قانداق قىلىش كېرەك؟(3)

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 13:32:00

قانداق قىلىش كېرەك؟(3) داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق راست بىزگە قەدىمكى ھەرەمخانىلاردىكى جوڭگۇنىڭ خان سارىيىدىكى ئاختا ئاقسالارغا ئوخشاش قايسىدۇر مەنپەئەت ۋە گال ئۈچۈن ئۇيەر بۇ يېرىن...

     قانداق قىلىش كېرەك؟
    (3)
    داۋۇت ئوبۇلقاسىم

     

        ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق


     راست بىزگە قەدىمكى ھەرەمخانىلاردىكى جوڭگۇنىڭ خان سارىيىدىكى ئاختا ئاقسالارغا ئوخشاش قايسىدۇر مەنپەئەت ۋە گال ئۈچۈن ئۇيەر بۇ يېرىنى كېسىپ بوغۇپ ئۆزىنى خىزمەتكە لايىقلاشتۇرغان ئاختا مەجروھلار ئەمەس بەلكى ئىنسانى خىسلەت ئىنسانى ھېسىيات ئىنسانى قۇۋۋەتلىرى كەم-كۇتىسىز ھەقىقىي ئادەملەر كېرەك.
      لېكىن گەپنى مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا مال چىقسا ئالىدىغان مال چىقمىسا كېتىدىغان تورى كەڭ سودىگەردەك يۈرسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە چوقۇم كېسەلگە شىپالىق بېرىدىغان دورا ئىزدىگەندەك پوزىتسىيە بىلەن مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ كويىدا بولۇشىمىز لازىم.

    بۇرۇن جەنۇبنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان قايناق بازارلىرىدا كېتىۋېتىپ ئالدىدا تۆت تال تۇخۇم ياكى بىر نەچچە جىڭ مىغىز ۋەياكى بىر سىۋەت ئانار دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ ئولتۇرغان مەسۇم بالىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلاردىن: سىلەر ئوقۇمامسىلەر؟ دەپ سوراپ بولسىمۇ قوياتتىم. قەشقەرنىڭ كاسىپخانىلىرىدا شوخلۇقلىرىنى يوقاتقان ھالدا تۇرغان بالىلارغا ئاپتۇۋۇزلارغا چاي ئالامسىز نان ئالامسىز؟ دەپ تىنىمسىز چىقىپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە قانچە قېتىملاپ ئۆكىنىش ئىچىدە نەزەر سالغىنىمنى بىلمەيمەن.
     ئوقۇغۇچىلىرىمغا باشقىلاردەك ياخشى ئوقۇمىساڭ مۇشۇ سەھرادىن بىر چامداممۇ چامدىيالماي توپىغا مىلىنىپ ھاشارغا ئىشلەيمەن قىغ توشۇيمەن پادا باقىمەن دەپ يۈرۈيسەن دېگەندەك ساپاسىز گەپلەردە تەربىيە بەرمىگەن بىلەن ھەر ھالدا ھەقىقىي بىلىم ئېلىشنىڭ مەنىۋى سۈپەت ھايات دەرىجىللىرى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەلگەنلىكىم ھېلىمۇ يادىمدا.

      بىراق كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كاللامدا تۇخۇم سېتىۋاتقان مەسۇمغا قايناق بازار نېمىشقا مەكتەپ ئەمەس؟ ئۇ تۇخۇم سېتىشنى مەكتەپكە دەرسكە كىرگەندەك ھېس قىلىپ ئۆگەنسە جانغا ئەسقاتقىدەك بىلىم چىقمايمۇ قالارمۇ؟ بۇ بىلىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىدا دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ توم -توم، راست بىزگە قەدىمكى ھەرەمخانىلاردىكى جوڭگۇنىڭ خان سارىيىدىكى ئاختا ئاقسالارغا ئوخشاش قايسىدۇر مەنپەئەت ۋە گال ئۈچۈن ئۇ يەر بۇ يېرىنى كېسىپ بوغۇپ ئۆزىنى خىزمەتكە لايىقلاشتۇرغان ئاختا مەجروھلار ئەمەس بەلكى ئىنسانى خىسلەت ئىنسانى ھېسىيات ئىنسانى قۇۋۋەتلىرى كەم-كۇتىسىز ھەقىقىي ئادەملەر كېرەك. لېكىن گەپنى مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا مال چىقسا ئالىدىغان مال چىقمىسا كېتىدىغان تورى كەڭ سودىگەردەك يۈرسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە چوقۇم كېسەلگە شىپالىق بېرىدىغان دورا ئىزدىگەندەك پوزىتسىيە بىلەن مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ كويىدا بولۇشىمىز لازىم.

     بۇرۇن جەنۇبنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان قايناق بازارلىرىدا كېتىۋېتىپ ئالدىدا تۆت تال تۇخۇم ياكى بىر نەچچە جىڭ مىغىز ۋە ياكى بىر سىۋەت ئانار دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ ئولتۇرغان مەسۇم بالىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلاردىن: سىلەر ئوقۇمامسىلەر؟ دەپ سوراپ بولسىمۇ قوياتتىم. قەشقەرنىڭ كاسىپخانىلىرىدا شوخلۇقلىرىنى يوقاتقان ھالدا تۇرغان بالىلارغا ئاپتۇۋۇزلارغا چاي ئالامسىز نان ئالامسىز؟ دەپ تىنىمسىز چىقىپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە قانچە قېتىملاپ ئۆكىنىش ئىچىدە نەزەر سالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئوقۇغۇچىلىرىمغا باشقىلاردەك ياخشى ئوقۇمىساڭ مۇشۇ سەھرادىن بىر چامداممۇ چامدىيالماي توپىغا مىلىنىپ ھاشارغا ئىشلەيمەن قىغ توشۇيمەن پادا باقىمەن دەپ يۈرۈيسەن دېگەندەك ساپاسىز گەپلەردە تەربىيە بەرمىگەن بىلەن ھەر ھالدا ھەقىقىي بىلىم ئېلىشنىڭ مەنىۋى سۈپەت ھايات دەرىجىللىرى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەلگەنلىكىم ھېلىمۇ يادىمدا. 

      بىراق كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كاللامدا تۇخۇم سېتىۋاتقان مەسۇمغا قايناق بازار نېمىشقا مەكتەپ ئەمەس؟ ئۇ تۇخۇم سېتىشنى مەكتەپكە دەرسكە كىرگەندەك ھېس قىلىپ ئۆگەنسە جانغا ئەسقاتقىدەك بىلىم چىقمايمۇ قالارمۇ؟ بۇ بىلىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىدا دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ توم -توم، سېتۋاتقاندىمۇ مەكتەپكە كىرگەندەك ھېس قىلدۇرىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بىزدە بارمۇ؟! كاسىپخانلاردىكى شاگىرتلارغا مەن كۆرگەن ئاشۇ پەيت نېمىشقا دەرسخانا ئەمەس؟ مەن كۆزدە تۇتۇۋاتقان مەكتەپلەردىكى ئاشۇ دەرسخانىلار بىزگە قانچىلىك بىر نېمە ئېلىپ كەلدى؟ ئاشۇ دەرسخانىلار بىلەن بىزدىكى مەزلۇملۇق،  نامراتلىق،  مەنىسىزلىك ھەقىقەتەن يوقۇلارمۇ؟ كادىر ئەمەسلەرنىڭ ئاشۇ بالا تەربىيىلەش يوللىرىدا زادى ھەقىقەت يوقمۇ؟ تېگى - تېگىدىن شەھەرنىڭ، ئاۋات يۇرتنىڭ، تۈگمىنىدە تارتىلىپ كەلگەن ئاشۇ ئاتا-، ئانىلار ئۇلار بۇرنىنىڭ ئۇچۇنىلا ئويلاپ،  بالىلىرىغا شۇنچىۋالا كۆيۈنمەسمۇ؟ لېكىن ھەرقانداق بىر يۇرتنىڭ تۈرلۈك تىجارەتلىرىنى چۆگىلىتىۋاتقانلار ئىچىدە، ئۇقۇغانلاردىن قانچىلىكى بار؟ خىزمەتكە بۆلمەيدىكەن، ئىشتىن قىسقارتىدىكەن،  دىگەن گەپلەردىن ئاخىرقى زامان بولغاندەك ئۈركۈيدىغان سىتودىنتلار ئىچىدە ھېچكىم خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرمىسىمۇ ئۆزلىرى، خىزمەت تېپىپ تۇرمۇش يۇلى ئاچقان ساۋاتسىز لاردەك ئادەمدىن قانچىلىكى بار؟! ئەنە، دالا تۈرۈكلىرى بولغان قىرغىز،  قازاق قېرىنداشلىرىمىز بالىلىرىنى ئۇقۇتۇشتىن باشقا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق بۇلۇپ كېتىۋاتقىنى تەكشۈرۈپ باقتۇقمۇ؟ دەيدىغان سوئاللار پەيدا بولدى.

      جاۋاپلىرىم جايىدا چىقمىغانسېرى يۈرىكىم ئېچشىپ كەتتى. گىتارىمنى قۇچاقلاپ ئويغا كەتكەن چاغلىرىمدا ھەپتىدە 21 سائەت پالانى دەرسنى بېرىسەن، كۈندە سەككىز سائەت يوقلىمىدىن ئۆتىسەن، مۇنداق قىلساڭ ئوقوتۇش ئۈنۈملۈك بۇلىدۇ، مۇنداق قىلساڭ دەرس ياخشى ئۆتۈلگەن بولىدۇ، دەيدىغان بىر كىشلىك ئالچۇقتا ئوقوتۇشقا شۇنچە كۈچەپ، مائارىپتىن ئۇتتۇرۇۋەتمەيلى، دەپ شۇنچە ۋارقىراپ بۇ تاغلىق كەنتتىن ئۈچ بالىنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزسەم يەنە بىر يەردىن چوقۇم ئۈچ بالا ئۈتەلمەي قالىدۇ. بۇنىغۇ مەيلى دەيلى، ئەمما جەمئىيەتنىڭ بۇلۇشى مۇشۇ بولسا، مېنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا مەن سىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە ئىلەشتۈرۈپ مۇئاشلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ھەقىقىي ئادەم بولۇشىڭلار ئۈچۈن ئوقۇتىمەن، دېگەنلىرىم كۆپۈك بولۇپ قالماسمۇ؟ دەپ تولا-تولا ئويلاپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداق چاغلاردا بىرسىنىڭ: بىز بىرنەچچە گۇرۇپپا، بەزىلىرىمىز كۆچەت تىكىش ئۈچۈن ئورەك كولايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز بۇ ئورەكنى تىندۇرىمىز. ئاندىن كۆچەت كېلىدۇ، ئاخىرقى بۆلۈكىمىز ئۇ كۆچەتلەرنى ھېلى تىندۇرۇلغان يەرگە سانجىپ قويىمىز، شۇنداق قىلىپ كۆچەت تىكىش ئەمگىكىمۇ تاماملىنىدۇ.ەممىمىز ئىشسىز قالمايمىز، دېگەن گېپى يادىمغا يېتىدۇ، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كۈلۈپ كېتىمەن. شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن بەك چوڭ بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىقمۇ ئۆزىچە خىرەلىشىپ كەتتى. گويا ئۈنۈمسىز ئىش ئۈچۈن بىكاردىن - بىكار ھاياجانلىنىپ يۈرگەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
     دېسەم- دېمىسەم مۇشۇنداقراق تۇيغۇ بۈگۈنكى كۈندە تېنىدە جان، دىلىدا روھ بار ھەرقانداق ئىنساندا بار. لېكىن، بۇنىڭغا ئەلەكمۇللا دېيىش كېرەكمۇ؟ ياكى ھېچ بولمىغاندا پەرزەنتلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ياشىشى كېرەكمۇ؟ دېگەندەك ئويلار بىلەن نەزەر دائىرەمگە جاھان ئەمەلىيەتلىرى تىزىلغاندا ئوخشاش جاي، ئوخشاش تۈزۈم، ئوخشاش ئورۇندا تۇرىۋاتقان لامزەللە كىشىلەر بىلەن ئېسىل ئادەملەر ئوخشاش بىر سىياسەتنىڭ يۇقىرىدىكى ئىجراسى بىلەن تۆۋەندىكى ئىجراسى ئوخشاش بىر ئىشنىڭ نامەرت، بولۇمسىز ئادەملەر بىلەن ئىرادىلىك ئادەملەر پەيدا قىلغان ئىنكاسى دەرھاللا سېلىشتۇرما بولۇپ كاللامغا كېلىدۇ. ئادلىرنىڭ: مۇھىت ئادەمنى يارتمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مۇھىتقا بەرگەن شەرھسى ئادەمنى يارىتىدۇ دېگەن ھۆكۈمىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولىمەن. بۇ تەبىئىيكى نەزىرىمنى ئىنساننىڭ ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇلۇغلۇققا دىققەت قىلغان چاغدا باشقىلارنىڭ ئۇنى ئۇلۇغ دەۋالغىنىغا ئەمەس، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغ بولۇپ قالغىنىغا دىققەت قىلىمەن. چۈنكى، بۇيەردە كاتتا ھەقىقەت بار.

     ھەممە ئادەم ئۆزىگە چۇشلۇق ياشايدۇ. ئىستەك قانچىلىك چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەپمۇ تەڭ ئەجىردە بولىدۇ. يەنى20 يىل مۇدىرغا ئىشلەپ ئۆتسەڭمۇ ۋە 20 يىل ئەل- ۋەتەنگە ئىشلەپ ئۆتسەڭمۇ قىلغان ئىشلىرىڭنى، ماڭغان يوللىرىڭنى، ئۇپراتقان ئېغىزىڭنى ھېسابلاپ كۆرسە يەنىلا ئوخشاش چىقىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ئەمىر تۆمۈر، تۇغلۇق تۆمۈر، پېتر، ناپالېئون، لېنىن، سۇنجۇڭسەننىڭ ئەجرى بىلەن ئۆمۈر بويى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتكەن سەتىراچ ياكى موردۇز، مايلامچى ياكى مەدىكارنىڭ ئەجرى ئوخشاش چىقىدۇ يۇ، لېكىن بۇ شەخسلەر ھەرگىز يۇقىرىدىكى ئادەملەر قاتارىدا تۇرالمايدۇ. يەنى كىچىك بىر يېزا بازىرىدا توخۇمچىلىق قىلىدىغان بىر سودىگەر شەھەر ۋە دۆلەت ئاتلاپ سودا قىلىدىغان تىجارەتچى بىلەن ئوخشاش ئەجىر قىلىدۇ.ەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئىشلەيدۇ يۇ، ئىككىسىنىڭ كىرىمى ھەرگىز تەڭ بولمايدۇ. دېمەك،  ئۇلۇغلۇقنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى،  ئەجىر قىلغانلىقىدا ئەمەس،  بەلكى ئۇنىڭ ھالقىلىق يەرگە تېگەلىگەن - تېگەلمىگەنلىكىدە.
    پىترنىڭ ئۇلۇغلۇقى مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ، ئاچقۇچى ئاقارتىش ئېلىپ بېرىپ قاتماللىقتىن بۆسۈپ چىقىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شۇيولدا كۆرەش قىلغانلىقىدا.

     سۇن جۇڭسەننىڭ ئۇلۇغلۇقى مىللىي مائارىپنى، سانائەتنى گۈللەندۈرەيلى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارايلى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىل ئۆگىنەيلى، خەقلەر پالانى يەردە، بىز پۇستانە يەردە، بىزدىنمۇ دۇنياۋى ئەسەرلەر چىقسۇن دەپ ئولتۇرماي مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خەنزۇلارنى قانداق قىلسام قولۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن، دەيدىغان تۈپكى خاھىشتا بولىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ، مىللىي مەنپەئەتنى تۈپ ئاساس قىلغان ھاكىمىيەتنى تىكلەپ چىققانلىقىدا. شۇڭا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پىترنى 70 يىل بۇرژۇئا ئىنقىلابچىسى دەپ چۆكۈرۈپ باققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخىي ئورنىدا قىلچىلىك ئۆزگىرىش بولمىدى. 22 يىللىق كۈرەش جۇڭگودا سۇن جۇڭسەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭسەن نامى بىلەن ئاتالغان كوچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋەردى. جياڭ جېيىشى سىياسىيغا قورالنى ئارىلاشتۇرغاندا، مەسىلىنىڭ نېگىزى جياڭ جېيشىنى كۆرەڭلەتكەن ئاشۇ نەرسىگە ئىگە بولۇشتا دەپ شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەشكەنلىكى ئۈچۈن كېيىن ماۋزېدۇڭمۇ ئۇلۇغلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. دېمەك، بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاددىي ۋە قىسقا بولسىمۇ ماھىيەتلىك مەسىلىنى تونۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىنسانلار ئۈچۈن ئاشۇنچىلىك مۇھىم. ئۇنداقتا ئۇلار ئاشۇنداق ماھىيەتلىك مەسىلىنى تۇنۇشتا قانداق قىلىپ دەۋرنىڭ بۈيۈكلىرى بولالىدى؟ ئۇلارنىڭ شانلىق ھاياتىدىكى ئەنگۈشتەر زادى نەدە؟باشتا مۇشۇنداق ئىچكى سېغىنىش بىلەن نۇقۇل شوخ ياكى قىزغىن، نۇقۇل ئاشىق ياكى ئاشقۇن ئىنسانلارغا ئۆزۈمنى يېقىن تۇتۇپ كەلدىم. ئەمما ئۇلارنىڭ شەيئىلەرگە ئاۋۋال ئۆزنى ئۆچلۈك ياكى ئامراقلىقنىڭ قەھرىگە ئەپچىقىۋېلىپ قىلىدىغان مۇئامىلىرى،  ئوقتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇش، تۈگمىدەك ئىشقىمۇ، تۆگىدەك ئىشقىمۇ ئوخشاش، بىر ھېسسىياتتا بولۇش، ماختاپ ئۇچۇرۇش، سەتلەپ ئولتۇرۇشتەك ئەمەلىيەتلىرى دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بىلەن ھېسىياتنىڭ ماس بولۇشىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ،  مەڭگۈ ئەمىنسىز ئالىجۇقا بولۇپ ئۆتۈشلىرى ئالەمچە رومانتىكا بىلەن ئۆرە قىلىنغان قانداقتۇ بىر ئەقىلىيەلىرى، گەپتانلىقى ۋە ئىمتىيازلىرىنى ئىنقىلابى تۈستە لەپىلدىتىپ،  مەن دېگەن مۇنداق ئادەم...، مۇھەببەت دېگەن مۇنداق بولىدۇ، ئۇ ئىش دېگەن مۇنداق بولىدۇ ، ۋاھاكازا دەپ باشقىلارنى چۈشىنىشنى، ئىشنىڭ يولىنى، ئىنتىزامنى ئويلىشىشنى ئىزدىمەيدىغان جاھىل گەدەنكەشلىكى، سىياسەتۋازلىقى، قاتمال ۋە تومپايلىقى، بىردىن خاپا بولسا مىڭنى يوق قىلىدىغان كالامپايلىقى، گۇيا تاماقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېتىش ئۈچۈن، ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ماختىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاش ئېتىدىغان خۇتۇنلاردەك، قىلغان ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىدە ئاشۇ ئىشنىڭ ئۆزىدىكى قىممەت ئەمەس، بەلكى جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا ياتىدىغان قىسمىتى ئىزچىل ھالدا ماڭا بىر سوئال بولۇپ كەلدى. ماھىيەتتە ئىشنىڭ رەتلىك، ئېتىدالىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى، يۈرۈشلۈك ھالدا شەيئىلەرنىڭ جايى-جايىغا سەرەمجانلىشىشى گۈزەللىك سالاھىيىتىدە ئۇلاردا ئىلھام ۋە لەززەت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھالدا بەكرەك ئۆزىگە قىلىنغان ئېتىبارغا تىكىلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈ ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىچىدە ئەمەس، بەلكى دۇنيا بىلەن روبرو قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
         ئويلا، -، ئويلا ئاخىر شەيتان يادىمغا كەپتۇ. توغرا ئاللانىڭ شەيتاننى ئەبەدىي ھالدا دوزاخقا بۇيرۇپ يەنە ئۇنىڭ ئاجايىپ جەسۇرلۇق، مەردانلىق بىلەن ‹ئىي ئاللا! ئادەمنى بەك ئەزىزلاپ كەتتىڭ. ماڭا پۇرسەت بەرگىن. سېنىڭ ئەزىزلىغان نەرسەڭنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن› دېگەنچىلىك قىلغان ئىلتىماسىغا بوپتۇ دېيىشى مۇكاپاتمىدۇ، جازامىدۇ؟ مەلۇم بىر شەھەردە مېنىڭ يېقىن بىر بۇرادىرىم بار ئىدى. ئۇ مەردانە بولۇپ، ئۆزى سۆيۈنگەن ۋە توغرا دەپ ھېسابلىغان ئىشلارغا خالىس يېقىنچىلىق قىلاتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئىستىخىيىسىز ھالدا ھېچقاچان ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ساپ بىر گۈزەللىكنى چىقىش قىلاتتى. ئائىلىسىنىڭ، جەمەتىنىڭ ئېسىللىكى، بۇ خۇينى ئۇنىڭ قېنىغا سىڭدۈرۋەتكەن ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق بىر گۈزەللىكتىن باشقىغا مۇرەسسە قىلمايتتى. مەردانىلىك بىلەن يۈزلىنەتتى. ئەمما بۇ خىل ھالەت ھاياجانلانغاندا ئۇنى ھەم ئاشقۇنلۇقتىن بەك بېرى قىلىپ كەتمەيتتى ھەم جىق سورۇن كۆرگەن بولغاچقا ئاشقۇنلۇققا پاتقۇزىۋەتمەيتتى. بەلكىم ئۇنىڭغا كۆپ نەرسىلەر كۆڭۈلدىكىدەك تۇيۇلمىدى.ەممىدىن رايى قايتتى.ەتتا بۇنىڭلىق بىلەن خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈشتىن، ساندا بار ساناقتا يوق ئادەم بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ كەتمىدى. ۋاقىت مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ ئۇ ھېچبىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمىدى. بۇ ئىنسانىي ئاجىزلىقلار بىلەن بىللە كۆزگە تاشلىنىشقا باشلىدى. ئاخىرى بارا- بارا ئۇ لايغەزەلگە ئوخشاپ قالدى.ازىر ئاڭلىسام ئۇ خىزمەتچى ئايالىغا تاماق ئېتىپ بېرىپ، كىر-قېتىنى يۇيۇپ بېرىپ يۈرۈپتىمىش. يەنە بىر ئاغىينىمىز تېگىدىن شەخسىيەتچى ئىدى. ئۆز مەنپەئىتى ۋە ئابرويىغا تاقىلىشىدىغان ئىشلارغا ئۇ مۇرەسسە قىلماي تۇرالمايتتى. ئۇنىڭدا تېگىدىن كەمسىنىش تۇيغۇسى بار بولۇپ، باشقىلارنىڭ نەزىرىگە چۈشۈش -چۈشمەسلىك ھاياتىدىكى ناھايىتى نازۇك ۋە مۇھىم ئىش ئىدى. دەرۋەقە ئۇنىڭغىمۇ كۆپ نەرسىلەر كۆڭۈلدىكىدەك تۇيۇلمىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭغا مۇرەسسە قىلدى. مۇرەسسەلىك مۇناسىۋەتتە ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ مۇرەسسەنى داۋاملىق ئۆگەندى. ئۆزىدىن ناملىقراق، زەردارراق ئادەملەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ مۇشۇنداق يېپىشقاق ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ خىل يېپىشقاقلىق ئۆز ئېتىقادىغا مۇخالىپ بولسىمۇ مەيلى ئىدى. ئۇ ھەرقانداق سورۇندا شۇ سورۇنغا لايىق ئۇستىخانسىز گەپلەرنى قىلالايتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇغداينىڭ باھانىسىدە قارمۇق سۇ ئىچتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بارغانسېرى نوپۇزغا ئىگە بولدى. بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقان ئادەم بولۇپ قالدى. مەن ئالدىدىكى ئالىيجاناپلىقنى، مەردانىلىقنى قەدىرلەيتتىم. كېيىنكى مۆتىۋەرنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلغۇم كەلمەيتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ تەقدىرى نېمىشقا مۇنداق مۇناسىپسىز بولىدۇ؟ بۇ تارىخلاردىن بۇيان قەلەمكەشلەر زارلاپ كېلىۋاتقان ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم يوق دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىمۇ ياكى بۇنىڭدا بىر ھېكمەت بارمۇ؟مەن شۇنداق بىر قىزنى ئۇچراتقان ئىدىم. ئۇ ئۆيىدىن يىراقراق يەردە ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيتتى. خىزمەت ئورنىدا ئاشخانا بولمىغاچقا تاماقنىمۇ ئۆزى ئېتەتتى. ئەمما ئوتتۇزغا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ قىز تاماق دېگەندە پەقەتلا يوق ئىدى.


