بىز قايەرگە كىتىپ بارىمىز؟(قۇربان داۋۇت شاھىدى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:44:11

بىز قايەرگە كىتىپ بارىمىز؟قۇربان داۋۇت شاھىدى زامان – زامانلاردىن بېرى تەرىپى تىللاردا داستان بۇ قوۋمنىڭ بوي – بەستىدىكى قاۋۇل، بېجىرىملىك؛ ۋۇجۇد ئالىمىدىكى قورقۇمسىزلىق ۋە شىجائەت؛ خاراك...

    بىز قايەرگە كىتىپ بارىمىز؟
    قۇربان داۋۇت شاھىدى



      زامان – زامانلاردىن بېرى تەرىپى تىللاردا داستان بۇ قوۋمنىڭ بوي – بەستىدىكى قاۋۇل، بېجىرىملىك؛ ۋۇجۇد ئالىمىدىكى قورقۇمسىزلىق ۋە شىجائەت؛ خاراكتېر ۋە تۇيغۇسىدىكى ئىپپەت، غۇرۇر؛ ئاڭ – ئېتىقادىدىكى نۇر ۋە ئەقىل نەسەبى پاكىز بۇ قوۋمنى مىسلىسىز ئامەت – ئىپتىخارلارغا، نۇسرەت -سەلتەنەتلەرگە نائىل قىلغانىدى.
    نىھايەت، بۇ سۈپەت -سائادەتلەرنى قانچىلىغان ئەسىر -ئېرالارنىڭ قانات -قۇيرۇقلىرى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاسىيانى مەركەز قىلغان بۈيۈك يىپەك يولى بويلىرىدىكى شانلىق مەدەنىيەت ئابىدىلىرى، تىلسىمات مۆجىزىلەر، ئەپسانە – رىۋايەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆڭمەس جۇلاسى، يوقالماس زىلزىلىسى بىلەن ئۆتمۈشنىڭ بەرھەقلىقى ۋە ئەبەدىيلىكىگە شاھىدلىق بېرىپ تۇرۇپتۇ.
    تەڭرىنىڭ ھىممەت ۋە ھېكمىتى تولۇق تۆكۈلگەن ئايەتتەك ئۇلۇغ بۇ زەكىي ماكان ئىپتىدائىي ئالەمدىن زامانىۋى جەمئىيەتكە قەدەر بولغان ھاياتلىق مۇساپىسىدە يەتتە ئىقلىمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، قانچىلىغان ئەللامە-ئۇلۇغلارنىڭ، سەركەردە-غەيۇرلارنىڭ، پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوۋلىغان مەنىۋى پاناھگاھ بولۇپ قالغان. ھەقىقەتەنمۇ بۇ تۇپراق تاغ-تېرىملىرىدىكى توپ-توپ مال-پادىلىرى، بىنەم، تۈزلەڭلىرىدىكى بولۇق زىرائەتلىرى، تۈرلۈك-تۈمەن خىل گۈل-گىياھ، مېۋە-چېۋىلىرى، يەرنى ئازراقلا قازسا چىقىدىغان مەدەن-بايلىقلىرى بىلەن باغرىدىكى جىمى جان-جانىۋارلارنىڭ كۆز ئالدىغا رىۋايەتلەردىكى توققۇزى تەل جەننەتۇل رىزىۋاننىڭ سىماسىنى تولۇق يايغان.
    ئەلۋەتتە ھەرقانداق مەۋجۇداتنىڭ بارلىققا كېلىش ياكى باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ. جۈملىدىن ئۇنىڭ مەلۇم بىر قەلبتە ھۈجەيرە، ئۇرۇق ھالىتىدىكى پىنھان جەريانى بولىدۇ. قەلب __ مۇھەببەتنىڭ ۋەتىنى، ھاياتلىق كۆكلەيدىغان بۆشۈك، سىر __ ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان ئالەم. قەلب لەۋگە ئوخشايدۇ، قەلب يۈرەككە ئوخشايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ئالەممۇ بىر قەلب، مۇشتۇمدەك تاشتىمۇ قەلب بار.
    شۇنداق، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرۇۋاتقان، ھەر ئوچۇم تاش-توپىسىدا ئېرالار كەپتىرى پەر قاقىدىغان، دەريالىرىدا زەر-ئالتۇن ئاقىدىغان، كۆللىرىدە كۆمۈش يالتىرايدىغان، بۇ خاسىيەتلىك ماكانمۇ ئەنە شۇنداق بىغۇبار ئىزگۈ قەلبلەرنىڭ تەۋەللۈتىگە تەۋە، ئەلۋەتتە. شۇنداق، سۆيۈلۈشتىن ئاپىرىدە بولغان يۇرت بۇ! يۇرتنى يۇرت قىلماق ئىنسان بالىسىنى ئۆرە قىلماقتىن نەچچە ھەسسە تەس، بەسىي مۈشكۈل. بىر يۇرتنى بىنا ئەيلەشكە كەتكەن ئەجىر-مېھنەت، بەدەللەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىنسان قۇربى ئاجىزلىق قىلىدۇ.
    قارىمامسىز، تۈنۈگۈن بىز تېخى بالا ئىدۇق، ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن، مانا بۈگۈن ھەش-پەش دېگۈچە ئەر ئوتتۇرىسى بولۇپ، بىر ئۆينى باشقا كىيىپ ئولتۇردۇق. تېخى تۈنۈگۈنلا قارا بوراندەك ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئوغلاق، چېلىشىش مەيدانلىرىدا يۈرگەن دىۋە سۈپەت ئەزىمەتلەر مانا بۈگۈن قېرىپ ھالىدىن كەتتى. يەنە كۆز ئالدىمىزدىلا تاغدەك خامانلارنى ئېلىپ، يوغان-يوغان بۆز تاغارلارنى دەست كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن كۈچتۈڭگۈر دېھقان بۈگۈن پۇتلىرى تىترەپ، بالىلىرىنىڭ قولىدىكى بىر تاۋاق ئاشقا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. بىر چاغلاردا ئاپئاق قوۋۇرغىلىرى بىلەن تۈرمە-زىندان تاملىرىنى قەغەزنى تەشكەندەك تېشىپ چىققان سادىرنىڭ مەردانە غەزەللىرى بىلەن، مۇشت-پەشۋالىرىدا جاھان سورىغان سېيىت گاڭگۇڭنىڭ گېگانت بەستى مانا مۇشۇ يۇرتنىڭ ئەينەكتەك ئۆتمۈشى بولۇپ قالدى. راست، قانچىلىغان زامانلار ئۆتۈپ كەتتى. جان-ئىستەك قامۇسلىرىنىڭ بەتلىرى توختاۋسىز ئۆرۈلدى، مەۋج ئۇرۇپ ئاققان تالاي دەريا-دېڭىزلارنىڭ باغرىدىن تىك چوققا، قىيا تاشلار كۆكلەپ چىقتى، بۇ جەرياندا بىز ئەزىزلىگەن مەزكۇر قوۋمنىڭ كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىمۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە بولدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈنۈپ چىققان بۇ تۇپراقنى قەلب قانلىرى بىلەن سۇغىرىپ، يۇرت-ماكانلىرىغا بارلىقىنى تولۇق تەقدىم قىلدى. ساددا ھەم پەزىلەتلىك بۇ قوۋم ئەزالىرىنىڭ روھىيىتى بىلەن ئۇلار ئۆسكەن ئانا تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە شۇنچىلىك مەھكەم بولدىكى ياشاش، ياشناش ئىشلىرى بەكمۇ ئازادە داۋام ئەتتى. يۇرت – ئاۋامنىڭ ئىقبال، پاراغىتى، قوۋم ئەزالىرىنىڭ ئىنساپ-دىيانىتى، ئەخلاق-ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تەقدىر-قىسمەتلەرنىڭ ماڭلاي، پېشانىسىدىكى «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دېگەن خەتلەرنى كۈندەك يورۇتتى. ئۇيۇشقاقلىق، ئۆملۈكنىڭ جەررە-سادالىرى، تاشتەك قاتتىق ئىرادە، ئېتىقادلار تۆمۈردەك ئالقان، بىلەكلەرنى، چولپاندەك يورۇق، يارقىن پىكىر-تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئەۋلاد ئاتلىق دىل پارىلەرگە قىلىچتەك ئۆتكۈر، ۋال-ۋۇل قىلىپ تۇرىدىغان نۇرانە ھەقىقەتلەرنى تۇتقۇزدى. ئىنساننىڭ كەلمىش-كەتمىشلىرىگە، ياشاش مەنتىقىسىگە ئەنداز خىسلەتلەرنى تىكلەپ بەردى. شۇ چاغدا قەلبلەر گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلدى، لەۋلەر شۇنچىلىك تاتلىق قىمىرلىدىكى، جىمىكى چېھىرلەر يېقىملىق ھەم تونۇش تۇيۇلۇپ، تاغۇ-تاش، گۈل-گىياھلار يايراپ كەتتى، ئەتراپ سۈتتەك پاك ھەم ئاپئاق ھالەتكە كىرىپ جان ۋە جاھان ئالامەت راھەتلەندى. زېمىن ئانىدىن ئىبارەت ھاياتلىق كېمىسى ئەقىدە، ئېتىقاد دېڭىزىدا ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك سەپىرىنى ئەنە شۇنداق داۋام ئەتمەكتە ئىدى.
    ۋەھالەنكى، سۆيگۈ-ئېتىقاد دەۋرنىڭ كېيىنكى مۇساپىسى ئۇنچىۋالا كۆڭۈللۈك بولماي قالدى. ئەزەلدىن خۇشپۇراق بالقىپ تۇرىدىغان ئېتىقاد ئېتىزلىرى شورلىشىپ، گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالدى. يۇرت-ماكانلىرىمىزنىڭ بەلگە-ئىزنالىرى بولغان غەيۇر ئەجدادلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن قويۇپ بەرگەن يوغان-يوغان قەدىمىي دەرەخلىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن قومۇرۇپ تاشلىدۇق. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياتقان مازايى شەرىپىلەرنى بۇزۇپ، تۈزلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باغچا، رېستورانلارنى بەرپا قىلىپ كۆڭۈل ئاچتۇق. يول-ئۆتەڭلىرىمىزنىڭ، سەھرايى ئەزىملىرىمىزنىڭ ئات-ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئەھيا ئىگىلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەردۇق، كلاسسىك قىممەتكە ئىگە يەر-جاي، باغۋارانلار ئەسلىدە ئەنئەنە، ئېتىقادنىڭ مۇكەممەل دەرسخانىسى بولالايتتى. ئەپسۇسكى، بىرەر تال كونا كەش، كاتتىر، قىڭراقلارنى تېپىۋالساق ئالدى بىلەن قانداق قىلغاندا مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ، دېگەننى ئويلاشتۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئورنى، مۇزېي دېگەنلەر پۇل تېپىشنىڭ بازىسى بولۇپ قالدى. ئوقۇغۇچىلار، دېھقانلار ياكى ئىقتىسادىي مەنبەسى تۆۋەن كىشىلەر ئەجدادلىرىنىڭ بەلگە-سۈپەتلىرى بىلەن ئۇچرىشالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى، ھازىر يېزىلاردا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى توشقان تۇتۇپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپىدىكەن. ئۇلار توشقاننى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدەك چەتمەك، قاپقان قۇرۇپ ساقلاپ، سەۋرە قىلىپ تۇتماستىن، ئەكسىچە قولىغا يوغان كالتەكنى ئالىدىكەن-دە، چىن-قوشام تۈۋىلىرىدە ئاپتاپسىنىپ ئۇخلاپ قالغان توشقاننى ئىزدەپ تېپىپ، تۇيدۇرماستىن كېلىپ كاللىسىغا بىرنى سالىدىكەن-دە، شۇ يەردىلا ئۇنى بىر كالتەك بىلەن ئۆلتۈرۈپ تۇتىدىكەن. ئاندىن ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. بۇ خىل قەبىھ ھەرىكەتكە ئاشۇ بالىلار ئەجەب جۈرئەت قىپتۇ-ھە؟
    بىر چاغلاردا بىز كېلىۋاتقان بىرەر قېرى كىشىنى كۆرسەك (مەيلى ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئەيمىنىپ ماڭالماي قالاتتۇق، يۈزلىرىمىز قىزىرىپ كېتەتتى، ئەگەر سالام-سەھەت قىلىشىپ قالساق ئۇزۇنغىچە ھاياجان ئىچىدە يۈرەتتۇق. ھازىر بولسا ئاپتوبۇس، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكىسىنى بىمالال چېكىپ، ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلارنىڭ يۈزىگە ئىسىنى پۈۋلەپ ئولتۇرىدىغان، بىچارە، ئاجىز بوۋاي-مومايلارنىڭ يانچۇقلىرىنى كېسىپ تاشلاپ ئازغىنە پۇللىرىنىمۇ ئېلىۋېلىپ بىخارامان يۈرەلەيدىغان بالىلار پەيدا بولدى. بالىلار ئانا سۈتى ئەممەي كالا سۈتى ئېمىپ چوڭ بولغاچقا، بەئەينى توك چۈجىسىنىڭ ئۆزىلا بولدى. ئۇلاردىن جىمىكى يامان ئىللەتلەر تېپىلىدۇ. ھازىرقى ئانىلاردىن سۈت چىقمايمىش. بالا ئېمىتسە، ئىسكەتى بۇزۇلۇپ كېتەرمىش. بۇ نېمىدېگەن ھازازۇللۇق-ھە؟ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قاتتىقچىلىق كۈنلەردىمۇ ئانىلاردىن سۈت چىقاتتى ھەم بالىلىرىنى 30 ئايلىق بولغۇچە تولۇق ئېمىتەتتى. ئاياللىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى تۇغۇشتا ئەمەس، بەلكى بالىلاردا مېھىر-مۇھەببەت، ۋاپادارلىقنى تولۇقى بىلەن يېتىلدۈرۈشتە. شۇڭا بىر سۆيۈملۈك كىشى: «بەك مېھرىبان ياپۇن ئانىلار، ۋەتەنپەرۋەر شۇڭا بالىلار» دەپ سۆزلىگەنىدى.
    يېقىندا ئونسۇ ناھىيىسىدە ساپساقلا بىر ئاتا ئۆز پۇشتىدىن تامغان ئوغلىنى ئازراقلا پۇلنى دەپ زەھەرلىك دورىنى ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنى ھەممەيلەن تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، ئاللا-توۋا دەپ ئولتۇرساق، بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ يەنە بىر پاجىئە بولۇپ ئۆتتى. بىر ئاتا ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى ئىچىپتۇ. ئاندىن شۇ يەردىكى مەسچىدكە بالىلىرىنىڭ جەسىدىنى خۇددى بىرەر جانۋارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ تاشلاپتۇ. بۇ ياۋۇزلار گەرچە قانۇن تورىغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما تىرىكلەرنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەت ئىزى قالدى. ئەخلاق، قانۇن-تۈزۈم كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مۇكەممەل جەمئىيەتتە، نېمىشقا ئۆز پەرزەنتلىرىنى قەتلى قىلىدىغان، ئۆز قىزى بىلەن زىنا قىلىدىغان، خوتۇن-قىزلىرىنى پاھىشە بولۇشقا قىستايدىغان، خوتۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇپ «كۆڭۈل ئاچىدىغان»، سەھنىلەردە قىپيالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناپ شەرمەندىچىلىك قىلىدىغان ئىشلار ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرىدۇ؟! تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 50 ياشتىن ئاشقان بىر ئوقۇتقۇچىسى ئۆز سىنىپىدىكى ئون نەچچە نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپپەت قېنىنى دەرسخانىنىڭ ئىچىدىلا ئىچكەن، قايتا-قايتا ئىنكاس قىلىنسىمۇ سۈرۈشتىسى بولماي، ئاخىرى بۇ يالماۋۇزنىڭ جىنايىتى چېكىدىن ھەسسىلەپ ئاشقاندا جازالانغان. مەن بۇنىڭدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن زامانلارغىچە دۇنيا ئەللىرى ئارىسىدا كەمسىتىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم. مېھمانساراي، ساتىراشخانا دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان تالاي ئورۇنلارنىڭ ئوپئوچۇقلا پاھىشخانا ئىكەنلىكىنى ئەقلى بارلا ئادەم ئاساسەن بىلىپ كەتتى. ئاز بىر قىسىم قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار جىنايەتچى، گۇناھكارلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، جىنايى قىلمىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. شۇ تۈپەيلى ھەققانىيەتچى ساقچىلىرىمىز تەمتىرەپ قېلىۋاتىدۇ. گەرچە دېلولار پاش قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ كۆپىنچىسى ئىزى بار ئىگىسى يوق، مېلى بار ئوغرى يوق، يىپ ئۇچى بار ئاقىۋىتى يوق بولغاچقا، جىنايەتچىلەرنىڭ خورىكى يوغىناپ، پىچىقى ئىتتىكلەپ كەتتى. »ئاقچى« بىلەن ئاز ساندىكى ساقچى دوست بولۇۋالغان بولغاچقا، »ئاق ئالۋاستى«نىڭ قولى زامانىۋى شەھەرلەردىن ھالقىپ، غېرىبانە سەھرالارنىڭ يالاڭتۆش گەۋدىسىگە قەدەر سوزۇلدى. شۇڭا مەھەللە-كويلاردا خۇن خورلۇقنىڭ ئالدىدا ئوغرىلىق ئېتىبارغا ئېلىنماي، ئوغرىلار بەگزادىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. كىشىلەر ھازىر مال-كالىسى، موتسىكلىتى ئوغرىلانسا، «ھە بولدى، چىقمايدۇ» دەپلا ئۈمىدىنى ئۈزىدىغان بولدى. بىر چاغلاردا توخۇلىرىمىز بىرەر يۇلغۇن تۈۋىدە 15-20 نى تۇغۇپ، بىرەر ئايدىن كېيىن چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ سەيناغا پەيدا بولۇپ قالاتتى. ھازىرچۇ، توخۇ-كەپتەرلەرنىمۇ خۇددى ئالتۇننى باققاندەك باقمىساق، بىر كېچىدىلا ھەممىسى يوقايدۇ. ساقچىخانىلارغا كىرىپ پالانى نېمەم يوقاپ كەتتى دېسىڭىز بولۇشىغا ئاھانەت ئىشىتىپ چىقىسىز.
    يېقىندا دەم ئېلىشقا چىققان بىر ساقچى يولداش ئاچقان قاۋاقخانىدا تۆت-بەشىمىز ئولتۇراتتۇق. بىر چاغدا كىچىك-كىچىكلا ئۈچ-تۆت بالا كىرىپ كەلدى. بىز ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرساق، دۇكاندار ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئەكىلىپ بەردى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن ھېلىقى بالىلارغا: ئۇكىلىرىم ، شۇنچە كىچىك تۇرۇپ مۇشۇ نىجىسنى سىلەرمۇ ئىچەمسىلەر؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق قىلماڭلار، يېشىڭلارمۇ بەكلا كىچىككەنغۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانىدى، ھېلىقى بالىلار بىر-بىرىگە قارىشىپ ئاستا قوپۇپ چىقىپ كەتتى. بىز ھەر ھالدا بۇلاردىن ھايا تولۇق كۆتۈرۈلۈپ كەتمەپتۇ، دەپ تۇراتتۇق، ھېلىقى مەيپۇرۇش: «چىقىشە، ئەپەندى پېتىرلار! ئىچكەن نېمىسىنىڭ تايىنى يوق، ئادەمنىڭ سودىسىنى ئۆلتۈرۈپ، مەكتەپ بالىلىرىمۇ (ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى) كۈندە كەچتە كىرىپ ئىچىپ تۇرىدۇ بۇ دۇكاندا» دەپ بىزنىمۇ ھەيدەپ چىقاردى. بىز 30 يىل ياخشى خىزمەت ئىشلىگەن بىر كادىرنىڭ بۇھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئاچچىق يۇتتۇق. دەرۋەقە، ئاشۇنداق دۇكان ئېچىۋالغانلاردىن يەنە دوختۇرلارمۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەتتا خېلى چوڭ ئەمەلدارلارمۇ بارمىش. بەزى قاقباش «تۆرە»لەر ئاشۇنداق دۇكانلارنى ئېچىپ، «ئۈچتە ھەمراھ» خېنىملاردىن 2-3 نى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، دۇكاننىڭ تىجارىتىنى ئۆزى يىراقتىن كونترول قىلارمىش. بەزىلەرنىڭ نەچچە يۈز مولاپ پاختىزارلىقى، يەنە بەزىلەرنىڭ باس-باس خۇمدانلىرى بارمىش. ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقىتى نامدا باشقىلارنىڭ بولۇپ، پايدىنىڭ يوغان بېشىنى ئۆزلىرى ئالارمىش. پەقەت ئۇلار بەزىبىر قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بېرەرمىش.
    بەزى دوختۇرلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك نامەردلىشىپ كەتتىكى، ئۇلار بېتيۇن ھەيكىلى ئالدىدا قىزارماستىن نومۇسسىزلىق قىلىدۇ. بىمارلاردىن پارا ئالىدىغان، بىمارلارنى يالاپ-تېشىدىغان ئىشلار ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا يولداش بېتيۇن كانادا دېگەن دۆلەتتىن ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان جۇڭگوغا ئۆزلۈكىدىن كېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يارىدارلارنى داۋالىغان. ھەتتا تاماق يېيىشكە، ئۇخلاشقىمۇ كۆزى قىيماي، ئوپېراتسىيە پىچىقىنى تۇتقان پېتى مىللەت، ئېرق ئايرىماي، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە يارىدارلارنى قۇتقۇزغان. بۈگۈنچۇ، دوختۇرخانىلاردا خاتا دىئاگنوز قويۇش، خاتا داۋالاش، ساق كىرىپ مېيىپ بولۇپ چىقىش، جان بىلەن كىرىپ مۇردىغا ئايلىنىپ چىقىدىغان ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. داۋالاش ھەققىنىڭ قىممەتلىكى باشنى قايدۇرسا، ناچار تېخنىكا، ناچار پوزىتسىيە، ناچار مۇناسىۋەتلەر يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدۇ. ھازىر بىرەرسى خېيىمخەتەرگە ئۇچرىسا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىدىغان ئاق كۆڭۈللەرمۇ قالماپتۇ. سەۋەبى دوختۇرلارنىڭ تۇنجى گېپى پۇلنى قايسىڭلار تاپشۇرىسىلەر؟ دېگەندىن ئىبارەت بولغاچقا، شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە زىيانلانغۇچىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقمىسا ئۇ شەكسىزلا ئۆلىدۇ، دېگەن گەپ. بەزى بىمارلارنىڭ دوختۇرخانا كارىدورىدا بالنېتسىغا ئېلىنالماي داق يەردە ياتقان پېتىلا قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئەھۋاللارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ ماۋۇ مۇنداق كىشىتى، پۇلىنى تۆلىيەلەيدۇ، داۋالاپ تۇرۇڭلار، دېگەن گەپلىرى ھېچنېمىگە دال بولماي قالىدۇ، دوختۇرلار ھامان ئىگىسى كەلسۇن، پۇل كەلسۇن، دېگەن گېپىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەتتا بالنېتسىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ تومۇرىغا مېڭىۋاتقان بىر قۇتا ئۆكۇلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغان ۋاقىتتا تاپشۇرغان پۇلى تۈگىگەن بولسا شۇ ئوكۇل مېڭىپ كەتسۇن دېمەي، كىرىپلا يۇلۇپ ئەپچىقىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بار تېخى. ھەسرىتا، ھەممىلا ئادەم تۇتام-تۇتاملاپ پۇل كۆتۈرۈپ يۈرۈپلا بەختسىزلىككە ئۇچرارمۇ؟ (ئەلۋەتتە بەختسىزلىككە ئۇچرىمىسۇن) پۇل جاندىنمۇ ئۇلۇغمۇ؟ پۇل نېمىشقا شۇنچىۋالا قۇدرەتلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى؟ ! مېنىڭچە جۇڭگو زېمىنىدىكى ھەربىر پۇقرا، بولۇپمۇ ھەربىر «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» بېتيۇن روھىنى قايتا ياد ئېتىش كېرەك. دوختۇرخانىلارنىڭ ياتاق، ئىشخانىلىرىدىكى تاملارغا يوپۇشتۇرۇپ قويۇلغان دوختۇر، سېسترالارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت قائىدە-نىزاملارنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، بېتيۇن ئىزنىكىنى مەيدىسىگە تاقىشى كېرەك. جۇڭگودىكى ھەربىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئىنسانىيەتنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، قىزىل كرىستنى يۇلتۇزدەك چاقناتقان، ئىنسانپەرۋەر قەھرىمان بېتيۇننىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش كېرەك. ئۇنىڭ ھەيكىلى «پەرىشتىلەر»نىڭ روھىي دۇنياسىدا ئەقىدە، ئېتىقادنىڭ مېلودىيىسىنى ياڭرىتالايدۇ.
    راست، بەزىلەر ، جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ ھەم بۇزۇلۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ – ئىدىيىسىدىكى مەنىۋى قەھەتچىلىك جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا نۇقسان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. خەلقىمىز تەخىرسىزلىك بىلەن يۈكسىلىشنى، مەدەنىيلىشىشنى ئارمان قىلىۋاتىدۇ. ئەيدىزنىڭ پاجىئەسىنى، سارسنىڭ دەھشىتىنى، زەھەرنىڭ بالايىئاپىتىنى، شاراپكەشلىكنىڭ خانىۋەيرانچىلىقىنى يەكۈنلەۋاتىدۇ. يەر تەۋرەش، ئوت ئاپىتىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خەلقىمىز بىلىش دائىرىسىگە كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنى تونۇشقا باشلىدى. ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىردىنبىر ئىپادىسى تەپەككۇر قىلىش، سۆيۈش ئىستىكىنىڭ ئويغىنىشىدا كۆرۈلدى. بۇ خىل ئىستەكنىڭ ئويغىنىشى بىلەن ئاۋام قېنىدا غۇرۇر غەليانلىرى كۆتۈرۈلدى. ئېسەنكىرەپ كەلگەن بۇ بىر توپ قوۋم ھازىر روھ بىلەن تەن، ھايات بىلەن مامات، ۋۇجۇد بىلەن ئالەم ئارىلىقىدىكى پاسىلدا ئۆزىگە قايتا قاراۋاتىدۇ. ئىشىنىشكە بولىدۇكى، 14-15 يېشىدىلا ئاياللىق ئۇنۋانىنى ئالغان قىز-چوكانلىرىمىز نۇزۇكۇم ئىزىدىن تىرىۋالغان باغلام-باغلام قۇمۇشلارنى قۇچاقلاپ، زار-زار يىغلىغىنىچە ھەقىقەتكە قايتىدۇ. قىزلىق سۇپىسىدا لالىدەك ئېچىلغان لېۋەنلىرىمىز، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى پەرىزات، مەلىكىلەردەك يىگىتلەرنىڭ مېلى بىلەن ئەمەس، ئەقلى بىلەن تويلىشىدىغان بولىدۇ. شاھ مەشرەپ تىلاۋەت قىلغان كوچىلاردا ئۆسكەن بەرنا يىگىتلىرىمىز «ئوغۇزخان» ماركىلىق ھاراق بىلەن «ئىپارخان» ماركىلىق تاماكىدىن رىشتىنى ئۈزۈپ، ئۆزىنىڭ شىرلىقىنى تېپىۋالىدۇ. غەربنىڭ «سېرىق» سەنئىتىدىن زەھەرلەنگەن ئۆسمۈرلىرىمىز ئاماننىساخاننىڭ ھەيكىلى ئالدىغا بېرىپ، ئىشرەت ئەنگىزنى ئاڭلايدۇ. ئوقۇتقۇچى، ساقچى پىداكارلار مەھمۇد قەشقەرى بىلەن خاس ھاجىپنىڭ شۆھرەتلىك ئەسەرلىرىنى بىردىن ساقلايدۇ. «ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر» ئىبىنسىنا، لوقمانى ھېكىملەرنىڭ دەستۇر، رىسالىلىرىنى قايتا ۋاراقلاپ، جان يىلتىزىغا ھەقىقىي ئاش بولىدۇ. يەنە شۇ چاغ بولغاندا، زىبالىق بوستانىغا تەتۈر قارىغان قاتىل، پەيلى بۇزۇقلار، ئۆز قوۋم-قېرىنداشلىرىغا جاپا سالغانلار كاناي-كېكىرتەكلىرى چاك-چاك يېرىلىپ، تېنى توپا ئالغان تاغاردەك ئېغىرلاپ، ئۆز نىجاسىتىگە دۈم چۈشىدۇ. ئوغرى-تامتەشتىلەر چۈشىدە قىيامەتنى كۆرۈپ، ئىككى قولى جەينىكىدىن يوق ھالەتتە ئۆزىنى ئۇچرىتىدۇ. يېگەن-ئىچكىنى چىرايىغا چىقمايدۇ، ئۆمۈر بويى يۈرىكى پوك-پوك ياشاپ، جەھەننەم سەپىرىدىن بۇرۇن، زامان ھەغدالىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ.
    رىۋايەت قىلىنىشىچە، نېرىقى زاماندا ئورمان ئىچىدە بىر ئاتا-بالا ياشايدىكەن. ئاتا قېرىپ قالغان بولغاچقا، ئىش-ئوقەتكە دېگەندەك ھەمدەم بولالمايدىكەن. بىر كۈنى بالىنىڭ قورسىقىغا شۇنداق بىر جىن كىرىپتۇ-دە، يۈرۈڭ ئاتا، مەن سىزنى ئوينىتىپ كېلەي دەپ، ئاتىسىنى يۈدۈپ مېڭىپتۇ. مېڭىپتۇ-مېڭىپتۇ بىر يارداڭلىققا كەپتۇ، ئاتا دىققەت قىلغۇدەك بولسا ئوغلى ئاۋۇ دۆڭگە چىقىپ پەسكە قارىغۇدەك، ماۋۇ دۆڭگە چىقىپ پەسكە قارىغۇدەك. ئاخىرىدا خېلى ئېگىز بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ پەستىكى چوڭقۇرلۇققا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئاتىنىڭ يۈرىكى بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولۇپ، ئوغلىنىڭ دۈمبىسىدە تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:
    __ ئوغلۇم، مەنمۇ ئاتامنى دەل مۇشۇ دۆڭدىن پەسكە تاشلىۋەتكەن. بولسا مېنى سەل نېرىغىراق ئاپىرىپ تاشلىۋەتسىڭىز.
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئوغۇلنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ بىر لەھزە پەيدا بوپتۇ. ئاتىسىنىڭ ئېسىلىپ تۇرغان قول-بىلەكلىرىنى سىيلاپ، سۆيۈپ كېتىپتۇ. كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلار سەلدەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ ھەم شۇنداق بىر كۆيۈكچىلىك ئوغۇلنىڭ قەلبىگە بېسىپ كىرىپتۇ-دە ، ئوغۇل شۇ چاغدا دەپتۇ:
    __ بولدى ئاتا، مەن سىزنى تاشلىۋەتمەيمەن، بەلكى قارا كۆزۈم يومۇلغىچە سىزنى ئوبدان باقىمەن.
    چۈنكى، يىگىت شۇ چاغدا بىر ھەقىقەتنى تۇيغانىكەن.
    ئېھ، قوۋمداشلار! بىزدە تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسە زادى نېمە؟ قۇتقۇزۇشقا، ساقلاپ قېلىشقا، قەدىرلەشكە، چاقنىتىشقا تېگىشلىك نەرسىچۇ؟
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.