ئۇنتۇپ قالمايلى-مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز!

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 00:00:00

ئۇنتۇپ قالمايلى __مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز! بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە نىمە؟ بۇ سۇئالغا ئىقتىسات، ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ياخشىلىنىشى دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ توغرا...

    ئۇنتۇپ قالمايلى __مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز!

     

     


    بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە نىمە؟ بۇ سۇئالغا ئىقتىسات، ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ياخشىلىنىشى دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ توغرا جاۋابى شۇكى – بىز ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە مائارىپ. بۇ بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى ئىزدەيدىغان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق جاۋاپ.چۈنكى، مائارىپ بولسا ئىقتىسادى تەرەققىياتمۇ، ئىجتىمائى تەرتىپنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ بولىدۇ. بۇ جاۋاپتىن گۇمانلىنىپ «بىزنىڭ مائارىپىمىز بارغۇ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە سەۋەپتىن ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسىدا تەڭ نىسبەتتە ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرالمىدۇق؟» دىيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەن مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە. ئۇنداقتا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلە بارمۇ؟

     

     

    بىز نەزىرىمىزنى مىللى مائارىپىمىزنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىيات تارىخىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئىلگىرىكى مەدرىس مائارىپىنىڭ ئەكسىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان مىللى مائارىپ ھەرىكىتى ياۋرۇپاچە مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ بولغان. بۇ خىل مائارىپ 20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40- يىللىرى سۆۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل مائارىپ ئەندىزىسى سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىچە مائارىپقا ئۆزگەرتىلگىچە داۋاملاشقان. تاكى 1960-يىللارغىچە مەكتەپلەردە سۆۋىت ئىتتىپاقىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلگەن. ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن زىيالىلاردىن، سۆۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى جۇڭگودا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم ئىلغار زىيالىلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. 60-يىللاردىن كېيىنكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى پۈتكۈل جۇڭگودا مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، شۇ قاتاردا مىللى مائارىپىمىزنىمۇ ۋەيران قىلغان. 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپىمىز يەنە قايتا ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىنغان ۋە مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئاساسى مائارىپ ئەندىزىسى جۇڭگو مائارىپىنىڭ مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنداقتا، جۇڭگو مائارىپى قانداق مائارىپ؟

     

     

    1949-يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە جۇڭگودىكى ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ % 80 نى تەشكىل قىلاتتى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ%15نى تەشكىل قىلدى. بىز بۇ سانلىق مەلۇماتتىن جۇڭگونىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۆز يۇمغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بىراق، يەر شارى نوپۇسىنىڭ 14 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا بىرەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ چىقماسلىقى، جۇڭگولۇقلاردا ئىجاتچانلىق، ئەمەلى ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتى بىلەن ئومۇمى خەلق ساپاسىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بويىچە تەرەققى قىلالماسلىقى بىزنى يەنىلا بىئارام قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەسىلە جۇڭگو مائارىپىدىمۇ؟ بۇ بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سۇئال بولغاچقا، بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز جۇڭگو مائارىپىنى جۇڭگو بىلەن تەڭ قەدەمدە يېڭى مائارىپ يولىغا كىرگەن، دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھازىرقى مائارىپ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىپلا قالماي، ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسى جەھەتتىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن دۆلەت -كۆرىيە بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو مائارىپىدىكى، شۇنداقلا مىللى مائارىپىمىزدىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. 1948-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا كورىيىدىكى ساۋاتسىزلار ئومۇمى ئاھالىنىڭ %78 نى تەشكىل قىلاتتى. 1996-يىلىغا كەلگەندە كورىيە ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنى تۈگۈتۈپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى نىسبىتىنى %38 گە يەتكۈزدى. جۇڭگودا بولسا بۇ سان پەقەت ئاھالىنىڭ %5 نى ئىگىلىدى. 1948-يىلى كورىيە ھۆكىمىتى يېڭى قۇرۇلغاندا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا سەل كەينىگە تىزىلاتتى. بىراق، كورىيە دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپلا مائارىپنى دۆلەت ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قاتارىغا قويۇپ، زور كۈچ بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ماڭدى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدىن كېيىن كورىيە ئىقتىسادى ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بىراق، دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتىدىن ئۈستۈن بولدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەخ جەھەتتە، كورىيەنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاشلا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئالى ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولدى. بىراق كورىيە ھۆكىمىتىنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپكە سالغان مەبلىغى، ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سالغان مەبلىخىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئەكسىچە يولدا ماڭدى. كورىيە ھۆكۈمىتى ئاساسى مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش يولىنى تاللاپ، باشلانغۇچتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12يىللىق مەجبۇرى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى % 98 تىن ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا كورىيەدە نامرات چەت جايلارغا سېلىنىدىغان مائارىپ سېلىنمىسى مەركىزى شەھەر مەكتەپلىرىگە سېلىنىدىغان مائارىپ مەبلىغىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەر مائارىپ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. يۇقارقى مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، جۇڭگو مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىش زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگو مائارىپىدا ھەقىقى توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، مائارىپتا ئىلگىرىكى نۇقۇل بىلىم قاچىلاش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا تەدرىجى ھالدا، ئىقتىدار ئېچىش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇش يولىدا مېڭىشقا ئۆتۈشتەك يېڭى يولدا مېڭىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. بىز مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز، ئىلمى بولغان مائارىپ ئەندىزىسىنى تېزرەك مىللى مائارىپىمىزدا ئەمەلىلەشتۈرىمىز، دەيدىكەنمىز، مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، مائارىپ ئەمەلىيىتىدىكى كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، مائارىپ ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، شۇنداقلا دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار بۈگۈنكى دەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.