ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىردىن تاللانمىلار

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-03 03:32:32

ئەبجەش خاتىرلەر تۇرمۇشتىكى ھەممە نەرسىنى شېئىر، ھېكايە بىلەنلا ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ژانىرلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا قاملاشتۇرۇپ بىر ئىش قىلىش تەس، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە تال...

    ئەبجەش خاتىرلەر

    تۇرمۇشتىكى ھەممە نەرسىنى شېئىر، ھېكايە بىلەنلا ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ژانىرلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا قاملاشتۇرۇپ بىر ئىش قىلىش تەس، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە تالانتلىق ھېسابلىنىدىغان ئەدىبلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ كارامىتىنى ئايرىم ژانىرلاردا كۆرسەتكەن ، ھەممە ژانىرلاردا كارامەت كۆرسىتىمەن دېگۈچىلەرمۇ بولدى، لېكىن ئۇنىڭ مۇۋەپىقيىتى ئۆزىگە يارىشىدىغان ژانىرلاردا قولغا كەلدى. ژانىرلار خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ، يەنە شۇنىڭغا يارىشا يېتەرسىزلىكلەرگىمۇ ئىگە ، شۇڭلاشقا ئوخشىمىغان ژانىرلاردا تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلغان.

    تۇرمۇشنىڭ قاتلىمى بولىدۇ، تۇرمۇشتىكى قاتلاملار ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى ژانىرلار قاتلىمىدىن كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ، ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتى ۋە كۆڭلىدىكى مەنىۋى ھالەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ، مەن ھەمىشە بىرەر پارچە شېئىرىمنى ياكى ماقالەمنى يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن ،يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كۆڭلۈمنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدە قېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن ، ئەمما شىېئىرغا بولغان مۇھەببىتىم كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا تۇرمۇشقا ئائىت تەسىراتلارنى ئۇدۇللا قوشۇپ ، شىئېرىي مەجازىدىكى ساپ ھالەتنى بۇزغۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى شىئېر تۇرمۇشنىڭ نورمال لوگىكىسىدىكى سۆزلەر ئورامى بىلەن دەپ بەرگىلى بولمايدىغان باشقا بىر ئىقلىم .

        مەلۇم بىر خاھىشىنى ياكى پىكىرنى بىر خىل ژانىردا دېگىلى بولمىسا، باشقا ژانىرلاردا دەپ بېقىش كېرەك، ئۇنىڭدىمۇ بولمىسا، ژانىر بىلەن ھېسابلاشماي دەۋېرىش كېرەك، ئەدەبىياتتا ژانىر ئايرىمچىلىقى بەك مۇھىم نەرسە ئەمەس، قەلەمدىن چىققانلىرى سەنئەت خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولسىلا بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ ، كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى ، ئاڭلىغان -ئويلىغانلىرىمنى

    تەۋەككۈل قىلىپ يېزىپ باقتىم ، ئۇنىڭ ئاز-تولا قىممىتى بار نەرسە ئىكەنلىكى ئۆزۈمگە ئېنىق ، ئۇنىڭغا <<ئەبجەش خاتىرىلەر>> دەپ ئىزاھ بەردىم، ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە لازىمى كۆپرەك مىنىڭ ئىدىيەمدىن ئىبارەت بولسا كېرەك. باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالايدىغان موللا تاپقاقلاردىن بولمىساممۇ ، گېپىمنى تۈزلۈك بىلەن ئېيتىۋەردىم.

     

    تارىخ دەرسى

       كېچە ، ئەتراپ دىمىق ۋە بۇرۇقتۇم. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگىلى بىر يىل بولغان ئىدى، ئۇ نېمىنىدۇر ئويلانغان ھالدا ئەسلىمە يېزىۋاتقان دادىسىنىڭ يېنىغا كىردى.

            دادا- دەپ ئاستا توۋلىدى ئۈمىد، سەئىدۇللايوف ئەپەندى ئوغلىغا بۇرۇلۇپ قارىدى، ئۇنىڭ قورۇق بېسىپ كەتكەن قاتاڭغۇرچىرايى ئۈستەل چىرىغىنىڭ ئانچە كۈچلۈك بولمىغان يورۇقىدا سۈرلۈك كۆرىنەتتى .

    دادا-، ئوخشاش بىر ئادەمنى ھەرخىل كىتابلار ھەرخىل باھالاپ يېزىشىدىكەن ، ھەتتا بىر ئادەمگە بۇرۇن بېرىلگەن باھا بىلەن ھازىر بېرىلگەن باھا بىر -بىرىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىكەن ، ھېچ بىلەلمىدىم ، زادى تارىخ قانداق نەرسە>

         سەئىدۇللايوف ئەپەندى غىل-پال كۈلۈمسىرەپ قويدى، بەلكىم بۇ سۇئال بىر ئاز ئۇشتۇمتۇت تۇيۇلغان بولسا كېرەك ، ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، دەرۋەقە قېلىن تۇمان ئارقىسىدا تاشلىنىپ ياتقان جىلۋىدار ئۆتمۈشنى دەرھاللا يەكۈنلەپ بىر نىمە دېيىش ئاسان ئەمەس، مانا- مېنىڭ ئۆزۈممۇ بىر تارىخ ، بۇ تارىخ ئۆزۈمدىن بۇرۇنقى ئۆزۈمدىن تاشقىرى تارىخلارنىڭ مەھسۇلى ،ئەمما بۇ تارىخنى قانداق تىلدا سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسلە ، ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر لۇغەت كېتىدۇ.

         سەئىدۇللايوف ئەپەندى تۇرۇپ قالدى. ئۇ جاۋابىنىڭ شۇندق ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك، ئۇلاپلا سورىدى:

      ئۇ قانداق لۇغەت دادا؟

           سەئىدۇللايوف ئەپەندى يەنە كۈلۈمسىرەپ قويدى، لېكىن بۇ كۈلكىنى بەھۇزۇر كۈلكە دېگىلى بولمايتى. ئۇ ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سەزگۈرەشتىسى، يەنى جاراھىتى، تېڭىرقىشى، ئالدىنىشى، غەزەپلىنىشى، قاتتىق  ۋارقىرىشى، خىيال قىلىشى ، بىئارام بولىشىى، تىت-تىت بولۇشى ، قۇربان بېرىشى ئارقلىق تۈزىدىغان لۇغەت ، بۇ لۇغەت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولىدۇ، ئۇنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن تۈزۈپ بەرگىلى ، نەشىر قىلغىلى بولمايدۇ. تارىختىن ئىبارەت مۇرەككەپ كىتاپ ئالدىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق ئېىلىپبە سى بولىدۇ.

    دېمەك، تارىخ ياراتمىغانلارنىڭ تارىخنى تۈزۈك ئوقۇيالمايدىكەن دە، شۇنداقمۇ دادا؟

    توغرا دېدىڭ. ئۇنداق بولسا ، تارىخنى قانداق ئادەملەر يازىدۇ؟ تارىخنى غالىبلار مەغلۇپلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ، ئەمما دۈمبىسىنى تۇتۇپ بەرمىگەنلەر مەغلۇبلاردىن ئەمەس.

       بۇنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم دادا-

    مەسلەن مېنىڭ ئىسمىممۇ بىر تارىخ ، <<سەئىدۇللا>> دېگەن ئىسمىم مېنىڭ ئۆز -ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان تارىخىم ، يوف دىگەن قوشۇمچە سۆز بولسا مېنىڭ تارىخىمغا تېڭىلغان ئۆزگىچە تارىخ. مەن بۇنى ئۆز پېتى قويۇپ قويدۇم، چۈنكى ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق . جاھاندا غەيرىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن مۇتلەق خالىي تۇرالايدىغان تارىخنى مەن تېخى كۆرمىدىم .

      ئارىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بىر خىل جىمجىتلىق قاپلىدى، بۇ يۇقىرىقى سۆھبەتنىڭ سىرلىق كۈچىدىنمۇ ياكى ھەر ئىككسى بىردەم سۈكۈت قىلىشنى خالىغانلىقتىن بولدىمۇ،  ئىشقلىپ ئىبادەتكە ئوخشايدىغان دەقىقىلەر بىر پەس ھۆكۈم سۈردى.

      ئۈمىد جىمجىدلىقنى بۇزدى...، دادا سىزنىڭچە تارىخنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆگەنسەك بولىدۇ؟

       كۈتۈپخانا ۋە مۇزىيلارغا بېرىش، بۇمۇ تارىخ ئۆگىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم ، مەن مىلتىق دېگەن نەرسىنى تۇتۇشنى ، چۇۋۇپ قوراشتۇرۇشنى ئۆگەنگەنگەندىن كېيىنلا تارىخنى ئۆزۈمچە چۈشىنىپ قالدىم ، مەسلەن بىر كونا پوپايكىنى چۇۋۇيالىساڭ بۇمۇ بىر تارىخ، لېكىن بۇ يېرىم يارتا تارىخ بۇلۇپ قالىدۇ، ئۇنى چۇۋۇپ بولغاندىن كېيىن دېتىڭگە لايىق كېلىدىغان بىر پوپايكا ياكى بىر پەلەي توقۇساڭ، مانا بۇنىڭ ئۆزى پۈتۈن تارىخ بولىدۇ . تارىخ ئوقۇش دېگەن ئاشۇنداق گەپ .

