ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىدا ئاياللارنىڭ ئورنى

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:34:25

مەن قېرىنداشلىرىمىزغا خىرىستىيان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىككى دىننىڭ ئاياللارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى سېلىشتۇرمىنى سۇندۇم. ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى ئىسلام دىنىنىڭ ...



     مەن قېرىنداشلىرىمىزغا خىرىستىيان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىككى دىننىڭ ئاياللارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى سېلىشتۇرمىنى سۇندۇم. 
    ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى
     

      ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا تۇتقان پۇزىتسىيىدە مەيلى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ياكى كېيىنكى بولسۇن بارلىق تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرىپى شۇكى، ئوقۇم ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئاياللارغا ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپ ئاساسىدا مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە ئايالغا ئايالچە، ئەرگە ئەرچە كۆز بىلەن قارىغانلىقىدا بولسا كىرەك .
    ئىسلام ئەرلەرگە ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن تەرتىپ، مۇئەييەن كۆرسەتمىلەرنى بەرگەندە، ئايالغىمۇ ئوخشاشلا ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئەرلەر بىلەن ئوخشاش دەپ قارىدى. ئىنسانلارنىڭ ھەق ۋە ھۆرمىتى، ئېھتىياجىنىڭ مۇئەييەن ئورتاقلىققا ئىگە بولغانلىق سەۋەبىدىن،ئىنسانپەرلىك بابىنىڭ بارلىق تۈزۈم ۋە كۆرسەتمىلىرىدە ئەرلەر بىلەن باراۋەر دەپ قارىدى .
    ئەمما، ئىسلام ئاياللارغا ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ئېتىبارغا ئېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ ئاياللىقىغا ماس ھالدا تەرتىپ، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىگەن چاغدا، ئەرلەرگىمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى بەلگىلىدى .
    جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش تەقسىم قىلىش پىرىنسىپلىرى ۋە تەبىئىتىگە ئويغۇن ھالدا، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئىنسان تىپىغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلەپ بەردى. بۇ خىل پەرقلىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئىستىخىك تەلىۋى ئەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق ھۆكۈملەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. دەرۋەقە، ئىسلام دىنى ئاياللارغا خاس ھۆكۈملەر ۋە ئەرلەرگە خاس ھۆكۈملەرنى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەرلىك ۋە
      ئاياللىك خۇسۇسىيەتلەرنى توغرا مۆلچەرلەش ئارقىلىق، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى ماس ھالدا، ئېنىق بەلگىلەپ بەردى .
    ئەمما، ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلىقىنى بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان تۈزۈملەردە، ئىسلام تەلىماتلىرىغا كۆرە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، چۈنكى، ئۇلار ئوخشاش ئىنسانلاردۇر .
    پەقەت ئىسلام دىنىلا ئاياللارغا ئىنسانچە كۆز بىلەن قاراپ، ئۇنى ئەرلەر بىلەن يوقىرىدا ئېيتقاندەك، ئىنسانلارنىڭ ئىنسانى ئالاقىلىرىنى بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەردە ئوخشاش ھۆقۇققا ئىگە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، دەپ قارىدى. لېكىن، باشقا ھازارەت ۋە مەدەنىيەتلەر ھەتتاكى كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ يۈكسەك ئۇرۇنغا قويۇلدى دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ياۋرۇپا ئەللىرىمۇ ئاياللارغا پەقەت ھۇزۇر ۋە ھالاۋەت تەبىرى ماھىيىتىدىكى ئاياللىق سۈپىتى بىلەن قاراشتىن خالىي بولالمىدى . ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا تۇتقان مەدەنىيەت پۇزىتسىيىسى، شۇ جەمئىيەتنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا تۇتىدىغان مەيدانى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ئاياللارنىڭ قانچىلىك رول ئوينىيالىغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ .
    ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە چىن ئىشەنگەن بىر جەمئىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە ئەرلەر يانداش ھالدا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ ماڭىدۇ ۋە نادىر ئۆلگىلەرنى يارىتىدۇ .
    ئەكسىچە، ئاياللارغا ئىنسان سۈپىتى بىلەن ئەمەس، ئاياللىق خۇسۇسىيىتى بىلەنلا قارايدىغان جەمئىيەتتە, ئاياللار تۆۋەن تەبىقە سانىلىدۇ . ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق رولىدىن مەھرۇم قىلىنىپلا قالماستىن،
      ئۇلار ھەرخىل رەڭلەر بىلەن بويىلىپ، ئەرلەرنىڭ ھۇزۇر ۋە ھالاۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قەدىرسىز قونچاققا ئايلىنىپ قالىدۇ .
    بۇنىڭغا   ئىسلام ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرما قىلغان ھالدا ئەڭ جانلىق ئوبراز ئىزدىسەك، ئەلۋەتتە، ئاياللارنىڭ رولى ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ياراتقان
    ئىش- ئىزلىرى شۇ خىل جەمئىيەت تايانغان مەدەنىيەت ئوقۇمى ۋە پرىنسىپلىرىنىڭ تەبىئىتى بىلەن تولىمۇ ماس   شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز؛ ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيتى ئەڭ جانلىق تەرۇزدە ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىش- ئىزلىرى بو پرىنسىپقا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان بولسا، غەيرى ئىسلامىي جەمئىيەتلەردە پەقەت ئايال دەپ ئىپادە قىلىنىپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇلارنى ھۇزۇر - ھالاۋەتنىڭ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان ماددى مەپكۇرىسىگە ئايلاندۇرىۋالدى .
    قەھرىمان مۇسۇلمان ئاياللار
    گەرچە، فىزىلوگىيىلىك ۋە پىسخىلوگىيلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان مەسئۇلىيەتلەر پەرقلىق بولسىمۇ، مۇسۇلمان ئاياللار قەھرىمانلارچە ئىش- ئىزلارنى يارىتىشتا، ئىسلام بەرگەن يۈكسەك ئورۇندىن قالسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق روھىغا بەكرەك ئىشەندى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ئىنسان دېگەن تۇنىشىغا بەكرەك تاياندى .
    ئىسلام كىلىشتىن ئىلگىرى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئاياللار ، ئىسلام بىلەن ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتى بار، ئەقىدىگە، ساماۋىي رىسالىگە ئىگە يېڭى بىر توپلۇمغا ئايلاندى. تارىخقا نۇرغۇن شىرىن ئەسلىمىلەرنى ھەدىيە قىلدى. غەرب ئەللىرىدە ئىسلامغا يۈزلىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسنىىڭ ئايال كىشى بولىشىمۇ، ئىسلامنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئىلتىپاتىنىڭ زورلىغىنىڭ سەمىمىي ئىسپاتى بولۇشقا يېتەرلىك . ئىسلام تارىخىدا ئەرلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرى دەۋەت ۋە جىھاد ساھەسىدە خاتىرلەنگەن بولسا، ئاياللارنىڭمۇ ئىش- ئىزلىرى ئوخشاش ساھە بويىچە داۋاملاشتى. بۇ
      خۇسۇستىمۇ ئاياللار ئۆزلىرىنى پەقەت ئايال دەپلا ئەمەس، بەلكى، مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئىنسان دېگەن تونۇشتا ياشىغان بولدى .
    ئىلمىي ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا ئوينىغان روللىرىنى خاتىرلەپ چىقىش تېخىمۇ قېيىن. ھەۋۋا ئانىمىزدىن باشلانغان بۇ مۇساپە ئاسىيە، ھاجەر ۋە بۇۋى مەريەملەردىن ئۆتۈپ، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئەسما بىنت ئەبۇ بەكىر مىسالى ساناقسىز ئانىلار تارىخ بەتلىرىدە نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. خۇسۇسەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
    دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاياللار
    دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاياللار يوقىرىدا زىكىرى كەچكەن، ئاتىلىرى، ئەرلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ پىداكارلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن قەھرىمان ئانىلىرىمىزنىڭ قىزلىرى. شۇلارنىڭ قىزلىرى بولغان بۈگۈنكى خۇتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۆتكەن شۇ تارىختىكى قايتىلىيالمايدىغانغا قانداق تۇسالغۇلار بار؟ !
    ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىدىن يىراقلىشىپ، ھەرخىل ئازغۇن ئېقىم ۋە قاراشلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەپ يوق .
    ھازىرقى ئاياللىرىمىز يوقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئازغۇن پىرقىلەرگە ئەگىشىپ، ئاياللىق ئوبرازىغا داغ تەككۈزدى ۋە ھاياتتىكى ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈردى. ئەگەشكەن ئېقىملىرى، تايانغان ئىدىلوگىيىسى ساغلام بولمىغاچ ھەرقانچە تىرىشسىمۇ مۇستەقىل ئىنسانلىق سالاھىيىتى شەكىللەندۈرەلمىدى. بۇ بۈگۈنكى دۇنيا چىركىنلىكىنىڭ نىگىزلىك سەۋەپلىرىدىن بىرى .
    بۈگۈنكى مۇسۇلمان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىسلام كۆرسەتكەن بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق بوي سۇنۇپ، ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ساھەلەر بويىچە ھاياتتا ئۆزىنىڭ يوللىرىنى يېرىپ مېڭىشىغا نىمە توسقۇنلۇق بار؟! ئاياللارنى تانسىخانا چىراقلىرى ئاستىدا
    لەرزان ئۇسۇلغا سېلىپ ئۈگىنىپ كەلگەن ئەرلەرنىڭ غەزىۋىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق .
    يالىڭاچلىق ئىلىم- پەن ئۈگىنىشنىڭ شەرتىمۇ؟ دىننىڭ كۆرسەتمىسى، مىللەتنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن تېنىش مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچىمىمۇ؟ ياق، مىڭ قېتىملاپ ياق دەيمىزكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىلىم بىلەن، مەدەنىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىم .
    بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدۇ. بۇنى بىلىپ قېلىش يېڭى باشلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغۇسى .
      مەنبە—مەرىپەت تورى 
    خىرىستىيان دىنىدا ئاياللارنىڭ ئورنى
       خىرىستىيان دىنى تارىخىدا ئاياللار پەقەتلا مال-مۈلۈك ئورنىدا قارىلىپ كەلگەن. پەقەت ئەيسا پەيغەمبەر ئاياللارنىڭ باراۋەر ھوقۇقى ۋە قىممىتى توغىرسىدىكى ئىنقىلاۋى خارەكتىرلىك ۋەھىسىنى ئېلىپ كەلگىچە ،كونا ئەھدەدا ئاياللار ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىنغان.ئەيسا پەيغەمبەر ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى توغىرسىدىكى بۇ ئىدىيەنى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئىلگىرى سۈرگەن. كۆپ قىسىم نەزەرىيەشۇناسلار پائۇلنى مۇئەللىپى دەپ قارايدىغان يېڭى ئەھدەنىڭ كېيىنچە چېركاۋ دىننى رەھبەرلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئەيسا پەيغەمبەر دۋرىدىكىدىنمۇ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان دەپ قارايدۇ. 
       مۇتلەق كۆپ قىسىم چېركاۋ باشلىقلىرى ھازىرغىچە ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان بۇ خىل مۇئامىلىنى يەنى خىرىستىيان دىنى باشتىن ئاخىر ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاياللار بىلەن ھەمكارلاشماسلىق مۇئامىلىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
    تۆۋەندە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن بىر قىسىم خىرىستىيان دىننى ئەربابلرىنىڭ ئاياللار توغىرسىدا ئېيتقانلىرى:
    ھەۋارىئون – پائۇل(ئەيسا ئەلەيھىسالامدىن قالسا خىرىستىيان دىنىدا ئىككىنچى چوڭ مىسىئونىر،خىرىستىيان تېئولوگىيەسىگە ئاساس سالغۇچى. "يېڭى ئەھدىنامە"27 پارە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دىگەندىمۇ 14 پارىسىنى ئۇ يازغان. شۇڭا ئالىملار پائۇلنى "يېڭى ئەھدىنامە"نىڭ مۇھىم مۇئەللىپى دەپ قارايدۇ.
    ئۇ بىر ئۆمۈر ھېچقانداق ئايال زاتى بىلەن يېقىنلاشمىغان بولۇپ،ئاياللار توغىرسىدىكى كۆز –قارىشى مۇنداق؛
    مەن توي قىلمىغانلارغا ۋە تۇل خوتۇنلارغا شۇنى دەپ قويايكى،ئۇلار ئەڭ ياخشىسى مەندەك تۇرمۇش كەچۈرسۇن.سىلەر(ئەرلەر) ئاياللارنى ئۈن-تىنسىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆگەنگىلى قويۇڭلار! بىراق مەن ھەر قانداق ئايالنىڭ ۋائىزلىق قىىلىشغا،ئەرلەرنىڭ نوپۇزىنى ئىگەللىۋىلىشىغا يول قويمايمەن.ئاياللار ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلسۇن!

     

     

      St. Tertullian (about 155 to 225 C):

    تېرتۇلىيان –مىلادىيە 155-225

    سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھەۋۋا ئىكەنلىكڭىلارنى بىلمەمسىلەر؟سىلەر شەيتاننىڭ دەرۋازىسى. سىلەر چەكلەنگەن دەرەخنىڭ پىچىتىنى بۇزغۇچى.سىلەر تۇنجى بولۇپ ئىلاھى قانۇننى بۇزغۇچى.سىلەر شەيتان ئازدۇرۇشقا ئاجىز كەپ قالغان ئادەمنى (چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشكە) قايىل قىلغۇچى.سىلەر ئاللانىڭ ئوبرازىغا ئاسانلا نۇخسان يەتكۈزدىڭلار.سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ھەتتا ئاللانىڭ بالىسى-ئەيسامۇ(بۇ پەقەت تەرجىمە،بۇ سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق ھەر-قانداق ئۇسۇلدا ئاللاغا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھى سادىر قىلىشتىن ئاللا ئىگەم ئۆزىڭىز ساقلىغايسىز) جېنىدىن ئايرىلدى.

    St. Augustine of Hippo (354 to 430 CE).

    ئوۋگۇستىن- مىلادىيە 354~430

    مەيلى ئۇ بىر ئايال بولامدۇ ياكى بىر ئانىمۇ،ئۇنىڭ نىمە پەرقى؟ ئۇ بەرىبىر بىز ئازدۇرغۇچى شەيتان. بىز ھەر ۋاقىت ئۇلاردىن ھوشيار تۇرىشىمىز كېرەك. مەن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بالا تۇغۇشتىن باشقا پايدا يەتكۈزگنىنى كۆرمۈدۈم.

    St. Thomas Aquinas (1225 to 1274 CE):   

    توماس ئاكۇناس-مىلادىيە 1125-1274

    شەخسى خارەكتىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا.ئاياللار كەمتۈك ۋە خۈنۈك.چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىدىكى سەرخىلى ئەر جىنىسنى شەكىللەندۈرۈشكە مايىللراق كېلىدۇ. ئايال جىنىسنىڭ شەكىللىنىشى شالغۇت ياكى پۈچەك ئۇرۇقتىن ۋە ياكى تاشقى تەسىردىن بولىدۇ.(توماس ئاياللار فىزولىگىيەلىك ئامىل جەھەتتىن يەنى يارىلىشىدىنلا پەس بولىدۇ دىگەن ئىدىيەنى ئىلەىرى سۈرىدۇ.)

    Martin Luther (1483 to 1546):

    مارتىن لۇتىر(ياۋروپادىكى دىن ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى )

    ئەگەر ئۇلار يەنى ئاياللار بەك چارچاپ كەتسە ياكى ئۆلۈپ كەتسە، كارايىتى چاغلىق.ئۇلار بالا تۇغۇش جەريانىدا ئۆلسۇن.چۈنكى ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن يارالغان.

     

    Matilda Josyln Gage, et. al , "1876 Declaration of Rights" on the rights of women.

