇلمايدىغان بۇ يېزىقنى قارۇشتى يېزىقى دەپ ئىسپاتلىدى. بۇ يېزىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ھىندىستان ئاشوكا خانلىقى مەزگىلىدە قوللىنىلغان.  مىلادىيە 2-ئەسىردىن 4-ئەسىرگىچە شىنجاڭنىڭ كىرورەن، ئۇدۇن ئەتراپىدىكى جايلارغا تارقالغان. بۇ يېزىقنىڭ يوقالغىنىغا ھازىرغىچە 1600 يىلدىن ئاشقان .
      تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، تارشقا يېزىلغان مەزمۇننىڭ كۆپىنچىسى ھەرخىل يارلىق ئىكەن، مەسىلەن، «مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋىپى بار . . .  قانچىلىك ئەسكەر قېلىشىدىن قەتئىينەزەرجەڭگە ئاتلىنىمىز . . .  » ،  «مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرگە ئېرىشتۇق» ، «مەلۇم دۆلەتنىڭ تەھدىت سېلىشى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ ، بىز شەھەردىكى ئاۋامنى تەكشۈرىشىمىز كېرەك» ، «مەلۇم دۆلەت بۇ يەردىن ئاتلارنى بۇلاپ كەتتى» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىكەن. يوقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئەينى چاغدىكى نىيە قەدىمى شەھىرىنىڭ مەلۇم دۆلەتنىڭ تەھدىدىگە ئۇچىرىغانلىقى، ئۇ دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكى، نىيەلىكلەرنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، پەقەت ئۆلۈمنى ساقلىماقتىن باشقا ئامالنىڭ يوقلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا نىيە قەدىمىي شەھىرى مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۇجۇمى بىلەن يوقالغانمۇ ؟ 
      مىلادىيەدىن بۇرۇن غەربىي يۇرتتا نۇرغۇن ئۇششاق بەگلىكلەر ھۆكۈم سۈرگەن. نىيە قەدىمىي شەھىرى زادى قايسى بەگلىككە تەۋە؟ بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، سالنامىلەردە خاتىرىلەنگەن غەربىي يۇرتتىكى نىيە بەگلىكى قاراقۇرۇم تېغى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى نىيە خارابىسىغا يېقىنلىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىيە بەگلىكىمۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە يوقالغان بولۇپ، نىيە قەدىمى شەھىرىنىڭ يوقالغان ۋاقتى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. شۇ چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بولۇۋاتقان قالايمىقانچىلىقنىڭ تەسىرىدە غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەر ئارىسىدىمۇ چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يۇتۇش ئۇرۇشى باشلانغان. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، نىيە قەدىمىي شەھىرىنىڭ يوقىلىشىنى نىيەلىكلەر ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خارابىلىكتىن تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا، ئەينى يىللىرى بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، تەبىئىي شارائىت بىلەن ئىنسانلار مەدەنىيىتى نىيە مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئورتاق ياراتقان، لېكىن نىيەلىكلەر توختىماستىن تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، بولۇپمۇ 1700 يىل بۇرۇن نوپۇس كۆپىيىپ، دەل-دەرەخلەر كۆپلەپ كېسىلىپ، سۇ مەنبەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، گۈل-گىياھلار قۇرۇپ كەتكەن.  نەتىجىدە تەكلىماكان قۇملۇقى بارا-بارا نىيە قەدىمىي شەھىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان .


    مەنبە : «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» (ئىزدىنىش-بايقاش ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان. ئاسىيە سەمەت تەرجىمىسى)
    توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.