ئانا تىل نىمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-03 11:30:45

ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟ئەركىن سىدىق2010يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنىبۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن،مەن ئامېرىكىغا يازلىق تەتىل جەريانىدا قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى...

     

    ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟

    ئەركىن سىدىق

    2010يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنى


    بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن،مەن ئامېرىكىغا يازلىق تەتىل جەريانىدا قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى ئۇچۇراتتىم.تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە مەن ئۇ قىزدىن«ياخشىمۇسىز؟ئامېرىكىغا قاچان كەلدىڭىز؟»دەپ سورىسام،ئۇ قىز بۇ ئىككى سوئالىمغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرەلمەي،يۈزى ياللىدە قىزارغان ھالدا سوئالىمغا خەنزۇچە جاۋاب بەردى.شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئۇ قىزدىن باشقا سۇئاللارنى سوراشقا كۆڭلۈم زادىلا بارمىدى.ئادەتتە مەن ئۇنداق ئۇيغۇر ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچىراتقاندا،ئۇلاردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپ،ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتەتتىم.مەن باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلسام،بۇ قىز ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇلۇپ،تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن.ھازىر بولسا بېيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن.بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ،ئىنتايىن چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم.ھەمدە بۇ ئىشنى نەچچە كۈنگىچە كاللامدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم.ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك،ھازىر جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شانى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ.


    بۇنىڭدىن 3-4ئاي بۇرۇن،مەن ياپونىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ،يېڭىدىن ئامىرىكىغا كەلگەن 9ياشلاردىكى بىر كىچىك يىگىتنى ئۇچۇراتتىم.ئۇ مەن بىلەن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە پاراڭلاشتى،تىلى خېلە مۇرەككەپ چاقچاقلارنىمۇ قىلىشتۇق.مەن بۇ يىگىتتىن ناھايىتى تەسىرلەندىم،ھەمدە ئۇنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدىم.ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يۇقىرىدىكى قىزغا ئوخشىمايدۇ،ئۇلار ئۇيغۇرچىنى ھىچ بولمىغاندا ئادەتتە تۇرمۇشتا ئىشىلىتىدىغان ئۇيغۇرچنىڭ ئېغىز تىلىنى بىلىدۇ.چەتئەلدىمۇ يۇقىرىدىكى شاكىچىك يىگىتكە ئوخشىمايدىغان،ئۇيغۇرچىنى زادىلا بىلمەيدىغان ئۇيغۇر باللىرى ئانچە ئاز ئەمەس.دېمەكچىمەنكى،يۇقىرىدىكى ئىككى مىسالدا تەسۋىرلەنگىنى ھەرگىزمۇ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.لىكىن،بۇ ئىككى مىسال ئانا تىل ئىشىدا كىشىلىك تاللىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات تەربىيلىگەن پەرزەنتلىرى بىر-بىرى بىلەن نەقەدەر ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


    مەن يېقىندا بىرەيلەندىن جۇڭگو دائىرىلىرى يېقىندا كىيىنكى 20يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ بولۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.ھەمدە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر تىلدا بېرىلدىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئازايتىلۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەۋەرلەرنى يېقىندا كۆرگەن2010-يىلى10-سىنتەبېر «تەڭرىتاغ»تورىدا ئېلان قىلىنغان خۇئارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغىرىسىدىكى پىلاننىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ باقتىم.بۇ «مائارىپ پىلانى»دا مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىكەن:
    2012-يىلغىچە ئىككى يىللىق قوش تىللىق تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بۇلۇش،2015-يىلغىچە قوش تىللىق مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بۇلۇش،2020-يىلغىچە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىنى پۇختا ئىگىلەپ بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش .
    20يىلدىن كېيىن نېمە بۇلىدۇ؟بۈگۈن تۇغۇلغان بالىلار 20ياشقا كىرىدۇ،ھازىر 20ياشلىق ياشلار40ياشقا كىرىدۇ،ھازىر40ياشلىق كىشىلەر بولسا 60ياشقا كىرىپ،ئاساسەن پىنسىيىگە چىقىپ بۇلىدۇ.يېقىنقى 60يىلىنىڭ مابەينىدە جۇڭگودابار بولغان ئەسىلدىكى 56يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىمى ئۇچرىغان تەقدىردىن،بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلەتمەيدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.يەنى،بىر يەرلىك مىللەتنىڭ تىلىنى دۆلەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق 20-30يىل ۋاقىت ئىچىدە يوق قىلىۋېتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن.ئۇنداقتا يۇقىرىقى ئىككى« پىلان»لار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىمۇ ئاشۇنداق تەقدىرىگە ئۇچرىسا،ئۇيغۇرلار تارتىدىغان زىيان قانداق زىيانلاردىن ئىبارەت بۇلىدۇ؟ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز-ئۆزەمدىن مۇشۇنداق سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدىم.ئانا تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر خەلقىغە،جۈملىدىن كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەرگە ناھايىتى ئايان.كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خۇلاسىگە ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۇيغۇسى ۋە بىۋاسىتە كۆزىتىشى 、ئارقىلىق ئېرىشكەن بۇلۇپ،ئەسىلدە مىنىڭ بۇ يەردە مەزكۇر تېمىدا بىر نەرسە يېزىپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز ئىدى.لېكىن مەن يەنىلا بۇ ماقالىنى يېزىشنى قارار قىلدىم.مىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىم،ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار،زىيالىلار،ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىنىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقارغان ئىلمىي نۇقتىئىينەزەرنى خۇلاسىلەپ چىقىش.شۇ ئارقىلىق ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش جەھەتتىكى ئەڭ ناچار ئەھۋالدا،ئۇيغۇرلار زادى نېمىنى قولدىن بېرىپ قويدىغانلىقىنى بىر قېتىم مۆلچەرلەپ بېقىش.مەن بۇ ئىشلارنى ئىلمىي ئاساستا توغرا ۋە مۇكەممەل چۈشىنىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا،كىشلىك تاللاشتا ئۇيغۇرلار تارتىدىغان زىيانلارنى ئازايتىش يولىنى تاللايدىغانلار شۇنچە كۆپىيىدۇ دەپ ئويلايمەن.


    1. پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرى توغرىسىدا


    مەن مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاشتا،ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى پارچە ماتېرىياللاردىن پايدىلاندىم.بىرسى كاڭاس خانىم بىلەن ئەنگلىيە ئابېردىن ئابەردەئەن ئونۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى،دۇنيادا تۇنۇلغان قانۇن ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى مۇتەخەسسىسى،دوكتۇر روبېرت دۇنبار بىرلىكتە يېزىپ،بۇ يىل 2010-يىلى بېسىپ تارقاتقان يەرلىك مىللەت باللىرى مائارىپىنى تىل جەھەتتكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت،دەپ قاراشقا بۇلامدۇ؟بىرى «دۇنياۋى نۇقتىئىينەزەر »دىگەن كىتاپ.يەنە بىرى بولسا،دوكتۇر جىم كۇممىنىز جىم كۇممىنىسنىڭ «قوش تىللىق بالىلارنىڭ ئانا تىلى ئۇ نېمە ئۈچۈن مائارىپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟»دېگەن ماقالىسى.بۇ يەردىكى 10ماتىرىيال توغىرسىدا مەن ئۆزەمنىڭ خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپىغا بەرگەن «تەۋىسيەنامىسى»دېگەن ماقالىسىدا بىر ئاز چۈشەنچە بىرىپ بولغان.ئىككىنچى ماتېرىيالنىڭ ئاپتورى جىم كۇممىنىز ھازىر كانادا تورونتو ئونۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بۇلۇپ،ئۇ 70-يىللاردىن باشلاپ تىلدا ساۋاتلىق بۇلۇشنىڭ ماھىيىتى،ۋە كۆپ خىلدىكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2تىلنى ئۆگىنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ،كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە تىل،ھوقوق ۋە پېداگوگىكا قاتارلىق بىر قانچە پارچە كىتابلارنى يازغان.ئۇنىڭ 1986-يىلى يازغان ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئارىغا كىرىش تۈزۈلمىسى دېگەن ماقالىسى «ھاۋاردا مائارىپ تەتقىقاتى»دېگەن ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ،ئاشۇ ژۇرنال تەرىپىدىن 1931-يىلىدىن2000-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا مائارىپقا ئەڭ كۆزگە كۆرنەرلىك تۆھپە قوشقان 12پارچە ئىلىمى ماقالىنىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغان.گەرچە بۇ ئىككى پارچە ماتېرىيال پەقەت 3 ئاپتور تەرىپىدىن تەييارلانغان بولسىمۇ،ئۇ يۈزلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان.مەسلەن:كاڭاس خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ ئاخىرىدىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنىڭ ئۆزىلا ئاشۇ چوڭ ۋاراقلىق كىتابنىڭ 18بېتىنى ئىگىلىگەن.


    2. ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟


    مەن يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىككى پارچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،بىر يەرلىك مىللەت ئانا تىلى تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىنتايىن مۇھىم.


    (1) ئانا تىل مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى

    مىنىڭ دۆلەت،مىللەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلار توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئېنگىلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىشىمچە،مىللەتپەرۋەرلىك مىللىي ئىدېئولوگىيە بىلەن مىللىي كىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مىللىي كىملىك بولسا سىموۋولىزىم يەنى بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئارزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ئالامەتلەر،تىل ۋە مىللىي ھېسسىياتتىن ئنبارەت 3نەرسىدىن تەركىب تاپقان بۇلۇپ،تىل مانا ئاشۇ 3نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاڭ مۇھىم بىرىدۇر.مەن مىللىي كىملىك ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىن يازىدىغان بىر ماقالەمدە مەخسۇس توختىلىشىم مۇمكىن.
    (2) ئانا تىل مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى


    ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىندەك،ھەرقانداق بىر تىلنىڭ 1-رولى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش قورالى بۇلۇشتىن ئىبارەت.لىكىن،بىر يەرلىك مىللەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتايىن مۇھىم روللىرىمۇ بار.ئۇ روللارنىڭ بىرسى،ئاشۇ مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكنىڭ بەلگىسى بۇلۇشتىن ئىبارەت.بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا ئاشۇ مىللەتنىڭ تارىخي بىلىملىرى كودلاشتۇرۇلغان ياكى قاچىلانغان بولىدۇ.بۇ بىلىملەر مەزكۇر مىللەتنىڭ كىم ئىكەنلىكى،ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى.ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ھېكايىلىرى،ئۇلارنىڭ مەقسىتى،ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئېغزاكى ۋە يېزىق ئاساسىدىكى سەنئەت،ھۈنەر،ماھارەت ۋە باشقا بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئانا تىلنىڭ بۇ رولى مىللىي كىملىكنىڭ«سىموۋولىزىم»دېگەن تەركىبى قىسىمىغىمۇ ئازراق توغرا كىلىپ قالىدۇ.


    يالغۇز يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلىلا ئەمەس،ئۇنىڭ يېزىقىمۇ مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى.جۇڭگودىكى خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئۆزىنىڭ يېقىندا جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دائىلىرىگە يوللىغان بىر تەكلىپنامىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:«تېخىمۇ ئەخمەقلىق شۇ بولدىكى،1982-يىلى9-ئاينىڭ13-كۈنى ئاپتونوم رايون قانۇن چىقىرىش شەكلى بىلەن ئۇيغۇرچە،قازاقچە كونا يېزىقىنى قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى جاكارلىدى.كونا يېزىق بىلەن خەنزۇچە پىنيىن بىر قاتارغا قۇيۇلۇپ،شىنجاڭ ئاپتونۇم رايوننىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە باشلانغان يېزىق ئىسلاھاتى –شىنجاڭلىقلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى نابۇت قىلىندى!ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش 1961-يىلى باشلانغان.بىر مەزگىل سىناپ يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن،مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئۇيغۇرچە كونا يېزىقىنى بىكار قىلىش،ئاپتونۇم رايون ئىچىدە خەنزۇچە پىنيىن بويىچە ئىشلەنگەن يېڭى يېزىقىنى قوللىنىش،باشلانغۇچ مەكتەپتىن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان دەرىسلىكلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى يېزىق بىلەن چىقىرىش مەجبۇرىي بەلگىلەندى.مۇشۇنداق مەجبۇرىي يولغا قۇيۇلغان يېزىق ئىسلاھاتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولمايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى.ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلار ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى تونۇمايدىغان،كونا يېزىقتىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدىغان،كونا يېزىق بىلدىغان چوڭلار يېڭى يېزىقنى بىلمەيدىغان بۇلۇپ،مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈزۈك ھالەت كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ،خەنزۇلىشىش بارغانسېرى ئومۇملاشتى.ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىني ئەنئەنىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستە،شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.ئەگەر ئاشۇ سىياسەت داۋاملاشتۇرۇلغان بولسا،بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش كۆپ ئاسان بولغان بولاتتى.شۇ چاغدىكى خەنزۇ بېكىنمىچىلىك ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتاتتى.خەلقئارادىكى بېسىم نەزەرگە ئېلىنمىسىمۇ بولاتتى.


    (3) ئانا تىل بىر ئايرىم دۆلەت بۇلۇشتىكى شەرتلەرنىڭ بىرى
    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كاڭاس خانىمنىڭ كىتابىدا دىيىلىشىچە،بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئايرىم دۆلەت قۇرۇشتىكى شەرتلەرنىڭ بىرى،ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىغا ئايرىم ئانا تىلى بولمايدىكەن،ئۇلار بىر«خەلق»ئەمەس،پەكەت بىر گۇرۇپپا ياكى بىر ئاھالە دەپ قارىلىپ،ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقى ئىنكار قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.


    (4) بالىلارنى ئانا تىلىدا ساۋاتلىق قىلىپ يىتىلدۈرۈش،ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەكتەپ ئوقۇشىدىكى نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.
    ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسىۋاتقان بىر يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن،بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن،بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەرخىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق.ئەگەر باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ،ئۇنىڭدىن تۇلۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىل ئۆگىنىدىكەن،بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ.بۇ ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق»دەپ ئاتىلىدۇ.مەكتەپتىكى دەرىسلەرنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەقىياتىغا ھەرگىز يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.قوش تىللىق بولۇش بولسا بالىلارنىڭ تىل ۋە ئوقۇش جەھەتتىكى تەرەقىياتىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل جەھەتتىكى تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.
    (5)مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىشى بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر


    ئەگەر مەكتەپ ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالدا بالىلارغا«ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە»دىگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭۇ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسىمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ.ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلېۋىتىلىش ھىسىياتى پەيدا بولسا،ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىسىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ.ئەگەر بالىلار ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھىس قىلمايدىكەن،ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.


    مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلگەن كاڭاس خانىم قاتارلىق4مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇتەخەسسىس ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلگەن:«مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پەقەت ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنىلا ئىشلتىشتىن كىلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەت ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئۆزئانا تىلىنى ئىشىلىتىشى ئوچۇق ياكى يۇشۇرۇن ھالدا چەكلەنگەن بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە يول قويماسلىق،ياكى ئۇلارنى ئانا تىلىنى پىششىق بىلىدىغان چوڭلاردىن ئايرىۋىتىش قاتارلىق ئۇلارنىڭ .ئانا تىلىنى ئىشلىتىشىگە توسالغۇلۇق قىلىش،يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆزتىلىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە مەكتەپتە ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق ئايرىۋېتىش ھەممە ياكى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار يەرلىك مىللەت تىلىنى بىلمەيدىغان ھۆكۈمران مىللەت كىشىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەھۋالدىمۇ يۈز بېرىدۇ.بۇخىل ئەھۋالنىڭ بىر روشەن مىسالى بالىلارنى ئۆيدىن ئايرىپ،ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇشتۇر.بۇنداق سىياسەتلەر ھازىرغا قەدەر بالىلارغا يالغۇز ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانىي زەخمىلەرنى كەلتۈرۈپلا قالماي.يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي زىيانلارنىمۇ سالدى.بۇ زەخمىلەر مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق،پىسخولوگىيە جەھەتتىكى زەخمە،چۈشىنىش،ئەستە قالدۇرۇش،ھۆكۈم قىلىش،خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارىدىكى زەخمە،تىل ۋە ئوقۇتۇشتىكى زەخمىلەر.مۇشۇنداق زىيان-زەخمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.


    (6)ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش دۇنيانىڭ تىل ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر شەرتى
    ھازىر دۇنيادا ئېغىزدا سۆزلىنىدىغان تىللاردىن تەخمىنەن7000خىل تىل بار بۇلۇپ،نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە،ئۇلارنىڭ50پىرسەنتى ھازىرقى بىر ئەۋلادنىڭ ۋاقىت مۇددىتى ئىچىدە يوقۇلۇپ كىتىپ،ئۇلارنىڭ 90پىرسەنتى كىيىنكى 100يىل ئىچىدە يوقىتىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.شۇڭلاشقا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ھەربىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈردۇر.

     


     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.