بىز نېمە ئىش قىلىشمىز كېرەك؟(تەۋسىيە)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 03:38:24

بىز نېمە ئىش قىلىشمىز كېرەك؟ بىز بازاردا ئاقىدىغان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تىرىلدۈرىدىغان مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا، ئېچىلمىغان ساھەلەرنىڭ يېڭى شە...

    بىز نېمە ئىش قىلىشمىز كېرەك؟


       بىز بازاردا ئاقىدىغان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تىرىلدۈرىدىغان مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا، ئېچىلمىغان ساھەلەرنىڭ يېڭى شەيئى، يېڭى ھادىسىلەرنىڭ موللۇقى، قەدىمقى ئەتىۋارلىق يادىكارلىقلىرىمىز، خەلقىمىزگە نىسبەتەن ناتونۇش نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكىدەك شارائىتىمىز بىلەن ناھايىتى ئاسانلا بەكلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايمىز، ئالقىشمۇ تاپالايمىز. قىسقىسى، بىزدە ئىجتىمائىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ. مەسىلە ئاشۇ ئىجتىمائىيلىق بىلەن بىرگە تەڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ يارىتىشتۇر. بىزدىكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم  شەخسىنىڭ ئىجتىمائىي تۈپ ئىچىدە ئاتاق جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنماي، بەلكى ئۆز مىللىي توپىنىڭ ئۆزگە مىللىي توپقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئۆلچەنسە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولاتتى.
       ئەتراپمىزدا قىسقا دەۋر باش كۆتۈرۈپ، ئارقىدىن مەغلۇب بولغان، ئۆزىمۇ باشقىلارمۇ قاتتىق ئەپسۇسلانغان ھاياجانلىق ئەمما غەيرى ئەمەلىي ئىشلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، بىر سەيپۇڭ يىگىت مىللىيچە كىيىم تىكىش كارخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن داغدۇغىلىق ھالدا ناھايىتى نۇرغۇن نامدار ھوقۇق، نوپۇز، ئىلىم ئەھلىنى يىغىدۇ، ئارقىدىن ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى، باشقۇرۇۋاتقىنى رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپى بىلەن ماسلىشالمايدۇ - دە، مەغلۇب بولىدۇ. ھەممىمىز ئەپسۇسلىنىمىز. بىراۋ بىر كاتتا نامدا ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى فوتۇ ئاپپاراتچىلىقى شىركىتىنى قۇرىدۇ، ئارقىدىن ئىچكى ماسلىشىش ۋە تاشقى تەلەپكە بولغان ئۇيغۇنلۇقىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ھەممىنىڭ ئۈمىدىنى كۆككە توزۇتۇپ ئۈن - تۈنسىز ھەيۋىسىدىن قالىدۇ. جاھاندىكى بارلىق ئۇلۇغ ئىشنى زىممىسىگە ئېلىۋالغان، كاتتا بىر خانىدانلىقنىڭ نامىنى ئىسىم قىلغان شىركەت قۇرۇلۇپ، ئاجايىپ ئارمانلار، شېرىن ھاياجانلار بىلەن ئىش باشلايدۇ. ئارقىدىن رېئاللىقنىڭ ئاچچىق زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ. دېمەك كاتتا نام، ئۇلۇغ غايە، شېرىن ھاياجانلار رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا ھېچنېمىگە ئار تۇرالمايدۇ. پەقەت پۇختا ئاساس بازار ئېھتىياجى ۋە ئۇنى قاندۇرالايدىغان ئەمەلىي كۈچ (تېخنىكا ۋە سۈپەت) بولۇشى كېرەك.
    مەڭگۈ ئەمگەك قىلىش كېرەك.
    مەيلى كىم، نەدىلا بولسۇن ئەمگەك قىلىشى، مۇستەقىل، ھالال ياشىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلىشى كېرەك.
    ئەمگەك قىلماسلىق، تىرىشماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىگە قارىتا ھېچقانداق ئۈزۈل - كېسىل ئىدىئولوگىيە يول قويغان، تەشەببۇس قىلغان ئەمەس. ماركىسزم پۈتۈنلەي ئەمەكنىڭ رولىنى ئەڭ چوڭ گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ھەتتا دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان دېگەن قارىشىنى دادىل ئوتترىغا قويۇپ، «ئەمگەكچىلەر ئىدىئولوگىيىسى» دەپمۇ ئاتالغان.
    ھاياجانلىنىدىغان نەرسىلەر - ئەمگەك بىلەن مەنپەئەتلىك ئىگىلىك يارىتىش، ئۇتۇق قازىنىشتۇر.
    تەكشۈرۈش ۋە رىقابەت
    ھەر قانداق خىزمەت ئادەمدىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىنتايىن مۇھىم. بانا كۆرسىتىش ئاقمايدۇ. كىم ياخشى قىلالىسا شۇنى ئىشلىتىدۇ. بازار ئىگىلىكى  بىزدىن ئەڭ ياخشى قىلىشنى، ئەڭ يۇقىرى تالانتىمىزنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ قىلغان خىزمىتىمىز چوقۇم ئىستېمال قىممىتى، ئېھتىياج تەلىۋىگە ماس كېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
    ئەمگەك قىلمىغانلارنىڭ ئۇلۇغ نەزەرىيىلىرىدىن گۇمانلىنىڭ!
    باشتىن ئاخىر ئۆزى ئۈچۈن ئىسلاھات يولى ھەققىدە ئىزلىنىش كېرەك.
    قىزلارنىڭ پۇلغا قىزىقىشى نورمال ئەھۋال. بۇ بىزنىڭ ھەر قاچان كۈچلۈك بولۇشىمىزغا ھەيدەپ تۇرىدىغان بىر سىگنال. بىزمۇ پۇللۇق بولايلى. پۇل بىلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلىمىزنى ھەل قىلىۋالايلى.
    ئاخبارات ساھەسى ياشلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشى كېرەك
    بىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، كۆرۈرمەنلىرىمىزنى مەلۇم ئادەمگە، مەلۇم قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئىچىگە باشلاپ ئەكىرىپ، شۇنىڭدىن بەھىر ئېلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنمىز. مەتبۇئات ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۆزىنى ئۆز كەسپىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىكى «باش ئەلچىسى» دەپ قاراپ، «توپ سېتىش ھوقۇقى»نى ھۆددىگە ئېلىۋالىدۇ. ئۆز كەسپى ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتكەنلەر ئومۇمىيلىق، ئۇنىۋېرساللىق ۋە مۆتىدىللىقتىن يىراقلىشىدۇ. ئاستا - ئاستا جامائەتتىن، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ بىتەرەپ پىكىر قىلىدىغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەتتى، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ بىتەرەپ پىكىر قىلىدىغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ھەرقانداق جەمئىيەت ھادىسىسى، جۈملىدىن ئىدىيىۋى پىكىرلەر ناھايىتىمۇ قويۇق ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. كۆزى بىلىم ۋە ئەمەلىي كۈچ ئىزلەش ئارقىلىق يۈكسەكلىك تامان ئىلگىرىلەۋاتقان ساپ دىل ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن باشقا جەمئىيەت ھەققىدىكى توغرا چۈشەنچە، ھاياتقا بولغان مېھرى - مۇھەببەت، ئۆگىنىش، ئىشلەشتىن ئىبارەت ساھەلەردە توغرا يوليورۇقلارغا مۇھتاجكى، شەخسىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا روي بەرگەن تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئازدۇرما نامايەندىلىرىگگ تەشنا ئەمەس. نەخ گەپ يەنىلا غالىبلارنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۆزى ئۇتۇش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.
    ئاگاھ بولۇڭلار ياشلار
    ھازىرقى ھالىتىمىز مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتە ياكى ئىدىيىۋى تۇنۇش جەھەتتە بولسۇن، كۆپچىلىك ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر ئۆتكۈنچى دەۋر. بۇنداق دەۋردە ئوتتۇرىغا توغرىمۇ خاتامۇ چىقىدۇ. ھەممە ئۆزى بىلگەنچە قىلىدۇ، سۆزلەپ باقىدۇ. لېكىن، ئاخىرىدا ئەڭ نوچىسى، توغرىسى تاللىنىدۇ. ھەممىگە قايتا باھا بېرىدىغان، قىممەتلەرنى تەسقاقلايدىغان بىر مەزگىل بولىدۇ. شۇ چاغدا ھەممە ئايرىلىدۇ. ئاشۇ «ئاخىرىدا» دېگەن مۇددەت كېلىپ بولغۇچە نۇرغۇن ئادەم خاتا يولدا مېڭىپ مەغلۇب بولىدۇ. بەزىلەر تېڭىرقايدۇ. بەزى يامانلار ئوتتۇرىدا نەپ ئالىدۇ. ساددا، نادان كىشىلىرىمىز خۇددى ئۇرۇش دەۋرىدە تالان - تاراج قىلىنغان خەلقتەك تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئاشۇ زىياننىڭ ئازراق بولسىمۇ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كاللىدىن ئىبارەت بۇ قوماندانلىق شىتابىغا ھەممە نەرسىنى كىرگۈزۈش بىھاجەت. پەقەت ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان ياشاش يولى ۋە ئىقتىدارى، ياخشى پەزىلەت، نورمال مۇناسىۋەت كۇپايە. ھېچكىم ھەممىنى بىلىپ بولالمايدۇ. كاللىنىڭ يەنە مۇستەقىل ئويلىنىش، ئىجاد قىلىش فۇنكسىيىسىمۇ بار. ئىدىيە ۋە زېھنىي سەرپىياتىمىز بىزنىڭ يوشۇرۇن بايلىقىمىز بولسۇنكى، بىزگە بىسىم ۋە نائىنىقلىق ئېلىپ كېلىدىغان خالتا بولۇپ قالمىسۇن. بىزگە ئەڭ لازىمى تەلىمات ئەمەس، ئەمەلىي ئىشلەش...
    گەپ ئازدۇرىدۇ، گەپ بىزنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدۇ. ئارىلىقتا قالغان بىلىم خۇمار ياشلىرىمىز نۇرغۇن قالايمىقان ئۇچۇر، قالايمىقان تەلىماتلارنىڭ تەسىرىدە پايدىسىز ئىدىيە، پايدىسىز شارائىتتا ئېزىقىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ھەقىقىي بىلىم ئەمەس، پەقەت ئۇچۇر بىلەنلا چەكلىنىپ ئۆزىنى رامكىغا سولىماقتا.باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن، پەقەت ئىككىلا نەرسە راست ۋە ھەقتۇر. تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش ۋە ئىشلەش يەنە بىرى دۇنيانى، ئۆزىنى، ھاياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىش.
    بىز تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشەلەيمىز
    بىز تېخى ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارىمىز ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىزنى چىقارمىدۇق. شۇڭا يىڭىلىشتىن ئېغىز ئىچىش تېخى بالدۇر.
    بىز تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشەلەيمىز، مۇھىتىمىز، شارائىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز. پەقەت تېخىمۇ ياخشى قىلساقلا، گۈزەل كېلەچەك بىزگە يار بولىدۇ. كۆزىمىز تېخى تېخىمۇ يىراقنى، تېخىمۇ ياخشىسىنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك. نۇرغۇنلىرىمىز مەۋجۇت رېئاللىقتىن قانائەتلىنىش باسقۇچىدا. ئارزۇيىمىز قانچە ئاددى بولسا، تىرىشچانلىقىمىزمۇ شۇنچە بولىدۇ، ئېرىشكىنىمىزمۇ شۇنچە ئاددى بولىدۇ. ھازىرقى ھالىتىمزى بىزگە باقىۋەندە ئەمەس. ھالىتىمىزنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكمۇ ياكى ئۆز غايىمىزدىكى ئۆزىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى ھالىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكمۇ بوىدۇ. ئىزچىل ئىسلاھات ئىدىيىسى بولۇشى كېرەك. ياپونلاردىكى «مەڭگۈ ئىسلاھات» سۆزى قانائەتنىڭ چىكىنىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تىرىشچانلىق ۋە يۈكسىلىشنىڭ ئىدىيىۋى يولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياخشى بولۇشنىڭ چىكى ئىلغارلىقنىڭ پايانى يوق. شۇڭا كۈچىمىز يەتكەن يەرگىچە ئىلغارلىقنى قوغلىشىشىمىز دانا تاللاشتۇر.
    پىشقەدەملىرىمىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى:
    مۆتىدىل پىكىر ئېقىمى ۋە توغرا ئىجتىمائىي نەزەرگە ئىگە بىر قىسىم مۆتىۋەرلىرىمىز باشتىن - ئاخىر ياشلىرىمىزنىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇلار ئۆز يازمىلىرىدا ياشلارغا نەخ پاكىتلار بىلەن يول كۆرسەتتى. ئىشلىرىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. ئۇلار بىزدىن ئۆزلىرى قىلىپ بولالمىغان ياخشى ئىشلارنى ئاخىرغا ئېلىپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىسقىسى ئۆز يولىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ مەزمۇت قەدەم بىلەن تۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    ئىستىمال چەمبىرىكىمىز ۋە بىر كۈنلۈك تۇرمۇش
    بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي توپ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلار قايتىدىن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك ئىكەنكى، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇتقان پوزۇتسىيىسىمىزنى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ۋە ئىستېمال چەمبىرىكىمىز بەلگىلەپ تۇرۇپتۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە، جۈملىدىن رايونىمىزدا ھەرقانداق ئىقتىسادى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئادەم ئۆزىگە يارىشا ئىستېمال مۇھىتى يارىتالايدۇ. بىراۋ قۇدرىتى يەتسە خەيدېگە بېرىپ يەتكۈچە يۇقىرى ئىستېمالدىن، ئېسىل مۇلازىمەتتىن بەھىر ئالسىمۇ، ھەپتىنىڭ بەشىدە شياڭگاڭ ياكى ئاۋمىنغا بېرىپ ئويناپ، ھەپتىنىڭ بىرى قايتىپ كەلسىمۇ بولىدۇ. شاڭخەيگە بېرىپ ھەر ھەپتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تۇرۇلىدىغان چولچانلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ كەلسىمۇ بولىدۇ. ئىختىيارىيلىق نۇقتىسىدىن ئۇنداق قىلىش ئورنىغا ئاددىيراق ياشاپ بىرەر مائارىپ ئورنىغا ياردەم قىلسىمۇ، چەت ئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قىيىنچىلىق ئىچىدىكى تىرىشچان ياشلىرىمىزغا ياردەم قىلسىمۇ بولىدۇ...
    ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىتىدا ھەر كۈنى بەش يۈەن (ئىيىغا 150 يۈەن، يىلىغا 1800 يۈەن) كىرىم قىلالمايدىغانلار نامراتلار قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى بىر كۈنلۈك تاماق چىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ ۋاق تاماق ئۈچ نان دەپ قارىساق بىر يېرىم كوي، ياتاق ھەققى شارائىتى ئەڭ ناچار ئۆيلەرنىڭ ئايلىقى 50 - 100 يۈەنگىچە بولىدۇ. بىزگە ماددى جەھەتتە دائىم شۇنداق بىر سوئال دىۋەيلەپ كەلمەكتە:
    قانچە پۇلىڭىز بار؟ ھەر كۈنى قانچە پۇل كىرىم قىلىسىز؟ ئۆيىڭىز بارمۇ؟ مۇقىم خىزمىتىڭىز بارمۇ؟ ماشىنىڭىز، پاسپورتىڭىز، پىراۋىڭىز بارمۇ؟
    بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز بارغۇ. تىلىمىز بار، يولىمىز بار، ئىشلەيمىز دېسەك پۇت - قولىمىز بار. بىز ھىلىھەم ئىشلەپ تىكلىنەلەيمىز، مەسىلە ئۆزىمىزدە.
    مۇۋەپپەقىيەت ئۈزۈندىلىرى
    ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان خىيال  دۈشمىنىمىز.
    مەڭگۈ ئەمگەك قىلىش كېرەك.
    ئۆزىنى قۇتقۇزالمىغان كىشى مىللەتنى قۇتقۇزالمايدۇ.
    ئائىلىسىز ئادەم ئالەمگە ئاپەت.
    ئادەم ئۆزىنى نېمىگە ئوخشاتسا تەڭرى ئۇنى شۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ.
    مۇۋەپپەقىيەت  ئادەمنىڭ خۇيىغا باغلىق.
    ھەممە كېسەلگە داۋا باركى، ئەبگالىققا داۋا يوقتۇر.
    ئىلگىرىلەش نۇقتىسى تېپىش كېرەك (ئىلگىرىلەش نۇقتىسى  بىلىم ياكى پۇل)
    مۇۋەپپەقىيەت خاراكتېرى يارىتىش كېرەك.
    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان خاراكتېرى ۋە پوزۇتسىيە ئايرىم بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بىر ئىشقا، بىر كەسىپكە كانىدەك چاپلىشىش  مۇھىمنىڭ مۇھىمى.
    تەپەككۇرنى ماددىيلاشتۇرۇش، نەقلەشتۈرۈش كېرەك.
    ياشلىرىمىزدا تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك.
    بىسىمنى ئۆزىمىزگە چۈشۈرسەك، ھېچكىم بىزگە بىسىم چۈشۈرۈپ بولالمايدۇ.
    ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قوزغىتىشنى بىلىش كېرەك. ئۆزىنى تاشلىۋېتىش  كۈتۈش ياكى پاسسىپ ھالەتتە زىيانلىق.
    ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى  رېئاللىقنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر. پاسسىپ ھالەتكە، زەربىگە پەقەت يېڭىلىق ئاچىمەن دەپ ماڭغان ئادەم دۇچ كېلىدۇ. ماسلىشىدىغان، ئەگىشىدىغان ئادەم چوڭ غەلبىمۇ قازىنالمايدۇ ھەم توسالغۇسىز ھالدا بىچارە ھالدا جان بېقىش ئىمكانىيىتىگە بېقىنالىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.