بىر كەمبەغەل ھەققىدە ھېكايە

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-14 18:23:14

بىر كەمبەغەل ھەققىدە ھېكايەبىر كەمبەغەل كىشى ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار:ئۇ كەمبەغەل كىشىنىڭ ئايالى بىر كۈنى ئۆيىگە بىر تۇخۇم ئېلىپ كەلگەنىكەن، كەمبەغەل كىشى:-ئەگەر بۇ تۇخۇمدىن چۈجە چىقارس...



    بىر كەمبەغەل ھەققىدە ھېكايە

    بىر كەمبەغەل كىشى ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار:ئۇ كەمبەغەل كىشىنىڭ ئايالى بىر كۈنى ئۆيىگە بىر تۇخۇم ئېلىپ كەلگەنىكەن، كەمبەغەل كىشى:

    -ئەگەر بۇ تۇخۇمدىن چۈجە چىقارساق، ئۇ توخۇ تۇخۇم تۇغسا، توخۇمدىن يەنە چۈجە چىقسا، ئاندىن ئۇ توخۇلارغا قويدىن بىرنى تىگەشسەك، قوي قوزىلىسا، ئۇلارغا يەنە كالىدىن بىرنى تېگەشسەك، كالا موزايلىسا، ئۇلارنى سېتىپ يەر ئېلىپ ئۆي سالساق، ئاندىن كېيىن كىچىك خوتۇندىن بىر ئېلىۋالسا...-دەپتۇ.

    بۇ چاغدا، ئېرىنىڭ گېپىنى خېلىدىن بېرى زەن قۇيۇپ تىڭشاۋاتقان ھېلىقى ئايالنىڭ ئەرۋايى مىڭ گەز ئۇچۇپتۇ-دە، تۇخۇمنى كۆتۈرگەن پېتى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كەمبەغەل كىشىنىڭ شېرىن خىيالى بىردىن كۆپۈككە ئايلىنىپتۇ.

    بۇ كەمبەغەللەر ھەققىدىكى كلاسسىك مەسەلدۇر.

    ھېلىقى كەمبەغەل كىشى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئويىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئاشۇ ئەتىۋارلىق دەسمايىدىن قۇرۇق قالغانلىقىغا ئېھتىمال ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلسا كېرەك. ھالبۇكى، ھەقىقەتەن ئۆزىنى بېسىۋالالمىغان.

    ئەينى يىللاردا مارتىن لوتكىننىڭ«مىنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار» دېگەن نۇتقى قانچىلىغان ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالغان-ھە! كەمبەغەللەرمۇ ئادەم-دە، بايلاردا بار ئارزۇ، كەمبەغەللەردىمۇ بولىدۇ. ئاچ كۆزلۈك، شەھۋەتپەرەسلىك تۈپەيلى، تۇخۇم تېخى توخۇغا ئايلانماي تۇرۇپلا، ھەتتا ئۇ تېخى ئايالىنىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇقلۇق، شۇقەدەر گۈزەل ئارزۇنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ-قانداق؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    كەمبەغەللەرنىڭ ئىستىقبالى يوق، دىگىلى بولمايدۇ، ھالبۇكى، قەد كۆتۈرۈش جەريانىنىڭ مۈشكۈل ۋە ئەگرى-توقاي بولىدىغانلىقى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇلۇشى لازىم.

    نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۇل تېپىش يولىنى بىلىۋالغاندا، ئىقتىسادىي جۇغلانمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى تۇرغان گەپ. مەسىلەن، بىل گايتىسقا ئوخشاش ئىقتىساد ساھەسىدىكى نۇرغۇن بايلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي دەسمايىسىمۇ بىر توخۇمدىن ئانچە پەرقلىنىپ  كەتمەيتتى. لېكىن، دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمىغانغا ئوخشاش، تۇخۇمنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىل گايتىستىن بولسا پەقەت بىرسىلا بار، كىم بىلىدۇ، يەنە بىرسى بولۇپ قالامسىز تېخى!

    پۇل قانچە ئاز بولسا، خېيىمخەتەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ، قولىڭىزدا تۇخۇمدىن پەقەت بىرسىلا بولغاندا، ھەسسىلەپ ئېھتىيات قىلمىسىڭىز، ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ. بۇ دەل كەمبەغەللەرنىڭ ئاجىز يىرى.

    كەمبەغەللەرنىڭ باش كۆتۈرۈش نۇقتىسى بەك تۆۋەن، سىز تېز سۈرئەتلىك ماشىنىغا چىقىۋالغان تەقدىردىمۇ، سالماق بولمىسىڭىز بولمايدۇ. كاپتالنىڭ ئېشىشى قار توپىنى دۇملاتقانغا ئوخشايدۇ. قار توپ كىچىك چاغدا، سىز ئۇنى ھەرقانچە دومىلاتسىڭىزمۇ، ئاستا دومىلاۋاتقان چوڭ قار توپقا قارىغاندا، يەنىلا ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋادا ئۆزگىرىش پەيدا بۇلۇپ قالىدىغان بولسا، سىزنىڭ قار توپىڭىز ھەممىدىن ئاۋۋال ئېرىپ كېتىدۇ.

    كەمبەغەللەر ئىشنى دائىم كىچىك تىجارەت قىلىشتىن باشلايدۇ. كىچىك تىجارەتنى چوڭ تىجارەتكە ئايلاندۇرۇش خۇددى تۇخۇمنى بىر قوتان كالىغا ئايلاندۇرغانغاندەك، نۇرغۇن ئامىللار ۋە نۇرغۇن ھالقىلارغا باغلىق، ئەگەر سىز بۇ جەريانلارنى بىر-بىرلەپ بېسىپ ئۆتمىسىڭىز، كۆز بىلەن كۆرگۈدەك بايلىققا ئېرىشەلمەيسىز. سىزگە بىر پاتمان بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەزىم قىلالىشىڭىز ناتايىن.

    پۇل قانچە ئاز بولسا، خېيىمخەتەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ، قولىڭىزدا تۇخۇمدىن پەقەت بىرسىلا بولغاندا، ھەسسىلەپ ئېھتىيات قىلمىسىڭىز، ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ، بۇ دەل كەمبەغەللەرنىڭ ئاجىز يېرى.

     (گۈلجەننەت)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.