       سەئىدۇللايوف ئەپەندى ئوغلىغا تىكىلىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، بىر تال تاماكىنى ئاغزىغا سېلىپ ئوت تۇتاشتۇردى، ئۇ تاماكىنى قاتتىق بىر شوراپ ، ئىسنى ئۈستەل چىرىقىغا قارىتىپ پۈۋلىدى، چىراغ ئەتراپىدا خاتىرجەم ئويناۋاتقان بىر قانچە كۇمۇتا ھودۇققىنىدىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشتى.

            مېنىڭ نۇرغۇن دوسلىرىم دالىدا ئۆلدى، دېدى سەئىدۇللايوف ئەپەندى تىترىگەن ئاۋازدا، بۇلارنىڭ جەسىتى قوتۇر لالما ئىتلارغا يەم بولمىدى، چۈنكى ئۇلار لالما ئىتلار كىشىلەر تۈگۈلۈپ يىغىلۋالغان شەھەرلەردىلا ياشايدۇ، ئۇلاردا باياۋانغا بارالايدىغان تەبىئەت يوق، باياۋان دېگەن بۈركۈت، شۇڭقار، شىر، يولۋاسلارنىڭ ۋەتىنى ، ئۇ يەردە تەمە دېگەن نەرسە مەۋجۇ ئەمەس ، ئۇ يەردە باتۇرلۇق ۋە ھوشيارلىق بىر دەقىقىمۇ ئايرىلماي ياشاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئاشۇنداق باھادىر كىشلەرنىڭ جەسىتى باھادىر جانلىقلارغا ئوزۇق بولۇپ، ئۇلارغا مەدەت بەرسە، شەرەپنىڭ ئۈستىگە شەرەپ ئەمەسمۇ؟  مانا مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېىيتسام كۆرپىنىڭ ئۈستىدە جان بېرىدىغان ئوخشايمەن ، لىكىن ئاللىبۇرۇن روھىمنى قۇتقۇزۇپ بولغان ئادەممەن ، شۇڭا دوسلىرىم مېنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۇلار مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا ئوبدان چۈشىنىدۇ، ھايات ئۇزۇنمۇ بولىدۇ، قىسقىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆزىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋاقىتلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ھاياتىڭىزنىڭ ئاز-تولا ئەھمىيىتى بولسىلا، ئۇنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.

       سەئىدۇللايوف گەپنى توختاتتى -دە، ئالدىدىكى ئۈستەلنىڭ تارتمىسىدىن بىر كارتۇچكىنى چىقىرىپ ئوغلىغا ئۇزاتتى ۋە شۇنداق دېدى:

      مانا بۇ مېنىڭ قەبرىنامام، مەن ئاخىرقى ئابزاسنىمۇ باشقىلارنىڭ قەلىمىگە قالدۇرۇشنى خالىمىدىم، پەرزەنتىم بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن سادىق بولىدىغانلىقىڭىغا ئىشىنىمەن. ئۈمىد كارتۇچكىغا قارىدى، ئۇنىڭدا شۇنداق يېزىلغانىدى ....بۇ يەردە ياتقان كىشىنىڭ ياخشى پىلانلىرى بار ئىدى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقتى. ئۇ ئاخىر مەغلۇپ بولۇشقا قىلچە تەن بەرمىگەن ھالدا كېتىپ قالدى.

     

    بۇرۇت<<كاشىلسى>>

    تارىخ ھامان تەدبىرلىك ئادەملەرنىڭ ئەقىل -پاراسىتى ۋە مېھنەتكەش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىلگىرلەپ كەلگەن ، ئوت قارىماققا ئادەتتىكى نەرسىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشنىڭ كاتتا بەلگىسى بولغانىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى ، مەدەنىيەت ھامان ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەنپەتىگە پايدىلىق ۋاستىلەرنى ئىجاد قىلىش بىلەن بېيىپ كەلگەنىدى ، ئەگەر قەدىمكى كىشلەردە ئوت ھەققىدە مەلۇم ئۈنۈم قارىشى بولمىغان بولسا ، ئەرىشتىن ئوت ئوغىرلاپ قاتتىق جازالانغان پىرومىتى ھەققىدىكى ئەپسانىمۇ توقۇلمىغان بولار ئىدى، مانا تا بۈگۈنكى دەۋىرگىچە پرومىتى بۈيۈك تىراگىدىيلىك قەھرىمان سۈپىتىدە سەبىيلەر كۆڭلىگە ئوت يېقىپ كەلدى.

