ھايات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 08:21:52

ھايات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ھاياتلىق ئىنسانغا بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغان غايەت زور بىر نىئمەت. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى ياشىغان ۋاقتىڭىز سەلدىن كې...

    ھايات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى




       ھاياتلىق ئىنسانغا بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغان غايەت زور بىر نىئمەت. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى ياشىغان ۋاقتىڭىز سەلدىن كېيىن ئەبەدى-ئەبەد تارىخقا ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇتتىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش تارىخقا ئايلىنىدۇ. مانداقچە ئېيتقاندا ھەربىر كۈن تارىخنىڭ ئۆزىنى يارىتىدۇ. تارىخ ھەرگىزمۇ بىزگە مۇناسىۋەتسىز يات ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ ھەرگىز كىتابلاردىلا ئېيتىپ ئۆتۈلىدىغان، بىز تۇغۇلۇشتىن نەچچە مىڭ يىللار، نەچچە يۈز يىللار، نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىكى ئىشلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئابايىقى ھەرىكىتىڭىز، تۇرمۇشىڭىز، ھاياتىڭىزمۇ تارىخنىڭ بىر تەركىبىدۇر. دېمەك ئۆتمۈش بەرىبىر ئۆتمۈش. سىزنىڭ مۇشۇ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىڭىز مەڭگۈ بىريەردە مەلۇم مەزگىل توختاپ تۇرمايدۇ. ۋەياكى سىز ھاياتىڭىزنى قايتىدىن باشلىۋالالمايسىز. دېمەك، مۇشۇ بىرلا قېتىم كېلىدىغان زور بايلىقنى، زور نىئمەتنى قانداقراق ئۆتكۈزۈش سىزگە باغلىق.
       ئۆتمۈشتىن بۇيان نۇرغۇن پەيلاسوپ، ئالىم، مۇتەپەككۇرلار ھايات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا جىق تەپەككۇرلارنى يۈرگۈزگەن. سىلەرمۇ، مەنمۇ بۇرۇن ئويلىغان، ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەنىسى زادى نېمە؟ ھەربىرىمىزنىڭمۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆزىمىزگە خاس ياشاش مەنتىقىمىز، ھاياتقا بەرگەن تەبىرىمىز بار. ھالبۇكى، مۇشۇ ھاياتقا، ياشاشقا بولغان تەبىرىمىزنىڭ ھەرخىللىقى تۈپەيلى بىز دائىم ئوخشىمىغان ھايات كەچۈرىمىز. ھاياتلىقىمىزنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئۆز قىممىتىنى ئېرىشكەنلىرى بىلەن ئۆلچىسە، بەزىلەر باشقىچىرەك ئۆلچەيدۇ. ھاياتقا بەرگەن تەبىرىمىز بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىزغا، ياشاش ئۇسۇلىمىزغا، ئۆمۈرلۈك نىشانىمىز، تەدبىرىمىز، ھەرىكىتىمىزگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداقلىقى، ھاياتىمىزنىڭ قانداقراق ئۆتۈشى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان قارىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
    لېكىن كىشىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، تۇرمۇشىمىزدىكى، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى، ئۆز ھاياتلىقىدا نەگە بېرىپ نەگە توختايدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى تۈزۈك ئويلىنىپ باققىنى يوق. ئۇلار بۇدۇنيادا زادى نېمىگە ياشايدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادا زادى قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلققە، جەمئىيەتكە قانچىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ. ئالدىنقى لېكسىيىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، جاھاندا پەقەت ئىككىلا تاللاش بار، يەنى بىرى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھايات كەچۈرۈش يۇلىنى تاللاش، يەنە بىرى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇپ، مەغلۇبىيەتچىلەرگە خاس ھايات كەچۈرۈش يۇلىنى تاللاش. خۇددى شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس مۇنتىزىم توغرا بولغان ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان قارىشى ئېنق بولغانلار دائىملا ئۆز ھاياتىغا ئۆزىگە ئىگە بولۇپ، ھايات قامچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ سىزىقىنى ئۆزى سىزىدۇ. ئۆزىگە خاس مۇستەقىل، ئادەمگە خاس روھ بىلەن جىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدۇ، تۇرمۇشىنى ھەقىقى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر كۆپىنچە ئۇلارغا ھەقىقى چىن كۆڭلىدىن، يۈرىكىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ دوستلىق قولىنى سوزىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنداق كىشىلەر ئىنتايىن ئاز ساندا. يەنە بىرخىل كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆز ھاياتى، ياشاش توغرىسىدا ھېچقانچە ئويلانمىغان، ئويلانغان بولسىمۇ، ئىنتايىن يۈزە ياكى ناتوغرا ئويلانغان بۇلىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلارنىڭ پىكىرى بويىچىلا ھەرىكەت قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ نېمە دىگەنلىكى، قانداق باھا بەرگەنلىكى ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلارنىڭ ياشاش پىرىنسىپىنى توغرىدەكلا ھىس قىلىپ، شۇلار دىگىنى قىلغىنى بويىچە بولۇپ باققۇسى كىلىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتى باشقىلارغا، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈگۈل، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ ئاران چىقىدۇ ياكى چىقالماي باشقىلار يۈك بولىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلاردىن توختىماي ئاغرىنىدۇ. ھېچكىمدىن رازى بولمايدۇ، جەمئىيەت ئىنتايىن بۇزۇلۇپ كىتىپ بارغاندەك، ھەممە ئادەم ئەسكىلىشىپ كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلىپ، ئورۇنسىز قاقشايدۇ ياكى ھېچنىمىدىن بىخەۋەر بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇپ، خارامۇش يۈرىدۇ. ئۇلار ھەرقاچان باشقىلارنىڭ پايدىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزىگە-ئۆزى ئىگە بولالمايدۇ.
    دىمەك، بىرىنجى خىلدىكى ئادەم بولۇشمۇ، ياكى ئىككىنجى خىلدىكى ئادەم بولۇشمۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق. سىز ياكى بىرىنجى خىلدىكىلەر قاتارىغا كىرىسىز ياكى ئىككىنجى خىلدىكىلەر قاتارىغا كىرىسىز. ھەرگىزمۇ ئىككىلىسىنىڭ ھېچقايسىسى بولمايدىغان ئىش بولمايدۇ. بىرىنجى خىلدىكى مۇۋاپپىقىيەتچىلەردىن بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان قارىشىمىزنى يېڭىلىشىمىز، توغرىلىشىمىز، بۇرۇنقى تار، مەلۇم بىر شەخس، مەلۇم بىر كوللېكتىپ، مەلۇم بىر ئائىلە، مەلۇم بىر يۇرت، مەلۇم بىر مىللەت، مەلۇم بىر ئىزىم، مەلۇم بىردىننىلا ئاساس قىلىۋالىدىغان ياشاش قارىشىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ بەك كەڭ قورساقلىق، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بېقىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ.
    ئىنسان تۇغۇلغىنىدىن تا ئۆلگىچە نۇرغۇنلىغان ھايات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ ھەم نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. ھاياتتىكى بەزى ئىشلار بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكىدەك بولغان بولسا بەزىلىرى بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكىدەك، ئويلىغىنىمىزدىكىدەك بولمايدۇ. ياشاش جەريانىدا ھەر قانداق ئادەم ئادەمگە خاس فىزوئولوگىيە ۋە روھى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بەزى كىشىلەر ياشاشنىڭ مەقسىدىنى ئۆزىنىڭ ماددى ئېھتىياجىغا ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى روھى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجتىن كۆرە روھى ئېھتىياجنى ئاساس قىلغان، مۇھىم ئورۇنقا قويغان بولىدۇ.
    ئادەمنىڭ فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجى: يىيىش، جىنس، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي ... قاتارلىق سىرتقى ماددى، جىسمانى ئامىللارغا باغلىق بولغان ئېھتىياجلاردۇر.
    ئادەمنىڭ روھى ئېھتىياجى: ھۆرمەتلىنىش، ھۇزۇرلىنىش، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىش، مىھىر-مۇھەببەت، ھۆرلۈك، بىلىش، قىزىقىش، ئىجاد قىلىش... قاتارلىق روھى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجلاردۇر.
    ئادەمنىڭ ياشىشىنىڭ مەقسەت دەرىجىسى ۋە مەقسەتكە ماس بولغان ئادەم قىممىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ.
    بىرىنجى باسقۇچ، ئۆزىنىڭ فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى ئويلاش
    بۇ باسقۇچتىكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ دەسلەپكى فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلايدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. مۇبادا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجى قانسىلا شۈكرى قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەردىن نە غۇرۇر، نە روھ دىگەنلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەتىنى ساتىدۇ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىدۇ.
    ئىككىنجى باسقۇچ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى روھى ئېھتىياجىنى ئويلاش
    بۇ بىرىنجى باسقۇچتىكى ئېھتىياج قاندۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىنكى بىلىشنىڭ بىر بالداق ئۆرلىشى بولۇپ، بۇلاردا ئۆزىنىڭلا كۆڭلىنى خۇش قىلىش، ئۆزىنىڭلا روھى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنى ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى، كۆڭلىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزىنىڭ دىتىغا كىچىككىنە ئىش ياقمىغىدەك بولسا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانداق گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. يەنى بىز كۆپ ئېيتىدىغان شەخسىيەتچى كىشىلەردۇر.
    ئۈچىنجى باسقۇچ، ئۆزىنىڭلا ئەمەس قارشى تەرەپنىڭمۇ فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى ئويلاش
    بۇ ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىن يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەندىكى باسقۇچ بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىكى ئېھتىياجى قانغان، ھەم بىلىش دائىرىسى ئالدىنقى ئىككى باسقۇچقا قارىغاندا تېخىمۇ بەك يۇقىرىلىغان باسقۇچتۇر. بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئۆزىنى ئويلاش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپنىڭمۇ فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئىلاج قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ قورساق، كىيىم، ئائىلە قۇرۇش ئىشلىرىغا يارىدەم قىلىشنى ئۆزىگە بۇرچ ھېسابلايدۇ-يۇ، قارشى تەرەپنىڭ روھى ئېھتىياجىنىڭمۇ بارلىقىنى دېگەندەك ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز ئايىمايدۇ، ھۆرمەتلىمەيدۇ. كىشىلىك ھۆرمەتلىنىشتە قارشى تەرەپنى ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلارچە بولغاندا قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانى ھوقۇقتىن بەھرىمەنلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشكە، ئۆگىنىشكە، بىلىشكە، ئىجاد قىلىشقا، ئىنساندەك ياشاشقا ئىنتىلىشى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ھەم قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش.
    تۆتىنجى باسقۇچ، ئۆزىنىڭمۇ، قارشى تەرەپنىڭمۇ روھى ئېھتىياجىنى ئويلاش
    بۇ بىلىشنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلىشى بولۇپ، بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئۆزىنىمۇ-باشقىلارنىمۇ ئويلايدۇ ھۆرمەتلەيدۇ. ئۆز-ئارا مىھىر-مۇھەببەت بىرىشىدۇ. ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. بۇندىن باشقا جىق ئارزۇلىرى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ خەلق ۋە دەۋر ئالدىدىكى بۇرچلىرىنى ئويلىمايدۇ. بۇلار جەمئىيىتىمىزدىكى ساددا كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ مۇقىم ھايات نىشانى بولمايدۇ. ئۇلۇغۋار مەقسەد-پىلانلىرى بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا باشقىلارنىڭ شۇئار-چاقىرىقلىرىغا، گەپ-سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ ھەم ئەگىشىدۇ. دېمەك، بۇ باسقۇچتىكى ساددىلىقنى ئاقكۆڭۈللۈك دەپ ھەرگىز ماختاشقا، تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ.
    بەشىنجى باسقۇچ، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلاش
    بۇ بىلىشنىڭ، ئىددىيىنىڭ تېخىمۇ بىر پەللە ئۆرلىشى بولۇپ، بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ، دىننىڭ، مەزھەپنىڭ، سىياسى-ئىددىيىۋى ئېقىمنىڭ ئېھتىياجىنىلا، مەنپەتىنىلا ئويلايدۇ. ئۆزى تەۋە مىللەت، دىن، مەزھەپ، ئىددىيىۋى ئېقىمدىكى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى ئىجىل-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ، شۇنداق كۆيىنىدۇ، ئۇلارغا پىداكارلىق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللىتى، دىنى، مەزھىپى، سىياسى-ئىددىيىۋى ئېقىمىدىن يات بولغان كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ، پەس ئورۇندا كۆرىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانى ياشاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ. كىشىگە باھا بەرگەندە شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ قايسى مىللەت، دىن، مەزھەپ، ئىددىيىۋى ئېقىمغا تەۋە ئىكەنلىكىگە قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇباسقۇچتىكىلەرنى مانداقچە قىلغاندا كوللېكتىپ شەخسىيەتچى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەسلەن، ئىككىنجى جاھان ئۇرۇشىدىكى ناتىستلار، شۇنداقلا بۇندىن خېلى زامانلا بۇرۇنقى چوڭ رۇسچىلىق، چوڭ مانجۇچىلىق، چوڭ ياپونچىلىق ئىددىيىلىرى بۇنىڭغا بىر ئوبدان مىسال بولالايدۇ. ھەم تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان شەكلى ئۆزگەرگەن 21- ئەسىردىكى يېڭى فاشستىك ئىددىيىگە ئىگە، مىللەت، ئىزىم، دىننى قالقان قىلىۋالغان كىشىلەر دەل بۇ باسقۇچتىكىلەردۇر. بۇلار يەرشارىدىكى ھەرخىل مەدەنىيەت، ئىددىيىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئىددىيە دەل شۇ خىل ئىددىيىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئاتالمىش مۇتەپەككۇر، مۇتەخەسىس-ئالىم، ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئۇلغىيىپ زور ئىجتىمائى ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
    بۇيەردە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتى، ئىزىمى، دىنى ئۈچۈن باشقىلارنى چەتكە قېقىش، كەمسىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنى، ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقادىنى قوغداش، تەرەققى قىلدۇرۇش، چىن كۆڭلىدىن سۆيۈش. شۇنداقلا باشقىلارنىڭكىنىمۇ ھۆرمەتلەش، ئاسراش. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادى بىرگەۋدىلەشكەن، مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۈچىيىپ، يەرشارى بىر كىچىك كەنتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان چاغدا، ئىنسانلار ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك مەلۇم بىر كىچىك دائىرىدا، مەلۇم بىر كىچىك رايۇن كەنتتە، يۇرتتا، دۆلەتتە بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئازلىدى. ھازىر بىر دۆلەتتە، شەھەرلەردە ھەرخىل ئىرق، دىن، ئىزم، مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇرۇنقى ئىپتىدائى جەمئىيەتتىن قېلىپ قالغان، تار مەھەللىۋازلىق، يۇرتۋازلىق، تار مىللەتچىلىك، تار ئىزمچىلىق قاراشلىرىدىن چوقۇم ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز زۆرۈر.
    ئالتىنجى باسقۇچ، ئىنسانىيەتنى ئويلاش
    بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئومۇمەن، يەرشارىدىكى ئومۇمى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتىنى ئويلايدۇ. ئۇلار بىلىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۇلار يەرشارىدىكى، ھەربىر ئىنساننى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. يات مىللەت، يات ئىزىم، يات دىندىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. لېكىن بۇ باسقۇچتىكىلەر، يەرشارىغا ئىنسانلارلا خوجا بولىشى كېرەك، دەپ قارىغاچقا، ئىنساننىڭ مەنپەتى ئۈچۈن مۇھىتنى، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى، تەبىئەتنى بۇزىدۇ. تەبىئەتتىكى باشقا جانلىقلارنىڭ مەنپەتىنى ئويلىمايدۇ. ھەم ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن مۇھىتنى قوغداش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەرگىزمۇ بۇ يەرشارىدا باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، ياشىشنى ئېسىگە ئالمايدۇ.
    يەتتىنجى باسقۇچ، تەبىئەتنى ئويلاش
    بۇ باسقۇچتىكىلەر ئىنسانىيەت ھەم تەبىئەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. تەبىئەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ. مۇھىتنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، باشقا جانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئاسرايدۇ، قوغدايدۇ. تەبىئەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى بىلەن ھەمكار ئۆتىدۇ.
    يۇقارىقى يەتتە باسقۇچ بىردىن-بىردىن تەرەققى قىلىدىغان بولۇپ، ھەربىر باسقۇچتىكى ئېھتىياج قانغاندا ھەم بىلىش دائىرىسى ئۆرلىگەندە ئاندىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆرلەيدۇ. ھەم بەزىدە ئۆز-ئارا گىرەلەشمە بولىدىغان ئەھۋالمۇ كىلىپ چىقىدۇ. لېكىن، كۆزىتىشىمچە ئىنساننىڭ دەرىجىسى ھەم قىممىتى ئومۇمەن شۇنداق بولىدۇ. مېنىڭ بۇيەردە ئوتتۇرىغا قويغىنىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشى ئەمەس. بەزى ئادىمىيلىكى تۈۋەن ئادەملەر خەلقنىڭ كۆزىنى بۇياپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ خەلقنى، ئىنسانىيەتنى ئاپەتكە ئىتتىرىدىغان ئىشلارمۇ كۆرىلىدۇ. ئادىمىيلىكتىن پەس ئادەملەر گەرچە مىڭ ئېسىل تاۋار-دۇردۇننىڭ ئىچىگە پۈركىنىۋالسىمۇ، مېڭىپ يۈرگەن ئادىمى ھايۋاندىن ھېچقانداق پەرقى يوق كىشلەر ئۇ.
    مېنىڭچە ئىسانىيەتتىكى ھەربىر كىشى كىشىلىك ياشاش ھوقۇقى، ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقىدا باپباراۋەر بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئىرقى، مىللىتى، دىنى، مەزھىپى، سىياسى گورۇھ، جىنسى، ئىجتىمائى ئورنى سەۋەبلىك ئەمەس بەلكى جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە قوشقان ھەقىقى تۆھپىسى ئارقىلىق باھا بېرىلىشى كېرەك. شۇنداقلا يەرشارىدىكى ھەربىر جانلىقنىڭمۇ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش يەرشارىدىن تەڭ پايدىلىنىش ھوقۇقى ھۆرمەتلىنىشى، بۇ جايلاردا باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقى ئۇنتۇپ قېلىنماسلىقى كېرەك.
    بولۇپمۇ ھازىرقى 21- ئەسىردە يەرشارى بىر گەۋدىلەشكەن ھەم مەدەنىيەت كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، بىز دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق، مېھىر-مۇھەببەت، ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئۆزىمىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز، شۇنداقلا تار يۇرتۋازلىق، ئىددىيۋازلىق، ئىزملىق، ئەسەبىيلىككە ئەگەشمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى يەرشارىدا بىزدىن باشقا نەچچە مىليارد ئىنسان، نەچچە يۈز دىن، نەچچە مىڭ مىللەت، تىل-يېزىق، نەچچە ئىرق ۋە نەچچە مىليۇنلىغان تۈردىكى جانلىقلار بار. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ تەڭ ئورۇندا قويۇپ ھۆرمەتلىشىمىز، بەزىبىر ئۇقۇشماسلىق، توقۇنۇشلارنى تىنچ سۆھبەتلىشش بىلەن، ئىلاج بار ئۆز-ئارا يول قۇيۇش سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشىمىز. ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزىققانلىق، ئەسەبىيلىك، تەلۋىلىك، سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن كىشىنى بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلماسلىقىمىز لازىم. ھەرقانداق بولۇپمۇ ھەرخىل سىياسى-ئىددىيىۋى ئېقىملارغا ئىنتايىن سوغۇققان بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ بىردەملىك تەلۋە ھېسسىياتىمىز بىلەن باشقىلارنى تەلۋىلەرچە بالايىئاپەتكە ئىتتىرمەسلىكىمىز كېرەك. ھازىرقى خەلقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىگە بولغان يادرو قورال ھەم زور كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قىرىشقا يىتىپ ئېشىپلا قالماستىن بەلكى، يەرشارىنى 20 قېتىم يوق قىلىۋېتلەيدۇ(ياكى يەرشارىغا ئوخشاش پىلانتتىن 20نى يوق قىلىۋېتەلەيدۇ). شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئاساسلىق نىشان ھەم دىققىتىمىز، ئىنسانىيەتتىكى بۇخىل كەڭ-كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، تەبىئەتتىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەشكە، ھەرخىل تەبىئى ھەم سۈنئى ئاپەتلەرنى ئازايتىشقا، ئىنسانىيەت نوپۇسىنىڭ سۈپەتسىز زىيادە كۆپۈيۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ھەرخىل شەكىلدىكى تەلۋە-ئەسەبى ئىزىم، ئىددىيىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى چۈشىنىش، ھەمكارلىق، ئىناق-ئىتتپاقلىق، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلى مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىشىمىز كېرەك. مانا شۇنداق بولغاندا ياشاشنىڭ مەنىسى ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ.
    ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى دەل شۇيەردىكى ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىك قىممەت ھەم دەرىجىمىزنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا خۇشال-خۇرام، كۆڭۈل توقلىقى بىلەن، بىلىشنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈپ ھەقىقى ئادىمىلىككە يېقىنلىشىش، ھەقىقى ئادەمگە خاس ياشاشقا ئىنتىلىش كېرەك.
    ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى باشقىلاردىن ئېلىشتىلا ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ لەززىتى كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى يۈرەكنىڭ ھەقىقى چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان مىھىر-مۇھەببەتتە، كۈيۈمدە، شەخسىيەتسىز دوستانە ئالاقىدە. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزدىنىش ھەم ئۆگىنىش، ئالغا بېسىشتا. شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلىرىدىن كۆڭلىنىڭ ھەقىقى ئازادىلىك تېپىشىدا. باشقىلارغا، جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە قوشقان ئۈن-تىنسىز تۆھپىدە. بىر ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدىغان ھاياتلىقتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ ياشاشتا. ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق، چۈشكۈنلۈككە باش ئەگمەي، ھەقىقى غالىبلارغا خاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشتا، قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ھەقىقى خۇشاللىق ھەم روھى خاتىرجەملىكتە ئىپادىلىنىدۇ.
    ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كۆپلىگەن كىشىلەر ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىدىكى كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم پەرقى شۇيەردىكى، ئۇلار ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ تەڭ ئورۇندا قويىدۇ، ئويلايدۇ. تۆھپە قوشۇشنى ھەرگىز جاپالىق دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن «جاپا»، «ئازاب» ئۇقۇملۇق سۆز بولمايدۇ. ئۇلار ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلەر. ئۇلار دائىملا كۆتۈرەڭگۇ، روھلۇق بولىدۇ، چۈشكۈنلۈكتىن، ئازابتىن خالى بولىدۇ. مانداقچە قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئازاب، جاپا چۈشەنچىسى باشقىلارنىڭدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنى ئويلىماسلىقنى، تىرىشماسلىقنى ئۆزىگە ئازاب ھىس قىلىدۇ. ئۇلار مەيلى نەگە بارسۇن، نەدە تۇرسۇن، قايسى جەمئىيەت، قايسى شارائىتتا ياشىسۇن ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا ئىجابى تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ماڭغان ئىزىدىن گۈل ئۈنىدىغانلار دەل شۇنداق كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا بىر جەمئىيەتنىڭ جۇشقۇنلىشىشى ھايات مەنىسى ۋە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە باغلىق. ھالبۇكى، شۇنداق كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ھاياتقا بولغان تەبىرىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ياخشىلىشىمىز زۆرۈر. ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئادىمىيلىككە، ھاياتقا بولغان دۇنيا قارىشىمىزنى تېخىمۇ بەك پاكلىشىمىز زۆرۈر.
    بىز ئۆزىمىزنى ھەر جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۈچلەندۈرۈپ، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ، ھۆرمەتلەپ، جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى، ھاياتلىقنى تېخىمۇ بەك سۆيۈشىمىز كېرەك. بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قانچە كۈن ئۆتسە شۇنچە كۈن ئۆتتى دېمەستىن، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇقىم بىر نىشان، مەقسەت، پىلان، ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ، ساۋاب ئىشلارنى قىلىشىمىز زۆرۈر. ھەرگىزمۇ باشقىلار قانداق بولسا مەنمۇ شۇنداق بولاي، دېمەسلىكىمىز. ئۆز-ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىپ ھەرجەھەتتىن ئىلگىرلەشنى ئۆمۈرلۈك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.
    ئەلۋەتتە، ياشاشنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىدىكى بىزنىڭ ھاياتقا بەرگەن تەبىرىمىز ئوخشىمايدۇ. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، بىر ئاساسى قاراش ئاساسىدا نۇرغۇن قوشۇمچە تەبىرلەر پەيدا بولىدۇ، ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مۇھىتمۇ ئادەم ئىددىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ ياشاشنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى بىزدە ئەڭ ئاساسلىق، يەنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھۆرمەت ئاساسىدىكى قاراش بولغاندىلا، قالغان سىرتقى ئامىل جىق ئۆزگەرسىمۇ، ئادەمنىڭ ئادىمىلىك قىممىتى ۋە ھايات مەنىسى سەلبى تەرەپكە ئۆزگەرمەستىن ئۆزلۈكسىز ئىجابى تەرەپكە ئۆزگىرىپ، تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئۆزگىرىدۇ، ھەرمىنۇت، ھەر سائەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئادىمىلىك قىممىتى ئۆزلۈكسىز ئېشىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ سىرتقى غىدىقلىنىشلار تۈپەيلى بارغانسىرى قىممىتى چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    ھاياتنىڭ مەنىسى ھاياتلىقتىكى ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش، باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت بېرىش ھەم باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەرقانداق بېسىم، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، ئازاب ئىچىدىمۇ يەنىلا قارىغايدەك مەزمۇت تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى تېپىۋېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى ۋاقتىڭىز، كۈنىڭىز سىز ئىجابى، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلسىڭىزمۇ ئۆتىدۇ، سەلبى تەسىرگە ئىگە ئۆز-ئۆزىڭىزگە، باشقىلارغا ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزسىڭىزمۇ، ئۆتىدۇ شۇ بىركۈنىڭىز. شۇڭلاشقا ھازىرقى ھاياتلىقىمىزدىكى ھەربىر مىنۇتىمىزنى، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. مەسلەن، يېڭى-يېڭى شەيئىلەر، ھادىسىلەر توغرىلىق ئۆگىنىشىمىز، ئويلىنىپ تەپەككۇر قىلىشىمىز. باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز ھەم باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىشىمىز، ھەرقانچە ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار، خۇشال خوراملىق روھى كەيپىياتنى ساقلاپ، شۇ ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇراشنىڭ ئامالىنى قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش، دەپ ئولتۇرماسلىقىمىز، تېخىمۇ يېڭى ئىشلارنى، ھادىسىلەرنى سىناپ بېقىشقا تەۋەككۇل قىلىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزغا يېڭىچە مەنە، خۇشاللىق، رازىمەنلىك ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىر ئادەم ئاچچىقنى يەڭسىلا باتۇر ئەمەس، بەلكى ھەرخىل ئازاب، ئوڭۇشسىزلىق، چۈشكۈنلۈك ئۈستىدىن غالىب كەلسە، ھەرخىل ئېرىشكەنلىرى بىلەن ئۆز قىممىتىنى باھالىماستىن، بەلكى باشقىلارغا قىلىپ بەرگەن، قىلىپ بەرگەن ھەم قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى باھالىسا ئاندىن ھەقىقى باتۇر بولىدۇ، ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھايات