ئاياللىق نازاكەت ۋە مەسئۇلىيەت(ئابلەت ناسىر)

يوللىغۇچى : snow يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-02 10:41:29

ئاياللىق نازاكەت ۋە مەسئۇلىيەتئابلەت ناسىر ئايال -«ئايالغۇچىدۇر». ئۇ ساپالىق، غۇرۇرلۇق، مىللەتتىكى قەدىرلەش سىمفونىيىسى، مەدەنىيەتلىك مىللەتتىكى يۈكسەكلىكنىڭ پارلىشىدۇر. ھېكمەت دۇردانىل...



    ئاياللىق نازاكەت ۋە مەسئۇلىيەت
    ئابلەت ناسىر

     


        ئايال -«ئايالغۇچىدۇر». ئۇ ساپالىق، غۇرۇرلۇق، مىللەتتىكى قەدىرلەش سىمفونىيىسى، مەدەنىيەتلىك مىللەتتىكى يۈكسەكلىكنىڭ پارلىشىدۇر. ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ« …سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭلاردۇر»دىگەندىن ئىبارەت ئىسىل سۆزنى ئۇچراتمىدىم. ئايال ئەمەلىيەتتە مىللەت شۆھرىتىنڭ، ئەركەك غورورىنىڭ گۈلزارى بۇلۇپ، ئىپپەتلىك، شەرمىي-ھايالىق، پازىل ئايال، ئەرنى بەخت بۇلىقىدىن سۇ ئىچىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. غالىب مىللەتنىڭ كەلگۈسى شۇ مىللەتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىدە، بىلىم ساپاسىدا، ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. ئايال مىھنىتىدىن ياراملىق، سەرخىل پەرزەنت يىتىشىپ چىقىدۇ.
       ئەپسۇس،مانا مۇشۇنداق كاتتا ساھىبلار ئارسىدىكى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
    يۈرۈش-تۇرۇشلاردىكى چىكىدىن ئاشقان ياتلىشىش، يېرىم يالىڭاچلىق، چاكىنىلىق بىزنىڭ ئىززەت-غورورىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە يېرىم يالىڭاچىلىق، ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىنىشلەر، قىرقىما باشلار«گۈزەل»لەردىن سانىلىپ سۇمبۇل چاچلىق، ھايا بەلگىسى بولمىش باشياغلىق بىلەن ئورالغانلار قالاقلىقنىڭ، مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ تىپى سانىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
        ھەقىقى ئەرنىڭ خالايدىغىنى، چىچىنى بۇلىشىغا ياساپ، قېلىن بىر قات پەردازغا يۇشۇرنىۋالغان قونچاق ئايال ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبئىيلىكىگە ئارتۇقچە ھەشەم قىلمىغان بىغۇبار ئايالدۇر. ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ نەچچە مىڭ سوملۇق قىممەت كىيىملەرنى كىيىشىدىن، قايسى داڭلىق پەردازخانىدا پەردازلىنىشىدىن،« قاتار چاي »لىرىدا باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىشتىن بوشاپ كەلگەندە ئۇچۇق چىراي قارشى ئالىدىغان، بىر پىيالە قىزىق چاي قۇيىدىغان، پەرزەنتىگە ياخشى ئانا بۇلالايدىغان ۋاقىتلىرىدىن بەكرەك خۇرسەن بۇلىدۇ، پەخىرلىنىدۇ. خىيالىمدىكى ئالۋاستىنىڭ سىمايىسىمۇ كىندىكىنى ئوچۇق قۇيۇپ يۈرىدىغان، چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك پاخپايتىپ يۈرگەن خۇتۇنلاردەك سەت، كۆرۈمسىز ئەمەس.
        ئايرىم جايلاردىكى ھەشەمەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق بەسلىشىشلەر بارغانسىرى ئەۋج ئىلىپ، ئىقتىساد بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىندى. ئائىلىنىڭ يۈكى ئېغىرلىدى. ئائىلىدىكى بىھۇدە خىراجەت جىدىلى ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىدىن رايىنى قايتۇرۋەتتى. ھەتتا شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىناق ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. سەت ئىش، يامان قىلىق ھىسانلىنىدىغان ھاراق-شاراپ ئىچىش، تاماكا چىكىش، بەزى ئەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
        ئەمەلىيەتتە، ئەرلەر نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن راھەتلەرنى، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن بەخت لەززىتىنى دۇرۇس ئايال ئەرگە ئىلتىپات قىلىدۇ. تۈجۈپلىك ئايال ئۆز پاراسەت، پەمى بىلەن پۈتۈن ئائىلىنى خۇشاللىققا مۇۋاپپىق قىلىدۇ. ئەرنى ھالالدىن رىزىق تىپىشقا رىغبەرتلەندۈرىدۇ. بىھۇدە خىراجەت جىدىلى قىلمايدۇ. ئەرنىڭ ھەسرەتلىك چاغدىكى مۇڭدىشى، كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى بۇلىدۇ.
        تارىخىمىزدا ئىسىل ئۆرنەكلەر بار: نۇزۇگۇم ئاچ قالسا قۇمۇش يىلتىزى يىگەن، ئاسماننى يىپىنچا قىلغانۇ، ياتلارغا زورى بىلەن خۇتۇن بۇلۇشنى راۋا كۆرمىگەن. مىللەتكە ئانا بولغۇچى قىزلىرىمىزنىڭ مىللى ئېتقاد، مىللى مەدەنىيەت قىلمىشلىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ھەربىر كىشى، مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تۇلىمۇ ئازاپلايدۇ.
        ئايالنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىپپىتى، ھاياسى ۋە ئەخلاقى بىلەن بولىدۇ. ھايالىق، تەقۋادار ئايال ئەرنىڭ مۇھەببىتى، كۆيۈنىشىگە ئېرىشىدۇ.
    ھۆرمىتى، ساداقىتى ئارقىلىق ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ. ئەرنى ھۆرمەتلەش، چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئەرنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش قانداقتۇر ئايالنى پەس كۆرگەنلىك، كەمسىتكەنلىك ياكى سالاھىتىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئايال كىشى شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرىنى، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ. چىريلىق ئايال ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئەرنىڭ كۆڭلىنى بىر مەزگىللا ئالالىغان بىلەن، ئىپپەتلىك ئايال ھايا-نۇمۇس ئارقىلىق ئەرنىڭ قەلب كۆزىدە بىر ئۆمۈر تۇرالايدۇ. ئۇ ئۆمۈرلۈك ئىززەت، ھۆرمەت ساھىبىدۇر. بىھايا ئايالدىن ئەرنىڭ مىھرى ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ. خىجىىللىقتىن ئايالنىڭ مەڭزىگە يۈگۈرگەن قىزىللىق ئەرنىڭ قەلبىگە، مۇھەببىتىگە ئەڭ تېز ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ.
        بەزى ئاياللار« بىزمۇ خىزمەت ئىشى قىلىپ ھېرىپ كەتتۇق ۋاقتىمىز قىس…»دەپ ئاخشاملىرى بالىلىرىغا مەسەل، چۆچەك ئېيتىپ بەرمەس بۇلۇشتى.  ھەيرانمەن يەنە شۇنداق ئاياللار تۈن كىچىلەردە« قاتار چاي»لىرىدىن كىلەلمەي يۈردى‪.‬ «تارىنىشقا جىق ۋاقىت كىتىدىكەن، بىئەپكەن….»دەپ ئۇزۇن چاچلىرىنى كىسىۋەتتى! ھەيرانمەن يەنە ئاشۇ پەردازخانىلاردا ئۆچرەت ساقلاپ چاچلىرىنى ياسىتىپ يۈرۈشتى. بالىلىرىغا بىرەر چۆچەك كىتاب ئىلىپ بېرىشقا كۆزى قىيمايدۇ يۇ، كوچىلاردا تاراسلىتىپ سېغىز چايناپ يۈرۈشتى.. تەربىيە كۆرگەن ئايال بىر ئائىلىنى بەختلىك قىلىدۇ. دۇرۇس ئايال ئۆزىنى بۇزۇق، چەكتىن ئاشقان قىلمىشلاردىن خالى تۇتىدۇ. بۇيرىغاننى قىلىدۇ، توسقاندىن چەكلىنىدۇ.
        بالا ئائىلىگە قۇيۇلغان بىر ئامەتكى، ئۇ ئەڭ ئاۋال ئايال( ئانا) دىن ئىبارەت مىھرىبان ئۇستازنىڭ پەپىلىشىگە، تەربىيلىنىشىگە مۇھتاج.
    ئائىلىدە تەربىيسىز قالغان بالىلار تىزگىنسىز يۈرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلاردا ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمەت سۇسلاپ كىتىدۇ. ئانىغا بولغان ھۆرمەت ئانىدىن ھىيىقىش تۇيغۇسى ئاجىز كىلىدۇ. ھايالىق، ئىتقادلىق ئايالدىن ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ئىسىل پەزىلەتلىك، پەرزەنت يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئاياللار دۇنيادا راھەت-رەھمەتلەرگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ. ئايالنى پەقەتلا «كۆڭۈل ئىچىش ۋاستىسى، ئائىلە خىزمەتكارى »دەپ بىلىدىغان ئەرلەر، شۇنداقلا ئاياللىق مەسئولىيەتنى«  تۇغۇش، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئىتىش »دەپ بىلىدىغان نادان،تەنتەك ئاياللار-ئازغۇنلار. خاس، بىر پەزىلەتلىك ئايالغا ئېرىشىش ئەر ئۈچۈن كاتتا نىممەت، زور بەختتۇر.
        قىسقىسى، بىز ( مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ) ئەجداد ئەنئەنىسى، ئۆزىمىزنىڭ بۇرج ۋە مەسئولىيىتىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە مىللى ئەنئەنە ۋە مىللى مەدەنىيەت تەربىيىسى ئىلىپ بېرىشقا سەل قارىماسلىقىمىز، ئەۋلادلارنى ئەجدادلارنىڭ ئىسىل خارەكتىرى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، پىكىر-ھىسلىرىنى نامايەن قىلىپ تەربىيلىشىمىز لازىم! 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.