     بىر كۈنى تاسادىپى توغرا، كېلىپ ئۇنىڭ توخۇ پۇتىدەك چوڭلۇقتا سوزۇلغان لەغمىنىگە ئېغىز تېگىپ قالدىم. يېمەي دېسەم تېخى، يەي دېسەم تېخى ئاخىر كۆزۈمنى يۇمۇپلا يەۋەتتىم. يەۋەتتىميۇ كاللامغا سوئال كىرىپ قالدى. ئۇ مۇشۇ ياشقىچە ئۆي ئىشىغا شۇنچىۋالامۇ كۆڭۈل قويماسمۇ؟ شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. بىلدىمكى، ئۇ يوقلىما يوق بولسا چۈشكىچە ئۇخلايدىغان، بىرەرسىنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرمىسە ئورۇن - كۆرپىلىرىنىمۇ يىغمايدىغان قىز ئىدى. ئۇنىڭ رەتلىكلىكى، كىيىنىشى، ياسىنىشى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن ئۈركىگەنلىكىدىن ئىدى. بىرسى تاماققا كىرىدىغان بولۇپ قالمىسا ئۆزى ئاشۇنداق قورساققا كىرسىلا بولىدىغان نەرسىنى ئېتىپ يەۋالسىلا بولاتتى. سىرتقى ئولتۇرۇش، بايرام دېگەنلەرگە ناھايىتى سەگەك ھەم ئاكتىپ ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتى. تىرماقچىلىك ئىشلار بىلەن قىزلىق ھېسسىياتىنى ئازراق ئويغۇتۇپ قويساڭ سەن ئۈچۈن بىر كۈن، بىر كۈن ئولتۇرالايتتى. خېلى -خېلى ئىشلارنى قىلىپ بېرەتتى. چىڭغا چىقىپ كەتسە ھەتتا قەدىناس دوستى بىلەنمۇ دەرھال يىرىكلىشەلەيتتى.
       كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سۆيگىنى بىلەن توي قىلالماي باشقا بىرسىگە تەگكەن يەنە بىر تۇنۇشۇم بىلەن بىر يەردە بولۇپ قالدۇق. ئۇلار تويدىن، بۇرۇن تۇنۇشمايتتى. مانا ھازىر مۇناسىۋەتلىرى شۇنداق ياخشى ئىدى. مېنىڭ تۇنۇشۇم شۇنچىلىك تەمكىن ۋە بەھۇزۇر ئىدىكى، ئۇنىڭ شۇنداق ئالدىراش كۈنلەردىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيىنىڭ تېخى، توپا قونمىغان ئەينەكلىرىنى تېز، تېزلا سۈرتۈپ تۇرۇشى قاق سەھەردە تۇرۇپ كاردۇرلارنى پاكىزە سۈپۈرۈپ، رىشاتكىلارنى سۈرتىشى، بالكۇندىكى يېشىللىقلارنى پەرۋىش قىلىشى، ئۆينىڭ شۇنداق ئۇستۇلۇق ۋە مۇھاببەت بىلەن سەرەمجانلاش تۇرۇلىشى، ئاددى ۋە لەۋەن ياسىنىشى يەنىلا مەكتەپتىكى ئاشۇ تىرىشچان، لىرىك قىزنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئاشۇ گۈزەل بالكۇنىغا يىراقتىن قاراپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىككى قىز ئارىسىدىكى پەرقنىڭ تۈپ سەۋەبى زادى نېمە؟ دەپ سورۇدۇم. كېيىنكى قىزنىڭ رەتلىك كىيىم، كېچەكلىرى، نازۇك قەدەملىرى، سىپتا ھەرىكەتلىرى، يارىشىملىق جىلۋىسى، ئەمگەكچانلىقى، قاتلاملىرى روشەن ئىچكى دۇنياسى، پىكىرلىرى، سۆزىنىڭ ۋەزىنلىك ۋە مەزمۇنلىقلىقى، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى دەپتەر - كىتاپلىرىنىڭ پاكىزلىقى، رەتلىكلىكى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئىچىمدە شۇنداق خۇلاسىلىدىم: كېيىنكى قىزنىڭ قەلبىگە جاھان ئۆز پېتى ئىنكاس بولغان. ئۇنىڭ سەزگۈلىرى ساغلام بولۇپ، جاھان ئوڭتەي توڭتەي بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ گۈزەللىكنىڭ ھامىنى گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى، قانۇنىيەتنىڭ ھامىنى قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىپ ئۇنى ئۆز مۇقامىدا قەلبىگە جايلاشتۇرغان. بېشىغا تاغدەك كۈلپەت كەلگەن بولسىمۇ، ئىللىق كۈلكىسىنى، لىرىك مىجەزىنى ساقلىغان. پاكىزلىققا، رەتلىككە بۇرۇنقىدەكلا ئاشىق تۇرغان، پەزىلىتىنى يوقاتمىغان. بۇلارنى كەيپىياتقا تۇتۇپ بېرىپ، خۇشى تۇتۇپ كەتسە ھەممىگە ھىجىيىپ، كۆڭلى يېرىم بولسا ھەممىنى تاشلاپ نەچچە كۈنلەپ ئاچ قېلىپ يۈرمىگەن. بۇلىشىغا ياشاپ تۇرمىغان. بىر كۈنىمەن ئۇنى چېكىپ باقتىم.
     كۆڭلۈمدە غەربنىڭ مائارىپ ئەندىزىسىدە 15 يىل تەربىيە كۆرگەن بۇ قىز بۇرۇچتىن بەكرەك كۆڭلىگە كەلگەننى قىلىشنى ئادەم ھەممىدىن ئۇلۇق دەپ كېلىپ تەشەببۇس قىلىدىغان، نىكاھنى ئەمەس(قەسەمنى ئەمەس) ئاتالمىش رومانتىك مۇھەببەتنى ئائىلىنىڭ خۇداسى قىلىدىغان غەربلەشكەنلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ <قىزىل ۋە قارا> دىكى خانىمنىڭ يولىنى مېڭىپمۇ قالارمۇ ۋە ياكى <ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن> دىكى سىكارلىتتەك مۇرادىغا يېتەلمىگەندىكىن نىكاھ ۋەدىسىمۇ، جورىسىنىڭ مەنپەئىتىمۇ ئانچىكىم ئىش بولۇپ قالارمۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.
     كۆز ئالدىمدىن مەن بىلىدىغان بۇ قىزنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ پەزىلىتى، جەمەتىنىڭ شانلىق شەجەرىسى، ئائىلىدىكى مەنىۋىي ۋە ماددىي ئۇيۇملۇق، رەتلىكلىك، پاكىزلىق بىر -بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ پەزىلەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى، دېشۋارچىلىقلىرىنى، قەتئىي مەيدانلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۈم. بۇ تەبىئىيلا، ھاياتىنى، قىزىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا تىپىرلايدىغان ئادەملەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. بىر چاغلاردا خىزمەتچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بىر قىزنىڭ مەسلىكى كەلگەن ھالدا چەت ئەلدىكى مەلۇم ببر مەشھۇر ئادەمنىڭ قىزلارنى چاپان ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى تەپ - تارتماي دېگەنلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ گەپنىڭ ئۇنىڭ قىزلىق غۇرۇرىنى قوزغىتىپ بولسىمۇ، ئۇنى بۇ مەشھۇر شەخس توغرىسىدا ئويلاندۇرمىغىنىنىڭ، ئۇنىڭ غەرب كىنولىرىدىكى ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى يېڭىلىق ھېسابىدا پوزىتسىيە جەھەتتىن قوبۇل كۆرىدىغانلىىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى سەل-پەل ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم.
     ئىچكى دۇنيادىكى ناھايىتى نازۇك بىر ئالەمنىڭ جۇلاسى گۇيا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلاردەك كۆزۈمگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. توغرا، يىغىپ ئېيتقاندا بۇ قىز ئۆزىنىڭ مەنىۋى ۋەتىنىنى تېپىپ بولغان ئىدى.ېلىقى شەخسىيەتچى ئاغىينىمىز چۈپرەندىرەك بولسىمۇ مۇشۇنداق ۋەتىنىڭ بولغانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەردىن سانىلاتتى. ئالىيجاناپ ئاغىينىمىز بولسا پەزىلەتلىك بولسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆزىگە خىسلەتلىك بىر، ئۆي جابدۇۋالالمىغان ئىدى. مەيلى شەخس ئۈچۈن ئېيتايلى ياكى بنر مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېيتايلى پەقەت كۆڭلى ئوبدان بولۇشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. شۇڭا ھازىرقى زاماننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ‹ مەن ھەممىدىن نوچىسى› دەپ ئۇچۇق ئاشكارە جاكارلاش كۆرەڭلىك قىلغانلىقتەك تۇرسىمۇ يەنىلا مۇشۇنداق ئۆي جابدۇشقا، تىكلەنگەن بىر تۇغ بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ بۇ سۈپەتتىن چىقىپ جەسۇرلۇق ۋە مەردانىلىكنىڭ قەھرىمانى ھېسابىدا شەيتاننىڭ سۈرىتىنى تۆرگە ئاسقانلىق بولۇپ قېلىشتىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن. بەلكىم زامانىمىز كىشىلىرى شەيتان ۋە خۇدالىق داۋاسىدىكى دارانىڭ ھېكايىسىنى ئوبدانراق ئاڭلاپ قويۇشى كېرەكتۇ.مەن ناھايىتى ئېسىل ئائىلىدە ئۆسكەن بىر كىشىنى تونۇيمەن. ئۇنىڭ ئاتىسى تامچى بولۇپ، ئۆمۈر بويى ھالال يەپ، ھالال ياشاشقا ئېگىلمەي، سۇنماي تىرىشقان ئادەم ئىدى. ئۆزىنىڭ مېھماندوستلىقى، تۇرپانلىققا خاس كەسكىنلىكى، مەردۇ -مەردانىلىكى ئۇچراشقانلىكى كىشىگە مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئائىلىنىڭ بېزىلىشىدىن تارتىپ ئەر - ئايال، ئاتا بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە قىلىق ئەندىزىلىرىگىچە ھەممىسىدە قويۇق ئەنئەنە ساقلانغانىدى.
        مەن شۇنداق بىر پۇرسەتلەردە بۇ مۆھتەرەم زاتنىڭ ھۇزۇرىدا مېھمان بولۇپ، ئۇنىڭ 1970- يىللاردىكى، ئاشۇ قاتتىق كۈنلەردە بالىلىرىنى ئاساسەن ئوقۇتماي، ئوغۇللارنى موللىدا ساۋاتلىق قىلغانلىقىنى، قىزلارنى يېنىدا تەربىيىلىگەنلىكىنى، ئۆز بالىلىرىدىن كۈتكەن تاتلىق ئارزۇلىرىنى، يېمەي ئىچمەي، يىغقان كىتابلىرىنىڭ گەپلىرىنى، ھالال تەرلىرى بىلەن قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ بەزى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىنى،  ئۆزىنىڭ گۇچۇلداپ ئەرلىك پۇراپ تۇرغان دۇنيا قاراشلىرىنى ئاڭلىغانىدىم.
        كېيىنكى كۈنلەردە بۇ كىشىنىڭ بىر نەچچە ئوغلى بىلەن ئىش ئوقەتتە بىر بولۇپ قالدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، قولى ئوچۇق، پۇل مالنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان ئېسىل بالىلار ئىدى. ئەمما ھېچقايسىسى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى. مەن كونكىرت تىجارەتلەردە بىرگە بولغان چاغلىرىمىزدا ئۇلارنى خېلى بەك كۆزىتىپ باقتىم. ئۇلارنىڭ قولى بىر ئىشقا تەگكەنلا بولسا ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى قىلاتتى. ئەمما دائىم بۇنىڭ ئىزچىللىقىكەم بولۇپ قالاتتى. كىشىلەرنىڭ ماختاشلىرى ۋە مۆرىسىنى شاپىلاقلاپ قويغىنىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قايىللىق تۆكۈلۈپ تۇرغان نەزەرلىرىنىڭمۇ پەيزىنى خېلى بىر ھازا سۈرۈپ كېتەتتى. ماھىيەتتىن دېگەندە ھېچكىمنى ياراتمايتتى. شۇنىڭلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ نوقۇل سودا پائالىيەتلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئىلغا قىلىپ كېتەلمەيتتى. جەمئىيەت ۋە كىشىلەرگە بەرگەن باھالىرى تاققا-تۇققا ئىدى. ئەمما، ئېسىل كىشىلەرگە يەنىلا تەبىئىتىدىنلا تەۋاززۇ بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. باھا ئۆسكەندە ئاسانلا ھاياجانلىنىپ، باھا چۈشكەندە ئاسانلا چۈشكۈنلىشىپ كېتەتتى. باھا تالىشالمايتتى. ئويلىغان پىلانلىرى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدىيۇ، ئۇنى ئۆز مۇقامىدا ئىجرا قىلالمايتتى. قىرائىتى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. تۇرۇپ تۇرۇپ قىرائەت قىلىپ كېتەتتى ۋە ياكى قۇرئاننى ئېلىپ نېمىلەرنىدۇر ئوقۇيتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن ئايەتكە ئەگەشكەن ھېس ئىزنالىرىنى پەقەتلا كۆرمەيتتىم. تىجارەت جەريانىدا بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ئوقۇيتتى، لېكىن تۇرمۇشنىڭ نازۇك قىسىقچىلىقلىرىدا باردەك ئىدى. ئائىلىدىكى كۆزۈتۈشۈمدىن قارىغاندا، ئۇ ئۆيدە ۋاقتىنى ئاساسەن ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۆيگە كەلسە نامازمۇ ئۇنتۇلۇدىغاندەك بولۇپ، ئۆينىڭ بېزىلىشى ۋە قىلىق ئەندىزىلىرىمۇ مۆھتەرەم دادىسىغا قارىغاندا ھازىرقى زامان تەرزىدە ئىدى.
        ھازىرلاردىن قارىسام، 50كە يېقىنلاشقانسېرى ھەتتا ئۇلارنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئاشۇ يۇقۇندى پەزىلەتلىرىمۇ بارغانسېرى سۇنۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇرىدۇ، بۇ نېمە بولغىنى؟ خاراكتېر جەھەتتىكى بۇ خىل سويمۇلۇقنىڭ تۈپكى سەۋەبى زادى نەدە؟ نېمىشقا شۇنداق ياخشى ئاتا، ياخشى مۇھىت، ياخشى تەبىئەت، ساغلام سېزىم بار يەردە ئۆزلۈك پۈتۈن ۋە شىر چىقماي، ئەكسىچە چەڭ باسمىغان ھالدا پارچە - پارچە ئەرۋاھ بولۇپ ئاپىرىدە بولىدۇ؟ ئالاھىزەل تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمغۇ دەيمەن، بىز ئائىلىمىز بىلەن تاغىمىزنىڭ قورۇسىدا تۇراتتۇق. قورۇدا يوغان بىر ئۈجمە بار بولۇپ، ياز ئاخشاملىرى ئۈجمە ئاستىدىكى سۇپا پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەركىن-ئازادە پاراڭ قىلىدىغان خانىسى بولۇپ قالاتتى. بولۇپمۇ تەتىل ۋاقلىرى ھويلا ئالاھىدە ئاۋات بولۇپ كېتەتتى. تاغىمىز بەش ۋاخ نامازنى تاشلىمايدىغان ئوچۇق-يورۇق ئادەم ئىدى. ياتلىق بولغان بەش ئاچىمىز يىغىلغان بىر كۈنى ئاشۇ سۇپىدا پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ باشقىلار ۋە كۈيئوغۇللارنىڭ خىزمەتتىكى ياخشى ئىپادىلىرى توغرىسىدا، گەپ بولۇپ، تەبىئىيلا كۈيئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ پارتىيىلىك ئىكەنلىكى، كەلگۈسىدە چوقۇم ئىستىقبال تاپىدىغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە بولدى. بۇ چاغدا تاغىمىز نامازدىن قايتىپ ئەمدىلا سۇپىغا كېلىپ ئولتۇرغانتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا سەپراسى ئۆرلىدى-دە:
         -ھىم پارتىيە ئەزاسىمىش، پارتىيە ئەزاسى دېگەن ئاللا يوق دەپ قەسەم بېرىدۇ،  دەپ قاتتىق ئاچچىقلاپ كەتتى. لېكىن، قىزلار پەقەت يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپلا قويۇشتى ۋە ئۆز ساددىلىقىغا بېقىپ:- پارتىيە ئەزاسى بولساڭ ئۆسىدىغان گەپ تۇرسا،  دەپ چۈشەنچە بەردى.


     ئۇلارنىڭ روھىي-ھالەتلىرى نېمىشقىدۇر كۆز ئالدىمدىمدىن ھازىرغىچە كەتمىدى. تاغامنىڭ تەرسالىقى، نەۋرە ئاچىلىرىمنىڭ تەبىئىيلىكى ئۇرۇلۇپ تۇرۇۋاتقان قوڭغۇراقتەك روھىي دۇنيارىمدا يېنىك ياڭرايتتى. كېيىن ئۇ سوئال بولدى. قانداق قىلىپ بىز ئائىلىنىڭ مەنىۋى سەزگۈرلىكى، ئۇيۇملىقى ۋە ئىزچىللىقى مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە كۈچ ئۇرغۇمايدىغان بولۇپ كەتتى، قانداق قىلىپ ئۇنى ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ ماددى ۋە كۈن ئېلىشقىلا ئېتىبار بېرىدىغان ھېسسىي، ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ بىر -بىرىمىزنىڭ ئۆزئارا يىراقلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى شۇنچە سەزمەيدىغان، ھەم بۇنىڭغا شۇنچە ئېتىبار قىلمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇق؟ مانا مۇشۇ بىزنىڭ مەسىلىلەرگە سۇبيېكتىپ باھا بېرىشتىن ئەمەلىي ھالدا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشكە تەرەققىي قىلغىنىمىزمۇ؟ ئەپسۇسكى، مەن ئەجىبا 30 يىللىق ھاياتىمدا شىشىلىپ، رېئاللىققا غەرق بولۇشنى تەرەققىياتكەن دەپ ھېس قىلمىدىمغۇ؟! ئويلا - ئويلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئىشلارغا ھەيران قالمىدىم، تېخى 10-20 يىلنىڭ ئالدىدا شەخسكە، بۇتقا چوقۇنۇش كۇفۇرلۇق دەپ سۆزلىنىدىغان قويۇق دىنىي مۇھىتتا چوڭ بولغانلارنىڭ ھەر كۈنى ئىشقا چىققاندا ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىنى ئىش مەيدانىدىكى دۆڭگە قاداپ، ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى سىزنىڭ رەبەرلىكىڭىزدە بۈگۈن يەنە ئىش باشلىدۇق، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، بىز چوقۇم ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمىز، دەپ قەسەم بېرىشلەر كېچىكىپ قالغاندا يەنە شۇ رەسىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى بۈگۈن مەن كېچىكىپ قالدىم، كەچۈرسىڭىز دەپ ئۆتۈنۈشلەرگە، ماۋجۇشىنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان رەسىمىنى كۆرسىتىپ، ماۋجۇشىغا بالىلىرىم ئاچ قالدى دېسەم، بەش قوينى سويۇپ يەڭ دېگەنتى، دەپ كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى يەۋالغانلارغا ئەلھۆكمىلىللا، دەپ كۆنگىنىگە ھەيران قالمىدىم. چۈنكى، تۇيغۇن ياشاشنىڭ ئورنىغا تۇرمۇشنىڭ ئالدىغا سېلىۋېلىشىغا كۆنۈپ، گاللاشقان روھ، ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىلىرى، كىشىلەر ئارىسىدىكى مەنىۋى پەرق ۋە رىشتە، ئۇ بۇ دېگەنلەر بىلەن نېمە كارى؟ شۇڭا بۇنداق خەلق دېگەننى ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاش -ناننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ جەننەتكە كىرىسەن ياكى دوزاققا كىرىسەن دېيىشكە سالاھىيەتلىك دەپ ئېتىراپ قىلىنغان سوپا، -، ئىشانلارلا قوزغىتالايدۇ. ناۋادا سوپا - ئىشانلارمۇ بولمىسا، مانا پۇل، قولۇڭنى سوزساڭلا باي بولىسەن دەيدىغىنى قوزغىتالايدۇ.، راست، تارىخىمىزنىڭ قايسى بېتىدە بۇنىڭ ئىزى يوق؟تاغامنىڭ ھويلىسىدىكى ھېلىقى سۇپا كاللامدا يەنە پىرقىراشقا باشلىدى. كۆز ئالدىمدا بۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى بارغانسېرى يوغىنىماقتا ئىدى. ئەجىبا ئۇلارنىڭ خاس تۇرقى ئۆزىنى ئاشۇنداق كىيىندۈرگەن، كۆنۈش ۋە ياسىنىش ھۇۋىيىتىدە مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە ھېسسىي سەۋىيىدە قالغاندىمۇ؟ بىزنىڭ ئەقلىي مۇقاملىرىمىزدا ئاپىرىدە بولغان ئۆي زادى بارمۇ-، يوق؟ دېگەن غۇۋا تۇيغۇ كۆتۈرۈلدى. شۇئان ئادەملىرىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مەنىۋى جەھەتتە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولالايدىغىنىغا بىر نېمە دېيەلمەي قالدىم.
        بىر كۈنى ئايالىم بىلەن ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى بوغدا كۆلى مۇنچىسغا كىردىم. بېلەت ئالىدىغان يەرگە كەلگەندە بېلەت ساتقۇچى ئايال ئەر - خۇتۇنمۇ سىلەر؟ دەپ سوراپ قويمايلا ئەر - ئايال بىرلىكتە چۈشۈشكە بولىدىغان ئىككى كىشلىك مۇنچىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن تىپىرلاپ كەتكەن كەيپىگە سوغۇق سۇ سېپىپ ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئەرلەر مۇنچىسى ۋە ئاياللار مۇنچىسدىن ئىككى بېلەت ئالدىم. مۇنچىغا چۈشۈۋېتىپ ھېلىقى مۇلازىمەتچىنىڭ روھى ھالىتى ۋە سولامچىلىقىغا بولغان نەپرىتىم كاللامنى پەقەتلا تىنچ قويمىدى. ناۋادا ئۇ ئويغۇر بولغان بولسا قانداق بولار بولغىيتتى؟ يە بۇ سىياسىي بىلەن ھاكىمىيەت ئاجرىتىلغان، يەنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇرساق، كارخانا بىلەن ئەخلاق ئاجرىتىلغان دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولىمىش كارخانىمۇ؟ كارخانا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ؟ دەيدىغان سوئاللار ھېلىدىن ھېلىغا ئۇنۋېرستېتلاردا ئۇيۇپ قالغان كەيپىمگە،  تەرەققىيپەرۋەرلەر قولىدا پەرۋىشلەنگەن تۇيغۇلۇرۇمغا تەھدىت بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن بارلىق نەرسىلەرنى، دۇكانلارنىڭ پۇكەيلىرىدە خېرىدار كۈتۈپ تۇرغان نەرسىلەرگە تەڭلەشتۈرۈپ قويغان سارتىر يەنە يادىمغا يېتىپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم. ئۇنىڭ ئادەم ئەركىن تاللاشقا ھوقۇقلۇق، شۇڭا چاما ئۆز باشقىلاردىن پەرقلىق ۋە باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىك، ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ئادەم دائىم يالغۇزلۇق، ئازاب، ۋەھىمە ھېس قىلىدۇ، دۇنيادا بىر - بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى ئادەم مەۋجۇت ئەمەس، دېگەندەك ھەر بىر پىچىرلاشلىرىنىڭ قارشىسىغا ئۆزۈمچە ئادەم تۇغۇلۇشىدىن مۇسۇلمان تۇغۇلىدۇ مۇھىت، تەبىئەت ۋە كەچۈرمىشتىكى ئوخشىماسلىقلار مەيلى قانداقلا مەھسۇلاتنى روياپقا چىقارمىسۇن، ھامىنى ھەقىقەت بىر دەيدىغان، چۈشەنچىلىرىمىزنى قويۇپ باقتىم. ئايالىم مەن ئۈچۈن تۈرمە، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىمەنمىدۇ؟ ئەجەبا، مەن ئاسمان دېسەم ئۇ ئېتىز دەپ، كۆك دېسەم كۆل دەپ، بۇلۇت دېسەم، يوتقان دەپ مەڭگۇ بىر - بىرىمىزنى تاپالمايمىزمۇ؟ دۇرۇس، خاھىش ۋە ئاڭلىق(يۇشۇرۇن ئاڭ) جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلى بىزنىڭ پەرقلىق بولىدىغىنىمىز راست. لېكىن ھەممەيلەننىڭ تەڭلا بىر ۋاقىتتا ئاسماندىكى ئاينى كۆرەلەيدىغىنىمىز، ھېيىت ۋە جۈمە نامازلىرىدا تەڭلا بىر، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ تەڭلا بىر كەيىپكە تەلپۈنىدىغىنىمىز سارتىردىنمۇ ئۇلۇغ بىر مۇبارەك روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بەرمەسمۇ؟ ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ مىڭ يىلنىڭزى ھەتتا تۇيغۇلارنىمۇ ھەقگە كېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئارتۇقچىمىدۇ؟ ئادەمنى تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا تۇرغۇزۇپ ئويلاش، شۇ ۋاقىتقا بېقىپلا بىر نېمە دەپ كېتىش ئۇنىڭ پۈتكۈل تەرەپلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغان تەپەككۇردىنمۇ ھەقلىقمىدۇ؟ يەنى تىمسالەن ئېيتقاندا ئالماشتۇرۇلغان تاۋارلارنىڭ پۈتكۈل ئىستېمالىۋە مەنپەئەتلىرى مۇپەسسەل كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھالال سودا ۋە ھارام سودا دەپ بېكىتىلىش كىشىلەرنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىك بىلەنلا ئەزۋەيلەپ كېتىش بولارمۇ؟ بارلىق ئۇقۇملاردىن خالى روھنىڭ ئۆز مەيلىچە غىڭشىشلىرى جەمئىيىتىمىزگە چوقۇم مۇقام بولۇشى كېرەكمۇ؟ باشقىلارنى بابلاشنى نىيەت قىلغان سودىگەر ئىستېمالچىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىپنىڭ سىرتىدا قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى بۇ غەرب ئىقتىساد ئىلىمىدىكى مەسئۇلىيەتنى كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە تەدبىرنىڭ، ئىپادىلىنىشى بولۇپ ئادەملەرنى دائىم ھۇشيار قىلىشنى مەقسەت قىلغانمۇ؟ ياكى سارتىر ئوخشاش كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم تېپىلمايدىغان پارىژنى جاھاننىڭ ئەندىزىسى قىلىپ قالغانمۇ؟

         ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قۇمۇلنىڭ تاغلىرىدا بىر مەزگىل ئىشلىدىم. تارىختىن ئەركىن ئادەملەر جىق چىققان بۇ زېمىن نېمىلا قىلسا بولىدىغان، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قۇربىدىن قالغان چوڭ موھىت بىلەن قورشالغانىدى. ئادەم ئاز بولغاچقىمىكىن مەھەللىدە بىرەر ئولتۇرۇش بولسا ئاچا - سىڭىل، ئاكا- ئىنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇۋېرەتتى. قېرىلار بالىلىرىنى ھاراق ئىچەلمەيدىغان نېمەڭگە دەپ تىللاشلار قەدەمدە بىر ئۇچرايتتى. بۇ خىل ھالەت چارۋىچىلىق روھى ئۆچمىگەن بۇ كىشىلەر جەمئىيىتىدە ئۆزگىچە بىر تۈس پەيدا قىلغانىدى. توي تۆكۈنلەردە ئۈچ كۈن ئۈزۈلمەي ھاراق ئېچىلەتتى. بىرىنچى كۈنى ئىچكەنلەر مەست بولۇپ يېتىپ كەتسە، ئىككىنچى قارار كېلەتتى. ئىككىنچى قارار ئۆتۈپ كەتسە، ئۈچىنچى قارار كېلەتتى. 360 كۈن تاپقىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاراققا خەجلەيتتى. ئەمما پۇتىدا يەنىلا يىرتىلىپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن چۇخەي بولاتتى. بالىلىرى ئوقۇۋاتامدۇ ئوقۇمايۋاتامدۇ كارى يوق ئىدى. بىچارى بالىلار خۇددى ئات -كالىنىڭ بالىلىرى تۇغۇلۇپ، تەبىئىيلا چوڭ بولۇپ قالغىنىدەك، تەبىئەتنىڭ قوينىدا چوڭ بولاتتى. ئاتا - ئانىنىڭ ئاش-تاماق، كىيىم -كېچەك بەرگىنىدىن باشقا ئۇلارغا نېمە قىلىپ بەرگىنىنى ئۇققىلى بولمايتتى. قىز - يىگىتلەر27-28 ياشلارغىچە بويتاق يۈرۈشەتتى. ئۇلار ھېچنېمىدىن غېمى يوق، ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ماگزىندىن بىر بوتۇلكا ھاراقنى نېسى ئېلىپ يانچۇقىغا سالاتتى -دە، كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەي دېگەندە ئىچىپ ئۆزىچە پەيزىنى سۈرەتتى. سورۇنلاردا كۆزلىگەن قىزنىڭ قولىدىن تارتىپلا ئېلىپ چىقىپ كېتەلەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناھايىتى تەبىئىي ۋە ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئامالسىزلىقتىن توي قىلىپ قالغانلار، تويدىن بۇرۇن بويىدا قالغانلار ئىزدىمەككىلا تېپىلاتتى.


        ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ بىر سەرگەردان ئىدىم، قەلبىمدە ھەققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتتىن باشقا تەييار نەرسە يوق ئىدى. شۇڭا بۇنداق بىر مۇھىت ماڭا غەيرىي تۇيۇلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى، ھەر كۈنى بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق پاراڭ قىلىدىغان زىيالىيلاردىن تەبىئىي ۋە چىن بولغاچ بۇ خىل ئەھۋالنى ياقتۇرۇپمۇ قالدىم، لېكىن ساپاسىزلىق دېگەن بەرىبىر ساپاسىزلىقتە! مەن نېمىلا دېگەن بىلەن قوي، ئۆچكىنىڭ روھىدىكى گۈزەللىك ۋە تەبىئىيلىكنى، كالا ئاتنىڭ روھىدىكى سۇباتلىقنى كۆرگەندەك بولدۇم، خالاس. لېكىن ئادەمنىڭ روھىدىكى گۈزەللىك، ئاشۇنچىلىكلا بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئۆتمۈشتە قىلنى قىرىق يارىدىغان دىنىي تەرتىپ بىلەن يۈرۈشۈۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى نېمىشقا مۇنداق ھايۋانى پەزىلەت سەۋىيىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟كاللامغا مۇشۇنداق ئوي كىرىۋالغاندىن بېرى مەن ئۇلار توغرۇلۇق جىق ئويلاندىم. نۇرغۇنلىرىنى پاراڭغا سالغۇزۇپ كۆرۈپ باقتىم. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان قورامدىكى ئادەملىرىنىڭ روھىي ھالىتىدە زور پەرق بار ئىدى.40دىن ئاشقانلار ئاز - تولا دىنىي ئەھكاملاردىن پاراڭ سېلىپ قوياتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئاڭلىۋالغان ياكى دىنىي ئەھكام شۇنداق بولامدىكىن دەپ پەرەز قىلىۋالغان نەرسىلەر ئىدى. ئولتۇرۇشلىرىدا، داپ، غىجەكلەر بىلەن مەشرەپ قىلاتتى، قوشاق ئېيتىشاتتى. 40دىن تۆۋەنلەر كەچكىچە ئۈنئالغۇنى قويۇۋېلىپ تانسا ئوينايتتى.ئېنىقكى، 60دىن يۇقىرىلارغا چالا موللام، 30دىن يۇقىرىغا كەنتباشلىقى، 30دىن تۆۋىنىگە بۇزۇق قىز تازا تىپىك مىسال بولالايدىغاندەك ھېس قىلدىم. بۇ يەرنىڭ موللىسى ئاپئاق ساقاللىق، ناھايىتى كىلىشكەن ئادەم ئىدى. ھەر قانداق ئادەم ئۇنى بىر كۆرۈشتىلا ئەيمىنەتتى. مەن ئۇنىڭ بىرسىگە ئوچۇق چىراي ئىچىپ كۈلۈپ باققىنىنى بىلمەيمەن. نەدىلا ئۇچرىسىلا ناھايىتى ئالدىراش ۋە جىددىي، سەپراس ھالەتتە ئۇچرايتتى. ئەمما كۆرگەنلا ئادەمنى ئەيمىندۈرىدىغان ئاشۇ تاشقى قىياپىتىگە سىلىشتۇرغاندا نۇتۇقلىرى كۆپ ناچار ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ قىرائىتىنىلا ئاڭلاپ قالاتتۇق. ئۆز تىلىمىزدا سۆزلىگەندىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ يا لوگىكىسى، يا ھېسىيات ئۈزلىكسىزلىكى ۋە ياكى تەپەككۇر سىستېمىسى يوق تەنتەك گەپلەرنىلا ئاڭلاپ قالاتتۇق ۋە بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ مۇكەممەل ئېدىئولوگىيە بىلەن جامائەتنى يېتەكلەپ ماڭغان ئادەم ئەمەس، بەلكى قانداقتۇر بىر تاما ۋەياكى كۆنۈكۈش بىلەن ياشاۋاتقان بىچارە ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنلەردە قانداقتۇر بىر پۇرسەت بىلەن مۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بېشىغا چۈشۈپ قالدىم.
         مېنىڭ شۇ كۈنلەردە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن بىر ئاغىنەم بار ئىدى. بۇ تازا ھاجىملار قايتىپ كېلىدىغان بىر مەزگىل بولۇپ، ئۆزىگە ئۇزۇن يىل دەرس بەرگەن يۇرتتا خېلى نامى بار موللىسى، ھاجىلارنىڭ ئالدىغا چىققان مەزگىلدە ئۇنى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ ياز كۈنلىرى بولۇپ، پىشىنگە ئەمدىلا تەرەت ئېلىپ جاينىماز سېلىنىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. شۇ ئەسنادا يوتىسىنى ئارانلا يېپىپ تۇرىدىغان كۆڭلەك كىيىۋالغان چىرايلىق بىر قىز ئۆيگە كىرىپ، بىر نەرسە دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى. بولغان ئىش مۇشۇنچىلىك ئىدى. داموللا قىزىرىپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن، قوپۇپ چىقىپ كەتتى.
     كېيىن بىلدۇقكى، ئۇ ئېھتىلام بولۇپ قالغانىدى . توۋا دېدىم، ۋىناسنىڭ ھەيكەللىرى رەت - رەت كۆز ئالدىمغا كەلدى. ساپا جەھەتتىكى ئاسمان -زېمىن پەرق مېنى ھاڭ، -، تاڭ قالدۇردى....

     مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېسسىي مۇقامدا تۇرۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ ھەربىر يۇرتتا ئەزەلدىن5-10 يىل ئوقۇغان ئادەملەر بار تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان، ھەجگە بېرىش ئۈچۈنلا ھەجىگە بارىدىغان دىن نېمە ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ئۇنىڭ تۈپى نېمە؟ بېتى نېمە؟ نېمىشقا ھېيىت قىلىمىز، ئىسىم قويۇش، سۈننەت توي بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ نىكاھنىڭ خاسىيىتى نېمە؟ دەيدىغان مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، قىسقىسى مۇستەھكەم، مۇكەممەل پەلسەپىنى ئۇنۇتقان جەمئىيەت نېمىشقا ھېسسىي مۇقام بولمىسۇن؟ ئەلۋەتتە بۇ يۇرتتا يەنە <تارىم>، <تەڭرىتاغ>، <قەشقەرئەدەبىياتى> دېگەندەك ژۇرناللارغائۈزۈلمەي يېزىلىدىغانلار بار ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر داڭلىق شەخسلەرنىڭ قاچان توي قىلغىنىنى،  ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىنى، قانداق مەخپىيەتلىكلىرى بارلىقىنى، غەم قايغۇلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى. ھەممەيلەن بىكارچىلىقتا ژۇرنالنى ئوقۇيتتى. ئەمما يەنە بۈگۈن تۈنۈگۈندەك ئۆتۈپ كېتەتتى. تىلېۋىزوردىكى قىزىق تىياتىرلار ژۇرنالغا قارىغاندا تولاراق غۇلغۇلا قوزغايتتى. بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ تىياتېرنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. بۇ غۇلغۇلا ھەپتىلەرگە سوزۇلاتتى. لېكىن يەنىلا كېيىنكى ھەپتىلەرمۇ ئالدىنقى ھەپتىلەردەك ئۆتۈپ كەتتى. بەزىدە بىر كىملەر مېنىڭدىن پالانىنى تونۇمسەن؟ دەپ سوراپ قوياتتى. مەن تونىمايمەن دەيتتىم. توغرا ئىچ -ئىچىدىن ياخشى ئىشلارنى قىلغۇسى بارلارمۇ چىقتى. لېكىن ئۇلار ئىشنى نەدىن باشلاشنى، قانداق قىلىشنى ئۇقمايتتى. ژۇرناللارنى ھەرقانچە ئوقۇغان بىلەنمۇ تۈزۈك ياشا، روھلۇق بول! دېگەندەك مەزمۇنلارنىلا بېرەتتى. ئەمما كىمنىڭ تۈزۈك ياشىغۇسى يوق؟ كىمنىڭ روھلۇق بولغۇسى يوق؟ شۇنداق قىلىپ مەن گىتتارىمنى چالاتتىم-دە، يېرىم ساراڭلىق مۇقامىغا دەسسەيتتۇق. پەقەتقانداق قىلىپ ساراڭلارچە كۈلۈشنى بىلىدىغاندەك قىلغاچقىمىكى پات -پات سورۇنلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېتەتتى. ئەسكىلەر بىلەن ئەسكى، بۇزۇقلار بىلەن بۇزۇق بولاتتۇق.

     مانا بۇ15 يىل ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھاياتى ئىدى. كېيىن بىر كۈنلەردە بۇلارنى ئەسلەپ قالدىم، ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن قانداقتۇر بىر نېمىلەر ئۆرلەپ سوئال تاشلاشقا باشلىدى. بۇ ھاياتىنىڭ مۇقەددىمە،  تەزە،  نۇسقالىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ تەركىدۇنيا كەيپىدە ساراڭلارچە ئوينايدىغان سەنەم ساماسىغا كەلگىنىمىزمۇ؟خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇدىكى مەزلۇم چىرايلارنى، بىچارە بازارلارنى، مۇڭلۇق كوچىلارنى، توپا باسقان كىتابخانىلارنى ۋەھىمىلىك جامائەتچىلىكنى ئايلىنىپ كېلىپ، ياڭراتقۇلىرىنى كوچىغا قارىتىپ بولۇشىغا قويۇۋەتكەن قاپلىق لىنتا دۇكانلىرى بىلەن توشقان ئىتتىپاققا، بۇلاق بېشىدىكى كونا ماللار بازىرىغا يېتىپ كەلگىنىمىزمۇ؟

     ئۈرۈمچىنىڭ ئاتالمىش رېستۇران مەدەنىيىتى جەۋلان قىلىۋاتقان بەزمىخانىلىرىدىن ئورۇن ئالغىنىمىزمۇ؟ ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئىچكىرىنىڭ بازىرىدا خەمەك سودىسىنىڭ قىزىيدىغانلىقى مېنى خېلى بىر مەزگىلگىچە ھەيران قالدۇردى. بۇ يەردىكى خەققە ‹ئۇ قۇغۇننىڭ بىر سورتى،  ئاشۇنداق تەمدە بولىدۇ›دېگەن بىر جۈملە گەپلا كۇپايە ئىدى. بىر كىملەرنىڭمۇ بىر چاغلاردا بۇ يەرلەردە كاۋىنى قۇغۇن دەپ ساتقىنىغا ئەمدى ئىشەندىم. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەم ئالاھىدە ئۇقۇم ئىدىكى، ئۇ ئاجايىپ كەڭ ھەم مول غايە دۇنياسىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ غايە ئەزىز يەردە تۇرغاچقا ئەمدىكى مەسىلە پەقەت ئىقتىدار مەسىلىسى ئىدى. شۇڭا بۇ زېمىندە رېستۇرانلار،  قاۋاقخانىلار ھەممىدىن جىق،  قورۇمىلار ۋە قورۇمىنىڭ باھاسى ھەممىدىن مول ئىدى. قانداقلا بولسۇن، بىر تەم چىقىدىغان بولغاچقا گۆش قانچىلىك بولسا پىيازنى شۇنچىلىك توغرايسەن، ئۇ گۆشتىكى غەلىزلىكنى پارچىلايدۇ، دەپ ئاخىرقى ھېسابتا مۆتىدىللىكنى،  سىڭىشچانلىقنى،  ساغلاملىقنى قوغلىشىدىغان بىزنىڭ قورۇمىلىرىمىزدىن كۆپ جىق بولاتتى. تەپەككۈرلىرىم قاناتلىنىشقا باشلىدى. دېمەك، بىز قۇغۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ھەرگىز كارۋىنى قۇغۇن دەپ يەپ سالمايدىكەنمىز-دە، ئۈرۈكنىڭ ئاخىرقى غايىسى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى توڭ ئۈزۈشنى ئەخلاقسىزلىق دەيدىكەنمىز-دە؟ خوش. ئالەم تەسەۋۋۇفنى چۈشىنىپ مۇشۇنداق ئىش قىلغان ياخشىمۇ ياكى چەكسىز ئىستەكلەردە يول ئېچىپ كاۋىنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ باقىنىمىز ياخشىمۇ؟


        بۇ يىل خاربىندا ئاشخانا ئاچقان بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئاشخانىسىدا بولغان بىر ئىش يادىمغا كەلدى. ئۇ چاغدا ھەممىمىز بىر ئېلان لوزۇنكىسىغا خەت يازدۇرۇۋاتاتتۇق،  ئارىلىقتا رۇسچە ياسانغان بىر توپ سېرىق چاچلىق قىزلار كىردى. ئۇلار خېلىدىن بىرى خاربىن بەزمىخانىلىرىدا جان بىقىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پاھىشىلەر بولۇپ، ئاندا -مۇندا بۇ ئاشخانىغا كېلىپ قالاتتى. ئادەتتە بىز ئۇلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تونۇماسلىققا سالاتتۇق، لېكىن بۈگۈن بۇ ئاغىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قېيىن سىڭلىسى باربولۇپ، ئۇ ناھايىتى تەبىئىيلا بۇ قىزلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئالدىدىكى مەخلۇقلارنىڭ قانداق ئادەملىكى بەش قولدەك ئايان ئىدى. شۇ چاغدا كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولدى. ئۇ نېمىشقا ئۇلاردىن ئازراق بولسىمۇ يىرگىنمەيدىغاندۇ؟ بىز ئۇلارنى باشقىلار بىز بىلەن ئوخشاش خەقكەن دەپ قالمىسۇن دەپ، گەپ قىلسىمۇ گەپ قىلماي ئۆتىمىز، بۇ قىزدا مۇشۇنداق ھېس نېمىشقا يوق؟
        كېيىن مۇشۇنداق بىر سوئال قەلبىمنى ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئىزتىراپقا سالدى. مەن دائىم ئىتتىپاقنىڭ ئالدىدا دىۋانىچىلىق قىلىدىغان بىر چولاق پىسىنى ئۇچرىتاتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قەلەندەر دۆڭ كۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كىراكەش، تاكسى شوپۇرلىرى، باققاللار بىلەن بىر پەس ئوينىشىپ تاماكا چېكىشتى. مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە بۇ مەنزىرىنى نەچچە رەت كۈزەتتىم. پۇزۇر كىيىنىۋالغان تاكسى شوپۇرلىرى، دېھقان سۈپەت باققاللار بۇ قەلەندەر بىلەن تەبىئىي چاقچاقلىشاتتى. تاماكىسىنى سورايتتى. ئاياللارغا ئىما قىلىشاتتى. ھېچقايسىسىدا ئۇنىڭدىن يىرگىنىشتەك بىر نېمە يوق ئىدى. ئۇلار تېخى بۇ پىسى دىۋانە كەتكەندىن كېيىن <يامان گۇي جۇمۇ ، > دەپ مەسلىكى كەلگەندەك گەپ قىلىپ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ كېتەتتى...ئەپسۇس،  رېئال دۇنيا جايى -جايىدا سەرەمجانلاشقان روھ مۇنداق بولمايتتى. بىر ئۆينى يارىشىملىق سەرەمجانلاشتۇرۇۋالغان ئادەم نېمىنىڭ كىتاب ئىشكاپىغا تىزىلىشى كېرەكلىكىنى، نېمىنىڭ لوڭقىغا سېلىنىشى لازىملىقىنى، نېمىنىڭ سۈپۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. نېمىنىڭ بەد بۇي،  نېمىنىڭ چاڭ- توزاڭ ئىكەنلىكىنى تەبىئىي ئايرىيتتى. لېكىن، مەن كۆرگەن بۇ تۇرمۇش كارتىنىلىرى قانداق ئەھۋال؟ رېئاللىقنى جايى - جايىدا سەرەمجانلاشتۇرغان روھ پەلسەپە بولىدىغان بولسا ھاياتى كۈچكە ئىگە پەلسەپە دېگەن بۇ نەرسىنىڭ نېمىشقا بىزگە قوينى تار؟ بىز ئۇنى خالىمىدۇقمۇ ياكى ئۇنى خالىماسلىق كېرەكمۇ؟
     ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ئۆز يۇرتىدا تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر، سالاپەتلىكئاتا يوللۇق بىر ئادەم بىلەن تونۇشاتتىم.ئۇ مۇساپىرچىلىق ھاياتىمىزدا بىزگە ئەمەلىي ياردەم قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئىلھامبەخش سۆزلىرى ۋە ئوچۇق - يورۇقلۇقى بىلەن مەيلىمىزنى تارتىپ تۇراتتى. بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ ھاكىملارنىڭ سورۇنىغا يۇرتلىقلىرىنى باشلاپ بېرىپ، لىفىتتىن چۈشۈۋاتقاندا قىزلارغا پۇخۇرلۇق قىلىمەن، دەپ خاتا ھالدا بىر ئوغۇل دوستۇمنىڭ قوللىرىنى ئىشقىۋازلىق بىلەن موجۇقلاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانىدىم، توۋا دېدىم، ناۋادا بۇ كىشى مېنىڭمۇ قىزلىرىم بار، باشقىلار مېنىڭ قىزلىرىمغا مۇشۇنداق نىيەتتە بولسا مەن قانداق بولۇپ كېتىمەن؟ دېگەننى ئويلىغانلا بولسا پەلسەپىنىڭ يولىغا ماڭاتتىغۇ، دەيدىغانلا سوئال قالدى.راست، پەلسەپىگە قاراپ مېڭىش -، ماڭماسلىق ئاشۇنداق ئانچىكىمدەك كۆرۈنىدىغان ئىشلارنىڭ قوينىدا قارار تاپىدۇ، ھەممە نېمىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ بېقىپ بىلىدىغان بوۋاق ئۇنى ئالاھىدە ئورۇندا كۆرمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان، ئائىلىسىدىكى نامەرت، سەمىمىيەتسىز كەيپىيات ۋە مۇئامىلىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپلا قالمىغان بولسا، ئانام يېنىمدا بولسا قورسىقىم بىئارام بولمايدۇ، ئەمما تۈرلۈك-تۈرلۈك خەقلەر ئانامدەك ماڭا ئىللىق قارايدىكەن، بىئاراملىقىمنى يوقىتىدىكەن، ئانامنىڭ يېنىغا ئاپىرىدىكەن، ئاجايىپ يەرلەرگە ئاپىرىدىكەن، دېگەندەك تۇيغۇلار بىلەن ئۆز پەلسەپىسىنى باشلايدۇ ۋە بۇ ئىنساننىڭ ئالەمنى ئەينەن تەجەللى قىلالىغىنىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

         بۇنداق تەجەللى قىلىش مەيلى ئىنسانى جاسارەت ۋە تۇيغۇنلۇق تەپتىدىن ئاڭلىق پائالىيەت بولالىسۇن-بولالمىسۇن، ھامىنى خۇددى ئادلىر ئېيتقاندەك: ئادەمنىڭ تۇرقى، ھەرىكىتى، ئىپادىسى، ئادىتى، يوسۇنى، نىيىتى، خاراكتېرىدە (ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ ، ئادلىر، 2-بەت، خەلق نەشرىياتى نەشرى)تەجەللى بولىدۇ.
        مەيلى ئۇ ئۆز پەلسەپىسى ھەققىدە سورىغانلارغا بىر نېمە دەپ بېرەلىگەن ياكى بېرەلمىگەن بولسۇن، ھامىنى ئۇنىڭ قىلىقلىرى، ئۇششاق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنياغا ۋە ئۆزىگە بولغان قاراشلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ. خۇددى دۇنيا دېگەن شۇنداق، مەن دېگەن مۇنداق دەۋاتقاندەك بولىدۇ ( ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ ، ئادلىر، 2-بەت، خەلق نەشرىياتى نەشرى) . شۇنداق قىلىپ ھەر بىر ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن ئۆز پەلسەپىسىنى ئىپادە قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا قىلىق، تۇرۇق، ئىپادە ۋە ئۆتمۈش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى تەرجىمانىدۇر. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئۆزى دەپ بېرەلمىسىمۇ، باشقىلار ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەلەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بىلىم ئوبيېكىت بىلەن سۇبيېكتنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تەسىر سۇبيېكىت بىلەن ئوبيېكىت ئارىسىدىكى ئۆتۈشۈشتۇر. شۇڭا ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئوبيېكتنىمۇ، سۇبيېكتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(<تېگىدىن بىلىش نەزىرىيىسى> جىيان پىئاگېت، سودا نەشرىياتى، 4-بەت)
        بىزگە مەلۇمكى، ئىنسان دۇنياغا كەلگەنىكەن ئۇنىڭدا شۇ چاغدىن باشلاپ ھېسسىيات بولىدۇ. شۇڭا بالىلىق سېزىم تۇغلۇق سېزىم تۇغلۇق دەۋرى بىلىنىش نەزەرىيىسىدىكى بىر ئاتالغۇ. بالىلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. سېزىم تۇغلۇق توغرىسىدا بالدۋىن خېلى بۇرۇنلا دەلىللىگەنكى:، بوۋاقتا ئۆزلۈك ئېڭىدىن ئەسەر بولمايدۇ، ئىچكى دۇنيا بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدا مۇقىم چەك- چېگرامۇ بولمايدۇ ( تېگىدىن بىلىش نەزەرىيىسى پىئاگېت، سودا نەشرىياتى4-بەت) شۇڭا ئۇ موزىكىلىق ئالاقە دەۋرى بولغان ئاشۇ دەۋردە ھەممىنى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلايدۇ، تەقلىد قىلىدۇ. ئىشتىياق ئۇنىڭ تەقلىد ئوبيېكتىنى كۆزىتىش كۈچىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بارا -بارا سېلىشتۇرۇش ھەۋىسىنى قوزغاپ سوئالغا ھازىرلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۆكنى باشقا كىيىمىز، بازاردىن ئالما ئېلىش ئۈچۈن رەسىملىك بىر قەغەز بولمىسا بولمايدۇ، دېگەندەك دۇنيالىق ئىنتىزام بالىلىق روھتا ئوسقان ياساپ ئەقىل پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىنتىزام ئۈلگىلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتىنى ئىگىلەش بىلەن بېيىپ بارىدۇ. شۇڭا ھېسسىياتلىق بالا پرىنسىپ جەھەتتىن شۇنچە چىچەن چىقىدۇ ۋە بۇ بالىنىڭ ئىنكاسى سەزگۈر ئانا بىلەن قانچە تېپىشالىسا شۇنچە رېئال ئۇتۇق بېرىدۇ.
         ئىنسان تائىپىنىڭ ھەرقاندىغىدا ئەقىل بولىدۇ. ئەمما ئۇ ناھايىتى قىسقا مەزگىل بالىلار ئۈچۈن پەلسەپە ھېسابلانسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەڭگۈ ئىنتىزاملارنىڭ روھتىكى ئىنكاسى، خۇسۇسىيەتلىرى ئامبىرىدىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەش سەنئىتى بولۇشتەك ماھىيىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت يالغۇز بىرلا ئادەمنى ئويلاشقاندىلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يۈكسەك دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇڭا، نوقۇل ئەقىل مۇستەبىت جەمئىيەت، كارخانا، ئورۇش ۋە شەخسىيەتچىلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرى خالاس. گېپىمىزگە كەلسەك، سېلىشتۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئادەم روھىدا پەلسەپە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ مۇقەررەرلىك، بۇنىڭدىكى ھالقىلىق ئامىل ئۆلچەم، يەنى بالا دەسلەپ ئانىنى ئۆلچەم قىلىپ ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەرنى دەڭسەيدۇ ۋە ئاشۇ ئۆلچەمگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنى ئۆزىگە، ئۆز ھۆكۈملىرىگە بولغان ئىشەنچەسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئادلىر ئوچۇق قىلىپ: ناۋادا ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانىلىق تەقدىرگە رازىلىقى بولمىسا، بالىلارغا قىزىقمىسا، ئۇلارغا قىزغىنلىقى بولمىسا، ئۇنداقتا ئىنسانلار چوقۇم ھالەتكە قاراپ ماڭىدۇ ›(<ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ> ئادلىر، خەلق نەشرىياتى نەشرى)دەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئۆلچەم ئاتا نەسھىتى ۋە ئەمەلىيىتى، جەمئىيەت، ئۆرۈپ - ئادەت، ھايات ئۆرنەكلىرى، ھەقىقەت ۋەھاكازا بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمما زەنجىرسىمان كېلىدىغان بۇ ھايات جەريانلىرىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىش - كەلمەسلىكى يەنە شارائىتقا باقماي قالمايدۇ. يەنى بالىنىڭ نەزىرى ئانىدىن ئاتىغا ئۆرۈلۈشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ئۆزىگە چۇشلۇق مۇھەببەتتە بولمىسا بولمايدۇ. بالىنىڭ نەزىرى جەمئىيەتكە چۈشىشى ئۈچۈن ئاتا ئادىل، دوستانە، مەرت بولمىسا بولمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق يوسۇندا بولمىسا بولمايدۇ.

      بىز ئائىلىمىزگە كىرىپ باقايلى، ئانىلىرىمىزنى ئۆز پەزىلىتى بىلەن كۆيدۈرگەن ئاتىلىرىمىز قانچىلىك؟ ئۇلارنى مالايدەك كۆرمەيۋاتقان، قاتلاڭ -قاتلاڭ خوتۇن ئېلىپ ئاياللارنى ماھىيىتىدە كۆڭۈل خوشى دېمىگەن ئاتىلىرىمىز قانچىلىك؟ ئاتىلىرىمىزغا قورقۇش بىلەن، ئەنسىزچىلىك بىلەن ئەمەس، مۇھەببەت بىلەن بېقىۋاتقان ئانىلىرىمىز قانچىلىك؟ موللا بۇرادەرلەر بىلەن بىر بولۇپ قالغان چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا قىلىۋاتقان قوپال مۇئامىلىلىرى، چاكارلاردەك سۈپەتتە تۇرغان بۇ مەزلۇملارنىڭ بىچارە ھالەتلىرى يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىنى ئىچىشتۇرماي قالمايدۇ. ئەجىبا ئۆز ئانىلىرىغا بولۇۋاتقان ئاشۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىنى ئۆز ئاتىلىرىدىن كۆرۈۋاتقان بالىلار ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە نەزىرى ئاغدى دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى جايى- جايىدا سەرەمجانلاشتۇرالارمۇ؟ ئۇنىڭدا بىرەر تەڭسىزلىك كۆرۈلسە نېمىشقا تەڭسىزلىك بولىدىكەن دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقالارمۇ؟ تەڭسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالارمۇ؟
        ناتايىن. قەلبىدە قايىل بولمىغان مۇھىتقا ئائىلىدە كۆنۈككەن بالا جەمئىيەتتىمۇ كۆنىدۇ. ئۇنىڭدىن پەلسەپىنى يارىتىدىغان پەزىلەت يوقايدۇ. شۇڭا بىزدە ئىچى شىر (ئۇيۇل)ئادەملەر ناھايىتى ئاز، ئائىلە ئەزالىرى، قوشنا -قۇلۇملىرى ئارىسىدا تەڭسىزلىك، سۈركىلىش ناھايىتى جىق بولسىمۇ، سىرتقا بۇس چىقىرىۋەتمەيدىغان، شەرىئەت بويىچە ياشاشنى غايە قىلغان قەشقەر شەھەر ئاھالىسى مەدەنىيىتى بۇنىڭ رېئال مىسالىدۇر. مۇشۇنداق تۇرسا پەلسەپىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا باسقۇچتا توختىمىقىنى نېمىشقا پېشانىمىزگە پۈتۈلمىسۇن؟ ئەڭ چىن تۇيۇلىدىغىنى، تەڭگە بولغاندىكىن كىيگەندە باشقا يوغان كەلسە، يۇيۇلسا قىسقىرايدۇ. كىچىك كەلسە يۇيۇلسا قويۇۋېتىدۇ، دەپ شەپكە ساتىدىغان قەشقەر شەپكە بازىرىدىكى شەپكىچىلەردەك ئادەملەر نېمىشقا ئاۋۇپ كەتمىسۇن؟! مىسالەن ئەلمىساقتىن خەقلەر ئۆتۈپ -كېچىپ يۈرگەن يولدىن ھەق ئېلىشنى ناھەق ھالدا بەلگىلىمە قىلىۋېلىپ ئادەملەرنىڭ بۇ ناھەقچىلىككە ئاچچىقلىنىشىغا ھەسسىلەپ جەرىمانە، مەمۇرى جازا بېرىپ قارشى تۇرىدىغان، بۇ ئىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئويلىماي پەقەت جازا يېگەنلەرگە ھەممە ئادەم مۇشۇنداق قىلسا مەن قانداق قىلىمەن؟ سەن ئاچچىقلىمىساڭ مەن جەرىمانە قوياتتىممۇ، جازا بېرەتتىممۇ؟ سەن نېمانداق ئاڭسىز، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر، دەپ تىپىك يازملىق قۇل مۇقامىدا سەپسەتە سېتىشقا ھېيىقمايدىغان پەسكەش ماھىيەتتىكى مەنتىقىدىن ئالچۇق سىلىۋالغان بىر ئۇچۇم ئەقىللىق ئەبلەخلەر نېمىشقا تۈركۈم -تۈركۈملەپ پەيدا بولمىسۇن!؟


     كۆز ئالدىمدىن ئاتاغلىق شائىر تىيىپچان ئلىيوفنىڭ تەمكىنلىك ۋە ئاجايىپ يىقىملىق سۈپەتتە <تىۋىلغا> دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغىنى يادىمدا تۇرۇپتۇ. بەلكىم  <ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ> دېگەن بۇ مىسرا 60-يىللاردىكى تەسلىمچىل ئەدەبىياتنىڭ تەگ مەناسىدۇر. ئەمما مەن ھازىرغىچە ھەيران. ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىدىن دېسەك، ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىدە پىرسۇناژ يارىتىلىپ بولغانىكەن ئۇنىڭ مەلۇم تارىخىي شارائىتتا قانداق قىلىدىغانلىقى يازغۇچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولمايدۇ، دېيىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئەمەس،  تىرىك ئاتا،  تىرىك ئانىنىڭ تېنىدە ئاپىرىدە بولۇپ دۇنياغا كەلگەن پۈتۈن تىرىك ئادەم ئۇستىخان ئۇستىخانلىرىنى يوقىتىپ ھۆكۈمرانلار قەلىمىنىڭ سىياسىيىسى بولۇپ تەشۋىقات قەلەملىرىگە ئۈچۈرۈلۈپ كېتىدىكىنا!؟
     مەن مەيلى ئىشەنمەيمەن، مەيلى تىيىپچان ئېلىيوف بىز ئۈچۈن قانچىلىك ئۇلۇغ شائىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ 60- يىللارنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشىگە ھەرگىز قايىل بولمايمەن. بەلكى ئۇ پسىخولوگىيىدە دائىم تۇغ سىزىم نامىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بىر خىل مۇزىكىۋى كەيىپنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا بۇ ئەدىب ھەقىقەتەن شۇنداق نەرسىنى كۆزدە تۇتقان بولسا، ئۇنداقتا تىۋىلغا دېگەن بۇ شېئىرنىڭ مەنىسى مەندە تېگى - تېگىمدىن ھەقىقەت بار، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنى بەزىدە تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. خاپا بولمىساڭلار، دېگەندەكلا بىر گەپ.


     توۋا دەيمەن، بىر ئادەمنى بۈيۈك شائىر دەپ ئېتىراپ قىلىمىزكەنۇ ئۇنىڭ مەندە ھەقىقەت تۇيغۇسى ئەسلىدىن بارئىدى دېگەندەك ئەسلەتمىسىگە گۈلدۇراس ئالقىش ياڭرىتىمىزكەن. ئەمەلىيەتتە ئالقىشنىڭ شۇنداق چىقىشىدىكى تۈپكى سەۋەب مۇنداق: ئەسلىي شۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپرەكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بولۇپ، ئاشۇ ئۇستىخانسىز ھايات تارىخىغا بىر نېمە دېيەلمەي تۇرغان چاغ ئىدى. شۇنداقتا بۇ خىرىدارغا مىلىنى قانداق داڭلاشنى بىلمەي تۇرغان ئادەملەر ئارىسىغا كېلىپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن مال ماختىغاندا، شۇ مەيداندا كۆرۈلىدىغان بىر قايناق مەنزىرىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. شائىرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاڭسىز بولغان ئىجادىيەت پسخىكىسىنى تەۋەلەشتۈرۈپ ئوخشاتساق جاھالەت دەۋرىدىكى مەككە مۇكەررەمنىڭ قايناق بازارلىرىدا يېنىغا تاساددىپىي كېلىپ قالغان زەردارنى ماختاش بىلەن ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى تىللاغا ئېرىشىدىغان سورۇننىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
     كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ھەم ئەينى مەزگىللەردە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىنىدىغان بىر مۆھتىرەم ئۇستاز بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن چىقىپ پۇل تىپىۋاتقىنىمغا مەسلىكى كەلگەندەك ئىدى.ېچنېمىنى ئويلىماي، ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي پۇل تېپىش ھەققىدە بىر تالاي گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، مەن بىلىدىغان قىمارۋاز،  يانچۇقچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ھېچنېمە بىلمەيدىغان بالا بولسىمۇ، ھازىر چوڭ زەردار ئاتىلىپ ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچقانلىقىنى، ئۆزىنى بىرنەچچە قېتىملاپ تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بىر قىسىملارنىڭ بىرەر قېتىم بولمىغۇر سودىلارنى ھەتتا خېروئىن سودىسىنى قېلىپلا بېيىۋېلىپ، كېيىن قانۇنلۇق ئىشلارنى قىلىپ زەردار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى، قىلىقلىرىدا ئېغىزدىن چىقىۋاتقان رەزىل قىلىقلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق يىرگىنىش ئالامىتى كۆرۈلمەيتتى. خۇددى نەچچە يىل بۇرۇن دەرس سۆزلەۋاتقاندەكلا سۆزلەيتتى. مەن ئۆز - ئۆزۈمگە توۋا دېدىم، دېمىسىمۇ توۋا دېمەي نېمە دەيمەن؟ بىز مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدىن چىققان ئەمەسمۇ؟

     شۇ چاغدا پۇل بىلەن چۆگىلەۋاتقان ئۈرۈمچى يادىمغا يەتتى. ئۆزۈمچە بۇ ئوقۇتقۇچۇممۇ كەلگۈسىدە <تىۋىلغا> ئوقۇپ بېرەمدۇ نېمە؟ دەپ قالدىم. راست، ئۆي ئېلىش يۈكى، بالىلارنى ئوقۇتۇش مەجبۇرىيىتى، كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى، تۈگىمەس ئادەمگەرچىلىك چىقىمى، يە قوشۇمچە تەمىناتى، يە باشقىلارنىڭ خۇشامىتىنى تارتقۇدەك جۇلاسى بولمىغان ئوقۇتقۇچۇلۇق تۇرمۇشى تىۋىلغا نىڭ بۆشۈكى بولماي نېمە؟ <پەلسەپە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاللاغا تەقلىد قىلىپ نەپسى خاھىشنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە تورمۇزلاپ، ئىلىم ۋە ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئىزدەش يولى بىلەن تاكامۇللۇق تاپىدىغان ئىنسان پەزىلىتى> ( ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە مۇسا مۇساۋى، 94 - بەت، شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى نەشرى) . مانا بۇ بۈيۈك پەيلاسوپ كىندىينىڭ پەلسەپىگە بەرگەن تەرىپى. شۇنداق پەلسەپە ئاخىرقى ئۈنۈمدىن قارىغاندا ئىنسانى پەزىلەت. قانداقتۇر بىر نېمىنى ئىگىلەش ياكى قانداقتۇر بىر نېمىگە ئېرىشىش جەريانىدا ئادەم ئۆزىنى دەپسەندە قىلمىغان، ئۆز ھاياتىنى قورالغا ئايلاندۇرۇۋەتمىگەنلا بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەلسەپە پەيدا قىلىش بىلەن پەزىلەت شەكىللەندۈرمەي قالمايدۇ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەلسەپە دۇنيانى جايىدا سەرەمجانلاشتۇرۇش رولى تۈپەيلى ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋەتىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا تەسلىمچىلىك بار يەردە پەلسەپە بولمايدۇ، ئەل -ۋەتەن بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ۋە مۇكەممەل تىنىقلىرى بىلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋەتىنىنى ۋەزىنگە ئىگە قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ سەمىمىي، ئادىل، مەردۇ مەردانە، چىندىل ئىھاتچىسى ۋە پەرۋىشچىگە بولغان ئىزچىل تەقەززالىقى بىلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋەتىنىگە سۈزۈكلۈك ئاتا قىلىدۇ.ەر قانداق ئۆگىنىش، مۇكەممەل پەلسەپە ۋە كىشىلىك پەزىلەت بولغان ئارىلىقتا يېرىم -ياتا ئۆگىنىش ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپە، رېئاللىقتا ئۆگىنىش تۈپەيلىلا پەيدا بولۇشى ناتايىن. چوقۇمكى، بارلىق تەنبىئىي كەچۈرمىش ھامىنى پەلسەپە شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتە ئۇ تومتاقلا دۇنيا قاراش دەيدىغانمۇش سۆز بىلەن كۆرسىتىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پەزىلەت پەيدا قىلىشقا، گۈزەل ۋەتەن پەيدە قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ جەريانى زادى قانداق بولىدۇ؟


        قۇمۇلدا ‎**‎‎ تۇر دەپ بىر يېزا بار. بىز ئاشۇ يېزىلىق بىر قىز بىلەن بىللە ئوقۇدۇق. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇ ئىدىكى،  ئۇ ئۆزىنى باشقىلار تۇرلۇق دېگەن گەپنى ئاڭلىغىنىدا ئۇستىخان ئۇستىخانلىرىدىن شۈركۈنۈپ كېتەتتى. ئۆزىنىڭ يېزىلىق بولۇپ قالغانلىقىدىن نۇمۇس قىلاتتى. تەقدىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بازاردىن ئورۇن بەرمىگەنلىكى ئەڭ ئۆچەكەشلىك قىسمەت ئىدى. ئوقۇۋاتقىنىمدا بازاردا بىر نەچچە رەت ئۇچراپ: -ئۆينى دىۋىگە(مەمۇرىي مەھكىمە)گە كۆچۈرۈۋالدۇق، بارسىلا ، دېگىنى ناھايىتى ئېسىمدىيۇ، ئەمما بۇنىڭ تېگىگە شۇ چاغدا يەتمەپتىكەنمەن. كېيىنچە بىز بىرلىكتە ئالىي مەكتەپكە چىقتۇق، ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ قۇمۇللۇقلىقىدىنمۇ چېنىپ ئۆزىنى <ئۈرۈمچىلىك> دەپ تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى ۋە ئۆزىنى ئاخىر جەمئىيەتنىڭ مول مەئىشەتلىك بەزمىلىرىگە ئاتىۋەتتى .كېيىن تاغچى بىر قىز بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 18گە كىرگەنىدى. تېگىدىن ساددا ۋە قىزغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى، لېكىن ئاللىقاچان يامان يولغا مېڭىپ بولغانىدى. بىر كۈنى مەن ئۇنى پاراڭغا سالدىم، ئۇنىڭغا بۇ يۇرتنىڭ ماڭا ئاجايىپ يىقىملىق تۇيۇلىدىغان سۈزۈك سۇلۇق غوللىرى، تەبىئي مۇھىتى، جەلىپكار چوققىلىرى، قانداقلا يەردە ياتساڭ سەن بىلەنلا پىچىرلىشىدىغان چەكسىز جىملىقتىكى قوينى يارىمىغانىدى. گەپ جەريانىدا ئايان بولدىكى، سەھرالىق قىسمىتىدىن ئۆكىنىش ئۇنىڭمۇ ماھىيىتى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي شەھەردىن چىققان بىر يىگىت بىلەن يۈرگەن، بۇ ئۇنىڭغا ئىپتىخار تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يىگىت شەھەردىن چىققان يەنە بىر قىز بىلەن تېپىشىۋالغان. ئېنىقكى، بۇ ئىش ئۇنىڭ يىغىرىغا تازا تەگكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ياسىنىشقا، شەھەرلىكلەردەك يۈرۈشكە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بەرگەن. ئوغۇللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىش ئالىي نىشانى بولغان. ئوغۇللارنىڭ شەھۋەتلىك كۆزلىرى ئىچىدە ئۆزىنى مەنىلىك ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلغان. گۇيا بۇ دۇنيادا مۇشۇنىڭدىن باشقا ئىش يوقتەك ئۇ مۇشۇنداقلا ياشىغان، مەنىۋىي يىتىمغا ئايلانغان.

     ھەسسەنە، ئۇ نېمىشقا بۇرچىدىن ئايرىلغان روھ بولۇپ قالىدۇ؟ بىزنىڭ مەھەللىدە قاغىم ئېرىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېرىق بار ئىدى. كىچىكىمىزدە بۇ ئېرىقنىڭ سۈيى ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ، يازلىرى مەھەللىنىڭ بالىلىرى سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينايتتۇق، قاچانلاردىكىن ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سېسىق، سۈيى قۇيۇلىدىكەن، قازانغا ئېلىپ سالمايلى دېگەن گەپ چىققاننىڭزى ئۇ سۇداچوڭلار كىر يۇمايدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، بىز كىچىك بولغاچقىمىكىن سۇغا چۈمىلىۋەردۇق. بۇ ئېرىق قەدىمىي ئېرىق بولغاچ مەھەللىلەر ئېرىق بويلاپ كېڭىيىپ ماڭاتتى. كېيىنچە بۇ ئېرىق پۈتۈنلەي سېسىق سۇ ئېرىقى بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ يېنىغىمۇ بارالماس بولدۇق. بىر كۈنى غۇبارسىز چاغلاردىكى شوخلۇقىمىزنى، ئېرىق بويىدا سەگىدەپ ئولتۇرۇشلىرىمىزنى ئەسلەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. تاسادىپ، مۇشۇنچىۋىلا ئائىلىگە ماۋۇ سېسىق سۇ پۇرىمىغاندىمۇ؟ گۈزەل ئېرىقىمىز قېنى دەپ ھېچكىمنىڭ زەردىسى قاينىمىغاندىمۇ؟ دەيدىغان سوئاللارغا قالدىم. كۆزۈمگە گويا قولنىڭ ياكى پۇتنىڭ سېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەيدىغان بىر لەقۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يېتىملىك، غېرىبلىق قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. بۇرچىدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئومۇملىشىپ، ئىجتىمائىي سولاشلىق پەيدا قىلىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. پىكىرلىرىم بۇ ھەقتە دولقۇنلاشقا باشلىدى. شۇ چاغدا نېمىشقىكىن كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ تەكەللۇپ بىلەن تولغان چىرايلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلەرنىڭ تەستىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەللىكى ئوخشاشلا بىر نەرسىنى ھېلىقى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ قارشى ئېلىش بىلەن ياقتۇرماسلىق ئارىلىقىدىكى پەرقنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى قىسقىلىقى بىر نەرسىنى تەستىقلىشى ۋە ئىنكار قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنى قايىل قىلىشنىڭ كەتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ھېسسىيات بولسىلا بولىدىغانلىقى يادىمغا يەتتى.
     كۆڭلۈمدە بۇنىڭ ئۇلارنىڭ زاتىدا ئۆزىدىن قايناپ چىققان بىر تارازىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكى بىلىندى. گويا جاھاننىڭ ئوقىغا توغرىلانغان بىر نەرسە ئۇلاردا يوقتەك شۇڭا مەڭگۈ پەلەك بىلەن تەڭ پىرقىرىماي ئايرىم بىر قاينام بولۇپ قالىدىغاندەك ھېچقاچان مەلۇم بىر بۇرۇچنى ئۈستىگە ئالالمايدىغاندەك تۇيۇلدى.
     مال سېتىش ئۈچۈن خېرىدارغا نازلىنىپ كېتىۋاتقان سودىگەر ئايال، بالام، ئاتام، ئاكام دەپ مېھرىبانلىقنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بىلەن ھەل قىلغۇچ يەرگە ياكى جانغا ئەسقاتىدىغان يەرگە كەلگەندە شۇ ئادەتلەنگەن ئەۋرىشمىلىكى بىلەنلا بولىدىغانلىقى كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كۈلۈپ كەتتىم. ئايال خەق بىلەن تىجارەت قىلغىلى بولمايدۇ، ئاياللار يۈزسىز كېلىدۇ، دېگەندەك ئاياللاردىن يامانلايدىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقەتتە پەلسەپە بولمايدىغانلىقتىن يامانلاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئوخشاش مۇھىت ۋە نەرسىگە بولغان ھېسسىيات پەرقىنىڭ پەلسەپىگە يۆنەلدۈرىدىغان سوئاللىرىغا بولغان پەرۋاسىزلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى مانا مەن دەپلا چىقتى.
     تەسەۋۇرۇمغا ئۆز ھاياتىمدىكى سوئاللارغا ئەستائىدىل مۇئاملە قىلالمىغان بىر، ھايات جەريانى كەلدى. دۇرۇس ياكى بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن ئادەمگە نىسبەتەن مۇشۇنداق بىر تەلەپنى قويغىلى بولارمۇ دەپ سورايمۇ؟!خاربىندا تۇرغان چاغلىرىمدا ئارىمىزغا شۇ شەھەردە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان بىر ئادەم قوشۇلدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى مىزانسىز بىر تۇرمۇش بولۇپ، خاھىشى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىۋىرەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە ھەممە ئىشتا بار، لېكىن، ھەممىگىلا چىن دىلىدىن بېرىلمەيدىغان، ئېغىزىدا گېپى بار ئىنسانلار سانىلاتتى. يە بۇ شەھەرنىڭ قىمارۋازلىرى بىلەن بىر سورۇندا چەپراس ئولتۇرۇپ مەيدىسىگە گۈم قىلىپ مۇشلىيالمايتتى؛ يە ئىككى ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ئوغۇرلۇققا ماڭالىغۇدەك سۆلىتى يوق ئىدى، پەقەت ھەممىسىگە خۇشخۇي، مەيدانسىز ھىجىيىپ ئوغرىنىڭ ھارىقىغا، قىمارۋازنىڭ ئىشىغا داخىل بولىۋىرەتتى. ئىككى ئۈچ ئايەتنى يادقا بىلىپ بىرەر ۋاق نامازنىڭ قىرائىتىنى ئوبدان قىلالايدىغان قارىمچىلىك ئىززەتكە ئەسلا ئىگە ئەمەس ئىدى.ەتتا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىدىن بالقىغان بىرەر ئېغىز گەپمۇ تاسادىپىي چىقىپ قالمايتتى.

        بىر كۈنى ئوغرى، قىمارۋاز، سودىگەرلەر يىغىلغان بىر سورۇندا ھەممە پۈتۈن ھېسىياتلىرى بىلەن ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى قىلىشتى، بىر ياقتا ئولتۇرغان ھېلىقى كاندىدات دوكتور تولىمۇ پەسەندىلىك بىلەن سورۇننىڭ كەيپىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان گەپنى قىلدى. مەن چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم، شۇ ئەسنادا مۇشۇ يەرلىك، بىر خەنزۇ بىلەن توي قىلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇچىغا چىققان بىر قىمارۋاز ئۆزىنى باسالماي تۇرۇپ كەتتى- دە، شۇنداق دېدى:
     -ئاداش سەن 20 يىل ئوقۇپسەن، يەنە تۆت يىل ئوقىساڭ ئېشەك بولىدىكەنسەن ،  ھېلىقى دوكتور :
     - نېمە دەيدۇ، ماۋۇ ، دېدىيۇ ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىدى.ھەممە بۇ گەپنىڭ تولىمۇ جايىدا ئېيتىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ كېتىشتى، ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە بۇ خۇرسەنلىك شۇ سورۇن ئەھلىنىڭ ئېسىدىن چىقماي كەلدى. ئۆزۈمنىمۇ جىق ئوقىغانلاردىن سانىغاچقىمىكىن ھېلىقى دوكتورنىڭ ئىنكاسسىز چىرايى ماڭا تېخىمۇ بەك ۋەزىنلىك ئىدى.
     ئىنسان خاھىش جەھەتتە ئۆزىنى جاھاننىڭ بىر تەركىپى دەپ ھېس قىلمىسا، ئۇ ھېچنېمىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ۋەزىن ۋە ئېتىباردا ئويلىمايدۇ. بارلىق نەرسىنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بىلىدۇ، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ. ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ئىنتىزامى ھەققىدە باش قاتۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانچە ئۆگىنىش ۋە بىلىمدارلىقمۇ ئۇنىڭدا مەڭگۈ پەلسەپە پەيدا قىلمايدۇ. ئۇلار بىر بولسا جاھاننى يا نوچىلىق بىلەن ۋە ياكى شەرمەندىچىلىك بىلەن ئۆز ئەتراپىدا پىقىرىتىش بىلەن ئاۋارە، بىر بولسا جاھاننىڭ ئۆز ئەتراپىدا پىرقىراپ تۇرمىغىنىغا ئاچچىقلاش، قېيداش، دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئاۋارە. قەدىمكىلار ئېھتىمال بۇنى ئىمانغا كېلىش ۋە كۇفۇرلۇق بىلەن سۈرەتلەپ كەلدى. جەمئىيەت تارىخى ئۈچۈن ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق ئىش بولۇپ كەلدىكى،  تارىخ جاھالىيەت ۋە نۇرانىيە بولۇپ ئايرىلدى.شۇڭا تەرەققىيات نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆتمۈشنىڭ دولىسىدا بىر پۈتۈن ئالەم گەۋدىسىدە تۇرغان بۈگۈنكى ھەربىر روھقا ئاشۇ كۈننى، ئاشۇ كۈننىڭ ئۆتمۈشنىڭ دولىسىدا ماكانىنىڭ قايسى نۇقتىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئاچچىق - تاتلىقىنى بىلدۈرۈش ھەربىر ئىنساننىڭ تەربىيىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۆتكەل بولدى. لېكىن، خۇددى › شىر پادىشاھ‹تا تەسۋىرلەنگىنىدەك دۇنيانىڭ ئۆز ئەتراپىدا پىقىرىمايۋاتقانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ياكى ئالىراق بولغاندا جاھاننىڭ تەڭسىزچىلىكلىرىدىن يۈرىكىدىكى ئوتنى يوقىتىپ بولۇشىچە بولمامسەن دېگەنچىلىك قىلىپ › ھاككۇنا ماتاتا‹ دەپ ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، بۇنىڭ ئىستىخىيىسىز داۋاملىشىپ، چاما ئۆزىنىڭ يوقىلىپ باغقا چۈشكەن كۈز يوپۇرماقلىرىدەك ھايات ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈز ئىچىشى بىلەن روھقا ئۆز بۇرۇچىنى تونۇتۇش تەربىيىسى شۇنچىلىك دەرىجىدە شالاقشىپ كەتتى.
       <گەرچە ئۆلىمالىرىمىز پاساھەتلىك تىللىرى بىلەن ئىنسان ئىمانى بىلەن، ئىنساندا كۆرۈلگەن ئىلاھىي سەنئەت ۋە راببانى ھېكمەتلەر ئېتىبارىدا قىممەتكە ئېرىشىدۇ. كۇفۇرلۇق قىممەتكە ئۇلاشتۇرغۇچى نىسبەتنى ئۈزىدۇ. بۇ ئۈزۈلۈشتىن ئىلاھىي سەنئەت يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ. قىممەت ھەم يالغۇز ماددا ئېتىبارى بىلەنلا بولىدۇ. ماددا ھەم پانىي، ھەم مۇۋەققەت بولغىنى ئۈچۈن قىممىتى يوقنىڭ ھۆكمىدىدۇر>(بەدىيئۇز زاماننىڭ <رىسالىيەنۇر كولياتىن> دىن ئېلىندى،  نۇر نەشرىياتى)دەپ روھىي پەزىلەتنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھنى تەربىيىلەش جەھەتتە ئەسقاتقۇدەك كونكرىت تەربىيىلەش تەدبىرلىرىدىن كۆپرەك، قىرائەت ئۆگىتىش بىلەن يانداشقان مۆجىزىۋىي ئېرىشىش پسخىكىسىغا ئىلتىجا قىلىپ كەلگەچكە ۋەتەن ۋۇجۇدى توزان قاپلاپ كەتكەن ھاۋاغا ئوخشاپ قالدى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكتە بىچارە سەمىيمىلەردىن بولۇپ كېلىۋەردى
     .ئىچكىرىدە سودا بىلەن بولۇۋاتقان كۈنلەردە شۇ جايدىكى سودىگەرلەرگە نىسىي مال بېرىش ھەققىدە گەپ بولۇپ، ئۆزۈم خېلى ھۆرمەتلەيدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر قارىم، ناۋادا مەن خۇدانى تۇنۇمايدىغان، دوزاخ ئازابىدىن قورقمايدىغان بولسام مالنى ئېلىۋېرىپ كېيىن ئالغانلىقىمدىن تېنىۋېلىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرەتتىم دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى خېلى مەزگىللەرگىچە مېنى ھەيرانلىقتا قالدۇردى. ئۇ گويا ئەسلىي پەس ئادەمدەك، پەقەتلا ئاشۇ ئەقىدە سەۋەبلىكلا ياخشى ئادەم بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقاندەك بىلىندى. ئىچىمدە:
      ۋاي لاتا، ھەممىنى بىلىدىغان ئاشۇ ئاللا سېنىڭ ماھىيىتىڭگە بېقىپ ھۆكۈم كەسمەي بەش ۋاخ نامازدىن ئىبارەت ئاشۇ چۈمپەردەڭ تۈپەيلى قايمۇقۇپ قالاتتىمۇ دەپ ئويلىدىميۇ بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئارىمىزدا بەك تولىلىقىغا كۆزۈم يېتىم پەسكويغا چۈشتۈم. نېمىشقىدۇر بۇ قارىمنىڭ كۆڭلىدىمۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى قاغىم ئېرىقتىن بىرسى باردەك، ئۇنىڭدىمۇ ھازىر بۇلغانغان نەرسە ئېقىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، رەزىللىك، پاسكىنچىلىقتىن ئەمەس، بەلكى نامازخانلارنىڭ ئازلىقىدىن، خىلاپلىقلارنىڭ جىقلىقىدىن تولاراق گەپ قىلىدىغىنىنى، خۇدانىڭ زۇلۇمى ۋە ئازابلىرى پۇراپ تۇرىدىغان چۈشەنچە ۋە شەرىھلىرىنى، ھېچ يېرى ھېچنېمە بولماي ئاڭلايدىغان ۋە سۆزلەيدىغانلىقىنى نازۇك رەۋىشتە چۈشەندىم. شۇئان كۆز ئالدىمدا قاغىم ئېرىق پەيدا قىلغان سوئال بۇ قارىمنىڭ بۇرنىغا پۇرىمىغان سېسىقچىلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.

      دۇنيادىكى نۇرغۇن ئادەملەرگە ئوخشاش مەنمۇ بوكسىيۇر پادىشاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ بوكسىيۇر مۇسابىقىسنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ، مەردۇ- مەردانىلىق تېمىپ تۇرغان ھەرىكەتلىرى، ئەركەك ۋۇجۇدى ئادەمنى ھېلىدىن - ھېلى ھاياجانغا سالىدۇ.ەممىمىزگە مەلۇمكى، بوكسىيۇر مۇسابىقىسدە ئىككى نەرسە بار. بىرى مۇسابىقە ئىنتىزامى، يەنە بىرسى مۇسابىقلىشۋاتقانلارنىڭ ھېسسىيات ۋە خاھىشلىرى.
     مۇھەممەد ئەلىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە بۇلار شۇنداق جۇلالىنىپ تۇرىدۇكى، ئۇلارنىڭ قايسىسنىڭ مۇسابىقە ئىنتىزامى، قايسىسنىڭ مۇھەممەد ئەلىنىڭ ھېسسيات ۋە خاھىشلىرى ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىش تەس. مۇھەممەد ئەلىنىڭ مەردۇ -مەردانىلق سەزگۈسى شۇنچىلىك ئۆتكۈركى، ئۇ مۇسابىقە ئىنتىزامىنى سۇبيېكتىپ ئايرىم بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى شۇ سۇبيېكتىپنىڭ ئىچىدىكى بىر پەزىلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. ئۇلا ئەمەس تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەردە بۇ خىل پەزىلەت ئومۇميۈزلۈك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئۇنىڭدىكى ئادەملەردىن جەننەتنىڭ تەمەسىدە ياشايدۇ، نام چىقىرىشنىلا ئويلايدۇ دەپ ئاغرىنمىغاندەك بولۇشى كېرەك ئىدى.

     شۇڭا جاكا بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىدىن خەۋىرى يوق شىراق ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولالىغان، ئاتالمىش ئىمانسىز تۇنيۇقۇق ئەلنىڭ غېمىنى يىيەلىگەن، ئالتە مىڭدەك مەدەنىيەتلىك قەشقەرلىك چولاق زىخۇينىڭ300 يۈزدەك ئەسكىرىنىڭ قولىدا دەپسەندە بولۇپ ئۆلگەن بىلەن، ئاندا - ساندا ھاراق ئىچىپ قويىدىغان يۈز ياكى ئىككى يۈز ئاتلىق قىرغىز ياكى قازاق خېلى چوڭ دائىرىگە تەھلىكە سېلىپ ئۆتكەن.

      دۇرۇست. بۇ دەل قائىدىنى شارىلداپ يادلاپ بېرەلىگىنى بىلەن دوسكىغا چىقىرىپ قويسا ئوڭشاپ بىرەر مەسىلىنى يېشەلمەيدىغان جىمغۇر، قائىدىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتمۈشىدىن باشقا نەرسىمۇ؟بەزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى ياماموتو ئىسوروكو(شەنبىن) نى ئەسلەپ قالىمەن. بىلىشىمچە ئۇ ئەسلىدە تىنچلىقپەرۋەر ئادەم بولۇپ، ياپونىيە ئىچكى كابېنتى ئۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغاندا ئۇ قەتئىي بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن ئۇرۇشۇش تەرەپدارلىرى بىلەن كۈچ ئېلىشالماي ئاخىرى ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىدۇ.
     ياپونىيە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەينى چاغدا ياپونىيە ئارمىيىسىدە ئۇنىڭدەك تالانتلىق ھەربىي قوماندان يوق ئىدى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئۇرۇش پىلانلىرى تۈزۈلۈشكە باشلايدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دىتىغا ياقمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆزىنىڭ <ياپونىيە ئۇرۇشقا كىرسە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى، دۇنيا خەلقى ئالدىدا جىنايەتكار بولىدۇ> دېگەن گېپىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگېپىنى ئاڭلىمىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى مەغرۇر تاماشا قىلسۇنمۇ ياكى بۇ جىنايەتكار سەپكە قاتنىشىپ شۇ جايدا ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قابىلىيىتىنىڭ يېتىشچە قوغدىسۇنمۇ؟
     ياماموتو ئاخىرقىسنى تاللايدۇ. باش قوماندانلىق ۋەزىپىسگە قايتا ئولتۇرۇپ، فيورىل - خاربور ئۇرۇشىنى پىلانلاپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ، كېيىنكى مۇقەررەر مەغلۇبىيەتكە پۇختا تەييارلىق كۆرىدۇ. ياماموتو ئۆلدى. ئەسلىي ئۆزى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى2- دۇنيا ئۇرۇشىنى تاللىغان ياپونىيىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى بولغىنى ئۈچۈن مەڭگۈ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلاندى.
     توۋا دېدىم، لەنىتى ئېسىل ئادەم ياماموتو شۇ تاپتا نەدە تۇرىدۇ؟ بايىقى سەھرالىق قىز نەدە تۇرىدۇ؟ئەسلى مۇھەممەد ئەلىنى ئاشۇنداق پەزىلەتلىك قىلغان نەرسە سەزگۈرلۈك. بارلىق خەلق مەردانىلىرىنى ياراتقان نەرسىمۇ سەزگۈرلۈك، چۈنكى، ھەقىقەت بارلىق نەرسىلەرنىڭ تولۇقى بىلەن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭ روھتا سىمالىنىشى مۇشۇنداق پەزىلەت ئاتا قىلىدۇ. دېمەك، بالا ئۆز ھۇشيارلىقىغا بېقىپ مۇھىت بىلەن تۇتۇشىدۇ. كەيپىيات جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قايسىسى مۇئەييەنلەشسە يەنە بىرسىمۇ مۇئەييەنلىشىدۇ. قايسى بىرسى ئىنكار قىلىنسا يەنە بىرسمۇ ئىنكار قىلىنىدۇ. ئەمما، ئىنكارلىق بىلەن تولغان بالا ھەرگىز ياخشى ئادەم بولمايدۇ. لېكىن، ئۆز يۈرتىغا بولغان يېقىنچىلقىنى ئۆز كەچۈرمىشى يۇلۇقتۇرۇپ ئادەتلەنگەن روھقا ھېسىيات ياكى قايىللىق بىلەن تاقابىلىق ۋە ۋەزىن ئاتا قىلمىساق ئۇ پۇۋلا قىلسا پۇللاڭلاپ ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ئاشۇنداق يىتىمەك قىز بولماي نېمە بولماقچىدى؟
        < بىزگە مەلۇمكى، تۈپ ئۆزنىڭ مەلۇم قىسىملىرى ئەتراپىمىزدىكى ئوبيېكتىپ رېئال دۇنيانىڭ تەسىرىدە ئالاھىدە تەرەققىياتلارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەسلىدىنلا تەسىرلىنىشچان تەرتىپلەر بىرلا ۋاقىتتا يېنىپ تەسىرگە تاقابىل تۇرغۇچىلىكى بار تاشقى قەۋەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۆزگىچە بىر ئورگاننى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئورگان تۈپ ئۆز بىلەن ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئارىسىغا چۈشىدۇ>( <روھ ئانالىزى تىزىسلىرى> ،  قۇمۇل ئەدەبىياتى ، 98- يىللىق 4- سان، 89- بەت) روھنىڭ بۇ بۆلىكى چاما ئۆز (ئەس)دېيىلىدۇ. ئاڭ تۈپ ئۆز، قۇغ ئۆز ۋە رېئاللىقنىڭ تەلىپىنى ئورتاق، قانائەتلەندۈرىدۇ. (<روھ ئانالىزى تىزىسلىرى>، قۇمۇل ئەدەبىياتى ، 98- يىللىق 4- سان، 89- بەت).
     شۇڭا مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چاما ئۆزنىڭ ئەسنى يوقىتىشىغا، چەتنىتىۋېتىشىگە بولمايدۇ. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا يېتىلىش جەريانىدا تەبىئەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويۇش، پەلسەپە، تارىخ بىلەن روھنى ۋەزىنگە ئىگە قىلماسلىق تۈپەيلى بولىدۇ. پىسخىك تارىخ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى دەل ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇشۇ يۈزلىنىشتىن قول ئۈزۈشتىن باشلانغانىدى. دۇرۇست، مەن تىلغا ئالغان ياۋاشلاردىن ئەسكىلەرنىڭ ئىسسىق كۆرۈنۈشى مانا مۇشۇ جۈملىدىندۇر. ئەسكىلەر ھەرقانچە ئەسكى سانالسىمۇ يەنىلا ئادەمنىڭ ماتېرىيالى بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ نېمىشقا ئادەم بولمىغانلىقىدا بولاتتى. ئۇ دېمەككە ئاسان بولغان بىلەن قىلىش تەس ئىش. شۇڭا بۇرۇن بالىنى چەتنەتمەسلىك جەھەتتە قاشلىق ئېتىش، يۈزىنى يېپىش، تۇمار ئېسىشتىن باشقىغا قۇربەتلىك بولالمىغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۇغۇلغان ئادەمگە ئۈچ نەرسە قالىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرمۇشنىڭ پاساھەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن خۇلاسىسى بولىمىش يوسۇن - قائىدە، ئۆرپ - ئادەت، يەنە بىرى، مەۋجۇت سەۋىيىسى بولمىش تارىخ. يەنە بىرى، جاھاندارچىلىق سەنئىتى بولمىش بىلىم. ئۇنىڭ بىرىنچىسى روھقا ۋەزىن بېرىدۇ، ئىككىنچىسى روھنى رەسمىي ھالدا بۇرچىغا ئەكىلىدۇ. بۇ مۇنۇ چۈشەنچىگە تەتبىقلاپ ئېيتىلسا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.، ئاللاھقا نىسبەتەن زامان ئۇقۇمى بولمايدۇ.

        632- يىلىدىكى بىر ۋەقە بىلەن1900- يىلىدىكى ۋەقە ئۇنىڭغا قەشقەر بىلەن مەككىدە يۈز بەرگەندەك بىلىنىدۇ دېگەندەك ئىسلام پەلسەپە چۈشەنچىسگە باققاندا تارىخ ۋۇجۇتنى ئۆز ماكانىغا يەتكۈزىدۇ، ئەسنى چەتنەتمەيدۇ. دۇرۇست، ئۇنى بىلمەيمۇ كۈن ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما، ئۇنداقتا مۇنداق ئادەم بىر بولسا بىر تالاي تارىخىي ساۋاقلارنى قايتا تېتىپ مۈكچەيگەن ھالدا ئىزىغا كېلىدۇ، بىر بولسا، ئۇزۇن ئۆتمەي سەكرەپ ئىزىغا جاققىدە ئولتۇرۇپ ئېسىنى يوقىتىدۇ.خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلارغا سەپ سالساق بۇنى روشەن ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئەسەر روھ بۇرچىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان نەرسىلەردۇر. شۇنداقتىمۇ نېمىلا دېگەن بىلەن بۇنىڭ باشلانغۇچ يولى يەنىلا تارىخنىڭ ئۆزى. بۇباشلانغۇچ يول ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلگەندە، روھ ئەدەبىي ئەسەرلەرسىمان كىيىنىۋالىدىغان زىيالىيلىق كېسىلىگە ئاسان گرىپتار بولۇپ قالىدۇ.ەممىدىن يامىنى ئىجتىمائىي ئۇيۇمۇلق تەقەززاسى ئىستىخىيىسىز ھالدا تارتىشقۇدەك بىر نېمە شەكىللەندۈرەلمىگەنلەر كۆپىنچە قىزىق ياشاش ھەلەكچىلىكىگە پېتىپ ھەتتا ئەدەبىي ئەسەرلەر سەۋەبلىكمۇ بۇزۇلىدۇ. بولۇپمۇ يات ئەللەرنىڭ ئەسەرلىرى بۇنداق ئادەملەرگە ئەشەددى زىيان قىلىدۇ. شۇڭا چوڭلار ئۆسۈۋاتقانلارنى كەلگۈسىدە ئەخلاقلىق، بەختلىك، ۋەزىنلىك بولسۇن دەيدىكەن بالىلارنى قەبرە بېشىغا ئېلىپ چىقىپ دۇئاغا قول كۆتۈرتىپلا ياندۇرۇپ كەلمەي، ئەجدادلىرىنى تونۇشتۇرۇشى، باھالىشى مۇشۇنىڭ بىلەن تارىخ دەرسىنى باشلىشى، ئۇلۇغ تارىخچىمىز مىرزا ھەيدەر كۆراگان بەرگەن ئاتا بوۋىلىرىمىز توغرىسىدىكى ‹تۈركلەر ھەممە ھادىسىلەر، ھەرقانداق بىر مۇھىم ئىشنىڭ ھەممىسىدە، بەلكى پۈتكۈل ئاقىللاردا ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىناسىنىڭ ئاساسى. ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايەتلىرىگە تايانغان بولىدۇ›(‹ تارىخىي رەشىدى›دىن ئېلىندى)

     بۇنىڭچە بولغاندا ھازىرقى ئەۋلادلار ئەجدادلار مەلۇماتىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىشى؛ ‹ئوغۇزنامە›،  ‹دەدەقۇرقىت› ، ‹ئالپامىش›، ‹دىۋانى لۇغەتىن تۈرك›، ‹زەپەرنامە›، ‹شەجەرى تۈرك› ، ‹تارىخىي رەشىدى›،  ‹تارىخىي جاھان كۇشاي› ، ‹غازات دەر مۈلكى چىن›، ‹قىرىق باتۇر› ، ‹ماناس› ، ‹ئىدىل دەرياسى ئۆركەشلىمەكتە›، ‹ ئىز›، ‹ئانا يۇرت›،  ‹تارىخىي ھەمىدى› قاتارلىق كىتابلارنى ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن ساقلىشى، بالىلارغا چوقۇم يەتتىنچى ئەجدادىغىچە بىلدۈرۈشى لازىم.

     بۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بولىدۇ؟ بىر كۈنى دىيانەت ۋە پەزىلەت توغرىسىدا ۋەز ئېيتىۋاتقان چاغدا خىيالىم ئىختىيارسىز ھالدا گېئومېتىرىيە دەرسىگە كەتتى. ئەسلىي گېئومېتىرىيە تەس دەرس ئەمەس، سەن بىلگەنلىرىڭنى سادىق ھالدا ئىشلەتسەڭ گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ساڭا ھېچ گەپ ئەمەس. ئىسپاتلاش جەريانىدا ئەڭ زور توسالغۇ لەۋزىسىزلىك ۋە لەۋزىگە بولغان سەزگۈسىزلىك. لېكىن، ئەجەپلىنەرلىكى، بۇ دەرستە كۆپچىلىك بالىلار ياخشى ئەمەس. ئويلىرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇشۇنداق تەسىرلىك سۆزلەۋاتقان ئاشۇ زاتقا بىر سائەت گېئومېتىرىيە ئۆتۈپ ئاندىن ئۇنى سىناپ باقايمۇ؟ دېگەن خىيالنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. دۇرۇست، ئۇ بىرەر ئىسپاتلاشنى ئىسپاتلىغان بولسا شۇ جەرياندىن ئۇنىڭ دىيانەت ۋە پەزىلەت توغرىسىدىكى ۋەزلىرىگە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئەمەل قىلالايدىغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقاتتى. 30يىللىق ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم نۇرغۇن ياخشى، ئېسىل ئادەملەردىن دىشۋارچىلىق ۋە پەزىلەتسىزلىكنى تالاي قېتىم كۆرۈپ ھەيرانلىقىم ئەمدىرەك بېسىلدى. قارىغۇنىڭ شەھىرىدە كۆزۈمنى كېيىنرەك ۋە خالىمايراق قىسقانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، بۇ ئىشلار ئاخىرى بىر سائەتلىك گېئومېتىرىيە دەرسىگە تەمسىل بولدى. تەپەككۈر جەريانىدا ھەر بىر ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرگە رەزىللىك ۋە پاسكىنچىلىقنىڭ ئۆزى يۇقمىغاندىمۇ چاڭ -توزانلىرى قۇنۇپ قالغاندا تەپەككۈر خۇلاسىلىرى يەنى پەتىۋا پەرقلىق بولىدۇ.
     دېمەك، ئىنسانلاردا چۈشەنچە مۇكەممەللىكى بولمايدىكەن نادانلىق بولىدۇ. نادانلىق بولىدىكەن مۇكەممەل دىيانەت ۋە پەزىلەت بولمايدۇ. ناۋادا، دىيانەتكە ئىنسانلىقنى ئۆتكۈزىدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈزگۈچ دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەندە، ئۇھالدا ئۆتكۈزگۈچنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا يېتىدىغان قۇۋۋەت ۋە ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالىدىكى پەرق تۈپەيلى تۈرلۈكچە بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قارىغۇنىڭ شەھىرىدە بىر كۆزىمىزنى قىسىمىزمۇ؟ قۇۋلۇق - شۇملۇق دەستۇرلىرى بولغان جاھاندارچىلىق سەنئەتلىرىنى باش چۆكۈرۈپ ئۆگىنىمىزمۇ؟ ۋە ياكى بۇنىڭغا رەسمىي ھالدا قېيداپ مەلۇم تارىخىي ھادىسلەرنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ھەرقانداق نەرسە سىنىپىي بولىدۇ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى غايە قىلىۋېلىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئالدامچىلىق دەپ تەدبىرلەردىن ئىزدىمەي غايىنىڭ ئۆزىنى چۆرۈپ تاشلايمىزمۇ؟ لوگىكىنى ئاز كۆپنى ئەزسە بولمايدۇ دەپلا تۇرغۇزۇپ زۇلۇمنىڭ قامچىسنى كۆپنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمىزمۇ؟ ھېچكىمگە ئىشەنمەي كېسەل داۋالايدىغان دوختۇرغىمۇ، سۈت ئىشلەپچىقىرىدىغان سۈت كارخانىسىغىمۇ مەلۇم بىر ئىدىيىۋى مەسلەكتىكى گۇرۇھنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئورنىتىمىزمۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن زۇلۇمنى يوللۇقلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق سىنىپنىڭ ئورنىغا كۆپ سانلىقنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىپ خاتىرجەم بولىمىزمۇ؟ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىيمىزمۇ؟ بىر ئادەمگە يوقلا يەردىن ھومايساق، نۇقۇپ قويساق، ئۇيەر- بۇ يەرلىرىنى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن شاپىلاقلىساق كىيىمنى مۇنداق كىيىڭ، ئۇنداق كىيمەڭ دېسەك، ئىنسانلىققا قىلنغان خورلۇق بولىدىكەنۇ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ، تۇيغۇسنىڭ قانداق بولۇشىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەدبىركارلىققا ھەقلىقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن گال بىلەن دەۋر نوپۇزى بىلەن ئەينەن بولىدىغانغا چەمبەرچاس باغلىۋېتىشكە سوئالقويمايمىزمۇ؟ ياق، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇكەممللىكنىڭ مەۋجۇتلۇققا بولغان يۈكسەك ئەقىدىسىنى يوقاتمايلى.
     ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىگەندە ھامىنى خاتالىق پەرقى بولىدۇ. لېكىن، بۇ ھەرگىز ئۇ نەرسىنىڭ ھەق ئۇزۇنلۇقىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى، ئۆلچەش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى ئىنسان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتە، جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا توغرىسىغا چەكسىز يېقىنلىشالايدۇ.ەرقانداق ئادەم ياكىگۇرۇھ ئۇنىڭغا مەن ئەڭ يېقىنلاشتىم دېيەلمەيدۇ. باشقىڭ ھەرقانچە بولسىمۇ مەنچە يېقىنلىشىسەن ۋەھاكازا دەپ ھەرقانداق ئادەم ياكى گۇرۇھنى چەتكە قاقالمايدۇ، ئۆزىنى مەبۇد قىلىپ تىكلىۋالالمايدۇ. ئۆزىنى مەبۇد قىلىپ تىكلەشنىڭ ھەرقانداق تىرىشچانلىقى ئەخمەقلىق بولىدۇ.جاھان قانداقتۇر بىر قوشۇن ياكى ھۆكۈمراننىڭ قولىدا ئەمەس، ئاشۇ توغرىلىقنىڭ قولىداپىرقىرايدۇ. شۇ جۈملىدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىڭ يىلنىڭىزى ھەرقانداق بۈيۈك كۈچكە تازىم قىلىشنى ئىنسانلىق بىلەن چىقشالمايدۇ دەپ ساناپ كەگەن. بىلىش كېرەككى، بۇھەقىقەتنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايلى. لېكىن، بۇ جەھەتتە تارىخلار مابەينىدە يەنە بىر قېتىم ئاچچىق ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق.

      يىغىنچاقلىغاندا، ئاتا - بوۋىلىرىمىز دىيانەت ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھايات تەرزى جەھەتتە ئىككى يولنى تۇتۇپ كەلدى. يەنە بىرى، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە، مەزمۇننى يەنى قەلىبنى تاشلاپ قويۇپ يۇرت يۇرتلارغا تارالغان سەھىھۇل ئەسەرلەر ۋە ئۇسۇللارنىڭ مۇكەممەل پەتىۋالىرىنى ئەمەللىرىگە سۈننەت قىلدى. يەنە بىرى، مەزمۇن تەرەققىياتىدا كەيپنى ئوبيېكىت قىلىپ، مۇزىكىلق تەربىيىلەپ ساغلام كۈلەلىگەن، ماڭالىغان، قارىيالىغان بولسىمۇ، بىر ئىشقا سانچىلغاقلىقتا ئۆزىنىڭ دىقماقلىقى بىلەن جىق مەنپەئەت بەرمىدى. ئەسلىدىنلا تەن بىلەن باغلىنىشلىق بولغان قەلىبنىڭ ماددىي شېرىكىنى قوپاللىق بىلەن تەرىك ئېتىش زۆرۈر بولغاچقا، بۇ كۈرەشتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ھۆددىسدىن ئاران چىقالىدى. نۇرغۇن ئادەم مۇپەسسىلكتە ئۆزىنىڭ كەسىپ ئەھلى ئەمەسلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، پىرلارنىڭ پەي قەدەملىرىنى چىڭ تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن زور ئىجتىمائىي قارىغۇلۇقنىڭ ئۇرۇقى چېچىلدى. خەير، ئۆتكەنگە سالاۋات، ئەمدى بۇ يولغا قايتا پۇت سېلىپ قالمايلى. ئەمدى باشتا بالام جېنىڭنى باقالامسەن -باقالمامسەن؟ ياكى خۇدادىن قورقامسەن قورقمامسەن؟، دەپ، سورىمايبالام سەندە دىيانەت بارمۇ -يوق؟ ساغلاملىق بارمۇ يوقمۇ؟ دەپ سورايدىغان بولايلى. قەلبىڭدە مۇكەممەللىككە بولغان يۈكسدەك ئەقىدە يالقۇنجىدىمۇ-يالقۇنجىمىدىمۇ؟ دەپ سورايلى. سېنىڭ گېلىڭ، ئورنۇڭ ئاشۇ توغرۇلۇققا باغلانغاندا كامالەت تاپىدىغانلىقىنى، بولمىسا جاجاڭنى يەيدىغانلىقىڭنى كۆردۈڭمۇ كۆرمىدىڭمۇ؟ دەپ سورايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
     ئەلۋەتتە بالا تەربىيىسىدە ئىشنى چۆچەكلەردىن، بالىلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان قوشنا- قۇلۇم ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدىن، شانلىق ۋە پاجىئەلىك تارىخلاردىن باشلايمىز. ۋۇجۇتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن باشلايمىز. ئادەملەرنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان- ئوقۇمايدىغانلىقىغا ئەمەس، ھەممىنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ يامانلىققا زەردىسى قاينايدىغان، قاينىمايدىغانلىقى، گۈزەلىككە يۈرىكى ئوقچۇيدىغان، ئوقچىمايدىغانلىقىغا قاراشتىن باشلايمىز. ئاتا بوۋىلىرىمىز كۆتۈرگەن دىيانەت تۇغىنى ئۈزلىكسىز ۋە ئىزچىل ھالدا يېڭى سۈپەت ۋە ساپادا قولىمىزغا ئېلىش بىلەن باشلايمىز. ئۆز بۇرچىدا ئەركەكتەك تۇرالايدىغان -تۇرالمايدىغانلىقىدا، قىسقىسى ئۇنىڭدا ئىماننىڭ (ئىمان ئەسلىي ناھايىتى كەڭ ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئاتالغۇ. مەسىلەن: بىرونونىي ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان بارلىق نەمۇنىلەرنىڭ ھەممىسنى ئىمانلىقلار قاتارىدا چىڭ تۇرغانلارغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا ئىسلام ئۆلىمالىرى كۆپ ھاللاردا يات دىن ۋە مەسلەكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى بۇ ئۇقۇمغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىماننى شەرتلىك شەرھىيلەيمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ) بار - يوقلۇقىغا قاراشتىن باشلايمىز.
     دۇرۇست، مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەقنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك پەرزەنتى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سانا تېغىغا ئېلىپ باردى.
     ئويلاپ باقايلى،  بىر ئاتا ئۈچۈن بالىنىڭ بوغزىغا پىچاق سۈرۈش ئەمەس بىرەر يېرىگە چىداپ تۇرۇپ تىغ تەگكۈزۈش قانچىلىك دەھشەت-ھە؟ لېكىن، ئۇ دىيانەت تۇغىنى كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەت نامايان بولغاندا مەيلى بۇ ئىش قانچىلىك ئازابلىق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بارلىق ئىمتىيازلار بىر ياقتا قېلىش لازىم، دەپ بىلدى ۋە ئالەمچە ئازابقا لېۋىنى چىشلەپ شۇنداق قىلدى. مانا بۇ مىڭ يىلدىن بېرى ئايەم خاتىرىمىزگە مەھكەم بېكىتىلگەن تۇغ. شۇنداق كېسىم قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ تۇغ ئائىلىگە قادالمىغاندا ئايالنىڭ ئەرگە ياكى ئەرنىڭ ئايالغا چوقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ، بىرسىنىڭ ئىنسانلىقى چوقۇمكى دەپسەندە بولىدۇ . ھەرقايسى ئەزالار قولىدىكى 5kg نەرسە چوقۇمكى، ئوخشاش ھالدا 5kg بولمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن ئۆزگىچە بولۇپ كەتمەيدۇ.
     مەلۇم بىر تارىخىي دەۋردىكى ئەھۋالنىڭ ياكى كىشلىك كەچۈرمىشنىڭ ھېسسىيات پەيدا قىلىشى بىلەن ۋۇجۇتتا نوپۇز پەيدا بولۇپ، ئۇنى تەگ قىلغان ئاتالمىش پەلسەپە ۋە مەسلەك جېڭىدىكى ساننى قانچە دەپ توقۇسا بولىدىغان ياۋايىلىقنى پەرۋىشلەپ باشقىلارغا بىر خىل زورۇقۇش بولىدۇ. يىرىك ھۆكۈملەر ھەرقانچە ھەقىقەتتەك تۇيۇلغان بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا نەچچە مىڭ ئىنسان ئاشۇ نوپۇز تۈپەيلى چەيلىنىدۇ.ەممىلا نەرسىنى ھەممىگە ئورتاق ئاشۇ جىڭنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئۆزى جىڭلاپ كۆرۈپ ھۆكۈم قىلىشنى مۇتلەق تەرىز ھېس قىلمىغان ئادەم شەيئىلەرگە ھاياجانلىنىپ ياكى قورقۇپ ھۈكۈم چىقىرىدۇ. شەك شۈبھىسىزكى، ئۇ قانداق ئىتتىك ھاياجانلانغان، يېقىنچىلىق ھېس قىلغان بولسا، شۇنداق ئىتتىك قورقىدۇ ياكى تانىدۇ. يېقىنچىلىق ئۆچلۈك بولغان بىلەن ئىرادە بولمايدۇ.ەقىقىي ئادالەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش بولمايدۇ. مەنپەئەت نۇقتىسىدىن تۆتنى بەش قىلىپ كۆرسىتىش، بەشنى تۆت قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ تۈرلۈك -تۈرلۈك سۇيىقەستلىرى، نەيرەڭلىرى يامرايدۇ. دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئۆكۈنۈش، سۆيۈنۈش ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى تامانى مېغىز قىلغان كۆپۈكتىن باشقا نەرسە بولماي، ئەر ياكى قىز تېپىپ توي قىلغۇچىلىكلا، پادا باققاندىكى زېرىكىشلىك تۈگەپ ياڭاق چاققىچىلىكلا، جەمئىيەت، ھۆكۈمەت ياخشىراق خىزمەت، ئۇنۋان، ئورۇن، مائاش بەرگىچىلىكلا بەرداشلىق بېرىدۇ. خېلى - خېلى جاراڭلىق نۇتۇقلارنىڭ، ھاياجانلارنىڭ جاجىسى ماھىيەتتە مەئىشەتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. بۇنى كونىلار بېشىغا كۈن كەلمىگۈچە خۇدانى تۇنۇمايدىغانلار جۈملىسدە تولىدىن تولا بايان قىلار ئىدى. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ھەقنى تونۇمايدىغانلارنى ھەرقانچە مەدەنىيەتلىك بولسىمۇ پىسەنتىگە ئالماي كەلگەنىدى.باشقىلار بۇ تۇغنى ئۆز جەمئىيىتىگە ئورنىتىشنى ئىزدىگەن بولسا، بىز ئۇنى ھەر بىر قەلىبكە ئورنىتىش ئۈچۈن مىڭ يىلدىن بېرى ئۈزمەي ھېيىت قىلىۋاتىمىز. شۇنداق ئىكەن بۇنداق تۇغنى كۆتۈرمەي نەگە باراتتۇق؟
     توغرا، شۇنداقلىقىمىزدىن شارائىت، ئىستەك، يوقسۇزلۇق، بىچارىلىك دېگەندەك ماۋۇ بىر سەۋەبلەردىن مۇشۇنداق پەسكەشلىكنى قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئىتتىپاقلىشىشقا سالاھ قىلىمىقىمىز تەس بولدى. مەيلى قانداقلا بولسۇن، پەسكەشلىك پەسكەشلىك. بۇ دىيانەت تۇغىنى بوش تۇتۇش ۋە چىڭ تۇتۇشلا مەسىلىسى دەپ ئىرادە كۈچىنىلا ئېتىراپ قىلىپ كەلدۇق. بىرسى بىرەر ئەمەلنى پەش قىلىپ ياكى كۈنلۈكىگە 50كوي بېرىمەن مۇشۇ يەرنى ھەر كۈنى 50 cm كولاپ ئاندىن تىندۇرىسەن دېسە كاللىسىغا ئاشۇ 50 كوينىلا كەلتۈرۈپ ئىشلەۋېرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك ئەخمەقلىقىنى ئەمەس ئۆزىگە 50 كوي پۇل بېرىۋاتقانلارنىلا كۆرىدىغانلاردىن پەرقلىق ھالدا بۇنداق قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۇنىڭدىن ساڭىمۇ بولىدىغان ماڭىمۇ بولىدىغان ئىشنى دېگىن شۇنى قىلاي دېيەلەيدىغان، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ ئەخمەقلىكىگە كۈلەلەيدىغان بولغان بولساقمۇ، لېكىن، ئۇلۇغ بېكتەك بۈيۈك ئالىمىمىز ئۆزىنىڭكىنى ھەقىقەت دەپ بىلگەن قەدىردان ئوغلىنىڭ قولىدا ئۆلدى. تۈرلۈك - تۈرلۈك نىزا ۋە تەپرىقچىلىقلەر پۈتمەس تۈگىمەس ئازابلارنى سالدى. قالاقلىق، خۇراپاتلىق، بىلىمسىزلىك ئىنسانلىقىمىزنى، ئادالىتىمىزنى نامايان قىلدى. لېكىن بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى، ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۆزىنىڭ يېقىنىنىڭ ياكى دۈشمىنىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەققە شاھىتلىق قىلىشقا توغرا كەلگەندە، يۈرىكىڭنى سىلمايلا نېمە بولسا شۇنى دەپ ئۆگىتىدۇ. پەسكەشلىك پەقەت ساڭىلا يولۇقۇپ قالغان ياكى ساڭىلا مەنپەئەت بېرىۋاتقان ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىساڭ سەنلا زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ ئاداققىچە كۈرەش قىل. قايناق بازاردا يانچۇقچىلارنىڭ بىراۋنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسماسلىق ئوخشاشلا شېرىك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن. ۋۇجۇدىدىن شۇنداق مۇستەھكەم، قەتئىي، پاك ئەركەكلىكنى بىزگە تەۋەرۈك قىلغان. توپلىشىپ بىرەرسىنى بوزەك قىلىلى دەپ باقمىغان ياكى بولمىسا، بىر يەرلىرىدە مەن ئاجىز توپلاشمىساق پالانى بىزنى بوزەك قىلىدۇ دەپ قالمىغان.
     ھۆكۈمرانلار ھېچقاچان مەندىن ئايرىلىپ قالساڭ بوبۇش كېلىدۇ دەپ كىچىك بالىنى ئۆيگە بېكىندۈرگەن تەرىزدە سىياسىي لوگىكا تۇرغۇزۇپ جان بېقىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئاۋاممۇ قايسىدۇر زوراۋاننىڭ بەشنى تۆت دەپ بەرمىسە، ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچ دەپ ئۆزىنى بۆزەك قىلىشىدىن يىراقتا ئىدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رەزىللىكنى يوقىتىش تۇرمۇش باياشاتلىقى، ئىنسانى مەرتلىكتىن بەكرەك باشقىلارنى باشقۇرۇپ خىزمىتىگە سېلىشنى غايە قىلىپ كۆرمىگەن ياكى يوقسۇزلۇقتا نېمە بولسا مەيلى، قورساق تويسىلا بولدى، دەپ زارىقىشلار بىلەن ھەقنىڭ تۇۋىقىنى مەھكەم يېپىپ ئوڭايسىزلىنىشلارنى قىزارتىپ يۈزىمىزگە چىقىرىپ ياكى ئالاق-جالاقلار بىلەن ئۇ پەشتىن بۇ پەشكە تاشلاپ قويۇپ ھېچنەرسىنى ئويلىماي ‹ئەتىكى قويرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا›قۇرۇق گەپكە قورساق تۇيامتى، دەپ يانچۇقلىرىمىزنى غەملەشنىڭ ھەلەكچىلىكىنى دەستۇر قىلىپ باقمىغان. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ھەممىدىن قەدىرلىك. پەقەت ئاشۇنداق نىزالىق دەۋرلەردە بولۇۋاتقان كۈلپەتلەرنى، تۈپ ماھىيەتنىڭ بىر ياقتا قېلىۋاتقانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تۇيغان.
     ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى يەكدىلىق بىلەن خۇلاسىلىغان پەيلاسوپلارنىڭ چىقمىغىنى ئەپسۇسلىنارلىق. تا بۈگۈنگىچە بىر-بىرىگە ئەسكەر بولۇشنى خالاپ كەتمەيدىغان مىجەزدىكى كەمچىلىكلىرىمىزنى بۇنىڭ باشقىلار بەرگەن ئۇنۋان، دىپلوم، مۇلازىملىق پۇرسىتى ۋەھاكازالاردىن تارتىپ ئىدىيە، ئېتىقاد ۋەھېسىياتتلارغىچە تۆتنى بەش قىلىشنىڭ نەيرەڭلىرى، سۇيقەستلىرى ئۈچۈن بولۇۋاتقانغا قەدەر ئادەملىكىمىزنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىدىغان سەزگۈرلۈكنىڭ ئەۋج ئالمىغىنى ئېچىنىشلىق.

     مەن شۇنداق بىر مەشھۇر جەمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان. بۇ جەمەتتىكىلەرنىڭ بىر قورۇقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورۇقنىڭ بىر يېرىدە ئاتا - بوۋىلىرىمىز كۆمۈپ قويغان غايەت زور مىقداردىكى ئالتۇن بار دەپ ئىشىنىدىكەن. نېمىشقىكىن نەچچە يۈز يىل مابەينىدە ھېچكىم بۇ ئالتۇننى ئىزدەپ تېپىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا شۇنچىلىك بىر قەتئىي ئىشەنچ بولىدىكەنكى، شۇ شەھەردىكى ھېچقانداق بىر چوڭ ئىش بۇ جەمەتنىڭ قولىدىن سىرتقا بولمايدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ دۇنيادا ھەرقانداق بىر شۆھرەتلىك جەمەتتە بۇنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. توغرا، قايسى جەمەت ئۆزىنىڭ شۆھرەتلىك تارىخىي، شانلىق ئاتا - بوۋىلىرى، ئاقسۆڭەكلىك ئەخلاقى بىلەن ئۆز قورۇقىدا ئالتۇن كۆمۈلگەنلىكىنى دېمىگەن؟ گەپنى قىسقارتىپ بۇ توغرىدا تولا گەپ قىلماي، لېكىن ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى كۆز يەتكۈزۈشى كېرەككى، بالىلىرىمىزغا تارىخلارنى، ئادەتلەرنى، ئىدىيىلەرنى بىلدۈرۈش ھېچ بولمىغاندا مانا مۇشۇ جۈملىدىندۇر. لېكىن مەن كۆرگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى تېخى بۇنچىلىك چوڭقۇر ئەجىردە ئەمەس. بىز نەچچە يۈز يىل ئۆرپ - ئادەت، يوسۇن-قائىدە ۋە بۇنىڭ تېگىدىكى ئىدىيىۋى ئاساس ئارقىلىق مىللەت مىقىياسىدا مۇستەھكەم مۇقىملىق، ئوخشاشلىق شەكىللەندۈگەن بولساقمۇ، ئاخىرى بىلىملىرى بىلەن دۇنيالىقتىكى ئىشلارنى شەكىل جەھەتتىن ئاخىرەتلىككە ئۇيغۇن ئېلىپ بارالىغان بولساقمۇ، لېكىن دۇنياۋى بىلىملىرىمىزنىڭ بەكلا چەتتە قېلىشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇد سەۋىيىسى، تارىخىي دەرىجىسى بويىچە ئىش قىلالمىدۇق. چاما ئۆز ئېغىر ۋەيران بولۇپجەمئىيەت جۇشقۇنلۇقىنى يوقاتتى ۋە شۇ نىمجان ھالىتىمىز بىلەن بۈگۈنگە كەلدۇق. شۈكرى، تېخى يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ئىمانلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تارىخ بىلىملىرىگە بولغان تونۇش ھەر قانداق دەۋرنىڭكىدىن ئۈستۈن بولماقتا. لېكىن شۇنداقتىمۇ تۇپراق بېشىدا تارىخ سۆزلەش تېخى ئومۇملاشمىدى. خەقنىڭ ئۇقۇملىرى ئاساسىدا مەدداھلىق قىلىپ توم -توم كىتاب يازىدىغان تاج خۇمارلىقىمىز تېخى ئاخىرلاشمىدى. مۆتىۋەر تارىخ كىتابلىرىمىز، مۇپەسسەل پەلسەپە ئەسەرلىرىمىز، نىشانە فىقىي مەجمۇئەلىرىمىز تىزىلىدىغان كىتاب جازىسى ئۆيلىرىمىزدە دۇخاپكىچىلىك ئورۇن تۇتالمىدى. ئىشىنىمەنكى، ئويغانغان خەلق بۇ ئادەتنى چوقۇم تېپىۋالىدۇ.