                    ھازىرقى كىشلەر تېخىمۇ ئۈنۈمپەرەس بولۇپ كەتتى ، ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىدا سېتىشقا ئەرزىيدىغان ھەممە نەرسىنى بازارغا يۈزلەندۈردى، ھەتتا بەزى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ قەھىرىمانلىرىنى سېتىپ خەجلىمەكتە ، پەقەت قەھىرىمان قالمىغاندا ، بىراقلار ئەجدادىنى ھەم ئەۋلادىنى دو تىكىدۇ، قاراڭلار ئۇلارغا؟ ئۇلار ئۆز ھاياتىغا باشقىلارنىڭ باھا قويۇپ بېرىشنى كۈتۈپ مال باھا ئىدارىسى ئالدىدا ئۆچرەت تۇرۇشماقتا، ئۇلار ئۆز يېنىدىكىلەرگە خرىس بىلەن ھۈرپىيىشمەكتە.

        زامان تەرەققى قىلغانسىرى تەدبىرنىڭمۇ تۈرى كۆپىيىپ كەتتى، مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەخمىقانە، قانچىلىك تەسلىم تۇرانە بولمىسۇن، ئىشقىلىپ جانغا ئارا تۇرىدىغان بولسا بولدى. سېتىشمۇ بىر خىل تەدبىر ، ئالداشمۇ بىر خىل تەدبىر ، ھىجىيىشمۇ بىر خىل تەدبىر....ۋاي بەك تولا.

          ھەر بىر تەدبىرنىڭ ئۆزىگە خاس لايىق شەجەرىسى ۋە رىسالىسى بولىدىكەن ، شۇنىڭ ئىچىدىن ئەدەپلىكرەك تۈس ئالغان بىرەرسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلار،

    مەلۇم بىر ناھىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۈچ-تۆت ئايلىق خىزمەتتە بۇلۇپ قالدىم، ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم كۆپرەك مۇشۇ دائىرىدە بولدى، مەن تونۇيدىغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ياش ئوقۇتقۇچى ناھايتى خاپىسىرىغان ھالدا ئالدىمغا ئۇچرىدى، مەن ئۇنىڭدىن نىمە بولدىڭىز دەپ سورىدىم . ھەي قارىمامسىز ، دېدى ئۇ قاخشاپ، ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ساقال -بۇرتىنى قىرماي يۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش تارقاتماڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتىكەن ، مائاشىمنى ئالماي يېنىپ چىقتىم .

    كۆزۈم ئۇنىڭ بۇرتىغا چۈشتى، ئەمما ساقاللىرىنى  پاكىز قىرىلغان، مەن ئەجەبلەنگەن سورىدىم.... بۇ نىمە قىلىق؟   بۇ پاكىز ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ بەلگىسىمىش، تايىنلىق كوسا مىللەت بولۇپ قالماپتىكەنمىز. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا سىرىتقا قاراپ ماڭدى، ئۇ چوقۇم ساتراشخانىغا ماڭدى دەپ ئويلىدىم .

        تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلار كەڭ ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشتىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. زامانىمىزدىكى ئاتالمىش يېتەكلىگۈچىلەر ۋە قوماندانلار يۇقىرقىدەك تەدبىرلەرگە تولۇپ تاشقان بىر چاغلاردا ئىشتان -چاپانلارغا ئەتەي ياماق سېلىپ كېىيىشمۇ بىر خىل تەدبىر ئىدى ، ئاز - تولا بىر نەرسە بىلىدىغانلارنى قاماپ قەتىل قىلىشمۇ بىر خىل تەدبىر ئىدى، مەزمۇت ئايۋان-سارايلارنى خارابىگە ئايلاندۇرۇپ، خارابىدىن ئۆتۈپ چىققان ياۋا ئوتلارنى كەشپىيات تەرىقىسىدە مەدھىيلەش خېلى ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن مۇقەددەس پەلسەپە ئىدى . بۈگۈنمۇ ئەنە شۇنداق غەلىتە تەدبىرلەرنىڭ قىزغىن ۋارىسلىرى كۆپلەپ تېپىلىدۇ.

       ساقال بۇرۇت خۇددى چاچقا ئوخشاشلا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ھەدىيىسى ، يېقىندىن بىرى بىر قىسىم ئۇزۇن چاچ مۇتەپەككۇرلىرى قىسقا چاچ قويغان قىز ئاياللارغا نىسبەتەن ، چېچىڭ قېنى ؟ دەپ سۇئال قويۇشتى، ئاياللار بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دېگەن بەتنامنى تولا ئاڭلاپ ، بىراقلا ھەممە نەرسىمىز قىسقا بولسۇن دېيىشتىمۇ قانداق، چېچى ۋە ئىشتان كۆڭلەكلىرى يىلسىرى قىسقىراشقا باشلىدى، ۋاھالەنكى بۇنىڭدىنمۇ دېگەندەك ئارام تاپمىدى، ئەمدىلىكتە نۆۋەت بۇرۇتقا كەلگەندەك قىلسىمۇ، تېخى بۇنىڭ داۋرىڭى ئانچە بۇلۇپ كەتمىدى ، دەرۋەقە  ئادەمنىڭ بۇ يەر-بۇ يەرلىرىگە ئىنچىكە سەپسالىدىغان كېچىلىرى دۇربۇن بىلەن باشقىلارنىڭ ھۇجرىسىنى دېرىزىسىگە قارايدىغان ئادەملەر خېلى ئاۋۇپ قالدى.

    ساقال -بۇرۇت پاكىزلىق ۋە يارىشىش شەرتى ئاستىدا ئەرلەردىكى گۈزەللىكنىڭ ئامىللىرى سانىلىدۇ، بولۇپمۇ ھاياتقا چەكسىز ئۈمۈدۋارلىق ۋە زوق بىلەن قارايدىغان ، قەلبىدە شەيدائى مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، تېتىك، جۇشقۇن ياشلار ئۆزىگە مەردانە ، ئىشەنچىلىك سالاپەت بېغىشلاش ئۈچۈن چاچ ، ساقال ، بۇرۇت قاتارلىق تەبىئى ئىنئاملارغا كۆڭۈل بۆلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار چاچلىق ، ساقاللىق كېلىدىغان ئەركەك مىجەز مىللەت بولغاچقا ، بەزى تارىخى دەۋىرلەردە خۇ لار دەپمۇ ئاتالغان ، ئەلۋەتتە ، بۇ ئەرلەرنىڭ تۆھپىسى ، بىز مىجەزى چۇس، باھادىر كىشلەرنى مەيدىسىدە تۈكى بار دەپ تەرىپلەيمىز ، شوخ مەردانە ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلھەم چىرايلىق بۇرۇت قويۇشتەك ئەنئەنە بىلەن جاھان گۈزەللىك سەھنىسىدە چېنىپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرمەكتە، ئەمدىلىكتە ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قويۇۋالغان بۇرۇتنىڭ ئىسلاھاتقا پۇتلاشقىنى نېمىسى؟

       يۇقىرقى قارىماققا ئىنتايىن كىچىك ئىش ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ تەدبىر بەلگىلەيدىغان كىشىلىرمىزدىكى چاكىنىلىق ۋە پۈچەكلىكنى ئاشكارىلارپ قويىدۇ، خەتەرلىك يېرى شۇكى ، بۇ چاكىنىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن چەكلىنىپ تۇرۇپ قالماستىن، بەلكى جەمىيەتتىكى باشقا كىشىلەرگىمۇ ئەڭگۈشتەر قىلىپ تېڭىلىدۇ، يورۇقى چىقمايدىغان بۇنداق ئەڭگۈشتەرلەر يولنىڭ توغىرلىقىغا قارىماي ، پۇتنىڭ توغرىلىقىغا قارايدىغان بۇ زاماندا ئادەم باشقۇرۇش خۇمارىغا ئىگە جانابلارنى بەھۇرۇز ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتۈرىدۇ.

       چېكىنىش، بۇمۇ بىر تارىخ... بۇنداق تارىخ ئىنسانلار ئۈچۈن ئوت ئېلىپ چۈشكەن پىرومىتىدەك ئەزىمەتلەرنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە دەسسەپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئاڭلايدىغان ئۈچىيى توم كىشلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى قاقاقلىغان ئاۋازى، ئۇلۇغلۇق قانداقتۇر بىر سۈكۈت سۈپىتىدە ئۆز مەنىسىنى ساقلاپ يېتىۋىرىدۇ.

      ئېگىپ يېىيش ئېھتىياجى بولمىغان بولسا ئىلمەك، قىسىپ يېيىش ئېھتىياجى بولمىغان بولسا چوكا ئىجاد بولمىغان بولاتتى.

     بىزنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجىمىز نىمە ؟ بىز نېمىنى ئىجاد قىلدۇق؟ چاچ ، ساقال ، بۇرۇت تەلىماتىنىمۇ؟

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-4 18:22:31]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.