خۇدا ئادەملەرگە ئىككى قېتىم تاللاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 10:33:55

خۇدا ئادەملەرگە ئىككى قېتىم تاللاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ(مۇنارجان تەرجىمىسى)ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن،ھايات يولىڭىزدىكى نىشانىڭىزنى بالدۇرراق بىكىتىۋېلىشى...



    خۇدا ئادەملەرگە ئىككى قېتىم تاللاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

    ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن،ھايات يولىڭىزدىكى نىشانىڭىزنى بالدۇرراق بىكىتىۋېلىشىڭىز زۆرۈر.

    خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان شۇنداق ئادەملەر بار، ئۇلار ئالدىردش يولغا چىقىپ كالغان يولوچىغا ئوخشايدۇ. تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، ئەتىگەندىلا خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ توغرا يولدىن خېلىلا چەتنەپ كەتكەنلىكىنى گۇگۇم چۈشكەندە ئاندىن سېزىدۇ، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن ئىلگىرى توغرا يولغا قايتىۋېلىشقا ئاساسەن ئۈمىد قالمايدۇ.

    بىر نەچچە ئوقوغۇچى سوقراتتىن ۋاقىتنىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا سوئال سوراپ قالدى. سوقرات ئۇلارنى بىر مېۋىلىك باغقا باشلاپ باردى.

    -ھەربىرىڭلار بىر قاتار مىۋىلىك دەرەخنى بويلاپ بۇ باشتىن ئۇ باشقا چىقىڭلار،-دېدى سوكرات ئوقۇغۇچىلارغا،-ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلار ئەڭ چوڭ، ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان مېۋىدىن بىرنى ئۈزۈڭلار، كەينىڭلارغا قايتىشىڭلارغا، ئىككىنچى قېتىم تاللىشىڭلارغا بولمايدۇ.

    ئوقوغۇچىلار باغنى ئارىلاپ ماڭدى. ئۇلار مېۋىلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ ماڭدى. ئۇلار باغنىڭ بېشىغا چىققاندا، سوقرات ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغانىكەن.

    -ئۆزۈڭلار رازى بولغۇدەك مېۋە تاللىيالىدىڭلارمۇ؟-سورىدى سوكرات.

    -ئۇستاز، ماڭا يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى بەرگەن بولسىڭىز،-دېدى بىر ئوقوغۇچى ئۆتۈنۈپ،-مەن باشتا ناھايىتى چوڭ ھەم ناھايىتى ياخشى بىر مېۋىنى كۆرگەنىدىم، لېكىن مەن تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشىسى ئۇچراپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ئالدىغا مېڭىۋېرىپتىمەن، بۇ باشقا چىققاندا ئويلاپ باقسام ، بىرىنچى قېتىم ئۇچراتقان مېۋە ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ياخشى ئىكەن.

    باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى بېرىشنى ئۆتۈندى.

    -بالىلىرىم،-دېدى سوقرات بېشىنى چايقاپ،-ئىككىنچى قېتىم تاللاش پۇرسىتى بولمايدۇ، مانا بۇ ھايات ھەقىقەتلىرىدىن بىرى.

    سىز ئۈچۈن باشقىدىن كېلىش ئىمكانىيىتى يوق،ھەممە نەرسىنى ئەسلىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش يولى، باشقا يول يوق.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئولۇغ سولومون پادىشاھ بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە بىر ئەۋلىيا ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىپتۇ، بۇ گەپ ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئاساسلىقى، خۇشال بولغاندا ئۆزۈڭنى بىلمەي قالما، ئازابلانغاندا ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويما، تىرىشچانلىق، ئىجتىھاتچانلىقنى باشتىن-ئاخىر ساقلا، دىگەن مەنىدە ئىكەن. لېكىن پادىشاھ ئويغانغاندىن كېيىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ گەپنى ئېسگە ئالالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئەڭ ئەقىللىق ھېسابلايدىغان ۋەزىرلىرىدىن بىر نەچچىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا چۈشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە ئۇلاردىن چۈشىدە ئاڭلىغان سۆزنى ئويلاپ تېپىشنى تەلەپ قىپتۇ، ئاندىن چوڭ بىر ئالماس ئۈزۈكنى چىقىرىپ:

    -ئەگەر ئۇ گەپنى ئويلاپ تاپالىساڭلار، ئۇنى مۇشۇ ئۈزۈكنىڭ يۈزىگە نەقىشلەپ قۇيۇڭلار، مەن بۇ ئۈزۈكنى ھەركۈنى قولۇمغا تاقاپ يۈرىمەن،-دەپتۇ.

    بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر نەچچە ۋەزىر ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭغا ئادىيلا بىر جۈملە گەپ نەقىشلەنگەنىكەن:«ھەتتا مۇشۇمۇ قولدىن چىقىپ كىتىدۇ.»

    شېكىسپىرمۇ مۇنداق دېگەن:« ۋاقىتنىڭ ئۈنسىز قەدىمى بىزنىڭ ئورۇنلاپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بولۇش سەۋەبلىك بىر دەقىقە توختاپ قالمايدۇ.»

    ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.