     1995 - يىلى قەشقەر، يەكەنلەردىكى قول -ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ، 200 يىل بۇرۇن قەشقەر سانائەت جەھەتتە قانچىلىك ئورۇندا تۇرار بولغىيتتى دېگەندەك سوئاللار كۆڭلۈمدىن كەچتى. بۇ ھۈنەرلەرنىڭ، ياغاچ، سۆڭەك، ئالتۇن، تومۇر، سىر دېگەنلەرنىڭ ئىپىغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن،  بۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا ئېلېكترۇن، قارشىلىق، ئېلېكتر مەيدانى، ماگنېت مەيدانى، ئورام، سىغىم دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ باقتىم. نەپس ياسالغان غىجەكلەر، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئالەمگە مەشھۇر خوتەن قەغىزى، سەمەرقەنت قەغىزى، ماشىنىغا ئايلىنىپ ‹ لىنكىن› لەرگە ئانچىكىم نەزەر بىلەن قاراۋاتقاندەك، ھەتتا بازانىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرى ئارىسىدىن ئاندا-مۇندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان بۆشۈكلەرمۇ سونى، پاناسونىك، خىتاچى ماركىلىق ئۇن ئالغۇلارنى ‹ ۋاي› دەپ كەتمەيۋاتقاندەك، ئوتقاشتەك نۇر چىچىپ تۇرغان گىلەملەر، نەپس ئۆي نەقىشلىرى، پىچاق نۇسقىلىرى بىردەمدە زامانىۋى گۈزەل بىنالارغا ئايلانغاندەك تۇيۇلدى. قەلبىمدە ئاشۇ گۈزەل شەھەرلەرنى رەت- رەت ئايلىنىپ كەتتىم.
     قەشقەر، يەكەن، خوتەن، كۇچا، سەمەرقەنت، مەرغىلان، بۇلغار، بۇخارا دېگەندەك قول - ھۈنەرۋەنچىلىك ئاستانىلىرىنى قايتا- قايتىلاپ سانىدىم، 200 يىل بۇرۇنقى ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيىگە مەنمۇ ماشىنا ،  ئۇن ئالغۇ ،  كىر ئالغۇ ساتقۇچى بولۇپ مەغرۇر دەسسىيەلەيدىغىنىمغا كۆزۈم يەتتى. 50-60 يىللاردا ئۈرۈمچىدىن ئوقۇتىمىز دەپ كەلگەنلەرگە بالىلىرىنى تونۇرلارغا، سامانلىقلارغا يوشۇرۇپ قويۇپ يولاتمىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ قەلبىنى ئاز -تولا چۈشەنگەندەك بولدۇم.لېكىن 200 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىچۇ؟خوتەنگە بېرىپ ئەسىرلەر مابەينىدە شاھ ئوردىلىرىدا ئەتىۋارلاپ كېلىنگەن، ئەدىبلەر، ئالىملار ئىشلىتىشكە سازاۋەر بولغان خوتەن قەغىزىنى كۆرەلمىگەنلىكىم، كۇچارنىڭ توپا بېسىپ ياتقان نەپس ئات - ئىگەرلىرى كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلدى. غۇلجىنىڭ ئۆتۈكلىرى قېنى؟ خوتەننىڭ شايى ئەتلەسلىرى قېنى؟ قەشقەرنىڭ پىچاقلىرى قېنى؟ كۇچارنىڭ ئاياغلىرى قېنى؟ مۇشۇ، ھۈنەرلىرى بىلەن ئەزىز ۋە خاتىرىجەم بولۇۋاتقانلار قېنى؟ دەيدىغان نىدا يېراق -يىراقلاردىن ياڭراپ كەتتى.
     تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۆزۈمگە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلغىنىمنى، ھىجايمايدىغانلارغا ھىجايغىنىمنى، ئالدىغا بارمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بارغىنىمنى ئەسلەپ، بۇنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. توغرا بۇنداق ئويلىمىغاندىمۇ ھۈنەر نەگە بارسا دەرھال پۇل بولىدىغان، ئەمما ئوغۇرلىغىلى بولمايدىغان ئەنگۈشتەر، مۇشۇنداق بىر ئەنگۈشتەرنى ئۆتمەيدىغان قىلىۋېتىش ئېغىر ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئەڭگۈشتەر بولمىسا، ھەر قايسى دۆلەتلەر چېگرا بېجى ئېلىپ نېمە قىلىدۇ؟ زىيان تارتىش بەدىلىگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىپ نېمە قىلىدۇ؟ بەزى چاغدا تەھرىر ئاغىنىمىزنىڭ قولىدىكى دۆۋە - دۆۋە ئەسەرلەرگە قاراپ كۈلۈپ كېتىمەن، بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئەسەر يېزىش قىزغىنلىقىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغاندۇر. بىراق، ئۇلار زېھنىنى تار ئۆيدە قىسىلىپ ئولتۇرغان ئادەملەرنىڭ مۈگىدىگەنلىكىنى، ساپ ھاۋا يېيەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشتىكى تۈرلۈك - تۈرلۈك قىلىقلىرىنى يېزىشقا سەرپ قىلىپلا كەتمەي، ئىشىك - دىرىزىنى ئېچىشنىڭ ئامالىنى ئىزدىسە بولمامدىغاندۇ؟ بۇ دۇنيادا كىمنىڭ ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگۈسى بار؟ قەشقەر، يەكەن، كۇچا قول -ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ھالاكىتى نېمىشقا مۇشۇنچىۋالا تىلغا چىقمايدۇ؟ دۆڭ، كۆۋرۈكلەردە سېلىنغان قەدىمىي ئامبال مەھكىمىلىرىدەك بىنالار، ئىزىتقۇ سارايلىرىدەك يېزىلىشلار، دۆڭ كۆۋرۈك، بۇلاقبېشى سودىسىنىڭ خارابلىشىشى، كەلگۈسى نېمىشقا غۇلغۇلا بولمايدۇ؟ خەقلەر بىز ھارام دەپ بىلىدىغان ھاراقنى ئىچىدىغان، ئاتا- ئانام كۆرمىگەن ۋاخاخانى بالىلىرىمىزدىن، چاينۇر )پوپوتاڭ)نى قىزلىرىمىزدىن ئايرىلمايدىغان قىلىپ يانچۇقىمىزدىن پۇل ئېلىۋاتىدۇ. ئەجىبا، بىزنىڭ مۇسەللەسلىرىمىز، مەدەتۇل ھاياتلىرىمىز، قايماقلىرىمىز، ئايران ۋە قىمىزلىرىمىز بىزگە بايلىق ئەكەلمەيدىكىنا؟ خەقنىڭ نەرسىسىبىلەن يۇيىنىۋاتىمىز، خەقنىڭ نەرسىسى بىلەن ياسىنىۋاتىمىز، ئەجىبا بىز بۇرۇن يۇيۇنمىغان، كىيىنمىگەن ياسانمىغان خەقمۇ؟ ئۇنىڭدىكى ھۈنەر - سەنئەت ۋە ھاياتى كۈچ شۇنچىۋالا يوقمۇ؟ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بىز شۇنچىۋىلا قابىلسىزمۇ؟ ئىقتىسادىي ئېڭىمىز، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ دەردى نېمىشقا مۇزاكىرە بولمايدۇ؟ بۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھېكايە، شېئىرلاردەك تەسىر كۆرسىتەلمەمدۇ؟
     ئىقتىسادىي ئىلىمدىن مەلۇمكى، پەن تېخنىكا، ئىقتىساس ئىگىلىرى، مەبلەغ بايلىقى، ماددىي بايلىق بىر جەمئىيەتنىڭ تۆت چاقى. بۇ تۆت چاق كاپىتال بازىرى، ئەمگەك كۈچى بازىرى، مەھسۇلات بازىرى ئارقىلىق ئۆز جايىنى تاپىدۇ. بارلىق ئاپپاراتلار مۇشۇئۈچ چوڭ بازىنىڭ ئادىللىقى، ئوڭۇشلۇقلىقى، ماسلىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغىنىدا ئىستىقبال ئىزگۈسىدە پەن -تېخنىكا بىلەن، ھاياتى كۈچ ئىزگۈسىدە ئىقتىساسلىقلار بىلەن، قۇۋۋەت ئىزگۈسىدە مەبلەغ بايلىقى بىلەن، ۋاسىتە ئىزگۈسىدە ماددىي بايلىق بىلەن تۇتاشقان شەخس تاللاش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىي پائالىيىتىنى باشلايدۇ. تۇنجى بولۇپ نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش، قانچىلىك ئىشلەپچىقىرىش(نېمىنى ئېلىش، قانچىلىك ئېلىش)مەسىلىسىنى ئويلىشىدۇ. ئوبيېكىت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئۆزىنى قايىل قىلغاندىن كېيىن ئۇنى بېكىتىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيا، ئاجايىپ زور دەرىجىدە كىچىكلەپ كەتتى. ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ھۈنەر بولسىلا پۇل بولىدىغان دەۋر ۋاقىت بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈلدى. قايىل بولۇشمۇ ساپاغا، ئىلىملىككە باقىدىغانلىقتىن شەخسنىڭ قايىل بولۇشى بىلەنلا ئىش تاڭاتمايدىغان بولۇپ قالدى. يەنى مەھسۇلاتلارنى باھالاشمۇ ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئارىسىدىكى رىقابەت كۈچى، مەسىلەن: سۇ، دوغاپ دېگەندەك ئۈنۈمداش مەھسۇلاتلار ئارىسىدىكى جۇلالىنىشكۈچى، خىرىدارلارنى تارتىش كۈچى، ئىستېمالچىلارنىڭ سىتىۋېلىش كۈچى، ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىھتىمالدىكى سانى دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاللىقاچان ئېلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ بولدى. شۇڭا قەشقەردىكى قايسىدۇر سىرچى يىگىت ئۆز ھاياجىنىنى مۇشۇنداق ئەمەلىي ۋە ئىلمىي پوزىتسىيىگە ئالماشتۇرمىغانلىقتىن، ژۇرناللاردا ھەر قانچە ماختالغان بولسىمۇ، يەنىلا جىمجىملا يوقاپ كەتتى.
     كۇچارنىڭ ئىگەرچىلىكى گەرچە شۇنداق نەپس بولسىمۇ، يېڭى قاتناش قوراللىرىنىڭ بۇ كەسىپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپمۇ قويمىغاچقا، ھەيرانلىق ۋە بىچارىلىك ئىچىدە دۇكانلىرىدا ئولتۇرۇپ قالدى.
     ھەسسەنە! ئۇلار ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ ئىگەرلەرنىڭ سەنئەتلىك قىممىتىنى، ئۇنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇشنى ھېس قىلالىغان بولسا - ھە!

     بىر كۈنى مېنىڭ قولۇمدا ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ خېلى تۈرگۈن ۋە قىزغىن قىز ئىدى. ئائىلە تەربىيىسىدىنمىكىن ئىلىمگە، ياخشى ئادەملەرگە ئىخلاس قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇ بىر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئۈچ يىل كومپيۇتېر ئۆگىنىپتۇ. ئەمما پۈتتۈرۈپ چىقىپ بىكار يۈرگىلى ئىككى يىل بوپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن بىرەر ئىش قىلاي دېمىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ خىجىلچان كۈلۈپ، بۆلمىگەندىكىن يۈردۈم شۇ دەپلا جاۋاب بەردى. ئەسلىي بۇ يۇرتتا قىلاي دېسە تىككۈچىلىك، سەتىراچلىق بەك زۆرۈر ئىدى. بىرەر سەتىراچخانا بولمىغاچقا كىشىلەر ئاتايتەن بازارغا بېرىپ چاچ ياسىتاتتى ياكى چاچلىرى ئۆسۈپ خېلى بىر يەرگە بارغۇچە شۇنداق يۈرۈۋېرەتتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېھتىياجنى بايقاپ مۇشۇ كەسىپنى تۇتمىغىنىغا ئىچىم پۇشتى. دەرھاللا سورىدىم، بىراق، ئۇ ۋىيەي دەپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى مەن دېگەن كەسىپلەرنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرمىگىنىدىن ئىدى.ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇنداق يا مۇنداق دەيدىغان يېرىمىز يوق. نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىمۇ مۇشۇنداق بىر مەسىلە. بىز ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق ئىكەنمىز، ئۇنداقتا رېئاللىق قايسى تەقەززا ۋە ئىھتىياج بىلەن بىزنىڭ ھالال ئەمگىكىمىزنى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرسا، شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىم مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى ئاشۇ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدا ياكى مەزكۇر كەسىپنىڭ ھەشەمەتلىك گەپلەر بىلەن تەرىپلەنگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ھالال تەر ئاققۇزىدىغان ياكى ئاققۇزمايدىغانلىقىمىزدا. ئاشۇ كەسىپنىڭ ئاقىدىغان ئاقمايدىغانلىقىدا. بىلىش كېرەككى، بۇنداق پۈچەك ئاقسۆڭەكلىك بىزنى نادانلارچە روھىي ھالەتلەردە قالدۇرماقتا.نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېمىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىق ئۇنىڭ دۇنيالىق ئىنتىزامدىكى ئورنىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى گاللاشتۇرماقتا، ئۇنىڭغا مەزلۇم ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ 40يىللىق مۇقىم خىزمەت ھاياتى قوشۇلۇپ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان قارا كۆلەڭگە شەكىللەندى. ئىشىنىمەنكى، ئۇلار بۇنىڭ جاجىسىنى چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە يەيدۇ. راست، شۇڭا ئۇلار ھازىرلا ئويلاپ باقسۇن. خىزمەت ئورنى ،  ئىدارە بىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ خىزمىتى، ئىدارىسى بار ئاتا -ئانىلىرىمىز قانچىلىك ياشىدى؟ ئىدارىسىز بوۋىلىرىمىز قانچىلىك ياشىدى؟

     دۇرۇس، دۇرۇست ئىشى بولمىسىمۇ، مائاشى ھەر ئايدا كېلىۋېرىدىغان ئىدارە ھەقىقەتەنمۇ قىزىق. ئۇنى ھۆكۈمەت قۇرسىلا بولىدۇ. نېمە ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇ كېرەكمۇ -كېرەك ئەمەس، دەپ سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. مەكتەپ بولسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆگەتكىنى كېرەككە كېلەمدۇ- كەلمەمدۇ دەپ سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ نېمە دېگەن قالتىس لوگىكا - ھە؟! بىر چاغلاردا غۇلجا، توقسۇ ئۆزىنىڭ خۇرۇم ئاياغلىرى بىلەن داڭ چىقاردى. لېكىن بۇ داۋاملىشالمىدى. بەلكىم بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بىراق، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، غۇلجا ۋە توقسۇدىكى ئاياغ سانائىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا باشقا نەرسىلەردىن كۆرە، مەلۇم جەھەتتىن بىكىنمىچىلىك، نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدىكى ئوي رېتىمىنىڭ ئاستىلىقى، رېئاللىقنىڭ تەقەززاسىغا بولغان سەزگۈر سادىقلىقىنىڭ يوق بولۇشى سەۋەب بولدى.
     بىزگە مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيا رىتىم جەھەتتىن ناھايىتى ئىتتىك دۇنيا. بۈگۈن مودا بولىدىغان نەرسە ئەتە مودا بولمايدىغان دۇنيا. شۇڭلاشقا ئەسلىي بىر كەسىپنىڭ ئۆزى ھازىر نەچچە ھالقا بويىچە كەسىپلىشىپ كەتتى. مەسىلەن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان كەسىپلەرنى ئالساق، تىككۈچىلىكتە، لاھىلىگۈچى، كەسكۈچى، چاتقۇچى، تىككۈچى، دەزماللىغۇچى دەپ بىرمۇنچە ئۇستىلار بولىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە لايىھىلىگۈچى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ مەزكۇر كەسىپنى دەۋر قەدىمى بىلەن تەڭلەشتۈرگۈچىدۇر. ئېنىقكى، بىزدە تا ھازىرغىچە ئاياغ ۋە كىيىم لايىھىلەشتە ئوقۇغانلار، ئىقتىساسلىق دەپ ئاتالغانلار ئاز، ھەتتا يوق. روشەنكى، بۇ بىزنىڭ تىككۈچىلىك، موزدۇزلۇق، كەسىپلىرىمىزنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغان.
     ئەلۋەتتە، ئەينى دەۋردە ۋىنجۇ، خاڭجۇ دېگەندەك ئاياغ تىكىش مەركەزلىرىدىمۇ لايىھىلىگۈچىلەر يوق ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇچۇرغا بىزدىن كۆپ تىز ۋە سەزگۈر بولغاچقا، چەت ئەللەرنىڭ ئاياغ نۇسقىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملىدى.دۇرۇس، مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالەت موزدۇزلۇق كەسپىنىڭ ھالاكىتى بىلەن يوقىغىنى يوق. بىز قىلغان ھەممە ئىش ھېلىھەم مۇشۇنداق قىسمەتتىن نېرى ئەمەس، ئەنە بىز ياسىغان كەمپىتلەر تاشقى كۆرۈنۈشىتىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ؟ مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا سېتىلىۋاتقان كۇچا سوپۇنى تۇرقى بىلەن رەڭگىنى ئۆزگەرتمەي قوپال گىدىيىپ تۇرمامدۇ؟ شۇنچىلىك زور دەرىجىدە بازار قىممىتى بار دوپپىلىرىمىز باھاسى سەۋەبلىك بەش كويلۇق شەپكىچىلىك بولالمايۋاتىدۇ. رەخت - پۇچەك ئەرزانلاپ كەتكەن مۇشۇ كۈندىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ ئەجەللىك تەرىپىنى خىيالىغا كەلتۈرگەنلەر بارمىدۇ؟ ئاقمايدىغان كەسىپلەر بىلەن توشقان ئالىي مەكتەپلىرىمىز ۋە ئۇلارنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئىقتىساسلىقلىرىمىزنىڭ ئاتا -بوۋىمىز تىكلەپ بەرگەن ئىسلام ئەقىدىسى سەۋەبىدىنلا بازا تېپىۋاتقان ئاشۇ سوپۇنلاردىن قانچىلىك ئۈستۈنلۈكى بار! نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېمىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇش دەيدىغان ماھىيەتلىك مەسىلىنى ئويلىشىشىنى ھۆكۈمەتكە ھاۋالە قىلىپ دەۋرنىڭ ئەلگەكلىرىدىن ئاللىقاچان شاللىنىپ، ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتكەن مەكتەپلەردە بالىلىرىنى ئىستىقباللىق قىلىش ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان ئاتا - ئانىلارنىڭ مېھنەتلىرى قانچىلىك مەنىلىك بولىۋاتىدۇ؟ ھەتتا مۇشۇنداق ئادددى ۋە ئەقەللىي مەسىلىلەرنى ھېسسىيات بىلەن ئۆڭدۈرۋەتمەي ئويلايدىغان سەمىمىيەتنىڭ نېمانداق تايىنى قالمايدۇ؟ يىرىقى تۇرۇپ، تۇرسۇن، ئاقىۋەت ھېسابىدا ئەتراپىمىزغا، ئۈستى - بېشىمىزغا قاراپ باقايلى، ئۈستىمىزدە مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان نەرسە قانچىلىك؟ مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىشسىز، ئىش تېپىشقا قادىر ئەمەسلىكىمىزنى، نېمىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلىشتە قاششاڭلىقىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ؟ توغرا، ھەر ھالدا دوقمۇش - دوقمۇشتىكى كاۋابدانلىرىمىز ئاشخانىلىرىمىز، گىلەم ۋە دوپپىلىرىمىز، پىچاق ۋە دۇتتار، تەمبۇرلىرىمىز ئىس - تۈتەك باسقان رەتسىز رەستىلەردە ھەممىدە يېڭىلىپ كەتمىدۇق دېگەنچىلىك قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئۇلار يۇرتىمىزدا مىڭ غادىيىپ تۇرغان بىلەن ئەمەت، سەمەتلەرنىڭ يانچۇقىدىكى 20 سوم پۇلنى مەمەتنىڭ يانچۇقىغا جۇغلاپ سېلىپ قويىدىغان، يۇرتىمىزنىڭ غايەت زور نىفىت بايلىقىنى ئېچىشقا كەلگەن باشقا ئۆلكىلىك مۇتەخەسىسلەر، ساياھەتچىلەرنىڭ تەمىنى بىلىپ بېقىشقا قىيىدىغان پۇلنى ئانچە مۇنچە يىغىۋېلىشتىن باشقا ئىش قىلغىنى يوق. سەللا سودىسى بولۇش ئېھتىمالى بولسىلا باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكۈدەكلا ھۈنەر - سەنئەتتىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق. ياپونىيىنىڭ تېلېۋىزور، ماشىنىلىرىغا ئوخشاش چەتكە چىقىپ بىزگە بايلىق ئەكەلگىنى يوق.
     شۇڭا تاھازىرغىچە ئاشپەزنىڭ مۇئاشى ئۆسۈپ باقتىمۇ؟ چايچى، جارچىلارنىڭ مۇئاشى ئۆسۈپ باقتىمۇ؟ يەنىمۇ دېسەك، ئۆزىمىزنى سودىغا ئۇنداق ماھىر، مۇنداق ماھىر دەپ كۆككە كۆتۈرگەن بىلەن تىجارەت ھوقۇقى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىدىغان، ئىقتىساد ئىگىسى تالىشىدىغان مۇشۇنچىلىك ئەقەللى تۇيغۇغا ئىگە سودىگەرلەر ئارىمىزدا قانچىلىك؟ ھئورنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئىككى چامدام يەرگە نەچچە مىڭلاپ ئايلىق ئىجارە تۆلەشنى بۇرۇنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئۆگەتتى. بىراق، ئورنىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭلاپ پۇلنى بىرەر كاللىسنىڭ ئىجارىسى ئۈچۈن تۆلەشنى ئۆگەنگەنلەر قانچىلىك؟ باھا پەرقىگە قاراپ سودا قىلىشتىن باھانى بەلگۈلىگۈچى ئامىللارغا قاراپ سودا قىلغۇدەكلەر قانچىلىك؟ بوپتۇ باشقىسى تۇرۇپ تۇرسۇن. دوپپا، گىلەم، پىچاق سېتىپ نۇرغۇن ئادەم جېنىنى بېقىۋاتقىنى بىلەن يۈز شائىردىن ئەلقەم ئەختەم كىمۇ؟ دېسە، ئۇستاز شائىر دەپ بېرەلىگىنىدەك ئۆز ھۈنەرلىرى بىلەن ئۆزىگە نان بېرىۋاتقان ئاشۇنداق مالنى دۇنياغا مەۋجۇتلۇقىنى قوغداۋاتقان قەھرىمان پېشۋالارغا قەلبىدىن ئورۇن بېرىدىغان روھ قانچىلىك؟بىزنىڭ نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئۇنىڭ دۇنيالىق ئىنتىزامدىكى ئورنى زادى قانچىلىك؟ دېگەندىن ئىبارەت مۇشۇنداق تۈپ مەسىلىدە نېمىشقا مۇشۇنداق قاشاڭ؟ نى نى خاقانلارغا جاھاننى پىرقىرتىۋاتقان سەن ئەمەس باشقا. دېگەن جۈملىدىن تازىم قىلماي ئەنئەنىسدىن دۇنيالىق ئىنتىزاملارنى ھېس قىلىپ تۇرغان خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى ئەجەبا ئاشۇ ئىنتىزاملارنىڭ ئېپىغا كىرىشتە، ئۇنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى رولىنى تونۇپ يېتىشتە مۇشۇنداق سوك - سوك بولىدىكىنە؟ بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىيالىدا خاتىرىلەنگەن، مۇنۇ تارىخى ۋەقەلىكنى ئۇزىتىمەن. ماجەنساڭ يېڭىشەھەرگە چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىچىلا تۆمۈر ئېلىگە سىجاڭلىق ئۇنۋانىنى بېرىپ، ما داۋتەينىڭ تامغىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئوسمان ئېلى، ھاپىزبىك، ئەخمەتجان، ھامۇتخان، ھەمدەم بەگ ھاجى قاتارلىق بەش كىشىگە لۇيجاڭلىق ئۇنۋانىنى بېرىپ، تامغا ئويدۇرۇپ كىرگۈزۈپ بىرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۆستۈرگىنىنى نامايىش قىلدى.(شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى ، 17 - قىسىم، 20- بەت)

