چىدام-غەيرەت

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-22 14:37:00

چىدام-غەيرەت بىر كۈنى پادىشاھ ئەمىرلىرىدىن بىرىنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىر مۇھىم ئىش توغىرسىدا ئۇنىڭ بىلەن كېڭەش قىلىپتۇ،توساتتىن بىر چايان كېلىپ ئەمىرنىڭ كىيمى ئىچىگە كىرىۋاپتۇ_دە ،نەشتىرىن...

       چىدام-غەيرەت

        بىر كۈنى پادىشاھ ئەمىرلىرىدىن بىرىنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىر مۇھىم ئىش توغىرسىدا ئۇنىڭ بىلەن كېڭەش قىلىپتۇ،توساتتىن بىر چايان كېلىپ ئەمىرنىڭ كىيمى ئىچىگە كىرىۋاپتۇ_دە ،نەشتىرىنى سانجىغىلى تۇرۇپتۇ،چايان شۇنداق قاتتىق چېقىپتىكى،ئۇنىڭ بارلىق زەھىرى ۋە نەشتىرى كاردىن چىقىپتۇ،ئەمىرمۇ شۇ دەرىجىدە چىدام غەيرەت قىلىپتۇكى چىرايىنى ئازراقمۇ ئۆزگەرتىپ قويماپتۇ.مەسلىھەتتىنمۇ توختاپ قالماپتۇ. كېڭەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئەمىر ئۆيىگە بېرىپ چاياننى كىيمىدىن ئېلىپ تاشلاپتۇ.كېىن بۇ ئەھۋال پادىشاھقا ئاڭلىنىپتۇ،ئەمىر ئىككىنچى قېتىپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلگەندە پادىشاھ ھەيران بولغان ھالدا :سەن نېمە ئۈچۈن چاياننى دەرھال ئېلىپ تاشلاپ ،ئۆزۈڭنى ئازاپتىن خالىي قىلمىدىڭ؟ ئەمىر جاۋابەن : مەن ئۆزلىرىدەك بۈيۈك پادىشاڭنىڭ خىزمەت ۋە سۆھبەت رىشتىسىنى چاياننىڭ نەشتە ئۇرۇشى بىلەن ئۈزۈۋەتمەيمەن.ئەگەر ،بۈگۈنكى كېڭەشتە چايانىڭ چېقىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىسەم كېيىنكى ئۇرۇشلاردا قانداق بەرداشلىق بېرەلەيمەن.دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەمىر. پادىشاھ ئەمىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ساداقىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ،ھەم مەرتىۋىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق