ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى

يوللىغۇچى : Alma يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-23 17:46:00

ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش -ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش- بازاردىن ئىبارەت بۇ جەڭگاھتا تېڭىرقاپ يۈرگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئا...

    ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش -ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى

     ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش- بازاردىن ئىبارەت بۇ جەڭگاھتا تېڭىرقاپ يۈرگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىش ئورنىدىن قالغان بىر تۈركۈم ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلىنىشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پارلاق كېلىچىكىنى ياراتتى. ئۆز قەدىر قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغىمۇ تۈرتكە بولدى. ئەتراپىمىزدا كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم ، SIYB ۋە SYB نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن .
       SYBبولسا ئىنگىلىزچە ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ ، «كارخانىڭىزنى قۇرۇڭ»، دىگەن مەنىدە، SIYB (Start and Improve Your Business ) بولسا «كارخانىڭىزنى قۇرۇڭ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇڭ» دىگەن مەنىدە بولۇپ، ئەمگەك مىنىستىرلىكى 2003-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ تۈر بويىچە تەربىيلەشنى مەملىكىتىمىزدىكى 11 شەھەرگە كېڭەيتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمزدىكى تۈنجى سىناق نوقتىسى قىلىنىغان شەھەر بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. سىىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلىنىشكە قاتناشماي تۇرۇپ ئۆز كارخانىسىنى قۇرغانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى 50پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە بولۇشقا تىگىشلىك تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش بىلىملىرى كەمچىل بولغانلىقتىن تەرەققىيات قەدىمى ئاستا بولىۋېتىپتۇ. ھەتتا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارغىمۇ ئۇچراۋېتىپتۇ. ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلىنىشكە قاتنىشىپ ئۆز كارخانىسىنى قۇرغانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى بولسا 80پىرسەنتتىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەش ئېلېىپ بېرىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
        ئۈرۈمچى شەھىرى 2003-يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى قېتىم SIYB ئىگىلىك تىكلەش-تەربىيلەش تۈرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، قىسقىغىنە نەچچە يىلدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر تۈركۈم ئىشتىن قالغانلار ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كارخانىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇردى. شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش،قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر SIYBئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەشكە قاتناشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2002–يىلدىن 2008–يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلارنىڭ سانى 17186ئادەم، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى قۇرغانلار 6200ئادەم، ياراتقان ئومۇمىي ئىش ئورنى سانى 18000 بولۇپ، ئۇلار تاپشۇرغان يىللىق باج سوممىسى 100مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەربىيلەش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بىلەن تەمىنلەش، ئۇلارنىڭ تىجارەتگە يېتەكچىلىك قىلىش، قەرز پۇل ھەل قىلىپ بىرىش، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش ۋە تۈرلۈك ئارقا سەپتە قوللاش مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق نەزىرىيىۋى بىلىم، ئەمەلىي تەجىرىبە، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن قوراللانغان تېىخىمۇ كۆپلىگەن ئئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتا.
        ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئەھۋالىغا قارىتا ئىلگىرى ئۈچ يىللىق باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويغان ئىدى. ئىگىلىنىشچە يېقىندا، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش كېنىشكىسى بارلار يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا ياكى كارخانا بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، بەلگىلەنگەن سوممىغا ئاساسەن «ئۈچ باج، بىر ھەق» يەنى تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ۋە قوشۇمچە مائارىپ ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سىياسەتمۇ يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل 3–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لايىھىسى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ «بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ، ئاپتونوم رايونمىز تەۋەسىدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن10000 ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قارىتا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلدۇ» دېيىلدى. پىلان بويىچە بۇ يىل 2000نەپەر، كېلەر يىلى 3000نەپەر، 2010–يىلىغا بارغاندا 5000نەپەر ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلغاندا GYB ، SYB يەنى «ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇڭ»، «كارخانىڭىزنى قۇرۇڭ» تۈرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە پىراكتىكا قىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيلىنىدىكەن.
        يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىنىشچە پۇل -مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىز 1مىليۇن 200مىڭ كىشىنى ئالاھىدە كەسىپ بويىچە تەربىيلىمەكچى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قىيىچلىقى بار كارخانىلاردىكى 400مىڭ ئىشچى خىزمەتچىنى ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغان كەسىپى بويىچە تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇلىشىشىغا ياردەم بېرىلىدىكەن. ئىشتىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتقان 600مىڭ دېھقان ئىشلەمچى، ئىشسىزلارنى ماھارەت ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياكى ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. يېڭدىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان 200مىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئەمگەك زاپاس تۈزۈمى بويىچە تەربىيلەپ ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن. تەربىيلەشكە كېرەكلىك مەبلەغنى بەلگىلىمە بويىچە كارخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەربىيلەش خىراجىتىدىن چىقىم قىلسا بولىدىكەن، يەتمىگەن قىسمىغا يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەخسۇس مەبلىغىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا تەربىيلەش ھەققىنىڭ 50پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ، 300يۈەندىن تۆۋەن تەربىيلەش تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن . ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيىسى بېرىپ، تۈرلەرنى ئېچىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاز سوممىلىق قەرزپۇل ، ئىزچىل ياردەم بېرىش قاتارلىق يانداشما مۇلازىمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمەت تېپىشى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىلىدىكەن. شارائىتى بار، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىشسىزلارنى ئىگىلىك تىكلەش تەربىيىسىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمەت تېپىشى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىلىدىكەن. مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ زاكاز بويىچە تەربىيلەش، نىشانلىق تەربىيلەش شەكىللىرى ئارقىلىق ئەمىلىي تەربىيلەش كۈچەيتىلىدىكەن. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، دۆلەت ئىشتىن قالغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەشتىن ئىبارەت ياخشى بىر پۇرسەت ۋە سەھنە يارىتىپ بەردى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر SYB