     ئويلاپ باقايلى، ماجەنساڭدا تۆمۈر ئېلىگە مەنسۇپ، ئۇنۋان بېرىدىغان نېمە سالاھىيەت ۋە كارامەت بار؟ ماقۇل چىڭ خاندانلىقى ۋە شېڭ شىسەيدىن مەنسەپ، ئۇنۋان تاماسى بارلارغۇ ئۇلارنىڭ زور دۆلەت كۈچىنى كۆرگەنلىكىدىنمۇ دەيلى، ئەمما تۆمۈر ئېلىدەك ئىسيانكار ئادەم نېمىشقا ئاران 300 ئادەم بىلەن قەشقەرگە تىمسىقلاپ كىرىپ، ئۇۋۇسىدىن چىقالمايدىغان چاشقاندەك بولۇپ قالغان، ماجەنساڭدەك ئادەمنىڭ ئۈزىگە ئۇنۋان بېكىتىپ تامغا ئويۇشىغا ئازراقمۇ ئەجەپلەنمەيدۇ!؟ مەسخىرە تۇيغۇسى قوزغالمايدۇ؟ بۇ چاغدا بۇلتۇر تۇرپانغا ئۈزۈم ئالغىلى چۈشكەندە كۆرگەن بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلدى. بىز تۇرپان بازىرىغا كەلگەندە ھەمراھىمنىڭ بىر تۇنۇشى ئۇچراشتى. ئۇ بېشىغا پىپى تۇماق، ئۇچۇسىغا بەقەسسەم تون، پۇتۇغا ئۆتۈك كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل كىيىنىش بىلەن شالاڭ ساقاللار ئۇنى ئۆز يېشىدىن خېلىلا قېرى كۆرسىتىپ تۇراتتى. قوينىغا سېلىۋالغان چاقىرغۇسى ئونىڭ ياشلىقىنىڭ بىردىن بىر بەلگىسى ئىدى.
     بىز بۇ ئىمامنىڭ گېپى بىلەن ئۈزۈم كۆرگىلى ماڭدۇق. ئۇ يولدا كېتىۋاتقاچ شياڭگاڭدا تۇرۇپ قالغان تۇققىنى بار بىر ئادەمنىڭ گېپىنى قىلدى. ئومۇ بىر مەسچىتكە ئىمام ئىكەن. بۇ گەپلەر ئونىڭ ئېغىزىدىن پەخىرلىنىش، ئۆزىنىڭمۇ يۇلى بار ئادەملىكىنى كۆرسىتىش خاھىشى بىلەن ئېيتىلدى. گەپ خوشياقمىغانسېرى ئونىڭ گېپىنى تېپۋەتكۈم كەلدى. لېكىن ھەمراھىم مېنىڭ نىسى ئۈزۈم ئالىدىغانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ، ماڭا كۆز ئىشارىسى قىلىپ قويۇپ تىڭشىماقتا ئىدى. ئونىڭ ئاللىقاچان تىلىنى، دىلىنى يوقاتقان تۇققانلىرىنى ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىشى، ئۇلارنىڭ 10توننا ئۈزۈمنى سېتىپ بېرىمىز، ھەقسىز ھەرەمگە يولغا سېلىپ قويىمىز، دېگەن ۋەدىلىرىنى ۋەدە ھېساپلاپ، 10 توننا ئۈزۈم يىغدۇرغانلىقى، ئۈزۈمگە قۇشۇپ نەشە دېگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنىڭ سودىسى شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ- ئەمەسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالغانلىغىنى، نەشە ئالماسلىققا كۆندۈرۈپ 10 توننا ئۈزۈمنى تەشنالىق بىلەن ئاپىرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى تەسلىمچىل كەيپىياتتا سۆزلىگەندىن كېيىن، مەن ئۆزۈمنى زادىلا باسالماي:
     -ئاشۇنداق ئادەمنىڭ گېپىنى گەپ دەپ ئاڭلىغانلىقلىرى نېمىسى، ناماز ئوقوغانلىرى نېمىسى؟ دەۋەتتىم. ئەجىبا دىن ئۇنى بەش ۋاخ دوڭغايتالايدىكەنۇ، ئۇنىڭغا بولمىغۇرلۇقلارغا، ئۇنى تەپ تارتماي قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچىلارغا نەپرەت پەيدا قىلالمايدىكىنە؟! قەلبكە ئۆتمىگەن ئىبادەتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟! خەق شياڭگاڭلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېھتىرامىغا لايىق دەپ بىلىدىغان ئاشۇ روھنىڭ تۈمۈر ئېلىنىڭ ئىسيانكارلىقىنىڭ بىر سولتەكنىڭ ئۆزىگە ئۇنۋان بەرگەنلىكىگە نۇمۇس قىلدۇرمىغانلىقى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى بارمۇ؟! ئەلۋەتتە يوق. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇر،  ئۇيغۇرچە ئىش قىلىدىغان،  ئۇيغۇرچە ئويلايدىغان ئادەملەر. قانداقتۇر بىر ئىمتىياز بىلەن ئۆزىنى تەستىقلاتمىسا ئۆزىدە ئىشەنچ يوق مەزلۇملار. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنىنى باشقىلار دەپ بەرمىسە بولمايدۇ. قىلىدىغىنىغا بىرسى پىلان كۆرسەتمىسە پۈتمەيدۇ. ئۇششاق - چۈششەك تىجارەتلەر ھەممىلا يەردە بولغان بىلەن ئېنىق ھېسابات تۇتالايدىغانلار مىڭدىن ئونى چىقىدۇ. ئۇلارغا ئېلىپ - قوشۇپ دىرى بىلەن پايدىسنى چىقىرىشلا كۇپايە. بولىدۇ بىر يۇرتتا نەچچە مىڭلاپ ئادەم ئوقۇدى دېگەن بىلەن ئۆيىدە كىتاب ساقلايدىغانلاردىن بىرنەچچە ئونى ئاران چىقىدۇ. ئۇلار تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەڭ ئەقەللى مەنپەئەتتىن ئويلىغاندا شۇڭا ئۇلار تاھازىرغىچە تالاي ئىشلارنى كۆرۈپمۇ 185- يىلى 30 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان بولۇپ، 1998- يىلى شۇ پۇلىنى ئايلاندۇرۇپ 150 مىڭ يۈەن قىلغان بولسا، يەنىلا ئۆزىنى بىكار ئولتۇرماي پۇل تاپقان ھېساپلايدۇ.
     1985- يىلى 6 مىڭ يۈەنگە ئالغان ياپۇنىيىنىڭ موتوسىكىلىتىنى 98 -، 99- يىللىرىدا يەنىلا 6 مىڭ يۈەنگە ساتسا، 10 يىل مىنىپمۇ ئىز پۇلىغا ساتتىم دەپ ئېغىز - ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ يۈرۈيدۇ. بەك تۇيغۇن بولۇپ كەتسە، پۇلنىڭ كۈچى قالمايۋاتىدۇ جۇما، دەپ قويىدۇ. ھەرگىز بىرەرسى باشقىچە يول بىلەن بايلىقىمنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتەلەمدۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالمايدۇ. نەچچە مىليون پۇل خەجلەپ يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 10 % پايدا ئالسا، ئۆزىنى تىجارەتچى ھېساپلايدۇ. پالانى ئاشۇ چاقماقتەك كاللىسىنى تىجارەتكە ئىشلەتكەن بولسا قانچىلىك بېيىپ كېتەتتى - ھە! دېگەندەك ھېسلارغا تالاي - تالاي قېتىم چۈمپۈتسىمۇ، بۇنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باقمايدۇ. مىليونلاپ پۇلنى نەچچە ئاي، نەچچە يىللىق خەققە مال قىلىپ تۇتقۇزۇۋېتىپ خۇددى بارمۇ دېسە، ھۇقۇقۇم بار، دەپ يۈرۈيدىغان باشلىقلاردەك ئۆزى پۇلنىڭ سانىنى ئېلىپلا، مېنىڭ مانچىلىك پۇلۇم بار دەپ يۈرۈيدۇ. زامانىۋى تىجارەت ئېڭى، تىجارەت تەشكىللىرى ھامىنى پارتىيە ياكى ھۆكۈمەتنىڭلا قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ. ئۇنداقتا بىزگە نېمە بولغان؟ مۇكەممەل ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۇدۇمىغا، ئەدلىيە تەرتىپى، سوت تۈزۈلمىسى، مەمۇرىي قۇرۇلمىسغا ئىگە مەرىپەتلىك بىر خەلق نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈنگە قالىدۇ؟ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قالاق خەلقلەرنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىدۇ؟ ئوقورمەنلەر تۆۋەندىكى تارىخىي يازمىلاردىكى كىشلىك خاراكتېرگە دىققەت قىلايلى:
      ‹ -ئۆزۈم قېرىدىم، ئۇلۇغ بولدۇم، ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە مەندەك ئادەم بولىدىكەن، ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن. تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى يازدۇردۇم. ئىلتەرىش خاقان تىرىشمىغان بولسا، مەن ئۆزۈم بىلگى تۇنيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام، مەن بولمىغان بولسام، قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق ئىنسان بولمىغان بولاتتى. ئىلتەرىش خاقان ۋە مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق تىرىشقانچىلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى. )712- يىللىرى)›تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ، 56، 61 قۇر.
      ‹...... بۇ كىتاپ شۇنداق بىر كىتاپكى، تېۋىپلىقنى ئارزۇ قىلغۇچى ۋە تېبابەتنى كەسىپ ئەتكۈچى بۇ كىتاپنىڭ قائىدىلىرىنى بىلمەستىن ۋە يادلىماستىن باشقا ئىلاجى يوق ......› ئەبۇئەلى ئىبن سىنا مىلادىيە1101- يىلى )‹ تېبابەت قانۇنى› ئىبن سىنا، 12-بەت، سەھىيە نەشرىياتى نەشرى)
      ‹ مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرچىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم... شۇڭا مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرىنى ئەڭ رۆشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم›مەھمۇد قەشقىرى1072-يىلى ( تۈركىي تىللار دىۋانى 1 - توم ، مەھمۇد قەشقەرى، 1- بەت)
     ‹ ئۇلۇغ كىتاب قۇرئان ... ئۇچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ... قالغان قىسىمى بولسا تارىخلاردىن تەركىپ تاپقاندۇر›. دېمەك،  ئۇنى پەقەت پاك بولغانلار تۇتىدۇ دېگەن ئايەت مەقسەدلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرقىسمى قەدىمدە ئۆتكەنلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مەنا بولسا،  تارىخ ئىلمىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق دەلىل، كۈچلىك پاكىتتۇر.
     بۇ ئىلمنىڭ پايدا - مەنپەئەتلىرىنى ھەر ساھە، ھەر تائىپە كىشىللىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى خالايىق، بەلكى ئالەم ئەھلىنىڭ ھەممىسى بۇ ئىلىمگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە بۇرۇن ئۆتكەنلەردىن رىۋايەت، ھېكايەتلەر كەلتۈرىدۇ. ئۇنى ئۆزلىرىگە دەلىل ھۆججەت قىلىدۇ. ئۇنىڭغا قەتئىي رىئايە قىلىدۇ. بولۇپمۇ تۈركىي قوۋملەردە، ھەممە ھادىسىلەر، ھەرقانداق بىر مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە، بەلكى پۈتكۈل مۇئامىلە ئالاقىلەردە ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىناسىنىڭ ئاساسى ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايەتلىرىگە تايانغان بولىدۇ. شۇ تۈپەيلىدىن قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئاجىز بەندىسى پېقىر مىرزاھەيدەر ئىسمى بىلەن تۇنۇلغان مۇھەممد ھەيدەر ئىبن مۇھەممەد ھۈسەين گۆرەگان ئۆزۈمنىڭ ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىمغا قارىماي، زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئىلاجىسىز بۇ ئېغىر ئىشقا قەدەم قويدۇم. چۈنكى، موغۇل خاقانلىرى شەھەر ۋە دىيارلارنى ئىشغال قىلىشتىن بارا-بارا كۆڭۈللىرى سوۋۇپ، سەلتەنەتلىرىدىن يىراقلاپ، ئاۋات ئالەمنى تاشلاپ، بىپايان جەزىرىدە ۋە مال - دۇنيالىرى بىلەنلا قانائەتلىنىدىغان بولدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئارىسىدا تارىخ يىزىلماپتۇ. ئۇلار ئۆتكەنلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئاڭلىۋالغان رىۋايەتلەر ئارقىلىقلا ھېكايەت قىلىشىدۇ.
     ھالا تارىخقا 915 بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تائىپە ئارىسىدا بۇنداق ھېكايەتلەرنى يادقا بىلىدىغان بىرمۇ كىشى قالماپتۇ. پېقىرنىڭ بۇنداق مۈشكىل ئىشقا جۈرئەت قىلىشىم شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولدىكى، ئەگەر بۇ ئىشقا مەن جۇرئەت قىلمىسام ئىدى موغۇل خانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ھايات سەھىپىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالغان بولاتتى... )1534- يىللىرى)(‹تارىخىي رەشىدى›، بۇلاق ژورنىلى، 2000- يىللىق 2- سان، 8- بەت.)‹ھازىرقى ۋاقىتتا پەھىملىمەكلىكتە ۋە تارىخ بىلىمى جەھەتتە پەقىردەك كىشى پەقەت ئىراق ۋە ھىندىستاندا بولۇشى مۇمكىن. يوق دېسەم يالغان ئېيتقان بولۇپ قالارمەن. ئەمما سىپاھنىڭ يۇسۇنىنى بىلىشتە ھازىرقى چاغدا مۇسۇلمان ياكى كاپىرلاردا، بىز كۆرگەن ۋە ياكى ئاڭلىغان يەرلەردە، يۇرتلاردا مەندەك يىتۈك كىشى يوق. بۇ كىتابتىكىلەر يېزىلىشتىن ئون يەتتە يىل ئىلگىرى تۈركمەنلەر بىزگە دۈشمەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بىز ئۇلارنى كۆپ ئۇردۇق، چاپتۇق... بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن تۈرىكمەنلەردىن يىگىرمە مىڭ كىشى ئۆلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە گۇناھكارلىرىمۇ بار ئىدى، گۇناھسىزلىرىمۇ بار ئىدى... دېمەك، نەچچە مىڭ كىشى مېنىڭ بۇ سۆزلىگەنلىرىمدىن بىلمىگەنلىرىنى بىلىپ خوش بۇلاربولسا، ئاللا تائالادىن ئۈمىدىم شۇكى، بۇنىڭ ساۋابى، ئەگەر ئۇ قەتىلئامدا گۇناھ ئىشىم بولسا، بۇ كىتاپ ئۇنىڭدىن غالىپ كەلگەي؛ ئاخىرى ئويلىغىنىم، بىر كۈنى بىرەر كىشى بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بىلمىگىنىنى بىلسە، روھىمغا پاتىھە ئوقۇپ قويسۇن، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاپنى سۆزلەشكە باشلىدىم. بۇ كىتاپقا ›شەجەرەئى تەراكىمە‹ دەپ ئات قويدۇم. ..... )مىلادىيە 1663- يىلى. ئوبۇلغازى باھادىرخان، شەجەرىيە تۈرك ، مىراس ژورنىلى، 1999- يىللىق 1- سان، 27- بەت)
        <ئەمما بەئىدۋدىن كېيىن، مەنكى نامسىز ۋە ئېتىبارسىز بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ماكان تۇتقان بىنىشانلىق كوچىسىدا مەستۈرە ياشايدىغان كەمبەغەل ۋە كەمتەر، كۆپ ئەيىپلىك موللا مۇسا ئىبنى ئەيسا خوجا سايرامىنىڭ ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق بىلەن قىلغان ئەرزۇ مەلۇماتىم..... لېكىن مەندەك بىر خارۇزار بىچارە سىيادەت پانا غازىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى، غەلبىلىك جەڭ غازاتلىرىنى، ئاتلىق پادىشالىق شان-شەۋكەتلىرى، ھۆكۈمرانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توپلام قىلىپ يېزىپ چىقىشقا قانداق جۈرئەت قىلالايمەن؟ بۇ دۆلەت ئىگىلىرى ھەققىدە قانداقمۇ پېتىنىپ سۆز ئېچىش مۇمكىن؟ مەندەك نام-نىشانسىز بىچارە ئۇلارغا ئوخشاش ئورۇن ۋە مەرتىۋىسى پەلەككە يەتكەن ئالىي پادىشاھلارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى قانداق يول ۋە مۇناسىۋەت بىلەن توپلىيالايمەن ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز مەرتىبىسىگە لايىق تىل بىلەن قەلەم سۈرەلەيمەن؟> (موللاموسا سايرامى 1917 - 1863تارىخىي ئەمىنىيە دىن ئېلىندى)
        ھەقىقەتەنمۇ بۇ سېلىشتۇرمىدا روشەن كۆرسەتمە بار. بونىڭدىكى سەۋەپ نەدە؟ بىزگە مەلۇمكى، ئىسلام دىنى ئالتە ئەقىدىگە ھۇل قىلىپ ئىمان، ئىبادەت، ئېھساندىن ئىبارەت ئۈچ ۋەج تەرىپىدىن ئەھيا قىلىنغان مۇپەسسىل پەلسەپە. ئۇ تەبىئەت قوينىغا يۇغۇرۇلغان پەلسەپە بىلەن بىللە ئىنسان ھاياتىدىن ئىلگىرىلا مەۋجۇتتۇر. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بۇ پەلسەپە ئىنسان قەلبىگە تۇغۇلىشىدىنلا قاچىلىۋېتىلگەن ئەمەس. بەلكى ماكان ۋە زاماننىڭ ئىزچىللىقى ئىچىدە شەخس كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا پەيدا بولغان خاس پەلسەپە بىلەن بىللىدۇر. تەبىئىيكى، مۇنداق قىسمەت ئىنسانىيەتكە ئۆزلۈكسىز ھالدا تۈگىمەس سوئاللار قويۇپ، ھەممە ئادەمنى پەلسەپىگە مۇھتاج قىلىپ كەلگەن.
     شۇڭا تارىخ بېتىنىڭ ھەممە يېرىدە پەلسەپە بار ئىدى. بۇ ئۇچ پەلسەپنىڭ قانداق ھالەتتە بىر يەردە تۇرغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنەتتى.‹ئاخىرقى نەتىجە جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن تۈركلەر ئەرەپ سەيياھلىرى ئىبنى فازلان، ئەبۇدۇلەف ۋە مەرۋەزلەر خاتىرىلىگەن يۈزەكى خاتىرىلىرىدىكىدەك بىرەر ئىش قىلغاندا ئۆز ئەقلىگە مۇراجەت قىلىدىكەن.ېچقانداق نەرسىگە ئىبادەت قىلمايدىكەن، چوڭلىرىنى رەب دەيدىكەن. بىرەيلەن باشلىقىدىن بىر نەرسە سورىسا، ئونىڭغا ئەي رەببىم بۇنى قانداق قىلاي؟ دەيدىكەن. ئۆز ئىچىدىكى ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەمما بىر ئىشقا كېلىشىپ ئونى ئىشلەشكە قارار قىلىشسا، ئۇلاردىن ئەڭ تۆۋەن تۇرىدىغان ۋە ئەھمىيەتسىز بىرى كېلىپ كېلىشىملەرنى بۇزۇۋېتەلەيدىكەن›(ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى، 1988- يىللىق 4 -، 5 -سان).
    ‹ ئۇلاردىن بىرى ئۆلسە، ئونىڭ ئۈچۈن ئۆيدەك بىر ئورا كولاپ، جەسەتكە كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، بەلتاسما ۋە ئوقيالىرىنى ئېسىپ، قۇلىغا شاراپ تولدۇرۇلغان بىر چۆچەك تۇتقۇزۇپ، ئالدىغا شاراپ بىلەن تولدۇرۇلغان ياغاچ كۈپ قۇيۇلىدىكەن. ئاندىن پۈتۈن شەخسىي ئەشيالىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ ئۇرۇنغا قۇيۇدىكەن.›( ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 5- سان، 13- بەت).
    ‹ خەلق ئىچىدە قاغىنۈن دېگەن بىر ئادەم بولۇپ، ھەر يىلى بەلگىلىك بىر كۈندە بۇ ئادەم چاقىرىلىپ، ناخشىچىلار، چالغۇچىلار ۋە شۇلارغا ئوخشاش ئادەم توپلىنىدۇ. ئۇلار ئىچىپ كۈڭۈل ئېچىشقا باشلايدۇ. سۇرۇن تازا قىزىغاندا ھېلىقى ئادەم ھوشىدىن كېتىپ، تۇتقاقلىقى تۇتۇپ قالغان ئادەمدەك يىقىلىدۇ. ئۇ شۇ ھالدا تۇرغاندا يېڭى بىر يىلدا بولىدىغان ئىشلار سورىلىدۇ، ئۇ يىلنىڭ مولچىلىق ياكى قەھەتچىلىك، ھۆل يېغىن ياكى قۇرغاقچىلىق بولىدىغانلىقى، خۇلاسلاپ ئېيتقاندا يېڭى يىلدا نېمىلەر بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلىدۇ›(رىسالە، ئەبۇ دۆلەف، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، - 4، 5 -سان، 49- بەت.©)‹ تاملىرىدا مەشھۇر ھۆكۇمدارلارنىڭ رەسىملىرى بولغان ئىبادەتخانىلىرى بار ئىكەن.› (رىسالە ، ئەبۇ دۆلەف، - 4، - 5 سان، - 46 بەت.)‹ ھۆكۈمدارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق ياشتىن ئاشقانلار ئولتۇرالايدىكەن› (رىسالە ، ئەبۇ دۆلەف، - 4، - 5 سان، 46 - بەت)دەپ سۆرەتلەنگىنىدەك تەسىرات بېرىدىغان خەلقلەر ئىدى.

      تۈرلۈك مەلۇماتلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تۈركلەر تەبىئەت پەلسەپىسى ھەققىدە مۇپەسسىل شەرھىلەر ياراتقان خەلقلەر بولمىسىمۇ، ئەمما تەبىئەت ئىنتىزاملىرىغا قەتئىي بوي بەرگەن مۇپەسسىل پەلسەپىگە ھامىلدار، تەبىئەت تەقەززاسىغا سەزگۈر، خاس پەلسەپىنى ئاساسىي مىلودىيە قىلغان ئەقلىي مىللەت ئىدى. كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە ئاۋۇللار ئاساسىدا تەشكىللەنگەن ھاياتلىق بىرلىكلىرى بونداق بولۇشقا تۈپكى تۈرتكە ئىدى. تەبىئىكى، بۇ ئۇمۇمى گەۋدە ئىچىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكنى قۇۋەتلەيتتى.
     تۈركلەر 7-8 ئەسىردىن بېرى مۇشۇ ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ دەردىنى ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئونى ئوڭشاشنىڭ يۇلىنى تاپالماي كەلدى. ئەلۋەتتە بۇنداق چاغدا ياكى ئۇلۇغ، بىر پەيلاسوپ چىقىپ خەلقنى يېڭى قىممەت ئۆلچەملىرىگە قايىل قىلىشى ياكى مېنىڭ توغرا، ئىشلار موشۇنداق بولۇشى، كېرەك دەيدىغان كەسكىن ھۆكۈمداردىن بىرسى چىقىپ، قىلىچ، بىلەن ھەممىنى ئۆز ئاغزىغا قارىتىشى لازىم ئىدى. بىراق، بۇ خىل تارىخىي تەقەززالىق تۈركلەرنىڭ جېنىغا تازا بەك پېتىپ كەتمىدى. ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان نوپۇسقا تەقسىملەنگەن يايلاقلارنىڭ بارا-بارا تارلىق قىلىشى ئۆز ھۈكۈمرانلىرىغا يېڭى -يېڭى مۈشكۈل مەسىلىلەرنى تاشلاپ، ھەرقانداق ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەت قابىلسىزلىق قىلىدىغان بولدى. بۇ چېچىلىپ كېتىشنى ئۆڭشاش تەقەززالىقىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى قاششاڭلاشتۇرۇۋەتتى.
      ‹بەگلىرىدە، خەلقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن... ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچمەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۈرك خەلقى تىكلىنىپ بولغان دۆلىتىدىن مەھرۇم بولۇپتۇ. دۆلىتىدىن، خاقانىدىن ئايرىلدى. بەگ بۇلىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى. خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى› (كۆلتىگىن مەڭگۈ تىشى ، شەرق تەرەپ، 6- قۇر)دېگەندەك ئوي بولغان يەرلەردە مانى دىنى، بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ مۇقەررەر زور ئۈنۈم كۆرسەتتى. چۈنكى، ھەرقانداق ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىك تەرتىۋى بىر بولسا زورلۇق كۈچ بىلەن تەستىقلاندۇرۇلىدۇ، بىر بولسا ئېتقاد بىلەن تەستىقلاندۇرۇلىدۇ. شۇڭا بۇ دىنلارنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئورگانىك بىرلىشىشى خېلى زور مۇقىملىق ئېلىپ كەلدى.
      ئىسلام دىنى بىزگە مانا شۇنداق شارائىتتا كىردى.‹ ئىسلام دىنى يېڭى پەيدا بولۇۋاتقاندا ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى ھۆكۈملەر خاس پەلسەپىنىڭ(قەلبنىڭ) زاھىرى ۋە باتىنى تەقەززالىقىغا ياغدەك يېقىپ، ئونىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتتى. روھى دۇنيا لەرزىگە كېلىپ، بىلەكلەر كۈچ قۇۋۋەتكە تولدى ۋە ھەزرىتى ئەلى رەزيەللانىڭ دەۋرىگە كەلگەندە سىياسىي تۇرمۇشتا خاس پەلسەپە بىلەن مۇپەسسىل پەلسەپە ئارىسدىكى دەسلەپكى چېقىن چېقىلغاندەك بولدى. لېكىن بۇ ئانچىكىم بىر گەپلەر ئىدى. ئونىڭدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسى›قۇرئانى كەرىم›نى شەرھىلەش ۋە ئۇنى كونكرېت ئەرزلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىنى چۆرىدەپ مېڭىپ، ئاتالمىش مەدىرىس ئىلاھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شەرھى، فېقىي ئىلىملىرى پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە غەيرىي دىندىكىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرە نامىدا ئۈچ پەلسەپە ئۆتتۇرىسدىكى تۇقۇنۇش ئانچە- مۇنچە ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قارشى تەرەپنى يېڭىشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمىغان لاگىردا كۆرۈلگەچكە پەلسەپە تارىخىمىزنىڭ بەتلىرىگە ئۇلۇشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بۇلالمىدى. شۇ ئارىدا ئەبۇ يۈسۈپ ياقۇپ بىننى ئىسھاق كىندى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ دىنداشلىرىنىڭ باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇقۇم ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولغان تەبىئىي توسقۇنلۇقىغا قارشى قىلغان ئەمگىكى ئۇنىڭ پەلسەپە تارىخىدا ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇن تۇتۇشىغا تۇلۇق سالاھىيەت بەردى (‹ ئىسلام پەلسەپە تارىخى› دىن ئېلىندى).
     ئىسلامىيەتتە جىڭغا توختىغۇدەك پەلسەپىۋى ئىزتىراپ شۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇقۇملار شۇ مەزگىلگىچە بولغان ئىنسانىيەت مۇتەپپەككۈرلىرىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى پەلسەپە ئىنسانىيەت پەلسەپە ئىجتىھاتىنىڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالدى. كىشلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيدى. شەخسىي كەچۈرمىش ئاساسىدىكىلا ئەمەس، ئىنسانىيەت كەچۈرمىشى ئاساسىدىكى، ھەتتا دۇنياۋى مۇتەپپەككۈرلار خۇلاسلىغان پەلسەپىلەر ئاساسىدىكى پەلسەپە پەنلىرىنى ۋە ياكى تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل ئىنتىزاملىرى ۋە بۇ ئىنتىزاملارغا بېرىلگەن شەرھىلەرنى مۇپەسسىل پەلسەپە بىلەن ئۇدۇللايدىغانلار چىقتى. بۇ جەھەتتە رازى زەكىرىيا يەنە بىر ناماياندە بولدى. ئۇ چۇڭقۇر قىلىپ ‹بۈيۈك ئاللا بىزگە ئەقىل -پاراسەت ئىنئام قىلغانكى، بونىڭدىكى مەقسەت بىزنى بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىكى غايىمىزگە مۇناسىپ مەنپەئىتىمىزنى تاپالايدىغان قىلىشتۇر. ئەقىل بولغاچقا، بىز زۇۋانسىز ھايۋانلاردىن ئۈستۈن ھىساپلىنىمىز ۋە ئۇلارنى بويسۇندۇرالايمىز، باشقۇرالايمىز. ئۇنى ئۆز مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. ئەقىل بولغاچقا ئۆز ئورنىمىزنى ئۆستۈرىدىغان، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بىلەلەيمىز. ئەقىل بولغاچقا بۈيۈك ئاللانىڭ بىلىمىگە يېتەلەيمىز(ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپەدىن ئېلىندى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى)دەپ خۇلاسە چىقىرىپ، تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن دىننى چەمبەرچاس باغلىۋەتتى. ئاللا ئەقىل-پاراسەتنى ئىنئام قىلىپ ھەقىقەتنى تۇنۇشقا ئىمكان بەرگەنىكەن، ئۇنداقتا كىتاۋى سۆزلەر ئارتۇقچە بولمىغان تەقدىردىمۇ ئادەتتە ئۇ ئەكس تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاللانىڭ ئۆزى ئەتىۋارلىغان خەلقلەرگە ۋەھى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۆزىنى چوڭ كۆرۈپ، مۇنداق شەرەپكە ئىگە بولمىغان خەلىقلەرنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ىلەن بولىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىدۇ(ئىسلام پەلسەپە تارىخىدىن ئېلىندى)ھھدېگەندەك مەنىلىك ئىپادىللىرى بىلەن پرىنسىپ جەھەتتىن مۇقەددەس پەلسەپە بىلەن تەبىئەت پەلسەپىسىنى تەڭ ئۇرۇنغا قويدى. ئويلاپ ماڭساڭمۇ، يادلاپ ماڭساڭمۇ بولىدۇ، دېدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئونىڭ پىكىرلىرى پەلسەپىۋى سىستېما بولۇشقا مۇيەسسەر بولالمايتتى. شۇ ئارىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئارىستوتېلى، تۈركلەرنىڭ زەبەردەست ئوغلى فارابى شاھانە قەلىمىنى دەۋر تەختلىرىدە يورغىلىتىشقا باشلىدى. بارلىق پەلسەپىۋى ئۇقۇملارنى ئېنىقلىدى. بارلىق نەزەزىيە ۋە قاراشلارنى جاي - جايىغا سەرەمجانلاشتۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ھۇلىنى سالدى. بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان بۆيۈك، ئىلىم ئىگىسى دەل مانا مۇشۇ زات ئىدى. ئەمما ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۈچ ھەقنى يۇقىرىقىدەك بىر يەرگە ئېلىپ كېلىش خاھىشىدا ماڭمىدى.
     ئىسلام دىنى ناھايتىمۇ بەدۋى بىر مىللەتنىڭ ئارىسىدا ئېچىلدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، مىللىي خاراكتېرى دېگەندەك يۇشۇرۇن تەرەپلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايتتى. بونى ئاز دېگەندەك ناھايىتىمۇ مەدەنىي مىللەتلەرمۇ تەستە قۇبۇل كۆرەلەيدىغان، ئىنسانىيەت -20 ئەسىردە ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرالىغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بۇ مىللەتنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھاكىميەتكە تۇيۇقسىز ئۇدۇم بولۇپ قالدى. بەلكىم ئۆمەر رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى. ئونىڭ بىرى، رەسۇلىللادىن قالغان ئۇدۇم ئۈستىدە تىك تورۇپ خەلقنى جۇمھۇرىيەتكە ماس قىلىپ تەربىيىلەش، دەۋرداشلىرىنىڭ سىياسىي تۇيغۇلىرىنى ئوڭشاش. يەنە بىرى، دەۋرداشلىرىنىڭ ئەينى سىياسىي تۇيغۇللىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا ئىش قىلىش ئىدى. ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇ كېيىنكىسىنى تاللىدى. ھەقىقەت بىلەن رىشتە باغلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تۈپكى ئالاھىلىكىدىن داجىپ شەكلەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئورۇق تۇققانچىلىق رشتىسىنى ئاساسىي يىپ قىلدى. ئالدىنقى ئىككى خەلىپە دەۋرىدىكى دىمۇكراتىك كېڭەش تۈزۈمى تاختا بېشىدا قالدى. ئومەۋىيە ئورۇقىدىكىلەرنى مەركەز ۋە يەرلىكتىكى مۇھىم ئورۇنلارغا قويدى ۋە ئۇلارغا زور كۆلەمدە سۇيۇرغانلىق بەردى. بۇ خىل ھاكىمىيەت ئىستىلى ساھابىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك مۈلكى لەشكىرىي ئەمەلدارلارنىڭ كۈچلىك نارازلىقىنى قوزغىدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى بۇزۇلدى. رەبەرلىك قاتلىمىدىكى زىدىيەتلەر ئاۋۇپ كەتتى.
     656-يىلى ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇ زەردىسى قاينىغان بىر مۇسۇلماننىڭ قولىدا دۇنيادىن كەتتى. ئوسمان رەزيۇللا ئەنىھۇ قەتلە قىلىنغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەلىنى 4 -خەلىپىلىككە سايلىدى.ەزرىتى ئەلى ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزەتمەكچى بولدى. لېكىن بۇ ماھىيەتتە ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر قېتىم تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن ئەنئەنىگە بولغان تۈزىتىش ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتتە تۆزۈك نەتىجە قازىنالمىدى. مۇئاۋىيە ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى، يەنە كېلىپ روھىي دۇنياسى ئەنئەنەۋى قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولغانلىق بىلەن ئۆزىگە ئەقىدە قىلىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەندى. بۇنداق ئەھۋال ئىسلامىيەتنىڭ ناھايىتى ساغلام كېتىۋاتقان تەرەققىياتىغا مەرەز چېچىۋەتكەندەك بولدى. 661- يىلى ھەزرىتى ئەلى مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ئۇرۇش -جېدەلگە قويغان مەنبەلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا بەل باغلىغان بىر ياشنىڭ قولىدا جان بەردى. شۇ يىلى جېنى ئامان قالغان مۇئاۋىيە ئەرەپلەرنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتاپ، ئوماۋىيە خاندانلىقىنى قۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن سايلام ئارقىلىق بۇلىدىغان خەلىپىلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قېلىپ، ئىسلامىيەت تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندىكى بىيئوكرات تۈزۈمىگە ئەلەيكمۇللا دېدى. ئومۇمىي خەلقتە ساپا ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان بۇ ئالتۇن ئاچقۇچ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالتون قاپلىنىشتىن ئىلگىرىكى، يەردىن بىر غېرىچچە كۆتۈرلۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ قەبرىسى ئۈستىگە تاشلاپ قۇيۇلدى. مۇئاۋىيە پارس ۋە رۇملۇقلارنىڭ خاقانلىق يوسۇنى بۇيىچە ئىسلام ئاپپاراتلىرىنى قايتىدىن تەشكىللىدى. شۈنچە كۆپ زىددىيەت، شۇنچە كۆپ ئىشلار ھېچ نەرسىنى ئويلىماي ئات چېپىپ، قېلىچ ئوينىتىۋاتقانلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. يېڭى بىر كەچۈرمىشتىكى سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش زۆرۈرىيىتى زورىيىشقا باشلىدى. مۇسۇلمانچىلىق، تەقۋالىق ئەمەلىيەتلىرى ۋە دەۋالىرىنىڭ پەرقلىقلىقى بارغانسېرى كۆزگە تاشلاندى. تۈرلۈك -تۈرلۈك چۈشىنىشلەر بازارغا چۈشتى ۋە توغرىسىنى تېپىشقا ئىجتىھات قىلغانلار قاتلاملار بويىچە پەللىگە يەتتى.
      ئىمام بۇخارى 1080 ئادەمدىن 600 مىڭ ھەدىس توپلاپ قاتتىق دەلىللىگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن ھىساپلىنىدىغان › سەھىھۇل بۇخارى‹ ناملىق كىتاپنى يېزىپ تاماملىدى. ئىمام مۇسلىم 300 مىڭ ھەدىستىن شاللاپ › سەھىھۇل مۇسلىم‹نى يۇرۇقلۇققا چىقاردى. 9- ئەسىرگىچە يەھيا. بىننى. سالام تەبەرى قاتارلىقلار قۇرئان كەرىم گە مۇپەسسىل تەفسىرلەرنى يازدى. زور فىقىھ ئىمام شافى ئىسلام قانۇنىنىڭ قۇرئان كەرىم ، ھەدىس، كېڭەش ۋە قىياستىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەنبىئى توغرىسدىكى سېستىمىلىق تەلىمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ فىقىي ۋە شەرىئەت ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئاللانىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە شەرىئەت، ئىسلام قانۇنى توغرىسىدىكى بىر دىننى ئىلىم سۈپىتىدە فىقىي مۇپەسسىل ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئىسلام قانۇنى(شەرىئەت) گەرچە خەلق ئىشلىرىنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ دۆلەت ئېلان قىلىدىغان مەجبۇرىيەت ۋە ھۇقۇق توغرىسىدىكى قانۇن ئەمەس ئىدى. دۆلەت كۈچىنى ئۆزىنى تەستىقلىتىدىغان ئاخىرقى كۈچ قىلمايتتى.
     ئۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەر، ئادەملەر بىلەن جەمئىيەت، دۆلەت ئارىسىدا ئەھدىقىلىنغان قانۇنىي مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئېتىقادلىق ئادەم بىلەن ئاللا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىدى. يەنى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەھدىنى بۇزغانلىق بولۇپلا قالماي، ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ ئاللا قانۇنىي جازانى ۋەدە قىلغان ئىنسانلىققا كۆرىلىدىغان، لېكىن، ئادەمىيلىككە توغرا كەلمەيدىغان ئىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۆتمۈشىدىكى بەلگۈلىگۈچى ئورۇندىن بىراقلا ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنغا چۈشتى. دۆلەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ئاۋامنى ئويۇشتۇرۇش كۈچىدىن زور دەرىجىدە قالدى.دىنىي ئىلىم ھەرقايسى جەھەتتىن مۇپەسسىلىشىۋاتقان مەزگىل يەنىلا ھەركىم ھەر نېمە دەۋاتقان، ئىزدىنىشكە تولغان مەزگىل ئىدى. ساھابىلەرنىڭ خاس پەلسەپىلىرى (قەلىبلىرى) ئىزدەۋاتقان نەرسە دىندىن تېپىلىپ كۈچ پەيدا قىلغان تارىخ ئالىقاچان ئۆتمۇشكە ئايلانغانىدى. ئەمدى بۇ دەۋرلەردىكى ئادەملەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ›ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ‹ئىمان-ئېتقادنىڭ دەرىجىلىرى ئاددىي كىشىلەر يۈكسەك ساپاغا مۇيەسسەر بولالامدۇ -يوق، ئىدىئال ھايات ۋە ماتېرىيالىستىك ھايات ئارىسىدىكى زىددىيەت دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى خۇلاسىلىرى ئۇنداق ئاسانلا دىنىي پەلسەپە بىلەن ئارىلىقسىز بىرلىشىپ كېتەلمەيتتى. شۇڭلاشقا دىن ھەرقايسى جەھەتتىن مۇپەسسىل تىكلەنگەن ۋە ئۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇمۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلامدا ساھابىلەر دەۋرىدىكى كەيپىيات يەنىلا پەيدا بولمىدى. خۇددى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ جەمەتىدىكى ئابباسىيلار خەلىپىسى ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىكى ۋۇجۇدقا بەرھەق ھېساپلىنىدىغان ھوقۇق ئوغرىلىرىنى جازالايلى! ئاللانىڭ زېمىندىكى شولىلىرىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇۋالايلى! دېگەندەك شۇئارلار بىلەن ئومەۋىلەر خاندانلىقىنى غۇلىتىپ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ جەمەتىدىكى ئابباسىلار خەلىپىسى ئىسلام دېمۇكراتىيىسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغانلىقىنىڭ مىسالى بولۇپ قالغىنىدەك بۇ مۇپەسسىللىكمۇ چاما ئۆزنىڭ دېمىنى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەندەك رول ئوينىماي قالمىدى.
     پۈتكۈل جەمىئەت ۋارىس يېتىشتۈرۈش ماھىيىتىگە پاتتى. قەلب پەلسەپىسنىڭ ئۈمىدسىزلىشىشى ئىجرا قىلغۇچى ھاكىمىيەتنىڭ قىلدىغانغا ئىش تاپالماي چۈشكۈنلىشىشى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاخىر پارچە - پارچە بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. زور كۆپچىلىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىدىغان، مۇنازىرە جېڭى ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك مەزھەپلەرگە ئاجراتقۇچى دىنى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى بازارغا سالدى. ئەينى چاغدا ئۇلار گەپدانلارنى ئىشقا سېلىپ توختاۋۇسىز تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ باردى(ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە دىن ئېلىندى). دەل مۇشۇ چاغدا تۈركلەر مىللەت مىقياسىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى ۋە يۇمشاپ كەتكەن بىلەكلەردىن ئىسلامنىڭ قېلىچىنى قۇلىغا ئالدى. لېكىن مەدەنىيەت ئۇچرىشىشىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلىمىزمۇ، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلىمىزمۇ؟ دەيدىغان نېگىزلىك سوئال ئەتراپىدىكى پەلىسەپە ئۆز تۇغى ئەتراپىغا تالانت ئىگىلىرىنى يىغالمىدى )بەلكىم بۇ تۇرغۇچتا › قۇتادغۇ بىلىگ‹ يىگانە ئەسەر بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن)، كېيىنكى يىللاردىكى ساھىپ قىرانىمىز ئەمىر تومۈر مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن تۈرك يېزىقى يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ بۇ شائىرلارنىڭ تۈركىي تىلدا ئاھ-پاھ دەپ شېئىر ئوقۇش خاھىشىغىلا تەسىر كۆرسىتەلىدى. ئۇ پىكىر ساپاسى جەھەتتىكى ۋارىسلىق تۈپەيلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يەنىلا قول - ھۈنەرۋەنلەرنى سەمەرقەندكە توشۇدى.
     ھەسسەنە، شۇنىڭ ئورنىغا ئۇ لەك-لەك پەيلاسوپلارنى تۈرك مەدەنىيىتىدىن ئۇچقۇندىغان ئاشۇ سوئاللارنىڭ تۇغى ئاستىغا توپلىغان بولسا - ھە! شۇنداق قىلىپ بۇ مۇنەۋۋەر خاقانىمىزنىڭ نامى خەلقىمىز تىلىدا › ئاقساق تومۈر‹ دەپ ئاتىلىپ، تۆت كۇبلىت شېئىردىن باشقا بىرنېمىسى يوق ئاشۇ زەيپانە شائىرلارچىلىك ھۆرمەتكە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ قەلبى مىللىي ئاڭنى بىرقېتىم يۇرۇتۇپ ئۆچتى. بەس! بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى.بەلكىم مۇشۇنداق بىر دەۋرلەردە غەززالىدەك زات چىقمىسا بولمايدىغان بولغىيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز دەۋرىدە ھەرقايسى ئىلىملىرىدە كامالەت تاپتى. پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئەھيايى ئۆلىمىدىن ،  پەيلاسوپلارنىڭ زىدىيىتى ،  نىجاتلىق يۇلتۇزى ناملىق مەشھۇر پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى ياراتتى. دىنى ئىلىمدە توشقانلىقى بىلەن ›ھۆججەتۇل ئىسلام‹ دەپ نام ئالدى. ئۆزىنىڭ جاھانشۇمۇل تەتقىقاتىدا دىنىي ئىلىمگىغۇ ئاللادىن چۈشكەن تارازا بار، لېكىن ئەقىل مىۋىلىرى بولغان ئىلىملەرنى نېمە ئۈچۈن ئىلىم دەيمىز؟ باشقىلارنى قايىل قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ناۋادا بىرسى ئوخشاش بىر ئىش توغرىسىدا ئونىڭدىنمۇ بەكرەك ئادەمنى قايىل قىلىدىغان سۆز تىزمىسىنى كۆتۈرۈپ چىقسا، ئۇنداقتا ئالدىنقىسى ئىلىم دېيىلمەي قالامدۇ؟ ئۇستىلىق بىلەن قىلىنغان گەپتانلىق ئىلىمنىڭ سالاھىيىتى ئەمەس دېيىشكە نېمە ئاساسىمىز بار؟ ئەقىل بىلەن ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مەڭگۈلۈك ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشكىلى زادى بولامدۇ - يوق؟ دەيدىغان سوئاللارغا ئۈسىدى ۋە بۇ مەسىلىدە گالېلىيچىلىك بولالمىدى. ئاخىر ئەقىلدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتبارەن غەززالى كەيپىيات جەھەتتە ھەرقانداق ئەقلىي ئىلىملەرنى بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇش دەپلا بىلىدىغان بولۇپ قالدى. خۇددى › ئۇ سېنىڭ چۈشەنچەڭ‹ دەيدىغان بىر گەپ، چۈشەنچىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئانچىكىم نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەندەك، يۇقىرىقىدەك بىلىشمۇ غەززالىنىڭ نەزىرىدە، ئەقلىي ئىلىملەرنىڭ كۇرسىنى بەك چۈشۈرىۋەتتى. ئۇ بۈيۈك مۇتەپەككۈرلۈك قەلىمى بىلەن بۇ تۇيغۇلارنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تېگى - تېگىدىن ئاچتى. دىنىي مەيداندا تۇرۇپ شۇ زامانغىچە كەلگەن ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپلاردىن ئارىستوتېل، فارابى، ئىبن سىنادىن ئىبارەت مۆھتەرەملەرنىڭ پەلسەپىۋىي ھۆكۈملىرىنى ئاساسەن ئۇسۇلى، مىزانى ۋە جەريانلىرىدىن ئاجرىتىپ تۇرۇپ باھالىدى. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا پەلسەپىنىڭ بۈيۈك ئۇستازلىرىدا بىدئەتلىك بار دەپ جاكارلىدى. ھەممىدىن يامىنى پەيلاسوپلار ئىسلام ئېچىش كۆرەشلىرىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇقاملىرىدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ قوراللىق سۈپىتىدىكى ئوبيېكتىپ ئەھمىيىتى بىلەن قەدىرلىنەتتى. ئەپسۇس، خرىستىيانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەيرىي رەسمىي تەن ئېلىپ رىقابەتچىلىكتىن قېلىش تۈپەيلى مۇشۇ دەۋرلەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ بۇ ئوبيېكتىپ ئەھمىيىتى چېلىقمىغىلى تۇردى. شۇنداق شارائىتتا بۇ ھۆكۈم تېخىمۇ بەك ئۇجۇقتۇرۇش پەتىۋاسى بولۇشتەك رولىنى ئوينىدى.
     مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۈيۈك پەيلاسوپ ھېساپلىنىدىغان غەززالىنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى چەمبەرچاس باغلاپ تۇرۇپ ئويلاشمىغىنى، نەدە چاتاق بولسا، شۇ يەرگە تەگمىگىنى، ئۈچ پەلسەپىنى باغلايدىغان، ھېچقايسى تەرەپكە پرىنسىپسىز ئېغىپ كەتمەيدىغان، پەيلاسوپلاردىكى روھى پەزىلەتنىڭ ئىززىتىنى غەيرىي رەسمى بولسىمۇ قىلمىغىنى زور خاتالىق ئىدى. ئەقىلدىن كۆڭلى قالغان غەززالىنىڭ دۇنياسىدا ھېسسىيات قالدى. ھاكىمىيەتتىن، ئىجتىمائىي ماھىيەتنىڭ چىرىكلىشىشىدىن سەسكەنسىمۇ، بۇنى ئوڭشاشنى ئاللانىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ يەڭگىللىگەن، ھويلا ئاراملارنى بىر مەزگىل تازىلاپ بېقىپ كېيىن بولۇشىچە بولمامسەن دەپ تاشلىۋەتكەن بولۇمسىز خوتۇنلاردەك، ۋەتىنىدىن ۋاز كەچكەن، پەقەت تىجارىتىنىلا ئويلايدىغان سودىگەردەك، ئاللاغا ئىبادىتىنى تىزىملىتىش بىلەنلا ئۆتۈۋاتقان تەركى دۇنيا كىشىلەر ئىسسىق كۆرۈندى. ئونىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ قاتتىق زىدىيەتلەردىن كېيىن، ئۆزىگە ئەقىلنىڭ كۈچىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللانىڭ نۇرىنىڭ دىلىنى يۇرۇتقىنىدىن قايتىپ كەلدى. بىلىم توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ھەقىقىي بىلىم ئىنسان قەلبى، ئەيىپلەردىن تازىلانغاندا چاقنىغان بىر خىل نۇردىن ئىبارەت. موشۇنىڭ بىلەن ئاللانىڭ زاتى، پەزىلىتى، ئەسلىي پانى ئالەم ۋە باقى ئالەمنى ياراتقان بۈيۈك پاراسەت ھەققىدە ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ (› ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە‹ دىن ئېلىندى)دەپ ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ سوپىلىق تەرىقىتىگە كەڭ يول ئاچتى. ئىلھام ئەڭ ئاساسى، ئەڭ ئىشەنچىلىك بىلىم ئېلىش ۋاستىسى بولۇپ قالدى. سوپىلارنىڭ ئىشقى غەزەللىرى ۋە ئىلھام بىلەن باغلانغان شېئىر، قوشاقلار تەرەپ تەرەپتە ياڭراشقا باشلىدى. ئەكسىچە 1155- يىلى خەلىپە مۇقتەدىر مانا موشۇ غەززالىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن فارابى، ئىبن سىنا، سادىق قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بارلىق كىتابلىرىنى چەكلىدى ۋە كۆيدۈردى.

     1195- يىلى ئىسپانىيە ئاندالۇسىيە خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى مەنسۇر يەنە بىر قېتىم پەلسەپە كىتاپلىرىنى كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەنىۋى غازىتىنىڭ بوبىسى شۇنىڭ بىلەن پۇچۇلدى. شونىڭدىن 500 يىل ئۆتۈپ ئاپئاق خوجا بۇ تارىخىي يۇمۇرنى قايتا بىر قېتىم تەكرارلىدى.
     ئۇنداقتا تۈپ نۇقتىدىن مەجازى ئېيتقاندا بىز يولنى قانداق ماڭدۇق؟ بىر كۈنى بىر بۇرادىرىم بىلەن خوتەنلىك بىر باينىڭ خوتەن نامراتلىرىغا 50-60 مىڭ يۈەن زاكات تارقاتقانلىقى توغرىلىق سوزلىشىپ قالدۇق. ئۇ بۇنى دىيانەتنىڭ بەلگىسى،  مۆمىنلىكنىڭ سۈننىتى دەپ مەدھىيىلىدى. دۇرۇست، ئىسلام ئەقىدىلىرىدە بۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاشۇنداق خاتىرىلەنگەن ئىدى. ئەمما، بۇ ماڭا دوگمىلىق بىلەن قىلىنغان بىچارە ياخشى كۆڭۈلدەك تۇيۇلدى. چۈنكى، مەن بىر سىستېمىدىكى ئايرىم ھالقىلارغا خەير، -، ساخاۋەت قىلىپ ئولتۇرغۇچە ئاشۇ سىستېمىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۈرسەك بولمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئېتىزلىرىنىڭ قاغجىراپ كەتكەنلىكىگە ھامىنى ئىچ ئاغرىتقاندىن كېيىن، مۇنداق قىلساڭ ئېتىزلىقىڭغا سۇ كېلىدۇ دېسەك ياكى شۇ پۇلنى مۇشۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەجلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟ چۆلدە قالغان مىڭ يولۇچىغا ئۇماچ تارقىتىپ يۈرگىچە نەچچە يۈز ۋاگۇننى سۆرەپ يۈرگۈچى بىر بۇقىغا يېقىلغۇ ئىزدىسەڭ بولمامدۇ، دەيتتىم.
     ئەمەلىيەتتە ئىككىيلەننىڭ كۆزلەۋاتقىنى بىر ئىدى. پەقەت بۇ بۇرادەر › شەخس‹ ئۇقۇمىنى چۆرىدەيتتى. مەن ئىجتىمائىي جەمئىيەت سىستېمىسى ئۇقۇمىنى چۆرىدەيتتىم. گەرچە تەدبىرگە قۇدرەتلىك كىشىلەردىن بولغان بولساق، بۇ ئەقەللىي ئادەمىيلىك ھەققىدە مۇنازىرلىشىش چۈپەيلىك سانىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن سۆبەتدىشىمنىڭ تەپەككۈر ئەندىزىسىنى تولۇق كۆرۈپ بېقىش مەقسىدىدە ئىككىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى قەستەن قارىشلاشتۇرۇپ ئۇنى گەپكە سالدىم. ئۇ ئاجىزلىق قىلىپ ئاخىرقى ھېسابتا قۇرئان ۋە ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن دەپ چاپاننى تەتۈر كىيىپ چىقتى. مەن تۇرۇپلا تارىختىكى باتىنىلار بىلەن زاھىرىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم. مانا بۇ تارىخىمىزنىڭ ناھايىتى قىسقا كۆرۈنۈشى ئىدى. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭدىن سەۋىيىلىكرەك بولغان بولساق بۇ مۇنازىرە بولمايتتى. بىراق، ئۇزاققا سۇزۇلغان ئاشۇ تارىخلارنىڭ قانچىلىكى بۇنىڭدىن سەۋىيىلىكرەك بولالىدى؟ بۈگۈنكى ماۋۇ زاماندا مۇستەھكەم مۇنازىرە قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئاچچىقىدا ھېلىمۇ سالغان داستىخىنىمنى ئۆرۈۋېتىپ، ›ھۇ، جوھۇت‹ دەپ مېنى ئۇرۇپ كەتمىگىنى بىلەن، قايسىبىر جاھان ئەھلى مانا مۇشۇنداق مۇنازىرىدىن كېيىن مانا مۇشۇنچىلىك ئولتۇرالىدى؟بىز يولنى مانا مۇشۇنداق ماڭدۇق. شۇنداق قىلىپ يۈرەكنى مىزان قىلىپ پەلسەپە تىكلەش تەبىئەت ئىتىزاملىرىدىكى مۇكەممەللىكلىرىنى تېپىش ۋە ئۇلارنى دىندىكى مۇپەسسىل پەلسەپە بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە مۇشۇ جەرياندا تەسلىمچىل ھالەتتە ئەمەس، ھەققانىي مەيداندا تۇرۇشتەك مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى پەقەتلا قارشى ئېلىنماس بولدى. شونىڭ بىلەندەۋر شەيئىلىرىنى يېتۈك جايلاشتۇرۇش ۋە مۇشۇ جايلاشتۇرۇش ئاساسىدا كېسىم قىلىشتەك تۈپكى ھۇقۇق پرىنسىپ جەھەتتە قولىمىزدىن كەتتى. زامانىمىزدىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى قانداق سەرەمجانلاشتۇرغانلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر رىئال تۇرمۇشىمىزدىكى نۇپۇزلۇق ھۆكۈملەر باشقا بىر مەنبەدىن كېلىدىغان بولدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پىكىر ئەندىزىسى پەتىۋاغا سېلىشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ئاساسىدا كېسىم قىلىش، رېئال ھادىسىلەرنى رىئاللىقتىن يۇلۇۋېلىپ ئويلاش ئىستىلى ئاسارىتىدە قالدى. بۇ ئىنسان ئۆگەنمىسىمۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىلىملىك بولالايدۇ، ئاللا ئۆزى خالىغان كۈنى › ئاغزىڭنى ئاچ‹ دەپ ئاغزىغا ئىلىمنى پوككىدە تاشلاپ بېرىدۇ، كەلگۈسىدىن، جەمىئەتتىن غەم قىلىش ھاجەتسىز، ئاللا ئىشلارنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۆزى پەرۋىش قىلىدۇ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ دۈشمەنلەرنىڭ كاللىسىنى ئالسىمۇ تۇيمايدىغان قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، دېگەندەك يارالمىشلارغا پەزىلەت ياساپ تاڭىدىغان دەرىجىگىچە بېرىپ يەتتى.
     گەرچە ئىسلام پەلسەپەسى ئاللىقاچان ئاللا ئىنسانغا ئىككى نەرسە بەردى: بىرى، تەبىئەت دۇنياسى، يەنە بىرى، ‹ قۇرئان كەرىم›دېگەن گەپنى قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ كېيىن يۇقىرىقىدەك گەپلەر بولۇنۇۋاتقاندا ئايەتلەرنى ئۆزگەرتىش كۇفۇرلۇق بولىدىكەنۇ تەبىئەت شەيئىلىرىنى، قانۇنىيەتلىرىنى بۇرمىلاش كۇفۇرلۇق بولمامدۇ؟ دەپ ئويلايدىغانلار چىقمىدى. دوگمىلىقنى پەقەتمۇتھەملىك، نىمجانلىق، نامەردلىك، تاماخورلۇقلا قوللايدىغان بولغاچقا، پەزىلەتسىزلىكنىڭ بۇ مىساللىرى كەڭ يامراپ كەتتى. بالا بولساڭ شوخ بول، بولمىسا يوق بول ،  ئەربولساڭ جاھان كەز، ‹ موللا كۆپ بولسا مال ھارام بولىدۇ›دەيدىغاندەك گەپلەر رەسمىي سۇرۇنلاردا ئەمەس، بەلكى بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا ئېيتىلىپ قېلىۋەردى. رەسمىي قىلىپ ئېيتساق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىرىكلىكنى سىلىقلايدىغان، يېرىقنى يامايدىغان پەيلاسوپلارغا بولغان تەقەززا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە سۇسلىدى. ئاۋام شەخسكە تەئەللۇق ئۆي - ماكانلاردىن تەدرىجىي ئايرىلدى. يۈرەكلىرىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىنى دەككە-دۈككە بولماي ئاڭلىيالمايدىغان بولدى. پۈتكۈل جەمئىيەتكە سوت مەيدانىدىكى سوتچىنىڭ كەيپى چېچىلدى. كىشىلەر ئۆز چۈشەنچىلىرى بويىچە قاشا، لايىق تاپقان تارازىلىرى بىلەن قوۋۇق ياساپ گىرەلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتنى سېپىللار بىلەن ئاجرىتىشقا باشلىدى. روھى بېكىنمىچىلىك، ھەربىي تۇرمۇش ئىستىلى كۆرۈلگىلى تۇردى. تېخىمۇ يامان بولغىنى مۇشۇ ھالغا زۆرۈر بولغان پەيلاسوپلۇقنىڭ يەكلىنىشى بىلەن بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كەتتى. ماھىيەتتە پەقەت ھەرقايسى قورۇقلاردىكى تۈپ ئۆلچەمنىڭ پرىنسىپ جەھەتتىن ئورتاق بولۇپ بەرگىنى يېگانە قالدى. بىر پۈتۈنلۈك بارا -بارا پارچىلىنىپ كەتتى. بۇنداق زىل ۋە جىددىي كەيپىياتقا سوپىلىق تەلقىنلىرى، ئىشق غەزەللىرى، نەچچىنى قاتلاپ ئالسا بولىدىغان خوتۇنلار، ئەلۋەتتە بىر سىممىتىرىك ھەمراھ ئىدى. كىشلىك جۈرئەت، كىشلىك قۇدىرەت، كىشلىك ئىززەت دەپسەندە بولدى. ئىسلام مائارىپى تۆۋىنىدىن تارتىپ ئالىيسىغىچە قۇيمىچىلىق مائارىپىغا ئايلاندى. شۇنداقتا ھەل قىلغۇچ مەسلە قېلىپقا چۈشمىگەن تەبىئەتنى قېلىپقا چۈشۈرۈش ئىدى. قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاقنانچى ئادەملەرنىڭ موللا بولىدىغانلىقى، نامازدا تۇرغاندا كاللىدىن باشقا خىياللارنى قوغلىيالمايۋاتقانلىقىنى، نامازنىڭ بەزىدە بىھۇدىدەك بىلىنىپ قالىدىغانلىقى دېگەندەك چىن ئىنسانىي تۇيغۇلارنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشقا ئىجتىمائىي مۇھىت ئىمكان بەرمىگەنسېرى پەيلاسوپلارنىڭ ئورنىدا دىنىي تونغا ئورىنىۋالىدىغانلار ئاۋۇپ باردى. ئادەملەر تەقۋالىق دەۋالىرىدا تىپىرلاپ ئەركان ۋە ئەھكاملارنى ئەينەن بىجا كەلتۈرۈشكە شۇنچە تەق تۇرغان بولسىمۇ، كىشىلىك بارا- بارا قۇرغاقلاشتى. سۈننەتلەرنى بىجا كەلتۈرۈپ ئاللاغا ياراۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئاتىلىق پەزىلىتى بىلەن بالىنى، ئەرلىك پەزىلىتى بىلەن ئايالىنى، ئەزالىق پەزىلىتى بىلەن جەمئىيەتنى قايىل قىلالمايدىغانلار ئاۋۇپ باردى. مانا تا ھازىرمۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ بالىلىرى، خوتۇنلىرى ياخشى چىقمايدىكەن دەيدىغان تەسىرات ئەتراپىمىزنى چۆگىلەپلا يۈرمەمدۇ؟ ھەتتا بارلىق نەرسىلەردىن خالىي ھالدىكى ئىنسانلىققا بولغان سەزگۈ سۇسلاپ، پەزىلەت تۇيغۇسى سۆيگۈ ھاسىل قىلىشتا يېتەرلىك دەرىجىدە گاللاشتى. بۇ ئۆز ئارا چۈشىنىش قابىللىقىنى زور دەرىجىدە بوغۇپ ئۇيۇشچانلىقنى ئاپەتتە قويدى. بۇ بەلكىم غەززالىپەرەس ئالىملارنىڭ كۈتكىنى بولمىسا كېرەك. لېكىن كىمىكى ۋۇجۇد قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ئۇ ھامىنى ياخشى تىلەكلىرى تېگىگە پۈتۈلگەن يامان تەقدىرنى كۆرمەي قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز نادان خەقنىڭ ھارامدىن موللىسى بولىدۇ دېگەن ماقالىنىڭ بىر مىسالى بولۇپ قالدۇق.شەھەرلەر پەتىۋاغا كۆمۈلدى، خۇددى غەززالى ‹ پىقھە› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاسان ئۇچرىمايدىغان ئۇششاق ئىشلار ۋە ئۇششاق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مەخسۇس ئىجتىھاتقا قارىتىلىدۇ...
     بۇ ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەرنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش قەلبىنى مۇزلتىپ، ئەيمىنىشنى يوق قىلىدۇ.دەپ ئېيتقاندەك بولدى. پەقەت گۈلنى سۆيەلمەيدىغان ئادەم ئاللانىمۇ سۆيەلمەيدۇ، دەيدىغان تەجرىبىۋى ھەقىقەتلەرگە ھېسسىياتلىرىنى ئوڭۇشلۇق قوندۇرالىغان بىر قىسىم سەزگۈر ئادەملەر سوپىلىق لاگىرىدا ‹پەرھاد - شېرىن› ، ‹لەيلى، -مەجنۇن›،  ‹گۈل ۋە بۇلبۇل› داستانلىرىنى ئۈزمەي يېزىشىپ كېلىۋەردى. لېكىن بۇلار تەبىئەت مۇشۇ سەلىقىلەرگە يېقىن ئېلىپ كەلگەن چوڭلارنىڭ سۈيۈملۈك ئوقۇشلۇقىلا بولۇپ، ئەمەلىي ئىش قولاشتۇرىدىغانلار نىسبەتلىرىدە پەقەت يېزا - قىشلاقلارلا ئۆز مەدەنىيەتسىزلىكى بىلەن كۈن پاتقاندىكى ئاي - يۇلتۇزدەك جىمىرلاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بىزدە قەشقەر ۋە سەمەرقەندتەك ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئاستانىلىرىمىز بار تۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلڭىغا ئايلاندۇق، ...

     بىر كۈنى نوغاي مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىغا تاماققا كىردىم. يېنىمدىكى ئۈستەلگە زىيالى سۈپەت بىر ئەر ئايال كىردى. ئەر خوتەن شىۋىسدە سۆزلەيتتى. ئايال ئۇرۇمچىلىكتەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئالتە ياش چامىسىدا بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئويغۇرچە سۆزلەشسىمۇ، لېكىن بالسىغا پۈتۈنلەي خەنزۇچە گەپ قىلاتتى. پەقەت چىداشلىق بېرەلمەي ئۇلارغا نەپرەتلىك قاراپ قويدۇم. بىچارىلەر ئاۋازىنى سەل پەسەيتتى، لېكىن بۇ كەيپىمنى قاتتىق بۇزۇۋەتتى.
     تەرەققىياتتىن باشقا ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان ئالا -جوقا زىيالىلار، ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ ھەممىلا يېرىنى سەنئەت بۇيۇمى قىلىشقا كۆڭلىدە تۇسالغۇسى يوق قىزلار، مەن مىللەتچى ئەمەس مۇسۇلمان دەپ كاپشىپ يۈرگەن تەنتەكلەر، ئوقۇش ئۈچۈنلا ئوقۇغان روھى پوتىنسىئالى يوق ئاسپىرانتلار، دوكتۇرلار، چوڭ سودىگەرلەر قۇشۇلۇپ يادىمغا يېتىپ قەلبىمنى تۇرۇپلا ئۈمىدسىزلىك قاپلاپ كەتتى.
     شۇ چاغدا نېمىشقىكىن بىر قېتىملىق مائارىپ تەكشۇرشۈم يادىمغا يەتتى. 96- يىللار ئەتراپىغۇ دەيمەن. قۇمۇلدا ئاپتۇۋۇزدا كېتىۋېتىپ پاراللىل ئۇقۇغان كەسىپدىشىم بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئۇچرىشىپلا زوق - شوق بىلەن ئۆزىنىڭ ئويغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپمۇ قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرسنى خەنزۇچە سۆزلەۋاتقىنىنى،  بو يېڭى بىر سىناق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى. ئۆزۈم مائارىپنىڭ گۈللىنىشىگە تولىمۇ تەقەززا بولغاچقا، بۇ يېڭىلىقنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىش ئارزۇسى كۆڭلۈمگە بېكىدى. تەكشۇرسەم مەلۇم بولدىكى، بۇ بىر تەجرىبە ئىكەن. ياخشى بولسا ئىجرا قىلىدىكەن،  بولمىسا قالىدىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ سىناق قىلىنىدىغان شۇ يىللىقىدا ئالتە سىنىپ بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپقا مۇشۇ ئالتە سىنىپتىن ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپتۇ. ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئۇنى تەجرىبە سىنىپ دېگىنى نېمىسى، ئالتە سىنىپتىن تاللاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغىنى نېمىسى؟ بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى پەقەت خىزمەت كۆرسىتىشنىلا ئويلايدىغان ئادەممىدۇ؟بۇ سوئاللار خېلى مەزگىلگىچە كاللامدىن كەتمىدى.
      تۇنۇش -بىلىشلەرگە بىر سىنىپنى تاللىمايلا سىناق قىلىپ باقساڭلار، تەكشۈرۈپ باقساق، دەپ باقتىم. باشقا ساھەدە ئەمەس، ئالىي مەلۇماتلىقلار بىلەن توشقان مائارىپ ساھەسىدە يا تۆۋەندىن، يا يۇقىرىدىن بۇ خاتا تەجرىبە ئۇسۇلىغا بىر نېمە دەيدىغانلارنىڭ چىقمىغىنى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. ئويلا - ئويلا ئاخىرى روھىي كامىللىق جەھەتتىن ئېيتقاندا بىزدە چوڭ ئۆزگىرىش يوقكەن، دەيدىغانراق يەرگە كەلدىم. دېمىسىمۇ بىز چاما ئۆز يوقالغان جەمئىيەتتىن كەلگىلى ئەمدى تېخى 50 يىل بولدى. نېمىلا دېگەن بىلەن مىڭ يىلدىن بېرى مۇقەددەس دەپ بىلگەن نەرسىلەرنى قانداقتۇر بىر ئىنقىلابىي تەنتەكلىك بىلەن ھاقارەتلىگەنلەر،  چاققانلار،  كۆيدۈرگەنلەرنىڭ ئارقى40-50 ياشتا، ئالدى 70-80 ياشتا ئارىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. موشۇنداقكەن، ئادەملىرىمىزنىڭ ۋەزىنلىشىشى تېخى بالدۇر ئەمەسمۇ؟ راست، شۇ خىياللار بىلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنغاندەك بولدۇم.
      كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر مۇزىكا خالاپ قالدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.