ئانىلاردىن خەت

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-14 13:03:00

ئانىلاردىن خەت مەريەم ئەھەد مەن دىلئارام قۇرباننىڭ « شىنجاڭ مەدەنىيتى » ژورنىلىنىڭ 2004- يىل 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان « قەدىمىي شەھەردە ئويلىغانلىرىم » دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ...

    ئانىلاردىن خەت

    مەريەم ئەھەد

       مەن دىلئارام قۇرباننىڭ « شىنجاڭ مەدەنىيتى » ژورنىلىنىڭ 2004- يىل 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان « قەدىمىي شەھەردە ئويلىغانلىرىم » دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتىم ، لېكىن ئويلىغاننى سىرتقا چىقىرالمايدىغان بىئەپلىكىم تۈپەيلىدىن قەلەمنى قولغا ئېلىپ قەلبى ئىزھارىمنى بايان قىلىشقا ئاجىز كەلدىم .

       مەن ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئىچىدە مۇشۇنداق بىر قىزنىڭ چىققىنىدىن ، مىللىتىمزنىڭ ئېسل ئەنئەنىسى ، مىللى خاسلىق ، مىللى كىيىم - كېچەك توغىرلىق ئېيتقانلىرىدىن سۆيۈندۈم .

       دىلئارام مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ ، ئۆ لاتاپىتى ، ئۆز خاسلىقى بىلەن ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ياشاۋاتقىنىنى يېزىپ : « بىزنىڭمۇ چىرايلىق كىيىم - كېچەكلىرىمىز بولغان ، تېخى سىلەرنىڭكىدىنمۇ چىرايلىق دەپ ۋارقىرىغۇم كەلدى ، لېكىن تۇرقىمىزدىن ئۇيغۇرچە ئالامەتلەرنى ئانچە بايقىغىلى بولمايتتى. » دەپ ئۆزىنىڭ خۇرسىنىشلىرىنى ئىپادىلەپ ، قەلبىمدە بېسىلىپ قالغان ئاچچىق ئىزتىراپلىرىمنى ئېيتىقشا دەۋەت قىلدى .

      دىلئارام ئېيتقاندەك بىزنىڭ شۇنچە ئېسل ، شۇنچە كۆركەم مىللي كىيىم - كېچەكلىرىمىز ، خىلمۇ _ خىل نەپىس تىكىلگەن دوپپا - تۇماقلىرىمىز ، ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىمىز تارىخى قىممىتىنى يوقىتىپ ، چەت ئەللىكلەرگە راسلانغان دۇكان ۋە سەھنىلىرىمىزدىلا قالدىغۇ ؟!

      ئەسلىدە بىزنىڭ مىللىتىمىز گۈزەللىكنى ئەڭ قەدىرلەيدىغان ، گۈزەللىكنى ئۆزى يارىتىپ ياشاپ كەلگەن بىر مىللەت . ئەتلەس ، شايى - دۇردۇن ، ماتا - چەكمەنلەرنى ، گىلەم ، كىگىز - پالاز ، تەڭلىماتلارنى ئۆزى ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىغان ، خىلمۇ - خىل ئىنىچىكە ، زىل ھۈنەر - سەنئەتنى ئىگىلىگەن ، ھويلا - ئارام، باغلىرى خىلمۇ - خىل مېۋە - چېۋە ، گۈل - گىياھلار بىلەن تولغان ، ھاياتىنى پاكىز ۋە ھالاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن ، ئىشچان ، ئاقكۆڭۈل ، مېھماندوست خەلىق بولۇپ ، توقۇغان ئەتلەس ، گىلەملىرىمىز ، تىككەن دوپپا ، كەشتىلىرىمىز ئەقلى ھوشى جايىدا ، مېھنەتنى ، مېھنەتكەشنى قەدىرلەيدىغان ھەر قانداق كىشىنى زوقلاندۇرماي قالمايدۇ.

      قەدىمدىن تارتىپ بىزنىڭ خوتۇن - قىزلىرىمىز ھەسەن - ھۈسەنگە رەڭداش ئەتلەس - شايىلارنى ، ئالتۇن تاجىدەك كۆركەم دوپپىلارنى كىيىپ ، ھەر خىل ھالقا ، زىرە ، يىڭگىلىك ، ئۈزۈك - بىلەيزۈك ، مارجان - كەھرىۋالارنى تاقاپ ، ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى يىلىم بىلەن تاراپ ، گۈللەرنى چېكىسىگە قىسىپ پەرىزاتتەك ياسىنىپ يۈرۈشكەن ، ھەتتا ئەڭ نامرات دېھقاننىڭ خوتۇن - قىزلىرىمۇ پاختىنى ئۆزى ئىگىرىپ توقۇغان ماتا - شاتىۋارلارنى ، ئۆزى تىككەن دوپپىلارنى كىيىپ ، ئوسمىلارنى قويۇپ ، چاچلىرىنى قىرىق بىر تال ئۆرۈپ ، پەرىزاتتەك ھۆسنى بىلەن نى - نى شاھزادىلەرنى ، بەگزادىلەرنى ، باھادىر يىگىتلەرنى مەپتۇن قىلغان .

      سۈپ - سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى يەر ئاستىغا مۆكۈپ يوقاپ كەتكەندەك ، مىللىتىمىزنىڭ شۇ گۈزەل قىزلىرىمۇ قاياققا كەتكەندۇ ؟

      ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىق ، دوپپا ۋە ئەتلەس كيىگەن قىزلارنى سەھنىلەردىنلا ئاندا - مۇندا ئۇچرىتىمىز ، رىئال دۇنيارىمىزدا يوق . ھازىر تېلېۋزورلاردا يىلىم ، ئوسما قاتارلىق بىز « مودىدىن قالغان » دەپ نەزەرىمىزگىمۇ ئىلمايدىغان نەرسىلىرىمىز « گۈزەللىك ئالىمىنىڭ ئېسىل بويۇملىرى » قاتارىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ . بىزنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە ئادەتتىكى نەرسىلىرىمىزمۇ ، بىز قەدىرلىمىگەن نەرسىلەرمۇ خېلى قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك نەرسىلەردۇر.

       مەسىلەن : تۇماق ، بۇرۇن ئاياللار قىشتا تۇماق كىيدىغان ، سوغۇقتا تۇماق كىيۋالسا باشقا سوغۇق ئۆتمەيدۇ ، باغ ئاغرىقىمۇ تارتمايدۇ ، لېكىن ھازىرچۇ ؟دوپپا ، تۇماقلىرىمىز مۇزىيغا قويغاندەك تىزىلىپ تۇرىدۇ . ھەتتا، ياشانغان ئايللارمۇ ئۇنى كىيسەك خەق بىزنى ئارتىسمىكىن دەپ قالىدۇ، دەپ ئەيمىنىپ كىيمەيمىز ، ھازىر دوپپا ، ئەتلەس ، ئۇزۇن چاچلار ئارتىسلارنىڭ بىردەملىك خەلقنى جەلىپ قىلىش بويۇمى قاتارىغا ئۆتۈپ كەتتى.

       « ناخشىچى ، ئۇسسۇلچى ، رىياسەتچىلىرىمىز راستىنلا مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار بولسا، سەھنە كىيىملىرى بىلەن رەستىلەردە يۈرەلىسۇن » ( ئا . ئىسلام ، « شىنجاڭ مەدەنىيتى » ، 2004- يىللىق 6- سان »

       ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى كىيىمى شۇنچىلىك نەفىس ، چىرايلىق ۋە تولىمۇ تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن ، پەخىرلىنىپ كىيىشكە تېگىشلىك كىيىملەر. بىز نېمىشقا ئۆزىمىزنىڭ شۇنچە ئېسىل نەرسىلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ، مودا قوغلىشىپ باشقىلارنىڭ نەرسلىرىنى كىيىشكە ئامراقتۇرمىز ؟ باشقا مىللەت خوتۇن - قىزلىرى بىزنىڭ ئۇزۇن كۆڭنەك ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ، ئۇزۇن چاچلرىمىزنى ئارزۇلاۋاتىدۇ ، لېكىن بىزنىڭ قىزلىرىمىز بىر پېشى ئۇزۇن ، بىر پېشى قىسقا ، كەينى ئۇزۇن ، ئالدى قىسقا، مۈرىسى ، كۆكسى ئېچىلىپ تۇرىدىغان كىيىملەرگە قىزىقىپ قېلىۋاتىدۇ . ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى شۇنداق يۈرۈشنىڭ تولىمۇ كۆرۈمسىز ۋە چاكىنا ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە بۇنداق قىلمىغان بولار ئىدى . بەزى ئىچى يامان ، ھەسەتخور قىزلار دوستىنى باشقىلار ئالدىدا كۈلكىگە قويۇش ئۈچۈن ، شۇ خىل يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى داڭلاپ « مەن شۇنداق كىيىم بۇيرۇتتۇم ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى مودا شۇ » دەپ قىزىقتۇرۇپ ئۇلارنى ئالغۇزىدۇ ، كىيگۈزىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈش مەقستىگە يېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ياخشى دوست بولسا، شۇ ئەخمەق قىز ئالىمەن دېسىمۇ ، ئاتا - ئانا ، يۇرت - جامائەت ، يىگىتلەر ، ئەرلەر ئالدىدا يالىڭاچ بەدەننى كۆرستىىش تولىمۇ نومۇسلۇق ئىش ، دەپ توسۇپ ئالدۇرمىغان بولار ئىدى .

       ئۇندىن باشقا قىزلىرىمىزنىڭ چېچى قىسقىراپ ئوغۇل بالىدەك ، ئوغۇللارنىڭ چېچى ئۇزىراپ قىزلاردەك بولۇۋالغىنىمۇ ھېچ كىشىنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ ۋە ئەقلىگىمۇ سىغمايدۇ . قىزلارنىڭ ئوغۇلغا ، ئوغۇللارنىڭ قىزغا ئايلانغۇسى بارمۇ يا ؟ ياكى بۇ خەلقئارالىق سەۋىيگە يەتكىنىمۇ ؟ بۇ بىز ئانىلار ئەڭ ئېچىنىدىغان بىر ھادىسە بولۇپ قالدى . زامانۋىيلىشىش ۋە دۇنياۋى سەۋىيگە يېتىشنى كيىم - كېچەك ، رەڭدار چاچلار بىلەن ئەمەس، بىلىم - سەۋىيە ، مەدەنىيەت قۇرۇلىمىمىز ، كىشىلىك ساپايىمىز ، تەرەققىياتقا ماس ماددى ۋە مەنىۋى يۈكسەكلىگىمىز بىلەن ئىپادىلىسەك مۇۋاپىق بولاتتى.

       كيىم - كېچەككە ، ياسىنىشقا بېرىلىش ، كىيىم ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەندە قىلىشقا ئۇرۇنۇش- روھى نامراتلىقنىڭ ، مەنىۋى ئاجىزلىقنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر . ياشلىرىمىزنىڭ يېڭىلقنى ، ئەركىنلىكنى تەكىتلەپ مىللى ئەنئەنە ، مىللى غورۇرنى دەپسەندە قىلىشى ، ئۇنى ئەرزىمەس ، كېرەكسىز نەرسە قاتارىغا چىقىرۋېتىشى تولىمۇ ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال . بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزىنى ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كېرەكسىز نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

       مىللى ئۆرپ - ئادەت ، مىلى ئەنئەنە بىزدىن قانچە يىراقلاشقانسېرى ئۆزىمىزنى ، مىللى ئالاھىدىلىكىمىزنى ، گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتىمىزنى شۇنچە ئۇنتۇماقتىمىز.

        ياشلىرىمىز ئەبجەش مەدەنىيەت قاينىمىدا دەۋرنىڭ خىلمۇ - خىل ئمتھانىلىرىغا دۇچ كەلمەكتە . بۇ خىل ئىمتھانلاردىن مىللى خاسلىقى چۆرۈپ تاشلاش ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى مىللى ئەنئەنە ، مىللى خاسلىققا ۋارسلىق قىلىش ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك تەجىرىبە ساۋاقلىرىنى ، مول ھېكمەتكە باي تەپەككۇر دۇرادانلىرىنى ئۆزىگە مەنىۋى ئوزۇق قىلىپ ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلقلا غەلبىلىك ئۆتەلىشى مۇمكىن .

       ھازىر ئوغۇل - قىزلىرىمىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىقىپلا « پۈتۈن بىلىمنى ئىگەللەپ بولدۇم ، كىتاب، ساڭا خەيرى - خوش ! » دەپ ، خىزمەت ، ئائىلە ، زىياپەتلەرنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ۋاقتىنىڭ ئاتقان ئوقتەك ئۆتۈۋاتقىنىنى ، مېڭىسىنىڭ بارغانسېرى قۇرۇپ ، مەنۋى ئاچلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالىدۇ . ئۆينى داۋاملىق تازىلاپ تۇرمىسا ، گۈللەرگە ۋاقتى - ۋاقتىدا سۇ قۇيۇپ تۇرمىسا بولمىغىنىدەك ، ئادەم مېڭىسىمۇ پات - پات توغرا _ خاتانى ئايرىپ تازىلاپ تۇرۇشقا ، يېڭى بىلىم بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ.

       ياشلىرىمىز ۋاقتىنى ئويۇن - تاماشاغا ئەمەس، كۆپرەك كىتاب كۆرۈشكە ئاجىرىتىپ ، مەنىۋى دۇنياسىنى بىلىم نۇرلىرى ئارقىلىق جۇلالاندۇرسا ، مەۋجۇتلۇق ، رىئاللىق ئۈستىدە تىنماي ئىزدەنسە، خەلقنىڭ قۇرۇپ چاك - چاك بولغان مەنىۋىيەت ئېتزىغا چۆلنى ياشناتقان تاغ سۇلىرىدەك مەلھەم بولسا ، ئۆز خەلقىنىڭ تۈنۈگۈنى ، بۈگۈنى ، ئەتىسى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە، ئىشەنچكە ئىگە بولالىسا ، دىلئارام قۇرباندەك قىزلىرىمىز كۆپەيسە ، بىزدەك ئانىلارنىڭ قەلبىدىكى ھەسرەت تۈگمەسمىدى ؟!.....

     

    « كىروران » ژورنلىدىن

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:47:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق