ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئېستېتىك ئېڭى(ئابدۇرېھىم راخمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-31 09:00:31

ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئېستېتىك ئېڭىئابدۇرېھىم راخمانسەنئەت ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان مەنىۋى كۆۋرۈكلەرنى...



    ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئېستېتىك ئېڭى
    ئابدۇرېھىم راخمان





    سەنئەت ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان مەنىۋى كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرى.
    ئۇيغۇر سەنئىتى تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، تۈرلىرى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ كۆپلۈكى، ئۆزگىچىلىكى، رەڭدارلىقى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ ئەتىۋارلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئېستېتىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۈكسەلدۈرۈش، شۇنداقلا خەلقنى ئەدەپ – ئەخلاق، مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە راۋاجلىنىپ، خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان، ئالقىشلايدىغان سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادىل مىجىت، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئابلىكىم كەلكۈن، قېييۇم مۇھەممەد قاتارلىق ئىتوتچىلىرىمىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پېشقەدەم سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىپ، يېڭى – يېڭى ئىتوتلارنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.


    بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىدا ئۈچ مۇھىم ئالاھىدىلىك بار، دەپ قارايمەن:


    1. ئىتوت تاماشىبىنلارنىڭ ئېستېتىك ئېڭىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنى مۇئەييەن بىلىمگە، چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. ئادىل مىجىت، ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىقلار ئىتوتلارغا يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتلەرنى سىڭدۈرۈپ، تاماشىبىنلارنى بەدىئىي زوققا ئىگە قىلىپ، جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان ناچار خاھىش، قائىدە، قاراشلارنى ئۆزگەرتىش، تەنقىدلەش، ياخشى ئىش، ياخشى ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىماقتا.


    2. ئىتوتلارنىڭ مەزمۇنى ئاددىيلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلىنىش بىلەن بىللە، مەزمۇن دائىرىسى كېڭەيمەكتە.
    ھازىر ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىنىڭ مەزمۇنى دائىرىسى كېڭەيدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە بىلىم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى دېگەندەك ئەنئەنىۋى تەربىيە ئەندىزىسىگە ئوخشاش بىر قاراپلا بىلىۋالالايدىغان تار دائىرىدىكى پەند -نەسىھەت خاراكتېرلىك سەنئەت نومۇرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ھازىر سەنئەتنىڭ ھەرقايسى شەكىللىرى مەزمۇن جەھەتتە زور دەرىجىدە بېيىتىلدى، ئىتوتلىرىمىزنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئائىلە، جەمئىيەتتىكى مېھىر-مۇھەببەت، تۇرمۇش ساۋاتلىرىغىچە كېڭىيىپ، ماختاش، تەنقىد قىلىشنى بەدىئىي زوق، ئېستېتىك ئۈنۈم بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى بىرەر ئىتوتتا قانداق ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى ئارتىسلارنىڭ باشتىكى بىر نەچچە ئېغىز سۆزىدىنلا بىلىۋالساق، ھازىر كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىغا ئوخشاش نەتىجە چىقسىمۇ، ئىتوتقا سىڭدۈرۈلگەن ۋەقەلىكنىڭ مۇرەككەپلىكى، جەلپكارلىقى يۇقىرى بولغاچقا، كىشىلەر پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ كۆرمىسە، ھەقىقىي زوق ئالالمايدىغان بولۇۋاتىدۇ.


    3. ئىتوتچىلىرىمىزنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى ۋە سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئېشىۋاتىدۇ. ھازىر داڭلىق ئىتوت چولپانلىرىمىز ئورۇنداش ماھارىتى جەھەتتە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، تەبىئىي رول ئېلىپ، چىنلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىتوتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئىتوتچىلىرىمىزمۇ ئەسەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشكە، شۇ ۋەقەلىكنى ئۆز بېشىدىن ئۆتۈۋاتقاندەك قىلىپ رول ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز گۈللىنىپ، دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى، گۈزەللىككە، يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ.


    (ئاپتور: شىنجاڭ ئوپىرا تىياتىرىدىن)
    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.