ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت(1)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 07:35:25

ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەتسارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدەمەمتىمىن ئەلاژان پول سارتر (1905-1980) ڧرانسىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى ...



    ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت


    سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدە
    مەمتىمىن ئەلا

     

    ژان پول سارتر (1905-1980) ڧرانسىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپى، يازغۇچىسى، درامماتورگى، ئوبزورچىسى، سىياسىي پائالىيەتچىسى، تەرجىمىھالچىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىسىدۇر. ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئويلىنىشقا، ئەدەبىي تالانتىنى ئىپادىلەشكە ۋە دىققىتىنى دۇنيانىڭ مۇھىم سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا بېغىشلىغان ھاياتى ئۇنى دۇنياغا مەشھۇر قىلغان، گەرچە ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىلمۇ خىل ئىدېئولوگىيىلەر ۋە پەلسەپىۋى ئىدىيىلەرنى چىقىش قىلغان تەنقىدلەرگە تا ھازىرغىچە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ. شۇنداقلا، ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتى بىلەن ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ڧرانسىيىنىڭ ۋە ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئىلىم ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندا، پارىژدىكى مەلۇم بىر گېزىت «ڧرانسىيە ئۆزىنىڭ ۋىجدانىدىن ئايرىلىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ ھەسرەتلەنگەنىدى.[1]

     

     

    مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپە ئېقىمىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان سارترنىڭ 1945-يىلى 28-ئۆكتەبىردە تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىققا تولغان پارىژ تاماشىبىنلىرىغا سۆزلىگەن «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرىنى، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئالغاندا، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپە ئېقىمىنىڭ خىتابنامىسى دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن مەسخىرىلىك ئىشلارغا ئوخشاش، سارتر ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مەۋجۇدىيەتچىلىكنى ئەڭ چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىتابنامىنىڭ نەشر قىلىنىشىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارا بىلدۈرگەن. ئەمما، بۇ خىتابنامە تا ھازىرغىچە مەزكۇر پەلسەپىۋى ئېقىمنى ئاۋامغا تونۇشتۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇشلۇق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

     

     

    سارترنىڭ بۇ يەردىكى پۇشايمىنى نۇرغۇن ئىشارىلەرگە ئىگە—ئۇ ئالدى بىلەن يازغۇچى (ئۇنىڭ ئوي-خىيالى، ئىدىيىسى، شەخسىيىتى ۋە ھاياتى) بىلەن ئۇنىڭ پۈتكەن ئەسىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى  ئىشارىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۇشبۇ ئەسەردىكى تۈپكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھەم بىز تۆۋەندە مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان ئەركىنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ باغلىنىشىنى ئىشارىلەيدۇ: باشقا بىرى ئەمەس بەلكى سارترنىڭ ئۆزىلا مەزكۇر ئەسەرنىڭ بارلىق تەسىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ دەل باشقا بىرى تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى سارتر تەرىپىدىن ئەركىن تاللىنىپ يېزىلغان. شۇڭا، سارترنىڭ پۇشايمىنى قويۇق مەۋجۇدىيەتچىلىك مەنىسىگە ئىگە، چۈنكى ئۇ سارترنىڭ ئەركىن بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ ھەم سارترنىڭ مەزكۇر ئەسەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشىمىزدىكى يول بەلگىسىدۇر—سارترنىڭ ھاياتى بىر تىپىك مەۋجۇدىيەتچە ھايات، ئۇنىڭ پەلسەپىسى تىپىك بىر ھايات شەكلىدۇر.

     

     

    سارتر مەزكۇر ئەسەرنى يازغاندا ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان يىرىك ئەسىرى «بارلىق ۋە يوقلۇق»، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى غەيرىي پەلسەپىۋى يول بىلەن تونۇشتۇرىدىغان باشقا درامىلىرى، ھېكايىلىرى ۋە ماقالىلىرى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلىنىپ، ڧرانسىيە ئىلىم ساھەسىنى قاتتىق تەۋرەتكەنىدى. مەزكۇر ئېقىمنىڭ تەسىرى سەنئەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگىمۇ كېڭەيگەنىدى، ھەمدە ئۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەر قانات يايغانىدى. شۇنىڭدەك، گېرمان «مەۋجۇدىيەتچى» پەيلاسوپى ھايدېگېرنىڭ «بارلىق ۋە زامان» ناملىق يىرىك پەلسەپە ئەسىرىمۇ ڧرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە سارترنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ڧرانسۇز پەيلاسوپلىرى تەرىپىدىن قىزغىن تەتقىق قىلىنىۋاتقانىدى[2] . شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر سارتر ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان مەۋجۇدىيەتچىلىككە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىغانىدى—بەزىلەر مەزكۇر ئېقىمنىڭ ئانتى-ئىلاھىيلىق، ئانتى-مېتاڧىزىكىلىق ۋە ئانتى-راتسىئونالىزملىق خاھىشىدىن چۆچۈسە، بەزىلەر ئۇنىڭ رادىكال ئىدىيىلىرىدىن ھەيران قالسا، بەزىلەر ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ شارائىتىنى ئىنتايىن سوغۇققانلىق ۋە كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشتەك ئاۋانگارتچىلىق روھىنى قوللىسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى غەربنىڭ خرىستىئانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان نەچچە ئەسىرلىك ئەخلاق كۇلتۇرىغا قارشى چىقتى دەپ ئەيىبلىگەنىدى. شۇ سەۋەب، سارترنىڭ ئۇشبۇ ماقالىسى ئۆزىنىڭ يىرىك ھەم ۋەكىل خاراكتېرلىق پەلسەپىۋى ئەسىرى بولمىش «بارلىق ۋە يوقلۇق»، باشقا ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەردە، جۈملىدىن پەيلاسوپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيالىيلاردا، ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىك تېماتىك مەزمۇنلىرىغا قارىتا كۆرۈلگەن «خاتا چۈشىنىش»، «بۇرمىلاش» ۋە ھەتتا «ھۇجۇم قىلىشلار» غا ۋاقتىدا چۈشەنجە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر سارترچە ياكى سارترنىڭ چۈشىنىشىدىكى مەۋجۇدىيەتچىلىكنى قوغداش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەم تەنقىد ئوبيېكتى بولغان مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىلىرىنى قايتا شەرھلەش كۆزلەنگەن ئۆزى قىسقا ئەمما قاراتمىچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك تونۇشتۇرۇشتۇر.

     

     

    سارترنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرى رەددىيە، مۇھاكىمە ۋە رەددىيىگە رەددىيىدىن ئىبارەت غەربنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرچە ماقالە يېزىقچىلىقىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى سارترنىڭ قارىشىدىكى مەۋجۇدىيەتچىلىككە قارىتىلغان رەددىيىلەرنى—بولۇپمۇ كوممۇنىستلار بىلەن كاتولىكلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان رەددىيىلەرنى—بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ رەت قىلىش ۋە شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا (قايتا) قويۇشتەك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن. ئۇشبۇ قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى ھەرىكىتى سارترنى مەۋجۇدىيەتچىلىككە قارىتىلغان تەنقىدلەرگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىش داۋامىدا خۇددى بىر خىل پاسسىپ ئورۇندىن ئاكتىپ ئورۇنغا ئاستا-ئاستا يۆتكىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىدۇ. ۋەھالەنكى، سارتر مۇخالىپلارنىڭ مەيدانىنى باشتىن-ئاخىر ئاكتىپ ئورۇندا تۇرىۋاتقاندەك ئىنكار قىلىپ ماڭىدۇ. ئەسەردە ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل كۈچلۈك ئارىلىشىش، مۇرەسسەسىزلىك ۋە ھەقىقەت ھەققىدە ئۈزۈلكېسىل ئىزدىنىش روھى مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ مۇنۇ تۈپكى مەقسىتىنى بىزگە سۆزلەيدۇ: ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسى—جۈملىدىن ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھەقىقىتى—ھەققىدە ئىزدىنىش. ئەلۋەتتە، خۇددى سارتر ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالدىنئالا بېكىتلگەن مۇتلەقچىلىكلەرنى رەت قىلغىنىدەك، سارترنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرىمۇ بىزنى مەۋجۇدىيەتچىلىك ھەققىدە قارارلىشىش خاراكتېرلىق ئاخىرقى تونۇش بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. مەۋجۇدىيەتچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدىكى كۆپ خىل ئىدىيىۋى قاراشلارنىڭ—سارترنىڭ بۇ قاراشلار ھەققىدىكى رەددىيىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە—مەۋجۇتلۇقى كىتابخانلارنى ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىغا مۇراجىئەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. مانا بۇ بىز تۆۋەندە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان ئەركىنلىكنىڭ يەنە بىر خىل مەنىسىدۇر.

     

     

    سارتر مەۋجۇدىيەتچىلىككە قارشى دەپ تىلغا ئالغان تەنقىدلەرنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، ماركسزمچىلارنىڭ—كوممۇنىستلارنىڭ تەنقىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دەپ يازىدۇ سارتر، مەۋجۇدىيەتچىلىك «كۋايتىزمچە ئۈمىدسىزلىككە تولغان» بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆز شەرت-شارائىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بەرىبىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. كۋايتىزم 17-ئەسىردە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ھەرىكەت قىلماسلىق، پاسسىپ پىكىرلىنىش، ئىچكى ھاياتقا دىققەت بېرىش ھەمدە رېئال دۇنيا بىلەن ئارىلاشماسلىقنى تەرغىب قىلىدىغان خرىستىئان مىستىسىزمىدۇر. ئۆزلۈكنىڭ يوقىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، بۇ مەسلەك ئادەمنى تاشقى دۇنياغا باغلاپ تۇرىدىغان سەزگۈ، ئىستەك، پەزىلەت ۋە ئەخلاق قاتارلىقلاردىن ئۆزىنى ئازاد قىلىپ، خۇداغىلا سېغىنىش، ئۇنىڭغىلا ئۆزىنى ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دېمەك، ماركسىزمچىلارنىڭ قارىشىچە، مەۋجۇدىيەتچىلىك رېئاللىقتىن ئايرىلغان، شۇڭا رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ پەلسەپىسىدۇر—ئۇ پىكىرلىنىش پەلسەپىسىكى، ھەرگىزمۇ ھەرىكەت پەلسەپىسى ئەمەس. يەنى، خۇددى سارتر دېگەندەك، «بۇرژۇئازلارنىڭ پەلسەپىسىدۇر.» ئەكسىچە، ماركسىزم، خۇددى ماركس ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىغان پەلسەپىنى ھەقىقىي پەلسەپە دەپ قارايدۇ. ماركس ئۆزىنىڭ «ڧېرباخ ھەققىدە ماقالىلەر» دېگەن ئەسىرىنىڭ نىڭ 11-بابىدا مۇنداق دەيدۇ: «پەيلاسوپلار دۇنيانى پەقەت خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا شەرھلەپلا كەلدى؛ ھالبۇكى، مەسىلە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە .»[3]ماركسنىڭ بۇ مەشھۇر سۆزىنىڭ مەنىسى شۇكى، ئادەمنىڭ ماھىيىتى، خۇددى تا ھازىرغىچە شۇنداق چۈشىنىلىپ كېلىنگىنىدەك، ئويلاشتا بولماستىن بەلكى ھەرىكەتتە—يەنى ئادەم ئەقلىي ھايۋان بولماستىن، بەلكى ئەمگەك قىلىدىغان ھايۋاندۇر. دېمەك، ئادەم ئەمگەك ئارقىلىق دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. ئادەم ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزىنى يارىتىدۇ، چۈنكى ئىنساننى خۇدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ياراتقاندۇر.

     

     

    شۇڭلاشقا، ماركسنىڭ يۇقىرىقى ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان كوممۇنىستلارنىڭ قارىشىچە، پىكىرلىنىش پەلسەپىسى سۈپىتىدىكى مەۋجۇدىيەتچىلىك ئىنساننىڭ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنى بىھۇدە دەپ قارايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىنى ئۆزگەرتىشىگە گۇمان بىلەن قارىغاچقا، ئادەمنى ئۈمىدسىزلىككە ۋە چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ بارىدۇ.

     

     

    ئىككىنچى تەنقىد كاتولىكلارنىڭ تەنقىدىدۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دەيدۇ سارتر، مەۋجۇدىيەتچىلىك ھەرۋاقىت «ھاياتنىڭ رەزىل تەرىپى» نىلا ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ گۈزەل تەرىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ. ئەلۋەتتە،ماھىيەتتە، كاتولىكلارنىڭ تەنقىدى—گەرچە سارتر ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرىدە بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك توختالمىغان بولسىمۇ—ئۇنىڭ مۇشۇ ئەسەرنى يېزىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارغا قارىتىلغان بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك تەنقىدتۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سارتر ئىپادىلەۋاتقان ھايات—ئادەمنىڭ شەرت-شارائىتى—بىر توپ پەسكەشلەر، قورقۇنچاقلار، نومۇسسىزلار، ڧاشىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچىلەر ۋە ساتقىنلارنىڭ ھاياتىدۇر. ئۇلار، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاياتنىڭ گۈزەل تەرىپىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغۇچى ۋە ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.

     

     

    ئۈچىنچى تەنقىد ھادىسىشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بېرىلگەن تەنقىدتۇر. بۇ تەنقىد، سارترنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى خىل تەنقىدنىڭ لوگىكىلىق نەتىجىدۇر. يەنى رېئاللىقتىن ئايرىلغان—ياكى ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقنى تەرغىب قىلىدىغان—ۋە ئادەمنى ساپ سۇبيېكت سۈپىتىدە قارايدىغان بۇ پەلسەپىۋى ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆزىگە يۈزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ بارلىقىغا تاشلىۋېتىلگەن يەككە-يېگانە مەۋجۇداتتۇر. شۇڭا، بۇنداق تەنھا ۋە ئۆزىگە بېكىنگەن سۇبيېكت بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاشلا تەنھا ۋە ئۆزىگە بېكىنگەن باشقا سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. يەنى مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ قارىشىدىكى ساپ سۇبيېكتلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

     

     

    ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر تەنقىدنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بار . سارتر ھادىسىشۇناسلىق پەلسەپىسى بىلەن 1930-يىللىرى تونۇشقان. ئۇ 1937-يىلى يازغان «مەنلىكنىڭ ھالقىمىلىقى» دېگەن ئەسىرىدە ھادىسىشۇناسلىقنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى بولغان سۇبيېكتئارالىق[4] ھەققىدىكى—يەنى ئۆز-ئارا بەھرلىنىش ئوبيېكتى بولغان دۇنيادا باشقا شەخسلەرنى ئوبيېكت سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى سۇبيېكت قاراش ھەققىدىكى—نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كېيىن، سارتر 1943-يىلى ئېلان قىلغان ۋە مەۋجۇدىيەتچىلىك ھادىسىشۇناسلىقى دەپ قارىلىدىغان «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىدە سۇبيېكتئارالىق ھەققىدە تېخىمۇ كەڭرى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. مەزكۇر ھادىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشىدىكى ئىككى مەشھۇر ھادىسىشۇناسنىڭ—ئېدمۇند خۇسسېرل بىلەن مارتىن ھايدېگېرنىڭ—بۇ ھەقتىكى نەزەرىيىلىرىگە نەزەرىنى ئاغدۇرىدۇ.

     

     

    خۇسسېرل ئۆزىنىڭ «كارتېزىئانچە[5] پىكىرلىنىش» دېگەن ئەسىرىدە سۇبيېكتئارالىقنى ئانالوگىيە (تەقلىدلەش) ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئۆزگە ئالدى بىلەن مېنىڭ سەزگۈمدە بىر تەننىڭ سەزگۈسى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ھەم ماڭا ئوخشاش بولغان بىر سۇبيېكتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خۇسسېرلنىڭ سۇبيېكتئارالىقى باشقا بىر تەن ھەققىدىكى سەزگۈ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئانالوگىيە يولى ئارقىلىق مەن بۇ ئۆزگىنى دۇنيا ھەققىدە خۇددى ماڭا ئوخشاش خاس ئاڭلىق سەزگۈگە ئىگە بارلىق دەپ قارايمەن. دىققەت قوزغارلىق نۇقتا شۇكى، خۇسسېرلنىڭ قارىشىدىكى سۇبيېكتئارالىق ماھىيەتتە «مەن»نىڭ سەزگۈسىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزگە تۈرلىنىپ چىقىدۇ—يەنى ئۆزگىنىڭ ھالقىما سۇبيېكتلىقى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، مېنىڭ ھالقىما ئۆزلۈكۈمنىڭ تەجرىبىسىگە باغلىق. مەندىن ئىبارەت ھالقىما ئۆزلۈكتىن تۈرلىنىپ چىقىدىغان يەنە بىر ھالقىما ئۆزلۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگە ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ئىگە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا—مېنىڭ سەزگۈمگە—باغلىقتۇر. نەتىجىدە، بۇ خىل سۇبيېكتئارالىق ئەڭ ئاخىرى ئىدېئالىستىك سولىپسىزم[6] (يەككىمەنچىلىك) بىلەن تۈگەللىنىدۇ-دە، رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. سارتر خۇسسېرلنىڭ سۇبيېكتئارالىق نەزەرىيىسىنى مانا مۇشۇ نۇقتىدىن تەنقىد قىلىدۇ ۋە دىققىتىنى ئۇنىڭدىن ھايدېگېرنىڭ سۇبيېكتئارالىق نەزەرىيىسىگە يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئالدىنقى نەزەرىيە ئېپستىمولوگىيە (بىلىش نەزەرىيىسى) نى ئاساس قىلسا، كېيىنكىسى ئونتولوگىيە (بارلىق نەزەرىيىسى) نى ئاساس قىلىدۇ. سارترنىڭ نەزەرىدە ھايدېگېرنىڭ قارىشىدىكى يېڭىلىق شۇكى، ئۇ سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بارلىق ھەققىدىكى مۇناسىۋەت كونتېكىستىدە چۈشىنىدۇ. ھايدېگېر ئۆزگىنى مەن ئۈچۈن بىر «ئوبيېكت» دەپ قارىماستىن، بەلكى مەن بىلەن «بىللە» دەپ چۈشىنىدۇ، چۈنكى ھەر بىر ئادەم « Mitsein » (بىللە-بولۇش ) تۇر.

     

     

    ۋەھالەنكى، سارتر ھايدېگېرنىڭ «بىللە-بولۇش» قارىشىنى سۇبيېكتئارالىقتىكى ماھىيەتلىك نۇقتا ھەم خۇسسېرلنىڭ سۇبيېكتئارالىقىغا بولغان تۈزىتىش دەپ قارىسىمۇ، ئۇنى يەنىلا كونكرېت ئادەملار ئوتتۇرىسدىكى ھەقىقىي مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ئابستراكت ئۇقۇم دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا سارترنىڭ چۈشىنىشىدىكى سۇبيېكتئارالىق زادى قانداق؟ سارتر سۇبيېكتئارالىقنى شەرھلەش ئۈچۈن «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىدە نومۇس، قورقۇنچ، پەخىرلىنىش ۋە خۇشاللىنىش قاتارلىق پىسخىك ئامىللارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ھادىسىشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىنىڭ «نەزەر» دېگەن قىسمى بىزنى بۇ ھەقتە كونكرېت پاكىت ئانالىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، مېنى بىر ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنىڭ يوچۇقىدىن ئىشىكنىڭ ئىچىدىكى ئويگە قاراۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى (ئۆزۈم كۆرۈۋاتقان نەرسىلەردە) پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. ئەگەر شۇ پەيتتە مەن بىرسىنىڭ مەن تەرەپكە كېلىۋاتقان تىۋىشىنى ئاڭلىسام—مەيلى بۇ تەجرىبىدىكى ھەقىقىيلىق ياكى مېنىڭ خام خىيالىم بولسۇن—مېنىڭ مەنلىكىم ئېڭىمدا شۇ ھامان ئايان بولىدۇ—كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆزگىنى بىر سۇبيېكت، ئۆزۈمنى بىر ئوبيېكت سۈپىتىدە بايقايمەن. يەنى، دەل شۇ مىنۇتتا مەن باشقا بىر يات سۇبيېكتنىڭ نەزەرى تەرىپىدىن ئوبيېكتلاشتۇرىلىمەن. مېنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئوبيېكتلاشتۇرۇلىشىم ئۆزگىنىڭ بىر سۇبيېكت سۈپىتىدە بېرىلگىنىدىلا—مېنىڭ دۇنيايىمدا ئايان بولغىنىدىلا—مۇمكىن بولىدۇ. سارترنىڭ قارىشىچە، سۇبيېكت ئۆزگىنىڭ نەزەرىدە تۇتۇلۇپ قالغاندا، ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھالقىمىلىقىم ئۆزگە تەرىپىدىن ھالقىمىلىنىدۇ، يەنى ئېڭىم ئۆزىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ «قېتىشىشىغا شاھىد بولۇشقا» مەجبۇرلىنىدۇ.

     

     

    يۇقىرىقى نۇقتىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن، سارترنىڭ ئاڭ ھەققىدىكى نەزەرىيىسى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىش زۆرۈردۇر. سارترنىڭ ئادەمنىڭ ئېڭى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشلىرى خۇسسېرلنىڭ ھادىسىشۇناسلىقىدىن كەلگەن. خۇسسېرلنىڭ قارىشىچە، ئاڭنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەقسەتدارلىقىدۇر. يەنى ئاڭ ھەرۋاقىت مەلۇم شەيئىنى مەقسەت قىلغان—تېخىمۇ توغرىسى، مەلۇم شەيئىگە قارىتىلغان ياكى ئۇنىڭغا توغرىلانغان بولىدۇ. تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرساق، ئاڭ مەلۇم شەيئىنىڭ ئېڭى ياكى مەلۇم شەيئى ھەققىدىكى ئاڭدۇر—مەلۇم شەيئىگە قارىتىلمىغان ئاڭ ئاڭ بولالمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاڭ ئۆزىنى قارىتىدىغان ئوبيېكت ئومۇمەن مۇنداق ئىككى بولىدۇ—ئاڭ ئۆزىنى قاراتقان ئوبيېكت ۋە ئاڭنىڭ ئۆزى. ئالدىنقى ئوبيېكتتىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاڭ تاشقى دۇنياغا زۆرۈر ھالدا قارىتىلغان ياكى ئۇنى ئاڭقارغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىيال، چۈش ئوبرازلىرى، ۋە بارلىق ئىچكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاڭنىڭ ئوبيېكتلىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەم ئىچكى ئوبيېكتلار ھەم تاشقى ئوبيېكتلارنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاڭ ئاداققى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوبيېكتلارغا—مەيلى ئىچكى ياكى تاشقى بولسۇن—زۆرۈر ھالدا قارىتىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاڭ ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىدۇر. ئاڭ تاشقى دۇنيادىكى بىر ئوبيېكتنى ئاڭقىرىۋاتقاندا، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاڭقىرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى بىلەن ئۇ ئوبيېكتنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىۋاتقان بولىدۇ. مانا بۇ خۇسسېرلنىڭ مەشھۇر نەزەرىيىسى بولمىش ئاڭنىڭ مەقسەتدارلىقىدۇر.

     

     

    مەن تۆشۈكتىن ئۆينىڭ ئىچىگە قاراۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئوبيېكت(لار) نى ئاڭقىرىۋاتقان، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈم كۆرىۋاتقان (ئاڭقىرىۋاتقان) ئوبيېكت(لار) ئەمەسلىكىمنىمۇ ئاڭقىرىۋاتقان بولىمەن. ئەمما كېيىنكى ئاڭقىرىش ئۇ قەدەر ئېنىق ۋە ئاشكارا بولمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ پۈتكۈل ئېڭىم ئۆي ئىچىدىكى ئوبيېكت(لار)غا بېرىلىپلا كەتكەن. ئاشۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمگە بېرىلگەن تەجرىبىدىن باشقا نەرسىنى—بولۇپمۇ مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم (يەنى كىمنىڭ ئۆينىڭ ئىچىگە قاراۋاتقانلىقى)، ھاياتىم ۋە باشقا مەنىۋى ھادىسىلىرىمنى—ئاڭقارمايمەن. شۇنىڭدەك، مەن ئۆزۈم ئاڭقىرىۋاتقان نەرسىدىن سىرت تۇرىدىغان ئۆزلۈك-ئېڭىمنىڭ مەزمۇنى بولمايدۇ. شۇڭا، قاچانىكى ئاڭ ئۆزى ئاڭقىرىۋاتقان ئوبيېكت(لار)دىن دىققىتىنى ئۆزىگە يۆتكىسە—ئۆزىگە قايتسا—(مەسىلەن، مەن ئۆي ئىچىگە تازا بېرىلىپ ماراۋاتقان ۋاقتىمدا، تۇيۇقسىز ئاياق تېۋىشىنى ئاڭلىسام، پۈتۈن ھەرىكىتىم جىددىي توختايدۇ-دە، ئۆزۈمگە بىۋاسىتە ھەم چاقماق تېزلىكىدە قايتىمەن) ئاڭ ئۆزلۈك-ئېڭىغا (ئاڭنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاڭقىرىشىغا) ئۆزگىرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا مەن نوقۇل ھالدا مەلۇم ھادىسىلەرنى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئاددىي ئاڭ ئەمەس، بەلكى كىملىكىنى ۋە كىمنىڭ بۇ تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىدىغان ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئاڭغا—ئۆزلۈك-ئېڭىغا—ئىگە بولىمەن. شۇڭلاشقا، ئۆزلۈك- ئېڭى سارتر تەرىپىدىن ئەكس ئەتتۈرۈشچان ئاڭ دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاڭ ئۆزىنى ئوبيېكت سۈپىتىدە تولۇق ئاڭقارغان—ئۆزىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ؛ شۇنداقلا، ئۇ ئاڭنىڭ ئۆزىدىن تاشقىرىھادىسىلەر ھەققىدىكى ئاڭقىرىشىنى ئەكس ئۈتتۈرۈشسىزچان ئاڭ دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتا ئاڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن سىرت ياكى ئۆزى بولمىغان ئوبيكېتلارنى ئاڭقىرىۋاتقان بولىدۇ. 

    ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىشىم ئۆزگىنىڭ مېنىڭ دۇنيايىمدا پەيدا بولۇشى بولۇپ، مېنىڭ دۇنيايىمنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. سارتر «بارلىق ۋە يوقلۇق» تا ئۆزگىنىڭ مېنىڭ دۇنيايىمدا پەيدا بولۇشى بىلەن مېنىڭ دۇنيايىمنىڭ مەركىزىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگە تەرىپىدىن قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇشىغا--«گۇرۇپپىلىشىشىغا»--قارىتا مۇنداق يازىدۇ: «شۇڭا تۇيۇقسىزلا دۇنيانى مېنىڭدىن ئوغرىلاپ كەتكەن ئوبيېكت كۆرۈندى...ئۆزگىنىڭ مېنىڭ دۇنيايىمدا پەيدا بولۇشى شۇڭلاشقا پۈتكۈل كائىناتنىڭ مۇقىملاشقان سىيرىلىشىغا ۋە دۇنيانىڭ پارچىلىنىشىغا باغلىنىدۇ، بۇ پارچىلىنىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەركەزلەشتۈرۈشكە يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.»[7]دېمەك، ئۆزگىنىڭ مېنىڭ دۇنيايىمدا زاھىر بولۇشى مېنىڭ ئىنكار قىلىنىشىمدۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى مېنىڭ دۇنيايىمنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىدۇ.

     

     

    [1]توماس فلىن، «مەۋجۇدىيەتچىلىك» (ئىنگلىزچە) (ستېرلىڭ نەشرىياتى، 2009 -يىل)، 19 -بەتتىن ئېلىندى.

    [2]گەرچە سارتر ھايدېگېرنى ئاتېئىزملىق مەۋجۇدىيەتچى دەپقارىسىمۇ، ئەمما ھايدېگېر ئۆزىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدە مەكتۇب» دېگەن ئەسىرىدە بۇنداق خاراكتېرلەشنى كەسكىن رەت قىلىدۇ.

    [3]كارل ماركس، دەسلەپكى ئەسەرلەر (ئىنگلىزچە) (ۋىنتىج، 1975 -يىل)، 423 -بەت.

    [4]ئۇشبۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Intersubjectivity ، ڧرانسۇزچىسى L'intersubjectivitéبولۇپ، پەلسەپىدىكى مەنىسى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ سۇبيېكت ياكى ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەتلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.

    [5]«كارتېىئانچە» دېگەن بۇ سۆز ئەسلى ڧرانسىۇز پەيلاسوپى رېنې دېكارتنىڭ نامى بىلەن باغلانغان ( Réné Des-cartes ) بولۇپ، دېكارتنىڭ پەلسەپىسىگە ئەگەشكۈچىلەرنى ۋە شۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىچە پەلسەپىۋى ئېقىم بولمىش كارتېزىئانىزمنى كۆرسىتىدۇ. كارتېزىئانىزم ماھىيەتتەغەرب مودېرنلىقىنىڭ (پەلسەپىۋى) باشلىنىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى جۈملىدىن ئوتتۇرا ئەسىر غەرب پەلسەپىسىگە قايتۇرۇلغان تەنقىدىي ئىنكاستۇر. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.