مەن غورۇرلۇقمۇ ؟

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-01 23:03:02

مەن غورۇرلۇقمۇ ؟




شۇنداق ،ھەممىمىز ئۆزىمىزنى غورۇرلۇق دەپ ئويلايمىز.توغرا،غورۇر دېگەن بۇ سۆز نېمە دېگەن ۋەزنى ئېغىر
سۆز ھە! ئەگەر بىرسى بىزنى غورۇرۇڭ يوقكەن دېسە مۇش كۆتۈرۈشتىن تىل ئاھان...

     مەن غورۇرلۇقمۇ ؟

     

     

    




شۇنداق ،ھەممىمىز ئۆزىمىزنى غورۇرلۇق دەپ ئويلايمىز.

    توغرا،غورۇر دېگەن بۇ سۆز نېمە دېگەن ۋەزنى ئېغىر
 سۆز ھە!  ئەگەر بىرسى بىزنى غورۇرۇڭ يوقكەن دېسە مۇش كۆتۈرۈشتىن تىل ئاھانەت قىلىشتىن يانمايمىز. بىر كىشىنى غورۇرلۇق ياكى غۇرۇرسىز دەپ ھۆكۈم قىلىشتا ھەر ئادەمنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ.لېكىن ئەرلىرىمىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ غۇرۇرى زادى قەيەردە؟


    

ئەرلەرنىڭ غورۇرى ئاياللارغا مۇش كۆتۈرۈشتىمۇ؟ياق،ئەرلەرنىڭ غورۇرى يىنىدىكى مەھبۇسىنى يامان كۆزلەردىن يامان تىللاردىن قوغداشتا كۆز قارچۇغىدەك ئاسراشتا. ئاجىزغا مۇش كۆتۈرگەن ئۇ ئەر ئەمەس.


    

ئاياللارنىڭ غورۇرى ئەرلەرنى جەلىپ قىلىشتىمۇ؟ياق ،ئاياللارنىڭ غورۇرى ئىشتان بېغىغا ئىگە بولۇشتا.ئاياللارنىڭ غورۇرى دەل ئۇلارنىڭ ئىپپىتى .ئىپپەتسىز ئايال غورۇرلۇق ئايال ئەمەس.


    

ئەرلەرنىڭ غورۇرى ھاراق ئىچىش تاماكا چېكىشتىمۇ؟ ھاراق ئىچمىگەن تاماكا چەكمىگەن ئوغۇل بالا ئەمەسمىش ،ياق ھاراق ئىچكەن زابويلارنىڭ ئۆزلىرى ئالدى بىلەن مەن مۇسۇلمان ئەمەسمۇ دەپ سوراپ بېقىپ ئاندىن ئۆزگىنى سەن ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ دەپ سورىسۇن!ھاراق تاماكا بىلەن ئۈلپەت بولغاننىڭ غورۇرى بار ئەمەس ئىمان ئىيتقاننىڭ ئاللاھ يولىدا ماڭغاننىڭ غورۇرى بار.


    

ئاياللارنىڭ غورۇرى ئەرلەرنى يولدىن ئازدۇرۇشمۇ؟سىز ئۆزىڭىزنىڭ چىرايلىق جەلىپكار بولغىنىنى ئۆزىڭىزنىڭ كوزىرى دەپ ئويلاپسىز،ماڭا قاراڭ ،بۇ دۇنيادا سىزدىن چىرايلىق سىزدىن جەلىپكار قىزلار نۇرغۇن.ئۇ ئەر سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىزغا مەپتۇن بولغان بولسا سىزدىن چىرايلىق كىشىگىمۇ مەپتۇن بولىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ چىرايى ئۆزىڭىزنىڭ كاللىسىنىمۇ بىخۇت قىلمىغان بولسا ۋاقتىدا ھوشىڭىزنى تېپىڭ!ئاياللارنىڭ غورۇرى ئاللاھ ئۆزىگە ئاتا قىلغان شۇ  ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىنىلا سۆيۈش.


    

ئەرلەرنىڭ غورۇرى قانچە قىزنى نابۇت قىلغىنىدىمۇ ؟بۇ پەقەت سېنىڭ ئايال بىلەن پەرقلىق ھايۋان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتى دېمەك ھايۋاندىمۇ ئەركەك دەپ ئايرىلىدۇ،ئۇلار شۇنىڭ بىلەن باراۋەر خالاس.ئۇلاردا غورۇر بولمايدۇ.ھايۋاندەك ھاۋايى ھەۋەس بار خالاس .ئەرلەرنىڭ غورۇرى شەيتان يولىدىن ئۆزىنى تارتىش ،ئۆز ھەۋىسىنى تىزگىنلەش.


    

ئاياللارنىڭ غورۇرى ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىلتىپاتىدىنمۇ ؟ياق ،ئاياللارنىڭ غورۇرى ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ساقلاشتا.ئەرلەرنىڭ ئالدىدا مەيدىڭىزنى تىك تۇتۇپ ياشاڭ...ئۆزىڭىزنىڭ ۋىجدانىڭىزغا يۈز كېلەلىسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە سىزگە بىراۋنىڭ قانداق گەپ سۆزدە بولۇشى مۇھىم ئەمەس.


    

  ئەرلىرىمىز كۈن بويى ئىشىمىز يوق ئاياللار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرمەيلى،قىزلىرىمىز كۈندە ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىزنى ياساش بىلەن ئۆتكۈزمەيلى.بۇ سوئالنى ئۆزىڭىزگە يەنە بىر قېتىم تاشلاڭ مەن غورۇرلۇقمۇ ؟يەنە ئالدىراپ جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتامسىز؟ياق ،بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئۇنچە ئاددي ئەمەس ،يەنىمۇ ئويلىنىپ جاۋاپ بېرىڭ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەن غورۇرلۇقمۇ