    ماتىلدا گەيىج-1876 يىلدىكى ھوقۇق خىتاپنامىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى توغىرسىدىكى پارچىلار:

    بىز ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش،ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بولغان تولۇق باراۋەرلىكى ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆز خۇشاللىقنى ئىستىشى،

    ئۆزىگە بولغان تولۇق ھوقۇقى،تولۇق تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھايات ئۇنىڭغا بەخىش ئەتكەن بارلىق پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق بەھىرمەن بولۇشى  پىرىنسىپلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز.بىز ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىننى ئەقىدىلەردە،دۆلىتىمىزنىڭ نىزام-ئەھكاملىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن يارالغان،ئۇنىڭ ھەممە مەنپەئەتلىرى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ئەرنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشى كېرەك دېگەنلەرنى ئىنكار قىلىمىز. بىز ھۆكۈمرانلىرىمىزدىن ھېچقانداق مايىللىق،ئالاھىدە ئىمتىياز،ئالاھىدە قانۇن،ئالاھىدە ئېتىبارلارنىڭ بولۇنماسلىقىنى ئۆتۈنىمىز.بىز ئادىللىق ئىستەيمىز،باراۋەرلىك تەلەپ قىلىمىز.بىز بارلىق ئامىركا گىراجدانلىرى ئېرىشكەن سىياسى ۋە پۇخراۋى ھوقۇقلارنىڭ بىزگە ۋە قىزلىرىمىزغىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىپ بېرىشىنى سورايمىز.

     

    20-ئەسىردىكى ئاياللار توغىرسىدىكى كۆز-قاراشلار

     

    Reformation Fellowship of the East Valley , Mesa, AZ (circa 1995)

     

    ئاللا دەسلەپتە ئادەمنى ئاندىن ئۇنىڭ قوۋۇرغىسىدىن ھەۋۋانى ياراتتى. يارىلىشنىڭ بۇ تەرتىۋى ئاياللارنى نىكاھتا ئەرلىرىگە،چېركاۋدا ئەرلەرگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇدى.ياراتقۇچىغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئاياللار ئەرلىرىگە ،چېركاۋدا بولسا ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك.ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئوقۇتۇشى ياكى ھەر قانداق يوسۇندا ئەرلەر ئۈستىدىن ھوقۇق يۈرگۈزىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    Pope John Paul II (1995)

    پوپ جون پائۇل-1995- يىلى                          

    ئاياللارنىڭ كىملىكى ئەرلەرنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ئىكەنلىكىدە ئىپادىلەنمەيدۇ. چۈنكى ئاياللار ئۆزىگە خاس سۈپەت ۋە ئىمتىيازلار بىلەن ئاپىرىدە بولغان بۇلۇپ،بۇ ئۇلارنىڭ يېتىشتۈرۈشكە ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا تېگىشلىك خاس خارەكتىرىنى

     شەكىلەندۈرگەن.

    بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئاياللارنىڭ خارەكتىرىنى مۇتلەقلەشتۈرگۈچىلەرگە خۇدارىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ يارقىن ۋە ئىلاھى ئۈلگىسى جاۋاپ بولالايدۇ.يەنى پەقەت ئۆزىنى ئاتاش ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇش(بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتاش يەنى بۇلار ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆپرەك تېپىلىدۇ دېمەكچى) ئارقىلىقلا ھاياتتا ئىلاھى مەقسەتنى ھەقىقى تۈردا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    Statement by "Christians for Biblical Equality" a conservative Christian organization

    "خىرىستىيانلار ئىنجىلدا باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ"دىن پارچە-بىر كونسىرۋاتىپ خىرىستىيان تەشكىلاتى             

    ئىنجىل ھەر قانداق ئىرىق،مىللەت،ئىقتىسادى سىنىپ،ھەر قانداق ياش گۇرۇپپىسىدىكى ئەر –ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ

    دا مۇنداق كۆرسەتكەن: يەھۇدى ياكى گىرىك ،  Galatian

    خوجايىن بىلەن قۇل،ئەر بىلەن ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ.چۈنكى سىلەر ھەممىڭلار خىرىستوسنىڭ ئالدىدا ئوخشاش.

     جېررى فولۋىل

    Jerry Falwell

    بۇ ئاياللار ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رادىكال ،ئۈمۈدسىزلەنگەن سىھاقچىلار (ئايال ھەمجىنىسلار) ھەمدە ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئەرلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلماقچى بولغانلار.ئىنجىل بۇ خىل رادىكال پەلسەپەنى ۋە مۇددانى سۆكىدۇ.بۇ ئاخىرقى چەك.    

                              

    The Council on Biblical Manhood & Womanhood (1997)

    ئىنجىلدىكى ئەرلىك ۋە ئاياللىق رول تەتقىقات كېڭىشى      

     

    ئاللا ئاۋۋال ئادەمنى ،ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايالنى يارىتىش ئارقىلىق، ئەرلەرنىڭ جىنس پەرقىگە ئاساسەن جەمىيەتنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدا(ئائىلىدە) تۇتقان يەنى باشقۇرغۇچى،تەمىنلىگۈچى،ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغدىغۇچىلىقتىن ئىبارەت رولى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى شەرھىلىدى. يەنە ئوخشاشلا ئاياللارنىڭ جىنىس پەرقىگە ئاساسەن ئەرلەرنىڭ باشقۇرۇشى ۋە  قوغدىشى ئاساسىدا ياردەملىشىش،ئەۋلاد كۆپەيتىش ۋە بېقىش قاتارلىق رولى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى شەرھىلىدى.

    Anon, "Why women need freedom from religion, " pamphlet

    ئانون، "ئاياللار نىمىشقا دىننى ئەركىنلىككە مۇھتاج بولىدۇ" ناملىق رىسالىسى:                                        

    ھەر خىل خىرىستىيان چېركاۋلىرى ئاياللارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈشكە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ.يەنى ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆز قىلىشىغا، تۇغۇتتا ناركوز ئىشلىتىشگە ،باشقە نۇرغۇن ئىشلارغا قارشى تۇرىدۇ.بۇگۈنكى كۈندە ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى،ئىقتىسادى ۋە جىنىس پەرقى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنىڭ ئەڭ مۈشكۈل رەقىبى بولسا تەشكىلىك دىندىن ئىبارەت. دىنشۇناشلار تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھوقۇق باراۋەرلىك خىتاپنامىسىنى مەغلۇپ قىلدى.دىن ئەسەبىلىرى ھازىر باش-ئاخىرى يوق تېرورلۇق ئۇرۇشلىرى ۋە بالا چۈشۈرگەن ئاياللارغا قارىتا پارەكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا.

     

    مەنبە: http://www.religioustolerance.org/lfe_bibl.htm

                                                   

     

    تەرجىمىسى Lddy-Uyghur 

      

     

    ئاخىرىدا Lddy-Uyghur   نىڭ خۇلاسىسى :

    ئىسلام ئاياللارغا 1400 يىل ئىلگىرىلا باراۋەرلىك ۋە ئىززەت –ھۆرمەت ئاتا قىلغان. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنداق چەكتىن ئاشقان ئىشلارنى سادىر قىلىشىغا ئۇيغۇر ئوغلى قېرىندىشىمىز دىگەندەك دىن ھەرگىزمۇ ۋاستە بولۇپ بەرمىگەن .چۈنكى ئىسلامدا ئاياللارغا باراۋەرلىك ۋە ئىززەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئەكىسچە خىرىستىيان دىنىدا باشتىن-ئاخىر ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش،مەنسىتمەسلىك،ئۇلارنى ئازاپقا دۇچار قىلىش ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئاياللار بىلەن ھەمكارلاشماسلىك مۇئامىلىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئارلىقتا ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە ئاياللارغا بولغان ھەر-خىل زىيانكەشلىكلەرنى تۈگۈتۈش توغۇرلۇق ھەر- خىل تۈزۈتۈشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ،بۇلار مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.ئەگەر ئاياللارنىڭ ئېزىلىشغا دىن ۋاستە بولۇندى دېيىلسە ،ئۇ بەرھەق خىرىستىيان دىنىنى كۆرسىتىدۇ.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.