شىنجاڭلىقلار نىمىشقا ئوغىرى،تىرورچى ئاتالدى؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-15 02:31:25

شىنجاڭلىقلار نىمىشقا ئوغىرى،تىرورچى ئاتالدى؟ (ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ھىچقانداق دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە قارشى بولغان مەزمۇ يوق،تېمىنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن) ئالى مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە سىنىپتى...

    شىنجاڭلىقلار نىمىشقا ئوغىرى،تىرورچى ئاتالدى؟

         (ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ھىچقانداق دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە قارشى بولغان مەزمۇ يوق،تېمىنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن )

     

            ئالى مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە سىنىپتىكى تۆت ئۇيغۇر بىر مەزگىل بۇرۇن ئۇيغۇر كۆرۈپ باقمىغان ،ياكى كۆرسىمۇ ئوغىرىلا كۆرگەن قېرىنداش مىللەت ساۋاقداشلارنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇق.ئۇلارنىڭ بىزدىن ھەر خىل سۇئاللارنى سورايتى، شىنجاڭدا ئۇ بارمۇ،بۇ بارمۇ دىگەندەك؛بەزىدە ئەستايدىل جاۋاب بەرسەك بەزىدە چاخچاق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشىنىشىگە قويۇپ بىرەتتۇق.مەسىلەن:
    - شىنجاڭدا سۇ بارمۇ؟
    -سۇ يوق،بىز سۇنىڭ ئورنىغا قۇم ئىشلىتىىمىز.
    -گۈرۈچ بارمۇ؟
    -يوق،بىز كۈندە كاۋاپ يەيمىز.
    -مەكتەپ بارمۇ؟
    -يوق،بىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈنئى ھەمرادىن تارقاتقان دەرسىنى ئاڭلايمىز.
    -ماشىنا بارمۇ؟
    -يوق،بىزنىڭ ئۇچالايدىغان ئېشەكلىرىمىز بار تۇرسا ماشىنىنى نىمە قىلىمىز...
    -خەنزۇ بارمۇ؟
    -خەنزۇ؟ مەن خەنزۇنى بۇ يەرگە كىلىپ تۇنجى كۆرۈشۈم...
    بەزى ساۋاقداشلىرىم بولسا ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ كاۋاپلىرىنى،شىنجاڭنىڭ يېمىشىنى يەپ باققانلىقىنى،ناھايتى تەملىك ئىكەنلىكىنى مەغرۇرۇلۇق بىلەن سۆزلەيتى.ئۇ بارمۇ،بۇ بارمۇ دىگەن سۇئاللارنىڭ ئىچىدە سىياسىغا قىزىقىدىغان بىر نەچچە ساۋاقدىشىمنىڭ سىلەرنىڭ ئۆيدە قۇرال-ياراق بارمۇ دىگەن سۇئالى ھىلىمۇ ئىسىمدە؛يوق دەپ جاۋاپ بەرسەم ساۋاقدېشىم ئازراق ئىشەنمىگەندەك قىلدى،ئۇنىڭغىچە يەنە بىر دوستۇم «ئۇ يالغان دەيدۇ،ئۇنىڭ ئۆيىدە پالتا-پىچاقلار،ھەر خىل،بومبا، تاپانچىلار،M16 ،AK47ھەممىسى تولۇق،قۇملۇققا كۆمۈپ قويغان تانكا ،ئايرۇپىلاننىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ...» ياتاقتا بىر ھازا كۈلكە كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇ ساۋاقدىشىمغا شىنجاڭنىڭ ئۇنچىلىۋالا قورقۇنۇچلىق يەر ئەمەسلىكىنى ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈپ قويدۇق.

    شىنجاڭ-سىرلىق جاي

      شىنجاڭلىقلارنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچكىردىكىى خەنزۇلارنىڭ قارىشىدىكى ئوبرازى ئۆتمۈشتىكى «نەسىردىن ئەپەندىم» «دابەنچىڭنىڭ قىزى» «گۈل نېمىشقا قىزىل»دىن قالغان ئەقىللىق،چاخچاقچى،ئوچۇق-يورۇق مىللەتتىن ھازىرقى ‹ئوغرى،تىرورچى› غا ئايلاندى.(ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ‹ئوغرى›ئاتىلىپ قالغىنىنى ، بۇنىڭدىكى باش جىنايەتچىلەرنى ‹خېنەنلىك ئالدامچىلاردىن،شىنجاڭلىق ئوغرىلارغىچە›تېمىسىدا سۆزلەپ ئۆتكەن)ئەمدى سىرلىق شىنجاڭ ۋە تېرورچىلار ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
    ساۋاقداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مۇنداق بىر نۇقتىنى سەزدىم،ئۇلار شىنجاڭ دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىسا ئەڭ ئاۋال تەملىك كاۋاپ،لەغمەن،داپەنجى(ئۇيغۇرچىدا نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم)،تۇرپاننىڭ ئۈزۈمىنى ئاندىن تىلىۋزۇردا كۆرگەن ئافغانىستان،ئىراقتىكى قالايمىقان مەنزىرىلەرنى ئەسلىشىدىكەن. شىنجاڭلىق دىسە خەنزۇتىلىنى غەلىتىلەشتۈرۈپ سۆزلەيدىغان بىر توپ كىشىلەرنى،‹غەلىتە تىل›دا ياڭرۇچۇەن دەپ ۋاقىراۋاتقان كاۋاپچىلانى ، يانچۇق كولاۋاتقان كىچىك بالىلانى،يايلاقتا قوي بىقىۋاتقانلارنى،دوپپا،ئەتلەس كۆينەك كىيىپ گۈلخان چۆگىلەپ ئۇسۇل ئويناۋاتقانلارنى، چوڭ كوچىلارا قۇرال كۆتۈرۈپ يۈرگەن ساقچىلارنى،ئۇ يەر بۇ يەرگە مۆكۈۋىلىپ ساقچىلار بىلەن ئېتىشىۋاتقان تىرورچىلارنى ئەسلىشىدىكەن.ئاز بىر قىسىملىرى كىچىك چولپان ئارافانى،دارۋاز ئادىل ھوشۇرنى،ۋاسكىتبول تېرىنىرى ئادىلجاننى بىلىدىكەن.نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا بەكمۇ بارغۇسى بارلىقىنى،لىكىن بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىيتتى.
    بۇ يەردە ئۇلارنى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدىغىنى،شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بولغان مەنزىرىسى (يايلاق بىلەن قۇملۇقتۇ بەلكىم)،تەملىك تاماقلىرى بىلەن مىۋىلىرى،ئۆزگىچە مىللى پۇرىقى؛ئۇلارنى ئەنسىرتىپ قويغان يىرى بولسا شىنجاڭلىق‹ئوغرى-يانچۇقچى، تىرورچىلار ›لار. شۇڭا ئۇلارنىڭ كاللىسىدا شىنجاڭ شۇنچە بىر سىرلىق جايغا ئايلانغان،شىنجاڭلىقلار بولسا قورقۇنۇچلۇق كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغان.ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى نەدىن كەلگەن؟ھەممىمىزگە مەلۇم،بىز بىرەر شەيئىنى چۈشىنىشتە كۆز بىلەن كۆرىمىز،قۇلاق بىلەن ئاڭلايمىز.قۇلاق بىلەن ئاڭلىغانغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىسەكمۇ كۆز بىلەن كۆرگەنگە چوقۇم ئىشىنىمىز.ئېچكىردە خەنزۇلارنىڭ تۇمۇشتا كۆرەلەيدىغىنى كاۋاپچىلار بىلەن ئوغرىلار كۆپرەك ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى،شىنجاڭنىڭ دىگەن قالپاقنى كەيگۈزۈپ قويۇپ سېتىلىۋاتقان لەغمەن،داپەنجى،ئۈزۈم،قۇغۇن،قاشتېشىلار...كۆز بىلەن كۆرۈشنىڭ يەنە بىر كۆزنىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنى رادىئو-تېلىۋزۇر ،گىزىت-ژۇرنال، دىگەندەك.ئۇلارنىڭ تىلىۋزۇردىن تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆرۈپ قالىدىغىنى ناخشا-ئىيتىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇردىن باشقا ،شىنجاڭ تۇغۇرلۇق بىرىلگەن خەۋەرلەر ،بۇ خەۋەرلەردىن بەكراق ئىسىدە قالىدىغىنى ‹تىرورچى›لارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن ،ئوت قويغان،پارتلاتقانلىرى.گىزىت-ژۇرناللاردىمۇ شۇ.بۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇكى،شىنجاڭ ياخشى جاي،شىنجاڭلىقلار بولسا ئورتاق تىلدا سۆزلىيەلمەيدىغان، ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر،جېنىدىن تويغان ‹تىرورچى›لار ...شۇڭا شىنجاڭ ئاجــــــــــــــايىپ سىرلىق جاي. 
    شىنجاڭلىقلار نېمىشقا تىرورچى ئاتالدى؟

    11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئامرىكا ئافغانىستان قاتارلىق بىر قىسىم ئىسلامى دۆلەتلەرگە سەللىنىڭ ئورنىغا‹تىرورچى›دىگەن قالپاقنى ئالماشتۇرۇپ كەيدۈردى،شۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىسلامى دۆلەتلەر تىرورچىلارنىڭ ماكانى سانالدى،ھەم ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىدى،بۇنىڭغا ئەگىشىپ جۇڭگۇدا شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت خەلقىگە‹  تىرورچىلىرى› قالپاق ئاستا-ئاستا شىنجاڭغا كەيگۈزۈلدى،شىنجاڭدا چىققان ھەر بىر ۋەقەنىڭ كۆپىنچىسى ‹Sherqi turkistan تىرورچى›لىرى بىلەن مۇناسۋەتلىك چىقتى.شىنجاڭدا خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ‹تىرورچى› قانچىلىك؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم،بىز ئۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز،لىكىن كەڭ خەل ئاممىسىنىڭ جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسىنى ھىمايە قىلدىغىنىنى،شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.شۇ ناھايتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىددىيسىنى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تېڭىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.شۇنداق تۇرۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاددى بىر پۇخراسى بولغان شىنجاڭلىقنىڭ ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېچكىردە خەلق پۇلى تۆلەپ ياتاقتا يېتىشتەك ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋالسا بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ھەر قانداق شىنجاڭلىققا ياتاق بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىش ھەممە شىنجاڭلىق تىرورچى دىگەن ئىددىينى تەشۋىق قىلغانلىق بولماي نىمە ؟
    8-ئاينىڭ4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن تىرورچىلارنىڭ ھەربى قىسىمغا ماشىنىلىق بۆسۈپ كىرىپ  ئادەم ئۆلتۈرۈش ،پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغىنى ئىلان قىلىندى،لىكىن ئارقىدىن پەيدا بولغان ئۇ خەۋەرگە نىسبەتەن گۇمان خاراكتىرىدىكى رەسىملىك تېمىلارغا نېمىشقا مۇۋاپىق جاۋاب بىرىلمەيدۇ؟خەلقنى بۇ تۇغۇرلۇق خەۋەرگە ئىگە قىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
    10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەڭ بۇرۇن ‹بۆرتالا گىزىتى›گە بېسىلغان،ئاندىن كەچ سائەت 9يىرىمغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە 20نەچچە تور بەتكە يۆتكەلگەن ‹شىنجاڭ ھەربى-ساقچىلىرى ئوغىرلىقچە چىگىردىن قاچماقچى بولغان جىنايەت شايكىلىرىنى تۇتتى›دىگەن رەسىملىك خەۋەرنىڭ  يالغانلىقى ئاشكارلىنىپ قالغاندىن كىيىن نۇرغۇن خەنزۇ،ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان  زىيالىيلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نېمىشقا بۇنداق يالغان خەۋەر تارقىتىدىغانلىقىغا نارازى بولۇش بىلەن بىرگە كۆڭلىگە بۇرۇنقى شىنجاڭ تىرورچىلىرى توغۇرلىق بىرىلگەن خەۋەر  راستمۇ يالغانمۇ دىگەن گۇمان چۈشتى ، ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ھەربى-ساقچىلىرى ئوغىرلىقچە چىگىردىن قاچماقچى بولغان جىنايەت شايكىلىرىنى تۇتتى›خەۋىرىدىكى پاكىت بولغان رەسىمنى تارتقۇچى ما لىن ئەپەندى ۋە ‹بۆرتالا گىزىتى›ۋە باشقا بۇ خەۋەرنى تارقاتقۇچى تور بەتلە بۇ قىلمىشى تۈپەيلى قانداق  قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلدى،بۇ توغۇرسىدا تېخىچە خەۋەر يوق...
    مەركەزدىكى رەھبەرلىرىمىزمۇ بۇ خەۋەردىن بىزگە ئوخشاشلا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق  خەۋەر تېپىشى مۇمكىن، رەھبەردىن ئاۋام پۇخراغىچە بولغان ھەممە ئىشەنگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يالغان خەۋەر تارقىتىشى ئادەمنى تېخىمۇ گۇمانغا سالىدۇ.

    بىزگە كىم زىيانكەشلىك قىلدى؟
    بىز قانداق قىلغاندا قارىلانغان ئوبرازىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،تېخىمۇ ياخشى بولغن يېڭىچە ئوبراز تىكلىيەلەيمىز؟ بۇنى ئەڭ ئاۋال ‹ئوغرى›مەسىلىسىدىن، ‹تىرورچى› مەسىلىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر بىر خەنزۇغا بىز ئۇنداق ئەمەس مۇنداقتۇق دەپ چۈشەندۇرۈش مۇمكىن بولمايدۇ،بىزگە لازىمى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمى ئىدى.لىكىن ئاخبارات ۋاستىلىرىچۇ؟ بىزگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا بىزگە زىيانكەشلىك قىلدى!

    ئاخبارات ۋاستىلىرى يالغاندىن خەۋەر ياساپ ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارنى ماختاشتىكى مەقسىتى نىمە ؟ ئاشمىغان كىرىمنى ئاشتى دىگەندەك تۇتمىغان جىنايەتچىنى تۇتتى دەپ خەۋەر بىرىپ ھۆكۈمەتنى خەلقنى ئالداشتىكى مەقسەت نىمە ؟بىزگە تىرورچى قالپىقىنى كەيدۈرگەندىن باشقا بىز ئۈچۈن شىنجاڭ ‹ئوغرى›لىرى مەسىلىسىدىكى باش جىنايەتچىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىش ئورنىغا،‹ساقچىلىرىمىز شىنجاڭلىق ئوغرىدىن مانچىنى تۇتتى،خەلقنىڭ مال –مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى ›دىگەن خەۋەرنى بىرىشتىكى مەقسەت نىمە ؟
    ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇلارنىڭ چوڭ بايرىمى بولغان ‹چاغانلىق سەنئەت كىچىلىكى›دە بىر يولداشنىڭ شىنجاڭلىق مۇنداق سۆزلەيدۇ دەپ خەنزۇتىلىنى غەلىتە بىر خىل سۆزلىشى پۈتۈن مەملىكەتتە شىنجاڭلىقلار ئورتاق تىلدا سۆزلىيەلمەيدىكەن دەپ شۇ يولداشنىڭ سۆزلىشى شىنجاڭلىقلارنى مازاق قىلىدىغان ئەڭ ئاددى قۇرالغا ئايلاندى.لىكىن قايسى بىر ئاخبارات-ۋاستىسى شىنجاڭلىق ئۇنداق سۆزلىمەيدۇ،ئۇلار ئۆز تىلى بولغان ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز ...تىللىرىدا سۆزلەيدۇ ،خەنزۇتىلى ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلى دەپ ئاقلاپ باقتى؟
    بىزگە بۇلاردىن كىلىدىغان زىيان ئازمۇ؟ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئوبرازىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى قەلبىدە قارىلىنىشى سەۋەبلىك كىلىپ چىققان  شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىكتىن كىلىدىغان كىرىمىنىڭ ئازلاپ كىتىشى قاتارلىق ئىقتىسادى زىيان، شىنجاڭلىقلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى تۈپەيلى كىلىپ چىققان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە ئاقىۋەتلەرگە ،بۇنداق يۈزسىزلەچە قىلىنغان زىيانكەشلىكلەرگە كىم مەسئۇل؟
    مېنىڭچە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى يۇقىرقى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە مۇھتاج،ھەم مالىن،‹بۆرتالا گىزىتى›قاتارلىق ئاخباراتچىلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيتى بار.

        (مەنبە: زارلان بىلوگى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.